ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 1 – مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىدىن غايەت زور مىقدارىدا كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتال تانتال ۋە نىئوبىي رۇدىسى بايقالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مەدەن ماددىلار باي ناھىيەسىنىڭ 47 كىلومېتىر شىمالىدىكى بوزۇغۇر تاغلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، نىئوبىي زاپىسى 100 مىڭ توننىدىن، تانتال زاپىسى 10 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي گېئو – تېخنىكا مەركىزى كان بايلىقلىرى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ خەيمىڭ «ھازىرغىچە خىتايدا بايقالغان ئومۇمىي نىئوبىي زاپىسىنىڭ ئاران 80 مىڭ توننا» ئىكەنلىكى، «باي ناھىيەسىدىن تېپىلغان نىئوبىي زاپىسىنىڭ بولسا پۈتۈن خىتايدىكى نىئوبىينىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارىدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 130 مىليارد سومدىن ئاشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بايقالغان ۋە ئېچىلىۋاتقان كان بايلىقلىرىنىڭ ئاساسەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇلتۇر 18 – سېنتەبىر باي ناھىيىسىدە خىتاي شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/aqsu-bay-03012016221733.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.