logo

trugen jacn

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئىنىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

 

 

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر بېشىغا پەشۋا ۋە مۇشت يېدى دەپ قارىلىپ ۋىرگىنىيە شىتاتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

 ئاندېرس كور        

خەۋەر ئانالىزى 

دۇنيادا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان نۇرى تۇركەل بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكىلىق ئادۋوكات (نۇرى تۈركەل) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان بېسىمى، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك زەربە بېرىشلەر زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  نۇرى تۈركەلنىڭ ئىنىسىنىڭ بايانىچە، ئۇ ئىلگىرى نۇرى تۈركەلنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنى «خائىنلىق» دەپ ئاتىغان بىر ھۇجۇمچى تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلۇپ، ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھرىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

نۇرى تۈركەل 2003-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى (UHRP) نىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى (D-Calif.) 2020-يىلى نۇرى تۈركەلنى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا تەيىنلىگەن، ئۇ ھازىر مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ پارلامېنتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلارنىڭ ئورتاق قوللىشىغا نائىل. جۈملىدىن نۇرى تۈركەلنىڭ 2020-يىلدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى قولايلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بار، بولۇپمۇ  ماركو رۇبىئو (R-Fla.) مۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

شۇ يىلى نۇرى تۇركەل يىغىندىن بۇرۇن «ھەتتا بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىشمۇ ئاتا-ئانامنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىلەمسىز، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىش» دېگەن.

4-ئاينىڭ 2-كۈنى نۇرى تۈركەلنىڭ دادىسى مۇستەقىللىق تەرەپتارى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان دېيىلىدىغان، «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ» پايتەختى ئۇرۇمچىدا ۋاپات بولدى. نۇرى تۈركەلنىڭ دادىسى 83 ياشتا ئىدى. نۇرى تۈركەل دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى دادىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە  يېقىنقى يىللاردا ئۇچرىغان پاراكەندىچىلىك، قورقۇتۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي يەكلىنىش سەۋەبىدىن ناچارلاشقان سالامەتلىك ئەھۋالىغا باغلايدۇ.

ئەمما ئۆلۈم خەۋىرى نۇرى تۈركەل دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئىجتىمائىي جامائەلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت يېغىنى ئۈچۈن ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەنىت شەھرىگە قونۇشى بىلەن تەڭ  كەلدى.  تاشكەنتمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن ئارىلىقى 950 مىل  ( تەخمىنەن KM  1528,8768)  كېلىدۇ.

نۇرى تۈركەل ماڭا تېلېفوندا، دادىسىنىڭ نامىزىغا قاتناشمىغانلىقى ۋە تاشكەنتتىن ئارىلىقنىڭ شۇنچە يېقىن بولۇشىغا قارىماي شىنجاڭدىكى تۇل ئانىسىنى يوقلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنئەنە بويىچە ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ جىنازىسىنى (بىر قوللۇق) كۆتۈرۈپ مازارلىققا ئېلىپ كېلىپ قەبرىگە قويىدۇ ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلنىۋاتقاندا مەرھۇمنىڭ تاش يەرلىكىگە توپا تاشلايدۇ. 12-ئايدا بېيجىڭ خىتايغا كىرىشنى مەڭگۈلۈك چەكلىگەن نۇرى تۈركەل ئۈچۈن بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇ قايتىپ بارسا، جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش ، قىين-قىستاققا ئېلىش قاتارلىق خەتەرلەرگە ياكى تېخىمۇ قەبىھ جازالارغا دۇچ كېلىدۇ.

 

ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا نۇرى تۈركەل ۋە رابىيە قادىر ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلىش

 

نۇرى تۈركەلنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇپ 12 كۈندىن كېيىن، بىلال ئىبراھىم تۈركىستانى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ جىنازە ماشىنلىرىنى توختىدىغان مەيدانىدا نۇرى تۈركەلنىڭ ئىنىسى مامۇتجان تۈركەلگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ ھادىسە، بۇيەردە بېيجىڭنىڭ بىر قولى بارمۇ-يوق دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلدۇ. ئادەتتە نيۇ-يورك، لوندون ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى ياقىلايدىغان باندىتلار مۇشۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە بىر تەرەپتىن جىنايەتنىڭ بېيجىڭغا ئارتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

جىنايەت گۇماندارى  بىر ئۇيغۇر، ئەمما بۇ ئاپتوماتىك ھالدا ئۇنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاقلىمايدۇ. پالاتا تەتقىقات ئورگىنى تەمىنلىگەن دوكلاتلارغا قارىغاندا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتلىرى گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئىشپىيۇنلارنى ئىشلىتىدىكەن».

