logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا « ئورۋېلچە تەقىپ سىستېمىسى » نى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك مىللەتلىرىنى ۋەھىشىيانە قىرغىن قىلىشى

تارىم تورغاق

خۇنپەر چېن چۇەنگو ئۆز خوجايىنى مۇستەبىت شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان يەرلىك مىللەتلەرنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تۈركلىرى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئنسانىيەتكە  قارشى سۇيىقەستلىك يوشۇرۇن پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىراپ- تېنەپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك، پايپېتەك ۋە ئالاق- جالاق بولۇپ، بىر تەرەپتىن شەھەر- كەنت ۋە يېزا – قىشلاقلاردا  ئىنتايىن ئىلغار  تېخىنىكىلىك نازارەت ئاپاراتلىرىنى ئورنىتىش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن- كەچكەنلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن كۆچا- كۈيلارنىڭ دوقمۇش- دوقمۇشلىرىدا ساقچى پونكىتلىرى قۇردى؛ ئادەملەر كېرىپ چىقىدىغان جايلارنىڭ ھەممە يېرىگە تەكشۇرۇش پونكىتلىرى ياساپ ، ئېلېكترونلۇق تەقىپ سىستېمىسى– سىكانېرلاش، يۈز تونۇش، ئاۋاز پەرقلادۈرۈش ئۈسكۈنلىرىنى ئورناشتۇرۇش ۋە كىشلەرنىڭ كۈندىلىك قاتناش ۋاستىلىرىغا ئىز قوغلاش ئۈسكۈنلىرىنى بېكىتىش ئارقىلىق « ئورۋېلچە » تەقىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ھەممە يەرنى تانكا – برونېۋىك ۋە تولۇق قوراللانغان ساقچى- ئەسكەرلەر بىلەن تولدۇرۇپ، تېز سۈرەتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ساقچى دۆلىتگە ئايلاندۈرۈپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار،سالار قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى (مۇسۇلمان تۈرك قوۋملىرى)، مۇسۇلمان توڭگان ۋە تاجىكلار، مۇڭغۇللار، شىبە،  داغۇر ۋە رۇس قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىپ، ھەر خىل قاتتىق سىياسىې باستۇرۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، ۋەھشىي ۋە دەھشەتلىك ھالدا ئولارغا قارىتا مىللەت كىملىكىنى– مىللەت روھىى، تىلى، دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، سىياسەت- مەمۇرىيىتى، ماكانى ۋە ئىقتىسادىنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ( خىتايلاشتۇرۇش ) ۋە ئىرقىي( ئېتنىك) قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشىنى پەللىگە چىقاردى.

« ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئىستاتېسكىلاردىن ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتە << جېيمىس تاۋن فوندى >>  ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017‏- يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن سېلىنغان خىراجەت ئالدىنقى يىلدىكىدىن 92.5 پىرسەنت ئېشىپ، 16.9 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلگەن. »، « << مالىيە ۋاقتى گېزىتى >> مۇخبىرى ئېمىلىي فاڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى قۇرغانلىقىنى، 2016‏- يىلىدىن بېرى رايوندا 7000 دىن ئوشۇق ساقچى پونكىتى تەسىس قىلغانلىقىنى، سېلىنىۋاتقان سېلىنمىنىڭ رايوندا ئىشقا ئېلىنغان 100 مىڭدىن ئوشۇق ساقچىنىڭ مائاش تەمىناتىدىن تارتىپ، يۇقىرىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە كامېرالارغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ».  يېقىندا كانادادا چىقىدىغان « << يەرشارى  ۋە پوچتا گېزىتى >>  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان راسخوتنى كانادا بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن ۋە خىتاينىڭ 2017‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان راسخوتىنىڭ پۈتكۈل كانادانىڭ ئۆتكەن يىللىق بىخەتەرلىك سېلىنمىسىدىن7 ھەسسە كۆپلۈكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئېتىلىشىچە، 2017‏- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا بىخەتەرلىككە سەرپ قىلىنغان پۇل سالامەتلىككە سېلىنغان مەبلەغدىن 2 ھەسسە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا سېلىنغان مەبلەغدىن 11 پىرسەنت ئېشىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپقا سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ  80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ».

خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى دارۋازىسىغا ئاتالمىش « قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى »، « كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش ئورنى » دېگەندەك ۋىۋىسكىلارنى ئېسۋالغان، ئەتراپنى تىكەن سىمللىق توسۇقلار بىلەن توسالغان، ئىچى ئۈستى تىكەن سىمللىق ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان، ئەتراپىدا قوراللىق ساقچىلار كۆزەتچىلىك قىلىپ يۈرىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىت شارائىتى ئىنتايىن ناچار بىر قاتار قانونسىز يېپىق جازا لاگېرلارنى ئەمىلىيەتتە تۈرمىلەرنى قۇرۇپ،  قانداقتۇر « دىنىي ئاشقۇنلۇق »، « دىنىي ئەسەبىيىلىك »، « بۆلگۈنچىلىك »، « ئىككى يۈزلىمىچىلىك » ۋە « مىللىي خاھىشى كۈچلۈك » دېگەندەك يوقىلاڭ، تايىنى يوق، تۇتامى يوق ۋە يالغان- ياۋىداق سەۋەپ – باھانىلەر ياكى يوق يەردىن چاتاق چىقىرىپ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلەپ، يوق يەردىن قۇسۇر تېپىپ، قىلدەك نەرسىنى پىلدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، تەيپۇنەم زامانىسىدىكى ئىشلارنى سۇرۈشتە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمىر- پارمانلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۆز ماكانىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپە- ئادەتلىرى بۇيىچە تىپتىنچ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان مىليونلارچە بىگۇناھ تۈرك مۇسۇلمان پوقرالارنى— ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، تاتارلار، سالارلار ۋە  مۇسۇلمان توڭگان ۋە تاجىكلار ھەمدە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى  ئەر- ئايال، ياش- قېرى، چوڭ – كىچىك، ئاغرىق – سىلاق دېمەي، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەي، كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، بۇ جازا لاگېرلارغا سۇلاپ، « مىڭە يۇيۇش » پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. « تۇتقۇن » لارغا سىياسىي ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەكشۇرۇش، قىزىل ناخشا ئېيتىش، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ھاكىممۇتلەق شى جىنپىڭغا رەخمەت ئېيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىتايلاشتۇرۇش مەشغۇلاتلارنى مەجبۇرىي قىلدۇرماقتا. ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پەرزلىرىنى ئادا قىلىش ۋە ھالال- ھارام  دېيىشلەرنى چەكلەش، يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى  ۋە تۇرمۇش ئۆرپە- ئادەتلىرىگە زىت بولغان چوشقا گۆشى يېيىش، ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشلەرگە زۈرلاش قاتارلىق ھەرخىل رەزىل ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ ، ئۇلارغا مىللىي زۇلۇم سېلىش ۋە ھەر خىل چىدىغۇسىز تەن جازالىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى مىللەت كىملىكىدىن (مەۋجۇتلىقىدىن) — مىللەت روھى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ماكان، سىياسەت- مەمۇرىيىتى، ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش ئۆرپە ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۇلارنى قىيىن- قىستاققا ئالماقتا. گۇندىپايلار ئۇلارغا تىل- ھاقارەت قىلىپ خورلىماقتا، مەس خىتاي گۇندىپايلار گۈناھسىز مەھبۇسلارنى ئۇركالتەك قىلىپ چىقىرتىپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ كۆڭۇللىرىنى ئاچماقتا؛ ئۇلارغا تاماق بەرمەسلىك، سۇ بەرمەسلىك ۋە تاھارەتخانىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىق قىلىمىشلىرى بىلەن قىيىنىماقتا؛ پۇت- قوللىرىغا كېچە- كۈندۈزلەپ كويزا- كىشەن سېلىپ قويۇش بىلەن بىرگە تامغا ئېسىپ قويۇش، سائەتلەپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش، خالىغانچە قىيناش، ئۇرۇش ۋە كېچە- كۈندۈز ئۇخلاتماسلىق قاتارلىق تەن جازالىرى بەرمەكتە؛ بىگۈناھ تۈتقۈنلار ھەرەج تارتماقتا.  لاگېردىكى بۇ بىگۇناھ تۇتقۇنلار « دۆلەت تىلى » ۋە قانۇن ئۆگىنىش ئۈچۈن ياتاقتىن سىنىپقا قوراللىق يالاپ ئېلىپ بېرىلماقتا، ياتاقلىرىدىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىش ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت يوق. مۇنچا، ھاجەتخانا ۋە كارىۋات ئۈستىدىمۇ 24 سائەت نازارەت قىلىنىشدەك ئېغىر ئىسكەنجىلەرگە يولۇقماقتا.  جازا لاگېرلاردىكى بۇ خورلاش، مىللىي زۇلۇم، ئاچ قىلىش، دەم ئالالماسلىق، ئادەمىنى خامۇش قىلىدىغان دۇرىلارنى بېرىش ۋە قىيىن- قىستاق قاتارلىق ئازاب- ئوقۇبەتلەر ۋە داۋالىنىش شارايىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ رۇھىي جەھەتتىن ئازابلىنىشى ۋە سالامەتلىكى ناچارلىنىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز سادىر بولماقتا.

