logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-2

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

2- ئسلامنىڭ بىرىنچى شەرتى ئوقۇشتۇر

قۇرئاننىڭ تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى “ئىكرا!- ئوقۇغىن!” دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. “ياراتقان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن!” (ئەلەق سۈرىسى 1.ئايەت) ئاللادىن كەلگەن بىرىنچى ۋەھىي “ئوقۇغىن!” بولغىنىغا قارىغاندا،ئىسلامدىكى بىرىنچى پەرز ئىبادىتى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش بولىشى كېرەك ئىدى.قۇرئاننى ئوقۇشنى ئۈگەنمەستىن قۇرئاننىڭ ھىكمەتلىرىنى ئۆگىنىش،چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،ئوقۇپ ساۋات چىقىرىشنى بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئۈستىدە قويغان.بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىپ مەدىنىگە ئېلىپ كېلىنگەن مەككىلىك مۇشرىكلار (ئۇ دەۋرىنىڭ قايدىسى بويىچە،ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئىسلام ئەسكەرلىرىگە ئولجا سۈپىتىدە تەخسىم قىلىپ بىرىلەتتى ياكى قۇل بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ پۇلىنى ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ چىقىمى ئۈچۈن خىراجەت قىلاتتى.) ئارىسىدا ساۋاتلىق بولغان،ئامما پىديە تۈلىيەلمىگەنلەر 30 مۇسۇلمان بالىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ بەرسە ئازاتلىققا ئېرېىشىپ مەككىگە قايتىپ كىتەلەيدىغانلىغى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قارار چىقاردى.ساۋاتلىق كاپىرلارنىڭ ھەر بىرسى مەدىنىدە 30 مۇسۇلمان بالىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ بەرگەندىن كېيىن ئازات قىلىنىپ مەككىگە يولغا سېلىپ قويۇلدى.ئاللانىڭ دۈشمىنى بولۇپلا قالماي،ئاللانىڭ ئەلچىسى ۋە ساھابىلارنى ئۆلتۈرۈشكە كەلگەن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى 30 مۇسۇلماننىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ قويۇش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كافارەت قىلدى.چۈنكى،بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگىنىشى بارلىق ئىبادەتلەردىن مۇھىم ئىبادەت سانىلاتتى.

نازىل بولۇۋاتقان ئايەتلەر ئۆچكە تېرىلىرىگە يېزىلىپ توپلىنىۋاتقان بولسىمۇ،نازىل بولغان ئايەتلەرنى يازالايدىغان،يېزىلغانلارنى ئوقۇپ يادلىيالايدىغان مۇسۇلمانلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ئىدى ئاللانىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىش،دىنى ئەھكاملارنى ھاياتقا تەدبىقلاش ئۈچۈن ساۋات چىقىرىش ئالدىنقى شەرتتۇر.ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مۇسۇلماننىڭ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن كاپىرلارنى ئۇستاز تۇتۇشىمۇ جايىز ئىكەنلىگىنىڭ يولى ئېچىلغان. ئەلەق سۈرىسىنىڭ 3-4.ئايەتلىرى “پەرۋەردىگارىڭ كەرەملىكتۇر…قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى.ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈردى” دەپ داۋام قىلىدۇ.بۇ ئايەت ئارقىلىق “قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگىنىش” ئوقۇش ئارقىلىق “بىلمىگەن نەرسىلەرنى” بىلىشنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت بولغانلىقىدىن ئىشارەت بەردى. ئاللا پەيغەمبەرنى ئالدى بىلەن مۇسۇلمان بولۇشقا،ئۇنىڭدىن كىيىنلا قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ “ مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا،قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم” (نەمىل سۈرىسى 91-92.ئايەت) قۇرئان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى-ئوقۇيدىغان نەرسىلەر توپلانغان كىتاپ، دىمەكتۇر. قۇرئاننى ئەرەپ تىلىدىن ئىبارەت سىپىلنىڭ ئىچىگە سۇلېۋېلىپ،مىڭ يىللاپ ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمان دۇنياسىدىن يۇشۇرۇپ ساقلاش ھەم ئىسلامغا ھەم مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئەڭ زور زىيانكەشلىكتۇر.

قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنىش،بەزى ئايەتلەرنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى مۇتەالا قىلىش،ھەتتا مۇتەشەبىھ (مەزمۇنى بىلىنمىگەن) ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ساۋاتلىق بولۇش لازىم.

