logo

trugen jacn

ياپونلارنىڭ مىللىي روھى

Erkin1b بىلىمخۇمار

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

ناھايىتى راھەت كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بىر ياپون ھەربىي ماھارەت ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىللە دالادا مېڭىۋاتقاندا، يېنىدىن بىر ناھايىتى چىرايلىق توشقان يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر تۈلكە توشقاننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكى پاراڭلار بوپتۇ:
–ئوقۇغۇچى: بىچارە توشقانغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى-دە؟ ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەندۇق. ئەمدى ئۇ ئۆلىدىغان بولدى.
–ئوقۇتقۇچى: ئۇ نېمىشقا ئۆلىدىكەن؟
مۇشۇنداق ئىنتايىن ئېنىق بىر ئىشتا، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاشۇنداق بىر سوئالنى سورىغىنىغا ئوقۇغۇچى ناھايىتى ھەيران قاپتۇ.
–ئوقۇغۇچى: ئۇ تۈلكە توشقاندىن جىق تېز ھەم كۈچلۈك تۇرسا.
–ئوقۇتقۇچى: بىزنىڭ قەدىمقى ھېكمەتلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئۇ توشقان تۈلكىدىن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ.
— ئوقۇغۇچى : قانداقسىگە ئۇنداق بولسۇن؟ تۈلكىنىڭ نەقەدەر تېزلىكىگە قاراڭ. ئۇ چاقماقتەك تېز يۈگىرەۋاتسا.
–ئوقۇتقۇچى : شۇنداقتىمۇ توشقان ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتىدۇ.
توشقاننىڭ بىر ئوتلۇقنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تۈلكە بولسا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ، توشقانغا يېتىشۋالاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئوقۇغۇچى: «سىز ئۇنى قانداق جەزىملەشتۈرەلەيسىز؟» دەپتۇ. بىردەمدىن كېيىن تۈلكە ئوتلۇقنىڭ ئىچىدىن چىقىپ، يەنە ئوتلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئاشۇنداق قىلىپ ئوتلۇقنىڭ ئىچىنى بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تۈلكە ئۇ توشقاننى تاپالماي، يەيدىغانغا باشقا ھايۋان تېپىش ئۈچۈن كېتىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى «مەن توشقاننىڭ قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى تۈلكە ئۆزىگە كەچلىك تاماق تېپىش ئۈچۈن يۈگىرەۋاتىدۇ. توشقان بولسا جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن يۈگىرەۋاتىدۇ»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

بىز بىر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە، ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن دىققىتىمىزنى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم مۇشۇ ھېكايىدىكى توشقاندەك ئۆزىمىزدىن كۈچلۈكرەك ۋە چاققانراق دۈشمىنىمىزنىمۇ يېڭەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق ئەھۋالدا توشقان داۋاملىق قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. ئەمما، ئەگەر ئۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشمايدىكەن، ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ قالالاشىدىن قىلچىمۇ ئۈمىد بولمايدۇ. بىرەر كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزدىكى قورقۇش تۇيغۇسى ۋە بۇنداق قىيىن ئۆتكەلگە تاقابىل تۇرۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيمەن، دەيدىغان قارىشىمىز تۈپەيلىدىن بىر پالەش ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. بەزىلىرىمىز بولسا ئاشۇنداق قىيىن ئۆتكەلگە تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلىنىمىز. بۇنداق ئىشلارغا قارىتا سامۇرايلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ يېڭى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇۋاتقان ۋەسىيىتى: «ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تاللاشلىرىمىز بار. بىز بىر شىر بولامدۇق، ياكى بىر قوي بولامدۇق، بۇنى ئۆزىمىز تاللايمىز.» دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

يۇقىرىدىكىسى بىر ياپون ھەربىي ماھارەت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان بىر قېتىملىق سۆزى [1].

مەن ئالدىنقى ماقالىدا [2] ياپونلارنىڭ بىر ساپالىق مىللەت بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىر قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ياپونلارنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن يەنە مۇنداق ئىككى نەرسىنى چوقۇم بىلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ياپونلاردىكى سامۇراي روھى. يەنە بىرى بولسا ئۇلاردىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش روھى. ياپونلارنىڭ سامۇراي روھى ئۇلارنىڭ مىللىي روھى بولغاچقا، ماقالىنىڭ تېمىسىنى «ياپونلارنىڭ مىللىي روھى» دەپ ئالدىم. ئۇيغۇرلاردا تارىختا ۋە ھازىر بار بولغان بىر قىسىم روھ ياپونلارنىڭ سامۇراي روھىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن ياپونلاردا باشقا مىللەتلەردە كەم ئۇچرايدىغان ياكى پەقەتلا تېپىلمايدىغان بىر قىسىم ئالاھىدە روھلارمۇ بار. ھەمكارلىشىش روھى ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىككە يېتىشى ۋە بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسە. بىراق، نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلار باشقىلارغا بېقىندا بولۇپ ياشاپ، بۇنداق روھنى ناھايىتى زور دەرىجىدە يوقىتىپ قويدى. ھازىر بىز ئۇنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتىمىز. تەلىيىمىزگە يارىشا بۇ ئىككى خىل روھنى تەربىيە ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. يەنى، ئەگەر بىز تىرىشساق، بىز بۇرۇن ئەڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرلەردە ئىگە بولغان بىر قىسىم روھلارنى ئۆزىمىزدە ۋە بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادىمىزدا يەنە قايتىدىن يېتىلدۈرەلەيمىز. ئەگەر بىز بىر ياخشىراق تەقدىرگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەنمىز، يۇمشاق باش ئەمەس، بېلى بوش ئەمەس، تايىنى يوق ئەمەس، ۋە پۈچەك ئەمەس يېڭى ئەۋلادلارنى، يەنى پۈتۈن ۋە ھەقىقىي ئىنسانلىق ساپاسىغا ئىگە يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىشىمىز كېرەك. تورداشلارنىڭ ياپونلار ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋېلىشى، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن ۋە ھەقىقىي ئىنسان، ياكى يۇقىرى ساپالىق ئىنسانلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تولۇق بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، مەن بۇ ماقالىدا ياپونلارنىڭ سامۇراي روھىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1 . سامۇراي روھىنىڭ قىسقىچە تارىخى

«سامۇراي» دېگەن سۆز ياپونلارنىڭ خەنسۇچە خېتىدە «侍» دەپ يېزىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ياپونچىدە «جەڭچى»، يەنى «武士، bushi» ۋە «武家، buke»، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ھازىرقى زاماننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياپونىيە ھەربىيلىرىنىڭ ئالىيجانابلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان ئىسىم سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. 侍 دېگەن خەتنىڭ خەنسۇچىدىكى ئەسلى مەنىسى «جەمئىيەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇق ئەھلىلىرىگە ھەمرا بولۇش»، دېگەننى بىلدۈرىدۇ [3]. بۇ سۆز تۇنجى بولۇپ 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى (905-914) دا يېزىلغان بىر پارچە ئىمپېرىيە شېئىرلار توپلىمىدا ئىشلىتىلگەن. 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە侍 بىلەن武士 پۈتۈنلەي مەنىداش بولۇپ كەتكەن، ھەمدە ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھەربىيلەر سىنىپىنىڭ نامى قىلىپ ئىشلىتىلگەن.

سامۇراي مەدەنىيىتىگە ئەڭ كۆپ تەسىر قىلغىنى بۇددىزم بىلەن زېننىڭ پەلسەپىسى بولۇپ، كۇڭزىتەلىماتى بىلەن شىنتو دىنىمۇ ئۇنىڭغا ئازراق تەسىر كۆرسەتكەن. زېن تەلىماتىنىڭ ئىنساننىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار بولغاچقا، زېن قائىدىسى بويىچە كۆڭۈلنى كونترول قىلىش سامۇراينىڭ مۇھىم بىر تەلىماتى بولۇپ قالغان. ياپونىيە ئۇرۇش قىلىپ 1895-يىلى جۇڭگونى ۋە 1905-يىلى روسىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيىلىك زىيالىيلار ۋە مىللەتچىلەر ئارىسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەردە 武士道 (بۇشىدو) دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا چىققان. ھەمدە بارا-بارا سامۇرايلار 武士道 دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاتار ئالاھىدە تۈزۈملەر بويىچە ئىش قىلىدىغان بولغان. بۇ سىنىپنىڭ پۈتۈن ياپونىيە نوپۇسىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 10 پىرسەنتتىن ئاشمىغان بولسىمۇ، سامۇراي تەلىماتلىرى تاكى بۈگۈنگىچە ياپونلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ھەربىي ماھارەتلىرىگە ئوخشاشلا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

2. سامۇراي روھى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
سامۇراي روھى ياپونىيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي دەۋرلىرىدە ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كەلگەن. تۆۋەندە مەن ئالدى بىلەن ياپونىيىدىكى تارىخىي داڭلىق ئەربابلارنىڭ سامۇراي روھى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن. ئاندىن سامۇراي روھىنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلىمەن.
سامۇرايلار ئەڭ دەسلەپتە ئەمەل قىلغان نەرسە سەمىمىيەتلىك بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ خوجايىنىغا بولغان مەجبۇرىيىتى، ۋە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە نامايان قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ساداقەتمەنلىكنى تەكىتلىگەن [3].
خوجو شىگېتوكى (1198 – 1261): بىر ئادەم مەلۇم بىر رەسمىي ۋەزىپە ئورنىدا ياكى بولمىسا خوجايىنىنىڭ قورۇسىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇ ھەرگىزمۇ بىرەر يۈز ياكى بىرەر مىڭ ئادەمنى ئويلىماسلىقى، پەقەت خوجايىنىنىڭ مۇھىملىقىنىلا ئويلىشى كېرەك .

13- ۋە 14-ئەسىرلەردىكى ياپون جەڭچىلەرگە ئائىت يازمىلاردا ياپون جەڭچىلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى باتۇرلۇقى، ئىنتايىن قاتتىق ئائىلە ئىپتىخارى ۋە خالىسلىقى، ھەمدە خوجايىن بىلەن جەڭچىلەرنىڭ ئومۇمنىڭ ئىشىغا ئۆزىنى خالىس ئاتاش روھى مەدھىيلەنگەن.

شىبا يوشىماسا (1350 – 1410): ھەر بىر ياپون جەڭچىسى بىر ھەربىي باشلىق ياكى پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا شەرەپلىك ھالدا جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئاشۇنداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش كىشىنى ناھايىتى ئارماندا قالدۇرىدىغان بىر ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرەر قورال ئىشلىتىپ ياشاشنى ئۆزىگە كەسپ قىلىۋالغان بىر كىشى يالغۇز ئۆزىنىڭ نامىنى ئويلاپ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. پەقەت ئۆزىنىڭلا ھاياتىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىپ، ئۆز نامىغا مەڭگۈلۈك داغ كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. بىر ئادەم ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىدىغاندا، ئۇنى پادىشاھ ئۈچۈن ياكى بىرەر ھەربىي گېنېرال ئېلىپ بېرىۋاتقان مەلۇم بىر ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى كېرەك.
تاكېدا نوبۇشىگې (1525 – 1561): چوڭ ۋە كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئادەم ئۆزىنىڭ خوجايىنىدىن يۈز ئۆرىمەسلىكى كېرەك. خوجايىنىدىن تارتۇق (سوۋغا) تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. خوجايىنىنىڭ ئۆزىگە قانداق نامۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ خوجايىنىدىن نارازى بولماسلىقى كېرەك. بىر قول ئاستىدىكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئادەمگە باھا بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

تاكېدا شىنگېن (1521 – 1573): دەرىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان كىشى ئالدى بىلەن ھەربىي ماھارىتىگە ئىگە ۋە ساداقەتمەنلىكتە ئۇتۇق قازانغان ئادەم بىلەن تونۇشىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغان ئادەمنىڭ ئۆز پادىشاھى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىغىمۇ سەل قارايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇنداق بىپەرۋالىق ئاشۇ كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ساداقەتسىزلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەم «سامۇراي» دېگەن ئاتاققا لايىق كەلمەيدۇ.

ئاساكۇرا يوشىكاگې (1428 – 1481): بىزنىڭ پادىشاھلىق ئوردىمىزدا باشلىقلىق ئورنى بۇرۇنقى ئەۋلادتىن يېڭى ئەۋلادقا مىراس قالمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئورنى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ساداقەتمەنلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. دادامنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دادام ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى قۇربان قىلىشقا ۋە دادام بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا رازى.

كاتو كىيوماسا 1592 – 1598-يىللىرىدىكى كورىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدا ئاساسىي قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ داڭلىق پادىشاھ بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ھەر بىر جەڭچىنىڭ ھاياتىدىكى بىردىن-بىر بۇرچى ئۇزۇن ۋە قىسقا قىلىچلارنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش. مېنىڭ قول ئاستىمدىكى بارلىق ئەسكەرلەر ساداقەتمەنلىك ۋە مەجبۇرىيەت ( 孝) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كلاسسىك ھەربىي ماھارەتلەرنى قاتتىق تىرىشىپ ئۆگىنىشى كېرەك. ئەگەر بىر ئادەم بۇشىدو تەلىماتلىرىنى ھەر كۈنى ئۆگىنىپ تۇرمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى بىر قەھرىماندەك ياكى بىر ئەركەكتەك قۇربان قىلىش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم جەڭچىگە خاس سۈپەتلەرنى يۈرىكىگە چوڭقۇر ئورنىتىشى كېرەك.

نابېشىما نائوشىگې (1538 – 1618) مۇ كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ھەربىي دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر بىر جەڭچى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپىگە بىرەر قېتىم ئۇچراپ باقمىغان بولسا، ئۇ بىر نومۇس قىلىدىغان ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سامۇراينىڭ ياشاش ئۇسۇلى جېنىنى تىكىشتىن ئىبارەت. بۇنداق بىر ئادەمنى باشقا ئون ئادەم، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەممۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ.

