logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي بىر نەزەر- مۇستەقىللىق ئىنقىلاب دەۋرىدىكى سىياسىي تەشكىلات ۋە پارتىيەلەر

غالىپ ئىلى

مۇستەقىللىق ئىنقىلاب دەۋردە شۇ دەۋردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي ئىھتىياجى بىلەن بىر قانچە سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەر قۇرۇلىدۇ.

ئازادلىق تەشكىلاتى

1944-يىلى 9-ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 12 كىشى بولۇپ، ئېلىخان تۆرە، رەھىمجان سابىر ھاجىيوۋ، ئابدۇرائوپ مەخسۇم ئىبراھىمى، زۇنۇن تىيىپوۋ، قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ  قاتارلىق كشلەر بار ئىدى. تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە ئىدى. ئازادلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ھارپىسىدا ئىنقىلابنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ، جۇملىدىن تەشۋىقات- تەرغىبات خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە ۋە تەشكىلات ئەزالىرى تۈرلۈك سورۇنلار ۋە بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىق، مىللىي ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشقا باشلايدۇ. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ قاتارلىقلار ياشلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا تەشۋىقات ۋە تەرغىبات ئېلىپ بارىدۇ. ئىلى ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىغاندىن كېيىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى

1945-يىلى 15-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى غۇلجىدا تەسىس قىلىنىدۇ. مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، مۇئاۋىن رەئىسى سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ20، ئەزالىرى سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ21، ئەنۋەر خانبابا22، بۇقارا تىشقانبايوۋ، ئابدۇللا زاكىروۋلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. نىزامنامە تۈزۈلۈپ مەركىزىي كومىتېت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىي ئاپاراتلىرى تەشكىللىنىدۇ. ئابدۇللا زاكىروۋ23 باش كاتىپلىققا، زىيا سەمىدى24 تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىقىغا، ئوسمان زىيا تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىقىغا ، داۋۇت ئاخۇن مالىيە بۆلۈم باشلىقلىقىغا تەيىنلىنلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلىدۇ. تارغاباتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ئالتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى مۇقاش جەكەلەر تەيىنلىنىدۇ. ئىلى ۋېلايىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مەركىزىي كومىتىېت بېۋاستە تۇتىدۇ. ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مىللىي ئارمىيەدىكى كومىتېت رەئىسى توختى ئىبراھىم بولىدۇ. ئىلى ۋېلايىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مەركىزىي كومىتىېت بېۋاستە تۇتىدۇ. ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتى ئۇرۇمچىدە ئۆز تەشكىلىنى قۇرۇش توغرۇلۇق قارار قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشلەر بىلەن بىللە ئۇرۇمچىگە بېرىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىدىغان ئەنۋەر خانباباغا تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئەنۋەر خانبابا ئۇرۇمچىگەكېلىپ پائالىيەت باشلىغاندىن كىېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل-خانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، توسالغۇلۇق قىلىشى تۆپەيلىدىن ئىنىقلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ تەشكىلىنى ئۈرۈمچىدە قۇرالماي قالىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنى تەسىس قىلىنىشىدىكى تۈپكى مەقسەت ھەرقايسى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ نىشانى تاجاۋۇزچى جوڭخۇ مىنگونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت بولغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ  قۇرۇلۇشىنى خەلق ئاممىسى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى. ياشلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئەزالىققا كېرىدۇ. ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئامما ئىچىدە ئىناۋىتى يۇقىرى بولغانلىقى ۋە ياشلار قىزغىن قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى تېزلىكتە كۆپۈيىدۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە  14 مىڭدىن ئاشدۇ . ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى ياشلار ئارىسىدا ئىشغالىيەتچى جۇڭخۋا مىنگونىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتىدۇ. ئىنقىلابىي ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياشلارنى خەلق ئىگىلىكى، مەدەنىيەت – مائارىپ، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق خىزمەتلەرگە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى

1943-يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئالتاي ۋىلايىتىدە ئوسمان ئىسلام چىڭگىل ناھىيىسى بۇلغۇن دەرياسى بويىدىكى قارارگاھىدا « ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى» نى قۇرۇدۇ . بۇ ھەيئەت قۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە قازاق خەلقىنى قۇزغاپ، جۇڭخۇا مىنگو ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۆرەشنى كەڭ قاتات يايدۇرىدۇ ھەمدە بۇ كۆرەش بارغانسىرى ئۇلغۇيدۇ.

« مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتى

1944-يىلى مايدا تارغاباتاي ۋىلايىتى چۆچەكتە ئابلىمىت ھاجىيوۋ، مەتنىياز قارى ئەيسابايوۋ، ئابلىز راخمانلارنىڭ ئايرىم- ئايرىم رەھبەلىكىدە ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ، مۇستەملىكىچى جۇڭخۋا مىنگو ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇ يىلى 10-ئىيول ئابدۇللا رامازانوۋ نىڭ ( ئەسلى ئىسمى مەنسۇر روزىيوۋ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىمى) ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تارباغاتايدىكى ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا بىرلەشتۈرۈلۈپ « مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتى قورۇلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى تارباغاتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە زىيالىيلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جوڭخىۋا مىنگو دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، رىپوۋ پارتىزانلىرىنىڭ قوشۇننى زورايتىشىغا ياردەم بېرىش، ئېمىل قوماندانلىق شتابىغا ئاخبارات يىغىپ بېرىشتىن  ئىبارەت بولىدۇ . [ ئېمىل قوماندانلىق شتابى  1944- يىلى ئىيولدا چۆچەك ئەتراپىدىكى مەخپىي پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدە قورۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىمى ئابدۇللا رامازانوۋ ( ئەسلى ئىسمى مەنسۇر روزىيوۋ ) مەسئۇل بولغان. ]

1944-يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدا « مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتنىڭ ئابلىمىت ھاجىيوۋ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئەزالىرى ئابدۇللا رامازانوۋ نىڭ ياردىمى ئارقىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى قاراباستاۋدا قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى يەر ئاستى پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

1944-يىلى مايدا دۇبېك چالغىنبايوۋ، بالقاش ئالىمغازى قاتارلىق قازاق زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق كونسۇلىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن چۆچەك ناھىيە بازىرىدا  قازاق ياشلىرى ئاساس قىلىنغان جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇپ، جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ .

خەلق ئىنىقلابىي پارتىيىسى

ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىدىكى كۆپچىلىك كىشلەر ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئىنقىلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىنقىلاپقا رەھبەرلىك قىلىدىغان پارتىيىنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن يەتتە كىشى مەسلىھەتلىشىپ پارتىيە قۇرۇشنى قارار قىلىپ، 1946-يىل5-ماي كۈنى غۇلجىدا خەلق ئىنىقلابىي پارتىيىسىنى مەخپى ھالدا تەسىس قىلىدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ ئىسمى قىسقارتىلىپ ئادەتتە« خى. ئى. پ » دەپ ئاتالىدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ (رەئىس)، ئەسئەت ئىسھاقوۋ25، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ، ئەنۋەر خانبابا ۋە ئابدۇللا زاكىرۇۋدىن ئىبارەت يەتتەكىشىدىن تەركىپ تاپىدۇ. پارتىيە پروگراممىسى ۋە نىزامنامىسى تۈزۈلۈپ چىقىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشىگە قاراپ ياچېىكىلارنى تەشكىللەيدۇ. ئەھۋالغا قاراپ تەدرىجى ھالدا پارتىيىنىڭ ناھىيىلىك، ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلىدۇ. بۇ پارتىيە ئۆز پروگراممىسىدا  شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازاد بولغاندىن  كېيىن خەلقنىڭ رايى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ،دېگەن مەزمۇندا ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.

(بىرلشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە قۇرۇلغان خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى ھەققىدە : 1947-يىل 3-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۇرۇمچىدىكى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەسئۇللىرىنىڭ بىرلەشمە مەجلىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلىدۇ. ھەمدە ئىككى تەشكىلاتنى بىرلەشتۇرۇش توغرۇلۇق قارار قوبۇل قىلىنىپ، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى قورۇلۇدۇ. پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە لى تەييۇ، ئەسئەت ئىسھاقوۋلار، ئەزالىرىغا سەيپىدىن ئەزىزى، سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ، مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوۋ، ئابدۇللا زاكىروۋ، ئەنۋەر خانبابا، چېن شىخۇا، لۇجژ، يۇجەنلىن، يۇچاڭجژلار سايلىنىدۇ.  1948-يىلى « شىنجاڭدا تىنچىلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نى تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرى خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى  مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1948-يىلى 29-ئىيۇلدا ئاچقان 6-نۆۋەتلىك مەجلىسىدە قارار قوبۇل قىلىنىپ، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. لېكىن ئۇرۇمچىدىكى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.)

 شىنجاڭدا تىنچىلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاق

1948-يىل 1-ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە « شىنجاڭدا تىنچىلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نى تەسىس قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى « ئىتتىپاق» نى قۇرۇش بىلەن بىرگە « ئىتتپاق » نىڭ مەركىزىي ھەيئىتى  ۋە تەشكىلىي ھەيئىتىنى تەسىس قىلىدۇ. ئىتتىپاقنىڭ رەئىسلىكىگە ئەخمەتجان قاسىمى سايلىنىدۇ . « ئىتتىپاق» نىڭ مەركىزىي ھەيئەت ھەر ساھە كىشلىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ.  « ئىتتىپاق » نىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى: ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مونونوۋ، سەيپىدىن ئەزىزى، ئەسقەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر خانبابا، ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ئابدۇلمۇ تائالى خەلپەم، شەمشى مامىيوۋ، ئۇيغۇر سەيرانىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە  « ئىتتىپاق »  نىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى يەرلىك ۋە مىللىي ئارمىيەدە ئارقىمۇ- ئارقا قۇرۇلىدۇ. ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى « ئىتتىپاق» نىڭ ياشلار بۆلۈمى قىلىپ تەشكىل قىلىنىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى « شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشكىلاتچى ۋە تالانتلىق بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى تەكرار نامايان قىلىدۇ. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان « ئىتتىپاق » ناھايىتى تېزلىك  بىلەن ئۆز تەشكىلىنى كېڭەيتىدۇ، ئەزالىرىنى كۆپەيتىدۇ، پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ. « ئىتتىپاق » شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەقىقىي سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە بولسا سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ساھەلەردىكى ھەممە ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىدۇ.

**************

 20–  سەيدۇللا سەيپوۇللايوۋ (1918– xxxx)  :  ئۇيغۇر، ئىنقىلاپچى، سىياسيون. تۇرپان چاتقال يېزىسىدا توغۇلغان. 1935-1937-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ (ساگۇ) مەمۇرىيەت- ھوقۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1938-1943-يىللىرى ئۇرۇمچىدە ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە غۇلجا گىمنازىيەدە  ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1944-يىلنىڭ ئاۋغۇستقىچە ئالماتا يېنىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىدا سىياسىي-  ھەربىي جەھەتلەردە تەربىيەلەنگەن. 1945-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مائارىپ نازارىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، چاپچال ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە رەئىسى،خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

21   مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ (1915-1970)  :  ئۇيغۇر، قوراللىق ئىنقىلاپچى. ئاتۇشتا توغۇلغان. كىچىك چېغىدا دادىسى ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا قول دېگەن جايىغا ئېلىپ چېقىپ كەتكەن. ئۇ شۇ يەردە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇغان. 1944-1945-يىللىرى ئۇ سوۋېت مۇتەخەسىسلىرى بىلەن ماناس دەرياسى بويىدا سۇ ئىشلىرىدا بىللە ئىشلىگەن. شىخو ئوپېراتسىيىسى مەزگىلىدە ئىمىنوۋ شىخو پارتىزانلىرى بىلەن بىللە دۈشمەن ئارقا سېپىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. كېيىن مىللىي ئارمىيەدە پولك كوماندىرى، باش شتاب مۇئاۋىن ناچالنىكى (باشلىقى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پولكونىك ئۇنۋانى بېرىلگەن. خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن- مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1970-يىلى ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قازا تاپتى.

