logo

trugen jacn

يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى بايقاشلار

يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى بايقاشلار
(سۆھبەت خاتىرىسى)

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپپىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتاي زالىملىرىنىڭ ۋەھشىيانە زۇلۇملىرى ئاستىدا ئىڭرىماقتا! ئۇيغۇر خەلقى ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە، كوممۇنىست خىتاي ھاكېمىيىتى تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرىۋېتىلگەن ۋەتىنىمىزدە قان – زار يىغلىماقتا! شەرقىي تۈركىستان —بىزنىڭ ئاتا مىراس ۋەتىنىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز شانلىق تارىخلارنى ياراتقان ئەزىز ماكان ئىدى. مانا بۈگۈن بۇ ئەزىزانە تۇپراق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى بىلەن قان دېڭىزىغا ئايلاندى…. شەرقىي تۈركىستان يىغلاۋاتىدۇ! ئۇيغۇررۇم ياش تۆكۈۋاتىدۇ! ياق! ئۇيغۇرنىڭ كۆزىدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتىدۇ! دېڭىزغا ئايلانغان قان دەل ئۇيغۇرنىڭ قېنى! ئېزىلگەن ، خورلانغان، دەپسەندە قىلىنغان، ئىنسانغا خاس ياشاش ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان مەزلۇم خەلقنىڭ قېنى! ئۇيغۇرمۇ دۇنيادىكى ئۆزى بىلەن تەقدىرداش بارلىق مەزلۈم، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە مۇستەبىتلىككە، دۆلەت تېرورلىقىغا، چەكتىن ئاشقان زۇلۇملارغا قارشى ئەبەدىي كۆرەش قىلىدۇ، بۇ كۆرەشلەر ئازاتلىقىمىز ۋە ھۆرلۈكىمىزسىز مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ! ئىشىنىمىزكى، ئادالەت مەڭگۈ جاھالەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ! !!
ئەزىز قېرىنداشلار، 2014-يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيىسىدە دۇنيانى لەرزىگە سالغان ئاجايىپ بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقە دەل <يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى>دۇر. ۋەقە يۈز بېرىپ تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ۋەقە ئۈستىدە ئوخشىمىغان مەتبۇئاتلاردا ۋەقە تەپسىلاتىغا دائىر ئاساسەن ئوخشاش مەزمۇندىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈردى. دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش ۋە خاتىرجەمسىزلىك، توختىماي يۈز بېرىۋاتقان خىلمۇ – خىل قانلىق ۋەقەلەر سەۋەبلىك، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ ۋەقە ئاستا – ئاستا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ۋەقە ھەققىدە ئېنىق تەپسىلاتنى بىلىدىغان بىر قېرىندېشىمىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەب تۆۋەندىكى بۇ سۆھبەتنى ئىشلەش پۇرستىگە ئىگە بولدۇق.شۇنداقلا بۇ سۆھبەت ئارقىلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، جەريانى ۋە باستۇرۇلۇشى شۇنداقلا بۇنىڭ كەينىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھېيلە – مېكىرلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىشلەرگە ئېرىشتۇق. ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەقسىدىمىزمۇ بۇ سۆھبەت ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەشەددىي جىنايەتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ – زارلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي كوممۇنىست قانخورلىرىنىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن دۇنيا ئەھلىگە شىكايەت قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق. چۈنكى ئۆز دەردىمىزنى پەقەت ئۆزىمىزلا ئەڭ توغرا ئاڭلىتالايمىز!
سۆھبەت تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

سوئال: ھۆرمەتلىك ھاجىم ئاكا 2014-يىلى يەكەن ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا سىز دەل شۇ يەردە بولغانىكەنسىز. بىز سۆھبىتىمىزنى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىساق. سىز ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا نىمە سەۋەبتىن شۇ يەردە بولۇپ قالدىڭىز؟

ھاجىم: بۇ يېزىدا باشقا جايلاردىكىگە ئوخشاشلا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن كېچىلىرى مەسجىت ۋە ئۆيلەردە ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. دەل شۇ كۈنى كېچىدە خۇپتەندىن كېيىن زوھورلۇق ۋاقىتقىچە ئارىلىقتا ئاياللار يىغىلغان بىر ئۆيدە يىغا – زارە ئاۋازلىرى بەك كۈچلۈك بولغان. نورمالدا شەھەردىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكىلەردىن يېزىدىكىلەرنىڭ باشقۇرۇشى قاتتىقراق بولغىنى ئۈچۈن بۇ ئاياللارنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن. ئاياللار تۇتۇلۇپ كەتكەنلىك خەۋېرى ئەرلەرگە يەتكەندىن كېيىن ئۇلار ساقچىخانىغا ئاياللىرىنى سوراپ بارغان. ئەمما ساقچىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان ۋە ساقچىلار بىلەن ئارىدا سۈركۈلىش كېلىپ چىققان. سۈركۈلۈش كېچىچە داۋام قىلغان. بۇ سۈركۈلۈش ھەققىدە كېيىن ئاڭلىساق، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئەسلى بۇ يېزىغا چەتئەلدىن بىر ئۇيغۇر مۇجاھىت كەلگەن بولۇپ، رامىزانلىق تەبلىغ جەريانىدا جىھاد ھەققىدە سۆز بولغان. بۇ كىشى يەنە ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆزلىگەن بولۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش ئۈچۈنمۇ جىھاد قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئەرلەر ئارىسىنى <بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى، ئەمدى بىزگە جىھاد پەرھىز بولدى!