تورىئى موتوداتا (1539 – 1600) مۇ بىر فېئۇدال پادىشاھ بولۇپ، ئۇ ئۆز ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: «نومۇس قىلىش ۋە ئالاھىدە مۇھىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بولسىمۇ ئۆلۈمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بۇشىدونىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۆزىنىڭ خوجايىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىش بىر قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان پرىنسىپ بولۇپ، بۇ پرىنسىپنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر مەن مۇشۇ دۆلەتتىكى بارلىق جەڭچىلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزەمنىڭ خوجايىنىغا بولغان مېھرىبانلىقىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىمنى قۇربان قىلسام، ئۇ مېنىڭ ئائىلەم ئۈچۈن كەلتۈرگەن بىر شان-شەرەپ بولىدۇ. ئۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك ئارزۇيۇمدۇر.» بۇ بىر جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەردىن كېيىن تورىئى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆز يېشى قىلىشقان. تورىئىنىڭ دادىسى ۋە چوڭ-دادىسىمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەسكەر بولغان، ھەمدە ئۇنىڭ ئاكىلىرى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا تورىئى ئىنتايىن زور قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، ياپونىيە تارىخىنى بىر يېڭى يۆنىلىشكە بۇرىغان.

ئۇئېسۇگى كېنشىن (1530 – 1578) بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلىقى بىلەن ناھايىتى زور شەرەپ قازانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىشتىن قورقىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ بىر جەڭچى ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر سەن جەڭ مەيدانىغا غەلىبە قىلىشقا بولغان تولۇپ-تاشقان ئىشەنچەڭ بىلەن بارساڭ، سەن ئۇ جەڭدىن ھېچ قانداق يارىلانماي قايتىپ كېلىسەن. ئەگەر سەن ئۆلۈشكە يۈزدە-يۈز رازى بولۇپ ئۇرۇشقا كىرسەڭ، سەن ئۆلمەي ساق قالىسەن. ئەگەر سەن ئۇرۇشتا ساق قېلىشنى ئارزۇلاپ جەڭگە كىرسەڭ، سەن چوقۇم ئۆلىسەن. ئەگەر سەن ئۆيۈڭدىن ئۇنى قايتا كۆرمەسلىككە ئىرادە باغلاپ ئايرىلساڭ، ئۆيۈڭگە ساق-سالامەت قايتىپ كېلىسەن. ئەگەر سەن جەڭگە كىرمەي تۇرۇپ ئۆيگە سالامەت قايتىپ كېلىشنى ئويلىساڭ، سەن جەڭدىن قايتىپ كەلمەيسەن. دۇنيا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلىساڭ خاتالاشماسلىقىڭ مۇمكىن. ئەمما بىر جەڭچى ئۇنداق ئويلىماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ تەقدىرى ھەر ۋاقىت بېكىتىلىپ بولغان بولىدۇ.

فرانشىس زاۋىئېر (St. Francis Xavier، 1506 – 1552) ياپونىيىدە خرىستىيان دىنىنى تارقىتىش ئىشى بىلەن ئىككى يىل شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان: دۇنيادا ياپونلاردەك ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان باشقا مىللەت يوق. دۇنيادا ياپونلاردەك شۆھرەتكە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان باشقا مىللەت يوق. ئۇلار بىرەر بىر قېتىملىق ھاقارەت، ھەتتا ئاچچىقلىنىپ دېيىلگەن بىر ئېغىز سۆزنىمۇ ئېتىبارسىز ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ياپونلار جۇڭگو، كورىيە ۋە فىلىپىننىڭ ئەتىراپىدىكى باشقا دۆلەت كىشىلىرىگە قارىغاندا كۆپ باتۇر ۋە ئۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، «سامۇراي» دېگەن سۆز ياپونىيىدىكى 700 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەربىيلەر سىنىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۈستۈن ھەربىي ماھارەتلىرى ۋە ئىنتايىن قاتتىق تۇرمۇش تۈزۈملىرىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىي ماھارەتلىرى پۈتۈن دۇنياغا داڭ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ھازىرمۇ بىر ئىنتايىن مۇكەممەل ھەربىي ماھارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا، سامۇراي سىنىپى ياپونىيە خەلقىنىڭ ئەڭ ئېسىل خاراكتېرى بىلەن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلدى. سىياسىي ھوقۇقلارنى يۈرگۈزگەن ھەربىي ئائىلىلەر ئاشۇنداق روھنىڭ جەۋھەرلىرىنى كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلاپ كەلدى. زېن بۇددا دىنى ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەمەللەشتۈردى ۋە تېخىمۇ ياخشىلىدى. بۇ خاراكتېرلار بىر خىل پەرزگە ئوخشاش ياپونىيە ئەسكەرلىرىدە تاكى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

سامۇرايلار يالغۇز ئۇرۇش قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ياپونىيە سەنئەتلىرىنىمۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. بۇ سەنئەتلەر چاي مۇراسىمى، گۈل تىزىش، ۋە شېئىرىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنداق سەنئەتلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋىي سامۇراي تەربىيىسى ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي تەربىيىنى، ھەمدە كىشىلىك تەرەققىيات ۋە تەبىئەتتىكى گۈزەللىككە مىننەتدارىق بىلدۈرۈش قاتارلىقلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى. سامۇراي روھىنىڭ ئاشۇنداق تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، جەڭچىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بولغان «بۇشىدو» نى شەكىللەندۈردى. «سامۇراي» نىڭ مەنىسى «خىزمەتچى» بولۇپ، ھەر بىر سامۇراي جەڭچىسى ئۆزىنى ئۆز جامائىتى ۋە ئۆز ۋەتىنىنى قوغداشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن، ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەم، دەپ ھېسابلايدۇ.

ياپونىيىدە سامۇرايلار بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەۋجۇت. بۈگۈنكى سامۇرايلار ئەنئەنىۋى ھېكمەتلەر ۋە قەدىمقى تەدبىرلەردىن ئەقىل ۋە كۈچ تاپىدىغان كىشىلەر. ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەر كۈنى تەبىئەتتە كۆرۈلۈۋاتقان كىچىك مۆجىزىلەردىن ھوزۇرلىنىدىغان كىشىلەر. بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۆز ھاياتىدىكى ھەر بىر پەيتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر. ئۇلار ھازىر قىلىچ ياكى باشقا بىرەر ھەربىي قوراللارنى يېنىدا ساقلاپ يۈرمەيدۇ. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىرەر ھەقىقىي ئۇرۇشقىمۇ كىرمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي دۇنياسىدا جەڭ قىلىپ، ئۆزىدىكى ھورۇنلۇق، ئۆز-ئۆزىنى تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشتىكى يېتەرسىزلىك، ۋە ئۆزىگە بىرەر يامان ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان ۋەھىمىلىككە ئوخشاش ئۆز ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئەگەر ياردەمگە چاقىرىلىدىكەن، ئۇلار باشقىلار ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىدۇ.

ئىلاۋە: مەن 1988-يىلى ياپونىيە ئوساكا رايونىغا جايلاشقان ماتسۇشىتا شىركىتىدە ئاخشىمى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى قوشۇمچە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا، مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆرگەن: ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، ئىشقا 15 مىنۇتتەك بالدۇر كېلىدۇ (زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرلەردىن تەشكىل تاپقان). ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردىن كىيىم قۇيىدىغان كىچىك ئىشكاپى بار بولۇپ، ئۇلار شىركەتكە كېلىپلا ئۆيدىن كىيىپ كەلگەن كىيىملىرىنى سېلىۋەتىپ، شىركەت كىيىمىنى كىيىدۇ. ھەمدە ھەر بىر بىنادىكىلەر شۇ بىنانىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك زالغا يىغىلىدۇ. ئالدى بىلەن ھەممەيلەن ئوپچە ئۈنلۈك ئاۋازدا شىركەت ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن سېخ باشلىقى ئىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تۈنۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى ۋەزىپىنى بايان قىلىدۇ. ھەمدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا بىر شوئار توۋلايدۇ. شوئاردىن كېيىن سېخ باشلىقى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سېخ بىناسىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ماشىنىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان كونتروللىغۇچنى توكقا ئۇلاپ، پۈتۈن ماشىنىلارنى ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئەتىگەن سائەت 8 دە ئىشقا چۈشىدىغان نۆۋەتچىلەر ئۈچۈن، بۇ ئىش سائەت 8 گە بىر قانچە سېكۈنت قالغاندا يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشچىلار ئۆزلىرى مەسئۇل ماشىنىلارنىڭ قېشىغا يۈگۈرەيدۇ (ئەگەر ماشىنىنىڭ قېشىغا ئۆز ۋاقتىدا بارمىسا، بەزى ماشىنىلار توسۇلۇپ قېلىپ، چاتاق چىقىدۇ). شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىشچىلار ئەتىگەن سائەت 8 دە نورمال ئىشلەشنى جىددىي ھالدا باشلاپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى بىر ھەربىي تۈزۈمگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ سامۇراي روھىنىڭ ھازىرقى ناماياندىسىدۇر. ياپونىيىنىڭ قانداق قىلىپ بىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى مۇشۇ بىر مىسالدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

3. سامۇراي قىلىچى

قەدىمقى زاماندىن تارتىپلا، ياپونلارنىڭ قىلىچى يالغۇز كۈچنىڭ قورالى بولۇپلا قالماي، سامۇرايلار قىلىدىغان ھەممە ئىشلارنىڭ سىمۋولىمۇ بولۇپ كەلگەن [4]. قىلىچ ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئادالەتنى ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا قوغداش سامۇرايلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىپ بېكىتىلگەن. جەمئىيەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىمۇ سامۇرايلارنىڭ بۇرچى قىلىنغان. ياپونىيىدە قىلىچقا ئائىت ھېكايە-رىۋايەتلەر ئىنتايىن كۆپ. ئىگىسى بىر نەرسە قىلمىسىمۇ، جىننىڭ قولىغا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ياردىمىدە ئۆزلىگىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قىلىچلارنىڭ رىۋايەتلىرى بار. غىلاپتىن ئۆزلىگىدىن چىقىپ، ئادالەتسىز ۋە رەزىل ئادەملەرنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن قىلىچلارنىڭ ھېكايىلىرىمۇ بار. ياپوندا ھازىر قىلىچ ياساۋاتقانلار نەچچە ئەسىردىن بۇيان قىلىچ ياساپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرىدۇر. ياپونلارنىڭ ھازىرمۇ قىلىچ ياسىشىنى بىر خىل ھۈنەرۋەنلىك دېگەنگە قارىغاندا، ئۇنى بىر خىل سەجدە قىلىش جەريانى، دەپ قاراش تېخىمۇ مۇۋاپپىقراق. دادىسىنىڭ مەخپىي ھۈنەرلىرىنى بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچى بىر يېڭى قىلىچ ياساشنى باشلاشنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىر كۈن روزا تۇتۇپ، ئۆزىنى پاكلاش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەيدۇ. چۈنكى، شىنتو دىنىدا روھىي جەھەتتىكى پاكلىققا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى جىسمانىي جەھەتتىكى باكلىق، دەپ قارىلىدۇ. تۆمۈرچىلەر قىلىچ ياساش جەريانىدا بىر خىل مەخسۇس مۇشۇنداق ھۈنەرۋەنلەر ئۈچۈن تىكىلگەن ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، ھەمدە بىر قانچە تۆمۈرچىلەر توخماق بىلەن قىزىق تۆمۈرنى ئوخشاش قەدەمدە سوقىدۇ. ئۇستاممۇ تۆمۈرچىلىكنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ بىلەن كونترول قىلىدۇ. بۇ بىر تەقۋادارلىق جەريانى بولۇپ، ئۇ يالغۇز بىر كۈچلۈك قىلىچنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپلا قالماي، ئاشۇ قىلىچقا ياپونلار ئۆز قىلىچلىرى ئارقىلىق كۆڭلىدە نامايان قىلىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سۈپەتلەرنىمۇ سىڭدۈرىدۇ.

ياپونلار ياسىغان ئوقيالارنىڭ سۈپىتىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ئوقيا ياساشمۇ ياپوندا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقيا ئېتىش ماھارىتىنى كۆرسىتىش كۆرىكى ئۆتكۈزىدۇ. ياپونىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ئوقيا ھۈنەرۋەننى ئوقياغا ئىشلىتىدىغان بامبۇكنىمۇ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي يېرىدە بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئۆستۈرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئۆزى بىر خىل مۇرەككەپ ئۇسۇل بىلەن قۇرۇتىدۇ. خۇددى قىلىچ ياساش ھۈنىرىگە ئوخشاش، ئوقيا ياساش ھۈنىرىمۇ بىر خىل تەقۋادارلىق جەريانىغا ئايلانغان.

ياپون ئەسكەرلەر قىلىچنىمۇ بىر خىل نەچچە ئەسىر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە بويىچە تۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋە پاقىراپ تۇرغان قىلىچىنى كۆتەرگەندە، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە دەخىل كەلتۈرۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ھەتتا تىنىق ئېلىشنىمۇ توختىتىدۇ. بۇنىڭدىن قىلىچنىڭ ياپونىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئۇ يالغۇز بىر خىل ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئۇرۇش قورالى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ياپون مىللىتى ياساپ چىققان ئەڭ ئىلغار نەرسىلەرنىڭ بىر سىمۋولىدۇر.

بالىلاردىكى مىللىي ئىپتىخارلىقنى ئۇلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ بۇرۇنقى شانلىق تارىخى ۋە ئەنئەنىسىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ياپونىيىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىر دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدە سامۇرايلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇلار توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر بار. ئادەتتە ئۆزىنى ئىنتايىن قاتتىق تۇتۇۋالىدىغان ياپون ئەر ۋە ئاياللار، كىنو ۋە درامىدىكى بىر باتۇر سامۇراينىڭ بىر جەڭدە ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغان كۆرۈنىشنى كۆرگەندە، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ سامۇرايغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ۋە سەۋرچان پۇزىتسىيىسىنى نامايان قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆز يېشى قىلىدۇ. ياپونىيە ھازىر بىر زامانىۋىلاشقان ۋە سانائەتلەشكەن دۆلەتكە ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، باتۇر سامۇرايلار ھازىرمۇ نەچچە ئەسىردىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ناھايىتى كۈچلۈك ھۆرمەتلىنىدۇ. كۆپ سانلىق ياپونلارنىڭ ئۆيىدە ھازىرمۇ بىر قىلىچ ئۆيىنىڭ ئەڭ قەدىرلىنىدىغان تېمىغا ئېسىقلىق تۇرىدۇ.

