logo

trugen jacn

دەۋايىمىزنى توغرا ئاڭلىتايلى

دەۋايىمىزنى توغرا ئاڭلىتايلى

دەۋايىمىزنى توغرا ئاڭلىتايلى!

ئاسىيە ئۇيغۇر

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىش سۈرئىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا مېدىيالاردا ياكى ئەتراپىمىزدىكى بىزگە قىزىقىدىغان خەلقلەرنىڭ مۇنداق سوئالىغا كۆپرەك دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئۇ بولسىمۇ <خىتايلار نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كامپلارغا قامايدۇ؟ >

سىز بۇ خىلدىكى سوئاللارغا تۆۋەندىكى جاۋابنىڭ قايسىسىنى بېرىۋاتىسىز؟
1. مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن؛

2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھوقۇقلۇق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ؛
ئۇنداقتا بىزتۆۋەندىكى مۇلاھىزە ئارىلىق. ئۇيغۇرلارنىڭ كامپلارغا قامىلىشىدىكى يۇقارقىدەك ئىككى خىل سەۋەبتىن خىتاينىڭ قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى:

1. جاۋابقا مۇلاھىزە: ئەگەر ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى بولغىنىدا خىتاي دۇنيا نوپۇسىنىڭ 19.6پرېسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان غايەت زور بىر خەلققە قارشى جەڭ ئېلان قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋېتى خىتايلار دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 5تىن بىر قىسمىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىدىغان چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا خىتاي بۇنداق بىر تەۋەككۇلچىلىكنى قىلغاندىن كېيينن قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن؟
بىر بەلۋاغ بىر يول ستراتېگىيىسى بېسىپ ئۆتۈدىغان لېنىيەلەرنىڭ زور كۆپ قىسمىدا مۇسۇلمانلار ۋە بىر قىسمىدا تۈركلەر ياشايدۇ. تۆۋەندىكى بىر بەلۋاغ بىر يول لېىنىيىسى بېسىپ ئۆتۈدىغان مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ستاتىستىكىغا قاراڭ:
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 11 دۆلەت.
بۇ دۆلەتلەردىن ھىندونوزىيەنىڭ 87پرېسەنت ئاھالىسى مۇسۇلمان، مالايسىيانىڭ 60پرېسەنت ئاھالىسى مۇسۇلمان، فىلىپپىننىڭ 4.9پرېسەتى مۇسۇلمان، سىنگاپورنىڭ 3.9پرېسەنتى مۇسۇلمان، تايلاندنىڭ 3.9پرېسەنتى مۇسۇلمان، برۇنەينىڭ 42.3پرېسەنتى مۇسۇلمان، لائور، كامبودجا، ۋېتنامدىمۇ مۇسۇلمانلار ياشايدۇ؛
جەنۇبىي ئاسىيادىكى 8دۆلەتتىن ھىندىستان نوپۇسىنىڭ 17پرېسەنتى مۇسۇلمان، پاكىستاننىڭ 95پرېسەنتى مۇسۇلمان، ئافغانىستاننىڭ 99پرېسەنتى مۇسۇلمان، نىپالنىڭ 2.7پرېسەنتى مۇسۇلمان، مالدېۋىچنىڭ 98پرېسەنتى مۇسۇلمان؛
شەرقىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى 16دۆلەتتىن سەئۇدىي ئەرەبىستان 99پرېسەنت مۇسۇلمان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 78پرېسەنت مۇسۇلمان ئامان 98پرېسەنت مۇسۇلمان، ئىران 99پرېسەنت مۇسۇلمان، ئىراق 99پرېسەنت مۇسۇلمان، تۈركيە 99پرېسەنت مۇسۇلمان، ئىسرائىلىيە 19پرېسەنت مۇسۇلمان، مىسىر 86پرېسەنت مۇسۇلمان، كۋەيت 95پرېسەنت مۇسۇلمانلار، قاتار 82پرېسەنت مۇسۇلمان.
مۇشۇنداق بولغاندا مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش نىشان قىلىنغاندا خىتاي ئۈچۈن بىر بەلۋاغ بىر يول ستراتېگىيىسىدە ئەڭ چوڭ توسالغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسۇلمانلار دىنىي كىملىكىنى ھەممىدىن ئەزىز بىلىدىغان بولۇپ، سابىق سوۋيېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدە غەربكە قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىدىن ناھايتىى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى. (بۇ ھەقتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ستراتېگىيىسى ھەققىدە ئىزدېنىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن). خىتايمۇ 1949-يىلى دۆلەت قۇرغاندىن بۇيان ئىزچىل يوسۇندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، سوۋېت ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك ئېلىپ، ئوتتۇرا شەرق ستراتېگىيسىدە مۇسۇلمانلار بىلەن <دوستانە>مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. ئىزدېنىپ كۆرىدىغان بولغان خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتىدا بىزنى چۆچىتىدىغان نۇرغۇن <يېڭىلىقلار>نىڭ بارلىقىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس. خىتاي مۇسۇلمانلارنى ئاشكارە يوقىتىش سىياسىتى بىلەن <بىر بەلۋاغ بىر يول>ستراتېگىيسىىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى يوقىتىش خىتاينىڭ لاگىرلار مەسىلىسىدىكى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسلىق مەقستى بولالمايدۇ.