قۇرئان ئەرەب تىلىدا نازىل بولدى.بىز ئاللاغا “قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىدىغانلىغىڭنى ئالدىدىن بىلەتتىڭ،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىدىن بىلەتتىڭ.نىمىشقا ئۇيغۇرلارنى ئەرەپلا قىلىپ يارىتىۋەتمىدىڭ؟” دەپ سۇئال قويالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقان،قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ياراتقان ئوخشاش بىر ئاللادۇر.قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ئوقۇش،ئوقۇغاننى چۈشىنىپ ئوقۇش ئەلۋەتتە ساۋاب.ئامما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرەب تىلىدا ساۋاتلىق قىلىپ بولۇش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.ئەرەبچە بىلمىگەنلەر قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا يەنە ئوخشاشلا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب،ئامما ئاللا ئەرەب ئەمەس.ئاللا ئۆزى ياراتقان بارلىق جانلىقلارنىڭ تىلىنى بىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىلىدۇ.ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاللاغا دۇئا قىلىش،ئاللادىن تىلەك تىلەش،ئاللانىڭ كىتابىنى ئوقۇش ئاللانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئەمەس ئاللاھ “ئوقۇغىن!” دەيدۇ.ئوقۇش تەپەككۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كائىناتتا ئاللا ياراتقان ھەر بىر مۆجىزىنى تەتقىق قىلىش يولىدا ئوقۇش،تەپەككۇر قىلىش،مېھنەت سەرپ قىلىشنىڭ ھەممىسى ئاللاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئايرىم-ئايرىم يوللىرىدۇر.بىزنىڭ كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىز بىلىم ئىجتىھات قىلىش ۋە ياش ئەۋلادلىرىمىزغا بىلىم ئۆگىتىش يولىدا پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

بىلىم-ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەنگۈشتەردۇر.بىلىم ئۆگىنىش،ئۆگەنگەن بىلىمنى باشقىلارغا ئۆگىتىش دىنىمىزدا ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. “ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر” (تۆبە سۈرىسى 91.ئايەت) پەن-بىلىم،مائارىپ،تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زىيالىلىرىمىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردۇر.ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاللاغا ئەڭ يېقىن يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.بىر كۈنى ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىدىكى پەردە كۆتۈرلۈپ كەتسە،ئاللانىڭ ئۇلارنى قانچىلىك سۈيۈدىغانلىغىنى،ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاللا سۆيگۈسى ئىچىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.ئاللانى سۆيۈش-ئىنساننى سۆيۈش دېمەكتۇر.ئۇ ئىنسان يىراقتىكى ئىنسان ئەمەس.ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلاردۇر.ئۇلارنىڭ بۈگۈنى،كىلەچەگى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارغا ئاللا تېخىمۇ گۈزەل كىلەچەكنى ۋەدە قىلىدۇ.بىراق،ئاللا مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئىمانسىز ئۆلۈشىمىزگە رازى بولمايدۇ ئاللا “نۇرغۇن كىشىلەر شەك-شۇبھىسىز بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر” (يۇنۇس سۈرىسى 92.ئايەت) دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.غاپىل-خەۋەرسىز قالغۇچى دېمەكتۇر.ئاللا، ئايەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالغۇچىلارنى ئەيىبلىمەيدۇ.بەلكى خەۋەردار بولۇشىنى تىلەيدۇ.

ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى ئىزدىنىش ئارقىلىق تېپىلىدۇ.ئىزدىنىش-ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش دېمەكتۇر.كاىناتنىڭ سىرلىرى “بىلىمەن” دېگۈچىلەرگە ئەمەس، “ئۆگىنىمەن” دېگۈچىلەرگە ئۇچۇقتۇر.قۇرئانى كەرىمنىڭ “ئوقۇغىن!” جۈملىسى بىلەن باشلىنىشى “بىلىمەن” دېگۈچى مۇتەكەببىرلەرگە ئەمەس، “ئۆگىنىمەن” دېگەن ئىستەكتە بولغۇچى ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان سەمىمى ئەقىل ئىگىلىرىگە قارىتىلغان چاقىرىقتۇر. مۇنۇ ئايەتكە دىققەت قىلايلى؛ “ئاللانىڭ ئاسمانلارنى،زېمىننى ياراتقانلىقى،تىللىرىڭلارنىڭ،رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇ-خىل بولىشى ئاللانىڭ ئالامەتلىرىدۇر.بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.” (رۇم سۈرىسى 22.ئايەت) ئاللا زىكىر قىلغان “بىلىملىك كىشىلەر” ئارىسىدا ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىمۇ بار.