سامۇراي روھىنىڭ ئەڭ ساپ شەكلى ياپونىيە ئەسكەرلىرىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ روھنى ياپونىيىنىڭ ھەممە جايلىرىدا نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. 1904-1905-يىللىرىدىكى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى جەريانىدىكى پورت ئارسۇر (Port Arthur) جېڭىدە [5]، كەينىدىن كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە بىر توساقسىز يول ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدىدا ماڭغان نەچچە مىڭ ياپون ئەسكەرلىرى ئۆزىنى ئوققا تۇتۇپ بېرىپ، روسىيە قورغىنىنىڭ ئالدىدىكى خەندەكنى ئۆز جەسەتلىرى بىلەن تىندۇرۇپ بەرگەن. 1931-يىلى شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا، ئۈچ ياپون ئەسكىرى بېلىگە بومبا تېڭىپ، دۈشمەن ئارىسىغا مەخپىي كىرىۋېلىپ، ئۆزىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق قالغان ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە يول ئاچقان. بۇ ۋەقە «ئۈچ دانە تىرىك بومبا» (three living bombs) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. بۇ ئەسكەرلەرگە ئاشۇنداق قەيسەرلىك ۋە قەھرىمانلىق ئاتا قىلغان نەرسە دەل سامۇراي روھىدۇر. ئاشۇ سامۇراي روھى بىلەن گېنېرال نوگى تاكى جېنىدىن ئايرىلغىچە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان. ئاشۇ سامۇراي روھى بىلەن پېئارل خاربور پورتى (Pearl Harbor) دا ياپون ئەسكەرلەر ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىچىك تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى سوقۇپ، ئامېرىكىنىڭ پېئارل خاربوردىكى دېڭىز ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان. 1945-يىلى ئامېرىكا ياپونغا بېسىپ كېلىپ، ناھايىتى ئىگىز ئۇچىدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىلەن توكيونى بومباردىمان قىلدى. ياپونلارنىڭ يەر يۈزىدىكى زەمبىرەك بىلەن ئاتقان ئوقلىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە چىقالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە پادىشاھىنىڭ بۇيرىقى بىلەن نۇرغۇن ياپون ئەسكەرلىرى بىر ماتورلۇق كىچىك تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ئاسمانغا چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى ئۆزىنىڭ كىچىك ئايروپىلانلىرى بىلەن سوقۇشتۇردى. ئۇلار بۇنداق قەھرىمانلىقنىمۇ سامۇراي روھى بىلەن قىلدى.

ياپونلار ئارىسىدا سامۇراي قىلىچى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار [1] : ماسامۇنې ئىسىملىك بىر قىلىچ ياسايدىغان ئۇستام بار بولۇپ، ئۇ ياسىغان قىلىچ سۈپىتىنىڭ ھەممە جەھەتتە ئىنتايىن يۇقىرى بولىشى بىلەن پۈتۈن ياپونىيىگە داڭلىق ئىكەن (بۇ رىۋايەت 2002-يىلى نەشىر قىلىنغان بىر كىتابتا بار بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە ماسامۇنې شۇ ۋاقىتتىمۇ ھايات ئىكەن). بۇ ئۇستامنىڭ بىر ئىنتايىن قابىلىيەتلىك شاگىرتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى مۇراماسا ئىكەن. ھەمدە ئۇ ياسىغان قىلىچمۇ ماسامۇنېنىڭكىگە ئوخشاشلا يۇقىرى سۈپەتلىك چىقىدىكەن. بۇ ئىككىسى قىلىچ ياساشقا ئوخشاش مېتالنى ئىشلىتىدىكەن. ئەمما، ماسامۇنې قىلىچ ياسىغاندا ئۇنىڭغا ئۇنى ئىشلەتكەن ئادەمنى روھلاندۇرىۋېتىدىغان بىر خىل روھنى سىڭدۈرىۋېتىدىكەن. بىر قىلىچ بېسىنىڭ قانچىلىك ئىتتىك ئىكەنلىكىنى سىناشتا، سامۇرايلار قىلىچىنى بىر ئىتتىك ئېقىۋاتقان سۇغا، بىسىنى سۇ ئېقىمىغا قارشى تەرەپكە قارىتىپ چىلاپ، قىلىچنىڭ سۇدا ئېقىپ كېلىۋاتقان غازاڭلارغا نىسبەتەن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىغا قارايدىكەن. مارامۇسا ياسىغان قىلىچنىڭ بىسىغا قاراپ كەلگەن ھەر بىر غازاڭ ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە بولۇپ كېتىدىكەن. ئەمما ماسامۇنې ياسىغان قىلىچ بىسىگە قاراپ كەلگەن ھەر بىر غازاڭ، قىلىچنىڭ بىسىگە ئۇرۇلماي، ئۇنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ماسامۇنېنىڭ قىلىچى بىلەن بىر نەرسىنى كەسكەندە، ئۇ قىلىچ ئازراقمۇ ئېگىلىپ قويمايدىكەن. مۇراماسا ياسىغان قىلىچ قارشى تەرەپنى ۋەيران قىلىشقا ناھايىتى قادىر ئىكەن. ماسامۇنې ياسىغان قىلىچقا بولسا سامۇراي روھى سىڭگەن ئىكەن. شۇڭا مۇراماسانىڭ قىلىچى «زوراۋانلىق قىلىچى» دەپ ئاتىلىپ، ماسامۇنېنىڭ قىلىچى بولسا «تىنچلىق قىلىچى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

4. ياپونلۇق ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي مەشىقى ۋە قوراللىرى

ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئارمىيىسىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ھەربىي مەشىقلەرنى تومۇز ئىسسىق بىلەن قەھرىتان سوغۇق ھاۋا شارائىتىدا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار دۆلىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا ھەربىي ساھەدە مۇنداق ئىككى چوڭ نىشاننى تۇرغۇزۇپ چىققان. بىرى ئۆزىنىڭ ئارال دۆلىتىنى قوغدايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيىسىنى بەرپا قىلىش، يەنە بىرى بولسا ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلەرنى قوغدايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش. ياپون ئارمىيىسى 1894 – 1895-يىللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى ئۇرۇشتا غايەت زور قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئالدىنقى سەپلەرنىڭ ھەممىسىدە، سان جەھەتتە كۆپ ئاجىز بولغان ھەربىي كۈچى بىلەن جۇڭگو ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن ياپون ھەربىي ئوفىتسېرلىرىنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى. ياپونلار مانجۇرىيىدە روسىيىگە قارشى تاجاۋۇزچى ئۇرىشى باشلىغاندا، پۈتۈن دۇنيا بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى تېزلا يەكۈن چىقىرىپ بولغانىدى: ئۇلار بۇ ياپون پاكالىرىنىڭ قىلىۋاتقىنى پەقەت ئۆزلىرىنى ئۇرۇشتا يەم قىلىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلەتتى. ياپونلار قىلىۋاتقىنى روسىيىنىڭ تەھدىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى قوغداش ئىدى. بۇ ئۇرۇشقا ئەنگلىيىگە بېرىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، 1875-يىلى قايتىپ كەلگەن دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى توگو قوماندانلىق قىلدى. روسىيىگە قارىتا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، ئۇ «مىكاسا» ناملىق يولباشچى پاراخوتتىن ئۆزىنىڭ پۈتۈن دېڭىز ئارمىيىسىگە «ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى جەڭگىۋارلىقىڭلارغا باغلىق» دېگەن سۆزنى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن تارقىتىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق ياپون ئەسكەرلىرىدە پەقەت مەلۇم بىر دىننىڭ تەقۋادارلىرىدىلا ۋۇجۇتقا كېلىدىغان بىر خىل مۇقەددەس قىزغىنلىق پەيدا بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك جان تىكىپ جەڭگە ئاتلاندى. ياپونىيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەشىقلىرىمۇ بۇ ئۇرۇشتا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلدى. رۇسلارنىڭ پاراخوتلىرى ياپونلارنىڭ قولىدا دېڭىز ئاستىغا غەرق بولۇپ، ياپونىيە تەلتۆكۈس غەلىبە قىلدى. «ياپونىيىنىڭ كەلگۈسى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى جەڭگىۋارلىقىڭلارغا باغلىق» دېگەن سۆز ياپونىيە تارىخىدىكى بىر داڭلىق سۆز بولۇپ ھازىرغىچە خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

ياپونىيىنىڭ ئېتاجىمادىكى دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسى يېڭى ئەسكەرلەرگە زامانىۋى دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدىغان ئورۇن. ئەمما ئۇ يەر دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيىلەش ئورنى ئەمەس، بىر پەرھىز تۇتىدىغان (ascetic) لىدېرلەرنى يېتىشتۈرۈش ئورنىغا ئوخشايدۇ. بۇ مەكتەپتىكى مەشىقلەر ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەكتەپكە ھەر يىلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىدىغانلار 8000 ئەتىراپىدا بولۇپ، تاللاشتا يالغۇز ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تېخنىكىلىق ۋە جىسمانىي قابىلىيىتىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىگە قارىلىدۇ. ھەمدە بۇ مەكتەپكە ھەر يىلى ئاشۇ 8000 ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئاران 200 ئادەم كىرەلەيدۇ. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن 44 ئاي قاتتىق ھەربىي مەشىقنى ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئاندىن ھەربىي چېنىقىشنىڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچى سۈپىتىدە يەنە 9 ئاي دۇنيانىڭ ھەر خىل جايلىرىنى ۋەزىپە بىلەن ئايلىنىپ كېلىدۇ. دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ پاراخوت ئۈستىدىكى تۇرىدىغان ئۆيلىرى ئىنتايىن كىچىك ۋە ئاددىي بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەندە بەشىنى چايقاپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ياپونلارنى مەسخىرە قىلىشقان. ئەمما، ياپونلار ئۈچۈن بۇ بىر نورمال ئىش بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددىي ۋە تار ئۆيدە تۇرۇش ھەربىي مۇداپىئەيىنى كۈچەيتىش ۋە پاراخوتنىڭ مېڭىش تېزلىكىنى ئۆستۇرۈشنىڭ بىر ئامالى بولۇپ ھېسابلانغان.

ياپون-روسىيە ئۇرۇشىدىكى زور غەلىبىسىدىن كېيىن، ياپونلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەسكەرلىككە ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئالدى. دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ زامانىۋى تېخنولوگىيىسىنى ئىشلەتتى. ياپونىيە بىر ئارال دۆلىتى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئىنتايىن يۈكسەك دەرىجىدە كىچىك دائىرىگە توپلانغان. خاربورلارمۇ ئىنتايىن قولايلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ئاساسىي ئارالدىكى سانائەت كۈچى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايونلار بىلەن بولغان ئارىلىقلىرىمۇ ناھايىتى يېقىن. شۇڭلاشقا ئۇلار دېڭىز ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشتا ئەنگلىيىگە ئوخشاش دېڭىز ئارمىيە بازىسى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقىلىپ كەتكەن دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە. ياپونىيە ئەڭ دەسلىپىدىن تارتىپلا دېڭىز ئارمىيىسىنى ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ قۇرۇپ چىقتى. ئەمما، 1922-يىلى ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياپونىيە ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن بىر قانچىسى بۇ ئىش پۈتۈن ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن بىر خىل نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ياپونىيە خەلقى ۋە دۇنياغا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، نەق مەيداندىلا ئۆز قارنىلىرىنى پىچاق بىلەن يېرىپ ئۆلۈۋالدى. ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭغا «تىياتىرخانىدا ئوينالغان تەلۋىلىك» دەپ قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇلار خۇشاللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سانى كۆپرەك ئىكەنلىكى، دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىراق ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ يوقىرى تەبىقىلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلەن بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلدى. ھەقىقەتەنمۇ ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۈستىدىمۇ ئۆزلىرى كۆنۈپ قالغان ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتىن ھەرگىز ۋاز كېچەلمەيتتى. لېكىن ئۇلار ياپون قەھرىمانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىدىن، ياپون ئەسكەرلەرنىڭ ئاسماندىن ئايروپىلانلىرىنى ھەيدەپ چۈشۈپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ پېئارل خاربور ياكى مالاككا (Malacca) دىكى دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنى ئايروپلان بىلەن سوقۇشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئانا ۋەتىنى بىلەن پادىشاھقا ئاتىۋەتكەن ياپون قەھرىمانلار كۆرسەتكەن شىددەتلىك ھۇجۇمغا قارشى ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى. ھەممە ئۇرۇشلاردا ياپونىيە ئەسكەرلىرى سامۇرايلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ ياپونلار 1945-يىلىدىن بۇرۇنقى ھەممە ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلدى. بىرەر قېتىم ھەربىي جەھەتتە يېڭىلمەيلا قالماي، ھەتتا بىرەر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققىمۇ ئۇچراپ باقمىدى. 1945-يىلىمۇ ئەگەر ئامېرىكا ياپونىيىگە ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىمىغان بولسا، ياپونلارنىڭ تەسلىم بولۇش ئېھتىماللىقى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يەنى، 1945-يىلى ياپونلارنى تەسلىم قىلدۇرغان نەرسە ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى. باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ چاغدا ياپونلار ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىدىن پەقەت ئىككىسىلا بارلىقىنىمۇ بىلمەي قالغان. ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئىشلار يەنە باشقىچىرەك بولار ئىدى.

ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باشتىن كەچۈرىدىغان ھەربىي چېنىقىشمۇ خۇددى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭكىگە ئوخشاش قاتتىق. ھەر كۈنى ئەتىگىنى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇلار سىرتتىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىغىلىپ، ياپونىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى تەرەپكە قاراپ ھۆرمەت بىلەن تەزىم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر جەڭچى پادىشاھ مېئىجى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قىلغان خىتابنامىسىنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇددى بىر دىنىي خۇراپاتلىق رەسمىيىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ خىل رەسمىيەت ياپون-جۇڭگو ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىنغان. ئۇ ۋاقىتتا ياپونلار كۈن چىقىشنىڭ ئالدىدا ئالدى بىلەن مۇشۇ رەسمىيەتنى ئۆتەپ، ئاندىن يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەردىن خەۋەر ئېلىشنى باشلىغان. ھەمدە ئاشۇ رەسمىيەتتىن كېيىن ئاندىن ئۆلگەنلەرنىڭ كۈلىنى بىر ياغاچ قۇتىغا قاچىلاپ، يىراقتا قالغان دۆلىتىگە ماڭدۇرغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ھەربىي ئىشلاردا بىخ خىل جىم-جىتلىقنى ساقلاپ كەلدى. لېكىن، ياپونىيە ھەربىيلىرىنىڭ روھىي، جىسمانىي ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسى جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچ نېمىگە باش ئەگمەس روھىنى يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ھادىسىلەردىن تولۇق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئىلاۋە: بىر تونۇشۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە، يېقىندا بىر مۇخبىر ياپونىيىدىكى بىر داڭلىق، ئىنتايىن گۈزەل ئارتىس قىزدىن ھازىر ياپون-جۇڭگو مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى دەپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئۇرۇشقا ئۇ قىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئارتىس قىز ھېچ بىر ئىككىلەنمەستىن مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئەگەر دۆلىتىمىز ئۇرۇشۇپ قالسا، مەن بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز نەگە بارسا شۇ يەرگە بېرىپ، بىزنىڭ ئەسكەرلەرگە ئاممىۋىي خوتۇن بولۇپ بېرىمەن».