2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى يەنى بۇ زېمىننىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن .
خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى 19- قۇرۇلتېيىدا ئاساسىي قانۇنىيغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ تۈزىتىشتە <جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسيالىستىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى دەۋېرگە كىردى. >دەپ جاكارلىدى ۋە بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كرگۈزۈشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ئەڭ يۈكسەك پەللىسى دەپ بېكىتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان <يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ۋە دۇنيا>ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى تەپسىلىي كۆرۈپ باقساق ، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ <جۇڭخۇا ئۇلۇس>ىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە دۇنيا كۈن تەرتىپىنى قايتا بېكىتىشتىن دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىشقىچە بولغان بۈيۈك بىر نىشان ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز تەس ئەمەس. بۇ يەرىدىكى <جۇڭخۇا ئۇلۇسى>ئۇقۇمى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 10يىللار ئاۋۋال خىتاينىڭ ستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى خۇ ئەنگاڭ ئوتتۇرىغا قويغان <ئىككىنجى ئەۋلات مىللەتلەر سىياسىتى ستراتېگىيىسى>بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، بۇ ستراتېگىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى دەل خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۈپتىن ئاسمىلاتسىيە قىلىپ، بىرلا <جۇڭخۇا ئۇلۇسى>كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتايدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەرنى بۇ ھوقۇقلىرىدىن ئايرىپ ئورتاق جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىكىدە جۇڭگو پۇقراسى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنداقتا خىتاي ئىچىدىكى بەش ئاپتونوم رايون ئىچىدە خىتايلاشتۇرۇش ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرمىگەن ئاپتونوم رايونلاردىن قايسىلىرى بار؟ ئەگەر بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا بارلىق ئاپتونومىيە رايونلىرىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. خىتاينىڭ 2000-يىلىدىكى مەملىكەنلىك 5-نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىداتۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلار بار بولۇپ: https://www.douban.com/note/319168976/

ۋە بۇ قېتىملىق سىتاتىستىكىدىن چىقىرىلغان يەكۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ ئاران 0.62پرېسەنت بولۇشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شىنجاڭدىكى نوپۇسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى بولغان. (تۆۋەندىكى خىتايچە مەزمۇن ۋە ئۇلىنىشقا دىققەت قىلىڭ!
>要特别注意,第四大族维吾尔族与汉族通婚率仅有0.62%,而其在新疆的人口比例非常大,尤其值得警惕。还有,第六次人口普查数据——中国各少数民族的人口情况)