>دېگەندەك شوئارلار قاپلىغان. بۇ چاقىرىق ئۈچ مەھەللە(دادۈي) ئەھلىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىپ، قوللىرىغا نىمە چىقسا شۇنى ئېلىپ،يەنى پالتا، كەكە، پىچاق، كالتەك…….دېگەندەكلەرنى ئېلىپ، ماشىنىسى بارلار بولسا ماشىنىسى بىلەن يەكەن تەرەپتىن چىقىدىغان يوللارنى ، ئۈرۈمچى ۋە مارالۋېشى تەرەپلەردىن كېلىدىغان يوللارنى توسۇپ، ئارىلىقتا قېلىپ قالغان ماشىنىلارنى ئۇرۇپ – چېقىشلار بىلەن جەڭ باشلانغان. بۇ توقۇنۇشتا دەسلەپتە بىزنىڭ خەلقىمىز مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، بۇ جەرياندا توساقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ماشىنىلارنىڭ 40-50دانىسىنى ئۇرۇپ – چېقىپ، ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا تۇتۇپ ، توۋبە قىلدۇرۇپ، خىتاي بولسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن. دۆڭباغ يېزىنىڭ باشلىقى ئېلىشقۇدا خىزمەتكە چۈشۈكلۈك ئىدى. شۇ سەۋەب خىتاي كوممۇنىستلىرى توپىلاڭنى تىنجىتىشتا قورشاۋ ئىچىدە قالغان خەلقنىڭ ھەممىسنى مەيلى ھۆكۈمەت خادىمى بولسۇن ياكى بولمىسۇن قارا قوياق ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى سەۋەب، ساقچىخانا خادىملىرى، يېزا باشلىقلىرى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ قارا – قوياق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.يېزا باشلىقىنىڭ جەسىدىنى كۆرگەنلەردىن مەلۇم بولۇشىچە جەسەد بىر نەچچە پارچە بولۇپ كەتكەن دېگەن سۆزلەرمۇ تارقالغان. بۇ يېزا باشلىقلىرىنڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا بىلدۈرگىنىدىن يېزا باشلىقىنىڭ توپنىڭ قاتارىدا ئېتىلغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدۇق. لېكىن تاكى بۇ توقۇنۇشتا قانچىلىك خىتاي ۋە قانچىلىك ئۇيغۇر ئۆلگىنى تېخىچىلا نامەلۇم. شۇ يىلى روزا ھېيت ئۆتۈپ تاكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قەدەر ۋەقەگە ئالاقىدار نۇرغۇن گەپ – سۆزلەر بولۇندى. ھەتتا توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بېرىلگەن تۆلەم600مىڭ يۈەندىن 1مىليۇن خىتاي پۇلى ئەتراپىدا بولۇپ، تۆلەم ئىشىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بېرىلگەن تۆلەم ھەققى ئۇيغۇرلارغا 600مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، خىتايلارغا 1 مىليۇن ئەتراپىدا بولۇشى خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. چۈنكى ئوخشاش بىر ۋەقەدە، ئوخشاش ۋەزىپە سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي بولۇشى بىلەن ئېرىشىدىغان تەمىناتىمۇ يۇقىرى ۋە تۆۋەن بولغان.بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كۆپ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى.
ۋەقەنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك، شۇ كۈنى يەنى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە خىتاي قوراللىق تەرەپ ئۈچ دادۈيدىكى ئىگىلىۋېلىنغان جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى مۇجاھىتلارنى ئۆلتۈرۈپ ، نەق مەيداننى پاك – پاكىزە تازىلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۈچ مەھەللىگە قوراللىق ۋە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان، تانكىلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن، ئۈچ مەھەللىنىڭ غەربىي قىسمى چوڭ بىر بوز يەرلىك بولۇپ، خىتايلار تىك ئۇچار بىلەن شۇ بوز يەرلىكنى ئىزدەشكە باشلىغاندا ئايرۇپپىلاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىققان ئادەملەرنىمۇ قوشۇپ ئېتىپ تاشلىغان. ھويلىسىدىن چىققان، ئۆيىدىن چىققان، بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغان خەلقمۇ بۇ جەرياندا قىرىلىپ تاشلانغان، يەنى بۇ ئۈچ مەھەللىدە ھېچقانداق ئادەم قالمىغان.
بۇ ئىش بولغاندىن كېيىن لىكېچىئاڭ كەلدى دەپ ئاڭلىدۇق، چۈنكى بىز تۇرغان جاي يەكەن مېھمانخانىسى بىلەن يېقىن ئىدى. بىزنىڭ تىجارىتىمىزمۇ ناھىيە بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن مېڭجەنجۇ،جاڭچۈنشەن، شىجىنپىڭ كەلدى دەپ ئاڭلىدۇق. ناھىيىنىڭ ھاكىمى ئەھەد سايىد بىر ئايدەك بۇ يەردە تۇردى. مىللەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇرىدىن جۈجاڭمۇ بىرگە تۇردى. بۇ ئادەم ئەينى ۋاقىتتا يەكەندىكى ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەج ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىش، مەسچىت سېلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا ۋەدە قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆز ئارا بىر بىرىگە نازارەت قىلىشقا ۋە تېرورلۇق گۇماندارى بولغان كىشىلەرنى تۇتۇپ بېرىشكە تەشكىللەپ ، شۇ مەزگىللەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمىلەرگە قامىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
8-ئاي مەزگىلى بۇ يەردە ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، يەكەن ناھىيىسىدىكى سەھىيە ئىدارىسىدىن 15تەك ئايال دوختۇر ۋەقە چىققان 3مەھەللىگە بېرىپ، نەق مەيدان تازىلاشقا قاتناشقان بولۇپ، شۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان سۆزۈمدە، ئۇلار نەق مەيداننى تازىلاۋاتقاندا 80نەچچە ياش ئەتراپىدىكى بىر موماي بۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىدۇ. قوراللىق ئەسكەرلەر بۇ ئايالنى كەينىڭگە قايت! دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايال ئۆزىنىڭ نەۋرىسىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى دەپ ئالدىغا ماڭىدۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا بۇ موماي ئېتىپ تاشلىنىدۇ. بۇ 15نەپەر ئايال نەق مەيداننى كۆرىدۇ ۋە نىمە قىلىشىنى بىلمەيدۇ. موماي نەق مەيداندا ئۆلۈپ كېتىدۇ. دەل شۇ ۋەقە سەۋەبلىك بۇ ئاياللارمۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەينى يىللاردىكى گېتلېرنىڭ يەھۇدىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەسلىتىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئۆزىمىز كۆپ ئىشلارنى خاتا قىلىپتىمىز دەپ ئۆزلىرىنى ئەيىپلىدى. بۇ ئىش ئۆتۈپ ئارىدىن 10كۈنلەردە مەن ئۆزۈم ئايالىمنى ئېلىپ تاغارچى يېزىسىغا چىقتىم. مەن چۈشتىن كېيىندە چىققانىدىم. قېينىئاتام ماڭا تاغارچى يەكەن يولىدىن شەھەرگە كىرەلمەيمىز، مەن سىلەرنى ئىچقول يېزىسى بىلەن ئىچكى يولدىن گوڭشېنىڭ ئۇيان تەرەپىدىن ئاپىرىپ قوياي دېدى، بىز يەكەننىڭ يېڭىشەھەر تەرىپىنىڭ كەيفاچۈ(ئېچىۋېتىلگەن رايون)دەيدىغان بىر يېرى بار. قېينىئاتام بىزنى دەل شۇ يېڭىشەھەر رايونىغا ئەگىلىدىغان جايدا ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويدى، چۈنكى ئۇنىڭ داۋامىغا ئۆتكىلى قويمايتتى. بىز ئايالىم بىلەن كېلىۋاتساق كەينىمىزدىن ئىككى – ئۈچ ماشىنا شۇ يەردە خىتايلارنىڭ بىر قەبرىستانلىقى بار بولۇپ، شۇ تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. كەينىدىنلار 10دەك ماشىنا يېڭىشەھەر رايونىغا يېڭىدىن قۇرۇلغان جەنۇبىي يېڭى شەھەر رايونى دەيدىغان بىر رايون بار، شۇ رايونغا قاراپ ماڭدى. يەكەن ۋەقەسى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى شۇ جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونىغا كۆمگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەر تارقالغانىدى. دېمىسىمۇ جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونى گەرچە كۆلەملەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىشنى باشلىغان رايون بولسىمۇ لېكىن يەنىلا نۇرغۇن جايلار تېخىچە ئېچىلمىغان ھەتتا ئادەملەرنىڭ ئايىقىمۇ باسمايدىغان جايلار ئىدى. بەزىلەر ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى بەشىنجى گوڭشېدىكى كونا خىتايلار ئىشلەتكەن خۇمدانلىققا كۆمۈپتۇ دېگەن سۆزلەرمۇ تارقالغان ئەمما مېنىڭچە بۇ قاراش ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۈنكى خۇمدانلىق دېگەن دۆڭرەك يەردە بولىدۇ، چوڭقۇر يەردە ئەمەس، شۇ سەۋەبلىك بۇ يەرگە ئادەم كۆمۈش تازا ياخشى بولمايدۇ. ئەمما جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونى بولسا ئەسلىدىمۇ تېرىقچىلىق قىلىنغان، بۇغداي ، قوناق ۋە پاختا تېرىلغان مۇنبەت بىر ئېكىنزارلىق يەر. شۇڭا بەزىلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ يەردىن بىر ئىككى مو يەرنى كولاپ، شۇ يەرگە مېيىتلارنى كۆمۈپ، ئۈستىنى بېتون بىلەن قاتۇرىۋەتتى دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسىي بار دەپ قارايمىز. لېكىن بۇ يەنىلا بىر چوڭ مەخپىيەتلىك، بەشىنجى گوڭشې تەرەپكە مېڭىشى ۋە جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونى تەرەپكە مېڭىشى ماشىنىلارنىڭ، كۆرگۈچىلەردە ئىككى خىل كۆز قاراشنى پەيدا قىلغان. ئەمما يەنىلا جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونىغا كۆمۈۋەتتى دېگەن قاراشقا ئىشىنىدىغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
يەكەن جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونىغا ئاساسىي جەھەتتىن دۆلەت خىزمەت ئورگانلىرى مەسىلەن، ج خ ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆچۈپ بېرىپ بولغان بولۇپ، يەكەن مۇجاھىتلىرى دەل يېڭىدىن ئېچىلغان يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىغىمۇ باستۇرۇپ بېرىپ، ساقچى باشلىقىنى گۆرۈگە ئالغاندەك نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەن، شۇ سەۋەب بۇ يەرنىڭ خەۋپسىزلىك خىزمەتلىرى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلىدۇ، نورمالدا بىرەر ئادەم بىرەر ئىش بىلەن كەلسىمۇ چېنىپلا قالىدۇ.

سوئال: ھاجىم ئاكا، سىزنىڭ يۇقارقى سۆزلىگەنلىرىڭىزدىن بىر قانچە نوقتىنى چۈشەنمىدىم. سىز ۋەقەنىڭ باشلىنىشى ئاياللارنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشى بىلەن بولغان دېدىڭىز، ئۇنداقتا ساقچىخانا ئاياللارنى نىمە سەۋەبتىن تۇتتى؟ ئۇلارنىڭ شۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە بەرگەن چۈشەندۈرىشى نىمە بۇ ئاياللار ھەققىدە؟
ھاجىم: بۇ خەتمە تراۋا نورمالدا كەچتە ئوقۇلىدىغان ناماز بولغىنى ئۈچۈن ، 9:00دىن 11:00غىچە ئوقۇپ بولۇشى بېكىتىلگەن بولۇپ،كىشىلەر بۇ ۋاقىتتا 20رەكەت تراۋا نامىزى بىلەن 9 رەكەت خۇپتەن نامىزىنى كەڭ كۇشادە ئوقۇۋالالايتتى. شۇ يىللاردا بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە قۇرئان ۋە تراۋا ئوقۇشقا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغانىدى.كوچا كويلاردا كامېرا تېخى تولۇق بېكىتىلىپ بولۇنمىغانىدى. شۇ كۈنىدىكى تراۋا نامازدا ئاياللار ئايرىم جايدا تراۋا نامىزى ئوقۇغان بولسىمۇ ئەممە مەسجىدتىكى ئەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇغاندىنكى ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. 2013- يىلىدا كىشىلەرنىڭ تراۋا نامىزىنى ئوقۇشىغا يول قويۇلمىغان ئىدى، ئەمما 2014-يىلىدا بۇ ئىشقا يول قويۇلغىنى ئۈچۈن كىشىلەرمۇ بۇنداق پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن. سىزگە ئايان بىزنىڭ ۋەتەندە يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ سېلىقى ئېغىر، كۈنلىرى بەكمۇ تەس……شۇ سەۋەب بۇ تەستە بېرىلگەن پۇرسەتتە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئاللاھقا ئېيتىپ ، دۇئا – تىلاۋەت قىلىپ يىغلاشقان. يىغلىغانچە كۆڭۈللىرى بۇزۇلۇپ، ئاقىۋەت ئاۋاز ساقچىخانىغا يەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى تۇتۇپ كەتكەن.

