logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ۋەتەنسىزلىكتە نېمە بار


ۋەتەنسىزلىكتە نېمە بار؟ ۋەتەنسىزلىكتە قەلەمكەشلەرگە پۇشمان بار. يازغۇچىلار ۋەتەندە چاغلاردا ئورۇنسىز، مەنتىقىسىز ئەيىپلەشكەن ئىدى، سەن سوپىزىمچى دېسە سەن غەرپچى دېيىشىپ، مۇنبەر مۇنبەرلەردە مۇنازىرە قايناپ كېتەتتى. ھەقىقەتەن سوپى شائىرلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ سوپىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاپاق خوجىنى ئىسلامنىڭ بايراقدارى، قاراخانلارنىڭ كۈيئوغلى قىلىپ لاپ ئۇراتتى. سوپىلىقنى ئاپاق خوجىدەك كۆرۈپ ئۆچ كۆرىدىغانلار، خىتاينى رەت قىلغاندەك رەت قىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ھازىر قارىسام ئىككلا تەرەپ قاماقتا. سوپى يازغۇچىلار ئەسەبىي دەپ تۇتۇلسا سوپىغا قارشىلار بۆلگۈنچى دەپ سولاقلىق.
ۋەتەنسىزلىكتە نېمە بار؟ ئاۋانگارتلارغا ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئاۋامغا ئۆكۈنۈش بار. ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئاۋانگارتلاردىن تەشۋىقات قىلغانلار ۋەتەندىكى ئاۋانگارتلاردىن ماسلاشقانلار ئوخشاشلا ئازاپتا، بىرى مەھبۇسلۇققا مۇددەتلىك كېسىلسە، يەنە بىرى مۇساپىرلىققا مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتتى. ۋەتەندىكى زىددىيەتتە تەرەپ تۇتقانلارغا، يەل بەرگەنلەرگە، چاۋاك چېلىپ تاماششا كۆرگەنلەرگە ۋەتەنسىزلىكتە بىر ھەپتىلىك تاماق ئۈچۈن مىڭ مەرتە ئېگىلىپ پۈكۈلۈش بار. پەرھات تۇرسۇننى «دىنغا ھۇجۇم قىلدى، پەيغەمبىرىمىزگە ھاقارەت قىلدى» دېگەن يالقۇن روزى قانداق كۈن كۆرۈۋاتقان بولسا، پەرھات تۇرسۇنمۇ ئوخشاش كۈن كۆرۈۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدە «دىننى قوغدايمىز» دېگەنلەردىن تاياق يىگەن پەرھات تۇرسۇن ۋە دىننى قوغداش ئۈچۈن پەرھات تۇرسۇنغا قارشى چىقىپ ئاۋامدا ئالقىشلانغان يالقۇن روزى ھازىر ئوخشاشلا قاماقتا خىتاينىڭ تايىقىنى يەۋاتىدۇ.
ۋەتەنسىزلىكتە نېمە بار؟ ئۆلىمالارغا نادامەت بار. ئۇلارمۇ دائىم ئىككى قۇتۇپ بولاتتى. ھازىر قارشى قۇتۇپقا چىقىرىلغان ھۆكۈمەتنىڭ يالاقچىسى، شەيتان دېيىلگەن خوتەندىكى ئابلىمىت داموللام قامالغان تۇرمىدە شۇ كىشىگە شەيتانلىق شاھادەتنامىسىنى سۇنغان ئەللامىلەرمۇ قاپسىلىپ يېتىۋاتىدۇ. سەن بىدئەتچى مەن سۈننەتچى، سەن شىرىكچى مەن تەۋھىتچى دەپ جىدەل قىلىپ يۇرتقا پاتمىغان تەقۋادار سەركىلىرىمىز كامىرلارغا تىپ تىنچ پېتىپ كەتتى. ئامىننى تېشىدا دەيمىزمۇ ئىچىدىمۇ؟ ساقالنى ئۇزۇن قويىمىزمۇ قىسقىمۇ؟ يۈزنى يۆگەيمىزمۇ ئوچۇقمۇ؟ ھۆكۈمەتكە ئىشلەش ھالالمۇ ھاراممۇ؟ دەپ تالاشقان، ھەتتا بىر بىرىنى خىتايغا چېقىشىپ، چىشلىشىپ چاناشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر كېسىلىپ كەتتى.
