logo

trugen jacn

ئالماتادا تەييارلانغان ئۇيغۇر لەڭمىنى جىنس رېكورتىغا كىردى

 

ئويغان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قازاقىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ بەش يىللىقى ۋە قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ بىرلىكى كۈنىگە بېغىشلانغان بۇ بايرام ئۇيغۇرنىڭ ناغرا-كانايلىرىغا تەڭكەش شوق ئۇسسۇللىرى بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭغا مىڭلىغان ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ، قازاقىستان جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى، قازاقىستان ئاشپەزلىرى جەمئىيىتى، «ۋېچنويې نېبو» رېستورانى ۋە «گرېيېن مارت» سودا تارمىقىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر تىياتىرى ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ، شۇنداقلا «ياشلىق» مىللىي ئانسامبىلى ھەم باشقىمۇ سەنئەتكارلارنىڭ ئورۇنلىشىدا چوڭ كونسېرت كۆرسىتىلدى.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لەڭمەننى تەييارلاش ئىشلىرى سەھەر باشلىنىپ، چۈشكىچە داۋام قىلدى. ئۇنىڭغا ئوتتۇز ئاشپەز سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىدە لەڭمەننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 687 كىلوگرام بولدى. جىنس رېكورتلار كىتابىنىڭ ۋەكىلى يېڭى دۇنيا رېكورتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، لەڭمەن 2 مىڭغا يېقىن كىشىگە، ئالدى بىلەن ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كىچىك ياشتىكىلەرگە، ئاندىن باشقىلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ليۇبوف نى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، جىنس رېكورتلار كىتابىنىڭ ۋەكىلى بېندجامىن دژوناتان بېكخائۇس ۋە باشقىلار بۇ ۋەقەنىڭ پەقەت بىرلا خەلق ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان باشقىمۇ خەلقلەر ئۈچۈن چوڭ بايرام ئىكەنلىكىنى، بىرلىك، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق قەدرىيەتلىرىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستان مەملىكىتى ئۈچۈن دائىم چەكسىز بىر بايلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق مېھمانلارغا ياخشىلىقلار تىلىدى.

بۇ ۋەقەنى قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يورۇتتى. مەسىلەن، «kursif.kz» ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1-مايدا ئالماتادا ئۇيغۇر ئەنەنىۋىي ئۇسلۇبى بويىچە ئادەمزات تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ لەڭمەن تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن جېنىسنىڭ يېڭى دۇنياۋى رېكورتى ئورنىتىلدى.» ئەمدى «bnews.kz» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتىدە چوڭ ئاشپەزلەر بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئالېكساندىر ترىگۇبېنكو مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر لەڭمىنىنى، شۇنداقلا بىر باھار لەڭمىنىنى تەييارلاۋاتىمىز، كۆكتاتلىرىمۇ كۆپ. بىز 500 كىلوگرام رېكورتىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق، ئامما ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ دېگەن ئاساسلار بار. لەڭمەنگە 250 كىلوگرام ئۇن، 120 كىلوگرام گۆش، 300 كىلوگرامغا يېقىن كۆكتات، قالغىنىغا ھەر خىل قوشۇلمىلار سەرپ قىلىندى.»

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف ۋە ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى تاھىراخۇن مامىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghur-jins-05042015170918.html

Share
2912 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.