logo

trugen jacn

يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش جەريانى

مەن تۆۋەندە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ماقالىلىرى ۋە ئۆزۈم كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن ……
كۆرگەنلىرىم ئاز سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا چۈشۈپ قالغان مەزمۇنلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن ،تورداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلاپ خاتا كەتكەن جايلارنى تۈزۈتۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

بۇرھان غوجا

يەھۇدىي دۆلەت ئاتىسى بىن گورىئون

1906 -يىلى ياش بىر يەھۇدىي پەلەستىنگە كەلدى ، ئۇ ئېرۇسالىمغا بېرىش ئۈچۈن پاتقاق سازلىقتىن ئۆتتى . ئېرۇسالىمدىكى مۇقەددەس جايلارنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن ئۇ نىگوف رايۇنىغا باردى . بۇ ناتۇنۇش تۇپراق مۇدھىش قىياپىتى بىلەن بۇ ياشنى كۈتۈۋالدى . ئوتتەك قوياش نۇرى ئاستىدا چېچېىلىپ ياتقان تاشلار بىلەن تولغان بۇ قۇملۇق ئۇپۇقتىن يىراق – يىراقلارغا سوزۇلاتتى . ئۇ يەر بۇ يەرلەردە كىچىك كۆچەتلەر ۋە سارغىيىپ كەتكەن چاتقاللىق ئىسىسىق شەرق شامىلىدا ئىغاڭلاپ تۇراتتى . تومۇز ئسسىق پۈتۈن ئەتىراپنى قاپلىغان بولۇپ تاقىر تاغ جىنىسلىرى ، غەلىتە ئۆڭكۈر ، چۆچۈپ كەتكۈدەك كەسلەنچۈك ، چايانلار ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە كىرىشكە جۈرئەت قىلغان بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانغا غەزەپ بىلەن تىكىلمەكتە ئىدى . ئۇ يىگىتتە قىلچىمۇ مەيۈسلۈك ئالامىتى كۆرۈنمەيتى .كۆڭلىدە بۇ قۇملۇقتا پورەكلەپ گۈللەر ئېچىلمىسا ھىساپ ئەمەس دەيتى . ھەم قەسەم قىلاتتى . بۇ يىگىت دەل ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى بىن گورىئون ئىدى .شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ بىن گورىئون ئۆز ھەمراھلىرىنى باشلاپ جاپا – مۇشەققەتلىك كۆرەشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى بۇ قۇملۇقتا ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت يەھۇدىي دۆلىتىنى قۇرۇپ مۆجىزە ياراتتى .
بىن گورىئون مۇنداق دېگەن ئىدى : مائارىپقا مەبلەغ سالغانلىق ئىقتىسادقا مەبلەغ سالغانلىق ئەگەر مېنى يەھۇدىي تارىخىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئەڭ ئاددى تىل بىلەن بايان قىلىپ بەر دېسە مەن سۈپەت ساندىن ئېشىپ چۈشىدۇ دەيمەن . ئىسرائىلىيەنىڭ قۇدىرەت تېپىشى يەھۇدىيلارنىڭ يۇقۇرى ساپاسىدىن ، يەھۇدىي كۆچمەنلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىلغار مەدەنىيەتتىن يەھۇدىيلارنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەنئەنىسىدىن ، شۇنداقلا دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ مەرتلىك بىلەن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئىلىم – پەن تەربىيىسىنىڭ مەقسىدى ئادەملەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ، ئادەملەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولىدىكەن دۆلەتمۇ تەبئى ھالدا قۇدىرەت تاپىدۇ .
دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا يەھۇدىي تىرىلدۈرگۈچىلىرى مائارىپنى دۆلەتنى تىرىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستە دەپ قارىغان . ئەينى ۋاقىتتا بۇنى ئۇلار مەدىنىيەتلىك يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش دەپ ئوتتۇرغا قويغان .شۇڭا دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرىلا ئىككى ئۇنۋېرسىتېت ۋە بىر قانچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى .
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى مائارىپ ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش ۋە پەن – تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇشنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ۋەيران بولۇشنىڭ ئاساسى قىلدى . بىن گورىئون مائارىپ بولمىسا كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ دېگەن ئىدى .
بىن گورىئون يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم رەھبىرى . ھازىرقى زامان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى زۇڭلىسى . ئۇنىڭ رىۋايەتلەردەك تۈس ئالغان ئاشۇ ھاياتى دەل يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەركىتى ۋە ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ كۆرۈنىشىدۇر . يەھۇدىي مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىن گورىئون يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .شۇڭا كىشىلەر ئۇنى تەرىپلەپ تارىخ يەھۇدىي مىللىتىگە ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغات دەپ ئاتىشىدۇ .
ئىسرائىلىيىنىڭ بىن گورىئونغا قارىتا سىياسىي پائالىيەتشۇناس دەپ باھا بەرگەنلىكىگە ھازىرغىچە تالاش – تارتىشلار مەۋجۇت . چۈنكى ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى كۈچلۈك ئىندىۋىدىئاللىققا ئىگە . ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى بىلەن كەسكىن توقۇنۇش ئىچىدە قالغان، ھەم قىلچە مۇرەسسەسىز كۆرەش قىلىش ۋە ئەپچىل ۋاستىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن . ئەمما ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغانلىق يەنىلا بىن گورىئوننىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى بولغاچقا ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ تەرىپلەنگەن .
بىن گورىئون 1886 – يىلى پىلاۋىسكىدىكى يەھۇدىيلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇندا تۇغۇلغان . پىلاۋىسكى گەرچە پولىشانىڭ چەت بىر بازىرى بولسىمۇ ئەمما بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار ئۆزىگە خاس مىللى پۇراقنى ساقلاپ كەلگەن . بىن گورىئون كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ ئېبرېي تىلىنى ئۆگەنگەن . چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ ئاتىسىنىڭ نەسىھەتلىرىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلىغان . شۇڭا بالىلىققا خاس سەبىيلىكتىن خوشلاشماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئەجدادلىرىم ياشىغان پەلەستىندە ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىنى قۇرۇپ چىقىمەن دېگەن ئىرادە بىخ تارتقان ئىدى .
ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە ئاتىسىنى دوراپ يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرلدۈرۈش ھەركىتىگە قاتناشتى . ئېبرېي تىلىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىدە ئىككى ھەمرىيى بىلەن بىرلىكتە ئىسرا جەمئىيىتىنى قۇردى . ئۇلار مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 150 ئۆسمۈرنى ئەتىراپىغا يىغىۋالدى . رەتسىز كىيىنگەن بۇ بىر توپ كەپسىز بالىلار بىر يېرىم يىل ئىچىدىلا مۆجىزە يارىتىپ ئەخلەت بىلەن تۇشۇپ كەتكەن كوچىلاردا ئېبرېي تىلى بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى .
1903 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىن گورىئون ئۆزىنىڭ يېقىن ئىككى دوستى بىلەن پىلاۋىسكى شەھرىنىڭ سىرتىدىكى بىر سالقىن كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ گېزىتتىن يەھۇدىي تىرىلدۈرگۈچىلىرىنىڭ
6 – قۇرۇلتىيى توغرىسىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇدى . ئۇ بۇ قۇرۇلتايدا ئافىرقىدا يەھۇدىيلار دۆلىتىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئوگاندا پىلانى ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىدىن ناھايىتى ئۈمۈدسىزلىنىپ پەلەستىندە ئولتۇراقلىشىشلا ھەقىقى يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈشتۇر . باشقا ھەر – قانداق ئوي ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ئالدايدىغان قۇرۇق نەرسە بولۇپ ۋاقىتنى ئسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ بۇ پىلانغا قارشى چىقتى .