ۋاشىنگىتوندىكى مەنبەلەرىمدىن بىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «خىتاي شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ بولغان، بۇنى ھەل قىلىش كېرەك».

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مامۇتجان 2006-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى (UAA) نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئۇيغۇر سودىگەر ئايال رابىيە قادىرنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان بولۇپ. رابىيە قادىر يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس شەكلىدە، بېيجىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئوغلىنى ئۇرۇمچىدا ئۇردى ۋە ئۇنى شۇ يىلى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھرىدە خىتايغا چېتىشلىق بىر ماشىنا بىلەن سوقۇپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

 

فايىرفاكىستا گۈللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بار

 

خەۋەرگە قارىغاندا ، فايىرفاكىستا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچى دەپ قارالغان ئىبراھىم تۇركىستانى ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ تەشكىلات ئۆزىنى سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى (ETGIE) دەپ ئاتايدۇ ۋە تور بېكىتىدە ئۇلار ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بىر-بىرىگە رەقىب بىر نەچچە ETGE گۇرۇپپاسى بار. بۇلارنىڭ بىرىگە ئەنۋەر يۈسۈف تۇرانى باشچىلىق قىلىدىغان بولۇپ ، 2004-يىلى سىنتەبىردە شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۇ ھۆكۈمەت كېيىن تۇرانىنى خىتايغا بېرىپ كەلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئىشلەش ئېھتىمالى بار دېگەن گۇمان بىلەن گۇرۇپپىدىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ گۇرۇپپىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر كىشىنىڭ ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۇرانىنى قوغلاپ چىقارغان گۇرۇپپىنىڭ دېيىشچە ، تۇرانى قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى ئېتىراپ قىلمىغان ، ھەمدە ئۆزى ئايرىم بىر  گۇرۇپپا بولۇپ شەكىللەنگەن، ئۇ ئۆزىنى داۋاملىق رەھبەر دەپ ئاتىغان.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تۇرانىغا ئوخشاش ئېقىمدىكىلەر زوراۋانلىقنى قوللايدۇ، مۇستەقىللىققە دائىر كەسكىن ئاممىۋىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ، بۇنداق تەشەببۇسلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت تەشكىلاتلاردىن بۆلۈنىش ۋە سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

يۇقارقى بايانلارنى مۇستەقىل دەلىللىگىلى بولمىدى ، تۇرانى ئىنكاس بىلدۈرۈش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇنىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر ئەزاسىدىنمۇ ئىبراھىم تۈركىستانى ھەققىدە  سوئال سورالدى. ئەمما ئۇ مېنى  ئادۋوكاتىغا بۇيرۇپ قويدى، سورالغانلارغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىككى مەنبە ماڭا ئىبراھىم تۈركىستاننىڭ خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەقىللىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. بىرەيلەن ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا پايدىلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.  ئىبراھىم تۈركىستاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى ئۇنىڭ مۇشتلاش خالتىسى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقانلىقى، چامباشىچىدەك قىياپەتتە تۇرۇپ چوڭ پىچاقلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھالىتى ۋە مامۇتجانغا ھۇجۇم قىلغاندا تاقىدى دەپ قارالغان چوڭ تىپتىكى ئۈزۈكنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىنى ئايان قىلدى.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۇرانى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، يەنى شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تەرەپتارلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللايدىغان ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلىدۇ. مەسىلەن،  ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) ، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى (UAA) ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پروجىكتى (UHRP) قاتارلىق تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئوچۇق-ئاشكارە تەشۋىق قىلمايدۇ، دەيدۇ. شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى تەرەپتارلىرى ETGIE مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلغاندا، بايانات بەرگەندە بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا قارشى ئىشلىتىدۇ.

