logo

trugen jacn

دوكتۇر زۇلپىقار بارات بىلەن سۆھبەت

2.jpg.thumbئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

باغداش تورى ئىلاۋىسى : دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش يېقىندا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئېلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ھازىر دىيارىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ .

ئاپتورئىلاۋىسى :بىزگە مەلۇم، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى، ساياھەت قىلىشنى ياكى شۇ دۆلەت گىراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدىكى خېلى كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئامېرىكىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تاكاممۇلاشتۇۇشقا تىرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى ئامېرىكىدا ئۆگەنگەنلىرىنى خەلقىمىزنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشىلىتىپ، ئاز بولمىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.
جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەنە شۇنداق خەلقىمىزنى يېڭى ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلار بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىۋاتقان زىيالىلارنىڭ بىرى.
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1975 – يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1996 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكولتىتىنى پۈتكۈزۈپ، تاكى 2007 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 2007 – يىلى «فورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىي تەرجىمە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى، نۇتۇقشۇناسلىق، ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ قىرلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ساھەلەردە بىر مۇنچىلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ 2007 – يىلىدىن بۇيان ژۇرنىلىمىز ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا «ياغلىق قاپاق ۋە بۇلغانغان كىملىك»، «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «شەھەرلىشىش ۋە كىملىك كىرزىسى»، «مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك»، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى»، «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز» قاتارلىق بىر قاتار ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق ئىككى كىتابى نەشردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىغان.
دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش يېقىندا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىنى ئېلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ياش دوكتۇرنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانى ۋە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىكى تەسىراتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ «سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى تەربىيلەش مەركىزى» دىكى ئوقۇغۇچىسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ سۆھبەت ئارقىلىق يېڭى كۆز قاراشلارغا ئىگە بولالىشىغا، كاللىسدىكى بىر قىسىم گادىرماچ سوئاللىرىغا لايىقىدا جاۋاب تاپالىشىغا ئىشىنىمىز.

ئەلسۆيەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلپىقار مۇئەللىم، ئالدى بىلەن مەن ھاياتىنى ئۆزگىچە مەنەلار بىلەن بېيىتىش يولىدا روھىنى چېنىقتۇرۋاتقان، تەپەككۇرىنى يېڭى پىكىرلەر بىلەن زەرەتلەپ، مەنە ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلانغالار نامىدىن سۆھبەت داستخىنىمغا مەرھەمەت قىلغىنىڭىزغا سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. سۆھبىتىمىزگە كەلسەك، سىز 2007 – يىلى «خەلقئارالىق فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشتىڭىز، 2009 – يىلى ئامېرىكا شەرق – غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا نائىل بولۇپ، دوكتۇرلۇق پىروگراممىسىغا قوبۇل قىلىندىڭىز ھەم بۇ يىل (2013 – يىلى) 5 – ئايدا ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدىڭىز. دېمەك، سىز دىيارىمىزدىن چىقىپ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالدىڭىز. خۇش، ئۇنداقتا سىز ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشنى تاللاپ قالدىڭىز؟ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن نېملەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
ئۆزباش: ئۇشبۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سوئالىڭىزغا كەلسەم، مەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشنى 2010 – يىلى قارار قىلغانىدىم، چۈنكى قەلبىمدە ئانا يۇرتۇمغا نىسبەتەن چەكسىز مۇھەببەت ئوتى لاۋۇلدايتتى، يۇرتۇمنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. يەنە كېلىپ، بۇرۇن ماڭا قالتىس بىلىنگەن ئىشلار ئىچىگە چۇڭقۇرلاپ كىرگەنسېرى ئۇنچە قالتىس بىلىنمەس بولۇپ قالدى. ئوقۇغانسېرى، ئىزدەنگەنسىرى گۇڭگا غايىلەرگە ئالدانماس بولۇپ قالدىم. ئامېرىكىدا ياشاش جەريانى مەن ئۈچۈن ھەم ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىش جەريانى ھەم كىملىك، كوللىكتىپ رىشتە، ۋەتەن، نىجادلىق ئوقۇملىرى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلىنىش جەريانى بولدى.
يېقىندا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «نىيۇ يۇرۇكتىكى قەشقەر توپىسى» ناملىق ھېسبايانىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىر ئادەمنىڭ كىملىك ئېھتىياجى ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن. بىز ئۆز يۇرتىمىزدا ياشاپ، ۋەتەن، ئانا يۇرت ئوقۇملىرىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرۇنغان قىممەتلىك ئىلمىنىتلارنى بايقىيالماي قالىدىكەنمىز ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشلاردا بىز ئادەتلىنىپ كەتكەن ھەم سەل قارايدىغان قىممەتلىك تەرەپلەر بولىدىكەن. ۋەتەن، يۇرت ئوقۇملىرىنىڭ ئەسلى ۋەزنى كونكىرىت نەرسىلەردە ۋە كونكىرىت ئادەملەردە ئىكەن. مەن ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئىنگىلىز تىلىدا ياكى كەسپىي دەرسلەردە قىينالمىدىم، بىراق مېنى بىر خىل چەكسىز تەنھالىق قىينىدى، غېرىبلىق ئوتنىڭ ئىچى ۋە تېشى تەڭ كۆيدۈردى. «مەن مۇشۇ پېتى تەنھا ئۆتەمدىم؟ مۇشۇ ئوتتا داۋاملىق كۆيەمدىم؟ كۆيگىنىم نېمىگە ھېساب؟ كۆيسەممۇ مەيلى، لېكىن مېڭىۋاتقىنىم بارسا كەلمەس يولمۇ؟» دېگەن ئويلار كاللامدا قايتا – قايتىلاپ زاھىر بولدى. تەتقىق قىلىدىكەنمەن، ئىزدىنىدىكەنمەن، بىراق بۇ ئورۇنۇشلىرىمنىڭ نەتىجىسى ئاخىرىدا ئۆزۈمگىلا ھېساب بولىدىكەن. كەسپتە ئۇتۇق قازىنىمەن دەپ بارغانسېرى ئۇيغۇر رېئاللىقىدىن چەتنەيدىكەنمەن. مانا شۇنداق قىلىپ بۇ ئىزدىنىش سەپىرىدە مەن ئىككى خىل ئازابلىق تاللاشقا دۇچ كەلدىم. بۇنىڭ بىرى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش. بۇ جەريان مەندىن ئۇيغۇرچە تەپەككۇردىن ياتلىشىشنى، يازمىلىرىمنى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە يېزىشىمنى، ئامېرىكىلىقلارغا خاس تەپەككۇر قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئۇيغۇرغا خاس ئۆزلۈكۈمنى قىسىش، بېسىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۆزۈمنى ئۇزۇن مۇددەت دەڭسەپ بېقىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۇنداق قىلالايدىكەنمەن. بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر ئويلىنىش جەريانى بولدى. بىرىنچى خىل تاللاش مېنى ھېس – تۇيغۇسى ماشىنىلاشقان ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئاخىر ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ قايغۇ ۋە خۇشاللىققا يۇرتداشلىرىم بىلەن بىللە جۆر بولۇش ئىستىكىدە بولدۇم. ئەسلىدىمۇ مەن ئامېرىكىغا گىراجدان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ كېلىپ، ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۆز قەۋىمىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش، كاللامدىكى گادىرماچ سوئاللىرىمغا چۇڭقۇرلاپ جاۋاب ئىزدەش ئارزۇسىدا چىققانىدىم. ئالتە يىلدا نۇرغۇن سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپتىم، ئىزدەندىم. ئادالەتسىزلىك ئادالەتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلغان بۇ زاماننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپتىميۇ، ھېرىپ كەتتىم. تەۋراتتا «بىلگەنسىرى ئازابىڭ كۈچىيىدۇ» دېيىلگىنى بىكار ئەمەسكەن. ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ بېشىمۇ-ئاخىرىمۇ ئازابقا تۇتىشىدۇ. ئاخىرى ئامېرىكىدا ياشاش ئىستكىدىن ۋاز كەچتىم. بۇ بوشاڭلىقىمدىن ئەمەس. ئايىغى چىقمايدىغان نىشانلارغا ھاياتىمنى ئىسراپ قىلشىنى خالىمىدىم. بەلكىم بۇنداق تونۇشقا كېلىشىم جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ماڭا تەنقىدىي كۆزىتىش نۇقتىسىنى تەمىن ئەتكەنلكىدىن بولسا كېرەك.
ئالتە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ئاتىدىم، بىراق ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. چۈنكى تەكلىماكان دىيارى ناھايىتى مېھىرلىك بىر زېمىن. چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئۇنتۇلمىغانلا بولسا، يۇرتىدىن توختاۋسىز بىر سادا ئۆزىنى چاقىرىۋاتقاندەك تۇيغۇنىڭ ئىسكەنجىىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەنمۇ بۇ تۇيغۇنىڭ چاقىرىشىدىن ۋە ئازابلىشىدىن خالىي بولالمىدىم. ئېھتىمال مۇساپىرچىلىقتا ۋەتەننىڭ قەدرى تېخىمۇ ئۆتۈلدىغانلىقىدىن شۇنداق بولسا كېرەك. بىز ۋەتەن، يۇرت ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىىپ باقساق بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ئىككى ئاي جەريانىدا مەن بىر مەسلىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم، يەنى كۆپىنچە كىشىلەر جان – جەھلى بىلەن تىرىشىۋېتىپتۇ، ئەمما قىسمەن كىشىلەردە شەخسىيەتچىلىك كۈچىيىپ كېتىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ئومۇمىيلىقنى ئويلايدىغانلار ئازىيۋېتىپتۇ، بۇ بىر خىل بىنورمال ھادىسە. پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆي، ماشىنا، خىزمەت ئۈچۈن تىرىشىدىكەنمىز، بىراق مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىكەنمىز. ئىمكان بار بىر – بىرىمىزگە مېھىرلىك بولساق، بىر – بىرىمىزگە تەبەسسۇم قىلساق.
مەدەنىيلىشىشنىڭ ئۆتكۈنچى، شاكال نەرسىلىرىگە ئەل بولۇپ كەتسەك بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايلىقلىرىمىز بار. ئۇلار ياشاش خىرسى داۋامىدا يوقاپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۆزىمىزگە قايتىپ، يىلتىزىمىزنى تاپالىساق، ئاندىن باشقا مىللەتلەر بىزنى كۆزگە ئىلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسىنى تاشلىۋېتىپ، يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلساق، باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
ھازىر بىزدە تۈركىيە خۇراپاتلىقى ۋە ئىمپورت خۇراپاتلىقى مەۋجۇت ئىكەن. قىسمەن سودىگەرلەر ئىمپورت قىلىنمىغان مەھسۇلاتلارغىمۇ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى دەپ يېزىۋالىدىكەن، بۇ بىر خىل كاززاپلىق. ئۆتكەندە بۇرادەرلەر بىلەن كۇچاغا بارغاندا بىر ئاشخانىدا غىزالاندۇق، يەۋاتقان بېلىقىمىز تۈركىيە بېلىقى ئەمەس بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «تۈركىيە بېلىقى» دەپ يېزىۋاپتۇ، چايلىرىنىڭ قېپىغا «تۈركىيە چېيى» دەپ يېزىۋاپتۇ، ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام، ئۇ چايلار تۈركىيە چېيى ئەمەسكەن. بۇنىڭدىن قايتما مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە ئىپورت قىزغىنلىقى ۋە تۈركىيە مەستانىلىقى كەمسىنىشنىڭ ئەكس مەنىدە ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ھېس قىلىشمچە، شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قويۇۋالغان ئىستىمال تەلىپى يۇقىرلاپ كەتكەچكە، ئۇلاردا بەخت تۇيغۇسى كەملەپ كېتىۋېتىپتۇ. بىزدە «تىز قاينىغان گۆش قاتتىق پىشىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىز مەدەنىيلىشىش قەدىمىمىزنى سەل ئاستىلاتساق، مەدەنىيىتىمىزدىكى پۇچەك تەركىبلەرنى سىقىپ چىقارساق.
مۇقەددەس دەستۇرلىرىمىزدا «سەن بىر ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلسەڭ، ئۇنىڭغا ھەركىتىڭ بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قۇربىڭ يەتمىسە سۆزۈڭ بىلەن قارشلىق كۆرسەتكىن، ئۇنىڭغىمۇ قۇربىڭ يەتمىسە دىلىڭدا قارشىلىق كۆرسەتكىن» دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ھېكمەت جەڭگىۋارلىق تەلەپ قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە ھەممىزنىڭ تۈپكى ھەرىكەت قىبلىنامىمىز بولۇشى كېرەك. ئارىمىزدىكى زامانىۋىي خۇراپاتلىقلارغا ۋە جەمئىيتشلىۋاتقان بىنورماللىقلارغا مۇۋاپىق يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرىشىمىز لازىم.مەن ئۆز ئائىلىسى، ئۆز جەمئىيىتى، ئۆز پۇشتىغا، ئۆز قىزلىرىغا ئىگە بولالايدىغان، بىر ئىشلارغا ئاكىتىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمنى چۇڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمنى يوشۇرمايمەن.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىنىقى

ئەلسۆيەر: ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك كەچمىشلىرىڭىزنى ئەسلەپ باقسىڭىز قانداق؟
ئۆزباش: ھازىر «ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىنىقى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابىمغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇر تىنىقى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. ئۇيغۇر ساداسى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن خەلقئارالىق مىللەتكە ئايلىنىپ بولدى. ھەممە يەردە قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلار ۋەتەننى سېغىنىدۇ، ۋەتەن ئىشتىياقى، ۋەتەن ئوتى ئۇلارنى قىينايدۇ. مەن ئامېرىكىدا قەشقەر توپىسىنى ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان تۇتىيا بىلىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر بوۋاينى ئۇچراتتىم. ۋەتەننى سېغىنىپ يىغلاۋاتقانلارنى ئۇچراتتىم. نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتى چەتئەللەردە ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئىستىكىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى چەتئەلدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزگىلەر ئارقىلىق ۋەتەننىڭ قىممىتىنى قايتىدىن تونۇدى. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە يۇرتۇم ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرىم بىر كۈنمۇ توختاپ باقمىدى. ئۆزبېك شائىرى مۇقىمى: «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر» دېگەنىكەن. سىرىتلاردا ۋەتەن ھەققىدىكى گەپ – سۆزلەر دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدۇ. توردىن ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس، بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسى، قىسقىسى ھەممە يەردە يۇرتداشلىرىمىز، تەقدىرداشلىرىمىز، قىسمەتداشلىرىمىز بار. خۇددى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلىگىنىدەك ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلارمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئەسلەيدۇ. مەن جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم. شۇ جەرياندا «سىز قايسى مىللەت؟ نەدىن كەلدىڭىز؟» دېگەندەك سوئاللار پەيدا بولدى. ئۇيغۇر دېسەم دەسلەپتە ئۇقمايتتى. كېيىن بارا – بارا ئۇقىدىغان بولدى. ھازىر چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنى باشقىلار بىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئالىم – مۇتەخەسسلىرىمىزنىڭ ئۆز ساداسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ تۇرغانلىقىمۇ بىر سەۋەب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار ناھايىتى تىرىشچان مىللەت. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن. ئادىل تۇنىياز «ئۇيغۇر بولۇش بەخت دېمەكتۇر» دېگەنىدى. زامانىۋىيلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە نۇرغۇن ياخشى ئەنئەنىلىرىمىزنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز، لېكىن يەنىلا بىزنىڭ يوشۇرۇن ئىنىرگىيەرىمىز زور. نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىمىز بار، «چۈشكۈنلۈك شەيتاننىڭ ئىشى»، مەن قېرىنداشلىرىمنىڭ چۈشكۈنلەشمەي، مەدەنىيەت تىندىتسيىمىزدىكى ئېسىل تەرەپلەرنى ساقلاپ قېلىشىنى، زامانىۋىلىشىش خۇمارىدا خۇدىنى يوقىتىپ شاكال مەدەنىيەتلەرگە ئەل بولۇپ كەتمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن.
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بوستۇندىكى ساففولىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قەيسەر مىجىت ئاكىنىڭ ئۆيىدە لەغمەن يېگەندىكى تەسىراتىمنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئۇشۇقچە ئىش بولمىسا كېرەك. قەيسەر ئاكىنىڭ ھاممىسى ماينىسا ھەدىمىز ئوخشىتىپ لەغمەن ئەتتى، شۇ لەغمەنلەرنى چاكىلدىتىپ يېدۇق. ئۇ كۈنى قەيسەر مىجىتنىڭ ئۆيىگە يۇرتىمىزدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بارغانىكەن. ئۇلار ئالدىغا كەلگەن لەغمەننى كۆرۈپ «ئاھ لەغمەن» دەپ يىغلىشىپ كەتتى. چەتئەلگە چىقسىڭىز ئۇيغۇرغا خاس بەلگىلەرنى، ئىماگىلارنى ۋە تاماقلارنى سېغىنىدىكەنسىز. مەنمۇ شۇنداق بولدۇم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كونسۇل كوچىسىغىچە بولغان ئارلىقتىكى يولنى بەكلا سېغىندىم. مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ «تار كوچا» ناملىق ناخشىسىدا ئىپادىلەنگەن ۋەتەن ئوتىدا پۇچىلىنىش ھېسىياتى مېنىڭ ۋەتەنگە بولغان تەلپۈنۈش ھېسىايتىم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى.
بىز ۋەتەندە تۇرۇپ چەتئەلگە ئىنتىلدىكەنمىز، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە ئىنتىلىدىكەن. چەتئەلگە بېرىپ، ئىككى – ئۈچ يىلدىن كېيىن چەتئەلگە بولغان ھېسياتلىرىمىز قانىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر سۆزلىشىشىمىزدىن تارتىپ تاماققىچە ھەممە مەسلىلەردە يېڭى يېڭى تاسقاشلارغا دۇچ كېلىمىز، شۇ چاغدىلا بىز جامائەتچىلىك ۋە يۇرتداشلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ھېس قىلىدىكەنمىز. چەتئەل زېمىنىدىن ئۈرۈمچىگە چۈشكەن چېغىمىزدا ئۈرۈمچى كۆزىمىزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر كۆرۈنىدىكەن.

جەمئىيەتشۇناسلىق نېمىشقا شۇنچىلىك مۇھىم

   
   ئەلسۆيەر: سىز نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئۆرلەپ ئوقۇشنى ئويلاپ قالغانىدىڭىز؟ ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار دەپ قارايسىز؟
   ئۆزباش: بىرىنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتىكى، جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ يەنە ئۆز رېئاللىقىنى خاتا تونۇۋالغانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى چۇڭقۇر تونۇشىغا ياردەم بېرىدىغان پەن. ياشاش جەريانىدا بىزنىڭ جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىۋالغان نۇرغۇن خاتا قاراشلىرىمىز بار. جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنىڭ ئاشۇ دوگما قاراشلىرىمىزغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق يەنە بىزگە چۇڭقۇر تەنقىدىي تەپەككۇر ئاتا قىلىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر جەمئىيەتشۇناسلىق مائارىپىدىكى مۇھىم ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ بىرى. ئامېرىكىنىڭ باكلاۋېرلىق ۋە ئاسپىرانتلىق مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق تەلەپ بار. پىكىرنى سۇبىيكتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تەپەككۇر ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى سۈمۈرشچان تەپەككۇر. بۇ خىل تەپەككۇر شەكلىگە كۆنگەن كىشى نېمە ئاڭلىسا ياكى كۆرسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر شەكلى بىزنى پىكىر ئاغمىچىلىقىغا، ھېسىياتچانلىققا، دوگما تونۇشلارغا باشلايدۇ ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىتىدۇ. يەنە بىرى، تەنقىدىي تەپەككۇر شەكلى. تەنقىدىي تەپەككۇرغا كۆنگەن كىشى ئۆزى يولۇققان پىكىرلەرگە تەنقىدىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، پىكىرنىڭ قولى بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. لېكىن تەنقىدىي تەپەككۇرغا كۆنۈش دېگەنلىك باشقىلارنىڭكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۈچۈنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنى نەزەرىيەۋى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرىدۇ. ئانالىتىك تەپەككۇرنى قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ھالبۇكى، ئانالىتىك تەپەككۇر قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىشتىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ.
    فېرىدىرخ ئېنگىلىس «ھەرقانداق بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، ئۇ چوقۇم نەزىرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك» دېگەنىدى. مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشكۇر مۇھەممەتىمىن بولسا «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابىدا نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ بىر مىللەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى. ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلۇغ بوۋىمىز ئەبۇ نەسىر ئەل فارابى «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»، «سىياسىي پەلسەپە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ يېگانە ئۈلگىسىنى ياراتقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ فارابىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەمما، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا دىداكتىكىچىلىق ئەۋج ئېلىپ، فارابى ئۇلىنى سالغان ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۈزۈلۈپ قالدى.
   ئانالىتىك تەپەككۇر چۇڭقۇر نەزەرىيە مۇھاكىمىنى ئاساس قىلىدىغان سوغۇققان تەپەككۇر شەكلى. ئۇ ئوبرازلىق تەپەككۇرغا ئوخشىمايدۇ. ئالايلۇق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋايى، مەشرەپ قاتارلىقلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇرلاردا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىنكى 10 ئەسىر جەريانىدا ئوبرازلىق تەپەككۇر شەكلى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نۇرغۇن ياخشى ئەدەبىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 10 – ئەسىردىن بۇرۇن ئەرەبلەرگە ۋە غەرب پەلسەپىسىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك چوڭقۇر پەلسەپە سىستېىمىسى ياراتقان فارابىدەك بۈيۈك مۇتەپپەككۇرى بار ئۇيغۇرلاردا ئانالىتىك تەپەككۇر شەكلى كەينىدە قالدى.
   مەن ئامېرىكىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا شۇنداق بىر تەسىراتقا كەلدىمكى، بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيەۋى تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باشقا زامانىۋىي ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بىر قاتاردا جەمئىيەتشۇناسلىققىمۇ مۇراجەت قىلىش كېرەك ئىكەن. مەن ئىجتىمائىي پەندىكى ھەر بىر خىل نەزەرىيەۋى مودىلنى بىر قورالغا ئوخشىتىمەن. بۇنى مۇنداق مىسال بىلەن ئىپادىلىسەم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز دوختۇرخانىغا بارساق مېڭىمىزنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن «مېڭە تەكشۈرۈش ئەسۋابى» غا چۈشىمىز، يۈرىكىمىزنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن «يۈرەك تەكشۈرتۈش ئەسۋابى» غا، قورسىقىمىزنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن «ئىچكى ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى» غا چۈشىمىز. لېكىن يۈرەكنى «ئىچكى ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى» غا سالمايمىز. مېڭىنى باشقا ئەسۋابلارغا سالساق تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر خىل نەزەرىيەمۇ ئەنە شۇنداق بىر خىل ئۈسكىنىگە ئوخشايدۇ. بىز نەزەرىيەدىن ئىبارەت قورالدىن توغرا پايدىلىنالىساق، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك مەسلىلەرگە توغرا دىئاگنوز قويالايمىز. ئوخشىمىغان نەزەرىيەلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا نەزەرىيەۋى تەپەككۇرىمىز ئاشىدۇ. نەزەرىيەۋى تەپەككۇر مەسلىلەرنى دەل، ئەينەن ئانالىز قىلىشىمىزغا چۇڭقۇر ياردەم بېرىدۇ. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق بىزگە ئۆگىتىدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
    جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان پەن. بىراق ۋاقتى كەلگەندە پەلسەپىمۇ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى چۇڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. مەسلەن، زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات، شەھەرلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىيەت كىرزىسلىرى قاتارلىق مەسلىلەرگە جەمئىيەتشۇناسلىق جاۋاب بېرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا جەمئىيەتشۇناسلىق زامانىۋيىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تەتقىلىق قىلىدىغان پەن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەپسۇسكى، جەمئىيەتشۇناسلىق پۈتكۈل شەرققە نىسبەتەن يېڭى بىر ساھە. جۇڭگودا 1989 – يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتىېتى قۇرۇلغان. جەمئىيەتشۇناسلىق پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىققا ئوخشاشلا زامانىۋىي پەن قاتارىغا كىرىدۇ. سەگەك ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈدىغان سوئاللاردىن «شاكال مەدەنىيەت قانداق پەيدا بولىدۇ ۋە قانداق ئومۇملىشىدۇ؟ مەدەنىيلىشىش دېگەن نېمە؟ غەربتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ نېمىنى ئۆگەنمەيمىز؟ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋيىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ يەرشارىلىشىش دېگەن نېمە؟ يەرشارىلىشىش تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ قاتارلىقلارغا جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى جاۋاب بېرىدۇ.