5. ئۆلگەنلەرنى قەدىرلەش ۋە ھۆرمەتلەش

ياپونلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغان قەھرىمانلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ۋە تورداشلارغىمۇ تونۇش بولغىنى ئۇلارنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم توكيودىكى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى يوقلىشىدىن ئىبارەت. ئۇ بىر كەچ ۋاقتى چىراق ياقماي ئېلىپ بارىدىغان مۇراسىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپون قەھرىمانلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا قوشۇلۇشى ئۈچۈن، شىنتو دىنى پوپلىرى ئۆلۈپ كەتكەن قەھرىمانلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ. ھەر يىلى ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇراسىمغا دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېراللىرى كېلىپ قاتنىشىپ، مىللىي دىن پوپلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا قەسەم بېرىدۇ. بۇ چاغدىكى كۆرىنىش كىشىلەرگە موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا، ئامۇر جاڭگاللىرىدا، جۇڭگو تۈزلەڭلىكلىرىدە ۋە جەنۇبى دېڭىزنىڭ كىچىك ئاراللىرىدا ئۆلگەن كىشىلەر ھەربىي دەرىجە جەھەتتىن مەزكۇر مۇراسىمغا كەلگەن ھەربىي گېنېراللاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ.

1943-يىلىدىن بۇرۇن ئۆلگەن قەھرىمانلارنىڭ كۈللىرى خاربور شەھەرلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندىكى مەنزىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر كىشى قاتتىق تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. دۆلەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سابىق جەڭچىلەر، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان يۈزلىگەن كىشىلەر قاتار تىزىلىپ، بىر خىل جىددىي تۈس ئىچىدە جىم-جىت تۇرىدۇ. قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ سەپداشلىرى خۇددى بىر مۇقەددەس نەرسىنى كۆتەرگەندەك ئۆلگەنلەرنىڭ كۈلى قاچىلانغان قۇتىلارنى كۆتۈرۈپ پاراخوتتىن چۈشكەندە تىزىلىپ تۇرغان نەچچە يۈز ئادەم تەڭلا ئۇلارغا ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تەزىم قىلىدۇ. بۇ كۈل قۇتىلىرى دېڭىز قىرغىقىدا ساقلاپ تۇرغان قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاباتلىرىغا بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار قولىدىكى كۈل قۇتىسىنى كۆتۈرۈپ، يىراقلاردىكى كەنتىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇتىنى تۇتۇپ، پويىزدا جىم-جىت ئولتۇرغاندا، پويىزغا چىققان ھەر بىر ئادەم بېشىدىكى قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۆلگەن قەھرىمانلارنىڭ روھىغا قاتتىق ئېگىلىپ تۇرۇپ تەزىم قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر كىچىك شامنى ياندۇرىدۇ. ئانا يۇرتتىكىلەر يىراقتىكى ئۇرۇشلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئەسكەرلىرىنى مانا مۇشۇنداق قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.
ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەخلاقىي تۈزۈمى پادىشاھ مەئىجىنىڭ بۇيرىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇ تۈزۈم بارلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، ئەسكەرلەر بىلەن ئوفىتسېرلار، ھەمدە دۈشمەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. ئۇ بۇيرۇق ياپونىيە ئارمىيىسىگە ئىنتايىن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىگەن. شۇڭلاشقا ياپونىيە ئارمىيىسى ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى بىلەن تولۇق قوراللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار خەلقنىڭ روھىي داھىيلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيىدىكى پۈتۈن خەلقتىنمۇ ئوخشاش دەرىجىدىكى ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنى تەلەپ قىلغان. يەنى، ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرۇش روھى يالغۇز ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، ئۇ پۈتۈن ياپونىيە خەلقىنىڭ ئورتاق روھىدۇر. بۇ روھ ياپونىيىدە ھازىرمۇ ئوخشاش دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.

ئىلاۋە: ياپونلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايەت ئىشلىرىمۇ بار. مەزكۇر ماقالە ياپونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ توغرا-خاتالىقىغا باھا بېرىش ئۈستىدە بولمىغاچقا، مەن ئۇلار قىلغان ئىشلارغا باھا يازمىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقارماسلىقىنى سورايمەن.

يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆلۈم ياپونىيە جەڭچىلىرىنى قورقۇتالمايدۇ. ياپونلار ئۈچۈن ئۆلۈم سەپەرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئەجداتلىرىدىن باشلانغان گۈللىنىش يولىدا مەڭگۈ توختىماي ئىلگىرىلەش سەپىرىدىكى بىر كىچىك باسقۇچتىنلا ئىبارەت. ئۇ بىر ئىشىك بولۇپ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى باشلىنىشى. ياپونلارنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلگەن ئادەم بىر خىل ئەرۋاھقا ئايلىنىدۇ. ئۇلار تىرىك ياشاۋاتقان ياپون خەلقىگە يېقىن بىر جايغا ئورۇنلىشىپ، باشقا مىليونلىغان ئۆزىگە ئوخشاش ئەرۋاھلار بىلەن داۋاملىق ۋە مەڭگۈ قول تۇتۇشۇپ، ئۆز ۋەتىنى بىلەن ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ بەختى بىلەن تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ، ھەمدە پۈتۈن خەلقنىڭ بارلىق مۇقەددەس ئىشلىرىدا خۇددى ھايات كىشىلەردەكلا ھەر خىل مۇھىم روللارنى ئادا قىلىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەر مۇقەددەس ئەرۋاھلارغا ئايلىنىپ، يېڭى ئەۋلادلارغا يېقىن تۇرىدۇ. ئۇلار يېڭى ئەۋلادلار تەرىپىدىن ھەر كۈنى دېگىدەك ئېھتىرام بىلدۈرۈلىدۇ، ھەمدە يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ ياپون تۇپرىقىدا مەڭگۈ ياشايدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، سامۇراي بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇنداق رازىلىق بولمايدىكەن، ئەڭ ئېسىل قوراللارمۇ كارغا كەلمەيدۇ. ئۇرۇشتا غەلىبە قازاندۇرىدىغان نەرسىدىن ئىككىسى بار. بىرى روھ ياكى ئىرادە، يەنە بىرى مەشىق. ياپونلار ئۈچۈن بۇ روھ ئەڭ دەسلىپىدىن تارتىپلا ئۆلۈشكە رازى بولۇش روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەرگىزمۇ ياپونىيە ئەسكەرلىرى ئۆلۈشنى ئىستەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، جەڭدە زۆرۈر بولغاندا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ياپون ئەسكەرلەر ئۆز ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇكەممەل رازىلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز جېنى بىلەن ئادالەتلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدۇ. ئاشۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ياپونىيە پادىشاھىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئۈمىدىنى يەردە قويمىغانلىق بولىدۇ. ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىرىنچى ھەربىي نىشانى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى قىلىۋاتقان جەڭ ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان نىشاندۇر.

6. پادىشاھقا بولغان چوقۇنۇش

مېنىڭ تۆۋەندە بايان قىلىدىغىنىم ياپونىيىنىڭ 1945-يىلىدىن بۇرۇنقى ئىشلىرى. ياپونىيە ئارمىيىسى بىۋاستە پادىشاھنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بولۇپ، ئۆزلىرىنى پادىشاھنىڭ مۇقەددەس ئارزۇسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار دەپ، ھېسابلايدۇ. چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەندە، كېلىشىملەرنى ھەربىي قوماندانلار ئۆز كۆزىدىن كۆچۈرۈپ تەستىقلايدۇ. ئۇلار مانجۇرىيە ئۇرۇشىنى ھېچ قانداق مۇرەككەپ كېڭەشلەردىن ئۆتكۈزمەيلا ئۆز ئالدىغا قۆزغىغان. پۈتۈن خەلقتە مىللىي روھنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنىمۇ ئارمىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. يەنى، ئارمىيە دۆلەتنىڭ مائارىپچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. سىياسەتچىلەر ۋە سودىچىلار قىلغان بەزى ئىشلار ياپونلار ئۈچۈن نومۇس قىلىدىغان ئىش، دەپ قارالغاندا، ئارمىيە ئۇلارنى ھېچ بىر ئىككىلەنمەستىن توسقان ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا ياپونلارنىڭ قەدىمقى كۈچلۈكلۈكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خۇددى ئاللاھدىن چۈشكەن بۇيرۇقتەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزلىرىنى بولسا ئاشۇ بۇيرۇقنىڭ مۇقەددەس ئىجراچىلىرى ھېسابلايدۇ. ھەر قېتىم ياپونلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارى بىرەر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، ياپونىيىنىڭ ھەربىي ئوفىتسېرلىرى كۆكرەك كىرىپ چىققان مىساللار ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، 1936-يىلى ياپونىيە ئەسكىرىنىڭ ياش ئوفىتسېرلىرى مىللىي ئىپتىخارغا داغ كەلتۈردى، دەپ قارىغان بىر قىسىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ياپونىيە پايتەختىنىڭ بىر قىسمىنى نەچچە كۈنگىچە ئىگىلەپ تۇرغان. بۇنداق ئىشلار چەت ئەللىكلەرگە خۇددى بىر ئىسيانكارلىقتەك كۆرىنىدىغان بولۇپ، ئۇنى پەقەت ياپونلارنىڭ روھىي ھالىتى بويىچىلا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. يەنى ياپونىيە ھەربىيلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلىش تەھدىت ئاستىدا قالغان مىللىي ئىپتىخارلىق، ياپونلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ۋە ياپونىيىنىڭ مىللىي غورۇرىنى قوغداش يولىدىكى بىر مۇقەددەس ئىش، ۋە جەڭگىۋار سامۇرايلارنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى قوراللىق جەڭگە ئاتلىنىشى ، دەپ قارالغان.

پادىشاھقائەڭ قاتتىق چوقۇنىدىغانلار ياپونىيە ئارمىيىسىدۇر. ئۇلار پادىشاھقا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئېتىقادىنى ئەڭ كۈچلۈك نامايان قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پادىشاھ بولغان كىشى پۈتۈن يەر شارى يۈزىدىكى ئەڭ مۇقەددەس نەرسە بولۇپلا قالماي، جەننەت بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىمۇ يەنىلا شۇ پادىشاھ ئىكەن. ياپونلارنىڭ نەزەرىدە، پادىشاھنىڭ ئۆزى بىر خۇدا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئىدىيىلەرنى غەربلىكلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشىنىش، ۋە غەربلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئىپادىلەش ئىنتايىن تەس. پادىشاھقا چوقۇنۇشنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەجدادلارغا چوقۇنىشى دېيىشكىمۇ بولىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەر بىر ياپوننىڭ ئايرىم ئىشى ئەمەس. ئۇ پۈتۈن ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ يادروسى. ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، ياپونلار ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە قاتتىق ئىشلەيدىغان يەنە بىر ئاسىيا خەلقىدىن باشقا نەرسە بولالمايتتى. پادىشاھقا بولغان چوقۇنۇش يالغۇز ياپونلارنى باشقا خەلقلەردىن كۆپ ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىرىپلا قالماي، ھۆكۈمەت، ھۆكۈمەت ئېڭى ۋە دىنىي فاناتىسىزم (fanaticism) نىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدە شەكلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. ياپونلارنىڭ پادىشاھقا چوقۇنۇش ئېڭى غايەت زور كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە. بۇ كۈچ-قۇۋۋەت روھىي كۈچ-قۇۋۋەت بولۇپ، ئۇ ئەڭ كۈچلۈك ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ۋە غايەت زور مىقداردىكى ھەربىي خىراجەتنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇنى بىرەر سان بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ ياپونلاردا ئىنتايىن ئېسىل ۋە ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان بىر خىل نەرسە سۈپىتىدە مەۋجۇت.

ياپون خەلقىنىڭ پادىشاھى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بالا بىلەن دادىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەجبۇرىيەت بىلەن بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت ئائىلە مۇناسىۋىتى بىلەن ئوخشاش. پادىشاھ ئۆز ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتە ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. ياپونلار ئاتا-ئانىسىغا بوي سۇنىدۇ، ھەمدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بۇنداق ئائىلە مۇناسىۋىتى بىر ئەۋلاد بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بەلكى، خۇددى رىۋايەتلەردە دېيىلگىنىدەك، پادىشاھنىڭ ئائىلىسى ياپون ئاراللىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا باشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، ياپونلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئائىلە مۇناسىۋىتى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ياپونلارنىڭ بۇ ئېتىقادى ياپونىيە پادىشاھى پايتەختنىڭ كوچىسىدا ماشىنا بىلەن ماڭغاندا سىرتقا قارىتا ناھايىتى روشەن نامايان بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا پۈتۈن شەھەر كوچىلىرى پاك-پاكىز تازىلانغان بولىدۇ. پۈتۈن پايتەخت جىم-جىدلىققا چۆكۈپ، كىشىلەر كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ جىم-جىد تۇرىدۇ. پادىشاھ ئولتۇرغان ماشىنا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، يولنىڭ ئىككى چېتىدە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر تەزىم قىلىپ، پادىشاھنى كۆرەلمەيدىغان تەرىقىدە يەرگە قاراپ تۇرىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى بويىچە، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىشىلەرنىڭ پادىشاھقا كۆز تىكىپ قارىشى چەكلەنگەن. جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئادەمنىڭ پادىشاھقا كۆز تىكىپ قارىشى بىر مۇقەددەس ئادەمگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

ياپونىيە پادىشاھى بۈگۈن ياپونىيىنىڭ زامانىۋى قوراللىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ئەتە پادىشاھ ئوردىسىدا جەننەت بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇش رولىنى ئۆتەۋېرىدۇ. بۈگۈنكى ياپونلار بۇ ئىككى خىل ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك ئىش، دەپ ئويلىمايدۇ. قەدىمقى ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە، پادىشاھ بەزىدە سىمۋوللۇق ھالدا شال ئېتىزىغا ئۇرۇق چاچىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى بولسا يىپەك رەخ توقۇيدۇ. پادىشاھ ئائىلىسى يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئەنئەنىۋىي ئىشلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى تەڭلا قىلىپ ماڭىدۇ. ياپونىيە خەلقى يالغۇز پادىشاھ ئوردىسىغىلا ئەمەس، ئۇ يەردىكى بارلىق كىشىلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت بىلدۇرىدۇ.

