logo

trugen jacn

سۆز- ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ھەققىدە بىر- ئىككى ئېغىز سۆز

سۆز- ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ھەققىدە بىر- ئىككى ئېغىز سۆز
چىنار
ئومۇمىي بايان

چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش دۇنيادىكى ھەممە تىللاردا مەۋجۇت بىر خىل نورمال ھادىسە. ھەر قايسى تىللار چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز تىللىرىنىڭ لوغەت فوندىلىرىنى ( لوغەت سوستاۋىنى ) بىيىتىپ، ئىپادىلەش ۋە ئالاقىلىشىش ئىختىدارلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، زاماننىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىدۇ.
چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش ھادىسىسى بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىكى ھەر خىل تىل جەمىئىيىتىدىكى كىشلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر — ھەر خىل ئوقۇشلۇقلارنى تەرجىمە قىلىش،گېزىت- ژورنال، تېلېۋىزىيە – رادىئو ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق مېدىئا؛ سۇدا- سىتىق، مائارىپ- مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى، تەنھەركەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر يۈز بەرگەندە سادىر بولىدۇ.
چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز- ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى بىر تۈرلۈك نازۇك ئىلمىي مەشغۇلات. بۇ مەشغۇلات ئىلمىي يۇسۇندا ئىشلەنسە، تىلنىڭ فۇنكسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئەكسىنچە ئىشلەنسە، تىلنىڭ فونكىيىسى توسالغۇغا ئۆچرايدۇ، شۇڭلاشقا ھەر قايسى تىللار قوبۇل قىلىنىدىغان سۆز- ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۆز تىللىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ۋە تىلىنىڭ فۇنكسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان كونكرېت پرىنسىپلارنى بەلگىلەپ چىقىشى زۆرۈر. قانداقلا بولمىسۇن، ئومۇمىي پرىنسىپ قوبۇل قىلىنىدىغان سۆز- ئاتالغۇلارنى نوقۇل ھالدا مۇئەييەن بىر مىللىي تىلىدا ئىپادىلەش بولماستىن بەلكى قىلىپلاشتۇرۇشدىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.
چەت تىل سۆز- ئاتالغۇلىرى مۇئەيييەن بىر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىنىڭ تەركىبى قىسىملىرى بولغان ئاساسىي ( ئادەتتىكى ) لۇغەت فوندى ۋە ئالاھىدە ئالاھىدە فوندىغا بىردەك قوبۇل قىلىنىدۇ، لېكىن قوبۇل قىلىش كۆلىمى، ھەجىمى ۋە مىقتارىدا پەرق بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئالاھىدە لۇغەت فوندىغا قوبۇل قىلىنىدىغان سۆز- ئاتالغۇلار ئاساسىي لۇغەت فوندىغا قوبۇل قىلىنىدىغان سۆز- ئاتالغۇلارغا نىسپەتەن كۆلىمى كەڭ، ھەجىمى چوڭ ۋە سانى زور مىقتاردا كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىنى تىلنىڭ لۇغەت فوندىنىڭ تەركىپلىرى بولغان ئاساسىي لۇغەت فوندى ۋە ئالاھىدە لۇغەت فوندىلىرىنىڭ ئالاھىدىكىللىرى ھەمدە رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىھتىياجى بەلگىلىگەن.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى ئومۇمىي خەلقىگە ئومۇميۈزلىك چۆشۈنۈشلىك بولغان، كىشلىك تۇرمۇشتا دايىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى شۇ تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسىي لۇغەت فوندىنىڭ ئالاھىدىلىكى مەزكۈر لۇغەت فوندىدىكى نۇرىغۇن سۆزلەر كۆپ مەنىلىك بولسىمۇ لېكىن بارلىق سۆزلەرنىڭ نىسپەتەن تۇراقلىق ۋە مۇقىم بولۇشى ھەمدە ئاۋام خەلققە چۈشنىشلىك بولۇشى ۋە ئىشلىتىلىش چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ فوندىدىكى كۆپ ساندىكى سۆزلەرنىڭ ئاڭلاتقان مەنىلىرىدە ئەسىرلەر بۇيىچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۆزگىرىش بولسىمۇ ئاستا ۋە قىسمەن بولىدۇ. مەزكۈر لۇغەت فوندىدىكى كۆپلىگەن سۆزلەر يەنە كىشلەرنىڭ ھېسىسي تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتىكى لۇغەت فوندى چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشقا ئانچە ھاجەتمەن ئەمەس، چەت تىلدىكى سۆز- ئاتالغۇلار نىسپەتەن ئازىراق قوبۇل قىلىنىدۇ، چۈنكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىدىكى سۆزلەر مەزكۈر مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ.
