logo

trugen jacn

ئامرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگۇلۇقلار- 鲁国平

 

AiFA تەرجىمىسى

1.ئەقىللىق ئەمما سۆز-چۆچەككە بەكلا ئىشىنىدۇ
    جۇڭگۇلۇقلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەنسىز زامان تىنىچ زاماندىن ئۇزاق،شۇڭا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى،سەرگاردانلىققا كۆنۈپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاقە-قاتناش تەرەققى قىلمىغانلىقتىن ئادەتتەيىڭىلىقلار ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالغان،تارقالغانسىرى يىڭىلىقنىڭ راس-يالغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنىمۇ خالىمايدىغان،تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىمايدىغان لىكىن شۇنداق بىرئىشنىڭ بارلىقىغا ئىشىندىغان بۇلۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈگە پايدىلىقنى تارقىتىدىغان تۇرسا نىمىشقا تارقاتمىغۇدەك؟—”ئىشقىلىپ مەن دىمىگەن تۇرسام“.بىلىشىمچە جۇڭگۇلۇقلار سۆز-چۆچەككە ئىشىنىشى ناتايىن،لىكىن ئۈزىگەپايدىلىق ياكى زىيانسىز لىكىن بەزىلەرگە زىيانلىق بولغان بولسا بۇنداق خەۋەرلەرگەناھايىتى ئىشەنگەندەك تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇندايدۇ.
2.ھەر ئىشتا تالىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ،تۇغۇلغانداكارۋاتتىن ئۆلگەندە گۆرلۈككە قەدەر باشتىن ئاخىرغىچە تالىشىپلا ئۈتىدۇ.
جۇڭگۇلۇقلار بەلكىم ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوقۈمىللەت بۇلۇشى مۇمكىن،ھەرقانداق نەرسە ئۈزىنىڭ قولىدا بولمىسا زادىلا خاتىرجەم بۇلالمايدۇ.شۇڭا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىش بىجىرگەندە ھەممە ئىشنى ئۆزىلا ئۈستىگەئېلىۋالدىغانلىقىنى كۆرسىز،باشلىقى قول ئاستىدىكىلەردىن خاتىرجەم ئەمەس؛سودىداشىرىكلىشىشنى خالىمايدۇ؛باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن كىچىك بولسىمۇ ئۆزىلا قىلىشنى خالايدۇ.شۇنىڭ بىلەن پۇل تاپقىلى بۇلىدىغان كەسىپلەر تىزلا خاراپلىققايۈزلىنىدۇ،تەرەققى قىلدۇغىلى بۇلىدىغان كارخانىلار تەدرىجى ئائىلە مۈلىكىگەئايلىنىپ قالىدۇ.ئەڭ يامان بۇلارلىقى شۇكى، ئۇلار پەقەت مەندە بولسا سەندەبولمىسا،مەنلا قىلسام سەن قىلمىساڭ،مەنلا بىلسەم سەن بىلمىسەڭ دەپ ئويلايدۇ.
3.چوڭ ئىشلاردا دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ،كىچىك ئىشلاردا يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە زىغىرلايدۇ
كۆپچىلىكنىڭ ئىشىغا ئېغىزدا ياردەملىشىش ئەڭ كۆپ بولغاندا شۇلار بىلەن قاتنىشىپ قۇيۇش لىكىن ئۈزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئازراقمۇ زىيانغائۇچراتماسلىق.كۆپچىلىك بىلەن بىرگە زىيان تارتىپ قالساق مەيلى، لىكىن باشقىلىردىن چوڭ زىيانغا قالسام بولمايدۇ دەپ قاراش.
4.مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئىش بىجرىدۇ-يۇ  ئورۇنلۇق يول بىلەن ھەل قىلمايدۇ.
”بەسلىشىش“جۇڭگۇلۇقلارنىڭ خۇسۇسىيىتى،بۇرۇن بەسلىشىشتە ئككىنچى ئۇرۇندا تۇردىغان فىرانسىيەلىكلەردىن نەچچەھەسسە كۈچلۈك.قەدىمدىن بۇيان  ئورۇنلۇق يول بىلەن ئىش بىجرىش پەقەت مۇناسىۋىتى يوق كىشلەرنىڭ ئىشى، ئۇرۇنلۇق يول بىلەن ئىش بىجرگەنلەر ئككىنجى دەرىجىلىك پۇقرا بىلەن پەرقى يوق دەپ قارىلىپ كەلگەن.
5.ھىساپلىشىدىغىنى ھەققانىيەت ئەمەس ،ئۈزىگەپايدىلىقمۇ يوق