ئىلاۋە: يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى ياپونىيىنىڭ 1945-يىلىدىن بۇرۇنقى ئەھۋاللىرى. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى. لېكىن، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئېلېمېنتلىرى ھازىرمۇ مەۋجۇت. يۇقىرىدىكى بايانلاردىن نېمە ئۈچۈن 2-دۇنيا ئۇرىشى مەزگىلىدە ياپونىيە پادىشاھىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى بىر قانچە دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز ئۇرىشى باشلىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.

7. ياپونىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ياپونىيە 19- ۋە 20-ئەسىرلەردە شەرقىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى تاجاۋۇز ئۇرۇشى بىلەن بېسىۋالدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ھەر خىل چۈشەندۈرىدۇ. 1943-يىلى گېرمانىيە مەخسۇس بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ياپونىيىنىڭ بىر كۈچلۈك دۆلەت بولالىشىدىكى سىرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ھەمدە شۇ ئاساستا بىر دوكلات يېزىپ چىققان. مەن يۇقىرىدا بايان قىلغان مەزمۇنلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئاشۇ دوكلاتقا ئاساسەن يېزىلغان. ئۇ دوكلات ياپونلارنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكى ئۈستىدىمۇ مەخسۇس توختالغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئاشۇ مەزمۇننى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇ مەزمۇن ئاسىيادا بولۇپ ئۆتكەن بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەرنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، دەپ ئويلايمەن.

ياپونىيە پادىشاھى مېئىجى 30 مىليون ياپون خەلقىگە 74 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى بولسا ئەينى ۋاقىتتا 100 مىليون ياپون نوپۇسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ 100 مىليون نوپۇسقا ياپونىيىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان نەچچە يۈز مىليون ئاسىيالىق خەلقلەرنى قوشۇش زۆرۈر، دەپ قارىدى. قەدىمقى ياپون مەدەنىيىتى ياغاچ، بامبۇك، قەغەز، چىغ ۋە يىپەك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى تۆمۈر، پولات، زاۋۇت ۋە ماشىنىلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ياپونىيىنى كۈچلۈك قىلىپ تۇرغان نەرسە 20-ئەسىردىكى مەدەنىيەت بولماستىن، ئۇلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىدۇر. ياپونىيە تارىختىن بۇيان ئاسىيا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگۈچى ۋە قوغدىغۇچى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو، كورىيە ۋە ھىندىستاننىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلىرى كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ياپونىيىدە ساقلىنىپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا ياپونلار يالغۇز تېخنولوگىيە ساھەسىدىلا ئەمەس، باشقا ھەممە ساھەلەردە ئۆزلىرىنى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بېشى، دەپ قارايدۇ.

1934-يىلى ياپونىيە «ئاسىيا ئاسىيالىقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن، ئىنگلىزچە «Japanese Monroe Doctrine: Asia for Asians» دەپ ئاتىلىدىغان سىياسەتنى تۈزۈپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ياپونلار بۇ سىياسىي پىلاننى خېلى زور كۆلەمدە ئىشقا ئاشۇردى. ياپونلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ياشايدىغان نوپۇسنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئۇلار شەرقىي ئاسىيانى بىر ئورتاق گۈللەنگەن رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا باشلىدى. شەرقىي ئاسىيا خەلقى ياپونلارنى ناھايىتى چۈشىنىدىغان، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا قايىل بولىدىغان، ۋە ئۇلاردىن قورقۇدىغان بىر ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ياپونلار 5-ئەسىردە گېرمانىيىدىن كېلىپ ئەنگلىيىنى بېسىۋالغان ئانگىلو-ساكسونلاردىن ئېشىپ چۈشتى. شەرقىي ئاسىيالىقلار ئانگىلو-ساكسونلارنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان يەرلەرنى باشقۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىنى، ياپونلار بولسا ئۆزلىرى بېسىۋالغان جايلارنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ياپونىيىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ياپونىيىنىڭ قولى بىلەن مانجۇرىيىنىڭ بىر ئادەم ياشىمايدىغان جايدىن ئاسىيادىكى بىر يېڭى تەرتىپنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى كۆردى. ياپونىيىنىڭ بىر ھەقىقىي كۈچ ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. ياپونىيىدىن ئىبارەت بۇ كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياشنىڭ ماكانى (the land of the rising sun) يالغۇز شەرقىي ئاسىيانىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىنىڭ روھىي جەھەتتىن قايتا تىرىلىش ماكانى بولۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان مەدەنىيەتلىشىشىنىڭمۇ مەركىزى ئىكەنلىكىنى كۆردى (ئەسكەرتىش: ياپونىيىنىڭ بايرىقىدىكىسى كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياشنىڭ رەسىمى). ئۇلار ياپونىيىگە ئوقۇشقا ئىۋەتىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن-يىلغا كۆپەيتتى.

ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ پارتلاپ تەرەققىي قىلىش ھادىسىسىنى، ياپونىيە دۆلەت كۈچىنىڭ توختاۋسىز ئۆسۈپ مېڭىش ھادىسىسىنى كۆرمىدى. ھەممە نەرسىنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئولچەيدىغان بۇ ئىككى دۆلەت ياپونىيىنىڭ روھىي قىممەت قارىشى بىلەن روھىي كۈچ-قۇدرىتىنى چۈشەنمىدى. ياپونىيىنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈپ مېڭىۋاتقان نوپۇس سانى ۋە بۇ خىل ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەرگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ھەتتا مۇشۇنداق بىر توسقىلى بولمايدىغان تەبىئىي جەرياننى بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان پارتىلاشنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان تەدبىرلەر بىلەن توسماقچى بولدى.

8. ياپونلارنىڭ ئۆز-ئارا يېقىندىن ھەمكارلىشىش روھى

مەن ئەسلىدە بۇ مەزمۇننى بىر ئايرىم ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىشنى پىلانلىغان ئىدىم. ئۇنداق پىلانلاشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۆز-ئارا يېقىندىن ھەمكارلىشىش روھى بىر مىللەتنىڭ پولاتتەك ئۇيۇشۇشى بىلەن ھەممە ئىشلاردىكى بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز ئىشلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىپ، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. يەنە بىرى بولسا، ياپونلاردا بۇ روھ ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلاردا بۇ روھ يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئىنتايىن ئاجىزلىقىدۇر. ئەمما ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا ياپونلارنىڭ ھەمكارلىشىش روھىنىڭ ئۇلارنىڭ قالغان روھى ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە تەپسىلى توختۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزمۇننى مۇشۇ يەرگە بىر كىچىك تېما قىلىپ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىش قارارىغا كەلدىم.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ياپونلاردىكى ھەمكارلىشىش روھى مۇنداق ئىككى نەرسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ بىرى مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان سامۇراي روھى. يەنە بىرى بولسا ياپونىيە مائارىپىدىكى ئەخلاق تەربىيىسى. ياپونىيە مەكتەپلىرىدىكى ئەخلاقىي تەربىيە مۇنداق 4 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ [6]: (1) ئۆزىنىڭ ئاڭلىقلىقى: ئۆز-ئۆزىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىش، يەنى، ئۆزىنىڭ تالانتلىرى، ھېسسىياتى ۋە ئىش-ھەرىكەتتىكى ئىپادىسى قاتارلىقلارنى بىلىش، (2) باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، (3) ئۆزى تەۋە بولغان گۇرۇپپىلار ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ۋە (4) تەبىئەت ۋە كائىنات بىلەن بولغان مۇناسىۋەت. بۇ 4 قىسىمنىڭ ئىچىدىكى ئىككى قىسىم ھەر بىر شەخسنىڭ باشقا ئادەم، ئۆزى تەۋە بولغان گۇرۇپپىلار ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن بىز ياپونلارنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ يەردىكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئەدەپ-ئەخلاق، باشقىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش، دوستلۇق، ۋە كەمتەرلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۇرۇپپا ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بولسا ئاممىۋىي مەجبۇرىيەت، گۇرۇپپا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش، ۋە باشقا يات مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش، شۇنداقلا ئادالەتلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق، ئائىلە ئەزالىرىغا ھۆرمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، ۋە ۋەتەننى سۆيۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ئىش-پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي تەربىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ساھەسىدە مۇنداق كۆرسەتمە چىقارغان: زۆرۈر بولغان گۇرۇپپا ئىش-پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، كۆڭۈل بىلەن بەدەننىڭ ئۆز-ئارا ماسلاشقان ھالدا ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىندىۋىدۇئاللىقنى راۋاجلاندۇرۇش، گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بىر ياخشى ھايات يارىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇستەقىل ۋە ئەمەلىي پۇزۇتسىيىنى يېتىلدۈرۈش، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەممە يوشۇرۇن كۈچلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ياپونىيە مەكتەپلىرىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلاردا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى قۇلۇپلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىدۇر. مەسىلەن، تەنھەرىكەت، مۇزىكا، مەدەنىيەت ۋە ئاكادېمىك قۇلۇپلار. بۇ قۇلۇپلارنى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى قۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارغا قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆگىتىپ، ھەر جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلۇپلارغا بولغان سادىقلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەر بىر قۇلۇپنىڭ ئەزالىرى كۈنىگە كام دېگەندە بىر قېتىم يىغىلىش قىلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، تىرىشچان بولۇش، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە دوستانە بولۇش قاتارلىق روھىي سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈش يولىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق كۈندىلىك پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنتايىن قاتتىق ۋە داۋاملىق تەكىتلەش ئارقىلىق، ياپونىيە مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلاردا ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈش مەقسىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مۇشۇنداق جەريان ئارقىلىق ياپون ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلايدىغان ۋە ئۆز ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ئەخلاقنى يېتىلدۈرىدۇ. ياپونىيە مەكتەپلىرىنىڭ بۇ ساھەدە پايدىلىنىدىغان نەرسىسى بىرەر دىننىڭ ئەقىدىسى ئەمەس. بەلكى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئەتراپىدىكىلەرگە ۋە دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا بىر قاتار گۈزەل ئەخلاقلارنى بەلگىلەپ بېرىپ، ئۇلارنى تۈزۈپ سۈپىتىدە ئىجرا قىلغۇزىدۇ.

ياپونىيە مەكتەپلىرى ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ يەنە بىرى «دالا-سەپىرى» (field-trip) قىلىشتۇر. بۇنىڭدا بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر كۈن ياكى تەتىل ۋاقتى بولسا بىر قانچە كۈن ۋاقىت چىقىرىپ، بىر تەبىئىي باغچا، بىر داڭلىق شىركەت، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئەھمىيەتلىك يەرگە بارىدۇ. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق بالىلاردا تەبىئەتنى سۆيۈش، تۇرمۇشنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈش، ھاياتنى ۋە ھاياتلىقنى قەدىرلەش، بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش، ھەمدە ھەممە ئىشتا ئۆز-ئارا يېقىندىن ھەمكارلىشىش خىسلەتلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.

ياپونىيە مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەر بىر ئادەم بىلەن گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش، ۋە گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى سىنىپتىكى گۇرۇپپا پائالىيەتلىرى، مەكتەپ تازىلاش ئىشلىرى، ئوقۇغۇچىلارغا تاماق تارقىتىش ئىشلىرى، ۋە ھەر خىل ئوقۇغۇچى قۇلۇپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆگىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرەر ئىشتا رەقىبلەرچە رىقابەتلىشىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. پەقەت دوستانە رىقابەتلىشىشكىلا يول قويىدۇ. مەكتەپلەردە ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ئېلان قىلمايدۇ. كۇڭزى تەلىماتىدىكى ھوقۇق دەرىجە تۈزۈمى ياپونىيىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، كىچىك يېشىدىن باشلاپلا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن كىچىكلەر چوڭلاردىن ئۆگىنىش، ۋە چوڭلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چوڭلاردىن بولسا كىچىكلەرگە ئۆگىتىش، كىچىكلەرنى چېنىقتۇرۇش ۋە كىچىكلەرگە ياردەم قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پۈتۈن ياپونىيە جەمئىيىتىدە ئۆز-ئارا سەمىمىي بولۇش، بىر-بىرىگە راستچىل بولۇش ۋە بىر-بىرىگە ئادىل بولۇش تولۇق ئەمەلگە ئاشقان بولغاچقا، بۇنىڭغا يۇقىرىقىدەك ھوقۇق دەرىجە تۈزۈمى قوشۇلۇپ، ھەر قانداق بىر ئىشتا، ئاشۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان بارلىق ئەزالار ئوتتۇرىسىدا ئۇيۇلتاشتەك قاتتىق بىرلىك ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلار بىر ئىنتايىن راھەت ئاتموسفېرا ئىچىدە ۋە ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن يۈرىشىدۇ. بىر ياپون يالغۇز ۋاقتىدا بىر قويغا ئوخشاش يۇۋاش بولسا، ئۈچ ياپونلار بىر يەرگە كەلگەندە ئۇلار بىر شىرغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. سىز ياپونلار ئارىسىدا ئۇرۇش-جېدەل كۆرمەيسىز. چوڭ ئاۋاز بىلەن سۆزلەشكەننى كۆرمەيسىز. يىغىندا ياكى باشلىق ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلارنى كۆرمەيسىز. بىر-بىرىنى كەمسىتىش ياكى چۈشۈرۈش ئىشلىرىنى كۆرمەيسىز. ئۇلار ھەرگىز «سېنىڭ دېگىنىڭ خاتا»، دىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا «مېنىڭچە بۇ ئىش مۇنداق»، دەيدۇ. ئۇلار ھەرگىز «مەن سېنىڭ پىكىرىڭگە قارشى» ياكى «مەن سېنىڭ پىكىرىڭگە قوشۇلمايمەن» دېمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا «مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن» ، «مېنىڭ پىكىرىم سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ»، ياكى «مەن باشقىچە ئويلايمەن»، دەيدۇ.