قىسقىسى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلار خىتاينىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلاردا خىتاي دائىرلىرىنىڭ گۇندىپايلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن قىيىن- قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا ئۆچرىماقتا ، كۆپلىگەن بىگۇناھ تۇتقۇنلار  ئۆلتۈرۈلدى. مەشھۇر ئسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللانىڭ جەمەتىنىڭ ئۆچرىغان سەرگۈزەشتلىرى ۋە مېھرىگۈل 2015 يىلى 3- ئاينىڭ 15 كۈنى قاھىرەدە ئىككى ئوغۇل، بىر قىز، جەمئىي 3 كېزەك بالىسى بىلەن شەرقىي تۈتكىستانغا كەلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى جازا لاگىرلىرىنىڭ ئىچكى ئەمىلىي ئەھۋالىنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر. جازا لاگېرلاردا  «  ئىپادىسى ياخشى » دەپ قارالغان بىر قىسىم تۇتقۇنلار كەسىپكە چىقىرىلىپ، يەنىلا شۇ جازا لاگېر يېنىدا قۇرۇلغان فابرىكىلاردا ھەقسىز، قۇل ئۇرنىدا ئىشلىتىلمەكتە.

« < خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى 24 سائەتلىك ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. تۇتقۇنلار بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ۋە قولىغا كويزا سېلىنغان ھالەتتە لاگېردىن ئائىلىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن يەنە شۇ ھالەتتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن. >،< لاگېردا يېڭىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئائىلىسى بىلەن 24 سائەتلىك كۆرۈشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە لاگېردىن چىققان بىر خانىم بۇ پۇرسەتتە تۈركىيەدىكى تۇغقىنى – پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلىگە تېلېفون قىلىپ ئۆزى ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىن ئامان چىقىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خانىم لاگېردا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنى تىنىمسىز سوراق قىلىدىغانلىقى ۋە باھانە تېپىپ ئۇرىدىغانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ يەنە بەدىنىدىكى قىيىن- قىستاق ئىزلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن. > ».

« < قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا ، 2017- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىگە مال ئالغىلى كىرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىلا تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە لاگېر ئورنىدا قوللىنىۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە تۈرمىلەرنىڭ بىرىگە قامالغاندىن كېيىن، جىنايەتچىلەردەك قاتتىق مۇئامىلە، تىل- ھاقارەت ۋە ناچار تۈرمە شارائىتلىرى سەۋەبىدىن قان بېسىمى توختىماي ئۆرلەپ ئاغرىپ قالغان. دائىرىلەر 10- كۈنىگە بارغاندا ئاندىن ئۇنى تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكىگەن. > ،< گۈلباھار: << ئۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا ياتقاندىن تۈرمىدە ياتقان ياخشىراق. >> دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، بۇ جاينىڭ پەقەت ئىسمىلا دوختۇرخانا بولۇپ، ئىچىدىكى مۇئامىلە، باشقۇرۇش، شارائىت ھەتتا تۈرمىلەردىنمۇ بەتتەر. بىمارلار ئۇ جايغا قول ۋە پۇتلىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئاپىرىلغاندىن سىرت يەنە بۇ كىشەنلەر داۋالاش جەريانىدىمۇ ئېلىۋېتىلمەيدىكەن. ئاپتوماتلىق ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدىكى بۇ ئىسمى دوختۇرخانا بولغان جاينىڭ ياتاقلىرىمۇ كامېرغا ئوخشاش بولۇپ، قورشاۋ ئىچىدە باشقۇرۇلىدۇ، بىمارلار ئۆزىنىڭ كامېرىدىن سىرتقا چىقىرالمايدۇ، ھەتتا دوختۇرغا كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلىشتىمۇ پەقەتلا خىتايچە سۆزلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، دوختۇرلارنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ساقچىلارغا ئوخشاشلا قاتتىق ۋە رەھىمسىز. > > ».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۇمىنىڭ خادىمىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسىدە « < تۈرمىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كېچىدىكى بىر نەچچە سائەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئادەم ئەقلىگە كەلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن قىيناش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان . تۈرمىدە كامېرىدا پاكىزلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن جازالاش، تاياققا بېسىش ئىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. >، < ئۇ 6 ئايلىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاتالمىش << تەربىيەلەش مەركىزى >> گە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ يەردىمۇ يەنە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ھەرخىل خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ.  >  »  دەپ خاتىرلەنگەن .

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، « ئاقسۇدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرىدا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 7- 8 كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن جەسىتى چىققانلىقى، ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ جام بازىرىنىڭ تۈمەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى، 31 ياشلىق ئانا ئامىنە قادىر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئاندا- ساندا لاگېردىن قوتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى گۇناھسىز تۇتقۇنلارمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتمەكتە. تۈرمىلەردىن مۇددىتى توشۈپ چىققانلارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلىماقتا ئىكەنلىكى  مەلۇم بولغان. ».

ئۇيغۇر دىيارىدىن مەيلى چەت ئەلگە چىققانلىرى بولسۇن ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە جان بېقىش ئۈچۈن كەتكەنلەر بولسۇن، كۆپ قىسمى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەن  ۋە ئاتالىمىش « قايتا تەربىيەلەش » كە ئەۋەتىلگەن .

يەرلىك خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر، قازاق  ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەت كىشلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئۇچۇن ھىيلە- مىكىر ئىشلىتىپ، ھىلىگەرلىك بىلەن قىلتاق قۇرۇپ، ئادەملەرنى قاپقانغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ، ئاتالمىش « بۇرۇن قانۇنسىز ماتېرىياللارنى كۆرگەن ياكى قولىدا قانۇنسىز ماتېرىياللار بار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بېرىشى تەلەپ قىلغان.  ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرغان. ».  ئەمىلىيەتتە ،ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىلارنى شۇ زامان قولغا ئالغان.

« قەشقەردە بىر كىشىنىڭ دوستىدىن تاپشۇرۇۋالغان بىر دىنىي مەزمۇندىكى سىن فىلىمىنى ھۆكۈمەتكە ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلچىمۇ كەڭچىلىككە ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە ئاشۇ ماتېرىيالنى كۆرگەن قىلمىشى ئۈچۈن 15  يىللىق كېسىلگەن. 2016 ‏- يىلى قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئاھالىلەرنىڭ << مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنلىرى>> غا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان. كېيىن بۇ جايلاردىكى نوپۇسنىڭ 20- 30 پىرسەنتى تۇتقۇن قىلىنغان. قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىكى << مەسىلە تاپشۇرغان >> لاردىن بىرىنىڭمۇ يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سىرتىدا قالمىغان. ».