رابىيە قادىر 2006-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامېرىكا قوللىغان ئۈچ تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئۆز ئىچدە مۇستەقىللىقنى قوللايدۇ، ئەمما ئۇلار ئاممىۋى خىزمەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن  ئازراق تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋىتى ، شۇنداقلا  خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان قانۇنلارنى تۇرغۇزۇش ئىقتىدارى بېيجىڭنى ساراسىمىگە سالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ، خ ك پ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رابىيە قادىر ، نۇرى تۈركەل ۋە باشقا ئورۇندىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى نىشانلاپ كەلدى. بۇ،  2006-يىلى رابىيە قادىرغا قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى (ئىلگىرى سۈرۈلگەن) ، تور ھۇجۇمى ۋە نۇرى تۈركەلگە تەھدىت سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 2010-يىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق ماشىنا بىلەن ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ماشىنىسى ئارىسىدىكى سوقۇلۇش» 1981-يىلدىن 2015-يىلغىچە ۋىرگىنىيە 10-پالاتا رايونىنىڭ (فايىرفاكىس ناھىيىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سابىق ۋەكىلى فرانك ۋولفنىڭ  ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

رابىيە قادىرنىڭ قىزى، مامۇتجاننىڭ ئايالى ئەقىدە روزى يۇقارقى ۋەقە ھەققىدە ئېلخەتتە: «ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس»، دېدى

«بىز شۇ يىلى ساقچى تارماقلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۇرۇندۇق. ئۇلار بىلەن ئالدىنقى قېتىم سۆزلەشكەندە، بۇ دېلونى فېدېراتسىيە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ  ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ساقچى تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. فرانك ۋولف خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى تۇتقا قىلىپ بىر نەچچە بايانات ۋە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى ».

 

مامۇتجان تۈركەلگە ھۇجۇم قىلىش

 

4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىبراھىم تۇركىستانىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا مامۇتجاننىڭ بېشىغا ئۇرۇپ تەپكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ گېلىنى سىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۇرى تۈركەلنىڭ دېيىشىچە، باشقا يەرلىرى يارىلانغاندىن باشقا، مامۇتجاننىڭ  كۆزىنىڭ يېنىدىكى بىر سۆڭەك سۇنغان بولۇپ، تىكىش ۋە مېتال تاختاينى ئوپېراتسىيە قىلىپ سېلىش تەلەپ قىلىنغان .

مامۇتجان ئايالى ئارقىلىق ماڭا يوللىغان بىر ئېلخەتتە،  جەبىرلەنگۈچى ماشىنىسىنى توختاتماقچى بولغاندا، ئىبراھىم تۈركىستانى ئۇنىڭغا قوپال سۆزلەرنى قىلغان ۋە ئالايغان. مامۇتجان «كەينىگە بۇرۇلۇپ يىراقلىشىپ» توقۇنۇشتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنغان. «دەل شۇ ۋاقىتتا  يۈزۈمگە ئۇرۇلغان تۇنجى مۇشىنى كۆزۈمنىڭ يېنىدا ھېس قىلدىم »، دېدى مامۇتجان.

مامۇتجاننىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم تۈركىستانىنىڭ بارمىقىدا كەم دېگەندە بىر چوڭ ئۈزۈك بار بولۇپ، «بۇ مېنىڭ باش سۆڭىكىمنىڭ سۇنۇشى ۋە يۈزۈمنىڭ بىر نەچچە يېرىنىڭ تىلىنىپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى». « تۇنجى قېتىم ئۇشتۇمتۇپ تەگكەن بۇ مۇشت باش كۆزۈمنىڭ قاتتىق قانىشى ، باشىمنىڭ قېيىشى ، ئوڭ كۆزۈمنىڭ كۆرمەسلىكى ۋە ھالىمدىن كېتىشىمگە سەۋەب بولدى».

قانداقلا بولمىسۇن ، مامۇتجان خېتىدە، ئۇنىڭدىن كييىن ئۇنى (ھۇجۇم قىلغۇچىنى) ئىتتىرىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى يازدى. ئەمما بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندەك قىلىدۇ.

«بىرقانچە مىنۇت ئىچىدە يۈزۈم ۋە بېشىمغا تەگكەن مۇش پەشۋالاردىن كىيىن، قارىسام يەردە ئوڭدىسىغا يېتىپتىمەن. تۇرۇشقا تەمشىلىشىمگە ئۇ  بېشىمنى  سېمىنۇتقا ئۈستۈردى. بۇ ۋاقىتتا بەلكى ھۇشۇمدىن كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن. ئانچە بەك ئەسلىيەلمەيمەن. ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە ئۇ ئۈستۈمدە ئىدى ۋە مېنى بېسىپ كانىيىمنى بوغۇۋاتاتتى. قولىنى (بوشىتىپ)  ئىتتىرىشكە تىرىشتىم ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە كەينىگە ئىتتىرىۋىتەلىدىم. ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىگە بىرقانچە مۇش ئاتقانلىقىم ئېسىمدە. ئاندىن كىيىن، ئۇ يەرگە يېقىلدى ۋە ناھايتى تېزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى.»