سوئال: ھاجىم ئاكا سىز مۇشۇ ۋەقە بولۇشتىن ھەپتە بۇرۇن شۇ يېزىغا ئافغانىستاندىن بىر مۇجاھىت كەلگەنلىكى ۋە مەسجىدلەردە جىھاد ھەققىدە تەلىم بەرگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە بۇ ئادەمنىڭ رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدىڭىز. ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ نازۇك مەسىلىلەردە سۆز قىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ دىققتىنى تارتمىدىمۇ؟
ھاجىم: بايا دېگىنىمدەك ئۇ ۋاقىتلاردا يەكەن ناھىيىسىدىكى كىچىك مەسجىدلەرگە تېخى كامېرا تولۇق بېكىتىلمىگەن بولۇپ، بۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىڭ ئېتىقادى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا بۇ ئىشنى ئومۇميۈزلۈك مەخپىي تۇتقان. شۇ سەۋەب ۋەقە يۈز بەرگەندىمۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھەيران بولۇش ۋە بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈچ يېزىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئىدىيىسىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ، جىھاد ئۈچۈن چوڭ كىچىك تەڭلا ئاتلانغۇدەك قىلالىغان بۇ ئادەمگە ھەيران قالغان ۋە بىز بۇ زېمىننى 65يىل ئىدارە قىلىپ نېمىشقا بۇنداق بىر مۆجىزە يارىتالمىدۇق دېگەن سۆزلەرمۇ بولۇنغان. ئەسلىدە ھۆكۈمەتمۇ بۇ دىنىي زاتنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش بۇيرىقىنى بەرگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ دىنىي زات ۋەقەگە بىۋاسىتە ئۆزى قوماندانلىق قىلغىنى ئۈچۈن شېھىت بولۇپ كەتكەن. ئاڭلىشىمىزچە بۇ كىشى 45ياشلار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمما بۇ توقۇنۇشتا باشلامچى بولغانلار ، خەلقنى قوزغاتقانلارنىڭ ھېچبىرى تىرىك قولغا چۈشمىگەن. ۋەقەدە يەكەن ئىسلام دىنى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، يەكەن ئالتۇن جامىينىڭ ئىمامى، يەكەن كونىشەھەر سەئىدىيە خانلىقى ۋاقتىدىكى چوڭ جامىينىڭ ئىمامى، يېڭى يول مەسجىدىنىڭ ئىمامىي ياسىن قارى ھاجىم، ئالتۇنلۇق جامىينىڭ ئىمامى ياسىن قارى ھاجىم، ھەزبىر جامىيسىنىڭ ئىمامى مۇختار قارى ھاجىم قاتارلىق كاتتا دىنىي ئەرباپلار مۇشۇ ۋەقە بېسىلىشنىڭ ئالدىدا بۇلار بىرلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بارماقچى بولغىنىدا يەكەن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەد سايىت بۇلارنى<سىلەر ئۇ يەرگە بېرىشقا كېچىكىپ قالدىڭلار، ئەمدى بارساڭلار ئۇلار سىلەرنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ>دېگەن سۆزلەر بىلەن قايتۇرىۋېتىدۇ. لېكىن ۋەقە ئۆتۈپ ئۇزۇن قالماي يەكەن ناھىيىسىنىڭ مۇشۇ توپىلاڭنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ھاكىمى ئەھەد سايىد، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇختار قاتارلىق كىشىلەرنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادىل ئابباسمۇ قولغا ئېلىنىپتۇ. مەنمۇ مۇشۇ ۋەقە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىۋالدىم……2015-يىلىدا ئۈرۈمچىدە بولدۇم، شۇ يىلى رامىزانمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتتى، بىزگە جىگدىلىك مەسجىدنىڭ ئىمامى ئېيتىپ بەرگەن ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن بىر قانچە مەسجىدلاردىلا تاراۋا نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغانىدى. چۈنكى يەكەن ۋەقەسى سەۋەب تاراۋا ئوقۇش كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلمىغان بولۇپ، مۇشۇ يىلى سىناق تەرىقىسىدە مەلۇم مەسجىدلەرنى نوقتىلىق بەلگىلەپ تاراۋا ناماز ئوقۇشقا روخسەت قىلغانىدى.
