logo

trugen jacn

ئاقسۇدا بۇگۈن يەنە ئتىشىش، بىر ئادەم ئۆلدى

 
index
 

ئاقسۇدا خىتاي ساقچىلىرى ئاپتوۋۇز يولۇچىلىرىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا خىتاي ساقچى تەرىپىدىن دۈشكەلەنگەن بىر ئۇيغۇر ياش،خىتاي ساقچىغا نارازى بولۇپ قول شىلتىگەنلىگى ئۈچۈن نەخ مەيداندا ئەتىپ تاشلاندى

بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى كۆرگەن باشقا بىر ئۇيغۇر يولۇچى ياش،ئۇ خىتاي ساقچىسىغا پىچاق تىقىۋەتتى.

ئۇ ئۇيغۇر ياشقا باشقا خىتاي ساقچىلىرى ئوق چىقاردى.شىھىت بولغان ئۇيغۇر ۋە ئىغىر يارىلانغان ئۇيغۇر يولۇچى قول-پۇتى باغلىنىپ ئەلىپ كىتىلدى

 

ئىغىر يارىلانغان خىتاي ساقچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى

 

ئاپتوۋۇزدىكى باشقا يولچىلار سۇراق قىلىنش ئۈچۈن بىردەك ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىغا ئەلىپ بەرىلىپ سۇلاپ قويۇلدى ۋەقە بۇگۇن (2014.يىلى 5.ئاينىڭ 8.كۈنى) ئاقسۇ ۋاختى 11.20 دە يۈز بەرگەن

 

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇردىن پارتلاتقۇچ دورا تەپىلغانلىغى ئۈچۈن ئەتىۋىتىلگەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

مەنبە
تەڭرىتاغ تورى خىتايچە

 来源: 天山网 

يەنە باشقابىر خىتايچە توردا،بۇگۈن ئاقسۇ شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى دوقمۇشتا 3 ئۇيغۇرنىڭ ساقچى ماشىنىسىغا بىنزىن قاچىلانغان پارتلاتقۇچلارنى ئەتىپ ماشىنىلارنى كۆيدۈرگەنلىگى،ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىگى،ئۇيغۇرلاردىن ئىككىسىنىڭ نەخ مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلىگى،بىرسىنىڭ بازارغا قەچىپ كىرىۋالغانلىغى يەزىلغان.بۇ ۋەقەدىن كىيىن ئاقسۇدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىگى تەكىتلەنگەن

Share
2118 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.