logo

trugen jacn

سۇرىيەنىڭ ئال- ھول لاگىرىدىكى 2000 ئەسىر ئۇيغۇر بىزنىڭ قۇتۇلدۇرۇشىمىزنى كۇتىۋاتىدۇ

سۈرىيەدە ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلار تۇتۇپ تۇرۇلغان ئال-ھول جازا لاگىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

سۇرىيەنىڭ ئال- ھول لاگىرىدىكى 2000 ئەسىر ئۇيغۇر بىزنىڭ قۇتۇلدۇرۇشىمىزنى كۇتىۋاتىدۇ

ھىكمەت يېڭى تاڭ

ئال-ھول سۇرىيەنىڭ ئىراق چىگرىسىغا يېقىن بولغان چول ئورتىسىدىكى بىر كىچىك بازار. يەرلىك نوپۇسى 3500 نەپەر.
ئال-ھول لاگېرى ئەتراپى سىم توساقلار بىلەن توسۇۋېتىلگەن بولۇپ، سىم تۇساقلارغا توك قويۇۋېتىلگەن. بۇ لاگېردا “ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى” ( (İSHİDجىھاتچى ئەسىرلەر تۆمۈر قەپەسلەردە تۇتۇلسىمۇ، ئاياللار ۋە بالىلار مىڭلىغان چېدىرلاردا قالماقتا.

سۈرىيەدىكى بۇ رايونلارنى كونترول ئاستىدا تۇتۇۋاتقان “سۈرىيە دېموكىراتىك كۈچلىرى (SDG) دەپ ئاتالغان كۈرتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئىزدەش تەشكىلاتىغا 2022.يىلى 12.ئاينىڭ 15.كۈنى بەرگەن بىر مەلۇماتىدا ئال -ھول تۇرما ۋە لاگىرلىرىدا 42400 نەپەر ئەسىر بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. 2000 نەپەر ئەسىر ئۇيغۇرمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا.( ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلار ۋە ئاياللار. چۈنكى ئەرلەردىن ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەر كۆپ).
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022.يىلى 12. ئاينىڭ 12.كۈنى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتتا، بۇ يەردىكى تۇرما ۋە كامپلاردا 65600 ئەسىر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
سۈرىيەدە PKK/PYD تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان 10 جازا لاگېرى بولۇپ، ئال-ھول جازا لاگېرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر لاگىردۇر.

سۈرىيەدىكى ئال-ھول جازا لاگىرىدىكى بالىلار

 

بىرلەشمىش مىللەتلەر كىشىلىك كۇقۇق ئىشخانىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە كۈرت قىزىلاي نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا كۆرە، 2019 -2021.يىلى ئارىسىدا ئال-ھول تۇرما، لاگىرلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋەياكى ئاچلىق،سالغىن كېسەللىكتىن ئۆلگەن ئەسىرلەر سانىنىڭ 972 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۆلتۈرۈلگەن ۋەيا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار ئىكەن.ئولگەنلەرنىڭ دولەت ۋە ياكى مىللەت تەركىۋىنى ئېلان قىلمىغاچقا ئۇيغۇرلاردىن قانچە كىشىنىڭ ئولگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز.

ئال-ھول تۇرما، لاگىرلىرىنى باشقۇرىدىغان كۈرت ئەسكەر ۋە گۇندىپايلارنى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا قوراللىرى بىلەن قوراللانغان. بۇ يەرنىڭ ئاساسى كونتروللىقى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىلكىدە. بۇ ئەسىر كامپلىرىغا مۇخبىر ۋەيا باشقا كىشىلىك ھۇقۇقچىلىرى، چىگرا تۇنىمىغان دوختۇرلار… قاتارلىقلارنىڭ ھىچبىرىنى يېقىن يۇلاتمىغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى خەۋەرگە ئېرىشىش قىيىن. گۇندىپايلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى، ئەسىرلەرنى خورلاشلىرى توغرۇلۇق شىكايەتلەر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا پات پات كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئال- ھول ئەسىر كامپلىرىدا قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، قانچىسىنىڭ ھاياتتا قالغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات يوق.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئىشىد سۈرىيەنىڭ شەرقى قىسمىنى كونترول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىنلا 400 ئۇيغۇر ئاىلىسى İSHİD نىڭ پايتەختى راككا شەھرىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، “ئەبۇ مۇساب ئەل- زەركاۋى” دەپ ئىسىملەندۈرۈلگەن “كۇرائىن رەزەرۋ” ئەسكىرى لاگىردا 1200 ئۇيغۇر جىھاتجى ھەربىي تەلىم كۈرۈۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر توپ ئۇيغۇر ئىشىد كونتىرولىدىكى دەيرىزور رايونىغا يۆتكەلدى ۋە بۇ تەجرىبىلىك ئۇيغۇر جىھاتچىلارغا تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەر بېرىلدى. يەنى، باشقا مىللەتتىن يېڭى كەلگەن جىھاتچىلارغا ھەربىي تەلىم- تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى تەشكىللەش ئىشلىرىغا ئوخشاش ۋەزىپىلەر.
2013-2014.يىللىرى سۈرىيە رىجىمى ئەسكەرلىرى بىلەن ئىشىد ئارىسىدا داۋاملاشقان قانلىق جەڭلەردە ئىشىد تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار قەھرىمانلىقلىرى بىلەن داڭ چىقاردى.

