logo

trugen jacn
28 مارت 2014

ئاتۇشتا يارىدارنى كۆتۈرگەن جامائەت ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە قەدەر يۈرۈش قىلغان

 

مۇخبىر شۆھرەت ھوشۇر

 

ئاتۇشتا 23-مارت كۈنى يۈز بەرگەن ئالاھىدە ساقچىلار زوراۋانلىق ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىز ۋەقە يۈز بەرگەن تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدى. 1-ساقچىخانا خادىمى ۋە ساقچىخانا باشلىقى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇردى.

ئەمما ۋەقەدە خىتاينىڭ ئالاھىدە ساقچىلىرى تەرىپىدىن چالا ئۆلۈك قىلىنغان نىجات سەمەتنىڭ ئائىلىسى، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى 50-60 كىشىلىك بىر جامائەتنىڭ بۇ ھەقسىزلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يارىدارنى كۆتۈرۈپ، ئوبلاستلىق 1‏-دوختۇرخانىدىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە قەدەر يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يارىدار ئائىلىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يۈرۈش كېچە سائەت بىردە يۈز بەرگەن، جامائەت يارىدارنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى باشلىقلارنىڭ تەربىيە ۋە ۋەدە بېرىشى بىلەن ئارقىسىغا چېكىنگەن.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ۋە 1-ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئەمما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلە ۋەقەگە قارىتا يالغۇز ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس، ۋەقەنى كۆرگەن-بىلگەنلەرنىڭمۇ قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى ۋە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە قەدەر ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە يۈرۈش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ۋەقەنىڭ جەريانىنى باشتىن ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتقان سەمەت ھاجىم بۇ قېتىمقى تەسىراتىنى بۇنداق بايان قىلدى:
-مېنىڭ ئەڭ ئېچىنىدىغىنىم: بالامنى 2-ساقچىخانىغا ئۆزۈم يېتىلەپ ئاپىرىشتا، بالامنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايمەن دەپ ئويلىغانتىم، بالامدا گۇناھ بولسا تۇتۇپ سولاپ سوتلايدۇ، گۇناھى بولمىسا، قانداق بىر ئۇقۇشماسلىق بولغىنىنى ماڭا چۈشەندۈرىدۇ دەپ ئويلىغانتىم، ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ بالامنى مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئالدىدا كويزا سېلىپ ئۇرۇپ تېپىپ، نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بەرمەي ئاپقېچىپ كېتىشىنى تەخمىن قىلمىغانتىم. مانا 4 كۈن بولاي دېدى، ھۆكۈمەتتىن بىر ئادەم كېلىپ، بالاڭنى ما سەۋەبتىن ئۇردۇق دېگەن ئادەم يوق، بالاڭ قانداق دېگەنمۇ ئادەم يوق. جەمئىيەتتە كىشىلەر دەپ يۈرگەن «بۇلار ھۆكۈمەت ئەمەس، بۇلاڭچى، بۇلار ساقچى ئەمەس، قاراقچى» دېگەن گەپلىرىگە ئەمدى ئىشەندىم، مەن بەكلا دۆت ئىكەنمەن، بالامنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن.

يۇقىرىدا يەكشەنبە كۈنى ئاتۇشتا يۈز بەرگەن خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار بەردۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئالاھىدە ساقچىلار خىتاي مىللىتىدىن، ۋەقەدە تاياق زەربىسىدىن چالا ئۆلۈك قىلىنغۇچى ئۇيغۇر، 21 ياش، ئاتۇش شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-saqchi-03272014160751.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.