« ئاقتۇ ناھىيەسىى چارلوڭ يېزىسىنىڭ 1500 چە نوپۇسلۇق، پۈتۈنلەي قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان پايىز كەنتدىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېلېفونىدىن << چاتاق >> چىققان ئىكەن. »،«  ئۇرۇمچى  << مىراج  رېستوران >>  دا ئىشلەيدىغان  200 دەك ئىشچى- خىزمەتچىسىنى بىردەك تۇتقۇن قىلغان. ناھىيىلەردىن كەنت ۋە يېزىلار- قىشلاقلارغىچە قانچىلىك ئادەم تۇتۇش ھەققىدە ئوختۇرۇش چۆشۈرۈلگەن. ».

خىتاي ھۆكۈمدارلىرى يەنە خىتاي سۇلالەلىرى پادىشاھلىرىنىڭ « نەسلى- ۋەسلىنى قۇرۇتۋېتىش » تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇ مىللىي تۇتقۇنلۇقنىڭ دەرىجىسىنى چەكسىز كېڭەيتىپ، بىر ئائىلە ئەزالىرى ھاتتا ئۇرۇق- جەمەت بۇيىچە تۇتقۇن قىلىشقا يەتكۈزدى. چەت ئەلدە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بارلار، چەت ئەل بىلەن ئالەقىسى بارلار، چەت ئەلدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ياكى تونۇش كىشلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلەر، چەت ئەلگە چىققانلار، ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەنلەر، چەت ئەلدە تىجارەتچىلىك قىلغان ياكى قىلىۋاتقانلار، چەت ئەللىكلەر بىلەن توي قىلغانلار، چەت ئەلدە ئۇقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، چەت ئەللەردە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىستىقامەت قىلىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنماقتا.

بۇنىدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ  بەزى ئىستىبدات تۈزۈمدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆزئارا دوس تارتىشىپ، شۇ مەملىكەتلەردە ئۇزۇندىن بېرى ئىستىقامەت قىلىپ كىلىۋاتقان كىشلەر، تىجارەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ، ئولارنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ، قىيىن-  قىستاق قىلماقتا. ھەتتا  مىللىي جاسۇسلارنى چەت ئەلگە چىقىرىش ۋە چەت ئەلدە مىللىي جاسۇسلارنى سىتىۋېلىش ئارقىلىق چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان كىشلەر،ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، قانونلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە قانۇنسىز ھالدا ئىنفورماتسىيە تۆپلاشقا ئۇرۇنماقتا.

يەنە خىتاي دائىرلىرى بىرتەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان رەزىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ  خەلقئارادا پاش بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ راسۋا بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ نەپرىتىگە ئۆچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي »، « شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى »، « ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، « ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى »،« ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروېكىتى »، « شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى » ۋە « ئۇيغۇر يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» قاتارلىق قانونلۇق ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى  ۋە  غوللۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىغا « تېررورلۇق تەشكىلاتى » ۋە « تېررورچى » دېگەندەك ھەر خىل بۆھتانلارنى چاپلاش قاتارلىق رەزىل ئىشلار بىلەن ھەدەپ ھەپلەشسە ، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر ۋە سىياسي ئارباپلارنى ھەر خىل بولمىغۇر سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىمەكتە .

« < 8- كۈنى << زىمىستان >> تورىدا مەزكۇر تور بېكەتنىڭ دىرېكتورى، ئىتالىيەلىك ژۇرنالىست ماركو رېسپىنتى تەرىپىدىن يېزىلغان <<  مېنىڭ 10 نەچچە تۇققىنىم غايىب بولدى،< 11- سېنتەبىر ۋەقەسى> نىڭ يەنە بىر قۇربانى روشەن ئابباس >>  سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. >، < ماركو رېسپىنتى ماقالىسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش 21 يېشىدا ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە 30 يىلدەك ياشىغان، ئاللىقاچان چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئاپتور نۆۋەتتە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش << تەربىيىلەش مەركەزلىرى >> نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تارىختىكى ئەڭ زور ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.  > ».

قانۇسىز تۇتقۇن قىلىش بىمەنىلىكىتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا « شىنجاڭ ۋاقىتى» ئىشلەتكەنلەر، كۆرۈشكەندە  ئۆزئارا « ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە ۋەلەيكۇم ئەسسالام » ۋە « خۇداغا ئامانەت » دەپ قويغانلار ياكى يان تېلېفونىدىن «  قۇرئان كەرىم » نىڭ بىرەر- يېرىم پارچە ئايەتلىرى چىقىپ قالغانلار، ئويىدە ناماز ئوقۇغان بوۋاي- مومايلار، ھاتتا ساقال قۇيغان مويسىپىت كىشلارمۇ « دىنى ئەسەبىلىك » ياكى « دىنى ئاشۇنلۇق » ئىدىيەسى بار دەپ گۇناھلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا تاشلانماقتا. قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنىڭ دايىرىسى بارغانسىرى كەڭەيمەكتە، جازا لاگېرلىرى بارغانسىرى كۆپلەپ قۇرۇلماقتا. شۇ سەۋەپدىن تۈرمە گۇندىپايلار يېتىشماي قالغانلىقتىن خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا  « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » دىكى تۈرمىلەرگە زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان.  « ش ئۇ ئا ر تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى » نىڭ 27‏- ئۆكتەبىر خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمىلەرگە 1013 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىدىكەن.

« BBC  خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ( 2018- 10- 24 ) خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان BBC  مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ تەۋەلىكىدە 130 مىڭ كىشى سىغقۇدەك بىر لاگېرنى بايقىغان. بۇنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر بايقاش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر خەۋەردە بۇ يىل 4- ئايدا مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن سۈنئىي ھەمراھ بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق بايقالغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ لاگېر دەپ قارالغان داۋانچىڭ لاگېرىنىڭ  بۇ يىل 10- ئايغا كەلگەندە يەنىمۇ كېڭەيگەنلىكى، لاگېرنىڭ ئىلگىرى خەرىتىدىن بوش كۆرۈنگەن شەرقى تەرىپىنىڭ يەنە كۆپلىگەن 4 قەۋەتلىك بىنالار بىلەن تولغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، BBC مۇخبىرلىرى بۇ بىنالارنى رەسىمگە تارتىشقا تەمشەلگەندە، خىتاي ساقچىلىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتىنىڭ ئالدىنى توسقان  ۋە  ئۇلارنى  بۇ تەۋەلىكتىن يىراقلىشىشقا  بۇيرۇغان.     BBC   ئاگېنتلىقى داۋانچىڭ لاگېرىنىڭ سۈنئىي  ھەمراھ  خەرىتىسىدىكى   كۆرۈنۈشىنى  ئامېرىكىدىكى    بىنا     لايىھىلەش   ئىجتىمائىي  بىخەتەرلىك      ئورنىنىڭ

مۇتەخەسسىسى راپھائېل سپەررىيگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالغان. سپەررىي بۇ قۇرۇلۇشنى پەقەتلا قاماقخانىدا ئىشلەتكىنى بولىدىغانلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ ئاز قۇرۇلۇش چىقىمى بىلەن كىچىك ئورۇنغا كۆپ ساندا ئادەم سىغدۇرۇشنى پىلانلاپ سېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.  ئۇ بۇ لاگېرغا ئاز دېگەندە 130 مىڭ كىشىنى سىغدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە داۋانچىڭ لاگېرىنىڭ سىغىمچانلىق جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ زور قاماقخانا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ».