ئىشىد جىھاتچىلىرى ئىراققا قاراپ ئىلگىرلىگەندە بولسا، ئۇيغۇرلار ئائىلە، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە كۆچۈپ يۈرگەچكە ئۇزاقلارغا كېتىشنى خالىمىدى ۋە ئىراق ئۇرۇشىغا قېتىلمىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارغا سۈرىيەدە مۈھىم ئىشىد بازىلىرىنى قوغداش ۋە تەرتىپىنى ساقلاش ئامانەت قىلىنىدى.
2016. يىلى يازدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن قۇراللاندۇرۇلغان كۈرتلەر ئىشىدقا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە كۈرتلەرگە ئەسىر شۈشۈشى 2016. يىلى يازدىن باشلىنىدۇ. ئىشىدنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەلئەسى بولغان باغۇز 2019.يىل 19. مارت كۈنى قولدىن كەتتى ۋە ساق قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر جىھاتچى بۇ يەردە ئەسىرگە چۈشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، “2000 ئۇيغۇر تەرۆرىست”نى دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرۇلۇق قانۇنى رەسمىيەتلەرنى ھازىرلاۋاتقان كۈنلەردە، ئامېرىكا “تۈركىستان ئىسلام پارتىسى”نى خەلقارا تېرور قارا تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى، ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىقىنى شىددەت بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش رەت قىلىندى. خىتاي بولسا نىيىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق، كۈرت رەھبىرى ئورگانلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئىچىدە.

خەلقارالىق تېرور تەشكىلاتى İSHİD تەركىۋىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىشىد يېڭىلىشكە باشلىغاندىلا قېچىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسمى قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. يەنە بىر قىسمى ئىدلىبنىڭ جىسىر ئەش-شۇغۇردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا كېلىۋالدى.
بۇ ئارادا ئىستانبۇلدىمۇ چوڭ جامائەت، كىچىك جامائەت دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ئۇيغۇر گۇرۇپلىرىنىڭ ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشكەنلىرىگە كۆپ ئۇيغۇرلار شاھىت بولدى.

ئال-ھول دىكى لاگىرلاردا قاماقتا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئازاپ-ئۇقۇبەتتە ئىكەنلىگىنى تەخمىن قىلىش قىيىن ئەمەس. ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ لاگىرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار قانداق جىسمانى قىيىن قىستاقلارغا، خارلىنشلارغا، ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي گۇندىپايلارنىڭ باسقۇنچىلىق قىلشىغا ئۇچىرىغان بولسا، سۈرىيەنىڭ ئال- ھول لاگىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش شەپقەتسىز زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتىدۇ.سۈرىيە كۈرتلىرى، تۈركىيىگە بولغان نەپرەت، ئىنتىقامىنى بۇ بىچارە ئۇيغۇرلاردىن ئالمايدۇ دېيەلمەيمىز.
ئال-ھول لاگېردا تۇغۇلغان ئۇيغۇر بۇۋاقلار شۇ ئاندا 6-7 ياشلارغا كىرىپ قالدى. لاگېردا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇر بۇۋاقلار تولدۇرۇۋاتىدۇ.

