logo

trugen jacn

ئاقسۇ ئايكۆلدە 4 ئاي ئاۋۋال تۈرمىدە ئۆلگەن سىياسىي مەھبۇسنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0828-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىل 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ ئاقسۇ ئايكۆلدە بىر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىز شۇ چاغدا ساقچىخانىدىن مەلۇمات سورىغىنىدا، بىر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى

مۇخبىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇمنىڭ ئىسمى يۈسۈپ ئاۋۇت بولۇپ، ئايكۆلنىڭ 16 – كەنت 3 – گۇرۇپپا ئەزاسى ئىكەن. بۇ يىل ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ ئاۋۇتنىڭ تۈرمىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن جان ئۈزگەنلىكى، بىر كەنت مەسئۇلى تەرىپىدىن بايان قىلىندى. ئايدىڭلىشىشىچە، مەرھۇم بۇلتۇر روزا ھېيت ھارپىسىدا ئايكۆلدە يۈز بەرگەن ئامما بىلەن قوراللىق قىسىم ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئامما تەرەپتە تۇرۇپ ئىشتىراك قىلغان

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ يىل ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ ئاۋۇتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئېنىق، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ياكى قېيىن – قىستاقتا ئۆلگەنلىكى، ئەگەر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسا، بۇ كېسەلنىڭ ئۇنىڭغا تۈرمىدە يۇققانلىقى ياكى تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋۋال بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aykol-turme-08292014000752.html

Share
2042 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.