2015-يىلى 5-ئايدا شىخەنزە، قارىماي ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك پاسپورت بېجىرىشنى يولغا قويغانلىق خەۋەرلىرى تارقالدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلا پ تاكى 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېلېۋېزىيە قاناللىرىدا ھىجرەتكە قارشى مەزمۇندىكى پروگراممىلارنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە چەتئەلدىن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر ھەققىدە پروگراممىلارنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بىز بىلىدىغان يەكەننىڭ سۈت قايماق بازىرىنىڭ ئىمامى بار ئىدى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى مەمەتئېلى قەمىردىن بولۇپ، بۇ كىشى 2012ياكى 2013-يىلىدا ئافغانىستانغا چىقىپ كەتكەنىدى. شۇ كىشى بىلەن بىرگە ئافغانىستاندىن 17ئادەمنى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى تېلېۋېزوردا كۆرسەتتى. مەمەتئېلى قەمىردىن بىر موللام بالا بولۇپ، بۇ بالىنى 22يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. شۇ ئىشلار بولۇپ كەيندىنلا جاڭچۈنشەن دېگەن بەدبەخ بىر ئويۇن ئوينىدىمۇ بىلمىدۇق، يەكەن ناھىيىسىدىكى 890مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت خەلقىگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. مەنمۇ بۇ خەۋەرگە ئىشەنمەي يەكەنگە بارسام دەۋەقە بۇ خەۋەر راست بولۇپ چىقتى. 2015-يىلى 9-ئايدا مەنمۇ ئائىلەم بىلەن پاسپورت بېجىردۇق، ھەر بىر ئادەمگە 1000يۈەندىن ھېسابلاپ پاسپورتنى 15-16كۈندە چىقىرىپ بەردى. ھەتتا مېنىڭ كۈيئوغلۇمنىڭ ئىسىم كارتىسىغا بەلگە قويۇلغان بولۇپ، پاسپورت ئېلىشى نورمالدا مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ دەل مۇشۇ يىلى ئىقتىسادقا ئالاقىسى بولمىغان بارلىق كىملىككە قويۇلغان بەلگىلەرنى بىكار قىلغانىكەن. دەرۋەقە پاسپورت ئالالمايدىغانلارمۇ پاسپورتنى ناھايىتى ئاسانلا ئالالىدى، ھەتتا پاسپورت ئالمىغان ئائىلىلەرنى ھۆكۈمەت سۈرۈشتە قىلىپ، نېمىشقا ئالمايدىغانلىقلىرىنى سوراپ ئاۋارە قىلغان ئىشلارمۇ يۈز بەردى. بۇ ئىشلار بىزنى بەكمۇ ھەيران قىلغانىدى. مەن پاسپورتۇمنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ۋە ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدىم. دوختۇرخانىدىكى بىر ئۇيغۇر دوختۇر خانىم ماڭا بىر كۈنى:<ھاجىم ئاكا، سىزنىڭمۇ پاسپورتىڭىز بار ئىكەن، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىمۇ سوۋۇپ قالدى، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە تۈركىيەنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ باپ كېلەتتى، شۇ يەرگە كەتسىڭىز بولمامدۇ ؟> دېگەن تەكلىپنى بەردى. بۇ سۆزنى مېنى قاتتىق ئويلاندۇرۇپ قويدى، دەرۋەقە كۆڭلۈم بۇ سۆزدىن بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدىدە شۇ يىلى 11-ئايدا تۈركىيەگە كېلىۋالدىم.
يەنە شۇ ۋەقەگە قايتساق، يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، بەشكەنت،قوش ئېرىق، تاغارچى، ئىشقول قاتارلىق كەنتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپ چىقىدىغان جايلار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە خاڭدى خانلىق مەدرېسى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى پادىشاھلىق مەدرىس بولغىنى سەۋەبلىك بۇ يەردە ئىلىم پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. بۇ كەنتلەر ئاساسەن جەنۇبتىن شىمالغا كېتىدىغان تەرەپتە بولۇپ، شىمال تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى ۋە مەكىتكە تۇتىشاتتى. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىمۇ مارالبېشى تەلەپپۇزىغا كىرىدىغان بولۇپ ، بىز ئۇلارنى دولانلىقلار دەپ ئاتايمىز.

سوئال: بۇ رايون ھەققىدە ئالاھىدە ئۇختۇرۇش ياكى كىشىلەر كىرىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ھۆججەتلەر چۈشۈرۈلگەنمۇ؟ جەنۇبي يېڭىشەھەر رايونىغا كۆمۈلۈش ئېھتىمالى يۇقىرى دېگەن قاراشلارنىڭ قانداق ئاساسى بار؟ كۆمۈلگەن يەرنىڭ بېتون بىلەن قاتۇرۋېتىلىشى باشقىلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋالمۇ؟ ياكى شۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە بولغانلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى خەلققە ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشمۇ؟

جاۋاب: قېينىئاتامنىڭ ئايالىم ئىككىمىزنى ئاپىرىپ قويۇش جەريانىدا بىزگە بۇ ھەقتە ئېيتىپ بەرگەنىدى. شۇنداق ئۇختۇرۇش قىلىنغان. دەرۋەقە بىزمۇ شۇ كۈنى ئەتراپتىكى يول بويىنىڭ قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈق ۋە ئۇ يەردىكى سۈرلۈك بىر مۇھىتتا بىر ئادەمنىڭ مېىڭىۋاتقان يولىنى توختىتىپ بولىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ بېقىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ۋە روخسەت قىلىنمايدىغان ئىش ئىدى. شۇ ۋەقەنى تىنجىتىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىشىدىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونىغا كۆمۈلۈپ ئۈستى بېتوندا قاتۇرۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ماشىنىلارنىڭمۇ ئۈستى رەخت بىلەن ئورۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە جەسەت بارمۇ ياكى نىمە بار بۇنىڭغا بىر نىمە دېيەلمەيمىز. لېكىن ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك مەخپىي تۇتۇلغانلىقى ئېنىق، شۇنداقتىمۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنىڭ ئاساسىي بار. مەيلى خۇمدانغا كۆمدى دېگەن قاراش بولسۇن ياكى جەنۇبىي يېڭىشەھەر رايونىغا كۆمۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلار بولسۇن ھەر ئىككىسىگە ئېھتىماللىق بار دەپ قارايمىز. چۈنكى ھېچكىم ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن.