مەن ھازىرغىچە ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلەرگە ئاساسەن، داۋاملىق مۇنداق بىر ئىشنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىمەن: ئەگەر سىز بىر توپ ياپونلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، «بۈگۈن پۇكۇنى يەردە بىر ئىنتايىن ئېسىل لېكسىيە بېرىلىپتۇ»، دېسىڭىز، ياپونلار ئىشتىكلا سىزدىن «ئۇ لېكسىيىنىڭ مەزمۇنى نېمىكەن؟» دەپ سورايدۇ. ئەگەر بۇ گەپنى بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ دېسىڭىز، كۆپۈنچە ھالدا سىزدىن «ئۇ لېكسىيىنى كىم بېرىپتۇ؟» دەپ سورايدىغانلار چىقىدۇ. ياپونلار ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ، ياكى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى 1-ئورۇنغا قويىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ھېلىقى لېكسىيىنى كىم بەرگەنلىكىنى ئاساسەن ھېچ بىر ئېتىبارغا ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ لېكسىيىدە شىركىتىگە ياكى ۋەتىنىگە پايدىلىق نېمە مەزمۇن بارلىقىغا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئۇنى مەن دەمىسەممۇ سىز بىلىسىز. «سەن نېمىتىڭ؟»، «ئۆزەڭنى نېمە چاغلايسەن؟»، «سەن بىلگەننى باشقىلار بىلمەمدىكەن؟»، «ئالتۇننى زەگەر سوقسۇن» . بۇنداق سۆزلەر بىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق. ئۇلارنى مەنمۇ ھازىرغىچە خېلى كۆپ ئاڭلاپ كەلدىم.

قىسقىسى، ياپونلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا ئىنتايىن قادىر. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى مەن مەزكۇر ماقالە بىلەن ئالدىنقى ماقالىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ جەھەتتە ياپونلارنىڭ دەل ئەكسى—بىز ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا قادىر ئەمەس، بەلكى، ئىنتايىن ئاجىز. بىزدە رەقىبلەرچە رىقابەتلىشىشكە، كۆرەلمەسلىككە، ئىچى-تارلىق قىلىشقا، ھەتتا ئوپۇر كولاپ يېقىتىشقا تەييار تۇرىدىغانلار ئاز ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋالنى ئاساسىي جەھەتتىن 15 ئەسىردىن 20 ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ «قاراڭغۇ دەۋرى» كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلار يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، باشقا بارلىق مۇسۇلمانلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئاشۇنداق مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان سەۋەبلەردىن باشقا، بىز ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بىر ئالاھىدە سەۋەبمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ بىر مەزگىل يىپەك يولىنى بەرپا قىلىپ، تىجارەتچى بولۇپ ياشىغانلىقىمىزدۇر. مەن مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان سەۋەبلەر ئۈستىدە ئۆزەمنىڭ كېيىنكى ماقالىلىرىدە يەنە ئايرىم توختىلىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە دەيدىغىنىم، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش جەھەتتە بىزنىڭ ياپونلاردىن ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك نۇرغۇن ئېسىل سۈپەتلەر بار. مەن ئۇلارنى يۇقىرىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.

9. دىنىي ئېتىقاد ھەققىدە

ياپونىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئەرەب مېنىڭ بىر تونۇشۇمغا مۇنداق دېگەن: « ھەي، بۇلار ئاللاھنى تونۇماي تۇرۇپ بۇنچىلىك ئەدەپلىك، سەمىمىي ھەم تىرىشچان. بۇلار مۇسۇلمان بولغان بولسا، دىن ۋە پەننى قورال قىلىپ، پۈتكۈل دۇنياغا ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئوبرازىنى تىكلەپ بىرەر ئىكەن.» ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، بىزنىڭ ھازىرغىچە توپلىغان چۈشەنچىمىزگە ئاساسلانغاندا، ياپونلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا قايىل قىلىش ئاسان ئەمەس. ئەمما مۇسۇلمانلارنى ياپونلارنىڭ ساپاسىدەك ساپاغا ئېرىشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار. بىراق ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ-يوق، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق. بىز ئۇيغۇرلار ساپا جەھەتتىن ياپونلاردەك بولالامدۇق-يوق، ئۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىش كۆرۈشىمىزگە باغلىق.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئوقىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ماڭا يېقىندا يازغان بىر پارچە خېتىدە، ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ۋە كۈچلۈك ئەمەس، ئوقۇشتا تىرىشىدىغانلار ۋە تىرىشمايدىغانلار، قاتتىق ئوينايدىغانلار ۋە ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغانلار دەپ بىر قانچە گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى، ھەمدە بۇ ئوخشىمىغان گۇرۇھلار ئۆز-ئارا ياخشى ئۆتۈشمەيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ. بىز ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك، ھازىر ئۇيغۇرچە تورلاردىكى ھەر خىل تېمىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرىلەردە، ئوقۇرمەنلەر ئاسانلا دىنىي كۆز-قاراش جەھەتتە بىر قانچە قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ. بەزىدە ئاشۇ تەرىقىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدىغان، ۋە بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلارمۇ خېلى كۆپ سادىر بولىۋاتىدۇ. بىزگە كېلىۋاتقان خارلىق ھازىر يېتىپ ئاشىدىغان بولۇپ، مەن ھەر قېتىم تونۇشتىكى خاتالىق ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن كېلىپ چىققان، ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە پەيدا قىلىۋاتقان ئازابلارنى كۆرگەندە، يۈرىتىم ئېتىشىپ كېتىدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىر قىسىم پىكىر ئىختىلاپلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كېلىپ قېلىشى ئىسلام دىنىدىن بولغان، دەپ قارايدىغانلار بىلەن، ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىنىڭ سەۋەنلىكى يوق، دەپ قارايدىغانلار ئوتتۇرىسىدا بولىۋاتىدۇ. مەزكۇر ماقالە بىلەن ئالدىنقى ماقالىدە مەن ياپون پادىشاھى ۋە ياپون ئارمىيىسىدىن باشلاپ پۈتۈن ياپون خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان سەمىمىيەتلىكى، ئادىللىقى، ۋە مېھرىبانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردىم. ئاشۇ سۈپەتلەرنىڭ ياپونلارنىڭ بۈگۈنكىدەك قۇدرەت تېپىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتۈم. قېنى بىز ھازىر مۇشۇ يەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىسلام دىنىمۇ، ئەمەسمۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈسىتىدە ئازراق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقايلى.

مېنىڭچە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئادىل ۋە توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئادەم چوقۇم ئىنتايىن يوقىرى سۈپەتلىك، يەنى ئىنتايىن سەمىمىي، راستچىل، ھەققانىيەتچى، ئادىل ۋە ئىلمىي ئىسلامشۇناس، ھەدىسشۇناس، ۋە قۇرئان كەرىم مۇتەخەسسىسى بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولالمىغان بىر ئادەمنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلە ئۈستىدە ئادىل يەكۈن چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ھازىرغىچە ئىگىلىگەن بىلىملەرگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمىز دىننىڭ سەۋەبىدىن بولغان ئەمەس. ئىسلام بىر ئۇلۇغ دىن بولۇپ، بۇ ئىشتا دىننىڭ ھېچ قانداق گۇناھى يوق. مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر خېلى كۆپ ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە شەرھىلەپ بولغىلى بولمايدۇ. مەن بۇ ھەقتە كېيىن بىر ئايرىم تېما يېزىشىم مۇمكىن. مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، تارىختىن بۇيان دىنغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەر، يەنى، ئاخۇن، موللام، داموللام، ۋە شۇلارغا ئوخشاش دىنىي ئۆلىمالار ۋە دىننىڭ ئەمەل قالپاقلىرىنى كىيىۋالغان كىشىلەر، دىننى توغرا ۋە تولۇق چۈشەنمەي، دىنىي بىلىملەرنى تولۇق ئىگىلىمەي، ئىقتىدارسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئەگەشكۈچىلرىنى خاتا يولغا باشلىغان. ئىشنىڭ ئۇنداق بولۇپ قېلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر شەخسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەلۇم بىر شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، دىننى قەستەن بۇرمىلاپ، ئۆزىگە پايدا يەتكۈزىدىغان خاتا نەرسىلەرنى دىننىڭ تەلىماتى، دەپ تەرغىپ قىلىپ، مۇسۇلمان ئەگەشكۈچىلەرنى ئالداپ، مۇسۇلمان ئەگەشكۈچىلەرنى گوللاپ، دىنىي ساھەدە ئىنتايىن چوڭ قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلغان. ھەمدە مۇسۇلمان ئەگەشكۈچىلەرنى ئىنتايىن نادان ۋە ئىنتايىن ھاماقەت ھالەتتە ساقلاپ كەلگەن. بۇنداق ئەھۋال تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

مەن تۆۋەندە دىندا باشقىلارغا خاتا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن دىندا باشقىلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىشقا بىردىن مىسال كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

ھىندىستانلىق سەييىد ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى (1903- 1979) بىر ئاخباراتچى، ئىلاھىيەتشۇناس، مۇسۇلمانلار گۈللىنىش مەجلىسىنىڭ رىياسەتچىسى، سىياسىي پەيلاسوپ ۋە 20-ئەسىردىكى ئىسلامىيەت مۇتەپپەككۇرى بولۇپ [7]، ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ئەگەر ھەرقانداق بىر مىللەت قۇرئان كەرىمگە ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق مەغلۇبىيەت ۋە خارلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسا، ئۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە خىلاپلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىن بىر يولى، مەزكۇر چوڭ گۇناھتىن يېنىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ھەققىگە يارىشا قەدىرلەشكە (ئەمەل قىلىشقا) تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق قىلمايدىكەن، مەيلى ئۇ مىللەت ھەر بىر يېزىغا بىردىن مەكتەپ ئاچسۇن، مەيلى پۈتۈن ئەۋلادلىرى ئۇنىۋېرسىتېت پۈتكۈزگەن بولسۇن، مەيلى خىلمۇ-خىل يوللار ئارقىلىق پۇل تېپىپ، مىليون-مىليونلاپ دۆۋىلىۋالغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەيدۇ. »

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بار بولغىنىدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سەمىمىيلىك بىلەن لاياقەتلىك مۇسۇلمان بولۇشقا تىرىشىدۇ. ھەرگىزمۇ قەستەنلىك بىلەن ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە خىلاپلىق ۋە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە خىلاپلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىپ قالىدىغانلارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، ھەتتا بەزىدە ساۋادسىز بولۇپ، قۇرئاننى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىشكە ئىقتىدارى ياكى ئەقلىي قۇدرىتى يەتمىگەنلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىسلام تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈرىدىغان جىنايەت ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرۈۋاتقانلار، مەسىلەن، چەت ئەلدە ھەر خىل تېرورىزم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقانلار بار. ئۇ ئادەملەر ئەسلىدە مۇسۇلمان، دەپ ئاتىلىشقا شەرتى توشمايدىغان كىشىلەر بولۇپ، مۇشۇ مۇھاكىمىنى يولىدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قېنى بىز ئۇلارنى ھازىرچە «مۇسۇلمان» دەپ تۇرايلى. ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانىنى 1.6 مىليارد، چەت ئەللەردە ئىسلام تونىغا ئورىنىۋېلىپ جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سانىنى 16000 دېسەكمۇ، بۇ يامان ئادەملەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 0.001 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ [8]. يەنى، مۇسۇلمانلار ئاساسەن لاياقەتلىك مۇسۇلمانلار، ياكى لاياقەتلىك مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەرەب زىمىنلىرىدىمۇ ياشىمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئەرەبچە قۇرئاننى ئوقۇيدۇ. ئەرەبچە سۈرە ۋە ئايەتلەردىن نۇرغۇنلىرىنى يادلىۋالىدۇ. ھەتتا پۈتۈن ئەرەب تىلىدىكى قۇرئاننى بېشىدىن ئاخىرىغىچە يادلاپ بولغان ئۇيغۇرلاردىنمۇ خېلى كۆپ ئادەم بار. مېنىڭ رەمەتلىك چوڭ دادام، يەنى ئاپامنىڭ دادىسىمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ بولمىغانلىقى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساۋادسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار ھەر قانچە تىرىشسىمۇ، قۇرئاننى ۋە ئىسلامنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىپ كېتىش ئىمكانىيىتى يوق. مېنىڭ ھازىرغىچە ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ، ئۇنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن. يەنى، مېنىڭچە ئەڭ كەم دېگەندىمۇ مەكتەپنى تولۇقسىزنى تاماملىغىچە ئوقۇپ بولالمىغان بىر ئادەمدىن قۇرئاننى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىپ بولۇشنى تەلەپ قىلىش خېلى ئېغىر ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالىدىكەن.

يېقىندا خەلقئارالىق بىر ئورۇن پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەرنى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئالدىنقى 50 دۆلەتنىڭ ئىچىگە مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىن پەقەت قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خېلىپلىكىلا 40 نەچچىنچى ۋە 50-ئورۇنغا كىرەلىگەن [9]. بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئۇ ئىككى ئورۇنغا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ ئەمەس، نېفىت سېتىپ تاپقان پۇلى بىلەن كىرگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، 2013-يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئامېرىكا پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئىلتىماسى تەستىقلانغان پاتېنتلارنىڭ سانى جەمى 277835 بولۇپ، ئاشۇ پاتېنتلارنى ئەڭ كۆپ ئالغان دەسلەپكى 50 شىركەتنىڭ ئىچىدە 19 ياپونىيە شىركىتى بار ئىكەن [10].

دېمەك، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئاساسەن « مەغلۇبىيەت ۋە خارلىق ئىچىدە» ياشاۋاتىدۇ. يۇقىرىدىكى تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 40 ئورۇنغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدە دىنغا ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا خۇدانىڭ بارلىقىنىمۇ قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغان خەلقلەر كۆپ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن بولغان، دېيىلسە، ھېلىقىدەك دىنسىزلارنىڭ، ۋە ياپونلارغا ئوخشاش ئېتىقادى بار بولسىمۇ ئىمانى يوق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ مېڭىشىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈش كېرەك؟

شۇڭلاشقا، مېنىڭچە مەۋدۇدىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىدە ئېغىر مەسىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1)مەۋدۇدىنىڭ سۆزى بىرەر مۇقەددەس كىتابتىكى، يەنى، قۇرئان ياكى ھەدىستىكى، مەزمۇنلارغا ئاساسەن دېيىلمىگەن. پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ خىيالىغا ئاساسەن ئېيتىلغان.

(2) مەكتەپتە ئوقۇمىغانلار قۇرئان ۋە ئىسلامنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنەلمەيدۇ. قۇرئان ۋە ئىسلامنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنەلمىگەنلەر ئۇنى توغرا ئىجرا قىلالمايدۇ. ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ناچار كۈنگە قېلىشىنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن بولغان دېيىش، مېنىڭچە ئاللاھغا قىلىنغان تۆھمەت، ئاللاھقا قىلىنغان ھاقارەت، ۋە ئاللاھقا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك.