لېكىن زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئاۋام خەلقنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ھەمدە ھەر قايسى مىللەت ۋە مەملىكەتلەردىكى كىشلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش- كېلىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپۈيىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسى تىللارنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىلىرىنىڭ چەت تىللاردىن كۈندىلىك تۇرمۇش، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. لېكىن ئاساسىي لۇغەت فوندىغا چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا ئىلمىي يۈسۈندا قوبۇل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا، ئۇنداق بولمىغاندا مۇئەييەن بىر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندى بوزغۇنچىلىقا ئۆچراپ، مەزكۈر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندى ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى يوقىتىپ، ئەبجەش لۇغەت فوندىغا ئايلىنىپ قىلىش ئېھتىماللىقى توغۇلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز- ئاتالغۇنىڭ سېمانتېك مەنىسىدە( سۆز مەنىسىدە ) قوبۇل قىلغۇچى تىلدا تەڭ قىممەتدىكى سېمانتېك مەنەلىق سۆز- ئاتالغۇنىڭ بار- يوقلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بار بولسا قوبۇل قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا بۇنداق سېمانتېك مەنە جەھەتتە تەڭ قىممەتلىك سۆز- ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشى ئاقىۋېتىدە چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز- ئاتالغۇلار مەزكۈر تىلدىكى شۇ قوبۇل قىلىنغان سۆز- ئاتالغۇلارغا سېمانتېك مەنە جەھەتتە تەڭ قىممەتدىكى سۆز- ئاتالغۇلارنى ئىستمالدىن سېقىپ چىقىرىدۇ. بۇ ھادىسىگە ئوردۇ تىلى تىپىك مىسال بولالايدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدا« لىدېر» ۋە « كۈلتر» قاتارلىق چەت تىل سۆزلىرى ئىشىلىتمەكتە. ئۇيغۇر تىلىدا « لىدېر ۋە كۈلتر » سۆزلىرى ئۈچۈن تەڭ سېمانتېك مەنە قىممەتدىكى « رەھبەر ۋە مەدەنىيەت » سۆزلىرى بار. مابادا « رەھبەر ۋە مەدەنىيەت » سۆزلىرى ئىشلىتىلمىسە، بۇ سۆزلەر ئۇزۇن ئۆتمەي لۇغەت فوندىدىن غايىپ بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملىشۋېرىدىغان بولسا، ئۇزۇن ئۇتمىگەن كەلگۈسىدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇمۇمىي ھالىتىنىڭ ئوردۇ تىلىنىڭ ھالىتىدەك بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى توغۇلىشى مۇمكىن.
ئالاھىدە لۇغەت فوندى بولسا ئىلىم- پەن، ئىجتىمائىي – تەبىئىي پەنلەر، پەن- تېخنىكا، ھۆنەر- كەسىپ ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي سۆزلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ سۆزلەر ئادەتتە تېرمىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئالاھىدە لۇغەت فوندىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى فوندىدىكى سۆزلارنىڭ سېمانتېك مەنىلىرىنىڭ يەككىلىكى ۋە ئېنىقلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇلار يەككە ۋە مەخسۇس ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ تېرمىنلاردا ھېسسي تۈس ئىپادىلەنمەيدۇ. ئالاھىدە لۇغەت فوندىدىكى سۆزلەر ئادەتتە ئاۋام خەلققە ئانچە تونۇش بولمايدۇ. لېكىن ئاۋام خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالاھىدە لۇغەت فوندىدىكى قىسمەن تېرمىنلارنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىغا يۇتكىلىش ئەھۋالى داۋاملىق سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدە لۇغەت فوندىدىكى « ئېلېمىت، ئاتوم، مولېكۇلا، ئېلېكترون، كىلېتكا،باكتېرىيە،ۋىرۇس، مىكروب ۋە مىكرو » قاتارلىق تېرمىنلارنىڭ ئالاھىدە لۇغەت فوندىدىن ئاساسىي لۇغەت فوندىغا يۆتكىلىپ، ئاۋام خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ چۈشىنىشلىك بولۇشى ۋە بۇ سۆزلەرنى داۋاملىق ئىشلىتىشى قاتارلىقلار.
ھەر قايسى تىللاردا چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئومۇمىي پرىنسىپ قوبۇل قىلىنىدىغان سۆز- ئاتالغۇلارنى پۈتۈنلەي مىللىلاشتۇرۇش ( ئۆز تىل- يېزىقىدا ئىپادىلەش ) بولماستىن بەلكى قېلىپلاشتۇرۇش بولسىمۇ، لېكىن تىل سىستېمىسى ۋە بۇ تىل سىستېمىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن يېزىق سىستېمىسىنىڭ پەرقىلىق بولۇشى تۈپەيلى قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللىرى بىر- بىردىن پەرقىلىنىدۇ.
