logo

trugen jacn

گىنگرىچ بىلەن سۆھبەت-2

گىنگرىچ بىلەن سۆھبەت

(2) پرېزىدېنت رېگاننىڭ كونسېرۋاتىپلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈچ مۇۋەپپەقىيىتى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن بىلمەسجان

ئىلاۋە: يېقىندا ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلىرىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، سابىق پارلامېنت باشلىقى نيۇت گىنگرىچ (Newt Gingrich) نىڭ «ترامپ بىلەن خىتاينىڭ ئېلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتىگە يۈزلىنىش» (Trump vs. China: facing American’s greatest threat) ناملىق يېڭى كىتابى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، گىنگرىچنىڭ بۇ يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى دەۋر كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنى چۈشىنىش كېرەك.
زىيارەت قىلغۇچى: ۋاڭ ۋېي («ئۈمىد ساداسى» ئىستانسىسىىنىڭ مۇخبىرى)

[2019-يىلى 5- نويابىر] «ئۈمىد ساداسى»نىڭ تەجرىبىلىك رىياسەتچىسى فاڭ ۋېي گىنگرىچنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، بۇ بىر يۈرۈش ماقالە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. گىنگرچنىڭ بۇ يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى دەۋر كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرى ھەم شۇنداقلا ھەر قايسىسىنىڭ ئوينىغان رولىنى چۈشىنىش كېرەك. (بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىنغان) بۇ ماقالە ئالدىنقى قىسمىنىڭ داۋامىدۇر.
رونالد رېگان: كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتقان ئىككىنچى ۋەكىللىك شەخس
پرېزىدېنت رېگان ئاجايىپ ئۆزگىچە ئادەم بولۇپ، پەقەت رېگان ھەققىدىلا توختالساق، ئىككى نۆۋەتلىك پروگرامما قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر ئۇلۇغ ئالاقە قىلغۇچى (A Great Communicator)، سۆز قىلىشقا ئىنتايىن ئۇستا، سۆزلىرى مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىي، قىزىقارلىق قىلىپ چۈشەندۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ناھايىتى يۇمۇرىستىك. مەن تۈنۈگۈن جياڭ فېڭ (Jiang feng) نىڭ پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا كېيىنچە رېگاننىڭ قىزىقارلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلەشكە توغرا كەلسە ئىككى نۆۋەتلىك پروگرامما بولىدىغانلىقىنى، ئېيتتىم.
رېگان ناھايىتى قىزىقارلىق ئادەم بولۇپ، كالىفورنىيە شىتات باشلىقلىق سايلام رىقابىتىدە ئۇ ئىككى ۋىۋىسكىنى كۆتۈرۈپ چىققان، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىككى سىياسى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، رېگاننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىرىنچى سىياسى قارىشى: پاراۋانلىققا تايىنىۋالغان ئەبلەخلەرنى خىزمىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؛ ئىككىنچىسى: بىز چوقۇم كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بېركېلېي (Berkeley) شۆبىسىنى يىغىشتۇرىشىمىز كېرەك.
ئۇ چاغدا ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قارشى كەيپىيات ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىۋاتقان، ئاياللار ھوقۇقى، دېموكراتىيە، … قاتارلىقلارنى تەرغىب قىلىۋاتقان بولۇپ، بېركېلېي (Berkeley) نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس تاشلاپ، ئەينى دەۋردىكى ئامېرىكىنىڭ «قىزىل قوغدىغۇچىلىرى» غا ئوخشاپ قالغان ئىدى. نەتىجىدە رېگان كالىفورنىيەنىڭ 2200 خەلق ساقچىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بېسىقتۇرغان ئىدى. رېگان مۇشۇ ئىككى چاقىرىقنى ئىشلەتكەن، ئاڭلىماققا ھازىرقى پرېزىدېنت ترامپقا ئوخشامدىكەن؟ رېگان ناھايىتى يۈرەكلىك گەپ قىلاتتى، قۇرۇپ گەپلىرى ئانچە يوقتى، «پاراۋانلىققا تايىنىۋالغان ئەبلەخلەرنى خىزمىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بېركېلېي (Berkeley) نى يىغىشتۇرۇش كېرەك.» دېگەندەك گەپلىرى بىلەن باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىنمۇ قورقمايتتى.