1906 – يىلى بۇ ئىرادىلىك ياش ماقالىنىڭ بېشىدا دېيىلگەندەك پەلەستىنگە كەلدى . ھەم شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىرادىسىنى تاۋلىدى . پەلەستىندە ئېچىلغان سىئون تېغى ئىشچىلار پارتىيىسى يىغىنىدا ئەزا بولۇپ سايلاندى .
1910 – يىلنىڭ بېشىدا ، ئوتتۇرلىرىدا بىن گورىئون سىئون تېغى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نەشىرى ئەپكارى ئىتتىپاقىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكەپ كېلىنگەن . ھەم بىن زىۋى (ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى زۇڭتۇڭ ) بىلەن تونۇشقان . ئۇ دەسلەپتە ژۇرنالدا سىياسىي كۆز قاراشلىرى شەرھىلەنگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان .
1911 – يىلى 8 – ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ پارتىيە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى سىناقنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ئۇ بىن زىۋى بىلەن پەلەستىن سىئون تېغى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋېنادا ئېچىلغان 3 – قېتىملىق دۇنيا سىئون تېغى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى . بىن گورىئون بىلەن بىن زىۋىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈشتە سەرگەردان يەھۇدىي تىرىلدۈرگۈچىلىرىگە تايىنىشقا بولمايدۇ ، ئۇنى پەقەت پەلەستىندىكى ئىشچىلار ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ . دېگەن قارىشى ۋەكىللەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى . يىغىن قارار ماقۇللاپ ئۇلارنىڭ پەلەستىندە بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى . يىتىم قالغان بىن گۇرىئون ناۋادا ئۈزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بۇلىدىكەن،ئۇھالدا يەككە-يىگانە ئىش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدىغانلىقىغا، ناچار شارائىتتىمۇ ھەققانىيەت يۇلىدىن قايتىشقا بولمايدىغانلىقىغا،كەلگۈسىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە چۇقۇم سەرگەردان يەھۇدىي تىرىلدۈرگۈچىللىرنى كونتىرول قىلىپ ئۇلارنى ئۆزنىڭ نىشانىغا بويسۇندۇرۇش كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتى.
1911-يىلى 11- ئايدا بىن گورىئون يەھۇدىيلارنى ئوسمانىيلاشتۇرۇشۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىن زىۋى بىلەن بىللە ئىستانبول قانۇن ئىنىستىتوتىغا بېرىپ تۈركىيە تىلى ۋە قانۇنىنى ئۆگەندى . ئەمما ئوزۇن ئۆتمەي ئۇلار قانۇنسىز ھالدا يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن ئامېرىكىغا كېتىپ قالدى . ۋە ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن خاتىرلەش ۋە ئىسرائىلىيە زېمىنى ناملىق ئىككى كىتاپنى ئېلان قىلدى .
1921- يىلى بىن گورىئون پەلەستىنگە قايتىپ كېلىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى بولدى .
1935 -يىلى 8- ئايدا چاقىرىلغان 19 – قۇرۇلتايدا بىن گورىئون يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈشنىڭ ئجرائىيە كومتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، چايزىم ۋېزمان دۇنيا يەھۇدىي تىېرلدۈرگۈچىللىرىنىڭ تەشكىلات رەئىسلىكىگە سايلاندى . 1936 – يىلى پەلەستىندىكى ئەرەبلەر يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەڭ – كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى . ئەنگىلىيە خان جەمەتى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ قالايمىقانچىلىقنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈردى . تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئالدىدىلا بىن گورىئون بىلەن ۋېيزىماننىڭ ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى . ئۇ ۋېيزىمان ئوتتۇرغا قويغان بىر مىلىيون يەھۇدىينى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا 20 – 30 يىل كېتىدۇ دېگەن قارىشىغا قاتتىق غەزەپلەندى . ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئستېپا بەرگىلى تاسلا قالدى . ئۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە يەھۇدىيلارنى كەڭ – كۆلەمدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش رايۇنىغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئولتۇرراقلاشتۇرۇش تەلىپىنى قويدى . بىراق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى . 1938 – يىلى ئاق تاشلىق كىتاپ ئېلان قىلىپ يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندىكى ئولتۇراقلىشىش ئەڭ تۆۋەن چېكىنىمۇ قىسقارتىۋەتتى . ھەم يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى سېتىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلىدى . بىن گورىئون بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرۇپ خەلقنى نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش ، قانۇنسىز كۆچمەن كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلىشىشنى كۆپەيتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن يەھۇدىيلارنى جەڭ قىلىشقا چاقىردى . 1939 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى . بىن گورىئون يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجادچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى . 1942 – يىلى 5 – ئايدا بىن گورىئوننىڭ پائال تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى بىلەن ئامېركىنىڭ نىيو يورىكتىكى بالتمور مېھمانخانىسىدا يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرگۈچىلەرنىڭ يېڭى سىياسىي پىرورگىراممىسى تۈزۈپ چىقىلدى .