   ئەلسۆيەر: 2011 – يىلى ئۆكتەبىردە سىزنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابىڭىز نەشر قىلىندى. بۇ كىتابىڭىزنى سىزنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىڭىزدىن كېيىن خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر كاتتا سوۋغىڭىز دېيىشكە بولىدۇ. قىسقىسى بۇ كىتابىڭىز ئۇيغۇرچە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت كىتابلارنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇردى. سىزچە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق ياردەملەرنى بېرىدۇ؟
   ئۆزباش: ئۇيغۇرلار تارىختا ئېسىل ئەنئەنىلەرنى ياراتقان، ئەقىل – پاراسەتلىك مىللەت. كوللىكتىپ ئەقىل – پاراسىتىمىزنىڭ مەھسۇلى بولغان نۇرغۇن تۆھپە – نەتىجىلىرىمىز بار. ئەمما بىر مىللەتنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل – پاراسىتىدىن پەيدا بولغان ياخشى نەرسىلىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىمۇ ۋە ئەخلەتلىرىمۇ بولىدۇ. بۇنى كوللىكتىپ ئەخلەت دەيمىز. بۇلارنى تازلاش ئەدەبىيات، پەلسەپە ياكى فىزىكا – خىمىيەنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ۋەزىپىسى. بىز بىر ئۆينى پاكىزلاپ، زىننەتلەش ئۈچۈن ئۇ ئۆيدىكى ئەخلەتلەرنى يۆتكىۋېتىشىمىز كېرەك. ئۆيىمىزدە ئەخلەت پەيدا بولغىنىدەك تەپەككۇرىمىزدىمۇ ئەخلەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەخلەتلەرگە دېئاگىنوز قويىدىغان قورال سوتسولوگىيەلىك مېتوتلاردۇر. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ.
   مەرھۇم تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئاكا 1994 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «تىلشۇناسلىق ساھەسىدە قۇربان بېرىشنى خالايدىغان ياشلىرىمىز بولۇشى كېرەك» دېگەنىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىمۇ مۇشۇ خىل قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ياشلارنىڭ بولۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. بىزدە ئەدەبىياتچىلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. مەن ئوشۇقچە ئادەملەرنىڭ ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىۋېلىشىنى خالىمايمەن. ھەر يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېلىنغاندا، ئەدەبىيات كەسپىدىن ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ھەسسىلەپ كۆپ بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىياتتا تالانتى بولسۇن بولمىسۇن، قىزىقسۇن – قىزىقمىسۇن مۇشۇ ساھەگە سىغدىلىپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەھۋال ئەمەس. بىزدە ھەرقايسى پەنلەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغان ياشلار كۆپرەك چىقىشى كېرەك.
    ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىلىم ئىگىلىرى ئۆزىگە خاس قاراش تىكلەش ئۈچۈن غەربنىڭ بىلىش تارىخىنى قېتېرقىنىپ ئۆگىنىشى زۆرۈر. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىزدە تۇرغۇنلۇق نىسبەتەن كۆپ. ئېچىلمىغان بوز ساھەلەرمۇ بەك كۆپ. بىزدە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك، بىزدە «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپلەرنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ»، «قەلبلوگىيە» قاتارلىق كىتابلار تەرجىمە قىلىندى، بىراق تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئېسىل چەتئەل ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنمىدى. ھەتتا بىزدە غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئۇلىنى سالغان ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ى، ئارسىتوتىلنىڭ « ئەخلاق پەلسەپەسى»، كانتنىڭ «نۇقۇل ئەقىلگە تەنقىد» ى قاتارلىق كىتابلار ئۇيغۇرچىغا تېخى تەرجىمە قىلىنمىدى. ھەتتا بوۋىمىز فارابىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ تېخى تولۇق نەشر قىلىنىپ بولۇنمىدى.
   شەھەر ئۇيغۇرلىرى ھازىر زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تېپىشماقلارغا دۇچ كېلىشىمىز تەبىئىي، بۇنىڭغا ئەدەبىيات ياكى باشقا ئىلىملەر جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مەن «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابىمدا جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ 200 يىللىق ئىلمىي تارىخىنى ئاممىباب يېزىشقا تىرىشتىم. ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابتىن «زامانىۋىيلىشىش دېگەن نېمە؟ مەدەنىيلىشىش دېگەن نېمە؟ تونۇش بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ شەھەرلىشىش قانداق روھىي كىرزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ كاپىتال دېگەن نېمە؟ ئىجتىمائىيلىشىش دېگەن نېمە؟» قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب تاپالايدۇ.
   
ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش داۋانلىرىدا

   
   ئەلسۆيەر: ئاڭلىسام، ھازىر سىز ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمىي ئەزاسى، ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى ئىكەنسىز. ھەر يىلى دېگۈدەك ئامېرىكىدا خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەنسىز. ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك ئورۇنغا چىقىشىڭىز ئاسانغا توختىمىغان دەپ ئويلايمەن. خۇش، ئۇنداقتا سىز ئامېرىكىغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ئىدىڭىز، بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭىز؟ ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭىز؟ بۇ قىيىنچلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئامېرىكىدا ئوقۇش جەرياندا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي كىملىكىڭىز بىلەن جەمئىيەتشۇناستىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كىملىكىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇش كۆرۈلدىمۇ؟ ئەگەر كۆرۈلگەن بولسا، بۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟
   ئۆزباش: ئارزۇ ئادەمنى ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ، تەبىئىي ئىنىتلىشتىن پەيدا بولغان ھەرىكەت ئادەمنى يېڭى ئارزۇغا يېتەكلەيدۇ، بۇ بىر بالانىسلىق جەريان. بۇ جەرياندا بىزنى يېڭى قىيىنچىلىقلار ۋە يېڭىچە مەنزىللەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن ئىنگىلىز تىلىنى چەتئەلگە چىقىمەن دەپ ئۆگەنگەن ئەمەس، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنى ئۆگىنىمەن دەپمۇ ئۆگەنگەن ئەمەس. ئىنگىلىز تىلى دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار مەندىن نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. مەن ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردىميۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ بەزى جاۋابلىرىدىن قانائەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەندىم، كېيىن بۇنىڭ جاۋابلىرى جەمئىيەتشۇناسلىقتىن تېپىلدى. جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن پەننىڭ بارلىقىنى 2005 – يىلى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق پەننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇ جەرياندا چەتئەلگە چىقىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن. ئۇ چاغلاردا دەرس ئۈتۈشۈمنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىم بار ئىدى. ئۇلارنى تەربىيلەشمۇ مەن ئۈچۈن شەرەپلىك خىزمەت ئىدى. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاشلاشنىمۇ خالىمايتتىم. 2006- يىلى مەندە چەتئەل ئونىۋىرسىتلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ بېقىش ئارزۇسى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلىزتىلىدىن ئايىلتىس ئىمتىھانىنى بەردىم. ئەڭ ئاۋۋال ئەنگىلىيەگە ئۆز پۇلۇم بىلەن ئوقۇش توغۇرلۇق ئىلتىماس ئەۋەتتىم. 2006- يىلىنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ئونىۋىرسىتىتلىرىدىن نوتتىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چاقىرىق كەلدى. لېكىن ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشۇمغا توغرا كېلەتتى. بۇ ئوقۇشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ پۈتكۈزدۈم. شۇ ئارلىقتا مەن خەلقئارالىق فورت ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. فورت مۇكاپاتى خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، ھىندىستان، جۇڭگۇ، مىسىر قاتارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چەتئەلدە ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاز ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، فورت مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. 2007 – يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئامېرىكىغا قاراپ ماڭدىم. بۇنىڭ بىلەن، ئۆز كەسپىمدىن خىزمىتىمدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. 2009 – يىلى 12 – ئايدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئاسپىرانتىلىقنى تاماملىدىم. 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا شەرق – غەرب تەتقىقات مەركىزى (ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارمىقى بار) ماڭا تۇلۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەردى.
   پۇرسەت ـ ئىزدىنىش ۋە يارتىشنىڭ بىرلىكى. پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت يارتىشىمىز، ئىزدىشىمىز ھەم ئىزدىنىشىمىزنى كۈتىدۇ.
   «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى» ناملىق كىتابىمدا تىلغا ئالغىنىمدەك ئامېرىكىغا بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەندە مەدەنىيەت ئەندىكىشى بولدى، مۇرەككەپ ۋە غەلىتە ھېسىياتلاردا بولدۇم، نۇرغۇن نەرسىلەرگە ھەيران قالدىم. مەسلەن، چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرۇۋېتىپ ئىتلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈشلىرىنى كۆرۈپ قۇبۇل قىلالمىدىم. ئۇ يەردە كوللىكتىپ ئاشخانىدا ئۆزىمىز تاماق ئىتىپ يەيدىكەنمىز، بۇ تاماقلاردا ھەرخىل خۇرىچ ۋە پۇراقلار بولىدىكەن. دەسلەپتە بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۈچ – تۆت ئاي نۇرغۇن نەرسىلەرگە كۆنەلمىدىم. تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمگە قالدى. ھاۋايدا ئۆزلىكىم قايتىدىن لاھىيەلەندى. يېڭى تەرەقىياتلار ۋە چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم، لېكىن بۇرۇنقى ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم.
   ئامېرىكىدا ئانا تىلى ئىنگىلىزتىلى بولغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئوقۇش ئاسان ئەمەس. ئۆزىمىز ئوقۇغان ساھەدە يېڭى بىر ئوقۇمنى ئوتتۇرغا قويمىساق مەكتەپتىن بىزگە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىنى بەرمەيدۇ. ئادەتتە 100 ئادەم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇسا، 30 ى ئوقۇش پۈتكۈزەلمەي قايتىپ كېلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش مېنى جىق قىينىدى، چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائى پەندىكى ئەڭ تەس كەسىپلەرنىڭ بىرى. ماڭا تەس كەلگىنى ئۆزۈمنىڭ كەسپى بولغان جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى، خاس نەزىيەۋى سىستېمىلىرى ۋە خاس مىتودولوگىيەسىنى چۈشىنىش بولدى. مىتودولوگىيەسىنى ئۇقمىسام، نەزىرىيەۋى سىستېمىسىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنەلمەيتتىم. شۇڭا 2008 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە بولغان ۋاقتىم چوڭقۇر ئازاب، قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ ئىچىدە ئۆتتى. لېكىن مەن ئەڭ ئاخىرىدا قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلدىم. ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىمنى ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزدىم. ھارماي ئۆگىنىش نەتىجىسدە، ماگىستىرلىق دىسسىرتاتسىيە ماقالەمنى سۈپەتلىك پۈتكۈزەلىدىم.
   بىر ئاسپرانىت ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىپ، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مەكتەپ بىزدىن سالاھىيەت ئىمتىھانى ئالىدۇ. بۇنىڭدا بىز ئۆزىمىز ئوقۇغان كەسىپتىن ئىككى پارچە ئىنگىلىزچە ماقالە يېزىشىمىز لازىم. ئۇنى بەش پروفېسسور بىر ھەپتىدە كۆرۈپ چىقىپ، باھا يازىدۇ، ئۆتەلمەي قالساق يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئۆتەلمىسەك دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسىدىن چېكىنىمىز. مەن ئۇنىڭدىن 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆتتۈم. ئونىۋىرسال سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى باسقۇچىدا، دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسى دائىرىسىدە ئۆزىمىز قىزىققان كەسىپتىن ئىككىنى تالايمىز. مەسلەن، جەمئىيەتشۇناسلىقتا 30 دىن 40 قىچە تارماق پەنلەر بار. مەسلەن، ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى، مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقى، تارىخ جەمئىيەتشۇناسلىقى دېگەندەك. مەكتەپ بىزدىن يۇقىرقى كەسپلەر ئارىسىدىن ئىككىسىنى تاللاپ شۇ كەسپنىڭ ئەھلى بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن شەھەر جەمئىيەتشۇناسلىقى بىلەن مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقىنى تاللاپ، بۇلارنى چوڭقۇرلاپ ئۆگەندىم. بۇ كەسپلەرنى ئۆگىنىشنىڭ تەلىپى شۇكى، ئاۋۋال مەزكۇر ساھەدىكى ئاتاقلىق مۇتەپپەككۇرلار بىلەن تونىشىمىز، ئاندىن شۇ ساھەگە دائىر نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇيمىز. كېيىن شۇ ساھەگە دائىر 60 تىن 100 گىچە بولغان ئەڭ داڭلىق ئەسەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ پىروفىسسورلىرىمىزغا ئەۋەتىمىز، ئۇلار تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاشۇ ئەسەرلەرنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ بولىمىز. بىر يىلدىن كېيىن شۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى دائىرىسىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئىمتىھاننىڭ سالمىقىمۇ خېلىلا ئېغىر بولىدۇ، يەنى دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە بېرىپ ئالتە سوئالنى قولىمىزغا ئالىمىز – دە، بۇنىڭ ئىچىدىن تۆتنى تاللايمىز، كېلەر ھەپتە دۈشەنبە كۈنىگىچە يەتتە كۈن ئىچىدە، شۇ سوئال دائىرىسىدە تۆت پارچە ئىنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ كېلىمىز. ئۇنىۋېرسال ئىمتىھان باسقۇچىدىن 2011- يىلى ئۆتتۈم.
   دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەنىڭ تەتقىقات پىلانى تۈزۈش باسقۇچىدا، مەن «كوللىكتىپ رىشتە ۋە جامائەتچىلىك» دېگەن تېما ئۈستىدە ئىزدەندىم. بۇ جەرياندا «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «بۇلغانغان كىملىك»، «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز» قاتارلىق بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى يازدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىملىك ۋە كوللىكتىپ جامائەتچىلىككە دائىر ماقالىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، 2013 – يىلى 11 – مايدا ئوقۇشىنى تاملاپ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم.
   