(3) مەكتەپ قۇرۇش ۋە مەكتەپتە ئوقۇش قۇرئاننى ۋە ئىسلامنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇڭلاشقا مەكتەپ ۋە مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىش ھېچ قانداق مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

(4) مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىپ كېتىشى ۋە ھازىرقىدەك ئارقىدا قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ يەنە بىرى، مۇسۇلمانلار لاياقەتسىز دىنىي لىدېر ۋە دىنىي داھىيلارنىڭ خاتا يېتەكچىلىكى ئاستىدا، «ھەممە بىلىم قۇرئاندا بار، شۇڭا باشقا پەنلەرنى ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق»، دەپ قاراپ، پەننىي بىلىم دەرسلىرىنى مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. ھازىرقى زاماندىمۇ مەكتەپ ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇشنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىش، بىر ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك.

ئىلاۋە: يۇقىرىدا مەن پەقەت مەۋدۇدىنىڭ بىر ئابزاس سۆزى ئۈستىدىلا مۇلاھىزە يۈرگۈزدۈم. ئۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك باھا بەرمىدىم. مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا پىكىر قاتناشتۇرىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەمدى مەن لاياقەتلىك دىنىي لىدېرلەردىن بىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مەن تونۇشتۇرىدىغان كىشىنىڭ ئىسمى دوكتۇر ياسىر قازى (Abu Ammaar Yasir Qadhi) [11]. ياسىرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئامېرىكىغا پاكىستاندىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ياسىر ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سەھۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. ياسىر تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە شۇ يەردە ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىدىن ئىككى يىل بالدۇر پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ، تېكساستىكى ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېمىيە ئىنژېنېرلىكى كەسپىدە باكلاۋېر ئۇنۋانى ئالغان، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ «دوۋ خېمىيەسى» شىركىتى (Dow Chemicals) دە بىر مەزگىل ئىشلىگەن. 1996-يىلى ئۇ سەھۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ بېرىپ ئوقۇپ، مېدىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەدىس ۋە ئىسلام ئىلمى فاكۇلتېتىدا ئەرەب تىلىنىڭ يەنە بىر باكلاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ھەمدە ئاشۇ مەكتەپنىڭ داۋا فاكۇلتېتىدا ئىسلام تېئولوگىيە كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2005-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن، ھەمدە يېل ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) نىڭ ئىسلام تەتقىقاتى كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەنگلىيە «دەۋر ئالىي مائارىپى» ژورنىلى تىزىپ چىققان، 2013-2014-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 50 ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىدە، يېل ئۇنىۋېرسىتېتى 11-ئورۇندا ئىكەن (بۇ تىزىملىكتە بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى 1-ئورۇندا بولۇپ، ئۇ 2011-يىلىدىن باشلانغان 3 ئوقۇش يىلىنىڭ ھەممىسىدە بىرىنچىلىكنى ئېلىپتۇ) [12]. يەنى، ياسىر ئامېرىكىغا جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئىسلام تەتقىقاتى كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ھازىر نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە لىدېرلىق ۋە تەتقىقاتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىكى ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئىسلام ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ لېكسىيىسىنىڭ سىن ھۆججىتى يۇتىيۇب (YouTube) تا كەڭ تۈردە تارقىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ.

ياسىر ئەپەندىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەنگەن لېكسىيىلىرى بىر-بىرىدىن ئېسىل بولۇپ، مەن ئۇلارنى ئىنتايىن ياقتۇرۇش ھەمدە ناھايىتى ھۆزۇرلىنىش ئىچىدە كۆرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ بۇ يەردىكى تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان لېكسىيىسىنىڭ تېمىسى «ئۈممەتلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى» بولۇپ، بىر قىسىم ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز بۇ لېكسىيىنىڭ تىلىنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ھەر بىر جۈملە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشىنى ئەسلىدىكى سىن كۆرۈنىشىنىڭ ئاستىغا چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ (بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى قىلغان ئاشۇ قېرىنداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت). ئۇ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:
http://v.youku.com/v_show/id_XNTUyNzE1MTY4.html

ياسىر ئەپەندى مەزكۇر لېكسىيىدە پەقەت ھەدىستىكى مەزمۇنلارغىلا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ (قىسقىچە مەزمۇنى، ھەرگىزمۇ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمىسى ئەمەس، تولۇق مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز ئەسلىدىكى بىر سائەتلىك سىن ھۆججىتىنى كۆرۈڭ. شۇنىمۇ ئەستە ساقلاڭكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سۆزلەر ھەدىستىكى گەپلەر، ھەرگىزمۇ ياسىر ئەپەندى ئۆزى ئويلاپ چىققان سۆزلەر ئەمەس):

ئۈممەتلەرنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىپ قالىدىغانلىقىدىن ھەدىستە ئالدىن بىشارەت بېرىلگەن. بۇ يەردىكى «ھازىرقى ھالەت» دېگىنىمىز مۇنداق بىر ھالەت: مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ. مەسىلەن، ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى 1.6 مىليارد بولۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما، سانى زور بولسىمۇ، ئۇلاردا ساپا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. يەنى، مۇسۇلمانلار خۇددى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاپ قالىدۇ: سانى كۆپ، سۈپىتى يوق. بۇ چاغدا خۇدا مۇسۇلمانلارغا نۇرغۇن «فىتنەلەر» نى ئىۋەتىدۇ. بۇ يەردىكى «فىتنە» دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى «ئالتۇن رودىسىنى تاۋلاپ، ساپ ئالتۇننى ئايرىپ چىققۇچى ئادەم»، ياكى «ئالتۇن رودىسىنى كۆيدۈرۈپ، ساپ ئالتۇننى ئايرىپ چىققۇچى ئوچاق» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ «ساپلاشتۇرغۇچى» ياكى «تاۋلىغۇچى» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. فىتنەلەر دولقۇنسىمان كېلىدۇ. كېيىنكى دولقۇن ئالدىنقى دولقۇندىن چوڭراق ۋە كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بۇ فىتنەلەر مۇسۇلمانلارنى ئۆز مەيلىچە ياكى خالىغىنىچە ئاياق-ئاستى ۋە بوزەك قىلىدۇ، ھەمدە خارلايدۇ.

ھەدىستە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردىن ئالدىن بىشارەت بېرىلىش بىلەن تەڭ، بۇ ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇنداق 6 تەدبىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
(1)ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش
(2) ئاللاھغا دۇئا قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە كۆپەيتىش
(3) باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشنى كۆپەيتىش ۋە كۈچەيتىش
(4) ئىسلامنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق ئۆگىنىش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىش
(5) ئىسلامنى باشقىلارغا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش، ھەمدە باشقىلارغا كەڭ-كۆلەمدە ۋە توغرا ئۆگىتىش
(6) ئاقىلانە ئىشلارنى قىلىش، ئىشلارنى ئەقىل-پاراسەتنى ئىشلىتىپ قىلىش، سەۋر قىلىش، ياخشى كۈنلەر كەلگىچە بەرداشلىق بېرىش ۋە قاتتىق تىرىشىش

يۇقىرىدىكى سۆزلەر ھەدىسكە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى بايانلارغا «ھەقىقەت» دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى سۆزلەرمۇ ھەق گەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. مەن بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە يۇقىرىدىكى لېكسىيەنى بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بىز ئىسلام دىنىنىڭ پايدىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھايىتى كۆپ زىيانلارنىمۇ تارتتۇق ھەم ھازىرمۇ تارتىۋاتىمىز. بىزنىڭ زىيان تارتىشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى، خەلقىمىزنى دىنىي جەھەتتە يېتەكلەش تۈزۈكرەك ئوقۇپ باقمىغان، ئىسلامنى تولۇق ۋە توغرا چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم چالا موللىلارنىڭ قولىغا قالغانلىقى، دېسەك، مېنىڭچە خاتالاشمايمىز. ئەگەر سىز مۇشۇ قاراشقا قوشۇلسىڭىز، بۇ خىل ناچار ھالەتنى ئۆزگەرتىش يولىدا، مېنىڭ سىزگە يەنە تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلىرىم بار:

–ئەگەر سىز بىر دېھقان بولماقچى بولسىڭىز، ئوقۇغان دېھقان بولۇڭ.

–ئەگەر سىز بىر موللام بولماقچى بولسىڭىز، ئوقۇغان موللام بولۇڭ.

–ئەگەر سىز بىر ئوقۇغان ئادەم بولسىڭىز، ئىسلامنىمۇ توغرا ۋە تولۇق ئۆگىنىڭ، ھەمدە شۇ ئاساستا خەلقنى دىنىي جەھەتتە نازارەت قىلىپ ۋە توغرا تەرەپكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى باشقا ھەممە ئىشلاردا توغرا يولغا باشلاشقا تىرىشىڭ. ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ياكى ئۇنىڭغا قۇربىتىڭىز يەتمىسە، خەلقنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى مەكتەپ قارىسىنى تۈزۈكرەك كۆرۈپ باقمىغان موللىيلارغا ئارتىپ قويغاندا، ھازىرقىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، يەنى، بىزنىڭ يامان كۈنگە قېلىشىمىز دىنىمىزنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.

–ئەگەر سىز بىر تەربىيىلىگۈچى بولسىڭىز، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ پۈچەك ئادەم، يالغان ئادەم، ۋە تايىنى يوق ئادەم بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ياپونلارغا ئوخشاش تولۇق ئادەم، ھەقىقىي ئادەم، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان، پەخىرلىنىدىغان، غۇرۇرلىنىدىغان، ھەر قانداق زامان، ھەر قانداق ماكان، ۋە ھەر قانداق مۇھىت ئىچىدە «مەن ئۇيغۇر» دەپ كۆكرەك كىرىپ چىقالايدىغان ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيىلەشكە قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشىڭ.

دىن ۋە ئىلىم-پەننى ئىگىلەشتە ئاسانلا ئۈنۈم بېرىدىغان «قىسقا يول» (short-cut) مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئىشتا چوقۇم ياپونلاردىكىدەك روھ بولىشى كېرەك. مۇشۇ بىر ھەقىقەتنى يېڭى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك. ئۇيغۇرلاردا بىر-قەدەر ئېغىر ساقلىنىۋاتقان، يىپەك-يولى دەۋرىدىن قالغان «تىجارەتچى» خاراكتېرى بىر مەزگىل ئۈنۈم بەرگەن. ئەمما ھازىر ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى بىزگە ياپونلار روھى ۋە ياپونلار خاراكتېرىگە ئوخشاش روھ ۋە خاراكتېر كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىن ئېلىپ، ئۇ يەردە كىچىككىنە پايدىغا سېتىپ ئەمەس، ئۆزىمىز ياساپ چىققان نەرسىلەرنى سېتىپ ياشاشقا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك.

ئەگەر دىققەت قىلغان بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى 6 تەدبىرنىڭ ئىچىدىكى 6-تەدبىر «ئاقىلانە ئىشلارنى قىلىش، ئىشنى ئەقىل-پاراسەتنى تولۇق ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ قىلىش» بولۇپ، بۇ ياپونلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.

دىنىي ساھەدە ياشلىرىمىز ئارىسىدا كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئاجايىپ ئېسىل يېڭىلىقلار ۋۇجۇتقا كېلىۋاتىدۇ. مەن دىنىي جەھەتتە بىر مۇسۇلمان بولۇپلا ئەمەس، بەلكى بىر دىنىي لىدېر ياكى دىنىي داھى بولۇپ ياشاشنى ئىستەيدىغان قېرىنداشلارغا، دوكتۇر ياسىر قازى ئەپەندىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئۈلگە قىلىشىنى، بولسا ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەن ھازىرغىچە ياشىغان ھاياتىمدا ھېس قىلغان بىر نەرسە شۇكى، ئۆسمۈرلەرگە مەدەنىيەت، ئۆرۈپ-ئادەت ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئۆز يۇرتىدىن كۆپ يىراق بىر ماكانغا جايلاشقان دەرسخانىلاردا دەرس قىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆگىتىش ئاسان ئەمەس. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىلىم ئېلىش ۋە باشقىلارغا بىلىم بېرىشتىكى سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ئىلمىيلىك، ۋە ئادىللىقنى سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ئىلمىيلىك ۋە ئادىللىق ئانچە مەۋجۇت ئەمەس بىر ماكاندا تۇرۇپ ئۆگىنىشمۇ ئاسان ئەمەس. مەن بىزدە ھەم بىرەر مۇسۇلمانلار دۆلىتىدە، ھەم غەرب ئەللىرىدە ياكى ياپونىيىدە ئوقۇپ باققان بىر قىسىم دىنىي لىدېرلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

ئەمدى مۇشۇ قىسىمنىڭ ئەڭ بېشىدىكى گەپكە قايتىپ كەلسەك، ھازىر دىن توغرۇلۇق گەپ تالىشىپ، ئۆز-ئارا كۆڭۈل ئازابى پەيدا قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىنىڭ «چالا موللىلار» بالدىغىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەر. شۇڭلاشقا، مېنىڭچە بىز ھازىرچە قۇرۇق گەپ تالاشماي، بىلىم توپلايلى. ھەمدە ئۆز-ئارا بىلىم ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ بىلىمىنى تولۇقلايلى ۋە كۆپەيتەيلى. ئاشۇنداق قىلىپ تەرەققىي قىلىپ، بىر يېتەرلىك سەۋىيىگە يەتكەندە، ئاندىن دىن توغرۇلۇق ئىجابىي مۇزاكىرە ۋە مۇنازىلەرنى ئېلىپ بارايلى. ئۇنداق قىلماي، بىلمەي تۇرۇپ تالاشساق، بىز ھېچ يەرگە بارالمايمىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز-ئۆزىمىزنى نابۇت قىلىمىز.

