logo

trugen jacn

ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بالىلارنىمۇ ئىچىگە ئالغان 100 نەچچە كىشى تۇتۇپ كېتىلدى

c8827205-8d49-4a30-a149-08e2be8f21c5
شۆھرەت ھوشۇر

30-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى سەدىردىن ساۋۇتنىڭ شايار گۈلباغدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىدىن 100 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەن گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلار ۋە ئانىلارمۇ بار. يەنە بۇ خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بالىلار راست گەپ قىلىدىغان بولغاچقا تۇتۇلغان. ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شايا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنىۋاتقان بۇ يۈز نەچچە كىشى پەقەت گۈلباغ يېزىسىدىن تۇتۇلغانلار بولۇپ، يەنە قوشنا يېزىلاردىمۇ سەدىردىن ساۋۇتقا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ تۇتۇلغان ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇخبىر: سىز سەدىردىن ساۋۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتۇشقا قاتناشتىڭىزمۇ؟
خادىم: قاتناشتىم.
مۇخبىر: سىزنىڭ ھازىر دېلوغا ئالاقىدار قىلىۋاتقان ئىشىڭىز نېمە؟
خادىم: بارماق ئىزى ئېلىش قاتارلىق، سوجاڭغا ياردەملىشىپ قوشۇمچە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن.
مۇخبىر: ھازىرغا قەدەر سەدىردىن ساۋۇتقا چېتىشلىق سىلەرنىڭ يېزىدىن قانچىلىك كىشى تۇتقۇن قىلىندى؟
خادىم: ئۆزىنىڭ ھەم ئايالىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىن دوستلىرى بولۇپ يۈز نەچچە كىشى.
مۇخبىر: ھەممىسى ھازىر سىلەرنىڭ ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتامدۇ؟
خادىم: ياق، ناھىيەگە ئېلىپ كەتتى.
مۇخبىر: تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بارغۇ دەيمەن؟
خادىم: بار.
مۇخبىر: بالىلار نېمە ئۈچۈن تۇتۇلدى؟
خادىم: بالىلار راست گەپ قىلىدىغان بولغاچقا، ئۆيگە كېلىپ كەتكەنلەر، نېمە دېيىشكەنلەر ھەققىدە، مۇنداق دەپ گەپ ئاڭلىدىڭمۇ دەپ سوراپ بېقىش ئۈچۈن.
مۇخبىر: سەدىردىننىڭ ئاتا-ئانىسى ھاياتمۇ؟
خادىم: ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى ھايات.
مۇخبىر: ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سەدىردىن ھەققىدە نېمە دېدى؟
خادىم: ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا، نېمە ئىش قىلىپ يۈرگىنىنى بىلمىدۇق دېدى.
مۇخبىر: مۇشۇ ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقان ئىدىڭىز؟
خادىم: تۆۋەندە- قارابۇلاق كەنتىدە مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان.
مۇخبىر: شۇ كەنتتىن قانچە كىشى تۇتۇلدى، مۇشۇ ۋەقەگە چېتىلىپ؟
خادىم: بۇ كەنتتىن تۇتۇلغانلار بولمىدى.
مۇخبىر: ساقچىخانىدا مۇشۇ ۋەقە ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندا نېمىلەر دېيىلدى؟
خادىم: سەدىردىن ساۋۇت مۇشۇنداق ئىش چىقىرىپ قويدى، سەگەك بولۇڭلار، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈڭلار دېدى..
مۇخبىر: ھازىرقى بۇ تۇتۇش- تەكشۈرۈشلەردىن مەقسەت نېمە؟
خادىم: ئۇنىڭغا بۇرۇن ياردەم قىلغانلارنى، شېرىكلىرىنى تېپىش دېگەندەك.
مۇخبىر: تۇتۇلغان شۇ يۈز نەچچە كىشىنىڭ ئىچىدە ئاياللار، بالىلار قانچىلىك؟ كۆپىنچىسىمۇ ياكى يېرىمىمۇ؟
خادىم: قولۇمدا بۇ خۇلاسە ماتېرىيال يوق، ئۇ ماتېرىيالنى سوجاڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ قاپتۇ.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/adembomba-partlash-05082014154148.html

Share
1384 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.