«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» نى نېمە ئۈچۈن يازدىم؟

   
   ئەلسۆيەر: 2011 – يىلى ئاپېرىلدا سىزنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىڭىز نەشردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىدى، بولۇپمۇ ئىلىمخۇمار، ئىزدىنىشچان ياشلار ئارىسىدا قايتىدىن كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. سىزنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىڭىزغا نېمە تۈرتكە بولغان، بۇ كىتاب بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسى قانداق بولدى؟
   ئۆزباش: بۇ كىتاب 2007 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە بولغان ئىككى يىللىق ماگىستېرلىق ئوقۇش جەريانىمدىكى ھېس – تۇيغۇلۇرىمنىڭ مەھسۇلى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا قەلبىمدە تالاي قېتىملاپ غەليانلار كۆتۈرۈلدى. مەن ئۇلارنى يېزىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى يېزىقچىلىق ھۆرلۈكنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، بىز يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى بايقايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن، ھۆر ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۇڭقۇر تونۇپ يېتىمىز. يېزىقچىلىق بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ئادەملىكىمىزنى تونۇتىدۇ. يەنە كېلىپ يېزىقچىلىق سالماقلىق بىلەن ئويلىنىش جەريانى. مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق قەلبىمدىكى ھۆرلۈكۈمنى ئىپادىلىدىم.
   بۇ كىتابنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغان يەنە بىر سەۋەب شۇكى، مەن بۇرۇندىن ئۆزۈمنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا قەرزداردەك ھېس قىلىپ كەلدىم. 2001 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئىزدىنىش سەپىرىمدە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ سوئاللىرى، مەدەتلىرى ۋە ئۈمىد – ئىشەنچلىرى ۋۇجۇدۇمدا تالاي قېتىملاپ قايناق ئىلھاملارنى ھەم يېڭى ئىستەكلەرنى پەيدا قىلغانىدى. ئەسلى بىلسەم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى يېڭى ئۆزلۈكىمنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدا مېنى غېرىبلىق خېلىلا ئەزدى. غېرىبلىق ۋە تەنھالىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى مەن ئۈچۈن يېزىقچىلىق ۋە كىتاب ئوقۇش ئىدى. يېزىقچىلىق مېنى غېرىبلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چىن ئۆزلۈكىمنى چۇڭقۇرلاپ تونۇشۇمغا ياردەم بەردى. مېنى يېڭى ئىلھاملارغا ئىگە قىلدى. ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ۋە دەرس ئۆتۈش داۋامىدا ئويلىغان نۇرغۇن تېمىلىرىم ۋە سوئاللىرىم بار ئىدى. ئىككى يىللىق ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇم جەريانىدا ئاشۇ نۇقتىلارنى قايتىدىن رەتلەپ كىتابىمغا كىرگۈزدۈم. بۇ مەزمۇنلار «ياشلىرىمىز بىلەن سۆزلىشىش»، «قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» قاتارلىق بابلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ۋاھالەنكى، بۇ كىتاب پەقەت مېنىڭ ئىككى يىللىق ھېس – تۇيغۇلىرىمنىڭ مەھسۇلى. بۇ كىتابقا 2009 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە بولغان تۆت يىللىق دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇم جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم كىرگۈزۈلمىگەن. كېيىن پۇرسەت بولسا، ئۇلارنىمۇ يېزىپ چىقىمەن.
   ئىزدىنىش سەپىرىدە ئەقىل تېپىش

