logo

trugen jacn
13 مارت 2014

ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم: «مەن مىللەت ۋە دىنىمىزنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئېلىپ ئىككى يىغىنغا كەلدىم!»

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا خوتەندىن كەلگەن خەلق ۋەكىلى ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىمنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە، جۈملىدىن خوتەن خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىككى يىغىنغا سۇنغان بىر قىسىم تەكلىپ-پىكىرلىرى كۇنمىڭ ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئۇ تەكلىپ بويىچە خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگوغا نەزەر» ناملىق مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىدا سۆزلىگەن. مەزكۇر پروگرامما 11-مارت كۈنى ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرى ۋە كەڭ ئاۋام ئارىسىدا زور غۇلغۇلا بولغان.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تۈنۈگۈندىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان زور سەھىپىلىك ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ بۇ قېتىم خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپ-پىكىرلىرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن ئىكەن. خوتەندىكى بىرقانچە مەسچىتنىڭ خاتىپى ھەم بىر دىنىي زات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ ئىككى يىغىندا سۇنغان تەكلىپلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن باشقا ۋەكىللەرگە قارىغاندا ھەم دادىل ھەم خەلقنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

ئابلىمىت داموللا ھاجىم خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ «جۇڭگوغا نەزەر» ناملىق مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «مەن بۇ قېتىم خوتەندىن ئىككى ئېغىر ۋەزىپىنى ئېلىپ زىممەمگە ئېلىپ كەلدىم. بىرى، مىللەت ئۈچۈن سۆزلەش، يەنە بىرى دىنىمىز ئۈچۈن گەپ قىلىش. خەلق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى زىممەمگە يۈكلەنگەن ناھايىتى ئېغىر ئىككى ۋەزىپە دەپ قارايمەن.»

ئۇ ئۆز سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈم بىۋاسىتە ياشاۋاتقان خوتەن رايونى ھەققىدە توختالسام، يەرلىك خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بىر قىيىن مەسىلە بولماقتا. گەرچە ئىش ئورۇنلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوبۇل قىلمايمىز دېمىسىمۇ، لېكىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان كۆچمە نوپۇس ۋە ئىش ئىزدەيدىغانلار ھەددىدىن كۆپ بولغاچقا، يەرلىك مىللەت بالىلىرى بارا-بارا شاللىنىپ قالماقتا. ھازىر ھەممىسى مۇقىملىقنى تەكىتلىمەكتە. جەمئىيەت مۇقىم بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يەرلىك خەلق ۋە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك…»

ئابلىمىت داموللا ھاجىم ئۆز سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز ھېچقاچان مائارىپ بىلەن زىت ئەمەس. ئاللانىڭ كالامى بولغان ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ھەدىسلىرىدە ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، تۆۋەندە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەيدىغان شۇنداقلا مەكتەپلەردە بالىلارنى ئېتىقادتىن توسىدىغان ئىشلار مەۋجۇت بولغاچقا يەرلىك خەلقنىڭ بىر قىسىم پەرزەنتلىرى مەكتەپلەردىن ئۈمىدسىزلەنمەكتە…»

«يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، گەرچە يېڭىدىن ئولتۇراق رايونلار قۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەسچىتلەر يېتىشمەيۋاتىدۇ» دەيدۇ ئابلىمىت داموللا ھاجىم ئۆز سۆزىدە، «خوتەندە ئىلگىرى 1 مىليون 200 مىڭ نوپۇس بولغان بولسا ھازىر 2 يېرىم مىليونغا كۆپەيدى. ئىلگىرىكى مەسچىتلەر كېڭەيتىلمىدى، يېڭى ئولتۇراق رايونلاردا يېڭى مەسچىتلەر سېلىنمىدى. شۇنچە كۆپ يەرلىك مۇسۇلمانلار نەدە ناماز ئوقۇيدۇ؟ خەلق يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بىلەن بىللە كۆچۈپ كىرىدۇ. قان بىلەن سىڭگەن ئېتىقاد جان بىلەن چىقىدۇ! شۇنداقكەن، خەلقنىڭ نورمال ئېتىقادىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شارائىت بولۇشى كېرەك. ئايرودروملاردا تاماكا چېكىدىغانلارغا مەخسۇس ئۆي ھازىرلانغان، ھالبۇكى مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن بىر غۇلاچ جايمۇ يوق. ھەتتا دوختۇرخانىلارغا كىرگەن بىمارلار دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق دېگەن كېلىشىمنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇلار مۇسۇلمان تۇرسا، ھېچكىمگە تەسىر قىلماي ئۆز نامىزىنى ئوقۇغاننىڭ نېرى خاتا!؟ بۇ قىلمىشلار ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىگە ۋە ئاساسىي قانۇنغىمۇ خىلاپ.»

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ablimit-exmettoxti-03122014135427.html

Share
1973 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.