مەن ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ياسىر ئەپەندى تىلغا ئالغان يۇقىرىدىكى 6 تۈرلۈك ئىشنىڭ ئىچىدىكى 6-ئىشنى ھەرگىزمۇ خاتا چۈشىنىۋالماڭ. ئۇ يەردە دېيىلگىنى ھەرگىزمۇ خۇدا ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇرگىچە، قول-قولاشتۇرۇپ ساقلاپ تۇرۇش، ھەممە ئىشقا، جۈملىدىن ئادالەتسىزلىك، ھەققانىيەتسىزلىك ۋە قۇللۇققا، سەۋر قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى خۇدا ئۆزى قىلىپ بەرمەكچى بولغان بولسا، خۇدا ھەرگىزمۇ بەندىلەرگە ئەقىل بىلەن جىسمانىي كۈچنى ئاتا قىلمايتتى. بىز 5 ئەسىر سەۋر قىلدۇق. شۇڭا كۆرۈۋاتقان كۈنىمىز ھازىرقى شۇ. ئەگەر بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سەۋر قىلىپ ياشاۋەرسەك، يوقاپ كەتمەي، ئۆزىمىزنى ساقلاپ تۇرالايدىغانغا يەنە بىر-ئىككى ئەسىر ۋاقىت بارمۇ-يوق، ئۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى تولۇق ئانالىز قىلىش، كەم دېگەندە ئۇزۇن ماقالىدىن يەنە بىرنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن كېيىنچە ئاشۇنداق ماقالىدىنمۇ بىرنى يېزىشىم مۇمكىن. «ئاللاھ ئۆز بەندىلىرىدىن قانداق ياشاشنى ئۈمىد قىلىدۇ؟» بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ياپونلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئىزدەڭ. بىزنىڭ مەزكۇر ماقالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، ياپونلار ئىسلام، خرىستىيان، جۇدائىزم ۋە بۇددىزم دىنلىرى بويىچە قارىغاندا بىر «دىنسىز» مىللەت. لېكىن، ئۇلار «ئېتىقادسىز مىللەت» ئەمەس. يەنى ئۇلار ئېتىقادى بار، ئەمما ئىمانى يوق مىللەت. ئەمەلىيەتتە ياپونلارنىڭ ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىنتايىن تەكشى، ۋە ئىنتايىن ساپ. ئىشەنمىسىڭىز ئۇنى ئۆزىمىزنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. مېنىڭچە بىز ھازىر قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى دىنىي ساھەدىكى «ئەخلەت» لەرنى تازىلاش. دوكتۇر ياسىر قازى ئەپەندىنىڭ ھەممە ئىنگلىزچە لېكسىيىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا سۇنغاننىڭ زور پايدىسى بار. يەنى خەلقىمىز ئارىسىدا تارقالغان دىن جەھەتتىكى قالايمىقان چۈشەنچىلەرنى «رېمونت قىلىش» قا ناھايىتى زور پايدىسى بار. بۇ ئىشنى قىلالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېنىڭ ھازىرغىچە ئىگە بولغان چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، پەقەت كۇڭزى تەلىماتىلا ئوقۇش ياكى مائارىپنى ئىنسانلاردىن تەلەپ قىلىنغان 4 چوڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرى قاتارىدا قاتتىق ۋە ناھايىتى ئېنىق تىل بىلەن تەكىتلىگەن. قالغان چوڭ دىنلار بولسا ئىلىم-پەننى دىن بىلەن زىددىيەتلىك بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويمىغان. بولۇپمۇ قۇرئان كەرىمدە «ئوقۇش» ۋە «بىلىم ئىگىلەش» سۆزلىرى كۆپ قېتىم ئىشلىتىلگەن. ئەمما، ئۇنى كۇڭزى تەلىماتىدىكىدەك ئەگەشكۈچىلەر چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار قاتارىدا قاتتىق تەكىتلەپمۇ كەتمىگەن. بۇنداق بولىشىنى ئاشۇ دىنلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ئاللاھدىن چۈشكەن ۋاقتىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن. ياۋروپانىڭ 16- ۋە 17-ئەسىرلەردىكى ئىلىم-پەن ئىنقىلابى مەزگىلىدە، خرىستىئانلار دىننىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى يېڭىپ، ئىلىم-پەنگە دىننىڭ سىرتىدا يۈرۈش قىلغان. يەنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەندە گۈللەنگەن دەۋرى ئاخىرلىشىشقا قاراپ ماڭغاندا، ياۋروپالىقلار ئىلىم-پەنگە دىنىي ساندۇقنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشنى باشلىغان. مېنىڭ بۇ يەردە دەمەكچى بولغىنىم، بىزنىڭ يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك 6 ئىشنىڭ ئىچىدە ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش ئوچۇق، كۈچلۈك ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تەكىتلەنمىگەن. شۇڭلاشقا بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش مەسىلىسىدە دىققىتىمىزنى دىننىڭ ئىچىدىن جاۋاب تېپىشقىلا ئەمەس، دىننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ئۆزىمىزگە بىر مۇۋاپىق جاۋاب ياكى يول تېپىشقىمۇ قارىتىشىمىز كېرەك. دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ يەنە بىر لېكسىيىسىدە دېيىشىچە، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ 7-ئەسىردىن باشلاپ گۈللىنىشىگە مۇنداق ئىككى ئامىل سەۋەبچى بولغان: بىرى ئىماننىڭ كۈچلۈك بۇلىشى. يەنە بىرى زامانىۋىلىققا قۇچاق ئېچىشى. يەنى، زامانىۋى پەن ۋە زامانىۋى تېخنولوگىيىلەرنى قوغلاپ يۈرۈپ قوبۇل قىلىشى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ كېيىنچە خارابلىشىشقا قاراپ مېڭىشىمۇ ئاشۇ ئىككى ئامىلدىن بولغان. يەنى، ئىماننىڭ سۇسلىشىشى، ۋە زامانىۋىلىقنى چەتكە قېقىشى. مەن بۇ ھەقتە كېيىن يازىدىغان بىر پارچە ماقالىدە يەنە مەخسۇس توختىلىمەن. خرىستىيان دىنىدىكىلەر ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنى باشلىغاندا، دىننىڭ چەكلىمىسىدىن قانداق قۇتۇلغان؟ مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئۆزىلا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە بولالايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن خېلى زور پايدىسى بار. شۇڭا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرقى سۆز

مەن بۇ قېتىم ئىگىلىگەن ۋە مەزكۇر ماقالىدا بايان قىلغان بىلىملەرگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرنى چىقىرىش مۇمكىن:

–سامۇرايلار بۇنىڭدىن تەخمىنەن 700 يىل ئىلگىرىكى دەۋردىن باشلاپ، ياپونلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ، ياپونىيىنى ھەربىي جەھەتتىن قوغداپ كەلگەن.

–سامۇرايلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى پادىشاھقا سادىق بولۇپ، پۈتكۈل ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئادالەتلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە قوغداش بولغان.

–سامۇرايلار ئۆزلىرى قاتتىق ئۆگەنگەن، ۋە پۈتۈن ياپونىيىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان، شۇ ئارقىلىق ياپون خەلقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ، پۈتۈن ياپون خەلقىنىڭ بىر يۇقىرى ساپالىق مىللەت بولالىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

–سامۇرايلار ھەربىي ماھارەت، ئۇرۇشتىكى باتۇرلۇقى، ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىش روھى، ھەمدە بىلىم ۋە ئەخلاق قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە پۈتۈن ياپون خەلقىگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن.

–ياپونلارنى سامۇراي روھىغا ئىگە قىلغان ئەڭ ئاساسلىق نەرسە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئىسلام دىنى، خرىستىيان دىنى، جۇدائىزم ۋە بۇددا دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. يەنى، ياپونلارنىڭ ئېتىقادى پادىشاھقا چوقۇنۇش ۋە ئەجدادلارنىڭ روھىغا چوقۇنۇش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

–ھايات ۋە تەبىئەتتىكى گۈزەللىك ئاللاھدىن كەلگەن سوۋغات بولۇپ، ياپونلار ئۇلارنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىر سېكۇنتىدىن ھوزۇرلىنىشقا تىرىشىدۇ.

–ياپونلار مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدى: ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلار دۇنيانى سورايدۇ، بىپەرۋالىق بىلەن ياشايدىغانلار دۇنياغا يۈك بولۇپ قالىدۇ.

–ياپونلار يەنە مۇنداق بىر ھەقىقەتنىمۇ ئىسپاتلىدى: بىر خەلق باشقىلارغا يۆلەنمىسە ياشىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىكەن، ئۇ خەلق ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايدۇ. ئەگەر ياپونىيە باشقا دۆلەتكە تايانمىسا ياشىيالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايتى.

–بىر دۆزاخقا ئوخشاش شەرت-شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلققە جەننەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى قانچە تەشۋىق قىلسىڭىزمۇ، ئۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ياپونلار سامۇرايلارنىڭ ئاقىلانە ۋە ئادىل باشقۇرىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن، شۇڭا ئۇلار سامۇرايغا ئەگەشكەن، ھەمدە ئۇلارغا يۈزدە-يۈز بوي سۇنغان.

–ياپونلارنىڭ مىللىي روھى سامۇراي روھىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مىللىي روھى بىلەن مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە مىللىي ئەنئەنىسى ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. بىرسى كەم بولسا يەنە بىرسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى بىز ياپونلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن روشەن كۆرۈپ ئالالايمىز. ياپونىيە ئاسىيادىكى بۇنىڭدىن مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئەينەن ساقلاپ قالالىغان بىر مىللەت. شۇنداقلا بۇنىڭدىن مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدىكى مىللىي روھىدىمۇ ئانچە ئۆزگىرىش بولمىغان بىر مىللەت.

–مۇسۇلمانلار ئەڭ گۈللەنگەن دەۋردە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلىكى ياپونلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۇلارنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن ئىدى. مۇسۇلمانلارمۇ ياپونلارغا ئوخشاشلا بۇرۇنقى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلىقنى قارشى ئالغان، ۋە زامانىۋىلىققا قۇچاق ئاچقان ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ياپونلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، مۇسۇلمانلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىمان بار ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئىلىم-پەن ۋە تەرەققىياتتا دۇنياغا باشلامچى بولغانىدى. ھازىر مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ياپونلار ۋە باشقا بىر قىسىم مىللەتلەر ئالدى.

مەن ھازىرغىچە بىرەر ياپوننىڭ ئۆز مىللىتىدىن يۈز ئۆرۈش، ئۆز مىللىتىنى سېتىش بەدىلىگە باشقىلارغا ئىشلەپ جان باققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ياپونلاردىن ئاشۇنداق ئادەملەردىن بىرەرسى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، قارا-تەنلىك دوكتۇر مارتىن لۇسېر كىڭ (Martin Luther King) 1955-يىلى مۇنداق دېگەن: «ھەقىقىي تىنچلىق يالغۇز بىر جىددىي ھالەتنىڭ يوقلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئادالەتلىكنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىدۇر. » [13] (True peace is not merely the absence of tension: it is the presence of jüstice.) ئەگەر تىنچلىقنىڭ مۇشۇ ئېنىقلىمىسىنى قوبۇل قىلساق، ياپونىيىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىر تىنچلىق ئىچىدە ياشاپ كەلگەن دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

سامۇرايلارنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىل يەڭگىلى بولمايدىغان ئىرادە بىلەن تولغان. ئۇلارنىڭ قەلبى بىر خىل يوقاتقىلى بولمايدىغان غايە بىلەن تولغان. سامۇرايلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى تەربىيىلەش، ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان ئەنئەنىدە نامايان بولىدۇ. سامۇرايدىن ئىبارەت بۇ سەنئەتكار ۋە جەڭچىلەر بىر خىل ئەدەبىياتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئەدىبىيات كىشىلەرنى ئۆزىدىكى ۋەھىمە ۋە ئىشەنچىسىزلىكنى يوقۇتۇپ، ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ھەر بىر ئىشقا بىردىن تۈزۈم تۈزۈلگەن بىر جەمئىيەتتە، سامۇرايلار بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان بىر شارائىتنى بەرپا قىلغان. شۇڭلاشقا سامۇرايلارنىڭ قاتتىق ۋە دەھشەتلىك بولۇش ئوبرازى ئۆز كەسپىدە بىرەر بۆسۈش خاراكتېرلىك يۈكسىلىشنى ئىستەيدىغان ياشلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولالايدۇ.

سامۇرايلار بىزگە يېڭىش مۇمكىن ئەمەستەك بىلىنىدىغان قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ ئۆتكەللەرنى ئۆزىنىڭ جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىچكىي روھىي قابىلىيىتى بىلەن يەڭسە، غەلىبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلار بىزگە ھاياتنىڭ ھەر بىر سېكۇنتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. ھايات بەزىدە ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر بىر پەيتىنىڭ ھوزۇرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىز بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. بىز قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلگەندە، سامۇراي روھىدىن كۈچ ۋە مەدەت ئالالايمىز. بىز سامۇراي روھى ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ھاياتىمىزنى ۋە تەقدىرىمىزنى ياخشى تەرەپكە بۇرىيالايمىز.

مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياپونلارنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىشىگە، شۇنداقلا ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق ياشاش يولى تېپىۋېلىشىغا بىر ئاز ياردەم قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بېتىگە چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

[1]Konzak Burt, «Samurai spirit: Ancient wisdom for modern life», published in 2002 by Tundra Books.

.[2] بىلىمخۇمار، « ياپونلۇقلارنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى ۋە تەبىئىي خاراكتېرى»
http://bbs.misranim.com/thread-117395-1-1.html

[3] Samurai
<http://en.wikipedia.org/wiki/Samurai>

[4] Albrecht Fürst von Urach, «The Secret of Japan’s Strength», 1943.

[5] Russo-Japanese War
<http://en.wikipedia.org/wiki/Russo-Japanese_War>

[6] David Mccullough, «Moral and social education in Japanese schools: Conflicting conceptions of citizenship», Citizenship Teaching and Learning, Vol. 4, pp. 21-34, July 2008.

[7] Abul A’la Maududi
<http://en.wikipedia.org/wiki/Abul_A’la_Maududi>

[8] Mehdi Hasan: Islam is a peaceful religion-Oxfor Union
<https://mail.google.com/mail/?ui … 150?projector=1>

[9] Yasir Qadhi: The Miracle of the Qur’an
<http://www.youtube.com/watch?v=q2S_e1d4hb0>

[10] 2013 U.S. Patent Trends & Insights
http://ificlaims.com/index.php?p … 3-u-s-patent-trends

[11] Abu Ammaar Yasir Qadhi
http://en.wikipedia.org/wiki/Abu_Ammaar_Yasir_Qadhi

[12] Times Higher Education World University Rankings
http://en.wikipedia.org/wiki/Tim … University_Rankings

[13] Martin Luther King, Jr.
http://en.wikiquote.org/wiki/Martin_Luther_King,_Jr.

http://bbs.bagdax.cn/thread-22752-1-1.html

Share
1432 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.