logo

trugen jacn

قۇرئان كۆزنىكىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نەزەر

 

يۇلغۇن

 

ئەقىل ۋە ئىنسانلىق تەجرىبىسى بىزنى سۇ كېلىشتىن بۇرۇن توغان سېلىشقا بۇيرىيدۇ. ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرى قۇرئانى كەرىممۇ ئاۋۋال تەدبىر، ئاندىن ئاللاھقا تايىنىشقا بۇيرۇيدىغان بولۇپ، قانداق شارائىتتا قانداق ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىدۇ. قۇرئانى كەرىمدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە قوۋملارنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنىش ئارقىلىق كىشىلەرگە يول كۆرسىتىدۇ ۋە كۆپىنچە بىرەر مەسىلىنىڭ چارىسى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن «ئەقىل ئىشلىتىدىغان قوۋم ئۈچۈن، ياكى بىلىدىغان قوۋم ئۈچۈن، ۋەياكى تەپەككۇر قىلىدىغان قوۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق بايان قىلىمىز» دېيىلىدۇ.

قۇرئاندا بىر مىللەتكە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان پىرئەۋن ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى قىسسەلەر مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بەنى ئىسرائىل قىسسەلىرىنى چوڭ جەھەتتىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پىرئەۋنگە قارشى كۈرىشى ۋە پىرئەۋن زۇلۇمىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يولدىن چىققان قوۋمىغا قارشى كۈرشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە پىرئەۋن ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش مەككە دەۋردە نازىل بولغان سۈرىلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مەسىلەن: غافىر سۈرىسى 26 – ئايەتتە پىرئەۋننىڭ ھەزرىتى مۇسانى «قوۋمىنى دىندىن چىقىرىۋېتىش ۋە زېمىندا، يەنى مىسىردا بۇزۇقچىلىق، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ سۈرە نازىل بولغان ۋاقىت دەل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوۋمى تەرىپىدىن كىشىلەرنى دىندىن چىقىرىۋېتىش، جەمئىيەتتە بۆلۈنۈش پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن مەزگىل بولۇپ، بۇ خىل ئەيىبلىنىشلەر، تەھدىتلەرگە ئىلگىرى ھەق يول دەۋاچىلىرىنىڭ دۇچ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ يولدىكى قىينچىلىقلار بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇنۇس سۈرىسى 87 – ئايەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: <قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۇئمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار> دەپ ۋەھى قىلدۇق».

ئايەتتىكى «ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار» جۈملىسى پىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگەن ۋاقىتتا، پىرئەۋندىن ئىبارەت قانخورغا ھەزرىتى مۇسا ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن باھانە تېپىپ بەرمەسلىك نەزەردە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن (بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئىبنى كەسىردە بەنى ئىسرائىلنىڭ پىرئەۋندىن قورققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆيىدە ناماز قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارمۇ بايان قىلىنغان).

مەزكۇر ئايەتمۇ مەككە دەۋرىدە چۈشكەن سۈرە ئىچىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ دەۋر دەل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆز قوۋمى قېرىنداشلىرىنىڭ شىددەتلىك زۇلۇمىغا ئۇچرىغان مەزگىللىرى ئىدى. بۇ دەۋرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۆمىنلەر ئۈچۈن ئۆيلىرىنىڭ نامازگاھ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. ھىجرەتتىن كېيىن مۆمىنلەر مەدىنىدە بەلگىلىك سان ۋە كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، مانا بۇ دەۋردە مەسچىتلەر ئىنشا قىلىنغان، ئاشكارا يوسۇندا ئەزان ئېيتىلىپ، نامازغا دەۋەت قىلىنغانىدى. يەنى ئۆزىگە تەۋە ۋەتەندە ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇش ھەر كىشىگە يارىشىدۇ.

