logo

trugen jacn

ئاتاقلىق قازاق پائالىيەتچى بىلاشئوغلى قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

«ئاتا يۇرت جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 13-مارت، ئالمۇتا.




 

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ ئاستانادىكى نەزەربەندتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جايدا قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇ تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ئۇنى ئاق قەغەزگە ئىمزا قويۇشقا، ئادۋوكاتىنى ئالماشتۇرۇشقا ۋە «جىنايىتى» نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

بىلاشئوغلى قازاقىستاندا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. 

بىلاشئوغلى 10‏-مارت كۈنى كېچىسى ئالمۇتادىكى بىر مېھمانخانىدا قازاقىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ، پايتەخت ئاستاناغا ئېلىپ كېتىلگەن. كېيىنرەك قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، قازاقىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىدا ئۇنى ئائىلە نەزەربەندىگە ئېلىپ، ئاستانادىكى بىر ئۆيدە مىرزا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى 

بىلاشئوغلىنىڭ 14‏-مارت كۈنى ئادۋوكاتىغا ئەۋەتكەن ئاۋازلىق ئۇچۇرى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋانىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 13‏-مارت كۈنى ئىسمى نامەلۇم 2 نەپەر قازاقىستان دۆلەت ئامانلىق خادىمى سېرىكجان بىلاشئوغلى تۇرۇشلۇق ئۆيگە كېلىپ، ئۇنىڭغا ئاتالمىش «جىنايىتى» نى قوبۇل قىلىش، ئادۋوكاتىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن. شۇنىڭدەك يەنە بىرقانچە پارچە ئاق قەغەزگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان. 

سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ 13‏-مارت كۈنى يېرىم كېچىدە ئاۋازغا ئېلىنغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «13‏-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن مېنى ئالمۇتادا تۇتقۇن قىلغان ئادەملەردىن ئىسمى ۋە سالاھىيىتى نامەلۇم ئىككى كىشى ئاستانا شەھىرىدىكى مەن تۇرۇشلۇق ئۆيگە كىرىپ، مېنى ئاق قەغەزگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى ۋە 3-2 پارچە ۋىدېيوغا ئالدى. ۋىدېيولارنىڭ بىرىنچىسىدا مېنى ئابلىزوفقا قارشى سۆزلە دېدى. مەن ئابلىزوفنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ سىياسىي قاراشلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە ھەققىم يوق. سىياسەتكە كىرمەيمەن، ئۇنىڭ خەلقنى ئىنقىلابقا چاقىرىشىغا قارشى تۇردۇم. قان تۆكۈلۈش بولمىسۇن، دېدىم. بۇنىڭدا ئابلىزوفقا قارشى سۆزلىدىم. ئايمان ئۆمەروۋادىن ۋاز كەچ، دېدى. ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى بىكار قىل، دېدى. مېنى مەجبۇرلىدى. ئايمان ئۆمەروۋانىڭ ئادۋوكاتلىقىدىن ۋاز كېچىسەن، دېدى. ئۇلار ئايمان ئۆمەروۋانى ئابلىزوفنىڭ ئادەملىرى، دېدى. مەن بۇ ۋىدېيودا سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.» 

سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يەنە ئۇنىڭ «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلىپ، يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشنى، قازاقىستاندا خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىلاشئوغلى ئادۋوكاتىغا ئەۋەتكەن ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا بۇنىڭغا دائىر بەزى ھۆججەتلەرگە قول قويدۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭدا ئاق قەغەزلەرگە قول قويدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بىلاشئوغلى مۇنداق دەيدۇ: «ئارقىدىن ئۇلار بىر كىشىنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بۇلات شېليەشېف ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئىسمىمغا ئوخشاپ قالغاچقا ئۇنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالدى. ئۇ مېنى سوراق قىلغان بايمۇھەممەتوفنىڭ باشلىقى ئىكەن. ئۇ ماڭا جىنايىتىمنى ئىقرار قىلىمەن، مېنى يەڭگىللىتىپ جازالاشنى تەلەپ قىلىمەن دەپ يازىسەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بىز سېنىڭ يەڭگىل بىر تەرەپ قىلىنىشىڭغا ياردەم قىلىمىز، دېدى. ئۇلار مېنى مەجبۇرلىغاچقا ئۇنىڭغا قول قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇلار ماڭا مۇشۇنداق قىلساڭ سوتقا ئېلىپ چىقمايمىز، ئەگەر سوتقا چىقساڭ 10 يىل كېسىلىپ كېتىسەن، دەپ بەزى قانۇنلارنى كۆرسەتكەن بولدى. ئۇلار مېنى مەجبۇرىي قول قويدۇردى. مەن بەزى ھۆججەتلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. . . ئۇلار ئېيتتى، ئەگەر سەن جىنايەتتىن ئاقلىنىمەن، سوتتا قىسقارتىلسۇن، دېسەڭ، ئەركىنلىككە چىقىشىڭ ئۈچۈن ياردەم قىلىمىز. نەۋرۇزنىڭ 31‏-كۈنى ئەركىنلىككە چىقىسەن. بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىكى قازاقلارنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشمايمەن، بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقمايمەن، دەپ ۋەدە قىلىسەن، شۇنداق قىلساڭ 10 يىللىق سوتلانمايسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە ھۆججەتكە مەجبۇرىي قول قويدۇم. ئۇلار سوتقا يوللايمىز، دەپ قەغەزگە بەزى نەرسىلەرنى يازدى، لېكىن قەغەزلەرنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى بوش قالدۇرۇپ قويدى. بۇ قەغەزلەرنى نېمە مەقسەتتە پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.» 

بىلاشئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا خىتاينىڭ بېسىمى بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى شۇنداقلا ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى ھالقىلىق دۆلەت قازاقىستاندا جىددىي ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان. بىلاشئوغلى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن. بىز قازاقىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. لېكىن ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. بىز ئۇلارغا تېلېفون قىلىشتىكى مەقسىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، سۆز قالدۇرۇپ قويغان بولساقمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر جاۋاب قايتۇرمىدى. 

بىز يەنە پەيشەنبە كۈنى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۆمەروۋاغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئىنكاسىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ بىلاشئوغلىنى ۋىدېيوغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەزى ھۆججەتلەرنى مەجبۇرىي ئىمزالىتىشى قانۇنسىز ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قانۇنىمىزدا بۇنداق قانۇنسىزلىقلار چەكلىنىدۇ، بىراق بىز ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۇلار بۇنداق قانۇنسىز قىلمىشنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇ ئايالىغا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغان. ئۇ شۇ ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا ۋېدىئوغا سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان. مېنى ئۇلار قورقۇتتى. مېنىڭ پەقەت بىرلا ئادۋوكاتىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئايمان ئۆمەروۋا، ئۇ مېنىڭ ئادۋوكاتىم بولۇۋېرىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمەن. مېنى مەجبۇرلاپ، سولايمىز، كېسىمىز، دەپ قورقۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتتىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ شۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. مەن ئادۋوكات بولۇپ باشتا بارغاندا ئۇلار مېنى سوتقا كىرگۈزمەي ئۆزلىرى بەلگىلىگەن بىر ئادۋوكاتنى قاتناشتۇرغان. لېكىن سېرىكجان ماڭا باشقا ئادۋوكاتنىڭ كېرىكى يوق دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سوتتا ئۇ مىرزا قاماققا بۇيرۇلدى. مىرزا قاماقتا ۋىدېيو ئېلىشقا بولمىسىمۇ، لېكىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئادەملىرى ۋە ساقچىلار كېلىپ، ۋىدېيوغا ئېلىپ، ئۆمەروۋادىن ۋاز كېچىمەن دېگىن. ئۇلا نېمە ئۈچۈن ئۆمەروۋادىن ۋاز كېچىسەن دەيدۇ. چۈنكى مەن بىلىمەن. ئۆمەروۋا راست گەپنى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاز كېچىسەن دەۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان ئادەم كېرەك. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىنى ئاڭلىمايمەن، مەن قانۇن نېمە دېگەن بولسا شۇنى دەيمەن.» 

ئۆمەروۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەيشەنبە كۈنى بىلاشئوغلىنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل تېرگاۋچىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 19‏-مارت كۈنى ئاستاناغا بېرىپ، سېرىكجاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەروۋا مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېرگاۋچىغا تېلېفون قىلدىم. يەنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ دېلوغا مەسئۇل تەكشۈرگۈچى خادىمىغا. تېلېفون قىلىپ، نېمە بولدى؟ سىز مېنى 19-نەۋروز (مارت) كۈنىگە چاقىرىۋاتىسىز. تېرگاۋ بولىدۇ، يەنى سوراق قىلىنىدۇ. سوراق ئۈستىدە بولۇشقا چاقىرىۋاتىسىز. نېمىشقا مېنى چاقىرتىپ ئالداپ قويۇپ، سىز ئۆزىڭىز بىلاشقا بېرىپ ئېيتىپسىز، ئايمان ئۆمەروۋادىن ۋاز كەچ دەپ. نېمىشقا ماڭا ئۇنداق يالغانچىلىق قىلىسەن، دەپ سورىدىم. تېرگاۋچى ئۇنداق ئىش بولغىنى يوق دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئېيتتىم، ئۇنداق ئىش بولمىسا، ئاۋۇ ۋىدېيونى كىم ئالدى؟ ئۇنداق بولمىسا، نېمىشقا ۋىدېيوغا ئالىسىز، دېدىم. ۋاي، مەن بىلمەيمەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دېدىم: ھەئە، سەن بىلمەيسەن، ئۇ ۋىدېيونى مەن ئالدىممۇ ئەمىسە، ھەممە نەرسە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغۇ ئۇ ۋىدېيودا. قانداق بولغىنى بۇ، دېدىم. لېكىن سوئالىمغا جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن 19‏-مارت كۈنى ئاستاناغا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.» 

لېكىن بىلاشئوغلى ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا يۇقىرىقى ھۆججەتلەرگە قازاقىستان ئامانلىق خادىملىرىنىڭ بېسىمىدا قول قويغانلىقى ۋە ۋىدېيودا سۆزلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «مەن ئادۋوكاتىم ئايمان ئۆمەروۋادىن ھېچقاچان ۋاز كەچمەن ۋە ھېچقانداق بىر جىنايەتنى ئۈستۈمگە ئالمايمەن. مەن ھېچقانداق بىر جىنايەت سادىر قىلغىنىم يوق. مەن ھېچكىمنى جىھادقا چاقىرغىنىم يوق. مەن پەقەت ئاخبارات ئارقىلىق خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدىم. خەلقئاراغا ئۇلارنىڭ قاچان، قەيەردە، نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغانلىقىنى مەلۇم قىلدىم. ھېچقاچان ئوتتۇرىغا زىددىيەت سالغىنىم يوق.» دېگەن. 

بىلاشئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقى، بۇنىڭ بىر «سىياسىي قارار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بىلاشئوغلىنىڭ قازاقىستان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قازاقىستاننىڭ ئۇنى خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىدا تۇتقۇن قىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن،» دېگەن ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/serikjan-bilash-03142019145108.html
Share
2180 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.