logo

trugen jacn

ئارتۇچ بۇغرا: بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بىزنىڭ ئالىي نىشانىمىز بولسۇن

 

ئارتۇچ بۇغرا

 

بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بىزنىڭ ئالىي نىشانىمىز بولسۇن

 

ۇيغۇرلارغا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا چاقىرىق قىلدۇق، دەۋەت قىلدۇق، يەنىلا ئىتتىپاقلاشقان ئومومى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆرەلمىدۇق، قاقشىدۇق، زارلاندۇق ئەمما سەۋەبىنى تېپىشقا ئىزدەنمىدۇق.
سەۋەبىنى ھەمىشە باشقىلاردىن كۆردۇق، ئۆزىمىزنى بىر تەكشۈرۈپ باقمىدۇق. ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا «بىز ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق مەنىسى بار ئۇيۇشالمىغان مىللەت بىز ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىلە -ھمىكرى، سۇيقەستلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشالمىدۇق، ۋەتەن سىرتىغا چىقىپمۇ ھەر خىل ئىسمدىكى جامائەت ۋە تەشكىلاتلارغا بولۈندۇق، بىز خەق شۇ ئۆزىمىزنى -ئۆزىمىز باشقۇرالمايدىغان باشقا مىللەت باشقۇرۇسا ماقۇل دەيدىغان خەق بىز» دەپ داتلىدۇق.
بىزنىڭ ياراتقۇچىمىزنى بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، قىبلىمىز بىر، كىتاۋىمىز بىر ، تىلىمىز بىر،  مىللتىمىز بىر، دۇشمىنىمىز بىر دەپ نىمە ئۈچۈن بىرلىك سەپ ھاسىل قىلالمىدۇق.
بىزلەردە يۇقىردىكى بىرلىكلەردە ئىختىلاپ ۋە ئىتتپاقسىزلىق يوق ئىكەن ، ئەمسە بىز قايسى جەھەتتە ئىتتىپاقىسز ۋە بىردەك ئەمەس؟
ئاللا ئىسانلارنىڭ ھەر خىل مىللەت ۋە ھەر خىل تىل، ھەر خىل رەڭدە ياراتتى، ھەتتا بىر ئاننىڭ قوسقىدىن چۈشكەن ئۇرۇق –تۇققانلارنىڭ مىجەز-خۇلۇقلىرىنىمۇ ھەر خىل قىلدى.
بىر جۇپ قوشكېزەكلەرنىڭمۇ چىرايى ، بويى تۇرقى، بەزى بىر ئادەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما ئۇلانىڭ مەلۈم بىر شەئىيىگە قىزقىشى، چۈشەنچىسى پەرقىلىق بولدى.
خوش، دىمەك ئاللا ئىنسانلارنى يارتىشتا بۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىكنى ئىنسانغا مۇجەسسەملەشتۇردى.
ئۇنداق بولسا بىزدىكى ئاساسلىق مەسىلە نىمە ئىكەن؟ دىگەن ۋاقتىمىزدا كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە چۈشەنچە ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئىكەن.كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە چۈشەنچىنىڭ ھەر خىل بولۇشى بۇ ئاللا تەرپىدىن ئىنسانغا بېرىلغان نىممەت ئىكەن، بۇ نىممەتنى توغرا ئىشلىتەلمىسەك شۇ سەۋەپلىك ئىتتىپاقسىزلىققا ۋە بىرلىكىمىزگە زىيان سالدىكەنمىز.
رىيال مەسىللەرگە قارىتا ساھابىلەرمۇ ھەر خىل چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشتا بولغان ، ئەمما ئۇلار چۈشەنچىسىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر -بىرسى بىلەن دەتالاش قىلماي بەلكى بىر-بىرسىنىڭ كۆز -قاراش ۋە چۈشەنچىسىگە ھۆرمەت قىلىشقان.
ئەمما بىزدە بولسا چۈشەنچە ۋە كۆز-قاراش سەۋەپلىك بىرلىك، ئىتتىپاقلىققا زىت بولغان سۆز ۋە ھەركەتلەردە بولىۋاتىمىز.