ۋەزىيەتنى مۆلچەرليەلمەسلىك، ئۆزىنىڭ قەيەردە، قانداق شارائىتتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ تەدبىر ئالالماسلىقنىڭ دەردىنى ئۇيغۇرلار ئېغىر تارتىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكىمىتى ھەردائىم خەلقئارا ئېقىمدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇستىلىق بىلەن باستۇرۇپ كەلدى، كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتىرنېت مۇھىتىنى ئېچىۋېتىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ  2010 – يىلىدىن كېيىنكى دىنىي تەرغىباتلىرىدا ئىسلامىي جىھادچىلىق كۈچلۈك ۋە ئوچۇق – ئاشكارا تەرغىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكتە پۈتۈنلەي قارىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. خىتاينىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىشىنى ئىسلامىي جىھادچىلىققا، خەلقئارا تېررورىزم تەشكىلاتلىرىغا (مەسىلەن، ئەل-قائىدە، تالىبان ۋە باشقا) باغلاپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن قارىلاش مەقسىتىگە يەتتى[1]. مەسىلەن:

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 2015 – يىلى 5 – ئاۋغۇستتىكى خەۋرىدە مۇنداق دېيىلگەن: خوڭكوڭدىكى جەنۇبىي خىتاي سەھىرى گېزىتىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مائاۋىن مىنىستىرى چىڭ گوپىڭ ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەركىزى كوردىناتورى تىنا كىدناۋ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا جىھاد غايىسى بىلەن تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ھەمدە رادىكال ئىسلامچى تېررورلۇق خەۋپىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي، ئامېرىكا ۋە دۇنياغا جىددىي تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشتە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 4 – ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە زوراۋان ئاشقۇنلارغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش» جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتايدا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى[2]. خىتاي خەلقئارادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنىدىن كېيىن، بۇرۇندىن تارتىپ ھەر خىل ناملاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تار دائىرىلىك قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى 2017 – يىلىدىن باشلاپ كۆلەملەشتۈرۈپ، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇپ يېتىشى ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2018 – يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بارغان ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات، گۇۋاھلىق بېرىش ۋە لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرى تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيە كۆتۈرۈلدى. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسى 2019 – يىلىدىن تارتىپ كۆرۈلۈشكە باشلاپ، غەرب ئەللىرى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «ئىرقى قىرغىنچىلىق» جىنايىتى نۇقتىسىدىن خىتاينى قىسماققا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. غەرب ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەسى خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلاردىن بەزىلىرى ئارقىمۇئارقا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ سەۋەبتىن خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن چوڭ زىيانغا ئۇچرىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى غەرب ئەللىرىدە كۆتۈرۈلگەن ئەيىبلەشلەر ۋە ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە ھۆكىمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ رەسمىي ھالدا «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى سارامىسىگە سېلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە يۈزلەنگەن بۇ دولقۇننى تەتۈرسىگە ئۆرۈپ، ئۆزىگە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن يەنىلا كونا تاكتىكىنى ئىشقا سېلىپ، غەرب ئېڭىدا سەلبىي تەسىرگە ئىگە «ئىسلام خەلىپىلىكى» كوزىرىنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدى. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قارىلاش ۋە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن غايەت زور تەشۋىقات قوشۇنى تەشكىللەپ، ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە باشلىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتىغا دىققەت قىلساق، ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچ، يەنى رادىكاللىق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سىياسىي قانۇن كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىرزات باۋۇدۇنغا «ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرۇش» جىنايىتى ئارتىلغان. ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسماننىڭ مەزكۇر خەلىپىلىك قۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئاساس يارىتىش، تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئوقۇشلۇق تۈزۈپ بەرگەنلىكى، ساتتار ساۋۇت، ئالىمجان مەمتىمىن، تاھىر ناسىر، ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىق زىيالىلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغانلىقى «جىنايەتچىلەر ئىقرارى» ئارقىلىق «ئىسپاتلاپ» بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىمۇ «خەلىپىلىك قۇرۇش» جىنايىتى بىلەن قارىلاپ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشىلىگەنىدى.

خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قۇربان بولۇپ كەتمەسلىك، غەربنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ يېتىم قىلىشتىن ساقلىنىش، ۋەتەندە خىتاي جاللاتلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېممىسىگە ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتماقتا. دۈشمەن كۈچلۈك، بىز ئاجىز. بۇ سەۋەبتىن ئاتقان ھەر مۇشتىمىزنى، باسقان ھەر قەدىمىمىزنى سالماقلىق بىلەن ئېتىشىمىزغا، بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاتىلار «بىلكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى» دەپ بىكار ئېيتمىغان. بۈگۈن خىتايدىن ئىبارەت يالماۋۇزغا تاقابىل تۇرۇشتىكى يېگانە قورالىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە بەخش ئەتكەن «ئەقىل» نېمىتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن پائال پايدىلىنىشنى ۋەزىيەت تەقەززا قىلماقتا.

ئىسلام دىنى مۆمىنگە شارائىتقا ماس ھالدا پەرقىلىق چىقىش يولىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنى چىقماس خالتا كوچىغا باشلىمايدۇ، قاتمال قائىدە – پىرىنسىپلار ئىچىدە ئىنساننى بوغۇپ تاشلىمايدۇ. چۈنكى بۇ دىننىڭ ئىگىسى بولغان رەھمان ۋە رەھىم سۈپەتلىك ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن قىينچىلىقنى ئەمەس، ئاسانلىقنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇنى كېچە نامىزى ۋاقىتلىرى، تاھارەت، چوشقا گۆشىنىڭ ھاراملىقى قاتارلىق ئۆرنەكلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلە پەيدا قىلىشنى «تەقۋا»لىق دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئۆرنەكلەر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. بۇ ئۆرنەكلەردىن، يەنى فورمىلادىن پايدىلىنىپ خەلقىگە يېڭى پىكىر – تەكلىپلەرنى سۇنالماسلىق، قۇرئان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۈستىگە بىباھا كىتابلار ئارتىلغان ئېشەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ۋەتەن سىرتىدىكى ھەر ئۇيغۇرنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ۋە سۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشت ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ھەر ئۇيغۇرغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2017 – يىلى يېڭى يىل كېچىسىدە رېئانا قەتلىئامىنى ئېلىپ بارغان ئابدۇقادىر مەشرەپوفنىڭ تۆت ئايالىدىن بىرسىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ۋە ئۇنىڭ قاتىللىقتىن كېيىن زەيتىنبۇرنىدىكى مۆلچەرتاغ ئاشخانىسىغا كېلىشى پۈتكۈل ئۇيغۇرنى بىسەرەمجان قىلىپلا قالماي، 57 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. بۇلارنىڭ بىرقىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر تۈركۈمى ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى كايناك «ھەتتا، تېررورچى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن» دېدى. بۇنىڭ تەسىرى بۈگۈنگىچە تۈگىگىنى يوق. ھەر قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكىمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە قولايلىق يارىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش سىياسىتىنى يۇمشىتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى»نى ئىتىراپ قىلىشمۇ ياۋروپا ئەللىرىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. دەل مۇشۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاشقۇنلۇققا مىسال قىلىپ دۇنياغا ئۆزىنى ئاقلاشقا كۈچەۋاتىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر دەپ قارامسىز–- قارىمامسىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى. لېكىن دۇنيا سىزنى كېيىنىشىڭىز، قىلمىشىڭىز سەۋەبلىك ئۇيغۇرلۇقتىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھالاكەت گىردابىدا ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە بولمىغان ھۇشيارلىق، ماسلىشىشچانلىق ۋە بىردەكلىك بولۇشى كېرەك.

«مۆمىن قولىنى يىلان چاققان تۆشۈككە ئىككىنچى قېتىم تىقمايدۇ». ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىش ھەم دىننىڭ، ھەم ئەقىلنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، ئەقلىنى پائال ئىشلەتمەيدىغان قوۋمنىڭ ئۈستىگگ ئاللاھنىڭ نىجاسەت ياغدۇرۇشى مۇقەررەر[3].

 

[1]  مەمتىمىن ئەلا، «ئۇيغۇر قەتلىئامى: پىسخولوگىيەلىك نەزەر»، 80 – بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2020 – يىلى دېكابىر 1 – نەشرى

[2] https://www.cumhuriyet.com.tr/haber/cin-yonetimi-uygurlara-karsi-abdden-destek-istedi-337957

[3] يۇنۇس سۈرىسى، 100 – ئايەت

Share
723 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.