ئاۋسترالىيەدىكى « << ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى >> (ASPI) نىڭ 3 نەپەر تەتقىقاتچىسى 31‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار خەرىتىلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلات ئېلان قىلدى . دوكلاتدا 2017- يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 28 لاگېرنىڭ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، ئىككى مىليون كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغانلىقى؛ پەقەت يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىلا ئۇلارنىڭ كۆلىمى 700 مىڭ كۋادرات مېتىر ئاشقان. » .

« مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاتۇشتا بەش لاگېر بارلىقى، بۇ بەش لاگېرنىڭ ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سانائەت رايونىدا يانمۇ- يان ئورۇنلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى ئۆز كەنتىدىن ئەكېتىلگەن بىر تۇتقۇننىڭ 2‏- تەربىيەلەش مەركىزىدىكى 3513‏- ياتاقتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ 2‏- تەربىيەلەش مەركىزىدە 10 بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ».

نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقى 29-  نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بىر مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە « رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس مۇخبىر ئەۋەتىش ۋە گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى…. مەلۇم بولۇشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا ئىسپاتلار ئارقىلىق يىغىۋېلىش لاگېرى ئىكەنلىكى دەلىللىنىپ چىقىلغان 7 ئورۇنغا مۇخبىر ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان ۋە دەرۋازا ئالدىدا قوراللىق خادىملار ھەم شۇنداقلا كۆزىتىش مۇنارلىرى بار ئىكەن.  مۇخبىرلار بۇ ئورۇنلارغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ئانالىز ئېلىپ بارغان 39 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرى كورلا شەھىرىدە بولۇپ، كورلىدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدە 2 ھەسسە كېڭەيگەن، ئۇنىڭ بۇ يىل 8‏-  ئايدا تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 140 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغان.  بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، رايوندا يەنە 67 يېڭى لاگېر بىناسى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 210 مىڭ كۋادرات مېتىر ئىكەن. ».

« < خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە << قايتا تەربىيەلەش >> لاگېرلىرىغا قامىشى گۇندىپاي يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.>، < ئىتالىيەدە چىقىدىغان << زىمىستان >> ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر تۈرمە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قوغدايدىغان گۇندىپاي ياكى قاراۋۇل قوبۇل قىلىشتا قىينالماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ << كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >> ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئورۇنلارنىڭ تۈرمىدەك باشقۇرۇلىدىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. >، < << زىمىستان >>  تورىنىڭ 3‏- يانۋاردىكى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇندىپاي يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلالماي جەمئىيەتكە تۈرمە خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. >، < خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى كۆپلەپ تۈرمە خادىمى قوبۇل قىلىپلا قالماي يەنە ھەر قايسى ناھىيەلەرگە كۆپلەپ ساقچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. << زىمىستان >>  تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاتاۋ شەھىرى ئۆتكەن يىلى 12‏- ئايدا يۇقىرى مائاشلىق 200 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان.  ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە يوپۇرغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بۇ ناھىيەگە 200 نەپەر كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىدىكى << جېيمىس توۋېن فوندى جەمئىيىتى >> ناملىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2017‏- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىككە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ قىلغان پۇلى 3 ھەسسە ئارتقان. > ».

« رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6- نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق خىراجەتنىڭ ئومۇمى مىقدارى 2017- يىلى 20 مىليارد سوم ( ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ) ، يەنى 213 پىرسەنت ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان خام چوت ھەققىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ بولغان خىراجەتلەر ئاساسىدا  مەزكۇر خۇلاسىنى ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن فوندىنىڭ خادىملىرى ھېسابلاپ چىققان. ».

بۇ مىللىي تۇتقۇنلۇقنىڭ تۈپەيلىدىن كۈرمىڭ ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، تۆمەنلىگەن بالىلار- ئۆسمۇرلەر قارانچۇقسىز قالدى. ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى دارىلتاملارغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇشقا كىرىشتى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىگەلىشىچە، «  < يەكەن كاچۇڭ بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە 300 دىن ئارتۇق ئىگە- چاقىسىز بالىلار بار ئىكەن. ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى، 1- سىنىپتىن 5- سىنىپقىچە، ھەممىسى مەكتەپتە ياتىدۇ. ئاتا- ئانىلىرى ھەممىسى تەربىيەلەشتە.  قىيىنچىلىقى ھەر تەرەپتىن بار، لېكىن ھازىر ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى قىشلىق كىيىم- كېچەكلەر ئىكەن. يېتىم بالا قاتارىدىكىلەرنى ئىچكىرىلەردىكى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن  ئىكەن. >، < خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە قوش تىل مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ليۇ چاڭخەي ، جاۋ جىڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچى نامىدا يېقىندا <<  جۇڭگو سودا- شىنجاڭ ئۈندىدار توپ >>  دا بىر مۇراجىئەتنامە تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭدا << بىزنىڭ بۇ يەر بەك نامرات، مەكتەپتىكى بالىلار كىيىم- كېچەككە بەك ئېھتىياجلىق، چۈنكى ئۇلار بەك نامرات بولغاچقا كىيىم- كېچەك ۋە ئاياغ سېتىۋالالمايدىكەن. بولۇپمۇ قىشتا بۇ يەر نۆلدىن تۆۋەن 7 گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن 15- 16 گرادۇسقا چۈشىدۇ. بالىلارنىڭ كىيىدىغىنى يەنىلا شۇنداق نېپىز كىيىم- كېچەك، ئاياغلىرىنىڭ ھەممىسى يىرتىق، تۆشۈك، بىز مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىمىز بەك ئازابلاندۇق. مەن پەقەت ئازغىنە كۈچ بىلەن بۇ تېمىنى تارقاتتىم،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. >> >  دەپ يازغان. ».                ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ  ئۇيغۇر تور بېتىنىڭ 2018-  يىل 28-  دېكابردىكى خەۋىرىدە « بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر رەسىملىك ئۇچۇردا، بىر كىچىك بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ مۇزلاپ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا چوكانجىلغا كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا- ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل ئىكەنلىكى دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، 78 ياشلىق بوۋىسى تەرىپىدىن قارىلىۋاتقان بۇ بالا ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭدە مۇز تېيىلىپ ئويناۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە مۇزلاپ جان ئۈزگەن. ».

ھازىر  تۈركىيە ئىستابۇلدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان خىتايچە داۋيۇ دېتالى ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىيودىن تۈركىيىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كەتكەن ئۆز ئوغلىنى تونۇۋالغان. « < بۇ ۋىدىيودا 4 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا خىتايچە سۆزلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىسمىنى ئابدۇلئەزىز دەپ ئېنىق ئېيتقان. ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئۆز ئوغلىنى تونۇۋالغان. >، < ئابدۇراخماننىڭ ئىستانبۇلدا 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تۇغۇلغان ۋە ئىككى يىل ئاۋۋال ئاپىسى بىلەن يۇرتى ئاقسۇغا قايتقانچە خەۋىرى بولماي كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ئىكەن. >،< 15 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدىيودا « سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ قانچە ياشقا كىردىڭ؟ ۋەتىنىڭنىڭ نامى نېمە؟ ۋەتەننىڭ بايرىقىڭ قانداق؟ دەپ خىتايچە سورالغان سوئاللارغا خىتايچە چاققانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان قوي كۆزلۈك، بودرۇققىنە ئابدۇئەزىزنىڭ بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى ياكى يېتەكچىگە جاۋاب بېرىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى، بۇ قىسقىغىنە ۋىدىيونىڭ ئاخىرى تاماقنى نەدىن يەيسەن دېگەن سوئالغا بالىنىڭ يۆتىلىپ تۇرۇپ <<  ئەخلەت ساندۇقىدىن >>  دەپ بەرگەن جاۋابى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.> ».