قۇرئان ئىنسانلارنى بىلىم بىلەن قۇراللىنىشقا چاقىرىدۇ.قۇرئان رەسۇلىللانى شۇنداق دەپ تىلەك تىلەشكە چاقىرىدۇ “پەرۋەردىگارىم،ماڭا ئىلىم-ھىكمەت ئاتا قىلغىن!” (شۇرا 83.ئايەت) “ئەي پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!” (تاھا سۈرىسى 114.ئايەت( قۇرئان چاقىرغان يول ئىلىم-ھىكمەت يولىدۇر.ئوقۇش،تەپەككۇر قىلىش يولىدۇر شۇڭا؛قۇرئان قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقۇچى مەشئەل ،دەيمىز.ئۇ مەشئەل ئالدى بىلەن قەلىپلەرنى،ئاندىن كىيىن جەمئىيەتنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ.قۇرئاندىن ئىبارەت مەشئەلنى جاھالەت پىرلىرىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆزىنى غۇۋالاشتۇرۇپ تۇرىۋاتقان خۇراپاتلىق پەردىسىنى ئېلىپ تاشلاش،بىر قولىدا ئىلىم-مەرىپەت،بىر قولىدا قۇرئان تۇتقان،ئىمان ۋە بىلىمدىن ئىبارەت يېڭىلمەس قۇرال بىلەن قوراللانغان يېڭى بىر ئەۋلادقا خۇددى نەپەس ئېلىۋاتقان ئوكسىگېنغا ئوخشاش جىددى ئېھتىياجىمىز بار.

ئۆتمۈشىمىزدىن ئۆكۈنۈش،چۈشۈپ قالغان ئەھۋالىمىزغا جىلە بولۇش،تارىخى ھەسرەتلىرىمىزنى تەمبۇر-دۇتتارلىرىمىزنىڭ مۇڭ-زارىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق،روھى ئازاپلىرىمىزنى تەكرار بۆشۈككە بۈلەپ ئۇخلىتىش يولى بىلەن ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىشتىن ئىبارەت ناتىۋان پسىخولوگىيىلىك روھ ھالىتىدىن قۇتۇلىشىمىز لازىم.

قۇرئاننىڭ تۇنجى ئايىتىنىڭ تۇنجى جۈملىسى بولغان “ئىكرا-ئوقۇغىن!” سۆزىنى بارلىق ئۇيغۇر مىللىتى تەكرار ئومۇمى خور قىلىپ يەرۇ-ئاسماننى لەرزىگە كەلتۈرۈپ ئوقۇيدىغان دەۋىر كەلدى.

ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ئوقۇشقا بولغان ئىنتىلىش تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئەۋىج ئالماقتا.بىلىمگە پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقان ياش ئەۋلادلار.بالىلىرىنىڭ كىلەچەگى ئۈچۈن بارلىقىنى خەجلەۋاتقان پىداكار ئاتا-ئانىلار.ئۆي-بىساتلىرىنى سېتىپ چەتئەلدە بالىلىرىنى ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار بار.يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان بىر بالىسىنىڭ ياخشى كىيىم كىيىشى ئۈچۈن ئۆيدە قالغان 3 بالىسى قىش كۈنلىرى بىر ئاياق بىلەن قىشنى چىقارغان ئائىلىلەر بار.يىل بويى گۆش يىمەي ئاغزى گەز باغلاپ كەتكەن،ھەتتا قۇربان ھەيتتىىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا چىقىنالماي قويلىرىنى بوداپ سېتىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار ئۈچۈن پۇل ئەۋەتىۋاتقان دېھقانلار بار.بىلىمنىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغانلىغىغا ئىشەنگۈچىلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.

بىز شۇنى تونۇپ كۈتمەكتىمىز:ئوقۇش -يورۇقلۇققا يۈزلىنىش دېمەكتۇر.ئوقۇش- تەپەككۇر موتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈش دېمەكتۇر.ئوقۇش- شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى پەرق ئېتىش دېمەكتۇر.ئوقۇش- ئىنسان ئۆز-ئۆزىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى دېمەكتۇر.ئوقۇش- بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەختىكە قاراپ ئىلگىرىلەش دېمەكتۇر.ئوقۇش- كۈچىيىش دېمەكتۇر.ئوقۇش- كىلەچەكنىڭ تىزگىنىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانى دېمەكتۇر. ئالدى بىلەن ئاللاغا يۈزلىنىش،قۇرئانغا يۈزلىنىش چەكلىك ھاياتىمىزنى چەكسىز ئېنېرگىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش دېمەكتۇر.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ دىندىن ئايرىلىپ قىلىشى،يوقۇلۇش تەھدىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان دىندار ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشى دېمەكتۇر.بىر ئۇيغۇرنىڭ ،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشىنىڭ،دېڭىزدىكى بېلىقنىڭ دېڭىزدىن ئايرىلىپ قىلىشىدىن پەرقى يوقتۇر.

ئۇيغۇر خەلقى،قاراخانىيلار دەۋرىدىن 1000 يىل كىيىن، ئاللانىڭ “ئوقۇغىن!” دېگەن ئىلاھى ساداسى بىلەن تەكرار ئويغانماقتا.ئويغانغان خەلق،بىر قىسىم مەس زىيالىلىرىنىڭ كاللىسىنىڭ سەگەكلىكلشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

Share
2015 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.