چەت تىللاردىن سۇز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى، ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى ، مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ، ئۇدۇل- مەنە تەرجىمە ئۇسۇلى ئاھاڭ– مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى، تەقلىد تەرجىمە ئۇسۇلى، تەقىلىد- مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى، مەنەن- تەقىلىد تەرجىمە ئۇسۇلى ۋە ئازاكى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار ئىشلىتىلمەكتە. قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ سۆز- ئاتالغۇلار قوبۇل قىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، قوبۇل قىلىنغان سۆز ياكى ئاتالغۇنىڭ سېمانتېك مەنە قىممىتى ئەسلىدىكى قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز ياكى ئاتالغۇنىڭ سېمانتېك مەنە قىممىتىگە تەڭ بولۇشى شەرت.

بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسىدىكى تىللاردا سۆز- ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش

مۇئەييەن بىر تىلنىڭ فونېتىك سىستېمىسىدا سۆزلەرنىڭ بىر ياكى بىر قانچە فونېمىلارنىڭ بېرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بوغۇم ئارقىلىق ئىپادىلىنىش فونكىسىيىسىگە ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسى بىر ياكى بىر قانچە مورفېمىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بوغۇملاردىن ھاسىل قىلىنغان سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەتلەر( شەكىللەر ) توپلىمىدىن ئىبارەت بولغاچقا، چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز- ئاتالغۇلار مەزكۈر تىلنىڭ خەتلەر توپلىمىدىكى سېمانتېك مەنىسىدە تەڭداش مەنىدىكى خەتلەر ياكى ئاھاڭداش خەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسىدا ئۇدۇل تەرجىمە ۋە مەنەن تەرجىمە ئۇسۇللىرى ئاساسىي ئۇسۇللار، ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى ئۇدۇل – مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ، ئاھاڭ- مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى، تەقلىد – مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ، مەنەن- تەقلىد تەرجىمە ئۇسۇلى ۋە مەنەن- ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار قۇشۇمچە ئۇسۇللار قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
خىتاي تىلىدا ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئىنگلىزچە « football —- 足球 ،thermonuclear —热核 ، basketball —-蓝球 ، hippopotamus —- 河马 »، ئۇيغۇرچە « تەڭرىتاغ — 天山 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان.
ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلىدا قوبۇل قىلىنماقچى بولغان ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشىىغا ئەھمىيەت بېرىش مۇھىم،بولمىسا قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇ ئەسلىدىكى ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلىگەن سېمانتېك مەنە قىممىتىگە ئىگە بولالماي قالىدۇ. مەسىلەن ،خىتاي تىلىدا ئىنگلىز تىلىدىكى بىر خىل تاماقنى بىلدۇرىدىغان « hot dog » ئاتالغۇسىنى ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن « 狗 热 » دەپ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى گېرمانچە « sausages little-dog or dachshund» ئاتالغۇسىدىكى « كولباسالىق كىچىك بولكا » دېگەن سېمانتېك مەنە قىممىتى ئىپادىلەنمەي قالغان.
مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئىنلگىزچە « gramophone — 留声机 ، washing machine —洗衣机 ، typewriter— 机 打字 ، airplane —- 飞机 ، bicycle — 自行车 ،train — 火车 ، charger — 充电器 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان.
مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلىدا گەرچە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز- ئاتالغۇلارنىڭ نەق مەنىلىرىنى ئىپادىلەشتە قىسمەن نوقسانلار بولسىمۇ ، خىتاي يېزىقىدىكى بىر بوغۇم بىر خىتاي خېتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بۇيىچە خىتايلار زىيالىيلىرى مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلىنى يەنىلا ئاساسىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان. بۇنداق ئۇسۇلنى تاللىشىدا ئۇلار تەرجىمە قىلىنىدىغان سۆز ۋە ئاتالغۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىلەرنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىغا ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن،گەرچە « telephone — 话 电 ،telegram —电报 ،television — 电视 » قاتارلىق ئاتالغۇلار مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ « telephone ،telegram ،television » لەردىكى « ئارىلىق » مەنىسى ئىپادە قىلىنمىغان بولسىمۇ،لېكىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ئاتالغۇلار ئاسىلىدىكى ئاتالغۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي سېمانتېك مەنەلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەچكە خىتايلارنىڭ ئۆزئارا ئالەقە قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن.
ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئىنگىلىزچە «guitar — 吉他،pizza —比萨،chocolate — 巧克力، cafe— 咖啡 ، combine — 因 康拜 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
رۇسچە « платье— 布拉吉 ، балалайка —巴拉来喀 ، совет —埃 维苏 ، большевик — 布尔什维克 » سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئۇيغۇرچە « بازار—巴扎 ، دۇتار— 都他尔 ، چاپان — 祫袢 ، كەتمەن — 坎土曼 »؛
ئەرەپچە – پارىسچە « ھاجى — 哈吉 ، قۇتبە — 呼图白 ، ئامىن — 阿门 ، ئاخۇن — 阿訇 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
تىبەتچە : « لاما — 嘛 喇 ، خادا —哈达 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۈلار؛
ئاھاڭ – ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئۇيغۇرچە « ئىلى دەرياسى— 伊黎河 ،تۇرپان ۋادىسى — 吐鲁番盆地 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئەرەپچە « ئەرەپ — 伯阿拉人 ، ئىسلام دىنى— 教 斯兰 伊 ،قۇرئان — 古兰经 ، ھىجرىيە — 教历 伊斯兰 ، » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئۇدۇل- مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
« refrigerator — 冰箱،bus school — 校车 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئاھاڭ– مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئىنگىلىزچە « motorcycle — 摩托车 ، truck—卡车 ، carbine — 卡宾枪» قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
تەقلىد- مەنەن ياكى مەنەن- تەقلىد تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئىنگلىزچە « football (ئامېرىكىچە ) — 榄橄球 ، onion — 洋葱 ، zebra — 斑马، tomato —- 西红柿 » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئۇيغۇرچە « پولۇ—抓饭 ، داپ—手 鼓 ، كاۋاپ — 烤肉 ( 串 养肉 ) » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان.
پەن- تېخىنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە كىشلىك تۇرمۇش فورماتسىيىسى ئۇزلۇكسىز ئۆزگۈرۋاتقان ھازىرقى زاماندا خىتاي تىلىدىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى خىتاي تىلىدا بىر مەزگىل قوللىنىپ تاشلىۋېتىلگەن ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە كېرىمەكتە. ( ئۇ چاغلاردا « فرانسۇزچە: bourgeois — 布尔乔亚( 资产阶级بۇرژۇئازىيە ) ، ئىنگلىزچە : vitamin — 维他命 (维生素 ۋىتامىن)
دەپ قوبۇل قىلىنغان ئىكەن. )
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسىدىكى تىللار چەت تىللار چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاساسەن كونسېرۋاتىپ كېلىدۇ. مۇمكىن بولسا، قوبۇل قىلىنماقچى بولغان سۆز- ئاتالغۇلارنى ئۆز يېزىقىدا ئىپادىلەشكە ئامال ئېزدەيدۇ.

ھەرپلىك يېزىق سىستېمىسىدىكى تىللاردا سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش

ھەرپلىك( ئېلىپبەلىك ) يېزىق سىستېمىسىدىكى تىللاردا سۆزلەر مورفېمىلارنىڭ بېرىكىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ھەرپلىك يېزىق سىستېمىسىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى چەت تىللاردىن سۆز– ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسى ئۇسۇل— ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. ئاساسىي لۇغەت فوندىغا سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى، ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى، مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى، ئاھاڭ- مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ، مەنەن- ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى،تەقلىد- مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ۋە ئازاكى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار قۇشۇمچە ئۇسۇللار سۆپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ئالاھىدە لۇغەت فوندىغا سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئاساسەن ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى قۇللىنىلماقتا.
ھەرپلىك يېزىق سىستېمىسىدىكى رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە تۈركىي تىللىرى قاتارلىق تىللار چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبول قىلىشقا ئىنتايىن ماھىر تىللار. بۇنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن رۇسلار، ئىنگلىزلار ۋە تۈرك مىللەتلىرىنىڭ تاشقى دۇنياغا قارىتا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىسانلارنىڭ شەيئىنىڭ مەيلى ئابستراكت شەيئى ياكى كونكرېت شەيئى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇئەييەن بىر شەيئىنى بىر پۈتۈنلۈك بۇيىچە چۈشىنىش ياكى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئىبارەت ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھەمدە شەيئىلەرنى شۇنداق تونۇش ۋە چۈشىنىشكە ئادەتلەنگەن. شۇڭلاشقىمۇ بۇ تىللارنىڭ لۇغەت فوندىدىكى سۆز- ئاتالغۇلار ئۈزلۈكىسىز كۆپۈيۈپ بارغان ۋە بارىدۇ. نۆۋەتتە بۇ تىللارنىڭ ھەر قايسىسنىڭ لوغەت فوندىدا بىر نەچچە يۈز مىڭدىن ئارتۇق سۆز- ئاتالغۇ بار. ( ئىنگلىزچە 1993- يىلى نەشر قىلىنغان « Dictionary Encyclopedic New Webster’s » دېگەن لوغەتتە 200 مىڭ ئاتالغۇ ، رۇسچە 1963- يىلى نەشر قىلىنغان « Большо русско- китайскй словарь » ( « 俄汉大辞典 » ) لۇغەتتە 105 مىڭ ئاتالغۇ ، 6 توملۇق « ئۇيغۇر تىلىنڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دا بىر نەچچە يۈز مىڭ ئاتالغۇ بار. ).