 ئەلسۆيەر: ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىڭىز، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتىڭىز، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىڭىز ۋە تەپەككۇر ئادىتىڭىز توغرىسىدىكى مەسلىلەرگە قىزىقىدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتسىڭىز قانداق؟
   ئۆزباش: كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلۇم ھەققىدە «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىمنىڭ بىر بابىدا مەخسۇس توختالغانىدىم. بۇ ھەقتە تەپسىلىرەك جاۋاب ئېلىشنى ئويلايدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇ كىتابقا مۇراجەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇشبۇ سۆھىبىتىمىزدە كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلۇم ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي. مەن كىتاب كىتاب تاللىغاندا بۈيۈك ئادەملەرنىڭ، پىشقان ئالىم، نادىر يازغۇچى ۋە سىستېمىلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ كىتابلىرىنى تاللاشنى ئاساس قىلىمەن. ئامېرىكا يازغۇچىسى مارك تېۋىن: «بۈيۈك ئادەملەر بىزدىمۇ بىر بۈيۈك روھنىڭ يوشۇرنۇپ ياتىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە بىزنى بۈيۈك ئادەملەردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ» دەپ يازغانىدى. گەرچە بۈيۈك ئادەملەردىن بولۇشقا قىزىقمىساممۇ، ئەمما مەندە ۋۇجۇدۇمدىكى قېزىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قېزىشتىن ئىبارەت بىر ساددا ئىستەك لاۋۇلدايدۇ. بۇ ئىستەك مېنى دەۋرداشلىرىم ۋە قۇرداشلىرىم يازغان كىتابلارنىلا ئەمەس، كىلاسسىك نادىر كىتابلارنىمۇ ئوقۇشقا رىغەتلەندۈرىدۇ.
   ئاندىن مەن ھەرقانداق بىر كىتابنى ئوقۇغاندا ئاۋۋال بۇ كىتابقا نېمە ئۈچۈن قىزىقىپ قالغانلىقىمنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن. ئاندىن شۇ سوئال ئاساسىدا كىتابنى تولۇق ئوقۇماي تۇرۇپ باشتىن ئاخىر ۋاراقلاپ چىقىمەن، ئاندىن مۇندەرىجىسى، مۇقەددىمىسى، خۇلاسە قىسىمىنى باشتا ئوقۇۋالىمەن. ئارقىدىن ئۆزۈم قىزىقىۋاتقان نۇقتىلارغا ياندىشىدىغان بابلىرىنى چۇڭقۇرلاپ ئوقۇيمەن. مېنىڭچە، ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېڭىدىن ئوقۇشقا كۆنگەنلەر باشتىن – ئاخىر بىراق ئوقۇپ چىقىش ئىستكىدە بولسا ئاسان ھېرىپ قالىدۇ. كىتاب ئوقۇشتا قوللانغان يەنە بىر خىل ئۇسۇلۇم بولسا كىتاب خاتىرىسى تۇتۇش. بۇ خاتىرىگە كىتاب ئوقۇش داۋامىدا ھېس قىلغان مەسىلىلىرىم ۋە ئىلھاملىرىمنى خاتىرلەيمەن. بۇنداق بولغاندا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىتابنىڭ ئەسلى مەزمۇنى ئېڭىمدا خىرەلەشسىمۇ، ئالغان ئىلھاملىرىم ئەسلىمەمدە ساقىلىنىپ قالىدۇ. ئىلمىي، سىستېمىلىق كىتابلارنى ئوقۇغاندا چوقۇم ئاستىغا سىزىپ، كىتابقا سوئال قويۇپ ئوقۇيمەن. بۇنداق ئوقۇغاندا كېيىنچە مۇشۇ كىتابلاردىن پايدىلىنىش زۆرۈريىتى توغۇلغاندا ۋاقتىمنى تېجىۋالالايمەن.
   ۋاقىت باشقۇرۇش مەسلىسىگە كەلسەك، مەن ئىزدىنىشچان ياشلىرىمىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئۆزىدە كۈچلۈك ۋاقىت ئېڭى يېتىلدۈرۈشىنى ۋە ۋاقىت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى ئۆمۈر ئەسلىدىلا مەۋھۇم بىر ئوقۇم. ئۇ كونكىرىت يىللار، ئايلار ۋە كۈنلەردىن تەركىب تاپىدۇ. شۇڭا ۋاقىت باشقۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىش ھەرگىز ئۇشۇقچە ئىش ئەمەس. چەتئەللەردە ئۈنۈم قوغلىشىدىغان كىشىلەر ۋاقىت باشقۇرۇش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. مەن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ۋە چەتئەللەردە ئوقۇش داۋامىدا بەش مىنۇتلۇق ئىشلار، 15 مىنۇتلۇق ئىشلار، يېرىم سائەتلىك ئىشلار، 90 مىنۇتلۇق ئىشلار تۈرى بويىچە ۋاقىت تەقسىملىدىم. ئىشلىرىمنى سائەتكە قاراپ تۇرۇپ قىلدىم. ئاندىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە رەتكە تىزىۋالدىم. بىر كۈندە قىسقا ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلارنى ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكىگە كىرگۈزدۈم، شۇ ۋاقىتتا قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى جايىدا قويۇپ، يەنە بىر يېڭى ئىشنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قىلىشقا تىرىشتىم.
   يېزىقچىلىق ئۇسۇلى مەسلىسىگە كەلسەك، ئۆزۈم قىزىققان تېمىلاردا يېزىقچىلىق قىلغاندا بىرلا قېتىمدا ئولتۇرۇپ تۈگىتىۋېتىشنى ياكى سىجىل ئولتۇرۇپ ئاخىرىغا چىقىرىۋېتىشنى ئويلايمەن. يېزىپ بولغانلىرىمنى قايتا – قايتا تۈزىتىمەن. يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا ئوقۇرمەن نېمىنى ئويلايدۇ، ئوقۇرمەننى زېرىكتۈرۈپ قويۇۋاتامدىم – يوق دېگەنلەرنى ئويلايمەن. ھېسبايانلىرىمدا ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن خىيالەن دېئالوگ مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشىمەن. ئىلمىيلىكى كۈچلۈكرەك يازمىلىرىمدا ئوقۇرمەننىڭ ھېسىياتىنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمەيمەن. سەۋەبى ئىلمىي يازمىلاردا ئاپتور ئۆز نۇقتىينەزىرىنى ئوچۇق، لوگىكىلىق يوسۇندا ئوتتۇرغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەريان ئوقۇرمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى كۆتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئىلمىي يازمىدا بىزنىڭ ئوقۇرمەن بىلەن تۇرۇۋاتقان نۇقتىمىز ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ساپلا ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇشقا كۆنگەن ئوقۇرمەن مېنىڭ ئىلمىي يازمىلىرىمدىن ھوزۇرلىنالماسلىقى مۇمكىن. يېزىقچىلىق قىلىدىغان مۇھتىمنى ئېلىپ ئېيىتسام، تۇرۇۋاتقان ئورنۇمنى يۆتكەپ يېزىقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈمەن. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا قەھۋەخانا، كىتابخانا، كۇتۇپخانا، ئىشخانا ۋە باغچا ئارلىقىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ خېلى كۆپ يازمىلارنى يازدىم، بۇنداق قىلىشىمدا بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن يېزىقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش مۇددايىممۇ بار.
   تەپەككۇر ئۇسۇلۇمغا كەلسەك، ئۆزۈمنى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلغىنىمدا، ئۆزۈم ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي كونتىكىستتىن خىيالەن ھالقىغان ھالدا پىكىر يۈرگۈزىمەن. چۈنكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ، تۈزۈلمىنىڭ، ھوقۇق سايىسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغاندا ۋە ھالقىيالمىغاندا روھ بۇغۇچلىنىدۇ؛ پىكىر بەرباتلىقى يۈز بېرىدۇ. بىزدە پىكىر قىلغاندا، ئۆزۈمىزدىن ھالقىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك ئۆزۈمنى چۇڭقۇر پىكىر قىلىمەن دېگىنىم ئەمەس. چۇڭقۇر پىكىر ئادەمدىن مول بىلىم زاپىسىلا ئەمەس، يۈكسەك جاسارەت ۋە ھالقىما ئۆزلۈك تەلەپ قىلىدۇ.
    ئىككىنچىدىن، يازغانلىرىم ئىلمىي ماقالە بولمىسىلا ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن ئانالىتىك تەپەككۇرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، ئامېرىكا مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن ئەندىزە بويىچە پۈتۈنلەي نەزەرىيەۋى تەپەككۇر بويىچە ئەسەر يازسام ئوقۇرمەنلەرگە قۇرغاق تويۇلۇشى تۇرغانلا گەپ. پۈتۈنلەي ھېسسىي تەپەككۇر بويىچە ئەسەر يېزىشنىمۇ خالاپ كەتمەيمەن ھەم پەقەتلا ھېسسىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇمايمەن. ئۈچۈنچىدىن، مەن تەپەككۇر قىلغاندا چاتما تەسەۋۋۇر قىلىشقا بەكرەك كۈچەيمەن. ئېھتىمال بۇ مېنىڭ ئىلگىرى ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغانلىقىمدىن بولسا كېرەك. بۇ ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمەنكى، تەپەككۇرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز يەنە تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىمىزنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز لازىم. تەسەۋۋۇر بىلەن تەپەككۇر بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ.
    تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر ھەققىدە ئويلانغىنىمدا بىر ئىشلارنى ئالدىن قىياس قىلىشقا، يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى ئالدىن خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىپ باقىمەن. گەرچە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلىشكە بەندىنىڭ قۇربى يەتمىسىمۇ. قىيىن مەسلىلەر توغرىلىق پىكىر قىلغىنىمدا ئاۋۋال يۈرىكىمنى بويسۇندۇرۇشقا ۋە قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى بەزىدە قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشتە ئادەمگە مېڭە ئەمەس يۈرەك، ئەقىل ئەمەس قىزغىنلىق ياردەم بېرىدۇ.
ئەلسۆيەر: ئامېرىكىدا ئوقۇش جەرياندا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي كىملىكىڭىز بىلەن جەمئىيەتشۇناستىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كىملىكىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇش كۆرۈلدىمۇ؟ ئەگەر كۆرۈلگەن بولسا، بۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟
ئۆزباش: ئارزۇ ئادەمنى ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ، ھەرىكەت ئادەمنى يېڭى ئارزۇغا يېتەكلەيدۇ، بۇ بىر بالانىستلىق جەريان. بۇ جەرياندا بىزنى يېڭى قىيىنچىلىقلار ۋە يېڭىچە مەنزىللەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن ئىنگىلىز تىلىنى چەتئەلگە چىقىمەن دەپ ئۆگەنگەن ئەمەس، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنى ئۆگىنىمەن دەپمۇ ئۆگەنگەن ئەمەس. ئىنگىلىز تىلى دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار مەندىن نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. مەن ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردىميۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ بەزى جاۋابلىرىدىن قانائەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەندىم، كېيىن بۇنىڭ جاۋابلىرى جەمئىيەتشۇناسلىقتىن تېپىلدى. جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن پەننىڭ بارلىقىنى 2005 – يىلى ئاڭلىدىم، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق پەننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇ جەرياندا چەتئەلگە چىقىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن، ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىم بار ئىدى، دەرس ئۈتۈشۈمنى كۈتىۋاتقان. ئۇلارنى تەربىيلەشمۇ مەن ئۈچۈن شەرەپلىك خىزمەت ئىدى. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاشلاشنىمۇ خالىمايتىم. شۇڭا 2006- يىلى مەندە چەتئەل ئونىۋىرسىتلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ بېقىش ئارزۇسى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلىزتىلىدىن ئايىلتىس ئىمتىھانى بەردىم. ئەڭ ئاۋۋال ئەنگىلىيەگە ئۆز پۇلۇم بىلەن ئوقۇش توغۇرلۇق ئىلتىماس ئەۋەتتىم. 2006- يىلىنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ئونىۋىرسىتىتلىرىدىن نوتتىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چاقىرىق كەلدى. لېكىن ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشۇمغا توغرا كېلەتتى. بۇ ئوقۇشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ پۈتكۈزدۈم. شۇ ئارلىقتا مەن خەلقئارالىق فورت ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. فورت مۇكاپاتى خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى بۇلۇپ، ھىندىستان، جۇڭگۇ، مىسىر قاتارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چەتئەلدە ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاز ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، فورت مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. 2007 – يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئامېرىكىغا قاراپ ماڭدىم. بۇنىڭ بىلەن، ئۆز كەسپىمدىن خىزمىتىمدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. 2009- يىلى 12- ئايدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئاسپىرانتىلىقنى تاماملىدىم. 2009- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا شەرق – غەرب تەتقىقات مەركىزى (ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارمىقى بار) ماڭا تۇلۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەردى.
  دېمەك، پۇرسەت ئىزدىنىش ۋە يارتىشنىڭ بىرلىكىدىن دەيدۇ بىر دانىشمەن. پۇرسەت بىزنىڭ ئىزدىشىمىزنى، ئىزدىنىشىمىزنى، يارتىشىمىزنى كۈتىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن بىز پۇرسەتنى ئۆزىمىز يارتىشىمىز لازىم. پۇرسەت بىر يەردە بار، ئۇ بىزنىڭ كۈزىتىشىمىزنى، تېپىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش مەسلىسىدە 2008- يىلى بىر قارارغا كېلىپ بولغان، 2009- يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئالدىم، 2010- يىلىدىن باشلاپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا كىرىپ كەتتىم.
ئامېرىكىغا تۇنجى بارغاندا ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە غەلىتە ھېسىياتلاردا بولدۇم. «ئۆزلىك گىرۋەكلىرى» دېگەن كىتابىمدا يازغاندەك مەندە مەدەنىيەت ئەندىكىشى بولدى. مەسلەن، مەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ھەيران قالدىم.مەسلەن، چىرايلىق قىزلارنىڭ ماشىنىدا ئىتلارنى سۈيۈشىنى كۆرۈپ قۇبۇل قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشخانىلاردا، ئۇ يەردە كوللىكتىپ ئاشخانى ئۆزىمىز تاماق ئىتىپ يەيمىز، لېكىم ھەممە خۇرىچلار، ھەممە پۇراقلار بار. دەسلەپتە بۇنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم. ئۈچ تۆت ئاي نۇرغۇن نەرسىلەرگە كۈنەلمىدىم.ئاپتۇبوس يېرىم سائەتلەردە كېلىدۇ، ئاپتۇبوس ساقلاش ناھايىتى ئازاپلىق. بۇرۇن مەن تاماق ئېتىپ، كىر يۇيۇپ باقمىغان، بۇ ئىشلار ھەممىسى ئۆزۈمگە قالدى. بۇنىڭ بىلەن مۇستەققىل ئادەم بۇلۇشنى ئۆگەندىم. ھاۋايدىكى ھاياتىم ھاياتىمدىكى تۆتىنجى پەللە، بۇ جەرياندا مېنىڭ ئۆزلىكىم قايتىدىن لاھىيلەندى. مەن يېڭى تەرەقىياتلارغا يېڭى چۈشىنىشلەرگە ئېرىشتىم، لېكىن بۇرۇنقى ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم. لېكىن مەن بۇ جەرياندا يېڭىچە ئۇقۇملارنى، يېڭىچە مەزمۇنلارنى ئۆگەندىم. تەبىي ھالدا بۇرۇنقى چۈشىنىشلىرىمدە، بۇرۇنقى قاراشلىرىمدا ئۆزگىرىش بولدى.
ئامېرىكىدا ئىنگىلىز تىلىدا قىينالمىدىم دېسەم مۇبالىغە بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ئانا تىلى ئىنگىلىزتىلى بولغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئوقۇش ئاسان ئەمەس، ئۆزىمىز ئوقۇغان ساھەدە يېڭى بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا قويمىساق بىزگە دوكتورلىقىنى بەرمەيدۇ. 100 ئادەم ئوقۇسا 70 ئادەم ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ، 30 ئادەم ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي قايتىپ كېلىدۇ. سەۋەبى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە يوق، دەرس ئوقۇش بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسىرتاتسىيە بولمىسا دىپلوم بەرمەيدۇ. بۇ جەرياندا جىق قىينالدىم. چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىماھى پەندىكى ئەڭ تەس كەسىپلەرنىڭ بىرى. شۇڭا سىز ”جەمئىيەتشۇناسلىق نېمە دەيدۇ“ دېگەن كىتابنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنەلمەيسىز. چۈنكى ئۇ داڭلىق مۇتەپپەككۇرلار، داڭلىق جەمئىيەتشۇناسلار چوڭقۇر ئىزدىنىپ ئوتتۇرغا قويغان نەرسىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنىڭغا ئۇنى مۇۋاپىق تەييارلىق بولمىسا بىز چۇشىنەلمەيمىز. لېكىن ئۇنىڭدا قانۇنىيەت، ھېكىمەتلەر بار. شۇڭا ماڭا تەس كەلگىنى ئۆزۈمنىڭ كەسپى بولغان جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ خاس تېرمىلىرىنى، خاس نەزىريىۋى سېستىمىلىرىنى، خاس مىتودولوگىيسىنى چۈشىنىش بولدى. مىتودولوگىيىسىنى ئۇقمىسام، نەزىريىۋى سېستىمىسىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنەلمىدىم. شۇڭا مىنىڭ 2008- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان ۋاقتىم ناھايىتى چوڭقۇر ئازاب، قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ ئىچىدە ئۆتتى. لېكىن مەن ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىپ چىقتىم. سەۋەبى مەن ئۆزۈم يالغۇز بولغانلىقىم ئۈچۈن مەن پۈتۈن ۋاقتىمنى ئۆگىنىش بىلەن، ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزدىم، ھەم ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم. 2009- يىلىدىن باشلاپ ھېچقانداق قىينىلىش بولمىدى. ماگىستىرلىق دىسسىرتاتسىيەنىمۇ ياخشى يازدىم، دىپلومنىمۇ ئالدىم، ئىلگىرلىشىم تېز بولدى. يېقىندا مەن ”دوكتورلۇق ئوقۇشۇمدىن خاتىرلەر“نى يازدىم. دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش بىر داۋان، بۇ داۋانلار، بىرىنجى داۋان، دوكتورلۇق پىروگىراممىسىغا كىرىش. بۇنىڭدا ماگىستىر بۇلساقلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئىمتىھانلىرىنى ناھايىتى قاتتىق ئالىدۇ. كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنجى داۋان بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئىككىنجى داۋان، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن سالاھىيەت ئىمتىھانى ئالىدۇ. بۇنىڭدا بىز ئۆزىمىز ئوقۇغان كەسىپتىن چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ ئېلان قىلغىلى بولىدىغان ئىككى پارچە ئىنگىلىزچە ماقالە يازىمىز. ئۇنى بەش پرافىسور بىر ھەپتە كۆرۈپ پىكىر يېزىپ، باھا يازىدۇ، ئۈتەلمەي قالساق يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئۈتەلمىسەك دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسىدىن چېكىنىمىز. مەن ئۇنىڭدىن 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆتتۈم. ئۈچىنچى داۋان، ئونىۋىرسال سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى. شۇ دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسىدىن ئۆزىنىڭ ئىلىم ئەھلى بولماقچى بولغان كەسىپتىن ئىككىنى تالايمىز. مەسلەن، جەمئىيەتشۇناسلىقتا 30 تىن 40 قىچە تارماق پەنلەر بار. مەسلەن، ئىقتىسات جەنىيەتشۇناسلىقى، مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقى، تارىخ جەمئىيەتشۇناسلىقى دېگەندەك. ئۇنىڭدىن ئىككى كەسىپنى تاللاپ بىزدىن شۇنىڭ ئەھلى بۇلۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ھەممىنى ئۆگىنىپ بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن شەھەر جەمئىيەتشۇناسلىقى بىلەن ئىقتىسات جەمئىيەتشۇناسلىقىنى تاللىدىم. چوڭقۇرلاپ ئۆگەندىم. تەلەپ شۇ ساھەدىكى چوڭقۇر مۇتەپپەككۇرلار بىلەن تۇنىشىش، چوڭقۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇش. ئاندىن كېيىن 60 تىن 100 گىچە ئەڭ داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ تىزىملېكىنى ئۆزىمىز تۇرغۇزۇپ پرافىسورلارغا ئەۋەتىمىز، ئۇلار تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاشۇ ئەسەرلەرنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە ئوقۇيمىز. بىر يىلدىن كېيىن ئىمتىھان ئالىدۇ. ئىمتىھان ئىنتايىن قاباھەتلىك ئىمتىھان. دۈيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېرىپ ئالتە سۇئالنى ئالىمىز. ئالتە سۇئالدىن تۆت سۇئالنى تاللىساق بولىدۇ، كېلەر ھەپتە دۈيشەنبە كۈنىگىچە يەتتە كۈن ئىچىدە بىز تۆت پارچە ئىنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىنى تاپشۇرشىمىز كېرەك. سۇئالارغا لوگىكىلىق ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. سۇئالارغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. ئاندىن كېيىن ئوقۇغان ئاتمىشتەك كىتابتىن ئىسپات ئېلىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىزنىڭ قۇرۇق گەپلىرىنى ساتساق بولمايدۇ.شۇنداق بولغاچقا بۇ ناھايىتى ئېغىر بىر ئىش. شۇڭا بۇ ئۈچىنجى چوڭ داۋان دېيىلىدۇ. ئونۋىرسال ئىمتىھان باسقۇچىدىن مەن 2011- يىلى ئۆتتۈم. بۇنىڭغا پىروفىسسورلارنىڭ بەرگەن باھاسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى. تۆتىنچى داۋان دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەنىڭ تەتقىقات پىلانى تۈزۈش. بىر تەتقىقات تېمىسىنى تېپىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئۈچ ئاي ئىزدىنىش كېرەك. نۇرغۇن تەتقىقاتلار قىلىنىپ بولغان. مەن «كوللىكتىپ رىشتە ۋە جامائەتچىلىك» دېگەن تېما ئۈستىدە ئىزدەندىم. بۇ جەرياندا «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «بۇلغانغان كىملىك»، «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز» قاتارلىق بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى يازدىم، ھەممىسى كىملىك ۋە كوللىكتىپ جامائەتچىلىككە دائىر ماقالىلەر، مەن شۇ تېمىلارنى تاللىدىم ۋە ئۇلارنى چوڭقۇرلاپ ئۆگەندىم. كىملىك تەتقىقاتى مېنىڭ مۇھىم تەتقىقاتلىرىمنىڭ بىرى. كىملىك قانداق شەكىللىنىدۇ، ئۆزلۈك قانداق پەيدا بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان مېنىڭ دىققىتىمدە بولۇپ كەلگەن مەسىلىلەردۇر. ئالتىنچى داۋان، دوكتۇرلۇق دىستېرتاتسىيەسى دىستىرتاتسىيەدە ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى يېڭى بىر تېما ياكى قاراشنى ئوتتۇرغا تاشلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ساھەيىدە يېڭى بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان تەلەپ بەك قاتتىق.2013 – يىلى 11 – ماي ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاملاپ، ئۇنۋان ئالدىم. ئۇنۋان ئالىدىغاندا زۇلپىقار بارات ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى دەپ ئېلان قىلدى، شۇ چاغدا بەك ھاياجانلاندىم.
   