ھەي، ياۋۇز شى جىنپىڭ، « ئىككى يۈزلىمىچى»  دېگەن سەن ئۆزەڭ.  چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىقساڭ، ساختىلىق قىلىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ كېتىسەن؛ ئەكسىچە، خىتايدا بولساڭ، مۇسۇلمان تۈرك بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ، بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە كۆيۈمچان ئاتا-  ئانىسىدىن ئايرىۋېتىسەن.  بۇ سەبىي بالىلار سىنىڭ ئارپاڭنى خام ئورغانمۇ؟!

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاۋام خەلقلىرىدىن ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەت ئۆتەلمەي جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن  تۆۋەندىكى كىشلەر ۋە  ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەمدە جەمەئەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆچرىغان  قىسمەتلىرىنى مىسالغا ئېلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن:

مەشھۇر ئسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللا نىڭ ئۇرۇق- جەمەتى بۇيىچە  تۇتۇن قىلىنىش پاجىئەسى، جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ھازىر تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلۋاتقان ئۆمەر بېكئالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا- ئانىسى ۋە قېرنىداشلىرىنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالى ؛ تارقاق ھەج قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان غۇلجىلىق 42 ياشلىق تىجارەتچى، كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ ( ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ) ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ قىسمەتلىرى، قەشقەرلىك تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراھمان ھەسەننىڭ 30 ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، پىنسىيەگە چىققان 69 ياشلىق ئانىسى ۋە ئايالنىڭ جازا لاگېرىدىكى خورلىنىشى،  خوتەنلىك تىجارەتچى ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتۇن قىلىنىشى، مۇيەسسەر مۇھەممەت 13 يىل بۇرۇن مىسىردا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپتە لاگېرغا كېيىن تۈرمىگە قامىلىشى ۋە مۇيەسسەرنىڭ ئاتۇشتىكى بارلىق ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىلگىرى- كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشى؛ ئاتۇش ئازاق يېزىلىق ئوقۇغۇچى ئىلھام قارى مىسردىن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئاتا- ئانىسى جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆزى جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى؛ ئىلھام قارىنىڭ ئانا تەرەپتىن ئابدۇغىنى، ھېكىمجان ۋەلى قاتارلىق قىرىنداشلىرى ئائىلىسى بۇيىچە تۇتۇن قىلىنىشى؛ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتاننىڭ ئاپىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ لاگېرغا سۇلىنىشى، بۇ يىل ئا قى شى كونگرىسى « خىتاي ئىشلىرى ئىجىرائىيە ھەيئىىتى » نىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن، ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىكتورى گۇلچېھرە قىيۇم خوجانىڭ ئۇرۇق- جەمەتىدىن 23 ئادەم تۇتقۇن قىلىنىشى؛ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە ھاممىسى ماھىنۇر ئابلىز تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىقلار. بۇ قانۇنسىز تۇتقۇنچىلىقتىن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەت ياكى تىجارەت بىلەن كەلگەن چەت ئەللىكلەرمۇ خالى بولالمىدى. قازاقىستان پۇقراسى ئومەر بىكالى بۇنىڭ  جانلىق تىپىك مىسالىدۈر.

ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ ئەبەدىي باش كۆتۈرۈلمەسلىكى ئۇچۈن خىتاي دائىرلىرى دىكتاتور ماۋزېدوڭنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، يەنە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۆمەنلىگەن خىتاي زىيالىيلىرىنى ئۆلتۈرگەن خىتاي ئىمپېراتورى چىن شې خۋاڭنىڭ تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان زىيالىيلارنى– دۆلەت مەمۇرىي ئىدارە – ئورگانلىرى، ئىدېئولوگىيە، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت- مائارىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت، رادىئو- تېلېۋىزىيە، ئاخبارات- مەتبۇئات، نەقلىيات، سودا – سانائەت، سەھىيە – تەنتەربىيە، پوچتا – تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى مىللىي سەرخىللەرنى  مەقسەتلىك ھالدا  قەستەن يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ، قۇسۇر تېپىپ، تەيپۇنەم زامانىسدا يۈز بەرگەن ھېچ بىر ئەرزىمەس يوق ئىشلارنى غەرەزلىك بىلەن سوراشتۇرۇپ، «  ئىككى يۈزلىمىچى »، « بۆلگۈنچى » ۋە « دىنىي ئاشقۇنچى » دېگەندەك بۆھتانلارنى چاپلاش بىلەن قولغا ئالماقتا. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىكى مەلوماتىدا 338 نەپەر سەرخىل ئۇيغۇر زىيالىسى تۇتۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي جازا ( يىغىۋېلىش ) لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن:  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى ( مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن )، «  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ( ش ئۇ ئا ر  مائارىپ نازارىتى ) » نىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، «  ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ سابىق باش كاتىبى ئالىمجان مەمتىمىن،« ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋېن مۇدىرى مەھەممەت ئېلى، « ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم،« شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى» نىڭ سابىق باشلىقى، يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي؛ «  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، پروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان، ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت؛ شىنجاڭ مېدىتىسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور خالمۇرات غۇپۇر ( ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، « شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى » نىڭ سابىق مۇدىرى، « ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ سابىق رەئىسى ئازات سۇلتان، « شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى » فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالدىن، «  قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى » نىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئەركىن ئۆمەر؛« ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى » نىڭ سابىق رەئىسى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، « شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسى » دىن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور مۇختەر بۇغرا، «  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى » نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئابلىز ئۆمەر، « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قوربان  مامۇت، ئىسلام دىنىي ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللا، « ش ئۇ  ئا ر مۇزېي » دىن ئارخېئولوگ قىيۇم خوجا ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى، ئوبزورچى يالقون روزى (مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن) ، غۇلجىلىق كارخانىچى ۋە ساخاھەتچى نورتاي ھاجى،  قەشقەر خىلىل خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل خېلىل، كارخانىچى ئامىنە ئابدۇلھەمىت (جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلدى)، تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ۋە « شاۋكەت كۆن- خۇرۇم شىركىتى » نىڭ باش دىرېكتورى شاۋكەت ئابلەت، كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل ( ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان) ، تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇراھمان ھەسەن، ناخشىچى ئابدۇررىھىم ھېمىت، ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن، ئارتىس ئادىل مىجىت، پۇتبول چولپانى ئىرفان ھېزىم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى « ساتتار ساۋۇت بۆلگۈنچى گۇرۇھى » دېگەنلەرنى ساختىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ « ئىككى يۈزلىمىچى » ۋە « بۆلگۈنچى » لارغا ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالارنى بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زىيالىلار قوشۇنىنى سەۋەرلىرىنى يۇقاتقان قۇشۇنغا  يەنى  سەركسىز بىر «  قوي پادىسى » غا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشنىڭ كويىدا بولماقتا. ھەمدە « ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك- پوك » دېگەندەك بۇ « بۆلگۈنچىلەر »  ۋە « ئىككى يۈزلىمىلەر » ھەققىدە ۋدېئو فىلىم ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، جېنىنىڭ بارىچە تەشۆىق قىلماقتا.