   مىنىڭ چۈشۈنۈشىمچە جۇڭگۇلۇقلاردا ھەققانىيەت چۈشەنچىسى بەك ئاجىز،بۇمۇ غەرىپ ئەللىرى بىلەن ئىختىلاپ-تۇقۇنۇش ئۈزۈلمەسلىكنىڭ تۈپ سەۋەبى،سىياسەت جەھەتتىكى ئىپادىسى“ئىچكى ئىشلارغا ئارلاشماسلىق“سىياسىتى.ھەتتادۇنياۋى قاراشىىمۇ شۇنداق،چۈنكى بۇنى غەرىپ ئەللىرى ئىجاد قىلغان،بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشىدىكى باھانىسى خالاس دەپ بىلىدۇ.ئۆزىگە پايدىسى تەگمىسىلا ئادىلسىزلىق ،ئەكسىچە ئۈزىگە نەپ ئېلىپ كەلسەبېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ پۇل تاپسىلا بولدى،پايدا ئالامماسلىق ئۈزىڭنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن دەپ قارايدۇ.
6.ھە دىسىلا باشقىلارنى تەنقىدلەيدىيۇ ئۈزىدىكىنى بەك ئاز ئويلايدۇ
  ئۆزىنى ناھايىتى كەمسىتىدىغان ئادەم ھەمىشەنادانلىقتىن چوڭچىلىق قىلىدۇ.پىخسىكىسى ساغلام بولمىغان ئادەم قانداقمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنالىسۇن؟داخې(ياپۇن)مىللىتى بۇنىڭ ئۈچۈن روشەن مىسال ئەمەسمۇ؟دوگمىلاشقان مائارىپ،يېپىق جەمىيەت مۇشۇنداق دەرەخنىلا كۆرۈپ ئورمانلىقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇمۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ باشقىلاردىكىنىلا كۈرۈپ ئۆزدىكىنى كۆرمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرى.
7.ئۈزى خۇشال بولسا بولمىسا ھېچقىسى يوق،ئىشقىلىپ باشقىلارنى خۇشال قىلماسلىق
”ئادەم شەخسىيەتچى بولمىسا خۇدائۇرىدۇ“بۇرۇندىنلا  جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئادەت سۈزى،گەرچە شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئادەمنىڭ تەبىيىتى دىيىلسىمۇ،مۇشۇنداق ئۇچۇقمۇ-ئۇچۇق دەيدىغان ھەم قىلىدىغان پەقەت شۇ جۇڭگۇلۇقلارمىكى،ئۇنىڭ ئۈستىگەناھايىتى تەل-تۈكۈس ئۇرۇندايدۇ.
8.دوستىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلماي ياتلارنىڭ پاجىئەسى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ
جۇڭگۇلۇقلار ناھايىتى ئاسان يىغلىيالايدۇ،ھەتتاخالايىق ئالدىدا كۆرسىتىپ قۇيۇشنىمۇ ئايىمايدۇ.شۇنىڭغا كۆز يېشى بەك ئەرزان،ھەدىسىلا ئىچ-ئاغرىتىپ ياش تۈكۈپ قۇيىدۇ.ناتۇنۇش بولغانسىرى ھىسداشلىقى تېخىمۇئاشىدۇ،نىمىشقا؟چۈنكى دوستىغا ھىسداشلىق قىلسا ۋە ياكى دوستىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلسا ئۆز-ئارا ياتلىشىپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.دوستلار،ئەر-خۇتۇنلاربېشىغا بالا-قازا كەلسە ھەممىسى ئۆز يولىغا راۋان بۇلىشى،ئادەتتە بولسا“بارەۋەر“لىكنى ساقلاش كىرەك دەپ قارايدۇ.بۇنى ھەر قېتىم ئاپەت رايۇنىغاقانچە يىراق بولغانلاردىن كەلگەن ياردەمنىڭ شۇنچە كۆپلىكى،ئاپەت رايۇنىغا يېقنلارنىڭ ئالدىراش ئىئانە تالىشىدىغانلىقىدىن كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇ.
9.قابىللارنىڭ بۇشاشماسلىق روھىنى قوللاشتايوق،غەيرەتسىزلەرنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ئۈچۈن ياش تۈكىدۇ.
    بۇيەردەئېيتىلغان“قابىللار“بىلەن“غەيرەتسىزلەر“سېلىشتۇرما مەنىدەئەمەستەك قىلىدۇ،ئايرىم-ئايرىم چۈشەنسە تېىىمۇ مۇۋاپىق بولغۇدەك؛“غەيرەتسىزلەر“دىگىنىمىزئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغانلار بىلەن يېقىن مەنىدە.ئەگەر ”قابىللار“نى“غايىسى ئۈچۈن قەتئى بوشاشمايدىغانلار“دەپ چۈشەنسەك،بۇنىڭدىن ناھايىتى چوڭقۇر مەنە چىقىدۇ. غايىسى ئۈچۈن ئۈزىنى بېغىشلىغان ئادەم ئادەتتە يالغۇز بۇلىدۇ،كۈپۈنچە غايىسى قانچە چوڭ بولغانسىرى شۇنچە قۇدرەتلىك كۈرنىدۇ.جۇڭگۇلۇقلارنىڭ غايىسى بارلىرى كۆپ ئەمەس،دائىم شەخسى ھەۋىسى ئۈچۈن“غايە“سۈزىنى ئەتەي دوراپ ئىشلىتىدۇ،ئەمىلىيەتتە قوغلىشىدىغىنى پەقەت ئۈزىنىڭ بىر كىشلىك ياخشى تۇرمىشى،باشقا ئىشلارغا ئارلاشمىسىلا جاھان تىنچ-ئامان دەپ قارايدۇ.بۇمۇ  جۇڭگۇلۇقلاردا ھەققانىيەت چۈشەنچىسىنىڭ بەك ئاجىزلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.