ھەرپلىك يېزىق سىستېمىسىدىكى رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە تۈركىي تىللىرى قاتارلىق تىللاردا چەت تىللاردىن سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا ئاساسەن ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى ۋە تۈركىي تىللىرىنىڭ چەت تىللاردىن زور مىقتاردا سۆز- ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىنى يارىتىپ بەرگەن. ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى، مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى ۋە تەقىلىد تەرجىمە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار قۇشۇمچە ئۇسۇللار ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن :
ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئىنگىلىز تىلى : « ecology ، tragedy ( ئېكولوگىيە، تراگېدىيە ، گرېكچە) ، formula ، motor (فورمۇلا، ماتور، لاتىنچە )، captain،mine ( كاپىتان، مىنا، فرانسۇزچە ) ، cable،gas ( كابېل ،گاز، گولاندچە) front ،diesel (فرونت، دېزىل، گېرمانچە )، mandolin، bandit ( ماندارىن، باندىت، ئىتاليانچە)، embargo، comprador ( ئىمبارگو ، كومپراتور، ئىسپانچە)، balalaika، tundra ، samovar ( بالالايكا، تۇندرا، ساماۋار، رۇسچە )،islam ،koran ( ئىسلام، قۇرئان، ئەرەپچە) ، khan ، Kabob،yurt ، yoghurt ( خان، كاۋاب، يۇرت، قېتىق، تۈركىي تىللىرى ) ، samurai، kimono ( ساموراي، ياپونلارنىڭ بىر خىل مىللىي كىيىمى، ياپونچە ) ،台风 — typhoon ، 太极拳—- taijiquan ، 气功— qigong، 长城—-wall Great the » ( تەيفىڭ شامىلى ، تەيجىچۈەن ،چىگوڭ،سەددىچىن سېپىلى ،خىتايچە ) قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
رۇس تىلى : « computer، кредит ، (، كوپيۇتېر،كرېدىت، ئىنگلىزچە) ، инжНЕР ، километр ( ئىنژېنېر، كىلومېتىر، فرانسۇزچە ) ، Элемет، ассимиляция ( ئېلېمنت، ئاسسىمىلياتسيە،لاتىنچە ) ، археология ، фонетика (ئارخېئولوگىيە،فونېتىكا، گرېكچە )،рамазан ،мулла ( رامازان، موللا، ئەرەپچە )، ئاۋۇل — аул ، تاۋار— товар ، ئۇلۇس— улус ، چايخانا— чайхана، ئەتلەس — атлаc ( تۈركىي تىللار ) » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
رۇس تىلى : « waterskiing — водные лыЖи ، refrigerator — холодильник ( سۇ لېژىسى، موزلاتقۇ، ئىنگلىزچە ) قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئاھاڭ — ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
رۇس تىلى «card credit— кредитная карточка ، photo camera —фотоаппарата ، microwave — микроволновка » ( كرېدىت كارت ياكى كرېدىت كارتۇچكىسى، فوتو ئاپپارات ، ماكروۋى ، ئىنگلىزچە ) قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار ؛
مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
رۇس تىلى « t- shirt — футболка ، bowtie — галстук-бабочка ، party hat — шляпа празидничная- » ( مايكا ،بانتىك، بايراملىق شىلەپە ئىنگلىزچە) قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
تەقلىد تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
رۇس تىلى « top hat — цилиндр ( بىر تۈرلۈك شىلەپە ) قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان.
