logo

trugen jacn

مىللىي قوراللىق قوشۇن ۋە مۇستەقىللىق

نەزەر

 

تارىخىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەربىي كۈچى جەھەتتىن قانداق دۆلەتلەر تەرىپىدىن باشلانغانلىقىغا بىر نەزەر تاشلانسا، ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسەن ھەربىي كۈچى جەھەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن باشلانلانغانلىقىنى بايقاش ئانچە تەس ئەمەس. جۇلىئۇس قەيسەر، ئاتىللا ھۇن، چىڭگىزخان، تىمىرلەڭ، ناپولېيون بوناپارت، ئادولف گىتلېر ۋە دېڭ شاۋپىڭلارنىڭ قوزغىغان ئۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەتتا يېقىنقدا يۈز بەرگەن ئەزەربەيجان-ئەرمىنىيە ئۇرۇشىمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

ھازىرقى زاماندا ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى باشقا بىر چوڭ دۆلەتكە نىسپەتەن مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە ئەمەس ئەھۋال ئاستىدا ھازىرچە بۇ چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇرۇش سادىر بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مانېۋرلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈشى بولسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە پوپوزا قىلىشتىن ئىبارەت،خالاس. شۇڭلاشقا، ھازىرچە « ئامېرىكا خىتايغا قارىتا ئۇرۇش قىلسا، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولىدۇ. » دىن ئىبارەت خام خىيالنى ھەرگىزمۇ سۈرمەسلىك كېرەك.

ئەمدى، چەتئەلدە قوراللىق قوشۇن (مىللىي ئارمىيە)  تەييارلاپ، خەلقئارا ۋەزىيەت يار بەرگەندە شەرقىي تۈركىستانغا ئاتلىنىپ، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش مەسلىسىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى، ھەر قايسى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، چېگرىداش دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئەھۋالى ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى چەتئەللەردىكى نوپۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى سەۋىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي ئورنى ۋە ئىقتىسادى قاتارلىق جەھەتلەردىن چۈشەندۈرۈلسە، ئاندى نىسپەتەن مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولۇش مەسلىسى « بىر قولدا قورال، بىر قولدا قۇرئان » تۇتۇش بىلەن ھەل بولىدىغان ئانچە ئاددى مەسىلە ئەمەس. شەرقىي تۈركىستانغا چېگرداش بەزى كەمبەغەل دۆلەتلەر مۇبادا باي دۆلەتكە ئايلانغان تەقدىردىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىدىغان قوراللىق كۈچ — مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە تۇرغۇزۇشقا ئىجازەت بېرىشى ناتايىن، چۈنكى بۇ دۆلەتلەر كۆپچىلىكى بىر تەرەپتىن ئاساسىي جەھەتتىن مۇستەبىت دۆلەتلەر بولغاچقا، كىشلىك ھوقۇقنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ ھەمدە چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خوشنا دۆلەتلەردىن كېلىدىغان مەپەئەتلەردىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئوتقا تاشلىمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا تەھلىل يۈگۈزۈلسە، جۇغراپىيىۋى دېموگرافىيىلىك جەھەتتىن قارىغاندا تۈركىيەدىن باشقا غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بەك تارقىلىپ ماكانلاشقان. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەربىيلىككە لايىق ئادەملەر ۋە ئىقتىساد يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭلاشقا چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي قوشۇنى– مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت پىلانلارنى يىغىشتۇرۇپ قويۇش ھازىرقى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى پەقەت خىتاي كومھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان ۋاقىتتا رىئاللىققا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشنى رىئالىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىردىن بىر ئۈنۈملۈك يولى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ بەربات قىلىش لازىم. خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلىشىپ بەربات بولسا، خىتايدىكى دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر ئىستىبدات خىتاي كومھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى توغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئا ق ش ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا قوللانغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللاش ۋە تەشىۋىق قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل پاش قىلىپ، خەلقئارانىڭ كەڭ كۈلەمدە قوللىشىغا ئېرىش ۋە خەلقئارادا خىتاي ماللىرىنىڭ بىر كېلىش مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر، قىسىم قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.

2020-يىلى نويابىر

 

 

 

Share
322 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.