logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئۇيغۇر سادام

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

توقسىنىنجى يىللاردىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى بولغان مەزگىل ئىدى. مەھەللە دوقمۇشلىرىدا، كىشىلەر يىغىلغان سورۇندا سادامنىڭ باتۇرلۇقى، «كاپىرلار» بىلەن تىز پۈكمەي جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ھېكايە قىلىناتتى. ئازراق دىنىي ساۋاتى بولغانلار ۋە گەپدانلار بۇ ھېكايىگە ئايەت-ھەدىسلەرنى قوشۇپ جانلاندۇراتتى. قۇلاق موللىسى بولۇپ كۆنگەن جامائەت ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلىق تالىشىش، كۈچ سىنىشىش ۋە تاجاۋۇزچىلىق تىپىدىكى ئۇرۇشنى ئاددىيلا قىلىپ «مۇسۇلمان» ۋە «كاپىر» لارنىڭ قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرى دەپ خۇلاسىلىشەتتى. شۇڭلاشقا سادام تەبىئىيلا مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىپ تەرىپلىنەتتى. ھەتتا بالىلارغا «سادام» دەپ ئىسىممۇ قويۇلغان ئىدى. شۇ يىلى ناھىيىدىكى بەزى جامائەت ئىراققا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاشلىق توپلىغان بولۇپ يەرلىك ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئالالماي ئەۋەتەلمىگەن ئىكەن. شۇ يىللاردا ناھىيىدىكى ئازنا مەسچىتتە پار يوق ئىدى. (ھازىرغىچە يوق ئىكەن). ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان تالىپ قۇرداشلار دائىم ئۆپكىسىگە سوغۇق تەگكۈزىۋالامدۇ، قىشىچە ئۇلارنىڭ ھەر جۈمە بەس-بەستە يۆتەلگىنىنى ئاڭلايتتىم. مەسچىتكە ئوت قالانمىغاچ جۈمە خۇتبىسىدە پۇتلار مۇزلاپ كېتەتتى. شۇ سوغۇقنىڭ ئاچچىقىغا پايلىماي سادامغا ئاشلىق يىغقاندىن مەسچىتكە كۆمۈر يىغساقچۇ، دەپ غۇدۇرىغىنىم ئېسىمدە.

98-يىلى ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئوقۇش جەريانىدا كوچىلاردىكى توپ-توپ مايلامچى بالىلارغا دىققەت قىلدىم. تەكشۈرۈپ بايقىدىمكى، بىر قانچىسىنىڭ ئىسمى مەسلىھەتلىشىپ قويغاندەك «سادام» ئىكەن. بۇ مايلامچى سەبىيلەر كوچىلاردا ساندۇقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ خېرىدار چاقىرىشاتتى. بەزىدە خېرىدار تالىشىپ بىر-بىرىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن سەتلىشەتتى. بىر كۈنى ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتىم، بىرى چوڭراق، يەنە بىرى ئەمدىلا يەتتە-سەككىزلەردە باردەك كۆرۈنىدىغان ئىككى مايلامچى بالا تىللىشىپ كەتتى. چوڭراق بىرى كىچىكىنىڭ ساندۇقىنى ئېلىپلا يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا ئاتتى. بالا ساندۇقىغا قاراپ يۈگىرىشى بىلەن قارشى تەرەپتىن ئوقتەك كەلگەن بىر ماشىنىنىڭ قاتتىق تورمۇزلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. «ئاپلا!» دەپ قوزۇقتەك قېتىپلا قاپتىمەن. ئېسىمگە كەلسەم، بالا قان ئىچىدە يېتىپتۇ. نەلەردىندۇ يېتىپ كەلگەن دادا بالىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ، خۇددى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن يۈرەك پارىسىنى ئويغاتماقچى بولغاندەك «سادام! سادام!» دەپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى، جەسەتكە قاراپ پەرياد ئۇراتتى!

