logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: دۇنيانىڭ سۇئالى ۋە جاۋابىمىز

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: دۇنيانىڭ سۇئالى ۋە جاۋابىمىز

 

بۈگۈنكى دۇنيادا بىزدىن سورۇلىۋاتقان بىرىنجى سۇئال، نېمە بولدۇڭلار؟ بىز شۇنىڭغا يالغاننى قوشماي، كۆپتۈرمەي جاۋاپ بەرسەك بىزگە زۇلۇم بولدى، بىز قىرغىنغا دۇچ كەلدۇق دەيمىز. ئىككىنچى سۇئال، بۇنى قانداق بىلىسەن؟ بۇ سۇئالغا بىرىنجى قېتىم پاكىتنى دەيمىز، مەسىلەن، ئاچام، سىڭلىم، ئاكام تۇتۇلۇپ كەتتى. ئاندىن ئاڭلىغاننى سۆزلەيمىز. دوستلۇرۇمدىن ئەخمەت، تۇرسۇن، سەمەتنىڭ مەھەللىسىدە مانچە ئادەم تۇتۇلۇپتۇ. قېنى قايسىمىز بىرىنجى سۇئالغا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلدۇق! دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى قايسىمىز ئىككىنجى سۇئالغا ئاكام مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەشنىڭ كوماندىرى شۇ دەپ بەردى دېگەن جاۋاپنى بېرىمىز؟
ئۈچىنجى سۇئال، ئۇلار نېمىشقا تۇتۇلدى؟ جاۋاب كۆپىنچە، بىلمەيمەن، ھىچ گۇناھىي يوق، دىھقان ئىدى، ياكى ئۆمرىدە جىنايەتكە يېقىن يولىمىغان كادىر ئىدى. قايسىمىز بۇ سۇئالغا مېنىڭ ئاكام مۇستىقىللىق تەلەپ قىلاتتى، خىتاي دۆلىتىنى بۆلمەكچى ئىدى؟ خەلىپىلىك قۇرماقچى ئىدى. پۈتۈن دۇنياغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلماقچى بولۇپ قولىغا قوال ئالغان دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى كىم مۇشۇ كۈنگىچە شۇ جاۋاپنى بېرىپ باقتى؟