يۇقارقى سىتاتىستىكىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ كەينىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەگەر <جۇڭخۇا ئۇلۇسى> شەكىللەندۈرۈش ۋە <جۇڭخۇا ئۇلۇسى>نىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە، <جۇڭخۇا ئۇلۇسى>كىملىكىنى ئانچە قوبۇل قىلمايدىغان ئەمما خىتايدىكى بەك ئاپتونومىيە رايونىنىڭ بىرسى بولغان <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى>نىڭ ئاساسلىق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال يوقىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغاندەك قىرىپ تاشلاش ئەلۋەتتە دۇنيا قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ ، بىر يول ستراتېگىيىسىنىڭ نورمال داۋام قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان خەتەرلىك ئىش. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە ئېتنىڭ كىملىكى دەل بىر بەلۋاغ بىر يول لېنىيسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىلەن باغلانغان. ئۇنداقتا خىتاي بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشى كېرەك؟ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق شۇنداقلا دۇنيانىڭ قوللىشى ئاستىدا بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا مەنپەئەتى بىلەن ئورتاق بىر نوقتىغا كېلىشى لازىم. بۇ ئورتاق نوقتا نىمە؟ بۇ ئورتاق نوقتا دەل <خەلقئارا تېرورىزىم! >.
خىتاي 1989-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن ئەسلىدە دۇنيادا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان ۋە يالغۇز قالدۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. بۇ دەۋردە سوۋېت ئېتتىپاقى پارچىلانغان، دۇنيا مىقياسىدىكى كوممۇنىست ھاكېمىيەتلىرى ئاستا – ئاستا يېمىرىلىشكە باشلىغان دەۋر ئىدى. ئەگەر <11-سىنتەبىر ۋەقەسى> يۈز بەرمىگەن بولسا خىتاينىڭ تەقدىرى ئاشۇ كوممۇنىست ھاكېمىيەتلىرىدىن پەرقلىق بولارمىدى؟ دېگەن مەسىلىدە بۈگۈن ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى خىتاينى بىر قېتىملىق ۋەيران بولۇش قىسمىتىدىن ساقلاپ قالغان دېسەك ئازراقمۇ ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن. يەنى <خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى>خىتاينىڭ بۈگۈنكىدە كۈچلۈنىشى ۋە ئىقتىسادىينىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەڭ چوڭ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان ھەقىقەت!
خىتاينىڭ <يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ۋە دۇنيا >ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىغا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنى دۇنيا كۈن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزىنىڭ 70يىللىق ھاكېمىيەتنى ئىدارە قىلىش <تەجرىبىلىرىنى>دۇنيانىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغا سۇنۇش بولۇپ، ئېنىقكى، خىتاي 1945-يىلى ب د ت قۇرۇلغاندىن بۇيان شەكىللەنگەن ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دۇنيا كۈن تەرتىپىنى 100يىللىق چوڭ ئىسلاھات ۋە دۇنيا ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈش قاراشلىرى ئاساسىدا خىتايچە كوممۇنىست ئىدولوگىيەسى بىلەن ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي يەنە ھېچقانداق دۆلەت ياكى كۈچ خىتاينىڭ تەرەققىيات يولىنى توسۇشىغا يول قويۇلمايدۇ دەپ كەسكىن يازغان بولۇپ، بۇ دېمەكلىك جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بۈيۈك گۈللۈنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەر قانداق توساققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئاللىبۇرۇن پۇختا تەييارلىق قىلىپ بولغان.
ئەمدى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قايتىپ كەلسەك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا كامپلىرىنى ياسىشى ھەرگىزمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن غايىپ بولىدىغان ئۆتكۈنچە سىياسىي مەسىلە بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ئاتالغۇنى قارشىلىقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىگە <جۇڭخۇا ئۇلۇسى>كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. يەنى بۇئۇقۇمنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلساق، مەيلى خىتايدا كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، تۈزۈلمە ئۆزگەرسۇن(دېمۇكراتىك تۈزۈمگە تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا پىكىر ئەركىنلىكى بېرىلسە) ياكى ئۆزگەرمىسۇن (ھازىرقى تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالسۇن )<شىنجاڭ>دىن ئىبارەت جۇغرافىيىلىك ئورنىدىكى ئالاھىدىلىكى ۋە تولۇپ كەتكەن مول بايلىقلىرى بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇ زېمىننى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر!