ئال-ھول لاگىرلىرىنى قۇرغان ۋە كونترولنى قۇلىدا تۇتۇۋاتقان ئامېرىكا بولغانچقا، خىتاي ھاكىمىيىتى كۈرتلەرگە پارا بېرىپمۇ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار تاپشۇرۇپ ئېلىپ خىتايغا ئېلىپ كېتىش پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلمەكتە. ئامما خىتايلار نىيەت ۋە ھەركەتتىن ۋاز كەچكىنى يوق.
بىزنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر مۇھىم ھادىسە، İSHİDقا قارشى خەلقئارالىق كوئالىسيون 2023.يىلى 6. ئاينىڭ 8. كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا توپلاندى. يېغىن ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت كومىسسارى ئانتوني بلىنكەن، ئىشىدقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى كۈرت ئاپتونوم ھۈكۈمىتىگە 150 مىليون دولار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى. 2 كۈندىن كېيىن، يەنى 2023.يىلى 6.ئاينىڭ 10.كۈنى سۈرىيەدىكى كۈرت روجاۋا Rojava- ھۈكۈمىتى، ئال- ھول لاگىرىدىكى ئىشىدچىلارنى سوتلاشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
60 دىن ئارتۇق دۆلەت، ئۆز ۋەتەندېشى بولغان ئىشىدچىلارنى يا ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىۋەتتى ۋەيا دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىشتىن ۋاز كەچتى.
سوت بۇ لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغان بۇ سوتتا ئۇيغۇر ئەرلەر مۈددەتسىز جازادىن خىلمۇ خىل ئېغىر تۇرمە جازاسىغا ھۈكۈم قېلىنىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئۇيغۇر ئاياللار يەنە بۇ چۆل ئوتتۇرىسىدىكى لاگىردا قالىدۇ. 2000 نەپەر ئۇيغۇر ئىراق- سۈرىيە چىگرىسىدىكى ئال- ھول چۆللىرىدە ئۆلۈپ تۈگەپ كېتىش ئىھتىمالى بار.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلا ئارىسىدا ئال-ھول لاگىرىدىكى ئەسىر ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مەلۇماتى بولغانلار ئىنتايىن ئاز. ئۇلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلارمۇ يوق دىيەرلىك. نىمىلا بولمىسۇن بۇ ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قان،دىن قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلار ئەسلىدە جىھات ئۈچۈن كەتكەن ئەمەس. جىھاتقا ماڭغانلار ئۆيلىرىنى، مال- بىساتلىرىنى سېتىپ، خوتۇن، بالا- چاقا، ھەتتا نەۋرىلەرنى بىللە ئېلىپ ماڭمايدۇ. ئۇلار ئىشىدچى ئۇيغۇرلار ئەمەس، ئالدانغان ئۇيغۇرلار. پەقەتلا ئاللاغا ھۇزۇر ئىچىدە، قورقماي ئىبادەت قىلىدىغان يەر ئىزدەپ سۈرىيەگە كىرىپ قالغان ئۇيغۇرلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇزاقتەك كۈيۈپ تۇرغان ئوت ئىچىگە تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز قالغان گۇناسىز ئىنسانلار. ئۇلار ئوز ۋەتىنىدىن 5-6 مىڭ كىلومىېتىر ئۇزاقلىقتا ئۇرۇشنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا تاشلانغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەر قوللىرىغا قۇرال ئېلىشقا مەجبۇر قالدى ۋە ئاستا- ئاستا ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشنى ئۈگەندى، ئۇرۇشقا پىشتى، ھاياتتا قالغانلار قەھرىمانمۇ بولدى.ئۇلار، ئەندى قۇرال تۇتشنى ئۇگەندۇق، ۋەتەن زىمىنىغا كېتىپ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىمىز، دېگەن توغرا كوزقاراشقا كەلگەندە بولسا، خاتا ۋاقىتتا،خاتا يەردە،خاتا ئىنسانلار سەپتە تۇرغۇزۇلغاچقا قاپقانغا چۇشۇپ قالدى. ئۇلار، سىياسەتنى، سىياسى غايىنى بىلىدىغان كىشىلەر بولسا ئىدى بۇ يات ئەلدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالمىغان بولاتتى.

بىز بىر قانچە ۋەتەنپەرۋەر، ھەقىقى خەير سۆيەر ئۇيغۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشتۇق، ئۇلارنى سوتتا ھىمايە قىلىدىغان، خەلقارا قانۇننى ياخشى بىلىدىغان بىر، ياكى بىر قانچە ئاۋدۇكات تۇتۇش ئۇچۇن بىر غەرب دولىتىدە خەلقارا جازا ئاۋدۇكاتلىرى بىلەن ئالاقىنى باشلىدۇق. لاگىرغا ئۇلار ئۈچۈن، يەيدىغان، كېيىدىغان ۋە تازىلىققا ئائىت نەرسە-كېرەكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن بىر گۈرۈپپا تەشكىللەۋاتىمىز. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمى بولمىغان، ھەركۈنى سانى بىر ئاز ئازىلىۋاتقان بۇ چارىسىز قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش ئىنشائاللاھ بىزگە نىسىپ بولىدۇ.
ھەر ئىشقا قۇدرىتى كامىل ئۇلۇغ ئاللاھىم! بىزگە بىرلىك، كۇچ – قۇۋەت ئاتا قىل! گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ ئاقلىنىشىغا ۋەسىلە بول، ئامىن!

Share
3218 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.