شۇندىن كېيىن بىر مەسۇم ئاتىنىڭ «سادام! سادام» دېگەن پەريادى قۇلاقلىرىمدىن، قان ئىچىدە ياتقان بالىنىڭ ئاق پىشماق غۇبارسىز يۈزى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. 2006-يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى سادام دارغا ئېسىلدى. ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئىراق ئۇرۇشىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. بىر تەرەپ سادامنى «مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانى، سۈننىيلەرنىڭ ھامىيسى» دەپ ھىمايە قىلسا، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى «مۇستەبىت، قانخور» دەپ ئەيىبلەيتتى. مۇنبەردىكى ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇشتىن پەرقى ئىككىلا تەرەپ قورالسىز، ئامالسىز ئىدى. «ئەگەر ئۇلارنىڭ قولىدا كومپيۇتېر بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، تانكا ۋە سىنارەتلەر بولغان بولسا ئىدى…» دەپ ئويلاپ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىدىم…

مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، يىگىرمە يىل بۇرۇن مەھەللىمىزدە ساۋاتسىز دېھقانلار پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنى «كاپىرلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ئۇرۇش» دەپ قانداق خۇلاسە قىلغان بولسا، ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئىلىملىك ياشلارمۇ مۇنازىرىدە ئۇرۇشتىن ئوخشاش يەكۈن چىقىرىپ ئولتۇرۇشاتتى. مەنچە، پەرقلىق دەۋردىكى كىشىلەر مەسىلىگە زامان، ماكان ۋە پاكىتلارنى نەزەرگە ئالماستىن، ئەقىدە نۇقتىسىدىن قارىغاچقا، خۇلاسە ئەمەلىيەتكە ئەمەس، «ئەقىدە» گە ئۇيغۇن چىقىۋاتاتتى. چۈنكى، مەسىلىگە ئەقىدە نۇقتىسىدىن قاراۋاتقانلار ئۇرۇشقا سەۋەب بولۇۋاتقان بايلىق تالىشىش، مىللىي مەنپەئەت توقۇنۇشى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، رايون زومىگەرلىكى، مەزھەپ زىددىيىتى قاتارلىق ئامىللارنى تەھلىل قىلمايتتى ۋە ھېسابقا ئالمايتتى. مۇنازىرىگە ئارىلاشقۇم كەلمەيتتى، پەقەت سادامنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسىلا ھېلىقى «سادام» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئۇيغۇر بالىنىڭ قان ئىچىدە ياتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى.