ۋەتەنسىزلىكتە نېمە بار؟ مەرھۇم ئۇستازلارنىڭ تەلىمىدىن يانغان ھىكمەت، ئىزلىرىدىن قالغان ئىبرەت بار. نورۇزنى ھالال سانىغان داموللاملارنى ئۆلتۈرگەن خىتاي، ھارام سانىغان مەخسۇم ھاجىملارنىمۇ ئامان قويمىدى. قۇرئاننىڭ تەرجىمىسگە تەھرىر بولغان ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇقادىر جالالىدىننى بىز «دىندا ئوقۇمىغان، ساھەيىمىزگە ئارىلاشمىسۇن، قۇرئانغا تەھرىر بولۇشقا سالاھىيىتى يوق» دەپ ئۇلارنىڭ دىندارلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق، خىتاي ئۇلارنىڭ دىندار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ قاماپ قويدى.
ۋەتەنسىزلىكتە نېمە بار؟ تالاشقانلاردىن قالغان بىر ھەقىقەت بار. «زىيالىلار شۇنداقمۇ» دەپ نەزمە يازغان موللامنى تۇتقان خىتاي موللىنى مەسخىرىلىگەن شائىرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. بىز ئايرىدۇق، بىر دەريادىكى ئىككى قاشنى، بىر تىلدىكى ئىككى ياشنى ئىككى دۇنيا، ئىككى پىر بىلىپ پېشىنى تۇتتۇق، ئىككى سەپ بولدۇق، ئەمما خىتاي بىز ئايرىغان سەپلەرنى، قاشلارنى بىرلەشتۈردى. تالاشقانلاردىن بىزگە قالغىنى بىر ھەقىقەت: «سېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇڭ شەكسىز، باشتاق بولساڭمۇ، باش كۆزۈڭنى يۆگىۋالساڭمۇ، ساپايى كۆتۈرىۋالساڭمۇ، قۇرئان يۈدۈۋالساڭمۇ، ساقچى بولساڭمۇ، دەۋەتچى بولساڭمۇ، جەددال يالاقچى بولساڭمۇ، تەقۋادار جىھاتچى بولساڭمۇ، دەھرى مىللەتچى بولساڭمۇ، جاھىل ئۈممەتچى بولساڭمۇ ئۇيغۇردىن تۇغۇلغان بولساڭ، شەرتسىز خىتاي بولالمىساڭ جىنايەتچىسەن».
ۋەتەنسىزلىكنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى كىملىكلىمىز، كىم ئەمەسلىكىمىز، كىم بولالمايدىغانلىقىمىزدۇر. ۋەتەنسىزلىكنىڭ بىزنى ئەڭ ئازاپلايدىغان يېرىمۇ كىملىك كىرزىسى، يەنى بىز ۋەتەنسزىلىكتە كىملىكسىز، بىز ھىچ كىم ئەمەس. بىز ماكانىمزدا ئۈچ كىچىكنىڭ ئاكىسى بولساق، بەش نەۋرىنىڭ ھاممىسى ئىدۇق. ياياق يۈرسەكمۇ يول ئۆزىمىزنىڭ، تاياق يىسەكمۇ چىۋىق بېغىمىزنىڭ ئىدى. ياشاي دېسەك يايلىقىمىز، يايراي دېسەك تېغىمىز بار ئىدى. مانا ئەمدى، كوچىلارنى بىر كۈن كەزسەكمۇ سالام قىلىدىغان، ئاغىرپ بىر يىل ياتساقمۇ سالامەتلىكىمىزنى سورايدىغان ئادەم يوق، بۇندىمۇ ئارتۇق مەۋھۇملۇق بارمۇ؟ شۇڭا بىز تورلاردا ھەر كىمگە ئۆزىمىزنىڭمۇ كىملىكسىز جىن، تىلسىز شەيتان ئەمەسلىكىنى ئادەمگە خاس ئىسىملار بىلەن بولسىمۇ دەپ قويغىمىز، سىنغا چىقىپ كىملىكىمىز بىلدۈرۈپ سۆز قىلغۇمىز، ھۆركىرىگىمىز كېلىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل كىملىكىمىزنى تېخى قولىمىزغا ئالالماي، خەق بەرگەن كىملكىتىن روھىمىزنى تاپالماي، خىتاي بەرگەن كىملىك بىلەن تېخى راھەت بولالمىغاچقا باشقىلارغا قول شىلتىپ تۇرۇپ «كىمۇ سەن!» دەپ ۋارقىرىغىمىز كېلىدۇ. مەقسىتىمىز قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئىتىراپ قىلغۇزۇش، بىلدۈرۈپ قويۇش. چۈنكى ھەممىمىز بىر كىملىك ئىزدەپ يۈرگەن كىملىكسىز مەۋھۇملار.
