logo

trugen jacn

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى: ئىستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆز مېيىمىز بىلەن ئۆز گۆشىمىزنى قورۇش ئىكەن

تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزالىرى 1945-يىلى، 22-ئاپرېل كۈنى ئىستالىنغا ياردەم سوراپ خەت ئەۋەتكەن شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ئاندرېي ۋىشىنسكىيمۇ شۇ يىلى 29-ئاپرېل كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرىدىن ئىستالىن ۋە مولوتوفقا دوكلات يوللاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللاشنى ھەم ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىستالىن 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىنى كۈتۈپ، يۇقىرىقىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە كەڭ دائىرىدە ياردەم كۆرسىتىش تەلەپ ۋە لايىھەلىرىنى بىردىنلا تەستىقلىمىغان ئىدى. 0:00

ﺋﺎﯕﻼﺵ
ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئىستالىن ئۈچۈن يالتادا ئېرىشكەن مەنپەئەتلەر ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ خىتاي تەرەپ بىلەن ئايرىم شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق بۇ مەنپەئەتلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا بەكرەك ئىنتىلگەن. ۋەھالەنكى، جاڭ كەيشى ئىستالىن بىلەن كېلىشىم تۈزۈش يولىغا ئاسانلىقچە ماڭمىغان ئەھۋالدا، ئاخىرى ئىستالىن ھۆكۈمىتى 4 ئايلىق كۈتۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي قوشۇنلىرىغا قارشى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە ياردەم كۆرسىتىش تاكتىكىسىنى قوللاندى. سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىستالىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى جاڭ كەيشىگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن 1945-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنى 15مىڭ كىشىگە يەتكۈدەك دەرىجىدە قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا بىلەن تولۇق قوراللاندۇرۇش، ياردەم ئۈچۈن قىزىل ئارمىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن بولغان 2000 ئەسكەر ۋە 500 ئوفىتسېرنى ئەۋەتىش ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈرەشنى جەنۇبقا ۋە ئوتتۇرا، شىمالى يۆنىلىشلەرگە كېڭەيتىشىگە ياردەم كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى قارار قىلدى. 

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەزكۇر مەخپىي قارار ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئەسلى نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بىلەن ئېلان قىلىندى. سوۋېت كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەنە شۇ قارارىدىن كېيىنلا ئۇزۇن ئۆتمەي مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئۈچ فرونت بويىچە ھۇجۇم باشلىدى.

مىللىي ئارمىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بىردىنلا كۈچىيىشى ۋە شۇنىڭدەك ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي تەرەپكە بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى كۈچلۈك تەكلىپى نەتىجىسىدە، خىتاي تەرەپ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلگەن بولۇپ، 1945-يىلى، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مەسئۇلى سوڭ زىۋېن ۋە جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگو باشلىغان ھەيئەت موسكۋاغا كېلىپ، ئىستالىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كىرىشتى. ئەمما سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ جىددىيلىشىشى جەريانىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋەردى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپ ئىستالىننىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، يەنى مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش تەلىپىگە قوشۇلماسلىق يولىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ھەتتا ئىستالىن سۆھبەتنى ئۈزۈپمۇ قويدى، ئۇلار ئارىسىدىكى سۆھبەت ئىلگىرى-ئاخىرى 10 نەچچە قېتىمدىن ئاشتى.

تاكى 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان كۆپ قېتىملىق سۆھبەتتە تاشقى موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيە مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ ئىستالىننىڭ شەرتىگە كۆنمىگەن ئەھۋالدا، مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى ھۇجۇملىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، شىمالدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنى ئازاد قىلدى، جىڭ ۋە شىخۇ ئالدىنقى سېپىگە يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. جەنۇبقا بىر پارتىزان قوشۇنى ئەۋەتىلىپ، ئۇلار 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ باشلىرىدا باي ناھىيەسىنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلدى. مانا شۇنداق ئەھۋالدا، 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرى سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى موسكۋادا ئىمزالىنىپ، جاڭ كەيشى ئىستالىننىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل كېلىش بىلەن بىرگە ئىستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللىماسلىق ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوزغىلاڭلارنى قوللىماسلىققا ماقۇل بولدى.

گەرچە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما مىللىي ئارمىيە ھۇجۇملىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇپ، جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ماناس دەرياسىغا بويىغا كەلگەندە، ياپونىيە رەسمىي تەسلىم بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئىستالىن ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى توختىتىپ قويۇلدى. 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2003-يىلى ھايات ۋاقتىدا ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا يالتا كېلىشىمى ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشلىرىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇلار مۇنداق كېلىشىملەردىن پەقەت 1945-يىلى، 8-ئايدا سوۋېت-خىتاي شەرتنامىسى ئىمزالانغان ۋە ئارقىدىن ئىستالىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بېسىم قىلغاندىن كېيىنلا خەۋەر تاپقان ھەم ئىستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتىنىمۇ چۈشەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى پەقەت يالتا كېلىشىمىگىلا باغلاشقا بولمايدۇ، ئىستالىننىڭ نىيىتى ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا ياردەم بېرىش ئەمەس بولۇپ، ئىستالىن باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆز پىلانلىرى ئۈچۈن پايدىلانغان خالاس، ئۇلا بۇ نۇقتىنى كېيىن چۈشىنىش يەتكەن.

ئومۇمەن، سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن 1944‏-يىلى باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر دەۋرىگە يول ئېچىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئىنقىلابچىلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا 4 يىللىق تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى: «ئىستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتى بىزنى ئالداپ، ئۆز مېيىمىز بىلەن ئۆز گۆشىمىزنى قورۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئەسلىدە مەيلى ئەلىخان تۆرەم بولسۇن، ئەخمەت ئەپەندى بولسۇن ھەممىمىز سوۋېت ھۆكۈمىتىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەن ئىدۇق، چۈنكى، سوۋېت ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزغا ياردەم بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى، بىراق ئىستالىن ئاخىرىدا بىزگە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەكېلىپ بەردى» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1914-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1944-يىلى، ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە 7-نويابىر كۈنى پارتلىغان غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە باش كاتىپ بولۇپ سايلانغان. ئۇ 1960-يىللىرى ئائىلىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېلىپ ئالمۇتادا ياشىغان، 2005-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى 91 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىدى.

ھەقىقەتەن، 1949-يىلىنىڭ 8-10-ئايلىرى ئارىسىدا ئىستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشىغا يول ئاچقان ۋە ياردەم بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە، بەش يىللىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان. 1949-يىلى 12-ئايدا ماۋ زېدوڭ موسكۋاغا بېرىپ، ئىستالىن بىلەن سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئايلانغان.

https://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/istalin-meqsiti-02072019171624.html
Share
1134 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.