بۇ قانۇنسىز مىللىي تۇتقۇنچىلىقتىن يۈزىدە تۈكى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ھاتتا ئۆزى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت ئىشلەپ، ئولار ئۈچۈن كەتمەن چاپقان « ساداقەتمەن » مىللىي يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىمۇ مۇستەسنا قىلمىدى، چۇنكى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «شىنجاڭ » دا شەكىلى  « ستالىنچە  »، مەزمۇنى « ماۋزېدوڭچە »  ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.  دېمەكچى، « شىنجاڭ » دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كادىرلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن مىللىيلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىلا « ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق » بۇنداق « مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى » ئاستىدىكى بۇ  مىللىي كادىرلارغا ھېچقانداق ئېھتىياجى قالمىدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي كادىرلارسىز ھەر خىل قانونسز زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى ۋە خىتاي كادىرلىرىنىڭ زورلۇق- زومبۇلۇق ۋاستىلىرى ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنى بىۋاستە باشقۇرۇدىغان ۋەزىيەتنى ئاللاقاچان شەكىللەندۈرۈپ بۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاتتىباشلىرى چىڭ ئىمپېرىيىسى زامانىسىدا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن «  ئامۇرسانا ۋەقەسى »  نى تىخى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق.  « ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ، « ش ئۇ ئا ر   ھۆكۈمىتى » نىڭ سابىق رەئىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نور بەكرى؛ « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم » سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن ۋە « ئىلى قازاق ئوبلاستلىق پارتكوم » نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرلار تۇتقۇن قىلىنغان مىللىي يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

دۇنيا مەدەىنيىلىشپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتاي كومپارتىيسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ھالدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرى سۆلاپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك قېيىن- قستاق قىلىش ۋە ئۇيغۇر يېزىلىرى ۋە قازاق- قىرغىزلارنىڭ ئاۋۇل- قىشلاقلىرىنى قوراللىق ئەسكەر- ساقچىلار بىلەن قورشاپ، پۈتۈن يېزا بويىچە ئاھالىلارنى  قوغلاپ يۇرۇپ، چامغۇرنىڭ كوكىنى ئالغاندەك ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ جىناىي قىلمىشلىرى ( يەكەن « ئىقېلىشۇ پاجىئەسى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى) 1935 — 1937 يىللىرى ستالىننىڭ پۈتۇن سوۋېت ئىتتىپاقى مىقياسىدا يۈرگۈزگەن « تازىلاش » ھەرىكىتى ۋە گۇلاگ ( رۇسچە « لاگېرلار ۋە يىغىۋىلىش ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەمۇرىيىتى » دېگەن ئىدارە ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى ) ئاچقان جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە دەھشەتلىك دەرىجىسىدىن ئاللاقاچان ھالىقىپ ،2- جاھان ئۇرۇش مەزگىلىدىكى گېتلەر فاشىستلىرىنىڭ يەھۇدىيلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سۇلاپ ، قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن  پەرقلەنمەى قالدى.

« ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يىغىندا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى خېيلى خانىم : ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ : <<  بۇ ھازىرقى دۇنيادا كۆرۈلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك ئىنسانلارنى يىغىپ قاماش ھەرىكىتىدۇر.  ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور بىر قېتىملىقى بولۇشى مۇمكىن. >> دېگەن. نىككى خېيلى خانىم ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى قامالغان بۇ لاگېرلاردا قىيىن- قىستاق بارلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كومپارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ».

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرېۋ خانىم « ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان ئېغىر مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: << لاگېرلاردا يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ يەردە تۇتقۇنلارغا ئۇلارنىڭ كاللىسىنى تورمۇزلاپ خامۇش قىلىپ قويىدىغان دورا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئاياللارغىمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالدۇرۇلىدىغان دورا بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم .  يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىدۇر، مانا بۇلار بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا >> ،دېدى . ».

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىدىكى « خادىملار » تۇتقۇنلارنى تەجرىبىخانىلاردىكى « چاشقانلار » نىڭ ئورنىدا ھەر خىل دورىلار ۋە باستۇرۇش قورال ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۇرمەكتە.

« < 2013- يىلى 19- ئاۋغۇست تۇتۇلغاندىن كېيىن توختىماي سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلدىم. بەزىدە ئايدا، بەزىدە بىر قانچە ئايدا بىر قىلىنىدىغان قان، شۆلگەي ۋە تەرەت تەكشۈرۈش ماڭا پەقەت غەلىتە بىلىنمەپتىكەن. قۇلاقتىن ياكى بارماقتىن ئالسىمۇ بولىدىغان قاننى بىلىكىمىزدىن خالتىلاپ ئېلىشلار ماڭا نورمالسىز تۇيۇلغان ئىدى. پەقەت « قېنىمىزنى ئېلىپ ساتىدۇ، بۇ مەلئۇنلار دېگەندىن باشقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. كېيىنچە دىققەت قىلسام، ئاۋۋال دورا بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىدىكەن. بەزىدە ئىسمى نائېنىق دورىلار تارقىتىلاتتى ۋە ئۇزاق قالماي قان تەكشۈرۈلەتتى. ھەر تەكشۈرۈشتە بېرىلگەن دورىلاردىن كېيىن بەدەندە قانداق راھەتسىزلىك بولغانلىقى سورىلاتتى. مەن ھەر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋېتىپ ئۆزۈمنى تەجرىبە قىلىنىۋاتقان چاشقانلاردەك ھېس قىلاتتىم. >، <  تەجرىبىلەر بۇلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. 2014- يىلى 6- ئاينىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكى ئېسىمدە يوق. ئەتىگەن سائەت ئون بولغان چاغ بولۇپ ھاۋالىنىش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت بېرىلگەن ئىدى. تۇيۇقسىز << گۈم >> قىلىپ بىر نەرسە كامېرنىڭ كەينىدىكى ھاۋالانما ئۈستىدە پارتلىدى. كامېرنىڭ ئوچۇق ئىشىكىدىن كىرگەن گاز پۇرىقىدىن باشلار قېيىپ، كۆزلەر ياشلىنىپ، كېكىردەكلىرىمىز ئىچىشىپ كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئېسىمدە يوق، بىر چاغدا كامېرنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان كارنايدىن قاماقخانا باشلىقى شىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى.>، <  قانداقراق تۇيغۇدا بولدۇڭلار، كاتىپلار بىرمۇ بىر خاتىرىلىسۇن، ھوشىدىن كەتكەنلەر، قۇسقانلار، نەپىسى قىيىنلاشقانلار قانچە؟ تىزىملاپ خەۋىرىنى بېرىڭلار!  بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېسىمگە كېلىپ ئەتراپىمغا قارىسام، پاكىستانلىق مەھبۇس سەيپۇللا ھوشىدىن كېتىپ يېتىپتۇ. ئۈچ مەھبۇس خالانىڭ ئالدىدا قۇسقىلى تۇرۇپتۇ. قالغانلارنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، ياشاڭغىراپ كەتكەن، چىرايى تاتىرىپ ھالى قالمىغان ئىدى. كامېردا بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكى مۇنازىرە قىلىندى، 2009- يىلى << بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى >> دىكى پاجىئەگە شاھىت بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋالانمىغا چۈشكىنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىكەن.  > ».

قىسقىسى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈچۈن ياكى خىتايلىشىش ياكى يىغىۋىلىش لاگېرىدا  (تۈرمىدە)  يېتىپ ئۆلۈشتىن باشقا يول قالمىدى. گەپنىڭ پوسكاللىسى، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قىپيالىڭاچ  زوراۋانلىق  بىلەن قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىدە  شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىر مىللەت  سۈپىتىدە يوقىلىش گىردابىغا كۈنسايىن يېقىنلاشماقتا.