ۋەتەنسىزلىكتە ئىبرەت، ھىكمەت، ھەقىقەت بار. ئەگەر بۇ ئايرىلىش ئىختىيارىمىز، خاھىشىمىز بولغان بولسا ئىدى، بارغان يېرىمىزدە كەسپىمىز ئاقسا ئىدى، كەيپىمىز ۋە كۆڭلىمىز سەل تەسكىن تاپاتتى. ئەمما كۆپىنچىمىز تەييارلىقسىز سۈرگۈنلەر، قوغلاندىلار، قاچقۇنلار بولغىنىمىز ئۈچۈن كىملىكىمىزنى بىلەلمەي، بېكىتەلمەي، باشقىلارنىڭ كىملىكىنىمۇ ئىتىراپ قىلالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىمىز. شۇڭا ئۆتمۈشتىن ئىبرەت، ئۆتكەنلەردىن ھىكمەت، پاجىئەدىن ھەقىقەت ۋە بىللە ماڭدىغان يول تاپالمايۋاتىمىز.
ۋەتەنسىزلىكتە بەزىلەرنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىمىزنى تاسادىپىلىق، تەقدىر ۋە ۋاقىتلىق ھادىسىلەر سۈپىتىدە كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن. ئەمما بۇ تاسادىپىلىق ئەمەس، ئۇزۇنغا سوزۇلغان پىلان ۋە پىشقان ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى؛ تەقدىر ئەمەس تەدبىرلەرنىڭ تۇتۇرۇقسىز، كونا، چالا، خام ۋە يېتەرسىز بولغانلىقى؛ ۋاقىتلىق ئەمەس، ھەممە ئادەم ئۇزۇنغا چىداپ ھىممەت كۆرسەتمىسە، ھەر ۋاقىت ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، ھارماي ئىزدەنمىسە بولمايدىغانلىقى، چۈنكى دۇچ كەلگىنىمىز بىر مىللەتنىڭ ھەممە ئەزالىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ھايات ماماتلىقتۇر.
مەنچە بۇ ۋەتەنسىزلىكتە مەھرۇم قالغان سەردارلىرىمىزدىن، ئاۋانگارتلاردىن ئالىدىغان ئىبرەت بار. زامانغا، جاھانغا، ھالىمىزغا باقماي قىلغان ئەمەللىرىمىز سەۋەپلىك چېچىلغان بېىنزىنلاردا كۆيگەن ئاتا-ئانىلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، بالىلىقىمىز، بالىلىرىمىز، باراۋەتلىرىمىز بار. خاتالىقلار ھەققىدە ئويلىنىدىغان، مەھرۇملۇقتىكى ئىلاھىي ئەمەس ئەمەلىي، ئىنسانىي سەۋەپلەرنى تاپىدىغان، ئورتاق خاتالىقلار، تەكرار سەۋەنلىكلەرنى ئىزدەيدىغان، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدىغان، ساۋاقلارنى خۇلاسە قىلىدىغان، تارىختىن بېرى بىز ئېرىشەلمىگەن كۈڭۈلدىكىدەك بىر ئىمكان بار دەپ بىلىمەن. مەن بۇ ئورتاق ئايرىلىش، مىسلىسىز تۇتقۇن ۋە مۇددەتسىز ئازاپتا بىزنى خاھىشنى، ئىددىيەنى، دىندارلىقنى بويلاپ قاش ئايرىشتىن تەدبىرنى چۆرىدەپ جۇغلىنىشقا باشلايدىغان، كىشىنى ئاساس قىلغان گورۇھلىشىشتىن ئىشنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقلىشىشقا ئۈندەيدىغان بىر زۆرۈرىيەت بار دەپ قارايمەن. مەن بۇ ۋەتەنسىزلىكتە ئۇزاقتىن تەلپۈنگەن نىشانىمىز ۋە باسىدىغان يوللار ھەققىدە بىرلىكتە پىلانلارنى تۈزۈپ، ئورگانلارنى قۇرۇپ، ئۆملۈكتە ھەرىكەت قىلىدىغان بىر پۇرسەت بار دەپ ھىس قىلىمەن.
2019-يىلى 9-ئاپىرىل.

Share
2616 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.