سىلەرنىڭ خىتاينىڭ قەيەرىدە ياشايسىلەر، نوپۇسۇڭلار قانچىلىك، ھازىرقى خىتايدىكى سالاھىيىتىڭلار نېمە؟ دەپ سورالسا، بىزنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنى بويىچە مىللەتلىك ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىمىز بار ئىدى. ئەمما خىتاي بىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن بۇلارنى بېرىمىز دەپ قانۇنغا يېزىپ قويۇپ بەرمىدى، مەسىلەن، بىزنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز بار ئىدى، بۇ ئاساسى قانۇن بەرگەن ھوقۇق ئىدى. بىزنىڭ شەخس سۈپىتىدە پۇقرالىق ھوقۇقىمىز بار ئىدى، ئەمما ھىچ بىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى. بىز ئاپتونۇمىيە قانۇنى بويىچە پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجايىن، ھەتتا ساقچى قوشۇنى قۇرالايتۇق، مەدەنىيەتلىرىمىزنى قوغدىيالايتۇق، يەر ئۈستى ۋە ئاستى بايلىقلارنى كونترول قىلالايتۇق، ئەمما بۇلاردىن مەھرۇم قالدۇق. بىز بىر پۇقرا سۈپىتىدە ئەركىن ياشاش، ئىشلەش، كۆچۈش، سۆزلەش، تەشكىللىنىش، نەشىر قىلىش، ئىتىقات قىلىش قاتارلىق پۇقرالىق ھوقۇقلىرىغا ئىگە ئىدۇق، ئامما بۇنىڭدىن قۇرۇق قالدۇق. (بۇ سۇئالنىڭ سورلىشى دۇنيادا ھىچ بىر سالاھىيىتى يوق مىللەتلەر كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن بېرىمادىكى روھىنگالار، كۇۋەيتتىكى شىئەلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىمۇ يوق، سانىمۇ ئېلىنمايدۇ).
بۇ سۇئاللاردىن كېيىن مۇخپىر ياكى سىياسىيۇننىڭ كاللىسىدا ھەق ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان، مىللەت ۋە شەخس سۈپىتىدە خەتەردە قالغان ھالەتمىز كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. بىز ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان بىر ئادەم، يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بىر مىللەت سۈپىتىدە زاھىر بولىمىز.
ئىنتايىن ئاز ئۇيغۇردىن ئەڭ ئاخرىدا سىياسىيۇنلار «بىز نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دەپ سورايدۇ. ئامېرىكا سىياسىيۇنلىرىنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ سۇئالغا دۇچ كەلگەن تاھىر ھامۇت ئۈچ نوقتىنى دېگەن بىرىنجىسى «پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىلوسىنى قولايلاشتۇرۇش» ئىدى.
نېمىشقا تاھىر ھامۇت مۇستەقىللىق ئېلىپ بېرىڭلاردەپ شۇئار توۋلىمايدۇ؟ چۈنكى ئاقمايدۇ، تاھىر ھامۇت ئامېرىكىنىڭ شۇئارغا مۇستەقىللىق بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ھىچ بىر دۆلەت مۇشۇ كۈنگىچە ھىچ بىر ئاشكارە خەلقئارالىق سورۇندا بىر ئۇيغۇر سىياسىيۇندىن سىلەر ئاپتونۇمىيە ئالامسىلەر، مۇستەقىللىق ئالامسىلەر، بىرنى تاللاپ ئالدىمغا كېلىڭلار؟ دەپ سورىمىدى. بۇنداق تاللاشنى ھىچ بىر ئۇيغۇرغا بېرىلمىدى. بۇنى پەقەت ، مۇخپىرلار ئۇيغۇر سىياسىيەتچىلەردىن، قىزىقىپ، مۇنازىرە چىقىرىپ سورايدۇ. مەندىن، سىزدىن ۋە ئۇنىڭدىن بۇ سۇئاللار سورالمايدۇ.

مۇخپىرلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىدا ئىشلەيدىغانلاردىن مۇستەقىللىق، ئاپتونۇمىيە ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە دېگەندەك سۇئاللارنى سورايدۇ؟ بىرى شۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىي غايىسىنى بىلىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى مۇخپىر سۈرگۈندىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان پاجىيەلەر، پارتلاشلار ۋە توقۇنىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوقمۇ دېگەننى بىلىش ئۈچۈن سورايدۇ. سەۋەبى خىتاي دۇنياغا سىرىتقى دۈشمەن كۈچلەر، دىن ۋە مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خەلقنى كۈشكۈرتۈپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز شۇ كۈچلەرنىڭ دامىغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك، تېرورچىلىق ۋە ئەسەبىيلىك دېگەندەك ئىلىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ، خەلقئارادا ھەم قانۇنسىز بولغان ھەرىكەتلەردىن توسۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتىمىز دەيدۇ. مۇخپىرلارغا مۇشۇنىڭ سەۋەبى موھىم.

مۇخپىر سورىغا سۇئالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، بولماسلىقى، ئاپتۇنۇمىيە ياكى ئۆز تەقدرىنى ئۆزى بەلگىلەش بىلەن پەقەت مۇناسىۋىتى يوق. مۇخپىرلارغا جاۋاپ مەقسەت ئەمەس، مۇخپىرنىڭ مەقسىتى خەۋەر تارقىتىش.