22–  ئەنۋەر خانبابا (1918-2000)  :  ئۆزبېك، ئىنقىلاپچى،سىياسىيون، مائارىچى، پېداگوك. ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە توغۇلغان. چوڭ تاغىسى تۇرسۇن خانبابا ئۈرۈمچىدە چوڭ سودا كاپتالىستى بولغان.  1927- يىلى چوڭ ئاپىسى (دادا تەرەپ) بىلەن چۆچەك شەھىرىگە كەلگەن،1928-يىلى ئۈرۈمچىگە كۆچكەن. 1928-1934-يىللىرى مىللىي باشلانغۇچ  مەكتەپ ۋە رۇس گىمنازىيەدە ئوقۇغان. 1935-1938-يىللىرى موسكۋادا تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپتە ئوقۇغان.1938-يىلى ئۈرۈمچىدە مەركىزىي ئۆزبېك مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى ئاچقان كەچكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان. ھەمدە بۇ ئويۇشمىنىڭ رەئىسى بولغان. 1939-1941-يىللىرى ئۆلكىلىك تەمىرات ( قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ كان ئىشلار ئىدارىسىدا تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە قوشۇمچە ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسولخانىسىدا رۇس تىلى تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-1944-يىللىرى غۇلجادا ئۆزبېك « نەمەنە » باشلانغۇچ  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىدە بولغان.  1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مائارىپ نازارىتى مەكتەپلەر بۆلۈمىىنىڭ باشلىقى ۋە كادىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەش كورسلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇدىرى، ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ۋە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇدىر كاتىپ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،  شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مەركىزىي تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 2000-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

23–  ئابدۇللا  زاكىروۋ (1918-1981) : ئۇيغۇر، ئىنقىلاپچى، سىياسىيون.  غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان. 1925-1933-يىللىرى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1936-1938-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ (ساگۇ) مەمۇرىيەت-  ھوقۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1938-1941-ئۈرۈمچىدە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. 1941-1944-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇبېرناتورى مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان. 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە غۇلجا شەھىرى 1-رايوننىڭ ساقچى باشلىقى، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، ۋالى مەھكىمە باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مۇئاۋىن رەئىسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزىي ھەيئەتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1981-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

  24-  زىيا سەمىدى (1914-2000)  :  ئۇيغۇر، ئىنقىلاپچى، سىياسىيون، يازغۇچى، درامماتورگ.  چارروسىيەنىڭ يەركەنت شەھىرىنىڭ خونخاي يېزىسىدا توغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە غۇلجىدا ئوقۇغان. 1938-1944-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇبېرناتورى مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان. 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە دۆلەت ناخشا- ئۇسسۇل- ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. جۇڭخۇا مىنگو نىڭ 1946-يىلى ئاچقان مەملىكەتلىك مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 2000-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالمۇتادا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

25–  ئەسئەت ئىسھاقوۋ :  (1921-1976)  :  تاتار، ئىنقىلاپچى، ئىنقىلاپچى، سىياسىيون.  دۆربىلجىن ناھىيىسىدە توغۇلغان. ئۈرۈمچىدە مىللىي باشلانغۇچ  مەكتەپ ۋە رۇس گىمنازىيەدە ئوقۇغان. 1935-1939-يىللىرى موسكۋادا تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپتە ئوقۇغان. 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مىللىي ئارمىيە باش شتابىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىش بولۈم باشلىقى،« ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى » نىڭ باش مۇھەررىرى، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مەركىزىي تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇۋەققەت رەئىسى بولغان. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن- مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1976-يىلى ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قازا بولغان.

 

Share
791 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.