10.پىرىنسىپنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتىشنىخالىمايدىيۇ يەڭ ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشقا كۈنۈش ئۈچۈن ئازاپ-ئۇقىبەت تارتىدۇ.
    ئەلۋەتتە بۇيەردە دىيىلگەن “ ئىجراقىلىش“ ”بويسۇنۇش“دىگەن مەنانىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.مىنىڭچە بۇبىلەرمەنلىككە چۇقۇنۇش.دائىم ئۈزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھىسابلاپ،باشقىلاردىن بەك“يول“تاپالايمەن شۇنۇڭغا ئالى ئىمتىيازغا ئىگە دەپ ئويلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتتە ئاۋال ”ئادىمىگەرچىلىك“ئاندىن“قانۇن-تۈزۈم“دىگەن ئۇقۇم ئۇمۇملىشىدۇ،“ئادىمىگەرچىلىك“بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيۇلسا  ”قانۇن-تۈزۈم“لەرنى ئىجرا قىلىش تەس بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ”يەڭ ئىچىدە مۇئامىلە قىلىش“پەيدا بولىدۇ.“ يەڭ ئىچىدە مۇئامىلە قىلىش“ئۈچۈن ئازاپ چەككەندە قانداق قىلىش كىرەك؟ئەلۋەتتە“ئاكىيۇ“روھىنى ئىشلىتىپ ئۆز-ئۈزىمىزنى بىر پەس مەسخىرە قىلىۋېتىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتۈرۋىرىمىز.
11.كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالىمايدۇ-يۇ ،كۆپچىلىكنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈچۈن باشلامچىنى ئۆلگىدەك تىللايدۇ.
   ئالدىدىمۇ سۆزلەپ ئۆتكەن،جۇڭگۇلۇقلاردا جامائەت مەنپەئەتى دەيدىغان ئۇقۇم يوق،ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش سەۋەبىمۇ يوق.كۆپچىلىكنىڭ زىيىنىغا:“ .كۆپچىلىك بىلەن بىرگە زىيان تارتىپ قالساممەيلى، لىكىن جاۋابكارلىققا باشلامچى  تۇرسا نىمىشقا تىللىمىغۇدەكمەن؟مەنمۇ تازا شاڭخو قىلىپ قۇيۇپ ئۈزۈمنىڭ بىر كىشلىك تۇرمىشىنى قامدىسام بولدى“دەپ قارايدۇ.
12.يىراق كەلەۈسى بەختى ئۈچۈن پىلان تۈزمەي،كۆزئالدىدىكى كىچىككىنا مەنپەئەت ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدۇ.
  ”كەلگۈسى“جۇڭگۇلۇقلارنىڭ نەزىرىدەناھايىتى مۇجمەل،شەكىلدىكىلا بىر نەرسە خالاس.مەسلە پايدىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدەئەمەس،بۇنىڭغىمۇ بىرەر ئۆلچەم يوق،لىكىن ئۈزىگە پايدىلىق بولسىلا بولدى.پايدىغايۈگرۈش ئادەمنىڭ تۇغما خاراكتىرى بولسىمۇ،پايدا بىلەن ھەققانىيەت، پايدا بىلەن كەلگۈسى تۇقۇنۇشۇپ قالغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭگۇلۇق ئەلۋەتتە پايدىغا تۇرىدۇ،بىرەرنەرسە ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەمەس ئۈزىدە بۇلۇپ باققان بولسىلا كۇپايە.گەپنىڭ يىلتىزىنى دىگەندە شۇ ھەممە ئىشتا“نەپ“نىلا چىقىش يۇلى قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟

 

http://www.uyghurnet.org/cn/%E7%BE%8E%E5%9B%BD%E4%BA%BA%E7%9C%BC%E9%87%8C%E7%9A%84%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E4%BA%BA%EF%BC%8C%E5%86%99%E5%BE%97%E4%B8%80%E9%92%88%E8%A7%81%E8%A1%80%EF%BC%81/

Share
2205 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.