دۆلەت قۇرۇش جەريانىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى 

2000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان سەرسانلىق ۋە خارلىنىش بولۇپمۇ ئەھلى سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلغاندىكى قىرغىنچىلىقى ۋە گېتلىر فاشىسىتلىرىنىڭ زوراۋانلىقى نۇرغۇن يەھۇدىيلارنى تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىنتىزار قىلغان . ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزمۇ ئۆز يۇرت ماكانىمىزغا ئېرىشسەك دەپ ئارزۇ قىلاتتى . بۇ ئارزۇ نەچچە ئەۋلات يەھۇدىيلاردا ئۆز دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئىدىيىسىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى . 1621 – يىلى ئەنگىلىيىدىكى يەھۇدىي ھېنرى لاۋىس ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ خىتابى ناملىق كىتابىدا يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە قايتىپ كېلىپ يەھۇدىي ئېمپىرىيىسى قۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى . لېكىن بۇ چۇقان ناھايىتىمۇ ئاجىز كېلىپ قالدى . ئۇزۇن مۇددەت پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن يەھۇدىيلار تەپسە تەۋرىمەس بولۇپ قالغاچقا تەبئىيكى چۇقان ھېچقانچە تەسىر قىلالمىدى . پەقەت ئاز ساندىكى زىيالىيلارنىڭ چۇقانى بۇلۇپ قالدى.
1881-يىلى روسىيىدىكى يەھۇدى پىنسىك‹ئۆز-ئۈزىنى ئازات قىلىش ›دەيدىغان بىر كىتاپچە يىزىپ يەھۇدىلارنىڭ دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققاندىلا جاپا -مۇشەقەتتىن قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتتى .
1896-يىلى خېرزىلنىڭ يەھۇدى دۆلىتى دىگەن كىتابى نەشىردىن چىقتى،بۇ يەھۇدى دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەركىتىنىڭرەسمىي دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دىرەك بەردى ،ھەم يەھۇدى دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەركىتىنىڭ ئىدىيىسىدىن ھەركەتكىچە بولغان يېڭى بىر دەۋىرنى ئېچىپ بەردى.شۇنىڭدىن كىيىن خېرزىلنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى ئاستىدايەھۇدى تىرلدۈرگۈچىللىرىنىڭ 1-قېتىملىق قۇرۇلتىيى 1897-يىلى8-ئاينىڭ 29-كۈنى شىۋىتسارىيىنىڭ باسېل دىگەن يىرىدە ئېچىلدى.قۇرۇلتايدا يەھۇدى تىرلدۈرگۈچىللىرنىڭ پىروگىراممىسى‹باسېل پىروگىراممىسى ›ماقۇللىنىپ يەھۇدى تىرلدۈرگۈچىللىرنىڭ نىشانى ؛‹يەھۇدىلار ئائىلىسى قۇرۇپ چىقىش ›دەپ بەلگىلەندى.قۇرۇلتايدا يەنە دۇنيا يەھۇدى تىرىلدۈرگۈچىللىرى تەشكىلاتى قۇرۇلدى.دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گىمىنى ماقۇللاندى. بۇئىشلار يەھۇدى دۆلىتىنى تىرۈلدۈرۈشنىڭ قەدىمىنى تىزلەتتى. 1917-يىلى يەھۇدى تىرىلدۈرگۈچىللىرنىڭ باشقا بىر رەھبىرى ۋېيىزماننىڭ تىرشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئەنگىليە يەھۇدى تىرىلدۈرگۈچىللىرنىڭ ھەركىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ‹بېلفورخىتابنامىسى ›ئېلان قىلىنىدى.ئەنگليە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بېلفور يەھۇدى تىرىلدۈرگۈچىللىرىگە خەت ئەۋەتىش يولى بىلەن مۇنۇلارنى جاكارلىدى؛ ئەنگىليەپادىشاھ ئالىيلىرى پەلەستىندە يەھۇدى خەلقىنىڭ مىللىي ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى قوللايدۇ.ھەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن بۇپىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇ.