ئۇ ئېلخەتتە دېيىشچە، مامۇتجان ئاخىرى ماشىنىسىغا قايتىپ چىققان ۋە ماشىنىسىدىن بىرتال مېتال تاياقچە تاپقان. ئېنىقكى ، بۇ ئىبراھىم تۈركىستاننىڭ ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى توسۇپ قالغان.

مامۇتجان، شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم تۇركىستانى «تېلېفونىنى چىقىرىپ مېنى سىنغا ئالدى. مەن ئۇنىڭ `مەن نۇرى تۇركەلنىڭ ئىنىسىنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتتىم دەپ ياكى  شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىلەرنى دەپ ھىجىيىپ ماختانغانلىقىنى ئاڭلىدىم`. ئاندىن ئۇ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن سىرتتا ئولتۇرۇپ 911 غا تېلېفون قىلدىم» دېگەنلەرنى يازدى.

جىنازە نامىزى ئوقۇلىۋاتقان ئۆيدە تۇرۇۋاتقان نۇرى تۈركەلنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم تۇركىستانى مەسچىتتە  جىنازە نامىزىغا قاتنىشىۋاتقان جامائەتكە (بىر قانچە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىمۇ مۇشۇ يەردە بار) مەزكۇر سوقۇشۇشنى جاكارلىغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۇرانى ئائىلىسىنىڭ كەم دېگەندە بىر ئەزاسىمۇ جىنازە نامىزىغا قاتناشقان.

نۇرى  تۈركەلنىڭ دېيىشچە ، ئىبراھىم تۈركىستانى كېيىن بىۋاستە نۇرى تۈركەلگە بۇرۇلۇپ،  ئۇنىڭغا ئىنىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېيتقان. بۇ جەرياندا ئۇ ئامېرىكا ئەمەلدارىنى ھاقارەتلىگەن. نۇرى تۈركەلگە مەسچىتكە  ئەمدىلا كىرگەن بۇ كىشىنىڭ، زالدا بۇرۇنلا كىرىپ ئولتۇرغان ئۆزىنى قانداق قىلىپ كىشىلەر ئارىسىدىن تېپىشى ۋە ئۆزىنىڭ قەيەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىشى غەلىتە تۇيۇلغان.

ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلار مامۇتجان ۋە ئىبراھىم تۈركىستانىنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان؛ ئىبراھىم تۈركىستانى كارىۋىتىغا كىشەنلەپ قويۇلغان. كېيىن ئۇ قولغا ئېلىنغان ۋە بىر تۈرلۈك جىنايى ئىشلار بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ 25-ئاپرېل كۈنى 25000 دوللار كېپىللىك پۇلى بىلەن، ئەمما نازارەت ئاستىدا تۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن  ۋە ھەرىكەتلىرى چەكلەنگەن.

سوتنىڭ قارارى (ئىبراھىم تۈركىستانىنىڭ قىلمىشىنى)  «يامان غەرەزلىك زەخىملەندۈرۈش» جىنايىتى قاتارىغا كىرگۈزدى. ئىبراھىم تۈركىستانىنىڭ ئادۋوكاتى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈشى ۋە قوغدىشى كېرەك

 

نۇرى تۈركەل ئىنىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى سىياسىي غەرەزلىك ئىش ۋە ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ  ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان چوڭ ئائىلىسىگە  قارىتىلغان ھۇجۇم  دەپ ئىزاھلىدى.

نۇرى تۈركەل ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر توپ كىشىلەر تەشۋىق قىلغان  تور ھۇجۇمى ۋە ئۆچمەنلىكلەر ئالدىدىمۇ  قورقۇنچ بىلەن ياشاشنى رەت قىلىمەن. مەن ئامېرىكانى خەلقىمگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك دەپ قارايمەن».

«ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ دېلونى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشى ، رابىيە قادىرغا قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشى كېرەك».

«بۇنداق ھۇجۇملار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭنى مۇۋاپىق ئىنكار قىلىش ئىمكانى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئالدىنقى گۇرۇپپىلار ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان زوراۋان باستۇرۇش ئەندىزىسىگە ماس كېلىدۇ».

ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئائىلە ئەزالىرى ۋاشىنگىتون رايونىدا بىخەتەر بولمىسا، ئۇنداقتا ھېچقايسىمىز بىخەتەر ئەمەس،  دېموكراتىيەدىن بەھرىمەنمۇ ئەمەس.

 

 

Share
2367 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.