logo

trugen jacn

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى ئەڭ تېز ۋاقىتتا سوتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

201406262109china1

مېھرىبان

:

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ 5-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە يەنى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر سوتلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن 2-قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن 3 سائەتتەك سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۇتقۇندىكى ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنىلا ئۆز ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئارتقان «دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەن جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقى ۋە كۈچلۈك نارازىلىق، ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، 30-ئىيۇل كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئاتالمىش«دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-08052014170725.html

Share
1412 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.