« 29- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە << خىتاي ئارخىپلىرى >>  ژۇرنىلى ۋە نيۇيوركتىكى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا << شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت >> ناملىق بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۈر سۆھبەتتە << تاشقى سىياسەت >>  ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھەررىرلىرىدىن جەيمىس پالمېر ئۆز سۆزىدە : <  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە گەرچە ھەممە مىللەتلەر ئورتاق مەۋجۇت بولغىلى بولىدۇ، ھەممە مىللەتلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا دۆلىتىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەيدىغان پىكىرلەر بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقاچان ئەمەلىيلىشىپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىت چوڭ خىتايچىلىق، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، باشقا مىللەتلەر بولۇپمۇ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى << ياتلار >>  ياكى << تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى >>  كېرەك بولغان كىشىلەر دېگەن تەشۋىقاتلار بىلەن سۈپەتلەپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. >،ئۇ يەنە < بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدە ناھايىتى ئېنىق بىر رادىكاللىشىش بار. جۈملىدىن ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، يەنى كىشىلەرنى خىتاي قىلىپ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر بىر ئىستەك مەۋجۇت. شۇڭا پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە ئانا تىل ئوقۇتۇشى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. >، < خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك مىللەت ئېڭى، يەنى << بىز خىتاي ئەمەس >>  دەيدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئاڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە << دۈشمەن >> دەپ ئېلان قىلغانلىقى، خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارنى <<  تېررورچى >>  دەيدىغان ئىدىيەنىڭ كەڭ تارقىتىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاخىرى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماشتەك ئاقىۋەت شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. >،< جەيمىس پالمېر سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى << خەتەرلىك >> دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتنى بىلمەيدىغان خىتاي خەلقىنىڭ ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. >  ».

خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ كەلتۇرۇپ چىقارغان ئاقىۋىتىگە– ھازىرقى زاماندا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسانىيەتكە قارشى مىللىي ئېزىش، ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي ( ئېتنىك)  قىرغىنچىلىق  ۋە مەدەنىيەت  قىرغىنچىلىققا بولغان دىققەت – ئېتىبارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇنداق جىناىي قىلىمشلارنى دەرھال توختىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرىنىڭ كۈنسىرى كۈچلىنىپ ياڭرىشى تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن جازا لاگېرىدىكى گۇناھسىز مىليونلارچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان تۇتقۇنلارنى تېزلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى باشلاۋەتتى.  خىتاي سوتچىلىرى بۇ بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى ئالدىراپ – سالدىراپ، تۈركۈم- تۈركۈملەپ سوتلاپ- كېسىپ، ئولارنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىمەكتە.

« زىمىستان » تور بېتىدە « شىنجاڭ » دىن ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن قانۇنسىز تۇتقۇن قلىنغان 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، سىچىۋەن، شەندوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى تۈمىلەرگە يۈتكەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

2018- يىلى سېنتەبردە قەشقەر توققۇزاقتىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسنىڭ چىچىخار شەھىرىدىكى تەيلەي تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن. « << زىمىستان >>  تورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى تۈرمىلەرگە يۈتكەنىلىكى ھەققىدە << باشقۇرۇش خادىملىرى بىردەك ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار مەسىلىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلدىكى تۈرمىلەردىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. >> » خەۋەرنى بەرگەن. « << زىمىستان >> تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئىچكى موڭغۇللۇق گۇۋاھچىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.».

« <<  زىمىستان >> تورىنىڭ 3- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ توڭچۇەن شەھىرىدىكى سۈيجياگو تۈرمىسىگە ئۈچ مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن يۆتكەلگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ « زىمىستان » تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۇتقۇنلار پۈتۈنلەي يېپىق پويىز بىلەن بىلەن ئاۋۋال شىئەن شەھىرىگە، ئاندىن ھەربىي يۈك ماشىنىسىدا سۈيجياگو تۈرمىسىگە توشۇلغان. خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۈچى يەنە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي كېچىسى يۆتكەلگەنلىكى ۋە دائىرىلەرنىڭ تۈرمىدىكىلەرگە بۇ مەھبۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە قاراپ سىر ساقلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان. »،« < << زىمىستان >> تورىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىن كۆپ ساندا مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى ۋە ئۇ يەردە غەيرىي ئىنسانىي تەدبىرلەر بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. >، < << زىمىستان>> تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن كۆپ ساندىكى مەھبۇسلار خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە تارقىتىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلار يۆتكىلىشتىن ئاۋۋال ئالاقىدار تۈرمىلەردىكى مەۋجۇت مەھبۇسلار باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەلگەن. تۈرمىنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكلىرى يېڭىلىنىپ ۋە قاتمۇ- قات پاياتلىنىپ، تۈرمە ئىچىنىڭ مەخپىيەتلىكى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتىلگەن.>، < << زىمىستان>> تورىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ تۈرمىلەرگە ئىسياندىن مۇداپىئەلىنىدىغان پولات ئەينەكلىك دېرىزە ۋە ئېلېكترونلۇق تۆمۈر ئىشىك قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بېكىتىلگەن. مەھبۇسلار كامېر ئىچىدىمۇ كويزا- كىشەنلەر بىلەن كۈن بويى ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. > ».

ھاتتا چەت ئەل پوقرالىرىمۇ كېسىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگىمۇ يۆتكەلمەكتە. بۇنىڭ مىسالى، تۈركىيە پۇقراسى خوتەنلىك ئايدىن ئۆزگۈر سۇدىگەر 10 يىللىق كېسىلىپ، لەنجو ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەرنىڭ بىرىگە يۆتكەلگەن.

بۇ يىلى ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ جەنىۋەدە ئېچلىغان يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دېموكراتىك غەرىپ دۆلەتلەر باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلدى ۋە تەنقىد قىلدى، ھەمدە  بۇنداق  ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش ۋە يېپىق جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە بۇ مۇسۇلمان مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز زىمىندا ئەركىن ياشاشقا يول قويۇشتەك بىر قاتار ھەققانىي يوللۇق سوئال – تەلەپلەرنى قويدى. لېكىن يېغىنغا قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆمەك باشلىقى جاۋاپ بېرىش يىغىنىدا، يۇزىنى داپتەك قىلىۋېلىپ،يېغىن ئەھللىرى « باغدىن » سورىسا، ئۇ «تاغدىن » جاۋاپ بېرىپ، « شىنجاڭ» دا ھىچ قانداق ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق ، دەپ پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، « « شىنجاڭ » دىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى پاراۋان ۋە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ، ئۇ يەردە جازا لاگېرلىرى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، دەپ گەپ سېتىپ، قىپقىزىل يالغان سۆزلىدى.

لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، « ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىي » بۇ جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بىر قارار ماقۇللاپ، بۇ جازا لاگېرلىرىنى قانۇنلاشتۇردى، ھەمدە ناھىيىدىن يوقۇرى مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ جازا لاگېرلىرى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. بۇ ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇنداق خەۋەر بەردى: « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ << دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى >> 2017‏- يىلى 1‏- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 9‏- ئۆكتەبىردە مەزكۇر نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، <<  قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى >>  نى قانۇنلاشتۇرغان.  شۇنىڭدەك  ھىجاپ، ساقال، روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، تارقاق ھەج قىلىش قاتارلىق بۇرۇن نورمال دەپ قارالغان نۇرغۇن دىنىي خاھىشلار قانۇنسىز دەپ بېكىتىلگەن ئىدى. ».

2018- يىلى 28- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى  ھۆكۈمدارى مۇستەبىت چېن چۈەگونىڭ « ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمەت يېغىنى » دا قىلغان سۆزىدە « شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 200 يىللىق كۈرەش نىشانىنى تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ، سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى يۈزلىمىچىلەر ۋە دىنى ئاشقۇنلارنى داۋاملىق قېزىپ چىقىرىش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش، پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش، ھەرقايسى مىللەت كادىر – ئاممىسىنىڭ توغرا بولغان دۆلەت ئېڭى، تارىخ ئېڭى، مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئېڭى، دىن ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، << شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش >>  قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن. ».