ئەمەلىيەتتە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ئاز بولغان بولسا خەلق ئارىسىدا بۇ دەرىجىدە قىياسلار ۋە گەپ – سۆزلەر بولۇنماس ئىدى، ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 4كەنتتتىن 3000ئەتراپىدا بولغاچقا ئۆلۈكلەرنىڭ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى سەۋەبلىك چېرىپ، سېسىپ، پۇراپ كېتىشى ۋە بۇ پۇراقلارنىڭ ئەتراپتىكى مەھەللىلەرگە يېتىپ بېرىشى، زور مىقداردىكى قانلارنىڭ كوچا كويلارغا ئېقىپ چىقىشى……. كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل قىياسلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. يەنى مۇشۇ پەيتتە كوچا كويلارنى چارلاۋاتقانلار يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغىنى ئۈچۈن بۇنداق مەخپىيەتلىكلەرنى ئائىلىدىكىلىرىگە ۋە يېقىن يورۇملىرىغا ئاشكارىلاپ قويۇشلىرى بىلەن بۇ ئىش خەلق ئارىسدا تارقىلىشقا باشلىدى، ئەمما جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈنلەي خىتايلار قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك بۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنى يەنى جەسەتلەرنىڭ زادى قەيەرگە كۆمۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئېنىق جاۋابنى بىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش ئىدى.

سوئال:2015-يىلى جاڭچۈنشەن يولغا قويغان پاسپورت بېجىرىىپ بېرىش دولقۇنىدا پاسپورت ئالمىغانللارنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ سۈرۈشتە قىلىش بولدى دېدىڭىز، سىز بۇنداق ئەھۋالنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ ئۇلار نېمىشقا پاسپورت ئىشلەشنى توساتتىن قويۇۋەتكەندۇ؟

جاۋاب: بىز بۇ ئىشتا بەزىلىرىمىز ھۆكۈمەتنى بىرەر شۇملۇقنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ قارىغان. دېمەك كېيىن بۇ پەرەزلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپمۇ قالدۇق، چۈنكى پاسپورت ئالمىغانلارغا نىمە ئۈچۈن ئالمايسەن دەپ كۆزىگە كىرىۋېلىپ يۈرۈپ پاسپورت ئىشلەتكۈزگەن ھۆكۈمەت ئارقىدىنلا نىمە ئۈچۈن پاسپورت ئىشلەتتىڭ؟ دېگەن باھانە بىلەن كىشىلەرنى تۇتۇپ ، ئۆگىنىش ئورۇنلىرىغا قامىغانلىقىدىن ۋە شۇ پاسپورت ئىشلەش يولغا قويۇلغان ۋاقىتلاردا پاسپورت ئىشلەتكەنلەردىن چەتئەلگە چىققۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولمىغانلىقىدىن بۇلار ئەسلى پىلان قىلغان نىيەتلىرىگە يېتەلمەي، كەينىدىنلا پاسپورت ئىشلەتكەنلەرگە ھەر خىل بۆھتانلارنى ئارتىپ قاماقلارغا ئالغانلىقىدىن بۇنىڭ بىر شۇملۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. دەرۋەقە بىزنىڭ ئائىلە بۇ ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگۈچىلەر بولۇشى سەۋەبلىك بۇ ئىشقا تېخىمۇ شۇنداق قارايمىز. چۈنكى پاسپورتنى بېرىشتىكى سەۋەب بىزنىڭ چىقىپ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلغان، ئەمما خەلق چىقىپ كەتمىگىنى ئۈچۈن كەينىدىنلا پىلاننى باشقىچە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان….كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنى قايتىپ كىرىش ھەققىدە ئۇختۇرۇش چۈشتى ھەم مەجبۇرىي قايتىپ كەلگەنلەرمۇ بولدى. يەنى مېنىڭ بالىلىرىممۇ قايتىپ كېتىش ۋە پاسپورتلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ زادى چېنچۈەنگونىڭ ئويۇنىمۇ ياكى شىجىنپىڭنىڭ ھېيلىسىمۇ ۋە ياكى باشقا بىر ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي خەلقىگە دۈشمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنمۇ بۇنى بىلمەك قىيىن ئەمما ئويۇن ئوينىلىۋاتقىنى ئېنىق….

سوئال: يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ 3000ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلىنىپتۇ. بۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ چوقۇم ئۆزىگە تۈشلۈق مۇناسىۋەت دائىرىسى بولىدۇ. ۋەقە يۈز بېرىپ ئىشلار بېسىققاندىن كېيىن بۇ كەنتلەرگە باشقا جايدىن كىشىلەر نورمال كىرىپ چىقالايدىغان ئەھۋال بولدىمۇ؟ بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ باشقا يۇرتلاردىكى ئۇرۇغ – تۇغقان ، دوست – بۇرادەرلىرى غايىپ بولغان ئۇرۇغ – توغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىدىمۇ؟ بۇنداق ئىشلاردىن خەۋېرىڭىز بولدىمۇ؟
ھاجىم: تۇتقۇن قىلىش، زەربە بېرىش ئىزچىل داۋاملاشتى. يەنى يەكەن ئېلىشقۇدىكى بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى <دىنىي ئەسەبىي كۈچ>دەپ قارالغانلىقى ۋە شۇ ۋەقەگە رەھبەرلىك قىلغان قارىمنىڭ 6كۈن ئىچىدە ئۈچ كەنىتنىڭ ئاھالىسىنى قوزغىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى جىھادقا تەشكىللىيەلىشى خىتاي كوممۇنىستلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى شۇنچە باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش داۋامىدىمۇ ئۆزىگە ئەل قىلالمىغانلىقى ئەمما بىر قارىمنىڭ ئالتە كۈن ئىچىدە پۈتۈن ئۈچ كەنىتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى بىر ھەرىكەتكە تەشكىللىگەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ، ۋەقەدىن كېيىنلا ھەر بىر يېزا – كەنتلەردىن موللام، قارىم، ھاجىم دېگەندەك دىنىي ئۇنۋانى بار كىشىلەرنى تۇتۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلق ئارىسىدا دىندا ئوقۇغان ئەربابلارنى دامولام، قارىم ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغانلارنى ھاجىم، ھاجىخېنىم دەپ ئاتىمىساق رەنجىپ كېتىشەتتى، ئەمما ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ خىل ئاتالغۇلار كىشىلەرگە بالايى – ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان سەزگۈر تېمىلارغا ئايلىنىپ قالدى. كىشىلەر ئامال بار ئۆز سالاھىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىنى خالايدىغان بولۇشتى. شۇنىڭدىن بۇيان يەكەندە (بەلكى پۈتۈن ۋەتىنىمىز تەۋەسىدە)ئازراقلا دىنىي ئۈنۋانى بار كىشىلەر ئاساسەن تۇتقۇن قىلىندى، قامالدى ۋە يوقىتىلدى. ئامان قالغانلىرى بولسا پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان، خىتاينىڭ دېگىنىنى قىلىدىغانلار خالاس.
