logo

trugen jacn

ئاقسۇ ئايكۆلدە يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش ئېتىۋېتىلگەن

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0820-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

ئاقسۇ ئايكۆلدە يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش ئېتىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر 
2014-08-20
كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر

بۈگۈن رادىئومىزغا كەلگەن بىر نامسىز خەتتە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئاقسۇ ئايكۆلدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. خەتتە يەنە بايان قىلىشىچە، ئەسكەرلەر ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئىككى نەپەر ياشنى سوئال – سوراقسىزلا ئېتىۋەتكەن. خەتتە ئېتىۋېتىلگەن ئىككى نەپەر ياشتىن بىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ياسىن قارى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەنىڭ 16 – ئاۋغۇست يەنى شەنبە كۈنى ئايكۆلنىڭ ھاسا دېگەن يېرىدە يەنى 19 – كەنتتىكى سەيشەنبە بازاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

ئايكۆل يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى دەسلەپتە ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى، ئارقىدىن ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوئال: ئېتىۋېتىلگەن ياسىن قارى دېگەن بالىنىڭ دادىسى قايسى ئورۇندا ئىشلەيدۇ؟

جاۋاب: قايسى ياسىن قارى ئۇ؟

سوئال: قايسى كۈنى ئېتىۋېتىلگەن بالىلاردىن بىرى. ۋەقەدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟

جاۋاب: بۇ ھەقتە باشلىقلىرىمىزدىن مەلۇمات ئېلىڭ

سوئال: ۋەقە قايسى كەنتتە يۈز بەردى؟

جاۋاب: : بۇنى مەن دەپ بېرەلمەيمەن؟

سوئال: بىلمەمسىز ياكى دەپ بېرىشنى خالىمامسىز؟

جاۋاب: بىلىمەن، دەپ بېرەلمەيمەن

سوئال: ۋەقە قايسى كۈنى يۈز بەردى؟ بىلەمسىز – بىلمەمسىز؟

جاۋاب: بىلىمەن، دەپ بېرەلمەيمەن

ئايكۆلدە بىر ئىدارىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرنى جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ئىدارە مەسئۇللىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزىگە مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ساقچىلار، 20 – كەنتتىكى بىر ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىگىسىدىن ئوغلىنى سۈرۈشتە قىلغان، ئۆي ئىگىسى ئوغلىنىڭ ئۆيى ئايرىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇ ئۆيگە بېسىپ كىرىپ ئۇ ئۆيدىكى ئوغۇلنى سوئال – سراقسىزلا ئېتىپ تاشلىغان. بۇ نۆۋەتچى خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەنلەر ئىككى نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن بىرى 19 – كەنتتىن ئىكەن

بىز يەنە 10 – كەنتتىكى بىر مەھەللە باشلىقىدىنمۇ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بۇ مەھەللە باشلىقى ۋەقە ھەققىدە ئۆز ئەزالىرىدىن مەلۇمات ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى

– شەنبە كۈنى سەيشەنبە بازارغا بېرىپ كېلىۋاتقان ئەزالىرىمىز، يول ئۈستىدە ئېتىۋېتىلگەن بىر بالىنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپتۇ، جەسەتنىڭ ئۈستى يېپىقلىق ئىكەن. يوللار توسۇۋېتىلىپتۇ، ساقچىلار ئەزالارنى باشقا يول بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇپتۇ

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئېتىۋېتىلگەن ئىككى ياشنىڭ بىرى، 20 – كەنت؛ يەنى بىرسى 19 – كەنت ئەزاسى ئىكەنلىكى؛ بىرىنىڭ ئۆيىدە، يەنە بىرىنىڭ يول بويىدا يەنى ئېتىزدا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق بىر گۇمان ياكى قانداق بىر جەرياندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئاقسۇ ئايكۆلدە ئۆتكەن يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا ساقچىلار بىلەن ئامما ئارسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، توقۇنۇشتا ساقچىلار ئاز دېگەندە 13 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aqsu-aykol-08202014184727.html

Share
1813 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.