logo

trugen jacn

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشقا قاتناشقانلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

image

 ئەركىن 

2014-u0731-pmj.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشقا قاتناشقانلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

30 – ئىيۇل، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا بىردەك ماقۇللانغان281 – نومۇرلۇق قارار لايىھىسىدە، خىتايدا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز، سىستېمىلىق ۋە دۆلەتنىڭ مەجبۇرلىشىدا ئېلىۋېلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىزچىل ھەم ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان نۇرغۇن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق دىنىي، ئېتنىك گۇرۇھلارغا مەنسۇپ مەھبۇسلارنىڭ بۇ خىل ئاقىۋەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قارار لايىھىسىدە، تىببي ئەخلاق، تېبابەتچىلىك پرىنسىپىنى مىزان قىلغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مېدىتسىنادىكى زور ئۇتۇق بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇ ساھەدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، ھەر يىلى 10 مىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغان خىتايدا، ھازىرغا قەدەر تەشكىللىك ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئىچكى ئورگان ئىئانە قىلىش، كۆچۈرۈش سىستېمىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قارار لايىھىسىنى دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېللىئوت ئەنگېلنىڭ قوللىشىدا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېللىنا رۇس – لېھتېنان خانىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئېللىئوت ئەنگېل چارشەنبە كۈنى قارار لايىھىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا سۆز قىلىپ، ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى ئېلىۋېلىش كەچۈرگۈسىز كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كىشىنى بىئارام قىلارلىق قاراشنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى ئېلىش كەچۈرگۈسىز كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد، ئېتنىك تەركىبكە قاراپ شەخسنى نىشان قىلىش ئوخشاش دەرىجىدە رەزىللىك. ئۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەك. 2012 – يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت ئىچكى ئەزا ئىئانە سىستېمىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق پاكىت يوق. مەن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى، جۈملىدىن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق داۋاملىق ياخشى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېللىنا رۇس – لېھتېنان خانىم، خىتايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈشنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، فالۇنگوڭچىلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىققا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئاۋام پالاتا 281 – نومۇرلۇق قارار لايىھىسى خىتاينىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ بولۇپمۇ فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىشتەك غەيرىي ئىنسانىي ۋە ۋەھشىي قىلمىشنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى فالۇنگوڭچىلارنى نىشان قىلغان زوراۋان ۋە قاراتمىلىققا ئىگە ھەرىكەت ئېلىپ باردى. بىراق ھاكىمىيەت ئىشەنچ، مېھرىبانلىق ۋە خوش – كۆرۈملىكنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن بۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىش، ئۆزگەرتىش تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا يوللاپ، قەرەللىك تەن جازاسىغا ۋە كەمسىتىشكە مۇپتىلا قىلدى. ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋالدى. بۇ، ئىنسان ھاياتىغا قىلىنغان قورقۇنچلۇق ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بۇزغۇنچىلىقتۇر. ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، فالۇنگوڭچىلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى زۆرۈر.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھىسىدە دەيۋىد ماتاس، دەيۋىد كلېگىر، ئېتان گۇتمان قاتارلىق ئامېرىكا ۋە كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەتراپلىق ۋە قايىل قىلارلىق دوكلاتلارنى تەييارلاپ، بۇ جەھەتتىكى پاكىتلارنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ جەھەتتە، ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتماننىڭ بەزى پاكىتلارغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇ 2000 – يىلدىن 2008 – يىلغا قەدەر 65 مىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ يەنە، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى 1990 – يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئېتان گۇتماننى بۇ جەھەتتىكى پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ – سېتىشنى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىدا سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر توختى مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنى جوۋ يوڭكاڭنىڭ قول ئاستىدىكىلەر مۇشۇ داليەن تەرەپتىن باشلىغان. ئەمما دەسلەپكى سىناق خىتايلاردىن ئەمەس، بىزدىن باشلانغان. مەن شىئەندە ئىشلەۋاتقاندا ئاشۇنداق سۆزلەر تولا چىقاتتى. دەسلەپتە بىر ئۇيغۇر ئادەم بالىسىنى يۆتكەپ كېلىپ ماڭا «بىر قاراپ باققان بولسىڭىز، بۆرىكىنى ئوغرىلىۋالغانمىدۇ» دەپ ئەكەلگەن ۋاقىت 1990 – يىلى ئىدى. 1995 – يىلى مەن ئۆزۈممۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالدىم. بۇلار كېيىن نېمىشقا فالۇنگوڭچىلارغا كەتتى دېگەندە، چۈنكى فالۇنگوڭچىلار تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ. بۇ بەك مۇھىم. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز تاماكا چېكىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ. ئۇنداق ئادەملەرنىڭ جىگەر ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرى ساغلام بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار فالۇنگوڭچىلارغا يۆتكىلىپ كەتكەن. چۈنكى فالۇنگوڭچىلارنىڭ باھاسى سەل يۇقىرى تۇرىدۇ. بۇ بىر ئاجايىپ چوڭ سودا.

بىراق ئەنۋەر توختى، مەزكۇر قارار كېچىكىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكىتىنى توختىتىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى توپلاش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

ئەنۋەر توختى مۇنداق دېدى: مېنىڭ مەزكۇر قارار لايىھىسىگە قارىشىم، ئۇ بەك كەچ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ناھايىتى ياخشى بولدى. ئەڭ بولمىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى كۆرۈپ، ھەر قانچە بولسا باشقىلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى داۋاملىق ئوغرىلاشقا توغرا كەلگەندە، بىر ئاز ئويلىنىپ قالىدۇ. بۇ قارار خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر بېسىم. بۇ خىتاينىڭ يۈزىنى بەك چۈشۈرۈۋەتتى. چۈنكى، بۇ ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى نورمال بىر ئىنسان ئاڭلىسىمۇ، ئىشەنگۈسىز بىر ئىش. بۇرۇن ياپونلار خىتايغا بېسىم كىرگەندىمۇ، بۇنچىلىك قىلمىغان. شۇڭا. مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قارار لايىھىسىنى قارشى ئالىمەن. ئەگەر مۇمكىن بولسا، خىتايدىكى مۇشۇ ئىشلارغا قايسى ئەمەلدار مەسئۇل بولۇۋاتقان بولسا، شۇنى سوتقا تارتىش كېرەك.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارار لايىھىسىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تولۇق ۋە ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، بۇ خىل غەيرىي ئەخلاقىي قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغان شەخسلەرنى جازالاشقا چاقىرغان.

قارار لايىھىسىدە يەنە، فالۇنگوڭچىلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشنى تەنقىد قىلىشىنى، بۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىكنى، ئامېرىكىغا كىرگەنلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/organ-eliwelish-07312014213329.html

Share
1694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.