ئۇيغۇر يېزىقىمۇ ئېلىپبەلىك يېزىق سىستېمىسىدىكى يېزىق بولغاچقا، چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرى ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تىلىدا چەت تىل سۆز- ئاتالغۇلىرىنى قوبۇل قىلىش

ئۇيغۇر تىلى چەت تىللاردىن سۆز – ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىشكنى كەڭ ئاچقان ، ئاكتىپ ھەمدە
تەشەببۇسكارلىق پوزىتسىيە تۇتقان ۋە ئەنئەنىسى قەدىمىي بولغان بىر تىل. ھازىرغىچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مىلادى VIII ئەسىرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا ھىندى ۋە ئىران تىللىرىدىن بۇددا،مانى،نىستۇران ( خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر مەزھىبى ) دىنلىرىغا ئايىت سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. مەسىلەن، بۇددا،بۇساتۋا،ساكيامۇن، ھىمالايا ( سانسكرىتچە ) . مىلادى X ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ئەرەپ – پارىس تىللىرىدىن كۆپلەپ سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈدەك سۆ- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىپ قالماستىن، يەنە نۇپۇسى ئازراق بولغان مىللەتلەردىنمۇ قوبۇل قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ دىن، كائىنات ، تەبىئەت ،ئىجتىمائىي پەن، پەن- تىخېنىكا ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسي ساھەلىرى ۋە كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇر يېزىقىمۇ ئېلىپبەلىك يېزىق سىستېمىسىدىكى يېزىق بولغاچقا ، چەت تىللاردىن سۆز – ئاتالغۇلارنى
قوبۇل قىلىشتا ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى ئاساسلىق ئۇسۇللار ۋە مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى، ئاھاڭ– مەنەن تەرجىمە ئۇسۇلى، تەقلىد – ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى ۋە ئازاكى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار قۇشۇمچە ئۇسۇللار سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن ۋە كېلىنمەكتە. مەسىلەن :
ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
ئەرەپ تىلىدىن: سەنئەت، ئاسىيا، كائىنات، مەدەنىيەت، ئايەت،تەپەككۈر،ئەخلاق،مۇبارەك،مۇئەللىپ، ھىممەت، ھىجرىيە،ھىدايەت، نەپرەت، قۇتۇپ، دەۋر» قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار ؛
پارىس تىلىدىن : ئابرۇي،ئەينەك،بىباھا، پەگاھ،تەنھا،چىمەن،دىلىستان،پالۋان، راسىت، زومىگەر، ئاخون،ئاپىرىدە،مەستەك، ،ئاش،پاناھ،تاماكا،تۇتى،چىراق،خامان،خۇنپەر،روناق قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز- ئاتالغۇلار: ساماليۇت،ساماۋار ، شىلەپە ( رۇسچە )، دېموكراتىيە،ئاكادىمىيە، ئاناتومىيە ( گرېكچە)، فۇنكسىيە، دېكلاماتسىيە، رادىئو ( لاتىنچە) ، بانكا، كومىتېت، كومپانىيە (فرانسۇزچە)؛ دانكرات ، شلانكا، دېزىل ( گېرمانچە)، ئاكورد، فونتان،باندىت (ئتاليانچە )؛ ؛كومپيۇتېر، پارك،بايقۇت (ئىنگلىزچە) ۋە تانكا كابېل، رومكا ( گوللاندچە) قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئۇدۇل — مەنەن ئۇسۇلى بىلەن :
خىتاي تىلىدىن : « 冰箱— مۇزلاتقۇ، 录像机— سىنئالغۇ، 录音机— ئۈنئالغۇ » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار ؛
تەقلىد – ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن:
خىتاي تىلىدىن : « 乒乓球— تىك- تاك توپ، چاڭ ( خىتايلارنىڭ بىر خىل مۇزىكا ئەسۋابى ) » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
ئازاكى تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن :
تاتار تىلىدىن : « ئاپپاي ، ئابزى، ئاۋىستاي، باقالى،تۈش، بال تورت » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
قازاق تىلىدىن : « ئاۋۇل، ئاقىن، دۇمبىرا، ئىرىمچىك، قىز قۇۋار» قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
رۇس تىلىدىن : « خۇلىگەن، مېشچان،تۈرمە، پودىۋال، دوخۇپكا، كارىۋات،پىلىتا ، ماروژنى » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار؛
خىتاي تىلىدىن : « پوتەي، تەتەي، پوپوزا، تاڭگازا، لازىجاڭ ،مەنجاڭ، بۇدۇڭتەي » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان.