رېگان ئىككى قېتىم ئۇدا كالىفورنىيە شىتات باشلىقى بولغاندىن كېيىن، 1980- يىلى جىمىي كارتېر (Jimmy Carter) نى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان بولۇپ، كونسېرۋاتىزمچى ئىككىنچى ۋەكىللىك شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ۋاقىتتا، بىر پىشقەدەم كونسېرۋاتور مۇنداق دېگەن: بىز بۇ ئادەمنى 1964- يىلىلا تاللاپ بولغان، نەتىجىدە 16 يىل سايلام بېلىتى سانىدۇق، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ چىقتى. بۇ گەپنىڭ مەنىسى: 1964- يىلى كونسېرۋاتىپلار گولدۋوتېر (Barry Goldwater) نى پرېزىدېنتلىققا سايلاتقۇزماقچى بولغان، 16 يىلدىن كېيىن رونالد رېگان بۇ ئورۇنغا چىقالىدى.
پرېزىدېنت رېگاننىڭ كونسېرۋاتىزمنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈچ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى
بىرىنچى مۇۋەپپەقىيىتى بولسا ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن گۈللەندۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى ئامېرىكىنىڭ «تەمىنات ئىقتىسادشۇناسلىقى» (خىتايچە: 供应学派، ئىنگىلىزچە: Supply-side Economics)، ياكى «رېگان ئىقتىسادشۇناسلىقى»، ياكى ئوچۇق ئېيتقاندا «ئادام سىمىس ئىقتىسادشۇناسلىقى» (Adam Smith) بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا ئارىلاشماسلىقىنى، قولىنى ئىقتىسادىي ساھەگە سۇنماسلىقىنى، بازار تەمىنات ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا باجنى، قائىدە-نىزاملارنى، ھۆكۈمەت ھەجىمىنى كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تۈر بولسا پرېزىدېنت ترامپ ھازىر يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ كونسېرۋاتىزمنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت پرىنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ يىلتىزى بىر.
ئىككىنچى مۇۋەپپەقىيىتى بولسا سوغۇق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. ئامېرىكىنىڭ كونسېرۋاتىپچى پرېزدېنتلىرىنىڭ ۋە كونسېرۋاتىپچى ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىكى بار: ئۇلار كوممۇنىزمغا ئىنتايىن قارشى تۇرىدۇ، كوممۇنىزمنى ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكى، قىممەت قارىشى ۋە ئاساسىي قانۇنى بىلەن تىغمۇ تىغ قارشىلىشىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئۈچىنچى مۇۋەپپەقىيىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى قايتىدىن يالقۇنجىتىپ، ئامېرىكىدىن پەخىرلىنىدىغان قىلدى.
مانا بۇ پرېزىدېنت رېگاننىڭ كونسېرۋاتىزمنى گۈللەندۈرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق نەتىجىسى. ئۇ پرېزىدېنت بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا مۇنداق ئىككى ئېغىز سۆزنى قىلغان بولۇپ، ئۇنى قايتا ئەسكە ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇ بولسىمۇ: ھۆكۈمەت بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلىمىز ئەمەس، دەل ئەكسىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. بۈگۈن پرېزىدېنت ترامپمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلدى: ھۆكۈمەتكە چوقۇنماڭلار، تەڭرىگە چوقۇنۇڭلار. تومۇرداشلىق كونسېرۋاتىزمچىلارنىڭ ئورتاق ئىدىيىسىدۇر. رېگاننىڭ ئىككىنچى ئېغىز سۆزى ناھايىتى زور زىلزىلە پەيدا قىلغان، ئۇ بولسىمۇ ئەركىنلىك ئىنتايىن ئاجىز نەرسە، بىر ئەۋلادتىن كېيىن يوقىلىشى مۇمكىن (Freedom is a fragile thing and is never more than one generation away from extinction). ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن :«ئەركىنلىك ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراس ئەمەس، ئۇ سەندە تەبىئىي بولىدۇ، ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى لازىم.»
