logo

trugen jacn

شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاي- تۈركىيە مۇناسىۋىتى

نۇرى  گۈرگۈر (تۈرك ئوجاقلىرى پەخرىي رەئىسى)

ۋىدەيو ئىشلىگۈچى ۋە ئاۋاز بەرگۈچى؛ پەرىزات غەيرەت

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى، غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان خەلقئارا ئاممىۋي تەشكىلاتلار قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە كانادادىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدار ۋە بىر ئورگانغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «بۈيۈك كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى لوندۇنغا چاقىرتتى. مىنىستىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ قىلمىشلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، ھاياتتا قالغان گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىن ئاشكارىلىنىپ قالغان مەلۇماتلار ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئىشەنچلىك ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق بۇ جىنايەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، دىنىي ئېتقادنىڭ ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چەتكە قېقىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، باشقا غەرب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارانىڭ بۇ ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بېيجىڭغا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى ئەيىبلىگەن «سۇنۇق قەلبلەر ۋە ھايات: بېسىم سەۋەبىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشى» ناملىق دوكلات ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنىپ، ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش غەرب ئەللىرىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئىقتىسادىي ئاجىز ئاسيا ۋە ئافرىقا ئەللىرى، ھەتتا تۈركىيە بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلماقتا ھەمدە خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاتالمىش «تېررورزمغا قارشى كۈرەش»تىن ئىبارەت ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان كېلىشىملىرىگە قول قويۇشماقتا. يەنى، خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشماقتا. چۈنكى خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن بىرى بولۇپ، غايەت زور مىقداردا ئىقتىسادىي ۋە مالىي كۈچى بار. كوممۇنىست مۇستەبىت دۆلەت سىستېمىسى كاپىتالىست ئىقتىساد بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. زۆر مىقداردىكى مەبلەغكە ئىگە يۈزلەرچە خىتاي شىركەتلىرى ئاسيا، ئافرىقا ئەللىرىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە سانائەت تەسىسلىرى ۋە ئىنشائات پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، دۆلەتلەرنى قەرز بوغۇۋاتىدۇ، تەبئىي بايلىقلارنى مونوپۇل قىلىۋاتىدۇ، ئاكاتسىيە بازارلىرىغا كىرىۋاتىدۇ، ھۆددىلەر ئېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە روسسىيەنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق جاھانگىرلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ئوخشاش مەقسەتتە لېكىن پەرقىلىق ئۇسلۇب بىلەن دۇنيا خوجىدارى بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي ساھەدە ئۈنۈم كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇ رىقابەتتىن بىئارام بولماقتا.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىجارەتنىڭ سوممىسى 22 مىليارد دوللار بولۇپ، تۈركىيە خىتايغا 2 مىليارد دوللار قىممىتىدە تاۋار ساتىدۇ، خىتايدىن 20 مىليارد دوللار قىممىتىدە تاۋار ئىمپورت قىلىدۇ. لېكىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز پەقەت سودىلا ئەمەس. يىقىنقى كۈنلەردە خىتاي شىركەتلىرى دۆلىتىمىزدە پەرقلىق ساھەلەردىكى بازارلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

2014-يىلى خىتاينىڭ KBC شىركىتى تۈركىيەنىڭ تەكستىل بانكىسى (Tekstilbank)غا  665 مىليون لىرا بېرىپ، بانكىنىڭ 75.5% پاي چېكىنى سېتىۋالدى. 2015-يىلى كوسكو پاسىفىك (Cosco Pasifik) 940 مىليون دوللارغا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچىنىچى پورتى بولغان قۇمپورت (Kumport)نىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. مەزكۇر شىركەت يەنە بىر سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق شىركەت بىلەن شېرىكلىشىپ، 66.7 مىليون دوللارغا دەمىرئەر كابلو (Demirer Kablo) شىركىتىنى؛ ئىنتىرنىت سودا شىركىتى ئالى بابا (Alibaba) بولسا 2018 – يىلى 728 مىليون دوللارغا تۈركىيەنىڭ ترەنديول (Trendyol) ئىنتىرنىت سودا شىركىتىنى سېتىۋالدى. خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ «دۇنياۋى كۈچ» بولۇش غايىسىنىڭ باشلانغۇچ پىلانى بولغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» دۆلىتى تۈركىيەدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى ۋە شىمالىي مارمارا تاشيولىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ 51% ھىسسىسىنى 659.13 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىپ «ئەڭ چوڭ شېرىك»كە ئايلاندى. يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتاينىڭ تۈركىيە مەركەز بانكىسى بىلەن سۋاپ (swap)، يەنى پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈپ – تۈزمىگەنلىكىنى، تۈزگەن بولسا مەبلەغ سوممىسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھۆكۈمەت كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋەتتى. غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىگەن ھۆججەتلىرىگە قول قويمايۋاتىمىز ھەمدە رەسمىي ئىزاھاتمۇ بېرىلمەيۋاتىدۇ. بۇ سۈكۈت، بۇرۇندىن تارتىپ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىدېئولوگىيەلىك مۇناسىۋىتى بولغان، ھەتتا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئورۇنلۇق دەپ قارىغان سولچىللار تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنمەكتە، ئالقىشلانماقتا. تۈركىيەدە ئۈچ يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان گېزىت -–ژۇرناللار ۋە تېلېۋېزىيە قانىلى ت ر ت (TRT) شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرمەيۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇلاردىن بەزىلىرى ئىلگىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپلا قالماستىن، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلاتتى.

خىتاي ھازىرمۇ ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن دۇنياۋى كۈچلەردىن بىرى بولۇپ، كۈنىمىزدە ئامېرىكا ۋە روسسىيە بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈچ مەركەزلىرىدىن بىرسى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ كۈچى ئەنقەرەنىڭ 30 مىليوندىن ئارتۇق تۈرك ۋە مۇسۇلمانغا قىلىنغان زۇلۇمنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى بولماسلىقى كېرەك. مۇرسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى سەۋەبىدىن مىسىر بىلەن، پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان زۇلۇملار ۋە غەززەگە ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن ئىسرائىل بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىمىزنى توڭلىتىش نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ، بېيجىڭغا قارىتا بۇ دەرىجىدە سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇشى، چەكلىك ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە دىپلوماتىك تىل بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مىللىي ۋە تارىخىي جىنايەتتۇر. ئەنقەرەنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى يېڭى ئەمەس. ئەجەۋىت باش مىنىستىر بولغان تۈركىيە 57 -–ھۆكمىتى دەۋرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىق سادىر بولغان بولۇپ، 2000 – يىلى تۈركىيەگە كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسىگە ئەڭ ئالىي مۇكاپاتىمىز بولغان «دۆلەت مېدالى» بېرىلگەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى باستۇرۇشلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغان خىتاينى ئەيىبلەپلا قالماستىن، خىتايغا ئېمبارگو قارارىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ قىلمىشىدىن ۋازكىچىشكە قىستىماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ كۆلىمى بىزگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭ. ئەمما بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ مۇناسىۋەتلىرىدە چېكىنىش بولمىدى. چۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىدا ھەممە ئادەم بىر-بىرىگە موھتاج، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەتى بار. ھېچكىم ئەنسىرەپ كەتمىسۇن، تۈركىيە خەلقئارا قانۇن قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى توڭلىتىشقا ئۇرۇنمايدۇ. چۈنكى ئۇلار سودىنى بىزدىن كۆپ ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ساھەدە بىزدىن ئاز دېگەندە ئۈچ ياكى تۆت ھەسسە ئارتۇق پايدا ئالىدىغانلىقىنى، ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بولغان «يان – يول پىلانى»دا بىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 25-مارت ئەنقەرەگە ئىككى كۈنلىك زىيارەت ئۈچۈن كەلدى. پرېزىدېنت ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، مەنسەپدىشى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ بىلەن ئۇزۇن كۆرۈشتى. لېكىن سۆھبەت ھەققىدە تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلمىدى. لېكىن نەچچە ئاي ئىلگىرى «سىنوۋاك» ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان خىتاي شىركىتى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 50 مىليون ۋاكسىنا 2-ئايدىن 3-ئايغىچە؛ يەنە 100 مىليون ۋاكسىنا ئىككى ئايدىن كېيىن ئېلىمىزگە يېتىپ كېلىشى كېرەكلىكى، ئەمما ھازىرغىچە پەقەت 15 مىليون ۋاكسىنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى، بۇ مەسىلىنىڭ تېزدىن ھەل قىلىنىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقى، خىتاي مىنىستىرىنىڭ بۇ توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلىقى ۋە قايتىپ بارغاندىن كېيىن باش مىنىستىرغا بۇ مەسىلىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىنوۋاك ۋاكسىنىسىغا غەرب ئەللىرىنىڭ شۈبھە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ زاكاز بەرمىگەن پەيىتتە، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە يۈز مىليون زاكاز بېرىشى، بۇ ۋاكسىنىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ بەردى، بۇ سەۋەبتىن بىزگە مىننەتدار بولۇشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا خىتايدا مەركەزلىك پىلانلاش ۋە كونترول قىلىش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ۋاكسىنىنىڭ تۈركىيەگە قاچان ئەۋەتىلىدىغانلىقى، قانچىلىك مىقداردا بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا كېچىكىش ھەققىدىكى مەلۇماتتىن خىتاي مىنىستىرىنىڭ بىخەۋەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۆلىتىمىزگە كەلگەندە بۇ توغرىلىق بىر سوئالغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى قانداقمۇ بىلمىسۇن؟ بۇ جاۋابنىڭ دىپلوماتىيىدىكى مەنىسى مۇنداق: بېيجىڭ نەچچە ئاي ئىلگىرى بىز كېلىشىم قىلغان ۋاكسىنىنىڭ كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن بىزنىڭ زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈۋاتىدۇ. ۋاكسىنىنى كوزىر قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئارلاشماسلىقىنى، سۈكۈت قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، ھەتتا «ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى»نى مەجلىستىن ئۆتكۈزۈشىنى ئىستەۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇ بېسىم قىلىۋاتىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ئادەتتىن تاشقىرى يېپىق ھالەتتە ئۆتتى. بۇ دەرىجىدىكى سۆھبەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ بولمىدى، شۇنداقلا قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق باياناتمۇ بېرىلمىدى. ھالبۇكى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان ۋە تىنچ ئوكياندا ئۆزئارا ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە، دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ زىيارەتنى قىزىقىش بىلەن كۆزىتىۋاتاتتى. سۆھبەت جەريانىدا، بىزنىڭ ۋاكىسنا ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزگە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى ئىمزالانغان ۋە ئالدىنقى يىلى خىتاي پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان «ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»نى، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىنمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ – ئالمىغانلىقىنى، تىلغا ئالغان بولسا قانداق جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى بىلمەيمىز.

ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلغان ۋە ئوتتۇز مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان تۈرك قامالغان غايەت زور تۈرمىگە ئوخشايدىغان شەرقىي تۈركىستان، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ئۇنتۇلدۇرۇلىدىغان مەسىلە ئەمەس. بىز ئېغىر بىخۇدلۇق ئىچىدە ئەسىرلەر بويى قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى تېخى ھېس قىلمىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىپەرۋالىقىغا ھەيران قالمايمىز، ئەكسىچە ئېچىنىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، 30 يىل ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى زىلزىلە بىلەن گۇمران بولۇشى نەتىجىسىدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن قايغۇرىمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش بولۇشىدىن كېلىپ چىققان، ھەر ۋاقىت تەھدىتكە ئايلىنىدىغان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە نوپۇس بېسىمنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى مۇبالىغە قىلماسلىق كېرەك.

ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىز ئەسىرلەردىن بۇيان مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن بىردىنبىر تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەت. مىڭ يىلدىن بۇيان، بىز دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمىزنىڭ مۈرىمىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئىزچىل تونۇپ كېلىۋاتىمىز. ئىرىقداشلىرىمىز ۋە دىنداشلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈمىدۇق، ئەڭ قىيىن ۋاقىتلىرىمىزدىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق. بىز قىلغان بۇ ياردەملىرىمىز ئۈچۈن تەمەدە بولمىدۇق. بۈگۈنمۇ بىز باشقىچە پوزىتسىيەدە بولالمايمىز. مىللىتىمىزنىڭ مول تارىخىدىن كەلگەن مىللىتىمىزنىڭ خىسلىتى، ئىززەت-ھۆرمىتى، شان – شۆھرىتىگە ماس كەلمەيدىغان پوزىتسىيە ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز دىپلوماتىيىدە قىلالايدىغان بەزى ئىشلار بار. بۇلارنى قىلماسلىق، سۈكۈتتە تۇرۇش پەقەت سىياسىي خاتالىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىللىي ۋە تارىخىي جىنايەت بولۇپ، بۇنى ھېچكىم كۆتۈرەلمەيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلې

مەنبە: ئەسكىشەھەر تۈرك ئوجاقلىرى فىسبۇك بېتى

 

 

Share
4892 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.