1917-يىلى12-ئاينىڭ-9-كۈنى ئەنگىليە ئارمىيسى ئىرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلدى . 1920 – يىلى ئەنگىلىيە خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن پەلەستىنگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ ۋاقىتتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەيران بولغان دۆلەتلەرنى قايتا گۈللەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولغاچقا يەھۇدىي تىرىلدۈرۈشنىڭ تەسىر كۈچىنى ئويلاشقا چولىسى يوق ئىدى . بېلفور خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھەم ئەنگىلىيىنىڭ ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىقى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشىقا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى . 1948 – يىلىغا كەلگەندە پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار 20000 دىن 600000 غا كۆپىيىپ شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپىرەكىنى ئىگەللەپ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس ياراتتى . شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى مائارىپنى دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى دەپ قارىدى . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا پەلەستىندە ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن تەشكىلات يەھۇدىي مەكتىپى ئىكەن .1947 – يىلى 4- ئاينىڭ 5 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەۋقۇلئادە يىغىن چاقىرىپ پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى . 5- ئاينىڭ 8- كۈنى يەھۇدىيلار ۋەكىلى يىغىنىدا ئەنگىلىيەنىڭ ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى كەسكىن تەلەپ قىلدى . ئەنگىلىيە ۋەكىلى بۇنىڭغا قارشى تۇردى . يەھۇدىيلار ئامېرىكا سىياسىي ئىقتىسادتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغاچقا ئامېرىكا ئۇلارنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىدى .
12- ئاينىڭ 27 – كۈنى مىننەتدارلىق بايرىمىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىمۇ توختىتىلىپ دەم ئالدى . بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ فىزىكا ئالىمى ۋېيزىمان دوكتۇر تېرومىن زۇڭتۇڭغا بىر پارچە خەت يازدى . ئۇ خېتىدە بۇ جىددىي پەيىتتە مەن ناھايىتى ئازابلىنىۋاتىمەن ۋە بىئارام بولۇۋاتىمەن . بەزىلەر بىزنىڭ پەلەستىندىكى پىلانىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ كوممىنىزىم ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە سىڭىپ كىرىشىدىكى يولى بۇلۇپ قېلىشىدىن قورقىۋاتىدۇ . ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدىغان بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىش بولمىسا كېرەك . بىز يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرىقى ياۋرۇپادىن كەلگەن كۆچمەنلەر . ئۇلار دەل ئاشۇ كوممىنىزىم دۆلىتىدىن چىقىپ كەلگەن . مانا شۇنىڭ ئۆزىلا كوممىنىزىم تەرىپىدىن ئاسىلماتسىيە قىلىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ . بولمىسا ئۇلار ھەرگىز چىقىپ كەتمىگەن بولاتتى دېدى . ۋېيزىماننىڭ بۇ خېتى ئامېركىلىقلارنىڭ گۇمانىنى يوققا چىقاردى . بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2- سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان پەلەستىن بىلەن ئەرەپلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش قاراراىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى . 