logo

trugen jacn

ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز

نىياز رۇزى تاشقىن

كەتمەن بىلەن ئاسمان تېرەپىسز ،
گەۋدىڭىزدە تاغىنى يۆلەپىسز .
بالا غېمى ؛ شۇنداق ياشاپىسز،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز.

ئۆتكەن كۈنلەر سوراققا تارتىپ ،
ھەر قەدەمدە ھەريان قارىتىپ.
يېقلساممۇ يەنە يۈك ئارتىپ ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

كېچە – كۈندۈز بالام ئۈچۈن دەپ،
ئەجىر قېلىپ كۆپ غەملەرنى يەپ .
بارىڭىزنى مەن بىلمەي ئەجەپ ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

كۆز ئالايىتپ قىلسا نەسھەت،
ئۆيدىن قېچىپ ھەتتا نەچچە رەت .
باغىرىڭزنى خۇن قېلىپ پەقەت ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز.


دوس دىگەنلەر دۈشمىنىم ئىكەن،
مەنزىلمىگە بۇلۇپ شۇم تىكەن .
ئورا كولاپ يالغاندىن كۈلگەن ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

ساقلاپ تۇردۇم سىز ماڭغان يولدا،
كەلسە دەپ مەن ھەسرەتلىك ئويدا .
تاغىمۇ جىمجىت قىلمايدۇ نىدا ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

ھېچبىر ئاتا بالا قارغىماس ،
ھەم باللار ئاتىغا قانىماس .
پەلەك تەتۈر كەينىگە يانماس ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

تۇنۇپ يەتتىم ئاتا قەدىرىنى ،
باخاش ئەتتىم سۇغۇق قەبىرىنى.
قايتۇراي دەپ قىلغان ئەجىرىنى ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز.

مەيلى بۇلاي ۋاپاسىز بالا،
ئەقىلى كەمتۇك ئىشلىرى چالا .
كەلسۇن ئەمدى تاغ كەبى جاپا،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

دەس تۇرىمەن قەدىمىنى رۇسلاپ،
ئاتام يۇرگەن يوللارنى بويلاپ .
باش ئەگمەيمەن بەلىنى چىڭ باغلاپ،
ئاتا مىنى كەچۇرەلەمىسز .

Share
7807 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.