logo

trugen jacn

ئاقسۇ قارتالدا ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئېتىۋەتكەن ساقچى غالىپجان ئەمەت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

8ff1ccb5-134f-4a53-ad31-60aa8c30e68eبىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئاقسۇنىڭ قارتال بازىرىدا 29-يانۋار يەنى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىلارنىڭ ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر ئۇيغۇر سابىق مەھبۇسنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

تۈنۈگۈن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن كىشىلەر ۋەقەدە ئوق چىقارغۇچىنىڭ خىتاي ساقچى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئوق چىقارغۇچىنىڭ خىتاي ساقچىسى، مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى غالىپجان ئەمەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. گەرچە غالىپجان ئەمەت ئۆزىنىڭ مەزكۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىك قىلمىشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساقچىخانىدىكى سەپداشلىرى راست ئەھۋالنى يوشۇرالمىدى.

خادىم: قارتال ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: سىلەرنىڭ سوجاڭ(ساقچىخانا باشلىقى) كىم؟
خادىم: ۋاڭ سو.
مۇخبىر: مۇئاۋىنىچۇ؟
خادىم: ئا سو.
مۇخبىر: قايسى كۈنى 19-كەنتتە ئادەم ئېتىۋەتكەن ساقچى قايسى ساقچى ئۇ؟
خادىم: شۇ ئا سو.
مۇخبىر: ئا سو دېگىنىڭىز كىم ؟ ئۇيغۇرمۇ، خەنزۇمۇ؟
خادىم: غالىپجان، مۇئاۋىن سوجاڭ.
مۇخبىر: فامىلىسى نېمە ئۇنىڭ؟
خادىم: ئەمەت، غالىپجان ئەمەت دەيمىز.
مۇخبىر: شۇ كۈنكى ۋەقەگە غالىپجان قوماندانلىق قىلغانمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: ۋەقەدە ئېتىلىپ كەتكەن كىشىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: بۇنى غالىپجاننىڭ ئۆزىدىن سورىسىڭىز…
مۇخبىر: سىز شۇ كۈنى نەق مەيدانغا بارمىدىڭىزمۇ؟
خادىم: ياق، مەن بارمىدىم.
مۇخبىر: سىز ياردەمچى ساقچىمۇ، رەسمىي ساقچىمۇ؟
خادىم: ياردەمچى ساقچى.
مۇخبىر: رەسمىي ساقچىدىن بىرنى چاقىرىپ قويۇڭ؟

خادىم: ۋەي…..
مۇخبىر: سىز كىمۇ؟
خادىم: مەن جەسۇر.
مۇخبىر: سىز رەسمىي ساقچىمۇ، ياردەمچىمۇ؟
خادىم: رەسمىي ساقچىمەن؟
مۇخبىر: ۋەقەدە ئېتىلىپ كەتكەن كىشىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: بۇنى بايا بىز تېلېفون نومۇرىنى بەرگەن سوجاڭدىن سورىسىڭىز.
مۇخبىر: غالىپجاندىنمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: غالىپجان ھازىر نەدە؟ ناھىيەگە چاقىرىلمىدىمۇ؟
خادىم: ھازىر مۇشۇ ساقچىخانىدا.

مۇخبىر: ھە، بۇ غالىپجانمۇ؟
خادىم: ھە مەن شۇ. سىز كىم؟
مۇخبىر: مەن مۇخبىر.
خادىم: ھە نېمە ئىش؟
مۇخبىر: قايسى كۈنى سىز ئېتىۋەتكەن كىشىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: كىم شۇنداق دەيدۇ؟؟!!!! قانداق دېگەن………
مۇخبىر: جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟ گەپ قىلىڭ، بارمۇسىز؟

بىز ۋەقەنىڭ جەمئىيەتتە پەيدا قىلغان تەسىرى ھەققىدىمۇ ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۆزىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە مەلۇم بىر ئىدارىدە دۆلەت خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە جەمئىيەتتە ئىنتايىن نارازىلىق پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە بۇ نارازىلىقنى رەسمىي يىغىنلاردا، چوڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا بايقىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما كوچا دوقمۇشلىرىدىكى پاراڭلاردا، دوست-بۇرادەرلەر ئارا سۆھبەتلەردە ھەر ۋاقىت ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-بىر قېتىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەنمۇ بىر مەسچىتنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇپ قالدىم. شۇ چاغدا كەنتتىكى ساقچىلارنىڭ قولىدا توك كالتەكلەرنى كۆرگەن ئىدىم؛ مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا گۇماندارنى ئېتىۋەتمەيمۇ بويسۇندۇرغىنى بولاتتى، نېمە ئۈچۈن ئېتىپ ئىشنى چوڭايتىدۇ بىلمەيمەن. خەۋەرلەردە كۆرىمىز، ئىچكىرىلەردە خېلى چوڭ ئىشلارنىمۇ ئىجتىمائىي ۋەقە دەپ جىددىيلەشمەي بىر تەرەپ قىلالايدىكەن، ئەمما بىزنىڭ بۇ يەرلەردە ئۇنداق ئەمەس ۋە ياكى دۆلەت تۆۋەندىكى ساقچىلار ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن كۇرسلىرى ئېچىپ، ئاز-تولا تەربىيىلىشى كېرەكمۇ قانداق دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.»

يۇقىرىدا خىتاينىڭ قارتال بازارلىق مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى غالىپجان ئەمەتنىڭ بىر ئۇيغۇر سابىق سىياسىي مەھبۇسنى ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا ئېتىۋەتكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

توقسۇ زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى ئىككى ئايال پىدائىيدىن بىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى
ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى پارتلاشلارنى ئىبراھىم قاھار باشچىلىقىدىكى «مۇجاھىدلار گۇرۇپپىسى» ئېلىپ بارغان
ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
ئاقسۇ ئاۋاتتىكى يېڭىئېرىق ساقچىخانا توقۇنۇشىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى
ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن
رۇس مۇتەخەسسىس: بېيجىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى قارار قىلدى
ئىككى يىغىن ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى
«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇنۇشلار ۋە گۇەنتانامو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلدى
2013-يىلىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارغا خىتاينىڭ ئىنكاسى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بىردەك بولمىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-saqchi-02042014160328.html

Share
2279 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.