سۆھبەت: چەتئەل قىزغىنلىقى ۋە رېئاللىقىمىز

   
   ئەلسۆيەر: جەمئىيەتشۇناس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قانداق قارايسىز؟ سىزچە شەھەرلىشىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى قايسىلاردىن ئىبارەت؟ ئارىمىزدا شىددەت بىلەن يامراۋاتقان چەتئەل قىزغىنلىقىغا بولغان قارىشىڭىز قانداق؟
   ئۆزباش: مەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ قىممىتىنى يوققا چىقارمايمەن، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇساق نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ، ۋەتەندە تۇرۇپ بايقىمىغان، ھېس قىلمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقاپ، ئۆگىنىۋالىمىز. بۇ بىزنىڭ يېڭىچە تونۇشلارغا كېلىشىمىزگە پايدىلىق. ئەپسۇس، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش باشقىلار بىلەن بەسلىشىش ئۈچۈن ياكى مودا قوغلىشىش ئۈچۈن بولسا توغرا بولمايدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى چېغىمدا ئامېرىكىنىڭ بوستۇن ۋە باشقا شەھەرلىرىدە، 15 – 14 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇچرىتىپ ھەيران قالدىم. ئۇ بالىلارنى ئاتا – ئانىلىرى پۈتۈنلەي پۇلغا زورلاپلا ئوقۇتۇۋېتىپتۇ. ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارغا يىغلىسىمۇ، خۇشال بولسىمۇ پۇل ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاشۇ بالىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن تولۇق كۇرستا ئوقۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ئامېرىكىدا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، ۋەتەندە تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلالمىغانلار، چەتئەلگە چىقىپ تېخىمۇ بىر ئىشنى قاملاشتۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئىسراپچىلىق، بالىلارنىڭ تەقدىرىنى دوغا تىككەنلىكتۇر. مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەس. چەتئەلنىڭ ئەڭ ياخشى مائارىپى ئاسپىرانتلىق مائارىپىدۇر. ئاسپىرانتلىق مائارىپىدا شۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تۇرۇپ ئوقۇغىلى بولىدۇ. مەسلەن، مەن دوكتۇرلۇقنى تاماملىغىچە يېنىمدىن بىر پۇڭ پۇل خەجلەپ ئوقۇپ باقمىدىم. ئەڭ قاملاشمىغان ئوقۇش ئاتا – ئانىسىنى قىيناپ، ئۇلارنىڭ پۇلىغا چەتئەلدە ئوقۇش. نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرنى چەتئەلدە ئۈچ – تۆت يىل ئوقۇتۇپلا ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن ۋەيران بولماقتا. ئىقتىسادىي ئەھۋالى پەۋقۇلاددە ياخشى ئاتا – ئانىلار بالىسىنى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا چەتئەلدە ئوقۇتماقچى بولسا، «بالام ئاتا – ئانا مېھىرىگە تازا مۇھتاج بولۇۋاتقان مەزگىلدە چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، بىزدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ يەردىكى تۇرمۇش بېسىمىغا پىسخىكا جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلەمدۇ – يوق؟ چەتئەل تۇپرىقىغا ماسلىشالامدۇ – يوق؟» دېگەن مەسلىلەرنى ئوبدان ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان مەسلىلەرنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن نەچچە توم كىتاب يازسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىر جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسلىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاشكارە، بەزىلىرى يوشۇرۇن بولىدۇ. مەيلى قەشقەر ياكى خوتەن ۋە ياكى دىيارىمىزنىڭ باشقا يۇرتلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىز بولسۇن، ئۇلار ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان مەسلە زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسلىسىدىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. قاراپ باقىدىغان بولساق، ھازىر بىز زامانىۋىيلىشىقا ئەگىشىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىزدىن ياتلىشىۋاتىمىز. مەسلەن، ئۆيلىرىمىزدىن ئاپتوۋا، چىلاپچا قاتارلىقلار قول – ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرىمىز بارا – بارا چىقىپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىسكەرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى چەكلىنىپ قالدى. كۆپىنچىلىرىمىز دوپپىلىرىمىزنى توي – تۆكۈن، نەزىر چىراقتىن باشقا چاغلاردا كىيمەس بولدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دوپپىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى خىرىسقا دۇچ كەلدى. مېنىڭچە، بىز ئەنئەنىۋى قول – ھۈنەرۋەنچىلىكىمىزنى ساقلاپ قالماقچى بولساق، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىمىزنى ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ سېتىۋېلىپ ساقلىشىمىز لازىم.
   بىزنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن يەنە بىر كىرزىسىمىز كىملىك كىرزىسىدۇر. مېنىڭچە، باشقىلارنى قارىغۇلارچە دوراشقا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى بىز ئاسمانغا چىقىپ كەتسەكمۇ، ئالەمنىڭ چېتىدىكى دۆلەتلەردە ياشىساقمۇ، ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي كىملىكىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بىز يىلتىز تارتقان دىيار تەكلىماكان دىيارى، بۇنداق بولغانىكەن بىز كىملىك مەسلىسىدە چۇڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك.
   
  تىل ۋە رېئاللىق

   
   ئەلسۆيەر: ئەينى يىللىرى «سەرخۇش» ئىنگىلىز تىلى كۇرسىدا ھەپتىدە دېگۈدەك نۇتۇقلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ھەر قېتىملىق نۇتۇق بىزگە ئۆزگىچە ئىلھاملارنى بېغىشلايتتى. شۇنداق چاغلاردا سىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئېشىش بىلەن بىللە، نۇتۇق قابىلىيىتىڭىزگە ھەۋەس قىلاتتۇق. سىزچە، كىشىلەر قانداق قىلغاندا نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن نۇتۇقنىڭ قانداق رولى بار دەپ قارايسىز؟
   ئۆزباش: مەن دوكتۇرلۇقنى تاماملىغىچە بولغان ئالتە يىلدا ئاساسەن نۇتۇق سۆزلىمىدىم. بىراق 2003 – يىلىدىن 2007- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە «قۇرۇۋاتقان تەپەككۇر دەرىخى، قاچان كۆكلەيسەن»، «كۆڭلىمىزدىكى بىز، ئەمەلىيەتتىكى بىز»، «ئىنگىلىزتىلى، جاننى نىمانداق قىينايسەن؟» قاتارلىق بىر يۈرۈش نۇتۇقلارنى سۆزلىگەنىدىم. شۇ جەرياندا مېنىڭ نۇتۇق قابلىيىتىم ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغانىدى. مېنىڭچە، نۇتۇق بىر جەمئىيەتنىڭ لاھىيەلىنىشىدە، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەلۇم بىر مەنىدىن ئېيتقاندا بىزنىڭ قەلبىمىز ۋە ئۆزلىكىمىزنى ئاڭلىغان نۇتۇقىمىزنىڭ مەسئۇلى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرقى تىل پەلسەپىسىنىڭ جۈملىسىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىساق، رېئاللىق تىلنىڭ، سۆزنىڭ، شۇنداقلا نۇتۇقنىڭ مەسئۇلى. شاھانە ئەسىرىمىز «قۇتادغۇبىلىك» تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز سۆز ھەققىدە ئوبرازلىق قىلىپ «ئەقىل كۆرىكى تىلدۇر، بۇ تىل كۆرىكى سۆز، كىشى كۆركى يۈزدۇر، بۇ يۈز كۆرىكى كۆز» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقانىدى. دېمەك، بىز سۆزلەۋاتقان گەپنىڭ قانداق بۇلۇشى ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بىز تىل ۋە نۇتۇق جەھەتتىكى ئاساسىمىزنى بالدۇر باشلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىل ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئۇقۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ياخشى ئەسەرلەر روھىمىزنى تاۋلايدۇ.
   يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتساق، نۇتۇق ئىچىمىزدىن، يۈرىكىمىزدىن چىقىدۇ. نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرمەكچى بولغانلار، بىرىنچىدىن، ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، داڭلىق ناتىقلارنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىشى كېرەك. «نۇتۇق سۆزلىگەندە ھېسىياتنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك، جۈملىنى قانداق تەشكىللەش كېرەك؟ كەيپىياتنى قانداق كونتىرول قىلىش كېرەك» دېگەندەك بىر قاتار مەسلىلەرنى داڭلىق ناتىقلار بىزگە ئۆگىتىدۇ. مەسلەن، مەن ئامېرىكىدا ئوبامانىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىدىم. ئاتاقلىق ناتىقلار سۆزلىگەن نۇتۇقلارنى توپلىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەن داڭلىق ناتىقلارنىڭ تەرجىمھاللىرىنى ئۇقۇيتتىم، سەرخىل نۇتۇقلارنى ئاڭلايتتىم. ئۈچىنچىدىن، يالغۇز قالغاندا مەشىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان ئېسىل نۇتۇقلار مەشىقنىڭ مەسئۇلى. ئۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا، ئائىلىدە داۋاملىق سۆزلەپ تۇرساق نۇتۇق قابىلىيىتىمىز ئۆسىدۇ. مېنىڭ قوللانغان ئۇسۇلۇم، يالغۇز قالغانلىرىمدا ئەينەك ۋە تامغا قاراپ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشىق قىلىمەن. ئەينەك ۋە تام بىزگە نۇتۇق سۆزلەشنى ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى «ئۇستاز» بولالايدۇ. چۈنكى بىز ئەينەك ۋە تامغا قاراپ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشىق قىلغاندا، بىز ھەرقانچە ئازساقمۇ، ئۇلار بىزنى مەسخىرە قىلمايدۇ. سۆزلەش، ئىپادىلەش جەريانىدا بىزنىڭ تۇيغۇمىز يېتىلىدۇ. ئەينەككە قاراپ سۆزلەش جەريانىدا ئۆزۈمىزنىڭ چىرايى ۋە كىيىنىشىگە قاراپ مەمنۇنلۇق كەيپىياتىغا چۆمكەلسەك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئۆزىمىز لىنتىغا ئېلىپ ئاڭلاپ بېرىشىمىز كېرەك. مەنمۇ ئۆزۈم سۆزلىگەن نۇتۇقلارنى لىنتىغا ئېلىپ، قايتا – قايتا ئاڭلاپ بېرىمەن. بۇ جەرياندا ئۆزۈمنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىمنى بايقاپ، تۈزىتىمەن.
   
«ئىلىم چېيى» زۆرۈرىيىتى

   
   ئەلسۆيەر: سىز «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى» ناملىق كىتابىڭىزدا «ئىلىم چېيى»، «پىكىرلىشىش چېيى» قاتارلىق چاي شەكىللىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋىي چاي شەكىللىرىمىزنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىپتىكەنسىز، بۇ ھەقتە كۆز قارىشىڭىزنى بىلىپ باقساق؟
   ئۆزباش: خەلقىمىز ئارىسىدا دوست – يارەن، خىزمەتداش، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئايدا بىر ياكى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە بىر يىغىلىپ قاتار چاي ۋە ياكى تۈرلۈك زىياپەت شەكىللىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادىتى شەكىللەنگەن. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتار چايلار ئاللىبۇرۇن تۇرمۇش شەكلىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇنداقتا ھازىر بىز ئۆتكۈزۈۋاتقان قاتار چايلار قانداق شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ؟ مېنىڭچە بىزنىڭ قاتار چايلىرىمىز ئاساسەن 10 – 20 ئادەم بىر سورۇنغا يىغىلغاندىن كېيىن، ئۆز – ئارا كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇنىڭدا ئىلىم ھەققىدە، يېقىندا جەمئىيىتىمىزدا بولۇنىۋاتقان ئىجادىيەت ۋە پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، خەير – ساخاۋەت، مائارىپ ئىشلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر بولۇنمايدۇ ياكى يوقنىڭ ئورنىدا بولىنىدۇ، ھەتتا كۆپىنچە قاتار چاي سورۇنلىرىمىز غەيۋەتخورلار سورۇنى ياكى ئىچەرمەنلەر پوزۇلىغا ئايلىنىپ قالغان، نۇرغۇن پىتنە – پاساتلار، ئۇرۇش – جېدەللەر شۇ سورۇندا چىقىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن قاتار چايلاردىمۇ كىملەرنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسكەنلىكى، كىملەرنىڭ كۆپ پۇل تاپقانلىقى، كىملەرنىڭ كىيىۋالغان كىيمىنى قەيەردىن سېتىۋالغانلىقى، تۈنۈگۈن قايسى ماركىلىق ھاراقنى ئىچكەنلىكى قاتارلىق يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن نەچچە سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبلىكمۇ ئېيتاۋۇر قەلەمكەشلەر «قاتار چايمۇ، خاتا چايمۇ» دېگەندەك ماقالىلەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ قاتار چايغا بولغان نارازىلىقىنى ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.
   بىر جەمئىيەت كىچىك – كىچىك مىكرو سورۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ، مىكرو سورۇنلارنى ئىسلاھ قىلالىساق، ياخشىلىيالىساق ئۇنداقتا پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئاستا – ئاستا ياخشى يۆلىنىشكە قارىتىپ ئىلگىرلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇملاشقان بۇ خىل قاتار چاي ۋە ھەرخىل زىياپەتلەرنىڭ شەكلى، مەقسىدە يېڭلىنىش بولۇشى كېرەك. بىز «ئىلىم چېيى»، «پىكىرلىشىش چېيى» قاتارلىق يېڭىچە چاي شەكىللىرىنى تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، بۇنى جەمئىيەتتە بىر تۈرلۈك ساغلام بولغان مەنىۋى ھاۋاغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ زىيالىلار، كۆپرەك كىتاب ئوقۇيدىغانلار باشلامچى بولۇپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش تەشەببۇسىنىڭ باش ئاغرىتىدىغان قۇرۇق شوئار ئەمەسلىكىنى، ئەمەلىيلەشتۈرسە ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدىنىشنى خالايدىغان ياشلار «ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى» تەشكىللەپ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرسا ھەم ئۆزىدىكى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىسىسزلىك تۇيغۇسىغا خاتىمە بېرەلەيدۇ ھەم كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ، كۈنسېرى ئۆزگىرىۋاتقان دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىيالايدۇ.
   