يېقىنقى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى چەت تىللاردىكى سۆز- ئاتالغۇلارنى ئاساسەن رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ كەلگەن. ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنەگە ئىگە. خىتاي – سوۋېت دوستلۇق مۇناسىۋېتى يامانلاشقاندىن كېيىن،1962 – يىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ « رېۋىزىئونىزمغا قارشى كۆرەش» قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىدىكى خەلقئارالىق سۆز- ئاتالغۇلار سىقىپ چىقىرىلىپ، بۇ خەلقئارالىق سۆز- ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا تۈمەنلەپ خىتايچە سۆز ۋە ئاتالغۇلار قوبۇل قىلىندى، بولۇپمۇ تەبىئىي پەن دەرسلىك كىتابلاردىكى بارلىق خەلقئارالىق تېرمىنلار خىتايچە ئاتالغۇلارغا ئۆزگەرتىلدى. ( خىتايچە ئاتالغۇلار شۇنچىلىك كۆپ قوبۇل قىلىندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسى تۇرسۇن رەخىموۋ ئۇتتۇرا ھەجىملىق بىر « خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كېرگەن سۆزلەر لۇغىتى » نى تۈزۈپ ،موسكىۋادا نەشىر قىلدۇرۇش دەرىجىسىگە يەتكەن ئىدى. ) . گېزىتلەردە « بۇ گوڭچاڭدا ھەر خىل لىڭجەنلەر جاگوڭ قىلىنىدۇ » دېگەندك ئۇيغۇر ئاۋام خەلقىگە چۈشىنىسىز بولغان سۆز- ئىبارە ۋە جۈملىلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. نەتىجىسىدە مىللىيلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۈشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشىدا ئەمىلىي قېيىنچىلىقلار يۈز بەردى. ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بۇ خىتايچە سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلماسلىقى تۈپەيلى بۇ خىتايچە سۆز ۋە ئاتالغۇلار ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ لۇغەت فوندىلىرىدىن ئاخىرى سېقىپ چىقىرىلدى. شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىغا پەن- تېخنىكا دائىر ئاتالغۇلار گەرچە خىتايچە كىتاب- ژورناللار ۋە دەرسلىكلەر قاتارلىق ۋاسىتلار ئارقىلىق كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىشتا خىتايچە ئاتىلىشى بۇيىچە قوبۇل قىلىنماي يەنىلا رۇس تىلىغا مۇراجىئەت قىلىندى.
لېكىن، ئىجىتىمائىي تۇرمۇش، ھەر قايسى ساھەلەر ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۆز- ئاتالغۇلار ئاساسەن خىتايچە ئاھاڭ بۇيىچە قوبۇل قىلىنىپ كېلىندى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقنىڭ چەت ئەللەر بولغان مۇناسىۋېتى ئاساسەن ئۈزۈلگەن. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەر خىل پائالىيەتلەر خىتايلار بىلەن بىللە بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي تىل- يېزىق ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت مەسئولىيەتسىزلىكىدىن بولغان. گەرچە بۇ ئورگانلار ئاۋام خەلق ئارىسىدا ئاللاقاچان خىتايچىدىن ئازاكى قوبۇل قىلىنغان سۆز- ئاتالغۇلارنى كېيىنرەك قىلىپلاشتۇرغان بولسىمۇ،لېكىن ئاۋام خەلق ئىشلەتمىگەن، چۈنكى ئاۋام خەلق ئاللاقاچان بۇ سۆز- ئاتالغۇلارنى خىتايچە ئاتاشقا كۆنۈپ قالغان. بۇ قىلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دائىرىسىدا چەكلىنىپ قالغان.
چەت تىللارنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىغا كېرىدىغان، مۇئەييەن بىر مىللەتكە خاس مىللىي تۈسنى ئالغان سۆز- ئاتالغۇلەر، مەسىلەن، مىللى تاماق، كىيىم- كېچەك، چالغۇ ئەسۋاپ ۋە روھانىيەت قاتارلىق ساھەلەرگە ئايىت مىللىي تۈسكە ئىگە سۆز- ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىغا قوبۇل قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئالاھىدە لۇغەت فوندىغا ئاتالغۇ قوبۇل قىلغاندەك ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللار بۇ خىلدىكى مىللىي تۈسكە ئىگە سۆز- ئاتالغۇلارنى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن قوبۇل قىلغان. ھاتتا خىتاي تىلىمۇ بۇ خىلدىكى سۆز- ئاتالغۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان. بۇ تىللار تۈركىي تىللىرىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىغا تەئەللۇق بۇ خىلدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئالاھىدە لۇغەت فوندىغا تېرمىنلارنى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن قوبۇل قىلغاندەك بىر تەرەپ قىلغان. مەسىلەن، رۇسچە « بازار– базар، دۇتار— дутар ، پولۇ — плов ،چاپان — чепан ، كەتمەن —- кетмень » دەپ قوبۇل قىلىنغان. خىتاي تىلىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال ئۇچرايدۇ . مەسىلەن، « بازار — 