2014-يىلى كۈزدە مەھبۇسلۇق كۈنلىرىمنى كۆكتاغ قاماقخانىسىدا ساناشقا مەجبۇر بولدۇم. كامىرىدىكى ئېكرانىنى بىر قەۋەت قېلىن چاڭ قاپلىغان تېلېۋىزور ماڭا ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنەتتى. چۈنكى، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرلا قانىلى چىقىدىغان بۇ كۆرۈمسىز «ساندۇق» تىن «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» دېگەن خەت كۆرۈنگەن ھامان ئەتىدىن كەچكىچە قېتىپ ئولتۇرۇشتىن قۇتۇلاتتۇق. شۇ چاغلاردا «ئىسلام دۆلىتى» سۈرىيە ۋە ئىراقتا راسا كېڭىيىۋاتقان بولۇپ ھەر كۈنى پارتلاش، ھەر كۈنى قان ئېكراندىن يىراق كەتمەيتتى. كامىرىدىكى خىتايلار تېررورلۇققا دائىر كۆرۈنۈش چىقىپ بولغۇچە ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ قارىشاتتى. بىر كۈنى بىر خىتاي:
-سىلەر ئىراقلىقلار بىلەن بىر مىللەتمۇ، سادام قەھرىمانمۇ؟ -دەپ سورىدى. شۇئان كامىرىدىكى چىرىلىق بىر ئاكىمىز:
-ھەئە، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت، سادام دېگەن مۇشۇنداق ئادەم، -دەپ باشمالتىقىنى چىقاردى. قالغان خىتايلار خۇددى چىرىلىق ئاكىمىزنىڭ شۇنداق دېيىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك مۇسۇلمانلارنى «ئىتتىپاقسىز، قالاق، ياۋۇز» دېيىشىپ كەتتى. بەزىلىرى سادامنىڭ خېمىيەلىك، بىئولوگىيەلىك قوراللار بىلەن قىلغان قىرغىنچىلىقىنى مىسال قىلىپ قايناپ كەتتى. ئاكىمىز خىتايچىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «خېمىيەلىك قورال»، «بىئولوگىيەلىك قورال» دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ گېپىنى تولۇق چۈشىنەلمىدى. چۈشەنگەن بولسا بەلكى سادامنى ئاقلاپ بىر قەپەس مۇنازىرە قىلىۋەتكەن بولاتتى. سادامنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن قان ئىچىدە ياتقان ھېلىقى بالا يەنە كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. خىتايلارغا سادامنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى دەيمىكىن دەپ بولدى قىلدىم. چۈنكى، سادامنىڭ بىز بىلەن بىر مىللەت ئەمەسلىكىنى خىتايلارغا چۈشەندۈرەلىگەن بىلەن، كامىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ چىرىلىق ئاكىمىزغا ئۇقتۇرالمايتتىم. ئۇقتۇراي دېسەم، كامىرىدا سادامنىڭ بىز بىلەن بىر مىللەت ياكى ئەمەسلىكى مۇنازىرە قىلىناتتى-دە، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشقانلىقىمىز ئۈچۈن ئازار يەيتتۇق. بۇ ئاكىمىزدەك تۇتۇلغانلار ئۇيغۇرنىڭمۇ بىر مۇستەقىل مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايتتى، ئۇلار دۇنيادا «كاپىر» ۋە «مۇسۇلمان» دەپ ئىككىلا مىللەت بار دەپ قارايتتى.

خىتاي مەھبۇسلار سادامنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ھەققىدىكى پاراڭدىن كېيىن، سۆز-ھەرىكىتىمىزنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىشقا باشلىدى. تېلېۋىزوردا ئىراق، ئافغانىستان، سۈرىيەلەردىكى ئۆلۈش-ئۆلتۈرۈشلەرگە ئائىت خەۋەرلەر قانچە كۆپەيسە، خىتاي مەھبۇسلارنىڭ بىزگە مۇئامىلىسى شۇنچە يامانلايتتى. مەندىن باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلار خىتايلارنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدە دېيىشىۋاتقان ناتوغرا باھالىرى، ئەپسانىۋى گەپلىرى ۋە تۆھمەتلىرىنى ئۇقالمىغاچ ئازاپلانمايتتى. ئۇلار پەقەت خەۋەردىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ قانچىسىنىڭ «مۇسۇلمان»، قانچىسىنىڭ «كاپىر» ئىكەنلىكىنى سورايتتى. مەن بۇنداق سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم. چۈنكى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنمۇ-ئۆلتۈرگەنمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەيتتى. ئۇرۇشۇۋاتقانلار ئىچىدە كورتلار، تۈركمەنلەر، ئەرەبلەر دېگەندەك مىللەتلەر؛ سۇننى، شىئە، يەزىدى قاتارلىق مەزھەپلەر بار ئىدى. كامىردىكىلەرگە بۇنداق كۆپ قۇتۇپلۇق ۋەزىيەتنى چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. چۈنكى، ئۇلارغا دۇنيا «مۇسۇلمان» ۋە «كاپىر» دىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپلۇق كۆرۈنەتتى. بۇ ھالدا بىزدىن بولمىغان كىشى چوقۇم «كاپىر» بولۇشى، «كاپىر» بولمىغان ئادەم بىزدىن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەنتىقىسى بويىچە سادامنى «ئۇيغۇر» دېمەي بولمايتتى

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/uyghur-sadam-03142017130029.html

Share
1413 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.