دۇنيا بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلمەيتتى، لاگىرلاردىن چىققان دات پەريات، ئازاپ ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى نېرۋىلارنى جىددىيلەشتۈردى. شۇڭا تۇيۇقسىز دىققەت بىزگە تىكىلدى. ھەممە ئۇيغۇر داۋاگەرگە ئايلاندۇق. دۇنيا بىزدىن توختىماي سوراشقا باشلىدى. بىز يىللاردىن بۇيان دەۋاتقان داۋا ئەمدى باشلاندى، چۈنكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدا بىر ئەرىز. بۇ ئەرزىمىز سالاھىيىتىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. تەلەپلەر خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە خىتاي قانۇنى بويىچە قويۇلغان بولۇشى ، تارتىۋېلىنغان ھوقۇقلار داۋا قىلىنىشى كېرەك.
ھەممىمىز دەۋاگەر، ئەمما سىياسىيۇن ئەمەس، كۆپىمىز تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەس، ئۇنداق بولغاندىكىن، شەخسلەردىن سورىغان زۇلۇمغا ئۇچرىغانغا ئائىت سۇئالغا تەشكىلاتنىڭ، سىياسىيۇنلارنىڭ جاۋابىنى بېرىش بىھاجەت. سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە، ئالدى بىلەن سۇئالنى چۈشىنىش كېرەك. ئاندىن سورىغۇچى مەندىن بىر ئادەم دەپ تۇرۇپ سورىدىمۇ، بىر تەشكىلات دەپ تۇرۇپ سورىدىمۇ، بىلىش كېرەك.

دۇنيا ھەر بىر ئۇيغۇردىن ساڭا نېمە بولدى، خىتاي نېمە قىلدى؟ قېرىنداشلىرىڭنى قانۇنسىز تۇتقۇندىن قانداق قۇتقۇزىمىز دېگەن سۇئاللارنىلا سوراۋاتىدۇ. شۇنداقكەن نېمە بىز نېمە ئۈچۈن ھىچ كىم سورىمىغان سۇئالنىڭ جاۋابى بولغان ئاپتونۇمىيە، مۇستەقىللىق تالاش تارتىشىدا قالىمىز؟ بۇنى بىزدىن كىم سورىدى؟ كىم قويدى شۇ تاللاشنى ئالدىمىزغا؟

ئەگەر ھەممىمىز، مەن تەشكىلات رەھبىرىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلىمۇ دەڭسىمەي، قاماقتىكى ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى چەتئەلدە بولامدۇ، ئىتىراپ قىلىنامدۇ، ئىتىراپ قىلىنسا نېمە قىلالايدۇ ئويلىماي، سۇئاللار نېمە بولسۇن، كىم سورىسۇن، نەدە سورىسۇن، قانداق مەقسەتتە سورىسۇن كۆزىمىزنى يۇمۇپلا جاۋاپنى «ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق كېرەك» دەپ دەۋەرسەك، بىزگە بولۇۋاتقان زۇلۇمنىڭ سەۋەبى مۇستەقىللىق بولمىغانلىقلا دېسەك مەسىلە ھەل بولامدۇ؟
مەسىلە ھەل بولسۇن بولمىسۇن بىزگە مۇستەقىللىق كېرەكمۇ دەپ چىڭ تۇرغانمۇ بولايلى، ئۇنداقتا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرمىلەردە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقى سەۋەپلىك ياتقانلىقىنى داۋا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قىلغان نامايىشلىرى، مۇستەقىللىق پارتىيەسى قۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئارمىيەسى قۇرۇپ قىلغان ھەرىكەتلىرى سەۋەپلىك جەھەننەم ئازابىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاتلاشقا توغرا كېلىدۇ، كىم ئىسپات بېرىدۇ؟. بۇنى ئىسپاتلىيالمىساق، ئۇنداق بولمىسا تۈرمىگە كىرگەن قېرىنداشلارنىڭ ھايات ياكى تىرىكلىكىنى بىلمىگەن ئادەم ئۇلارغا مۇستەقىللىق كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى بىز نەدىن بىلىۋالدۇق؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ دېگەننى نەگە بارساق يادىلاپ تالىشىپ يۈرىمىز؟ بۇ جاۋاپ دۇنيا بىزدىن سوراۋاتقان قايسى سۇئالنىڭ جاۋابى؟

Share
2876 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.