29- ئۆكتەبىر گىنگرىچ جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ شۇ چاغدا :«كالىفورنىيىگە كەلسەم توك توختاپ كېتىپتۇ، ئوت ھەممە يەرگە يامراپتۇ، ئىككى مىليون ئادەم توكسىز قاپتۇ، بىز ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئوخشاپ قاپتۇق.» دېدى. ئۇ يەنە :«مېنىڭچە كالىفورنىيە بارا-بارا ۋېنېسۇئېلا (Venezuela) غا ئوخشاپ قېلىۋىتىپتۇ.» دېدى. شۇ چاغدا مەن پرېزىدېنت رېگاننىڭ «ئەركىنلىك ئىنتايىن ئاجىز نەرسە، ئەگەر ئۇنى قوغدىيالمىساڭ، بىر ئەۋلادتىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن.» دېگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم. ۋېنېسۇئېلانى دەل بىر ئەۋلاد كىشىلەر يوقاتتى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر دەيدۇكى: ئەركىنلىك بىكاردىن بىكارغىلا كەلمەيدۇ (Freedom is not free). (بۇ ھازىرقى پاجىئەلىك ئەھۋالىمىزغا بىپەرۋالىق بىلەن سۈكۈت قىلغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن دورا بولغۇدەك سۆزكەن. تەرجىماندىن.)
پارلامېنت (دۆلەت مەجلىسى) نىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتكەن نيۇت گىنگرىچ (Newt Gingrich): كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئۈچىنچى ۋەكىللىك شەخس
ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئۈچىنچى ۋەكىللىك شەخس بىز زىيارەت قىلىۋاتقان باش قەھرىمان نيۇت گىنگرىچتۇر. گىنگرىچ جورجىيە (Georgia) شىتاتلىق بولۇپ، 15 يېشىدا دادىسىغا ئەگىشىپ فىرانىسيىنىڭ ئورلېئان (Orléans) دېگەن يېرىغا بارغان. (دادىسى ئامېرىكىنىڭ كەسپىي ھەربىيسى بولۇپ، نۇرغۇن ئۇرۇشقا قاتناشقان.) كېيىن بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ – ۋېردۇن (Verdun) جېڭى بولغان يەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغان. بۇ جەڭ 9 ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، 600 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. شۇ ۋاقىتتا، بۇ دۆلەت خاراكتېرلىك ئاپەت گىنگرىچقا قاتتىق تەسىر قىلغان. ئۇ :«ھەر بىر دۆلەتتە خەتەرلىك شارائىتتا دۆلىتىنى قۇتقۇزىدىغان، دۆلىتىنى قوغدايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر بولۇش كېرەك.» دېگەن. ئۇ ئۆزىنى شۇنداق بۇرچى بار دەپ قارىغان.
كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپتە تارىخ پەنلىرى ئۈگەنگەن، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنىمۇ تارىخ پەنلىرى بويىچە ئالغان، ئاندىن كېيىن تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى بولغان. ئۇ 8 يىل پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى پارلامېنت بولغان، ھەمدە دەسلەپكى سايلامدىلا سايلىنىپ چىقىپ، 1978- يىلى ئامېرىكا پارلامېنتىغا كىرگەن.
گىنگرىچنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان ئەسىرى بولسا 1994- يىلىدىكى چوڭ سايلام ۋاقتىدا، بىللە تۈزگۈچى (co-author) ۋە لايىھىلىگۈچى بولۇپ، سايلام رىقابىتىدىكى ۋەدىسى سۈپىتىدە تۈزۈپ چىققان «ئامېرىكا بىلەن توختاملىشىش» (The Contract with America) ناملىق ئەسىرىدۇر. ئۇ چۈشەندۈرۈپ :«ئەگەر بىزنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى سايلانسا، بىز ۋەدە بەرگەن ئىشنى چوقۇم قىلىمىز، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىقىنى، خامچوتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە پۇل خەجلىمەيدۇ، خامچوتنى چوقۇم مەجبۇرىي ھالدا تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.» دېگەن. (مانا بۇ ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ دائىم تاقىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجرائىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.)
1994- يىلىدىكى چوڭ سايلامنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىر قېتىمدىلا 54 ئاۋام پالاتا ئورنىغا ئېرىشىشتەك مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتانى 40 يىل ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. بۇ 40 يىلدىن بۇيان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىشى بولۇپ، گىنگرىچ ئاۋام پالاتا باشلىقى بولغان. ئىككىنچى يىلى، يەنى 1995- يىلى گىنگرىچ «دەۋر ھەپتىلىك ژورنىلى» تەرىپىدىن يىللىق تەسىرلىك ئەرباب بولۇپ باھالانغان.
تارىخقا شەيدا كونسېرۋاتىزمچى مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى، ترامپنىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى
گىنگرىچ قانداق ئادەم؟ ئۇ 15 يېشىدا ۋېردۇنغا بارغان، قايتىپ كېلىپلا ياۋروپا تارىخى ۋە خىتاي تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. سىز ئىشىنەمسىز؟ ئۇ 15 يېشىدىن تارتىپلا خىتاي تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، «سۈنزى ئۇرۇش دەستۇرى» نى، چۇنچيۇ دەۋرىدىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر تارىخىنى ئوقۇغان. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپ گولدۋاتېر (Goldwater) نىڭ «كونسېرۋاتىپلارنىڭ ۋىجدانى» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ پارلامېنتقا سايلىنىپ كىرگەندىن كېيىن پرېزىدېنت رېگان بىلەن ناھايىتى ياخشى ئالاقىدە بولغان، چۈنكى ئۇ بىر ياش پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن سىياسى قاراشلىرى پرېزىدېنت رېگاننىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇدا سايلىنىشىدىكى سىياسىي پروگراممىسىغا ئايلانغان.
گىنگرىچ ترامپقا ئوخشاش يۈرەكلىك، سۆزلەشتىن، سۆزىنىڭ باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشىدىن قورقمايدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئۈگىنىشكە، كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن، مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 38 پارچە كىتاب يازغان. ئۇ پارلامېنت ئاۋام پالاتا باشلىقى بولۇپ 4 يىلدىن كېيىنكى، يەنى 1998- يىلىدىكى چوڭ سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى يېڭىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گىنگرىچ پارلامېنتتىن ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېزىقچىلىق، مەسلىھەتچىلىك ۋە ئىجتىمائىي تەلىم-تەربىيە قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2012- يىلى گىنگرىچ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. دەسلەپكى سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئۇنىڭغا مەبلەغ چىقارماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇ سايلامدىن ۋاز كېچىپ، رومنىي (Romney) نى قوللاشقا باشلايدۇ.
2015- يىلى ترامپ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشماقچى بولۇپ، بىر قېتىم ئۇ گىنگرىچ بىلەن بىللە تاماق يەۋەتقاندا، ئۇنىڭدىن :«سىز پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىپ باققان، پرېزىدېنتنى قانداق تاللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟» دەپ سورايدۇ. گىنگرىچ ترامپقا نېمە قىلىش، قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىدۇ. ترامپ ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە قانچىلىك چىقىم قىلىش لازىملىقىنى سورايدۇ. گىنگرىچ 70~80 مىليون دوللار كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ترامپ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن :«ھە، بىر ساھايەت كېمىسىنىڭ پۇلى كېتىدىكەندە، ئەمما پرېزىدېنلىققا سايلىنىش ساھايەت كېمىسىدىن كۆپ ياخشى!» دېگەن. كېيىن ترامپ پۈتۈن كۈچى بىلەن سايلام رىقابىتىگە كىرىشكەن، دەسلەپكى سايلامنىڭ يېرىمىغا بېرىپ، ترامپ يېڭىپ چىقىشقا باشلىغاندا، گىنگرىچقا تېلېفون قىلىپ :«سىزنىڭ مەسلىھىتىڭىز ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، بىراق مەن پەقەت 30 مىليون دوللارلا خەجلىدىم.» دەيدۇ. گىنگرىچ ترامپ پىشقەدەم سىياسىيونلاردىنمۇ قالتىس سىياسىيون بولغۇدەك، دەپ قارايدۇ.
ئەمدى كونسېرۋاتىزمنىڭ گۈللىنىشىدىكى تۆتىنچى ۋەكىللىك شەخس ترامپ توغرىسىدا توختىلىمىز. بۇنىڭدا ئاۋال توختىلىدىغان مەسىلىمىز بولسا ترامپ كونسېرۋاتىپچى ئەمەس. كونسېرۋاتىپچىلار ھەتتا ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ كونسېرۋاتىپچى ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن. ئۇنداق بولسا گىنگرىچ بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاپ بەردى؟ دىققىتىڭلار ماقالىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.
مەنبە:
http://www.soundofhope.org/gb/2019/11/05/n3313314.html

Share
2379 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.