logo

trugen jacn

ئالىم ئەركىن سىدىقتىن مۇھىم ئۇچۇر

Erkin sidiq ile ilgili görsel sonucu

بۇ يىلنىڭ 14-ئاپرېل كۈنى مەن ۋە باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىز تۇرىۋاتقان رايوننىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كېيدى خىلل (Katie Hill) بىلەن بىر پائالىيەتتە كۆرۈشكەن ئىدۇق. 24-ماي كۈنى مەن، باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە بىر ئەر-خوتۇن ئامېرىكىلىق دوستىمىز بىرلىكتە يۇقىرىدىكى كوڭرېس ئەزاسىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىر دىرېكتورى بىلەن كۆرۈشۈپ، دەردىمىزنى ئېيتتۇق. بىز بىلەن كۆرۈشكەن ئىككى خادىمنىڭ ھەر ئىككىسى بىز بىلەن بىللە كۆز يېشى قىلىشتى. بىز ئۇلارغا كېيدى خىلل خانىمنىڭ ئىككى قانۇن لاھىيىسىنى قوللىشىنى، يالغۇز ئۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالماي، باشقا كوڭرېس ئەزالىرىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ئاز بولغاچقا، ھەممە كوڭرېس ئەزالىرىدىن ئۆزىمىز ياردەم سورىيالمايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق. لوس ئانجېلىستىكى ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈن كېيدى خىلل خانىمنىڭ ئاۋام پالاتاسى قانۇن لاھىيىسىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن بۇ ئۇچۇرۇم ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلارغا مانا مۇشۇنداق تىرىشسا ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويماقچى. لوس ئانجېلىستا يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ. بۈگۈن كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇن لاھىيىسىنى ھەمايە قىلغانلار 38 نەپەر، ئاۋام پالاتاسى قانۇن لاھىيىسىنى قوللىغانلار 78 نەپەر بوپتۇ.

Share
4704 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.