logo

trugen jacn

ئاستانادا تۈرك دۇنياسى مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

 

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا 10-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاستانا ئارقۇ تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاستانادا تۈرك دۇنياسى مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

 قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاستانا ئارقۇ تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى مۇزىكا فېستىۋالىغا تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجانلىق سەنئەتچىلەردىن سىرت تۇنجى قېتىم ئاۋشار ۋە سالار سەنئەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئاستانا ئوپېرا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلغان سەنئەتچىلەر مىللىي چالغۇلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرىنى چېلىپ ناخشا ئوقۇپ چىقتى.

فېستىۋالنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئەسقەر ئۇماروۋ ئەنئەنىۋى تۈرك مۇزىكىسىنى ئاستانادا ئىجرا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇزىكا خەلقلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان مىسلىسىز ۋە مۇقەددەس تىلدۇر، بارلىق مۇزىكىلار ئورتاق يىلتىزغا ئىگە، بۇ يىلقى فېستىۋالغا تۇنجى قېتىم ئاۋشار ۋە سالارلارمۇ قاتناشتى، سالارلار خىتايدىن كەلدى،ئۇلارنىڭ نوپۇسى 100 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ئوغۇز شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. ئاۋشارلار جەنۇبىي ئىراندىن كەلگەن تۈركلەردۇر.»

ئۇماروۋ بۇ يىلقى فېستىۋالغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ بۇرۇنقى فېستىۋاللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
905 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.