logo

trugen jacn

ئالەمشۇمۇل ۋەقە

نەزەر

                                                                              

2021-يىلى 19-يانۋار ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپىيو خىتاي كومھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، دەپ بېكىتىپ قارار ئېلىپ، خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايىتىنى پۈتۈن دۇنياغا جەسۇرانە  جاكارلىدى. ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى مەزكۇر مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىي دەرىجىلىك قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر دەھشەتلىك ھېسابسىز پاكىتلارنى ئىلمىي تەرتىپ بۇيىچە ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكىلىك يوسۇندا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ ئاساسىدا چىقىرىلغان  قاراردۇر.

بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە قىممەت قارىشىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش بىلەن بىرگە  بۇ ھۆكۈمەتنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا داۋاملىق بايراقدارى بولىدىغانلىقىنى روشەن ۋە كەسكىن ھالدا ئىپادىلىدى.

مىنىستىر پومپىيونىڭ ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان بۇ قارارى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كىشىلىك ھۆقۈقنى ھىمايە قىلىش جەھەتتىكى ئالەمشۇمۇل زور بىر سىياسىي ۋەقە بولدى. مەزكۇر قارار پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندىن ئىبارەت رەزىل ۋە قەبىھ ئەپتى-بەشىرىسىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلىدى.  بۇ قارار بىر تەرەپتىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەر جامائەتچىلىكىنى ئىنتايىن زور ھاياجانغا سالغان بولسا، بىر تەرەپتىن  دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ مۇدھىش قىياپىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىشى ۋە كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا كونكرېت چارە- تەدبىرلەرنىڭ ئېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

بۇ قارار دۇنيادا خىتاي كومھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت – ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە دىكتاتورلارنى غال-غال تىترەتتى. ئۇلارغا ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن قاچانلا بولمىسۇن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

مەزكۇر قارار دەماللىققا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتالمىسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى بىلەن خىتايغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش سىياسىي-ئىقتىسادىي چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلايدۇ. مانا شۇچاغ كەلگەندە خىتاي كومھۆكۈمىتنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قوللۇق ئەمگەك تۈزۈمى ۋە تاشقى سودىغا تايىنىپ جان بېقىۋاتقان كۈنىمۇ ئاخىرلىشىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئىستىبدات ھاكىمىيەتمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بەربات بولىدۇ.

قىسقىسى، بۇ قارارنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مەشئەلى بولۇپ قالغۇسى.

2020- يىلى 23-يانىۋار

 

 

 

 

 

Share
1144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.