1947- يىلى 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى يەنە داۋاملاشتى . فىرانسىيە ۋەكىلى يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەپلەرگە تېخىمۇ كۆپرەك كېڭىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشنى 24 سائەت كېچىكتۈرۈش تەلىپىنى بەردى . بۇ تەكلىپ يەھۇدىيلارغا زور ياردەم بەردى . ئۇلار تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەڭ – كۆلەمدە كۈچىنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلدى . يېرىم كېچىدە تېرومىن ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرغا چىقىپ دۆلەت ئىشلىرى كومېتېتىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئايرىپ باشقۇرۇش لايىھېسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى . ئامېرىكىلىقلار بوزەك قىلىش، ئالداش ، پوپوزا قىلىش ، ساختىلىق قىلىشتەك بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قۇشۇلۇش ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۋالدى . بۇلۇپمۇ لاتىن ئامېركىسىدىكى بەزى دۆلەتلەر ئامېركىلىقلارنىڭ بېسىم ئاستىدا ئارقا – ئارقىدىن پوزتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى . ئايرىپ باشقۇرۇش لايىھىسى 11- ئاينىڭ 29 – كۈنى ئامېركىنىڭ كونتىرۇللىقىدا ، سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئاۋازغا قۇيۇلدى . ئامېرىكا ، سېۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر 33 ئاۋاز بىلەن قوللىدى . ئەرەپ دۆلەتلىرى 13 ئاۋاز بىلەن قارشى تۇردى . ئەنگىلىيە قاتارلىقلار 10 ئاۋاز بىلەن ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى . شۇنىڭ بىلەن ئايرىپ باشقۇرۇش لايىھىسى ماقۇللاندى . لايىھىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق 1948 – يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئەنگىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ، ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلىشىپ ئىككى ئاي ئىچىدە يەھۇدىي ۋە ئەرەپ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ، ئەرەپ زېمىنى 11 مىڭ 203 كۇادىرات كىلومېتىر ئۇمۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %42.88نى ئىگەللەش ، ئۇنىڭدىن ئەرەپلەر 725 مىڭ يەھۇدىيلار 10 مىڭ بولۇش ، يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ يەر مەيدانى 14 مىڭ 942 كۇادىرات كىلومېتىر بولۇش ، ئۇمۇمىي يەر مەيدانىنىڭ %56.6نى ئىگەللەش ، پىلان ئىچىدىكى يەھۇدىيلار 498 مىڭ بۇلۇش ، ئەرەپ نوپۇسى 470 مىڭ بۇلۇش ، بۇ قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن ئەرەپلەر قاتتىق ھەسىرەتلەندى ، ۋە غەزەپلەندى . چۈنكى ئەرەپلەر ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگەللىسىمۇ ئاران %43 يەر كۆلىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈنۈمسىز رايۇنلار ئىدى . يەھۇدىيلار ئۇمۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللىسىمۇ % 56.6 يەر كۆلىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتقسادىي تەرەققى تاپقان رايۇنلار ۋە دېڭىز بويى رايۇنلىرى ئىدى . ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشى ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادىل بولمىغان قارارى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىدى .
1948 – يىلى 5- ئاينىڭ 14 – كۈنى سائەت 4 دە يەنى يەھۇدىي كالېندارى بويىچە 5708- يىلى 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يەھۇدىي تىرىلدۈرۈش كومېتېتى تىل ئاۋسېف سەنئەت مۇزېيىدا بىن گورىئون ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ھەم مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلدى . ۋېيزىمان ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى بىن گورىئون ئىسرائىلىيىنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى بولدى .