巴扎 ، دۇتار —都他尔 ، چاپان — 祫袢 ، كەتمەن — 坎土曼 ، دولان مۇقامى — 多郎木卡姆 »، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت. مەسىلەن، رۇس تىلىدىن « самовар — ساماۋار، чайник — چەينەك ، булка — بولكا ، балалайка — بالالايكا ، платье — پىلاتى »، خىتاي تىلىدىن « 钢笔 — گاڭبى ،瓜子— گازىر،普通话— پۇتۇڭخۇا ، 中山服 —- جۇڭسەنفۇ ، 亩— مۇ » قاتارلىق سۆز- ئاتالغۇلار. بۇ خىل سۆزلەر ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بۇيىچە قوبۇل قىلىنمىسا،ئەسلى مىللىي خاسلىققا ئىگە بو سۆزلەرنىڭ ئەسلى ئاڭلاتقان سېمانتېك مەنە قىممەتلىرىدىن چەتنەپ كېتىش ئەھۋالى سادىر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خىتاي تىلىدىكى « 干 饭 » سۆزى « گۈرۈش ئاش » دەپ تەرجىمە قىلىنسا، « 干 饭 » سۆزىنىڭ مەنىسىدىكى « گۈرۈشنى دۈملەپ پىشۇرۇپ، ھەر خىل قۇرۇمىلار بىلەن يېيىلىدىغان بىر خىل تاماق » دېگەن سېمانتېك مەنە ئىپادىلەنمەي، ئۇيغۇرلاردا گۈرۈش بىلەن تەييارلىنىدىغان ھەر خىل تاماقلارنى ئىپادىلەپ قىلىش ئېھتىماللىقى سادىر بولۇشى مۇمكىن. « 凉粉 » سۆزى « لىغىلداق » دەپ تەرجىمە قىلىنسا، «凉粉 » سۆزىنىڭ سېمانتېك مەنىسىدىكى « سۇدا قاينىتىپ ئۇيۇلغان پۇڭمەنزە ئۈستىگە ئاچچىقسۇ، لازا قاتارلىقلارنى سېلىش ئارقىلىق تەييارلانغان بىر خىل تاماق » دېگەن مەنە چىقماي قالىدۇ. « خوشاڭ، جۇۋاۋا،يۇتازا،راڭپىزا، ماخار ۋە سومەن » قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلىرىدىمۇ خىتاي تىلىدا ئەسلىدە ئاڭلاتقان سېمانتېك مەنە قىممەتلىرىدىن چەتنەپ كېتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش زۆرۈركى ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ خىل تەرجىمە ئۇسۇلى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ،بۇ ئىنسانلارنىڭ شەيئىنىڭ ئاپستراكت شەئىي ياكى كونكرېت شەئىي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇئەييەن بىر شەيئىنى بىر پۈتۈنلۈك بۇيىچە چۈشىنىش ياكى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئىبارەت ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھەمدە شەيئىلەرنى شۇنداق تونۇشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، كىشلەر « مۇستەقىل، پەلسەپە، قەلەم، گېزىت » قاتارلىق سۆزلەرنى چۈشەنگەندە بۇ سۆزلەرنى تەركىبى قىسىملىرىنىڭ مەنىلىرىگە ئاساسەن چۈشەنمەستىن بىر پۈتۈنلۈك بۇيىچە چۈشىىنىدۇ. مانا بۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن تىللاردا ئاتالغۇ قوبۇل قىلغاندا ئاھاڭ تەرجىمە ئۇسۇلى بۇيىچە قۇبۇل قىلىشىنىڭ مەنتىقىسى.
ئۇيغۇر تىلى خەلقئارالىق سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا رۇس تىلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنەگە ئىگە. بۇ ئەنئەنەنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىدۇ،چۈنكى ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن رۇس يېزىقىنى تەلەپپۇز قىلىش ئىنگلىز تىلى ۋە باشقا تىللارغا تىللارغا قارىغاندا ھەم ئاسان ھەم توغرا تەلەپپۇز قىلالايدۇ.
چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا تېرمىنلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىنى ئۆزلۈكىسىز بېيتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تىل ھادىسىسى. لېكىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا ئىلمىي يۈسۈندا قوبۇل قېلىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت فوندىغا ھەددى- ھېساپسىز چەت تىل سۆز- ئاتالغۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش تۈپەيلى لۇغەت فوندى بوزغۇنچىلىقا ئۆچراپ، ئاساسىي لۇغەت فوندى ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى يوقىتىپ، ئەبجەش لۇغەت فوندىغا ئايلىنىپ قىلىش ئېھتىمالىقى توغۇلىدۇ. لېكىن چەت تىللاردىن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتا « بېكىنمىچىلىق ۋە سىرىتنى چەتكە قېقىش » خاھىشىدىن ساقىلىنىش ئېنتايىن مۇھىم، بولمىسا،ئۇيغۇر تىلى ئۆز لۇغەت بايلىقىنى تېخىمۇ بايلاشتۇرۇش پۇرسىتىدن مەھرۈم قىلىپ، زاماننىڭ كەيىنىدە قىلىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ھادىسىنىڭ توغۇلۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى سادىر بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
خۇلاسە سۆز شۇكى، ئۇيغۇر تىلىدا چەت تىل سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا پرىنسىپ ئۇيغۇرلاشتۇرۇش بولماستىن قېلىپلاشتۇرۇش بولۇشى مۇۋاپىق.
2019- يىلى سېنتەبر- ئۆكتەبىر ئايلىرى

Share
2523 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.