logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: زۇلۇم سېنى قەھرىمان قىلدى

يۈسۈپجان، ئەلجەزىرە كەچمىشىڭنى كۆرۈرمەنلەرگە چېچىۋەتتى، بەزىلەرنىڭ سۆزلىرىڭدىن قەترە، مەرۋايىتلارنى سۈزۈپ ئەزىزلىشى، يەنە بەزىلەرنىڭ زەھەر يۇتقاندەك تولغىنىپ كېتىشى تەبىئىي. بولۇپمۇ سېنىڭ ۋىجدانىڭنى چەيلەپ، ئەقلىڭنى كىرا قىلماقچى بولغان ئابدۇشۈكۈرنىڭ سۆزلىرىڭدىن قان يۇتقىنى ئېنىق. ئۇ ساڭا ھاقارەت قىلدى، ھەتتا سېنى تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ كېتىمەن دەپ تەھدىت سالدى، ئەمما سەن مۇرەسسەسىز قارشىلىقنى، ھەقنى سۆزلەشنى داۋام قىلىۋاتىسەن.
يۈسۈپجان، خىتايدىكى ساقچىلاردىن توختىماي كېلىۋاتقان، تۈركىيە دېگەن قانچىلىك يەر ئىدى، سېنىڭ جېنىڭ ئالقىنىمىزدا دېگەن ئاۋازلار ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى ئىزتىراپقا سالىدۇ. ئەمما سەن خەقتەك ئىككىلەنمىدىڭ، قورقمىدىڭ، سەنسىز قالغان ئايالىڭغا، رەقىپنىڭ ئالدىدىكى تېخى ئىككى ياشقا كىرمىگەن قىزىڭغا، سەن ئۈچۈن چېچىنى سۈپۈرگە قىلغان ئاچاڭغا ۋە ساڭا بارلىقىنى بېغىشلىغان ئاناڭغا كېلىدىغان خەتەرنى بىلىپ تۇرۇپ زۇلۇمنى پاش قىلدىڭ، ھەقنى سۆزلىدىڭ، ھەقىقەتكە شاھىت بولدۇڭ. سەن قارا بايراق، قارا يۈرەكلەرگە ياللانما مۇجاھىت بولۇشنى رەت قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تېرورچى دۆلەتكە قارشى ھەقىقى جىھاتنى قىلدىڭ.
يۈسۈپجان، تېنى ساغلام دىلى كېسەل بەزىلەر سېنىڭ جاسارىتىڭدىن تىترەپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مەسۇم ۋىجدانلارغا ۋىرۇس تارقاتقۇچى ئاتامانلىرى پاش بولۇشتىن قورقۇپ تىپىرلاپ كەتتى. بەزىلەر سېنىڭ تاراملاپ تۆكۈلگەن ياشلىرىڭدىن شۇ سۈزۈك قەترىلەرنىڭ كانى بولغان قەلبىڭنى كۆرسە، بەزىلەر كىرلەنگەن تۇيغۇلىرىنى ئاشۇ غۇبارسىز تامچىلار بىلەن تازىلىدى، يەنە بەزىلەر سېنىڭ جاسارىتىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى، ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ خەققە تىزلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قالدى.
بىلىمەن، يۇيۇلۇپ ئەينەكتەك پارقىرىغان قەلبىڭگە زېغىردەك شۈبھىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. سويمىدەك بېشىڭغا چۈشكەن گۇمان تاشلىرى سېنى بىئارام قىلىدۇ. ئەمما چىدىۋەت، شۇنداق كىشىلەر باركى، گۇمان ئۇلارنىڭ ئىمانىنى، ۋىجدانىنى يەپ كەتكەن، ئۇلار گۇمانغا ئىقتىدا قىلىدۇ، گۇماندا ئىستىقامەت قىلىدۇ. گۇمانخور كىشىلەر چاشقانغا ئوخشايدۇ، يوشۇرۇن يۈرىدۇ، ھەممە يەردە تىمسىقلايدۇ، ئوچۇقتىن، يورۇقتىن قورقىدۇ، قەيەرنى جاھالەت، نادانلىق، خوراپات باسسا ئۇلار شۇ يەردە قىمشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاۋۇغان يەرنى نەس باسىدۇ. شۇنداقلار ساڭا ھەسەت قىلىدۇ، چۈنكى سەن سايناغا ئاشكارە چىقىپ بۈركۈتكە ئايلاندىڭ.
يۈسۈپجان، تومۇزدىكى پاجىئەدە قىرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىڭغا چىدىمىدىڭ. سەن قىساس ئالماقچى، ئافغانىستاندا مەشىق قىلىپ قوشۇن باشلاپ كىرمەكچى بولدۇڭ. ئەمما 2010-يىلى سەپەرگە چىقار چىقماي تۇتۇلدۇڭ. سەن قاماقتىن ئوقۇپ تاۋلىنىپ چىقتىڭ، دوستۇم نىياز قاھارنىڭ كامىردا ئۇيغۇر تارىخىدىن بەرگەن دەرسىنى ھاياتىڭغا چىراق ياققان ئامەت سانىدىڭ. زۇلۇمغا قارشى ئىرادەڭ كۈچلەندى، زالىمغا زاۋالنى ئىرادە قىلدىڭ.
يۇسۇپجان، يوشۇرۇپ يۈرمە، سەن بىرىنجى قېتىم چەتئەلگە ماڭغاندا ئوقۇشقا ئاتلانغان ئەمەس، ھىچ كىم تاجىكىستاندا ئوقۇمايدۇ، سەن مۇجاھىت بولىمەن دەپ چىققان. سېنىڭ مۇجاھىت دېگىنىڭ تالىبانچە ياكى ئەلقائىدىچە ياللانما جەڭچى ئەمەس ھۆرلۈك جەڭچىسى دېگىنىڭ. سەنلا ئەمەس، سۈرىيەگە كەلگەن مىڭلىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ئەسلى ئەسەتكە قارشى مۇجاھىت بولغىلى ئەمەس، شۇ يەردە مەشىق قىلىپ ئافغانىستاندىن خىتايغا ئوت ئاچقىلى چىققان. بىز ھاڭ ئالدىغا قىستالغان مەزلۇم مىللەت، بىزنىڭ زۇلۇمغا قارشى ھەر قانداق يولنى تاللاش ھوقۇقىمىز بار. بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز، خۇددى خىتاي بىزگە زۇلۇم سالغاندا دۇنيانىڭ مەسلىھەتىگە سالمىغاندەك، بىزمۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا خەقنىڭ قاش قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرمايمىز.
يۈسۈپجان، شاھادەت شەربىتى ئىچەلمىدىم دەيسەن، شاھادەت ھالاكەت ئەمەس، شاھادەت چوقۇم جەڭ مەيدانىدا، سۈرىيەدە، ئىراقتا ۋە ياكى ئافغانىستاندا ئۆلۈش ئەمەس. شېھىت بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈش شەرت ئەمەس. زۇلۇمغا قارشى شاھىت بولۇش، زالىمنىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش، مانا مەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، مانا مەن زۇلۇمغا قارشى، مانا مەن ئانامنىڭ داۋاگەرى، مانا مەن مەزلۇم مىللىتىمنىڭ ئەرىزدارى دەپ جاكارلاشمۇ شاھادەتتۇر. زۇلۇم سېنى زۇلمەتكە شاھىت قىلدى، زۇلۇم سېنى ئۇيغۇرغا قەھرىمان قىلدى ئىنىم.

Share
1595 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.