logo

trugen jacn

ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى رەت قىلىنغان

image

 قۇتلان

دائىرىلەر ئادۋوكات لى فاڭپىڭنى تۆنۈگۈن تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.

تۆنۈگۈندىن بۇيان ئادۋوكات لى فاڭپىڭ بىلەن ۋاڭ يۈنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۈرۈمچىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىلھام توختى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكەنلىكى دۇنياۋىي تاراتقۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىن ئورۇن ئالدى.

بۈگۈن ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇتقۇندىكى يولدىشى ئىلھام توختى ھەققىدە تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى دەلىللىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ تۆنۈگۈن ئادۋوكات لى فاڭپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى، يولدىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى:

«تۆنۈگۈن ئادۋوكات لى فاڭپىڭ يولدىشىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىلىپ بەزى ئەھۋاللارنى دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يولدىشىم 16 كىلوگرام ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، تاماقتىن قىينالغان ۋە روھىي جەھەتتىنمۇ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولسا كېرەك. ئادۋوكات يولدىشىم بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىككى قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ. بىرىنچى قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ش ئۇ ئا ر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلغان چاغدا يولدىشىم 10 كۈن تاماق تاشلاپتۇ. ئىككىنچى قېتىم 3 – ئاينىڭ باشلىرىدا تاماق تاشلاپتۇ.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئادۋوكات تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا يولدىشىم بىلەن 4 – 5 سائەتتەك سۆزلىشىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گەرچە يولدىشىم ئورۇقلاپ جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىدە چىڭ تۇرىۋېتىپتۇ. ئادۋوكات ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا چىڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئادۋوكات يەنە ئىلھام بىلەن بىللە تۇتۇلغان ئوقۇغۇچى بالىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دائىرىلەر بىلەن سۆزلەشكەن ئوخشايدۇ. ئۇ تېلېفوندا ئىلھامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئەنسىرىمەسلىكىمنى تاپىلىدى. ئۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى مەن بېيجىڭغا قايتىپ بارغاندا دەيمەن. بۈگۈن ئىلھام بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. كۆرۈشەلىسەم شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قايتىمەن دېگەن ئىدى. لېكىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ تېلېفونى يوق. قارىغاندا، ئۇ ئىككىنچى قېتىم كۆرىشەلمىگەن ئوخشايدۇ.»

گۈزەلنۇر خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ شۇ يەردە يولدىشىم بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. بۇ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئىكەن، رەسمىي تۈرمە ئەمەسكەن. يولدىشىمنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق كېسىلى يوق ئىدى، ئۇ ساغلام ۋە روھىي جەھەتتىنمۇ جۇشقۇن بىر ئەر كىشى. ئادۋوكاتنىڭ دېيىشىچە، گەرچە ئۇ ئورۇقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى يامان ئەمەسكەن. ئەمما يەنىلا ئەنسىرەپ تۇرىۋاتىمەن. بەزى ئەھۋاللارنى ئادۋوكات ماڭا دېمىدىمۇ، بىلمىدىم. چۈنكى 16 كىلو ئورۇقلاپ كېتىش ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكىلەرنىڭ يولدىشىمغا چوشقا مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان تاماقنى بەرگەنلىكىنى ئادۋوكات ئۈندىدار ئارقىلىق تورغا مەلۇم قىلدى. بۇ ئىش يولدىشىمنىڭ تاماق تاشلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ئەگەر بۇ ئەھۋال يالغان بولسا، يولدىشىم ھەرگىزمۇ بۇ گەپنى ئېغىزغا ئالمىغان ھەم ئادۋوكاتمۇ بۇنى تورغا يازمىغان بولاتتى.»

«مەن ئادۋوكاتتىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كۆرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بار – يوقلىقىنى سورىدىم، ھازىر ئىلھامنىڭ ئانىسى كېسەل. ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە قان بېسىمى بار. مەن لى فاڭپىڭغا مېنى كۆرۈشتۈرمىسىمۇ، لېكىن قېينىئانام بىلەن بالىلىرىمنى ئىلھام بىلەن كۆرۈشتۈرسە دەپ تەلەپ قىلدىم. چۈنكى ئۇ دېگەن ئانا. ئانىنىڭ قەلبىنى مەن ئوبدان چۈشىنىمەن. لېكىن دائىرىلەر ھازىرچە پەقەت ئادۋوكاتنىڭلا كۆرۈشۈش ھوقۇقى بار، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كۆرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ دەپتۇ. لى فاڭپىڭ ئاتۇشقا بېرىپ قېينىئانامنى كۆرۈپ كەپتۇ.»

«ئادۋوكات تېلېفوندا ماڭا ھازىرچە جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، ھەممە ئەھۋاللارنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندە دەيمەن دېدى. ئۇ بەزى ئەھۋاللارنى بىرىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە تولۇق ئۇقالمىدىم، ھازىر ئىككىنچى قېتىم ئىلھام بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. كۆرۈشۈپ بولساملا بېيجىڭغا قايتىمەن دېدى.»

گۈزەلنۇر خانىم ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يولدىشىم بۇ يىل 1 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆيىمىزدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان، مەيلى بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ياكى مەكتەپ رەھبەرلىكى بولسۇن، بۇ ھەقتە مېنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقمىدى. مېنىڭ ياكى بالىلىرىمنىڭ شۇنداقلا باشقا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنىڭ شۇندىن بۇيان ئىلھام بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى. قىزىم ھازىر ئامېرىكىدا، ئۆيدە ئىككى كىچىك بالام بىلەن يالغۇز قالدىم. ھەقىقەتەن ماڭا ئېغىر كەلدى. لېكىن مەن پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى يولدىشىمنىڭ تۇتقان يولىنى توغرا دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنى قوللاپ كەلگەنمەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-tohti-06272014231513.html

Share
1571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.