مەسلەن:نامايىشقا چىقىش مەسلىسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ، مەقسەت زالىمغا قارشى، زۈلۈمغا قارشى نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش بولسىمۇ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمى بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە پائالىيەت قىلىدىغان بولغاچقا ئەمما بۇنىڭغا بولغان كۆزقاراشىمىز ئوخشىمىغانلىق سەۋەپلىك قارشى سۆز ئىش ھەركەتتە بولدۇق.
مۇھاجىرەتتىكى ھەر خىل نام ۋە خىزمەت قىلىش دائىرىسى ئوخشىمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە بۇنىڭغا ئەزا بولغانلارنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىمكانىغا يارىشا بۇ تەشكىلاتلار ئەتراپىغا ئۇيۇشىشى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامچى، مىللەتچى، دىمكۇراتچى دىگەن ئىسملار بىلەن ئاتىدۇق.
بىز بۇ تەشكىلاتلارغا يۇقىردا دەپ ئۆتكەن بىزنىڭ رەببىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، ، قىبلىمىز بىر، كىتاۋىمىز بىر، تىلىمىز بىر، مىللتىمىز بىر، دۇشمىنىمىز بىر دىگەن بىرلىكلەرگە خىلاپ بولمىغان شەكىلىدە قۇرۇلغان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرگە تۇرۇشلۇق ئورنىمىز سەۋەپلىك، چۈشەنچىمىز سەۋەپلىك، ئىمكانىمىز سەۋەپلىك ئەزا بولۇش ۋە تەرپىنى ئېلىش سەۋەپلىك بۇنىڭغا نارازى بولدىغان، قارشى تۇردىغان، كەمسىتىدىغان، چەتكە قاقىدىغان بولساق ئۇ ۋاقىتتا بىز توغرا قىلمىغان بولىمىز.
بىزنىڭ ئالىي نىشانىمىز بىر، بىرلىك، ئىتتىپاق ھالەتتە دۇشمىنىمىز بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاللانىڭ قانۇنى شۇ يەردە ھاكىم قىلىش.
ئۇنداق بولغان ئىكەن بىر -بىرىمىزنىڭ كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىسىگە ھۆرمەت قىلمىغان ئاساستا ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستلىرىدا تەشۋىقات ئۇرۇشى قىلىش، تىل-ھاقارەت قىلىش، مۇسۇلمانغا خاس بولمىغان سۆز -ھەركەتلەردە بولۇش بىزنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىمىزنى بۇزىدۇ، بۇنىڭدىن دۇشمىنىمىز پايدىلىنىدۇ، بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ خارلىققا مۇپتىلا بولىمىز.(ئاللا ساقلىسۇن)
ئاللا مۇسۇلمانلارغا بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنى پەرىز قىلدى. دىمەك بىز بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ساقلىيالمىساق بىر پەرىزنى تەرىك ئەتكەن ۋە ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان بولىمىز.
بۇ توغرىسىدا  كەلتۇرۇدىغان مىساللار بەك كۆپ، ئەمما ھەممىنى بۇ يەرگە يېزىشنىڭ ئورنى يوق، شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئەگەر مۇسۇلمانلىق داۋايىمىزدا راستچىل بولساق، ئاللانىڭ جەننىتىگە ئاشىق بولسا، كۆز قاراشىمىز سەۋەپلىك باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەت قىلايلىق، كۆز -قاراش،چۈشەنچە، ئۇسۇل، ۋاستە سەۋەپلىك بىرلىك ، ئىتتپاقلىقىمىزنىڭ بۇزدىغان تەرەپ ئايرىپ تىلىمىز ۋە قولىمىز بىلەن ئازار بېرىدىغان ئىش –ھەركەتلەردىن ساقلىنايلى.
ئاللا ھەممىزىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلسۇن، ئاللانىڭ رىزاسىنى كۆزلىگەن ، ئاللانىڭ رەھمىتىگە ۋە مەخفىرتىگە ئېرىشكىلى نىسىپ قىلسۇن…….

Share
2223 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.