logo

trugen jacn

ئاسىيە ئۇيغۇر: ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەقىللىق

ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەقىللىق!

ئاسىيە ئۇيغۇر

خەلقئارا قانۇندا <كىشىلىك ھوقۇق بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ>دەپ بەلگىلەنگەن. ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن>تۇرالامدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملارنى شەرقىي تۈركىستان تېرىتورىيىسىدىكى باشقا خەلقلەر ئۇچرىغان زۇلۇملار بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش ئىمكانى بارمۇ؟ ئۇنداقتا بىز بۇ ھەقتە توختىلىپ كۆرەيلى:

تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىلىككە قارشى كۆرەشلىرى، ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋاز كېچىلمىگەن، توختىمىغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى سەۋەب ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە ھۆرلۈك ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگۈچىلەر يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغان.
تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىلىككە قارشى كۆرەشلىرى، ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋاز كېچىلمىگەن، توختىمىغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى سەۋەب ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە ھۆرلۈك ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگۈچىلەر يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغان. ئرنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىىپ، مىللىي ئارمىيە تارقىتىۋېتىلگەن شۇ دەۋرلەردە ئەكسىلئىنقىلاپچىلارغا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۆرەشلىرىگە قاتناشقان ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن قەھرىمانلىرىمىز، مىللىي ئارمىيە ئەسكەر ، ئوففېتسېرلىرىنى……….تۇتقۇن قىلىپ ۋە ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قىرىلىپ تۈگۈشى ۋە چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. كېيىنكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئۇيغۇرلارنى تاشقىي دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىش بىلەن بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. كۇرمىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يوقىتلدى ۋەيران قىلىندى. 1978-يىلى ئامېرىكا پرېزدېنتى نېكسوننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە شۇ چاغدىكى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى كېسسىنگېرنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولىشى خىتاي ۋەزىيىتىدە قىسمەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان . ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋەتىنىمىزدە قىسقا مۇددەتلىك گۈللىنىش دەۋرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىغان. شۇ دەۋردىكى خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىن خىتاي رەھبەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش تەكلىپى 1949-يىلى ۋەتىنىمىزگە 100مىڭ خىتاي ئەسكىرى بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قاتىل ۋاڭ جېننىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى قايتىدىن يامانلاشقان.
<1985-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى>، <بارىن ۋەقەسى>، <غۇلجا ۋەقەسى>، <ئۈرۈمچى ۋەقەسى>، <قاغىلىق ۋەقەسى>، <ئاقسۇ ۋەقەسى>، <يەكەن ۋەقەسى>، <كورلا ۋەقەسى>، <تۇرپان ۋەقەسى>……………قاتارلىق توختىماي يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقلاردا ھاياتىدىن، ئائىلىسىدىن، جانلىرى ۋە ماللىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلىگەنلەر دەل ئۇيغۇرلاردۇر!
تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا ئاتون سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدە ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، جانلىرىدىن ئايرىلغان، مېيىپ بولغان كىشىلەر، ئاتون سىنىقى سەۋەبلىك مېيىپ تۇغۇلۇشقا مەجبۇر بولغان بالىلار،قەستەن نامراتلاشتۇرۇلغان ، يەرلىرى تارتىۋېلىنغان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قانۇنسىز نازارىتىگە مەھكۇم بولغان، قۇل قىلىنغانلار دەل ئۇيغۇرلاردۇر!
1953-يىلىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 87پرېسەنت نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان زور ساندىن، 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 46%نى تەشكىل قىلىدىغان دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن خەلقمۇ دەل ئۇيغۇرلاردۇر!
خىتاينىڭ 1960-يىللاردىلا باشلىغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تەجرىبىسى ۋە كېيىنكى ئورگان سودىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر!
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن قەستەن يۇيۇملاندۇرۇلۇپ يوقىتىلغان ساناقسىز كىشىلەر دەل ئۇيغۇرلاردۇر!
<خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش>نامىدا <تېرورلۇق >بۆھتانى چاپلىنىپ 20يىلغا يېقىن رەھىمسىز قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرمۇ دەل ئۇيغۇرلاردۇر!
<رادىكاللىقنى تۈگىتىش>، <ئۇچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىش>، <قايتا تەربىيىلەش> ناملىرىدا ئېرقىي يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلارمۇ يەنىلا شۇ بىچارە، بەخستسىز ئۇيغۇرلاردۇر!
ۋەتەنسىزلىكتە ھەتتا قېرىنداشلىرى تەرىپىدىنمۇ يۈز ئۆرۈلگەن، دىنداشلىرى تەرىپىدىنمۇ تاشلىۋېتىلگەن، مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھېچبىر دۆلەت بىلەن ئالاقىسى بولمىغانلقى ئۈچۈن ئىگىسىز سانىلىپ، <ئۇيغۇر بولغانلقىڭنىڭ ئۆزى گۇناھ! >دېيىلىپ يوقىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دەل ئۇيغۇرلاردۇر!
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قولىدا ئۇچرىغان زۇلۇملىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگىتىش، قەلەم بىلەن يېزىپ تۈگىتىش، ئېغىز بىلەن سۆزلەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر!
بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمىز! گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى خىتاي تېرىتورىيىسى ئىچىدىكى خىتاي خەلقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەرگىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ زۇلۇملارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان 70يىللىق زۇلۇملار بىلەن پەرقى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقىنى ئۇيغۇر خەلقىنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش مەقسەت قىلىنغان ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدۇر! بۇ جىنايەت ئەلۋەتتە تىبەت مىللىتى ئۈستىدە يۈز بەرگەن ۋە بۈگۈن خوڭ كوڭلۇقلار ئۈستىدىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ!
بىز قازاقىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدا قازاقىستان پاسپورتى بولغانلىقى، قازاقىستان بىلەن زەررىچە ئالاقىسى بولغانلىقى، قازاق مىللىتى بولغانلىقى سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ مىسىر گىراجدانى بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، تۇرسۇناينىڭ قازاقىستانلىق ئېرى بولغانلىقى سەۋەب قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، گۇلباھارنىڭ قازاقىستان گىراجدانى بولغانلىقى سەۋەب قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى…………………..ئاڭلىدۇق، ئەمما ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ، خىتاي گىراجدانى بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىپ چەتئەلگە چىقالىغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق! ئەكسىچە، چەتئەلگە چىقالىغان شاھىتلار ئاغزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ <ئۇيغۇر بولۇشىنىڭ ئۆز بىر گۇناھ>ھېسابلىنىپ ئىنسانلىقتىن چىققان ئېغىر زۇلۇمدا خورلىنىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى ئاڭلىدۇق!
بىز ئۇچرىغان قىسمەتلەر بىز بىلەن بىرگە ياشىغان ھېچبىر خەلقلەرنىڭ قىسمەتلىرىگە ئوخشىغان ئەمەس! ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىكى خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەزكۇر جىنايەتكە لايىق جازاغا ئۇچرىشى كېرەك! ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇم ھەرقانداق شەكىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئورتاق ئۇچرىغان زۇلمى، يەنى ھاكېمىيەتنىڭ خەلققە قىلغان زۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلماسلىقى كېرەك!
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى ئەلۋەتتە شۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ياشىغان باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا خىتاي جىنايىتىگە شېرىك بولغان ۋە ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 50پرېسەنتىنى تەشكىل قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ئالدىمىزغا چوڭ سوئال بولۇپ قويۇلۇشى مۇمكىن.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دۇنيا كۈن تەرتىپى بەلگىلەنگەندىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە مىللەتلەرنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلار ئاساسەن مۇستەقىل بولغان. يەنى ئۇلار تارىختىن بۇيان شۇ زېمىندا دۆلەت قۇرغانمۇ يوق؟ مۇستەملىكە قىلىنغانمۇ يوق؟ بۇ سوئاللارغا كۆرە، <بۇ خەلق زادى ئېرقىي يوقتىشقا ئۇچرىدىمۇ يوق؟ >، <ئىنسان ھەقلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ!>قاراشلىرى بەكرەك قوللاشقا ئېرئشكەن ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قانۇنىي ئاساس بولغان.
مۇستەقىللىق يەتكىلى بولمايدىغان يىراق مەنزىل ئەمەس! ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارا سەھنىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ، خىتاي ھاكېمىيتىىگە ئېرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلۇش ۋە ھۆرلۈك، ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇشى مۇمكىن!
ئاشكارىلانغان قاراقاش ھۆججەتلىرىدىكى 3000غا يېقىن كىشىلەرنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى ۋە لاگىرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاخىرىدا شۇنى دېمەكچىمەنكى سېربىيە دۆلىتىگە تەۋە بولغان بىر زېمىندا مۇستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دەل ئالبانلارنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنغانلىقى ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەب يۈز بەرگەن. ئەمما كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرى ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقى، دېمۇكراتىك دۆلەت تۈزۈمىدە ياشاۋاتقانلىقى سەۋەبلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن. مەيلى تارىختا قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمىز، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارانىڭ ياردېمىگە ئېرىشىش ۋە خىتايدىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلۇش ئارزۇلىرىمىزنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ!
مەن ئۆتكەن يىلى يازغان <كوسوۋو، كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئارزۇسى ۋە خەلقئارا قانۇنلار ئۈستىدە ئىزدىنىش>ناملىق ماقالەمدە خەلقئارا سوتتا بىر ھاكېمىيەتنى سوتقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن قانداق تەرتىپلەر ۋە قانچىلىك ئىسپاتلارنى ھازىرلاش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي توختىلىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش جەريانلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن.( قىزىققۇچىلار بۇ ماقالەمنى قايتا كۆرۈپ چىقسا بولىدۇhttp://turkistantimes.com/m/news-10828.html) . يەنى دېمەكچىمەنكى، مۇستەقىللىق نەزىرىيە ۋە شۇئارلارغىلا ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ جىنايىتىنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغان كۈچلۈك ئىسپاتقا ۋە بۇ ئىسپاتلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ياردېمىگە ئېرىششكە ئېھتىياجلىقتۇر! ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى چوقۇم ئۇيغۇرنىڭ ئاغزى ۋە ئۇيغۇرنىڭ نامى بىلەن خەلقئارا سەھنىگە چۈشىنىشلىك، ئېنىق، ئىسپاتلىق سۆزلەپ بېرىش ۋە قايىل قىلىشتۇر! خەلقئارا سوتقا خىتاي ھاكېمىيىتىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن تارتىپ چىقىرىشتۇر!

Share
505 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.