logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە سوتلانغانلىقى مەلۇم

Abduveli Ayup

 قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 11-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغانلىقى مەلۇم.

ئۇلار «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئاساسلىق 3 نەپەر قۇرغۇچىسى ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان ھازىرغىچە بولغان ئاز كەم بىر يىل جەريانىدا ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەمدە مەزكۇر دېلونىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە دائىرىلەر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. بىرقانچە ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر دېلونى سوت مەھكىمىسىگە يوللىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قاچان ۋە قەيەردە سوت ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى.

بۈگۈن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇلارغا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئوچۇق سوت 7-ئاينىڭ 11-كۈنى (جۈمە كۈنى) ئەتىگەن سائەت 8:00 دە باشلىنىپ تاكى چۈشتىن كېيىنگىچە داۋاملاشقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل ئۈچەيلەن ساقچىلارنىڭ قاراۋۇللۇقىدا سوت مەيدانىغا ئېلىپ كېرىلگەن.

ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سوت مەيدانىدا تۇنجى قېتىم ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈشۈشىگە ياكى سۆزلىشىشكە يول قويۇلمىغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار پەقەتلا باش لىڭشىتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سالام بېرەلىگەن.

سوت جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا ياكى كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە دېيىشىگە پۇرسەت بېرىلمىگەن. ئۇلار ئۈچەيلەنگە ۋاكالىتەن پەقەت ئادۋوكاتلار زاكونلاشقان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇغقىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت جەريانىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچەيلەن «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» ۋە «ئومۇمنىڭ مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش» دېگەندەك ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئادۋوكاتنىڭ سوتتىن كېيىن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشىچە، ئەگەردە بۇ ئۈچەيلەن پەقەتلا ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنسە، ئۇ چاغدا ئۇلارغا بېرىلىدىغان قاماق جازاسى نىسبەتەن يېنىكرەك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق سوتتا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچەيلەنگە ئاخىرقى جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنمىغان، بەلكى ھۆكۈمنىڭ 15 كۈن ئىچىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

سوتقا قاتناشقانلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەيپىياتى بۇرۇنقى ھالىتىدىن كۆپ ئۆزگەرمىگەن. دىليار ئوبۇلنىڭ بۇرۇنقىدىن بىرئاز سەمرىگەندەك كۆرۈنگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىششىق ياكى باشقا سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بەدەن ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى سوت مەيدانىدىكىلەر ئېنىق جەزم قىلالمىغان. مۇھەممەت سىدىقنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاپ كەتكەنلىكى سېزىلگەن.

بۇ قېتىملىق سوت ئوچۇق-ئاشكارا ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە بۇ ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. سوتقا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئانىسى، ئايالى، ئاكا-ئاچىلىرى شۇنداقلا ئۈرۈمچىگە كېلەلىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان.

ھازىر ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل ئۈچەيلەننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى كۈتمەكتە ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/abduweli-ayup-07242014152057.html

Share
1602 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.