logo

trugen jacn

ئاقسۇ شەھەرلىك دائىرىلەر پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە جىددىي ئەھۋاللاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش قوڭغۇرىقى ئورناتقان

image

 قۇتلان

ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دائىرىلەرنىڭ  ئاتالمىش «مۇقىملىق» خىزمىتى بويىچە ئېلىپ بارغان ئادەتتىن تاشقىرى سىياسەت-تەدبىرلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازلىقىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىلكۆۋرۈك ۋە يېڭىبازار قاتارلىق رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە جىددىي ئەھۋاللاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش قوڭغۇرىقى ئورناتقان. ئۇندىن باشقا يەنە ھەر بىر ئائىلىگە «ئامانلىق ساقلاش كالتىكى» دەپ ئاتالغان مىقلىق كالتەك تارقاتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىدىن 150 يۋەندىن مەجبۇرىي پۇل يىغقان.

ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم بىر كىشى بۇ ھەقتە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، بۇنىڭ پۇقرالاردىن قالايمىقان پۇل يىغىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ئاقسۇ ۋالىيسىنىڭ پۇقرالارنىڭ بۇ ئىنكاسىغا جاۋاب بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپ كۆرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرقانچە كىشى بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاھالىلەر كومىتېتىتى ئالدى بىلەن كوچىغا قارايدىغان دۇكان، ئاشخانا ۋە باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بۇ خىل قوڭغۇراقنى ئورنىتىشقا باشلىغان. ئاندىن تەدرىجىي ھالدا ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىگىمۇ بۇ خىل جىددىي ئەھۋاللاردىن سىگنال بېرىش قوڭغۇرىقىنى ئورنىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلىەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، دەسلەپ ھۆكۈمەت بۇنى ھەقسىز ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ھەر بىر ئائىلىدىن مەجبۇرىي پۇل يىغقان. بۇ قوڭغۇراقنىڭ ئەمەلىيەتتە پۇقرالار ئىچىدە كۆرۈلگەن ھەرقانداق بىر جىددىي ئەھۋالنى ساقچى ياكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئالدىن سىگنال بىلەن مەلۇم قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى خەنزۇ ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا دۇكان ئاچىدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ خىل قونغۇراقنىڭ جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەندە زەنجىرسىمان سىگنال قايتۇرىدىغانلىقىنى، بىر ئۆيدىكى قوڭغۇراقنى باسسا 10 ئۆيدىكى قوڭغۇراق تەڭلا سايراپ ئىنكاس يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aqsu-jiddiy-ehwal-qongghuraq-07152014181952.html

Share
1449 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.