دەرۋەقە ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقىنى مىللەت بويىچە يوقىتلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت بولۇپ، ئەگەر بۇ جىنايەت دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىلماستىن <مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش ، تۈركىي خەلقلەرنى يوقىتىش ….>نامىدا تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇ زېمىندا ئۇيغۇر ئاتلىق بىر خەلقنىڭ شۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە مۇستەقىللىق دەۋاسىدىكى رولىنى چەتكە قاققاندا ، خىتاينىڭ بىر مىللەتنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپ زېمىننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋېلىش غەرىزى ۋە بۇ مىللەتنىڭ يوقىتىلىشىنىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسى تېنچلىقىغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدەك بىر مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن چەتنەپ، دەۋانىڭ خەلقئارالىشىشى، پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ مىللەت ۋە دىن ئايرىماستىن، ئۇيغۇرلار بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئادالەت ياقىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى توغرا يولدا ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈشتەك مەقسەتكە يېتىش قېيىنلىشىشى مۇمكىن.
مەن ئۆتكەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى، لاگىرلار مەسىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاينىڭ لاگىرلار مەسىلىسى ھەققىدە دۇنياغا كۆرسەتكەن باھانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكارلللىق ۋە تېرورىزىمغا باغلىغانلىقىغا دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى كۆزەتكەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ كەلگەنىدىم. بۇ قاراشلارنىڭ بۈگۈن رېئاللىقىمىزدا تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. دەرۋەقە دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بىر ئىنسان سۈپىتىمىزدە بارلىق ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بولىۋاتىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ دەۋانى باشقىلارغا يەنىلا <مۇسۇلمانلىك كىملىكىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن كامپلارغا قامىلىۋاتىدۇ…..>دېگەن مەزمۇنلاردا ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. گەرچە بىزنىڭ دىنىي كىملىكىمىز ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمانلار كامپلارغا قامالغىنى، ئۆز ئۆر پ – ئادىتى، تىل- يېزىق، مائارىپى، تارىخىي، مەدەنىيەتلىرىدىن ئايرىۋېتىلگىنى يوق. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى، ئۇيغۇرنىڭ تارىخى…….ھەتتا ئۇيغۇر يوقالغان ئاتالمىش <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى>دا زېمىن دەۋاسى قىلىدىغان باشقا بىر كۈچ مەۋجۇتمۇ؟ بۇ سوئالغا مەيلى خالايلى، خالىمايلى، بېرىلىدىغان جاۋاب : ياق!!! چۈنكى ئۇ زېمىندا ئۇيغۇر يوقالسا ھەممە يوقىلىدۇ!
ئۇيغۇرلۇقنى تەشەببۇس قىلىش مىللەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلىش ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر! چۈنكى ئۇيغۇرلۇق يوقالسا ئۇ زېمىندا زېمىن دەۋاسىنى قىلىدىغان باشقا مىللەت چىقمايدۇ، ئۇيغۇرلۇق ئۇيغۇر ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى شۇ زېمىندىكى ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن مۇھىم. ئۇيغۇر بولغاندا تۈركلۈك كىملىكىگە ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئىگە چىقىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ!
نۆۋەتتە مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى ئورتاق قوللاش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بىز ئەلۋەتتە بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەم ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما شۇنىسى ئېسىمىزدە بولسۇنكى ئۇلارغا دەۋايىمىزنى <خىتاي مۇسۇلمانلارنى يوقىتىۋاتىدۇ!>دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى <خىتاي ئۇيغۇردىن ئىبارەت شۇ زېمىننىڭ ئىگىسىنى يوقىتىۋاتىدۇ. بۇ خەلق ھەم سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلساڭلار قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانلىق نوختىسىدىن توغرا ئەمەس! بىزنى قوللاڭلار، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار! >دەپ بىلدۈرۈشىمىز كېرەك! ئەگەر نوقۇل يوسۇندىكى مۇسۇلمانلىققا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئاڭلاتقىنىمىزدا دەۋايىمىز مۇسۇلمانلىق دەۋاسى ئىچىدە چەكلىنىپ، ئېرقىي قىرغىنچلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ جىنايەت بىلەن خىتاينى جازالاش ، يەنى خەلقئارا قانۇندا جازاسى بولغان، دۇنيا خەلقى مىللەت ۋە دىنى ئېتىقاد ئايرىماي ئورتاق قارشى چىقىدىغان بۇجىنايەتنىڭ دەۋاسىنى قىلىپ، دۇنياۋىي قوللاشلارغا ئېرىشىش ……..پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمىز مۇمكىن!

Share
16252 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.