شۇنىڭدىن كېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرقنىڭ كونتىرۇللىقىنى تالىشىشىقا باشلىدى . ئىسرائىلىيەدىن ئىبارەت بۇ زومىگەر دۆلەت ئوتتۇرا شەرققە ئۇرۇش ئوتىنى چاچتى . بۇ شەپقەتسىز يەھۇدىي سىياسىئونلىرى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ سېلىپ ئەرەپلەرنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىپ تېخىمى كېڭەيمىچىلىك سىياستىنى يولغا قويدى . بۇ كېڭەيمىچىلىكنى قانۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ ئامېركىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق پەلەستىننى باسماقتا ………

شان – شەرەپنى تاشلاپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش

يەھۇدىيلارنىڭ نۇپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %0.2 تەڭ . يەنى دۇنيا نوپۇسى يەتتە مېليارد بۇلۇپ يەھۇدىينىڭ بولسا 13 مىلىيون ، ئۇلارنىڭ بۇ نوپۇس سانى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان بولۇپ بۇ سان جۇڭگۇدىكى ھەر بىر نوپۇس ساناش جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان پەرقتىن كۆپ كىچىك . ئەمما 1870 – يىلىدىن 1950 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن چىققان داڭلىق ئالىملارنىڭ ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېركىلىقلار ئىچىدىكى نىسبىتى ئەدەبىياتتا 4 ھەسسە ، مۇزىكىدا 5 ھەسسە ، گۈزەل – سەنئەتتە 5ھەسسە ، بىئولوگىيىدە 8 ھەسسە ، خېمىيىدە 6 ھەسسە ، فىزىكىدا 9 ھەسسە ، ماتېماتىكىدا 12 ھەسسە ، پەلسەپەدە 14 ھەسسە كۆپ بولغان . ئەدەبىيات ، خېمىيە ، فىزىكا ، مېدىتسىنا ۋە پەلسەپەدە نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ نىسبىتى 1900 – يىلدىن 1950 – يىلغىچە ، 1950 – يىلدىن 2000- يىلغىچە %29 ، 2000- يىلدىن ھازىرغىچە %32بولغان . پۈتۈن دۇنيا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 360 بۇلۇپ يەھۇدىيلارنىڭ سانى 165 ئىكەن . 1924 – يىلى يەھۇدىيلار گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ %1 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان . ئۇلار مېتال سودىسىنىڭ %57 نى ، ئاشلىق سودىدىنىڭ %22 نى ، رەخت سودىسىنىڭ %39 نى كونتىرول قىلغان . بېرلىن پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ %50 نى تەشكىل قىلغان . پايچەك سودا بازىرىدا ئىشلەيدىغان 1474 خادىمنىڭ 1200 ئادىمى يەھۇدىيدىن بولغان . بېرلىندىكى 29 رەسمى تىياتىرخاننىڭ دېرىكتورى يەھۇدىي بولۇپ يازغۇچىلارمۇ ئاساسەن يەھۇدىيلاردىن بولغان . 1931- يىلى گېرمانىيەدە جەمئىي 144 كىنو ئىشلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى 119 نى يەھۇدىيلار يازغان ، ھەمدە 77 نى يەھۇدىيلار ئىشلىگەن . 1931- يىلى بېرلىندىكى دوختۇرلارنىڭ %42 نى ئادۇۋۇكاتلارنىڭ % 48 تى يەھۇدىيلاردىن بولغان . 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيەدە بىر قېتىم پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىپ گېرمانلار ئاچ قالغان . ئەمما يەھۇدىيلار شۇنىڭ بەدىلىگە راسا بېيىغان .
ئەمما 1948 – يىلى يەھۇدىي دۆلىتى قورۇلغاندىن كېيىن ئاشۇ قۇملۇق ، تاشلىق دۆلەتكە كېلىپ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن جاپادىن قورقماي ئەۋزەل شارائىتنى تاشلاپ دۆلىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى باشلىغان ، چەتئەلدە قېلىپ قالغانلىرى بولسا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئامالىنىڭ بارىچە ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيەگە پايدىلىق قارار ماقۇللاشقا قىستىشىدۇ .

ماتېرىياللار :
خېشۇڭفېي : (يەھۇدىيلارنىڭ سىرى ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى .
بىلىمخۇمار : يەھۇدىيلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار .
بىلىمخۇمار : يەھۇدىيلارنىڭ كۈچل

https://wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3353
Share
2712 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.