logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: خىتاي مېنى ئانا تىل مەكتىپى ئاچتىڭ دەپ 15 ئايلىق تۈرمىگە سولىدى

image (2)

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۈگۈن يەنى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنقەرەدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى دەپ ئەيىبلەپ 15 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئەمما، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى سەۋەب ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە 2005-يىلى تۇنجى قېتىم ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقتىدا پەيدا بولغانلىقىنى، 2009-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا كۈچلەنگەنلىكىنى، 2010-يىلى 3-ئايدا ئانا تىلدا مەكتەپ ئېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، 2011-يىلى 6-ئايدا ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى:

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى «سىز سوتتا نېمە دەپ ئەيىبلەندىڭىز ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۇتۇش بۇيرۇقىدا مەبلەغنى ساختا مەلۇم قىلىش جىنايىتى دەپ يېزىلغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭغا قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش جىنايىتىنى قوشۇپ ئەيىبلەپ، 15 ئاي قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، قانۇنسىز مەبلەغ يىغمىغانلىقىنى، ئەسلى سەۋەبنىڭ ئانا تىل مەكتىپى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/abduweli-ayup-01072016154356.html

Share
1529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.