مەن ئاشۇ جاپالارنى قانداق يەڭدىم

   
  ئەلسۆيەر: زۇلپىقار مۇئەللىم، بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، سىز يېقىندىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ۋەزىنلىك يازمىلارنى يېزىش ھەمدە «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» قاتارلىق چۇڭقۇر پىكىرگە تۇيۇنغان ئىلمىي كىتابلارنى خەلقمىزگە تەقدىم ئېتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى زەرەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرىنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ بالىلىق كەچۈرمىشلىرىڭىز، شۇنداقلا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىڭىزدىن قىسقىچە خەۋەردار بولۇش ئىستىكىدە يۈرگەن دوستلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن، ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى بايانلىرىڭىزدىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى گادىرماچ، تەخمىنىي سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
  ئۆزباش: بولىدۇ. مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام كىتابخۇمار، ئىلىمسۆيەر كىشىلەر ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن قۇيۇق كىتابلار ئارىسىدا چوڭ بولغانىدىم. مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان جەرياندا «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق نۇرغۇن كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئائىلە مۇھىتمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى ئانام ياكى ئاتام بولسۇن كۆپ كىتاب ئوقۇشىمىزغا ئىلھام بېرەتتى. ئائىلىمىزدە يەتتە ئوغۇل، ئىككى قىز بۇلۇپ، ئوغۇللارغا بولغان تەربىيە ناھايىتى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرەيلەن خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئاتا – ئانىمىز ھەممىمىزنى قۇشۇپ تەنقىتلەيتتى ياكى قەيەردە خاتا كەتكەنلىكىمىز ھەققىدە تەربىيە ئىشلەيتتى. ئاتام شۇنداق قاتتىق قول بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كىتابخۇمارلىقى ۋە ئىلىمسۆيەرلىكى بىزگە مىراس بۇلۇپ قالدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىمدىلا ئاتامنىڭ كىتاب ساقلاش ئادىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن قىلغان ئىنتىزام تەربىيەسىمۇ ھازىرغىچە بولغان ھايات مەنزىللىرىمدە كۆپ قېتىم كۈچىنى كۆرسەتتى.
ئائىلىمىزدىكى پەرزەنتلەردىن تۆتىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، بىرىمىز شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، يەنە بىرىمىز شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىسات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقىدۇق. كەسىپلىرىمىز ۋە قىزىقىشلىرىمىز ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئۈچۈن كىتاب ۋە بەزى مەزمۇنلۇق تېمىلار ھەققىدىكى مۇلاھىزلىرىمىز ئۈزۈلمەيتتى. مەسلەن، بىزنىڭ «سۇ بويىدا» رومانىدىكى پالۋانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرنى دوراپ ئۆي ئىچىدە، ھويلىدا، ھەتتا دەريا بويلىرىدا ئۆتكۈزگەن قىزىقارلىق سەرگۈزەشتلىرىمىز بولغان. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۇچتۇرپاننىڭ گۈزەل سەھرالىرىدا ئەڭ گۈزەل بالىلىق ئەسلىملىرىم قالغانىكەن. بۇ جەرياندا بىر قورساق قېرىنداشلىرىم ۋە شۇ ۋاقىتتىكى سەبداشلىرىم، تەڭتۇشلىرىم بىلەن بولغان قىزغىن مۇھاكىملەر ئۆزلۈكىمنىڭ يېتىلشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپتىكەن.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئوتبېشى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم. تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مەندە ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇش توغرىسىدا ھېچقانچە چۈشەنچە يوقتى، لېكىن مەندە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزىقىش ۋە ئىخلاسمەنلىك بار ئىدى. ئېنىق ئېسىمدە، شۇ ۋاقىتتا گوگولنىڭ «تاراس بولبا»، ئونتول قەدرىنىڭ «جىنايەت ۋە نەپرەت»، ئىران يازغۇچىسى مىرزان مۇشۋۇ كازمىنىڭ «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق ئەسىرلىرىنى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىن ئوقۇغانىدىم. ئۆيدە ئاتام «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولاتتى. مۇھەممەت باغراشنىڭ 1986-يىل «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ سىناق سانىدا ئېلان قىلىنغان «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارچۇغىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋىستىنى شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇغانلىقىممۇ ئىسىمدە. 1987 – يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر لەڭپۇڭخانىدا ئولتۇرۇپ يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ «يىتىمنىڭ سەرگۈزەشتىسى» ناملىق پوۋىستىنى ئوقۇغانلىقىم ھەم ئېنىق ئېسىمدە. دېمەك شۇ يىللاردا ھېچقانداق بېسىمسىز، چەكلىمسىز ئوقۇغان ئاشۇ كىتابلىرىم، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىخلاسمەنلىكىم، قىزىقىشىم كېيىنكى ھاياتىمغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئەڭ ئاۋال ئاشۇ قىزىقىشلار مېنى بىر ئارزۇغا يىتەكلىدى، ئارزۇ مېنى ھەرىكەتكە ئۈندىدى. بۇ جەرياندا تەبئىي ھالدا مەندە بىر خىل مەمنۇنلۇق، قانائەت پەيدا بۇلۇپ، ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشىدىن رازى بۇلۇپ، ھېچقانداق بېسىمسىز، بۇيرۇقسىز ياكى چەكلىمسىز ھالدا ئۆزۈمنىڭ مەنا ئىزدەش سەپرىمگە ئاتلاندىم. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ بەختلىك چاغلىرىمنى ئۇچتۇرپان 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم دەپ ئويلايمەن. شۇ ۋاقىتتا بالىلارغا خاس رومانتىك ئەسلىملەر، بالىلارغا خاس بەزى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى مەندە سادىر بولۇپ باققان. ئەمما مەن ئاشۇ ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىنى تاكى 1992-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگۇ تىلى فاكولتىتىغا ئۆتكەنگە قەدەر شەكىللەنگەن ئۆزلىكىمدىكى ھالقىلىق بىر مەزگىل، ھالقىلىق بىر پەيت دەپ ئاتايمەن. ئۆسمۈرلۈك بالىلىق دەۋرىمىزدە ئەڭ ئاۋال قىزىقىشىمىزنى بالدۇر بايقىشىمىز ۋە پەرۋىش قىلىشىمىز زۆرۈر ئىكەن. كەسپىمىزگە بولغان چوڭقۇر ئىخلاسمەنلىك ۋە مۇھەببەت بىزنى پارلاق مەنزىللەرگە كۆكلىتىدۇ. بىز ئۆزىمىز قىزىققان ئىشتا تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرشىمىز، ئۆزىمىزنى شەرەپكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشىمىز لازىم. شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت بىزگە ئىللىق قۇچىقىنى ئاچىدۇ.
ئەلسۆيەر: ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق قىيىنچىلىق ۋە ئۇنى يېڭىشكە تەسر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللارنى قايسىلار دەپ قارايسىز؟ سىزچە ئۇيغۇر ياشلىرى قانداق قىلغاندا بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدىن قۇتۇلۇپ، پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتالايدۇ؟
ئۆزباش: قىيىنچىلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. نىيورۇك، ۋاشىنگىتون قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلار ئىش تاپالماي ھالسىرماقتا، ئىقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىنى قىينىماقتا، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلار خىزمەت تاپالماي، ئۆي ئالالماي، توي قىلالماي ھەسرەتلەنمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ئۈرۈمچىدىمۇ بار. قىيىنچىلىق مېنىلا بوزەك قىلىۋاتىدۇ. مەنلا قىيىنچلىق ئىچىدە قېلىۋاتىمەن دېگەن ئويدىن خالاس بولۇشىمىز كېرەك، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىز قىزىقىدىغان، پۇل تاپالايدىغان كەسپنى چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنەيلى، ئازابلىنىۋاتقان، چۈشكۈنلىشىۋاتقان ۋاقتىمىزنى بىر كەسپكە ئاتايلى. كاپىتال ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى ئىقتىسادىي كاپىتال، يەنە بىرى مەدەنىيەت كاپىتالى. مەدەنىيەت كاپىتالى سىزدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ. سىز ئىقتىسادىي كاپىتال تېپىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مەدەنىيەت كاپىتالىنى بېيىتىشىڭىز، جۇغلىشىڭىز، پەرۋىش قىلىشىڭىز كېرەك. مەدەنىيەت كاپىتالى دېگىنىمىز سىزدىكى سۆزلەش ئىقتىدارى، ئالاقە ئىقتىدارى، كەسپ ئىقتىدارى، سىزدىكى قىياپەت ۋە يۈرۈش – تۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىڭىزغا تەسر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز ئىشسىز قالغان، پۇل تاپالماي يۈرگەن چاغلىرىمىزدا مەدەنىيەت كاپىتالىمىزنى كۈچەيتەيلى، ئۆزىمىزنى تەربىيەلەيلى، ئۆزىمىز قىلماقچى بولغان كەسپلەردە چۇڭقۇرلايلى. بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرنى كۆزىتەيلى. يەنە بىرى شۇنداق چاغلاردا ئېسىل كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇيلى. چۈنكى روھىمىز گادايلاشقان، مەنىۋىيتىمىز قۇرغاقلاشقان چاغلاردا بىز يۆلىنىشىمىزدىن ئادىشىپ قالىمىز. دۇنيادا خار كەسپ يوق، شۇ كەسپنى خار قىلىدىغانلار بار. ئۈمىد بەختسىز ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىكى، بىز چۈشكۈنلەشكەندە مۇشۇ گەپنى ئېسىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتمىغان چاغلاردا چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز، دەل شۇ چاغدا سىز تەپەككۇرىڭىزنى، روھىيىڭىزنى ئۆلتۈرۋاتقان بولىسىز. ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى، ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ. ئۈمىدسىز ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن چىقىۋاتقان ئۈمىدسىزلىك نۇرى ئەتراپتىكىلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بىز چۈشكۈن ئادەملەردىن، چۈشكۈن كىتابلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز، چۈشكۈن گەپلەرنى تارقاتماسلىقىمىز كېرەك.
ئەلسۆيەر: ئاڭلىساق، سىز «ئۆزباش» دېگەن تەخەللۇسنى باشتا قوللانغاندا بەزى ئوقۇغۇچىلار سىزدىن «مۇئەللىم، نېمىشقا ‹ئۆزباش› دېگەن تەخەللۇسنى قوللاندىڭىز، سىز ئۆزبېشىمچىما؟» دېگەندەك سوئاللارنىمۇ سوراپتىكەن. نېمە ئۈچۈن «ئۆزباش» دېگەن تەخەللۇسنى قوللىنىشنى ئويلىنىپ قالغانىدىڭىز؟
ئۆزباش: «ئۆز باش» دېگەن بۇ ئىسىم ئەسلى تۈرۈكچىدىن كىرگەن، 2003- يىلى مەن داڭلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، داڭلىق پىداگوگ، تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىمنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى ژورنالدا كۆردۈم. فامىلە قوللانماقچى بولغانلارغا بىر قانچە ئىسىم تەۋسىيە قىلىپ تۈرۈكچە ئۆز باش دېگەن ئىسىمنى تەۋسىيە قىلىپتىكەن. بۇ گەپ ماڭا شۇنداق ياقتى، مەن ئۆزۈمنىڭ يۇركىدىن كەلگەن سادالارغا ئىشىنىمەن. بىرسى ماڭا بېسىم قىلمىسا، چەكلىمە قىلمىسا ئۆزۈم خالىغان نەرسىنى ياخشى ئۆگىنەلەيمەن. ئۆزۈمنى ئۆزۈم باشلايمەن. دېگەن مەنىدە ئۆز باش دېگەن ئىسىمنى قولانغان. بۇ تەخەللۇس ئەمەس، مەن تەخەللۇس ئىشلىتىشنى ياقتۇرمايمەن، «ئۆز باش» مېنىڭ فامىلەم. بۇ ئۆزۈڭنى باشلاپ ماڭ، ئۆزۈڭنى بىل دېگەن مەنىدە، يەنە بىر مەنىسى، ئەتراپىڭدىكى ئادەملەرنى يىتەكلە دېگەن مەنىدە. شۇڭا بۇ فامىلىنىڭ 10 يىلدىم بۇيان ماڭا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. بۇ تۈرۈكچىدىن كىرگەن سۆز بۇلۇپ ئۆزىنى يىتەكلىگۈچى، ئۆزىنى باشلىغۇچى دېگەن مەنىدە. يەنە قۇشۇمچە مەنىسى ئۆز سادالىرىغا قۇلاق سالغۇچى دېگەن مەنىدە. بۇ ھەرگىز ئۆز بېشىمچى دېگەن مەنىدە ئەمەس.
  ئەلسۆيەر: سىزنى ئىشتىياق، كەسىپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇئەييەن كۆزقاراشقا ئىگە دەپ قارايمەن، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەمسىز؟