جاڭچۈنشەننىڭ ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولسۇن ياكى چېنچۈەنگونىڭ دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولسۇن ھەممىسى قامىلىپ تۈگىدى. ھەر بىر ناھىيىدە ھەر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم قامىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تونۇشلىرىمىزدىنمۇ بىر ئائىلىدە 4جان قامالدى، يەنە بىر تونۇشىمىزنىڭ ئائىلىسىدىمۇ 2ئادەم قامالدى، بىزنىڭ ئائىلىدىمۇ بالىلىرىم، كېلىنلىرى ۋە ئۇرۇغ تۇغقانلىرىم بولۇپ خېلى كۆپ ئادەملەر قامالدى……
كىشىلەر تۈرمىدە ياتقۇدەك جاي يېتىشمەي، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ئاۋۋال مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىمۇ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىمىغانىدۇق. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىنى مىسالغا ئالساقمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا يەكەن شەھەر ئىچىدىلا ئىككى دانە ساقچىخانا بار ئىدى. لېكىن ھازىر ساقچىخانىلارنىڭ سانى ئوننەچچىدىن يۇقىرى. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە يەكەندە بىر دانە كىچىككىنە تۈرمە بار ئىدى، لېكىن ھازىر ئىككى دانە چوڭ تۈرمە بار، بۇنىڭدىن باشقا خاڭدى كەنتىنىڭ پەيلو دېگەن يېرىدە نەچچە ئون مىڭ ئادەم سىغىدىغان ئىنتايىن چوڭ ۋە نەچچە يۈز مىڭ مو يېرى بار چوڭ تىپتىكى ئۆزگەرتىش مەيدانى بار. شۇ يەرلەرگىمۇ ئادەم سىغدۇرالماي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئادەملەرنى قاماش ئۈچۈن يۆتكىشى تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنداق بىر ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ يۈتۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش. بىر ئىشنى مىسال قىلاي. يەكەن 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنجى ياكى ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى ، يەنى بۇ مەكتەپ بولسا بىر خىتاي باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر قىزى ئىنتايىن چىرايلىق قىز ئىكەن. مۇشۇ قىزغا خىتاي ئوقۇتقۇچىسى باسقۇنچىلىق قىلغانلىق سەۋەب قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەمما سوت تەرەپتىن باسقۇنچىلىق دىلوسىنى سادىر قىلغۇچىغا نېرۋىسى ئاجىزلىقتىن جىنايەت سادىر قىلغان دېگەن باھانە بىلەن ئەرزنى بېسىقتۇرۇپ، قىزنىڭ ئائىلىسىگە بىر قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىش ياكى تۆلەم بېرىش ئورنىغا ئۇلارنى بۇ ئىش ھەققىدە ئېغىز ئاچقۇزمايدىغان قىلىۋېتىپمۇ بولدى قىلماستىن ئاقىۋەتتە قىزنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز غايىپ بولدى، قىزنىڭ دادىسىمۇ يەكەندە بىر كادىر ئىدى. ئەممە ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولدى…..بۇنداق ناھەقچىلىقلار ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، ناھىيىدىن ئەز ئىشلىرىدە كەنت، يېزا تەرتىپى بويىچە ئەرز قىلىشنى، ئەرزنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، ئەگەر كىشىلەر بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن بېرىپ قالسا، ھۆكۈمەت ئىچكىرگە ئادەم ئەۋەتىپ ياكى ئىچكىرىدىكى قارا قوللار گورۇھىنى ياللىۋېلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن ياكى ئەرز قىلغۇچىنى شۇ يەردە قاماش، ياكى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ جازالاشتەك ئىشلار بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئەرز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. خەلقىمىزدىمۇ بالا – قازاغا نىسبەتەن <ئەلھەكمۇلىللا !> دەپ شۈكرى قىلىدىغان، كەلگۈلۈكلەرنى قىسمەتكە ئارتىپ، قانائەت بىلەن ياشايدىغان خاراكتېر بولغىنى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا خەلقنىڭ ئىشەنچىسى پۈتۈنلەي يوقالغان بىر ئەھۋال بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەردە ئەرز شىكايەت بىلەن ئۆز ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىكلەرگە سۈكۈت قىلىشتىن باشقا يولى قالمىدى. سىز ئويلاپ بېقىڭ، ھازىر ئۈرۈمچىدە ناننىڭ باھاسى 5يۈەنگە چىقىپتۇ، يەنى تونۇر سېلىپ نان يېقىشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك كىشىلەر ھەتتا ناندىمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. چەكلىمىلەر شۇ دەرىجىدە تۇرسا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يەنە نىمە دەيمىز؟ كىمگە دەيمىز؟ يەنە بىر ئىشنى مىسال قىلسام، بىر تۇغقىنىمنىڭ زېمىنى قۇرۇلۇش ئورنىغا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ 1800كۋادرات مېتىر زېمىنى مەجبۇرىي ھالدا بىر كۋادىرات مېتىرىنى 1300يۈەندىن پۇل بېرىپ تارتىۋالدى. ئۇلار كۆچۈشكە ئۇنىمىغانىدى، ئويىنىڭ توك، پار ۋە سۇلىرىنى مەجبۇرىي كېسىۋەتتى. ئۇلار ئەرز قىلىمىز دېگەنىدى. ئۇلار ئەر – ئايال ئىككىسى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىدى. ھەر ئىككىسىنىڭ ئىدارىسىدىن بۇلارغا بېسىم قىلىپ، خىزمەتتىن ھەيدىلىپ كېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، ئاخىرى شۇنچلىق ئازغىنە پۇلغا مەجبۇرىي ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالدى. يەنە بىر مىسالنى ئالسام، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 70-80 پرېسەنتىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان بىر رايوندا ئون خىزمەتچىنىڭ 9ى خىتاي ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار خىتايچە بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆز ھاجەتلىرىدىن قانداق چىقالايدۇ تىلىنى بىلمەيدىغان خىتايلار بىلەن؟ بۇنداق ئەھۋاللاردا ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ قالسا ئۇيغۇرلارغا دەرھاللا <مىللەتچى، ئايرىمچى>دېگەن قالپاق كېيدۈرۈلۈپ، تۈرمىلەرگە قامىلىشى،ھەر خىل كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەمما ھېچاقچان بىر خىتاي مىللەتچىلىكى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالمايدۇ ياكى جازالانمايدۇ!
مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىمۇ ئائىلىمىز نەزەربەنتكە ئېلىنمايتتى، ئۆيىمىزدىن چىقالايتتۇق، ھەر قانداق يەرگە بارالايتتۇق. خىزمىتىمىز ۋە تىجارەتلىرىمىزنى قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى نورمال ئېلىپ كېتىۋېرەتتۇق. لېكىن ھازىرقى ئەھۋاللارغا قارايدىغان بولساق ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى <يەكەن قەتلىئامى>، <ئۈرۈمچى قەتلىئامى>، <غۇلجا قەتلىئامى>دېگەندەك ئاتىماي <شەرقىي تۈركىستان قەتلىئامى>دەپ ئاتىساق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر، ئاساسەن كىرگەنلەر چىقالمايدۇ ياكى جەسىدى چىقىدۇ ياكى جەسىدىمۇ يوق، ئۆزىمۇ يوق، غايىپ بولىدۇ. ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى سۈرۈشتە قىلالمايدۇ. مەسىلەن، ياشقى چوڭ كىشىلەرنىڭ جەسىدىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ ئەمما ياشلارنىڭ جەسىدىمۇ ھېچنىمىسى يوق . ئۆلۈپ قالمىغانلىرى بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىىلەر بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى نەچچە يۈز كىلومېتېر مۇساپىلەرنى بېسىپ تۈرمىدىكى تۇغقانلىرىنى كۆرگىلى كەلسىمۇ، كۆرۈشتۈرۈش ۋاقتى 5ياكى 10مىنۇتتىن ئارتۇق بولمايدۇ…….ئەھۋال مانا مۇشۇ دەرىجىدە ئېغىر!
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئەسلىدە ئۆزىمىز كىشىلىرىمىزگە قالپاق كەيدۈرۈپ قويىدىكەنمىز. بىرىمىزنى قارىم دەيدىكەنمىز، يەنە بىرنى ئالىم دەيدىكەنمىز،بىرسىنى ۋەتەنپەر دەيدىكەنمىز، بىرسىنى ئىنقىلابچى دەيدىكەنمىز، يەنە بىرىنى موللام دەيدىكەنمىز،بىرسىنى جاسوس دەيدىكەنمىز، يەنە بىرسىنى خائىن دەيدىكەنمىز، يەنە بىرلىرىنى كاپىر دەيدىكەنمىز…..ئاقىۋەت ئۆز ئادەملىرىمىزگە ئۆزىمىز ئەنە شۇنداق قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش، يوقىلىش، ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئىز دېرەكسىز غايىپ بولۇشلىرىغا سەۋەبچى بولىدىكەنمىز ياكى ئارىمىزدا ئىناقسىزلىق، ئۆملەشمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىكەنمىز. بىز مۇشۇ ئىشلىرىمىز بىلەن خىتاينىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، خىتاينىڭ بىزدىن پايدىلىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىمىز، بىزنى يوقىتىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتىمىز! مانا ھازىر تۈركىيىدەك بىر دۆلەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە ئىنقىلاپچى سەۋەبلىك قامىلىشى، ئىز – دېېرەكسىز غايىپ بولۇشلىرى يۈز بېرىۋېتىپتۇ. بىز بۇلارنى كىمدىن كۆرۈشىمىز كېرەك؟ ياق، ئاللاھ بىزگە ئەقىل بەرگەنىدى، بىزنى تەپەككۇز قىلسۇن دېگەنىدى. بۇ قىلمىشلىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك! ئىزدېنىشىمىز كېرەك!
1994-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقى دەپ قىرغىزىستاندا بىر پائاللىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغانىكەن. شۇ پائالىيەت سەۋەبلىك بىر كىشىنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلگەن ئىشلار يۈز بەرگەن. يەنى قۇرۇلمىغان شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كىشىلەر بىر بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىشقان…..ھازىر قاراپ باقايلى، ھازىرمۇ خەلقىمىز ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشۈپ، بىر بىرى بىلەن تەبىقە تالىشىپ، كۆڭۈلسىز زىددىيەتلەر ئىچىگە پېتىپ قالدى. بىز مۇشۇ ئەھۋالىمىزدا غەلىبە قىلالايمىزمۇ؟ مۇشۇ سۆھبەتنى يازغان ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىدىكى سەۋەب نىمە؟ بۇنىڭ جاۋابكارى كىم دېگەن نوقتىلاردا چوقۇم دېگەنلىرىمنى تولۇق يېزىپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن .

Share
2653 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.