logo

trugen jacn

ئاقسۇ ئايكۆلدە گۇماندار تۇنىياز قۇرباننىڭ ئېتىز ياقىلاپ سۇ تۇتۇۋاتقان چېغىدا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

image

 شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0821-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز تۈنۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئاقسۇ ئايكۆلدە شەنبە كۈنى ئىككى نەپەر دېھقان ياشنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ئېتىزدا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى داۋاملىق ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئېتىۋېتىلگەن ياشلاردىن بىرىنىڭ 20 – كەنت ئەزاسى 25 ياشلىق ياسىن ئاۋۇت ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ بولسا 19 – كەنت ئەازسى 26 ياشلىق تۇنىياز قۇربان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار شەنبە كۈنى ئەتىگەندە تۇنىياز قۇرباننى ئېتىز ياقىلاپ سۇ تۇتۇۋاتقان يېرىدە، تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى گۇمانى بىلەن قورشاۋغا ئالغان ۋە تۇنىياز قۇربان قولىدىكى كەتمەننى دەرھال تاشلىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، قارشلىلاشتى دەپ قارىلىپ ئېتىۋېتىلگەن.

بىز ئاۋۋال 20 – كەنت ئامانلىق ساقلاش مۇدىرىغا تېلېون قىلدۇق، ئۇ، ئۆز كەنتىدە شەنبە كۈنى ئېتىۋېتىلگەن ياشنىڭ ياسىن ئاۋۇت ئىكەنلىكىنى، 25 ياشلىق ياسىن ئاۋۇتنىڭ ئۆيىدە ئېتىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما ئېتىلىش جەريانى ۋە چېتىشلىق دېلوسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئارقىدىن 19 – كەنت ئامانلىق ساقلاش مۇدىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ شەنبە كۈنى ئۆز كەنتىدە ئېتىۋېتىلگەن ياشنىڭ تۇنىياز قۇربان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئېتىۋېتىلىش جەريانى ھەققىدە ساقچىلاردىن رەسمىي مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى، ئەمما شاھىدلاردىن ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇنىياز قۇربان شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېتىزلىقتا سۇ تۇتۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ سۇ ياقىلاپ كىتىۋاتقان مەزگىلىدە، 4 ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشكەن ئاقسۇ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ، ۋەقەنى كۆرگەن ئاۋۇت مەقسەت ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ساقچىلار ئاپتوموبىلىدىن سەكرەپ چۈشۈپ تۇنىياز قۇرباننى ئاپتوموبىلغا چىقىشقا، ئۇنىڭ يېنىدىكى يەنە ئىككى دېھقاننى بولسا ئارقىسىغا چېكىنىشكە بۇيرىغان. دېھقان ئاۋۇت مەقسەت ۋە ئىبراھىم نىياز ئارقىغا چېكىنگەن، تۇنىياز قۇربان جايىدا مىدىرلىماي تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، ساقچىلار ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئېتىۋېتىلگەن. شاھىد ئاۋۇت مەقسەت تۇنىياز قۇرباننىڭ نېمە ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى چۈشەنمەي قالغانلىقىنى، پەقەت نەق مەيداندا تۇنىياز قۇرباننىڭ قولىدا كەتمەن بارلىقىنى، شۇڭا ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ قولىدىكى كەتمەندىن ئۈركۈپ كېتىپ، ئۇنى ئېتىۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى ئاۋۇت مەقسەتتىن، تۇنىياز قۇربان بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا تالاش – تارتىش بولغان – بولمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئاۋۇت مەقسەت، ئارىلىقتا تالاش – تارتىش قىلىشقۇدەك ۋاقىتنىڭمۇ ئۆتمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

بىز يەنە 10 – كەنتنىڭ 5 – گۇرۇپپا باشلىقىدىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق. گۇرۇپپا باشلىقى تۇنىياز قۇرباننىڭ ئەينى چاغدا ساقچىلارغا قارشلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق مەلۇمات يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەت ساقچىلار كەلگەندە، موتوسىكلىتىغا يولىنىپ تۇرغانلىقى ۋە يېنىدا پەقەت كەتمىنى بارلىقىنى، پەقەت كەتمەن يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يەنە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تۇنىياز قۇربان ئېتىۋېتىلگەن مەيداندا بار بولغان دېھقان ئاۋۇت مەقسەتنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن، گۇرۇپپا باشلىقىدىن ئاۋۇت مەقسەت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ 20 مىنۇتتىن كېيىن بىزنى ئۇچراشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما 20 مىنۇتتىن كېيىن تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 26 ياشلىق تۇنىياز قۇرباننىڭ سۇ ياقىلاۋاتقان مەزگىلدە قولىدا كەتمەن تۇتقان ھالەتتە ئېتىۋېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھەتتا تەسلىم بولۇش ياكى قارشلىق كۆرسىتىش پۇرسىتىمۇ بولمىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەمما، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دېھقان ئاۋۇت مەقسەت تەخمىن قىلغاندەك، تۇنىياز قۇرباننىڭ كەتمىنىدىن ئۈركۈپ كېتىپ ئېتىۋەتكەنلىكى ۋە ياكى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن جاسارەتلىنىپ، ئۇنى تىرىك تۇتۇشنى خالىماي نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aqsu-aykol-08212014190152.html

Share
1515 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.