  ئۆزباش: بولىدۇ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا تىل – ئەدەبىيات ۋە خەنزۇ تىلى دەرسلىرىگە بەكرەك قىزىقاتتىم. كېيىن بۇنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆردۈم. بىزنىڭ رېئااللىقىمىز ئەمەلىيەتتە سۆزنىڭ، تىلنىڭ رېئاللىقى. شۇنداق بولغانىكەن بىزنىڭ ئەدەبىي ئىپادىلەش قۇۋىتىمىز جەھەتتىكى تەييارلىقىمىز، تىل جەھەتتىكى تەييارلىقىمىز ۋە تىلنى قېتىرقىنىپ، چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىمىز كېيىنكى تەپەككۇرىمىزغا، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئىپادىلىشىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، مەيلى ماتىماتكا ياكى فىزىكىغا قىزىقايلى، مەيلى خېمىيەگە ياكى باشقا پەنلەرگە قىزىقايلى، پەنلەر ئىچىدە خار پەن يوق. پەننى خار قىلدىغىنى ئادەم. ئارىمىزدا خۇددى ئاياق ئالماشتۇرغاندەك نىشان ۋە غايىسىنى تولا ئالماشتۇردىغانلار بار، مېنىڭچە، نىشاننى مۇمكىن قەدەر بالدۇر تۇرغۇزىشىمىز لازىم. مەسلەن، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتنىڭ 1 – يىللىقىدىلا ئۆزىمىزنىڭ كېيىن ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسپتە ئوقۇيدىغانلىقىمىز ھەققىدە پىلانىمىزنىڭ ئېنىق بۇلۇپ كەتكىنى ياخشى. بىز قىزىقىدىغان ساھەلەردە نەتىجە قازىنىۋاتقان تەجرىبىلىك كىشىلەردىن ياكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن مەسلىھەت ئېلىش، مەسلىھەت ئالدىغانلارنى تاپالمىساق، شۇ ھەقتە يېزىلغان ئەسەرلەرنى تېپىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ساداسىغا قۇلاق سالساق نىشانىمىزنى بالدۇر بېكىتەلەيمىز. بىز بىر نىشاننى تۈزۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭغا قىزىقمىساق ياكى ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكى ئۇنىڭغا بۇيرۇق بەرمىسە، ئاخىردا يۈركىمىزنى قايىل قىلالمىساق بەرىبىر مەغلۇب بولىمىز. شۇڭا يۈرەكنى قايىل قىلىش، ئىچكى ھېسىياتىمىزنى ئاشۇ كەسىپكە بېرىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن كېتىدىغان قەدەم – باسقۇچلارنى ئېنىقلاش قاتارلىقلار مۇمكىنقەدەر ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا تاماملانغىنى ياخشى.
  ياراملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى بالدۇر بايقىشىغا، نىشانىنى بالدۇر تىكلىشىگە، شۇنداقلا ئۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان قەدەم – باسقۇچلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مانا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىم بولغان. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئابدۇقادىر ھەسەن مۇئەللىم، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دولقۇن مۇئەللىم قاتارلىقلارنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمەن.
  قىزىقىش، نىشان تۇرغۇزۇش مەسلىلىرىدە يالغۇز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى مۇھىم بۇلۇپلا قالماستىن، ئەتراپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار تېڭىرقىغان سۇئالارغا يۇلۇققاندا باشقىلاردىن سورىسا بولىدۇ، مۇبادا جاۋابىنى تاپالمىسا بۇ ھەقتە بۇرۇن يېزىلغان ئەسەرلەرگە مۇراجەت قىلىشى كېرەك. جاۋاب ھامان بىر يەردە بار، ئۇ بىزنىڭ ئىزدىشىمىزنى كۈتۈپ ياتىدۇ. مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىمدە جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇشۇمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان، بۇنداق بىر پەننىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، لېكىن مەن شۇ ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە چىقسام ئەدەبىيات ياكى خەنزۇتىلى كەسپىدە ئوقۇش توغرىسدا پىلان تۈزۈپ قويغانىدىم. كېيىن خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىمنى قۇشۇمچە پەرۋىش قىلىپ ماڭدىم. كېيىنچە قىزىقىشىمنىڭ ئەدەبىياتتىن ئەدەبىي تەرجىمىگە يۆتكىلىشىدىمۇ خەنزۇتىلى كەسپىدە ئوقۇشۇم سەۋەب بولدى. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدىن ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، قىزىقىشنى بالدۇر بايقاش، نىشاننى بالدۇر تىكلەش، ئۆز ساھەيىمىزدە ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ تەجىربىلىرىدىن ئۆگىنىش، ئەتراپىمىزدىكى ياراملىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ پىكىرلىشىپ تۇرۇش قاتارلىقلار كەسپ جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. مەسلەن، مەن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، شۇ مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم دولقۇن ياسىن مۇئەللىم مېنىڭ ژۇرنالغا ئەۋەتمەكچى بولغان ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ بېرەتتى. ئەسەرلىرىمنى قايسى مەتبۇئاتقا ئەۋەتىشىم كېرەكلىكى، قايسى ئەسەرنى قانداق يېزىشىم ۋە ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرەتتى. ئۇ ماڭا «مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشىش ـــ بىر جەريان» دېگەنىدى. بۇ ناھايىتى مۇھىم گەپ ئىكەن. چۈنكى بىز كۆپىنچە چاغلاردا تېز سۈرەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى ئۇزاق مۇددەتلىك بىر جەريان. بىز مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈزلىكسىز تىرىشچانلىقىمىز بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز زۆرۈر. ھايات ئەسلىدىنلا جاپالىق، ئۇنداق بولغانىكەن بىز ئەقىدە باغلاپ ئۇتۇق قازانماقچى بولغان ئىشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەگرى – توقايلىق جەريانلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدا تېز سۈرەتتە مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مەن ئۆز نىشانى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ نىشانىدىن ئاداشماسلىقىنى، ئۆزى قىزىققان كەسىپكە بولغان مېھرىدىن يانماسلىقىنى ۋە ئۆز ساھەسىدە چۇڭقۇر ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دولقۇن ياسىن مۇئەللىمنىڭ تەسىرىدە مەن خەمىد تۈمۈر ئەپەندىنىڭ مورفولوگىيە ھەققىدىكى كىتابىنى ئوقۇدۇم، ئۇ كىتاب ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شۇ چاغدا، دولقۇن ياسىن مۇئەللىم ۋە ئابدۇقادىر ھەسەن مۇئەللىمنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۇرلىرى گېزىتى» دە بىر تۈركۈم شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدۇردۇم. ئەسەرلىرىمگە كەلگەن قەلەم ھەققىلىرىمۇ ماڭا ناھايىتى چوڭ ئىلھام بولغان. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1995- يىلى 15 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا «ئاقسۇ گېزىتى» دىن 12 يۈەن قەلەم ھەققى ئالغانىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى 12 يۈەن قەلەم ھەققى ۋە ئۇنىڭ بەرگەن لەززىتىنى ھازىرغىچە چوڭقۇر ئەسلەيمەن. شۇ ۋاقىتتا، ئاتام بىلەن ئانام قولۇمدىكى 12 يۈەنگە قاراپ يىغلىدى، ئارقىدىن، مەرھۇم ئاتام ماڭا قاراپ «بالام تاشقا ئەجىر قىلىپتىكەن، ئاغىزى ئاشقا تېگىپتۇ» دەپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا يازغان ئەسەرلىرىمنى ئاتا – ئانام ناھايىتى ياخشى ساقلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلھام – مەدىتى كېيىنكى ھاياتىمغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مەن 1992- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە ئوقۇشقا كىردىم.
   1992- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلدىم. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى ماڭا شۇنداق ھەيۋەتلىك، جەزبىدار بىلىندى. لېكىن كۆزۈم ئالاچەكمەن بۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىزنىڭ فاكولتىتتا ناھايىتى قايناق مۇھىتلار بار ئىدى. فاكولتىت مۇدىرى راجى ئەھمەت مۇئەللىم، جۇڭگۇ تىللىرى فاكولتىتىنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىسى ئامىنە ئاپپاي قاتارلىقلارنىڭ ماڭا بولغان تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ بولدى. كەسپىم خەنزۇ تىلىغا ئائىت بولسىمۇ، ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىمنى پەرۋىشلەپ ماڭدىم. 1992 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدا مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا داڭلىق تەرجىمشۇناس توختى باقى ئارتىشى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ كىشى شۇ چاغدا ئۇنىۋېرسىتېتىت كۇتۇپخانىسىغا ئۆزىنىڭ «تەرجىمە تەجىربىلىرىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابىنى ئىزدىگىلى كىرگەنىكەن، بۇ كىتاب مەندە بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز كىتاب توغرىلۇق پاراڭلاشتۇق، بۇ جەريندا ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان تەرجىمە ھەققىدىكى بايانلىرى قەلبىمگە چۇڭقۇر تەسىر قىلدى. مەن 1993 – يىلى 6- ئايدا، چىخوپنىڭ ئىككى ھېكايىسىنى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندە، شۇ ۋاقىتتىكى تەھرىر، داڭلىق تەرجىمشۇناس ئازات ئالماس ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتى تەھرىراتى بۈلۈمىگە باردىم. تەھرىر بۆلۈمىگە تۇنجى كىرگەندىكى ئەنسىرەشلىرىمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن. ئەينى ۋاقىتتا داڭلىق تەرجىمشۇناس ۋە مۇھەرىر راخمان مۇھەممەت ئاكا ئىشخانىسىدا كۆزەينەك تاقىغان ھالدان ئولتۇرۇپتۇ. مەن «تەرجىمەم مۇھەرىرگە ياقمىسا مېنى تىللىۋىتەرمۇ» دېگەن ئەندىشە بىلەن ئىشخانىغا كىردىم. ئۇلار ماڭا «تەرجىمىڭىز ياخشىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى تەربىيلەيمىز، بىزگە ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرسىڭىز» دېدى ھەمدە تەرجىمەمدىكى ئىككى كەمچىل نوقتىنى كۆرسىتىپ بەردى. تەرجىمەم ژۇرنالنىڭ شۇ يىللىق 5 – سانىغا بېسىلىدىغان بولغانىدى. دېمەك مەن شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلالىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. راخمان مۇھەممەت ئاكا ۋە ئازات ئالماس ئاكىنىڭ قىزغىن يېتەكلىشى مەندە قايناق ئىشتىياقلارنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئارقا – ئارقىدىن ئەسەر تەرجىمە قىلدىم. شۇ يىلاردا جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلدۇردۇم. 1995 – يىلى ئامېرىكا يازغۇچىسى مىشىل زوھاننىڭ «ئۆلۈم ۋەھىمىسى» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇردۇم، بۇ دەل 20 ياشقا كىرگەن مەزگىلىم ئىدى. تۆت يىل جەريانىدا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىمنىڭ كۈچى بىلەن 1996 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم. دېمەك ھازىر ھاياتىمغا قاراپ باقسام تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سالغان ئاساسىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتتى. ئالىي مەكتەپتىكى ئىزدىنىشم خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا دەيمەنكى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىش بىر جەريان. خۇددى «تىرىشقان تاپار، تاشقا مىغ قاقار» دېگەندەك، مەن تىرىشىش ۋە قېتىرقىنىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئادەم. ئەدەبىي تەرجىمىنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىمەن. ھازىر گەرچە جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئىزدىنىۋاتقان بولساممۇ، دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەرنى ئىنگىلىزچە ئوقۇيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارىلاپ – ئارىلاپ بەزى داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىمەن. پات يېقىندا داڭلىق ئەسەرلەردىن بىر – نەچچىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش ئىستىكىدە تۇرۇۋاتىمەن.
   
http://bbs.bagdax.cn/thread-22478-1-1.html
2.jpg.thumb

Share
1641 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.