logo

trugen jacn

ئابدۇراخمان: ۋىدىيودىكى خىتايچە سۆزلىتىلىۋاتقان بالا مېنىڭ ئۆز ئوغلۇم

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان ۋە ئۇ خىتايدىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن تونۇۋالغان ئوغلى ئابدۇلئەزىز.

فەيسبوكتا ئۇيغۇرلار تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا تۈركىيەدە يەنە بىر ئاتا، خىتايدىن تارقىتىلغان بىر ۋىدىيودىن ئۆز ئوغلىنى تونۇۋالغان. خىتايچە داۋيۇ دېتالى ئارقىلىق تارقالغان بۇ ۋىدىيودا 4 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا خىتايچە سۆزلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىسمىنى ئابدۇلئەزىز دەپ ئېنىق ئېيتقان. ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئۆز ئوغلىنى تونۇۋالغان ئابدۇراخماننى ئىستانبۇلدىن تېپىپ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ تەمىنلىگەن ئىسپاتلار ۋىدىيودىكى بالىنىڭ ئابدۇراخماننىڭ ئىستانبۇلدا-2014-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان ۋە ئىككى يىل ئاۋۋال ئاپىسى بىلەن يۇرتى ئاقسۇغا قايتقانچە خەۋىرى بولماي كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇلئازىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ئىكەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

15 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدىيودا «سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟قانچە ياشقا كىردىڭ؟ ۋەتىنىڭنىڭ نامى نېمە؟ ۋەتەننىڭ بايرىقىڭ قانداق؟ دەپ خىتايچە سورالغان سوئاللارغا خىتايچە چاققانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان قوي كۆزلۈك، بودرۇققىنە ئابدۇئەزىزنىڭ بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى ياكى يېتەكچىگە جاۋاب بېرىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى، بۇ قىسقىغىنە ۋىدىيونىڭ ئاخىرى تاماقنى نەدىن يەيسەن؟ دېگەن سوئالغا بالىنىڭ يۆتىلىپ تۇرۇپ «ئەخلەت ساندۇقىدىن» دەپ بەرگەن جاۋابى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسىدە مېڭە يۇيۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بۇ نارەسىدىنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى قىلالماي كېلىۋاتقان يۈرەك پارىسى، ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ قېلىش ئابدۇراخمان ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز بىر خورلۇق، ئاچچىق ئازابلارنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىكەن.

«ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنىم بۇ بالامنى خىتايلاشتۇرۇپ بىر كۈنلىرى ئۆزۈمگە دۈشمەن قىلىۋېتەرمۇ، ئەمدى ئۇنى يەنە كۆرەلەرمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن» دەپ ئۈنسىز ياش تۆككەن بۇ ياش ئاتا ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان، ئۆزى كۆتۈرۈپ باققان چاغلىرىنى ئەسلىدى.

ئابدۇراخماننىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلىرىغا قارىغاندا، ئابدۇلئەزىز 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۈركىيەدە ئىش-ئوقەتنىڭ تايىنى يوق، بالىلارنى تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتكۈزۈش قىيىن بولۇشتەك تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردا قالغان ئەھۋالدا ئاخىرى ئۇنىڭ ئايالى بالىلارنى ئېلىپ يۇرتى ئاقسۇغا تۇغقان يوقلاشقا كەتكەن. ئەنە شۇندىن بۇيان ئۇلاردىن خەۋەر ئالالماي كەلگەن ئابدۇراخمان، ئوغلىنىڭ ۋىدىيوسىنى 10 كۈنلەر ئاۋۋال تۇيۇقسىز خىتاينىڭ داۋيۇ دېگەن ئۇچۇر ئالاقە دېتالىدىن كۆرۈپ قالغان. ئۇ، ۋىدىيو تارقاتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، ئابدۇراخمان بۇ قىسقا ۋىدىيو ئارقىلىق گەرچە ئوغلىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەدە، قانداق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە باشقا قېرىنداشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

ئابدۇراخماننىڭ ئايالى پەرىدە ياسىن، ئابدۇلئەزىز 2 ياش چېغىدا ئۇنىڭدىن چوڭ قىزى ۋە بوۋاق كەنجى قىزى بولۇپ 3 بالىسىغا خىتاي كونسۇلىدىن خىتاي پاسپورتى ئىشلىتىپ، 2016-يىلى 8-ئايدا ئۇلارنى يۇرتقا ئېلىپ ماڭغان ئىكەن. ئەپسۇس ئۇلارنىڭ يۇرتقا قايتقان پەيتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنى قاتتىق تەقىبگە ئېلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن. پەرىدە ياسىن 10 يىللىق كېسىلگەن ۋە شۇندىن ئېتىبارەن بالىلارنىڭمۇ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۆتكەن ئايدا ئىستانبۇلدا قەلبىنۇر تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خوتەندىكى مەلۇم پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ ۋىدىيوسى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق غايىب قىزى ئايشەنى تونۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۇ خىلدىكى ھېكايىلەر كۆپىيىپ بارماقتا، بۇ كىشىلەرنىڭ رېئال پاجىئەلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى كەڭ دائىرىدە قامىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان پاجىئەلىرىنىڭ چوڭقۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

يۇرتى ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزىسى يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدىن بولغان ئابدۇراخمان توختىنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسى بالا بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئايالى، قېرىنداشلىرى لاگېرلاردا، تۈرمىلەردە تۇرماقتا، ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان ئەۋلادلىرى بولسا ئىز-دېرەكسىز بولماقتا. ئابدۇراخمان توختىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ داۋامىنى كېلەركىن قېتىملىق پروگراممىدا ئاڭلىغايسىلەر.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/xitaylashturush-02042019140751.html

Share
1362 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.