1 – نويابىر كۈنى « ش ئۇ ئا ر سىياسىي كېڭەشى» نىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدۇلمەجىن « تەڭرىتاغ تورى » دا « پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش چارىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە ئىجرا قىلىمىز » ناملىق بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئۇ « << خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىش >> نى قاتتىق تەكىتلىگەن. ئۇ  باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاتالمىش <<  ئۈچ خىل كۈچلەر >>  ۋە <<  ئىككى يۈزلىمىچىلەر >>  نى تۈپتىن يوقىتىش، داۋاملىق قېزىپ چىقىرىش، قاتتىق زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ».

« ش ئۇ ئا ر پارتكوم سىياسەت- قانۇن كومىتېتى » نىڭ مۇدىرى جۇ خەيلۈن يېقىندا چاقىرىلغان بىر يېغىندا كومپارتىيەنىڭ دىنغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى » رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ كارنىي ئارقىلىق زورلۇق- زومبۇلۇق تۆلۈپ تاشقان زۇلۇم زىندانىدىن ئىبارەت بولغان بۇ جازا لاگېرلىرىنى پەدەزلەپ «  شىنجاڭدا ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرىدە تېخنىكا ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە قانداق ئۆزلىشىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق لاگېر مەۋجۇت ئەمەس. << تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى>> گە قامالغانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان پەرقلەرنىڭ تولۇق ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك << ھەممە نەرسىنىڭ ھەقسىز بولۇشى >> تولۇق ئىشقا ئاشقانلىقى، كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تەلەپلىرى ئەڭ زور دەرىجىدە قانائەتلەندۈرۈپ كەلگەنلىكى؛ كۇرسانتلار مەززىلىك بولغان ھەقسىز غىزالارنى يېگەچ ياتاقلىرىدا تېلېۋىزور كۆرىدىغانلىقى؛ ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا دېگەنلەر تولۇق ئىكەنلىكى؛ يەنە بۇ جايلاردا يەنە ۋاسكېتبول، ۋالىبول، تىك- تاك توپ ئەسلىھەلىرى، قىرائەتخانا ۋە كومپيۇتېر زالى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئۆيلىرى بار ئىكەنلىكى   ھەققىدە ۋالاخشىپ،  بۇ << تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى >> نى  << قانداقتۇر بىر  ئارامبەخىش ياشايدىغان جاي >>   غا ئوخشىتىپ، ئوچۇقتىن- ئوچۇق قىپقىزىل يالغان سۆزلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان سىياسي باستۇرۇشىغا بولغان ئىزچىل قاتتىق نارازلىقى ۋە بۇ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدىكى كۆچلۈك تەلەپلىرىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدى.  ».

« < نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاقنىڭ قۇمۇلدا بىر ئۆمۈر دۆلەت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا- ئانىسى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن يەنى 2018- يىلى 11- ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. >، < زۇلخۇمار ئىسھاق رادىيومىزغا بەرگەن سۆھبىتىدە ئاتا- ئانىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ << مېنىڭ ئاتا- ئانام پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردا تېررورچىلارنى، رادىكاللارنى تەربىيىلەۋاتىمىز دېگىنى يالغان. مەن بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلايمەن. >>  دېگەن ئىدى.  > ».

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ۋە خەلقئارادا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پېنسىيىگە چىققان نازىرلاردىن يوقىرى دەرىجىلىك ھەر مىللەت « ئاقساقال » لىرىدىن تەشكىل تاپقان ئاتمىش تۆت كىشىلىك بىر ئۆمەك ئۇيۇشتۇرۇپ، خوتەندە ئالدىن پەدەزلەپ تەييارلاپ قويغان  ساختا بىر«  كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى  » نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۈرغان.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، « قايتا تەربىيەلەش مەركىزى » دەپ پەدەزلەپ كۆرستىشىگە قارىتا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچلىكى، دۇنيا جامائەتچلىكى، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق تاراتقۇلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى ۋە گېزىتلەر دەرھال كەسكىن جاۋاپ قايتۇرۇپ، بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ دەل ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىمەكتە. چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھ بەرمەكتە.  شەرقىي تۈركىستانغا بارغان چەتئەللىكلەر ئۇ يەردە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىمەكتە.

« بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بايمۇرات گۇچۇڭلۇق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بۇ ناھىيەدىكى خىتاي ج خ ئورگانلىرىغا ئىشلىگەن. ئۆتكەن يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان بايمۇرات يېقىندا « نيۇ يورك ۋاقتى » گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇچۇڭدىكى لاگېردا كۆرگەنلىرىنى ۋە قازاقىستانغا قېچىپ كېتىش سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. « نيۇ يورك ۋاقتى » نىڭ 2‏- فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بايمۇرات 2017‏- يىلى گۇچۇڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىپ، يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا قاراۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەكشۈرۈش بولۇپ، بىر كۈنى دائىرىلەر ئۇنىڭغا قولى كويزىلانغان 600 كىشىنى گۇچۇڭدىكى يېڭى سېلىنغان بىر لاگېرغا ياللاپ ئاپىرىش ۋەزىپىسى بەرگەن. ».

«< ئامېرىكىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيونىڭ بىلدۈرۈشىچە 1930 – يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىمۇ يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا لاگېرلىرىنى ئاقلاشتا دەل مۇشۇنداق تەشۋىقات ئۇسۇلى قوللانغان ئىكەن. ئۇلارمۇ ئەينى چاغدا بۇ لاگېرلارنى << كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى >> دەپ ئاتىغان ئىكەن. >، <  ئۇ بۇ ھەقتىكى سېلىشتۇرما رەسىمىنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن << ئوخشىمىغان ئىككى تارىخىي دەۋردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىق كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. >> >،<  ميۇنخېن سىرتىغا جايلاشقان داخاۋ جازا لاگېرلىرىغا ئائىت خاتىرە كۆرگەزمىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردا كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي تۇتقۇنلىرى لاگېرلىرىنى خىتايغا ئوخشاشلا زۇلمەتلىك ئورۇنلار ئەمەس، ئەكسىچە كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن كەسپىي تەربىيە ئالىدىغان جاي سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. >،<  ئەينى يىللاردا ناتسىستلار ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنى ئالدىن تەييارلانغان، سەھنىلەشتۈرۈلگەن جايلارغا غەلىبىلىك ھالدا تەكلىپ قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى رەسىمگە تارتقۇزۇپ خەۋەر ئىشلەتكەن. بىر قىسىم ئاخباراتلار ھەقىقەتەن بۇ تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىپ خەۋەر تارقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىر دەل مۇشۇ تەشۋىقاتنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن بۇ ئوخشاشلىققا دىققەت تارتىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئاخباراتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، ئۇلار ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا دۇنيا بۇ تەشۋىقاتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك. ».

« << ۋاشىنگتون پوچتىسى >> گېزىتىنىڭ << شىنجاڭدىكى گۇلاگلار >> سەرلەۋھىلىك تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاينىڭ « شىنجاڭدىكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار قامالغان گۇلاگلارنى (جازا لاگېرلىرىنى) ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ، بۇ ئورۇنلارنى << تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >> دەپ سۈرەتلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئورۇنلارنىڭ مەقسىتىنى << يېزىلاردىكى بىلىمسىز، قالاق ۋە نامرات ئاز سانلىق مىللەتلەر >> نى قۇتقۇزۇش، دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىدە ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن.  ماقالىدە  < < بۇ خىل چۈشەندۈرۈشكە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق- ئاشكارا سىغدۇرماسلىق، ئۇلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىشى ئېلىپ بېرىش يوشۇرۇنغانلىقى>>  بىلدۈرۈلگەن. ».

2018- يىل 26- دېكابر « < جورجۇ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شان روبېرتىس << شىنجاڭدىكى ۋەھىمە ۋە نەپرەت: 21 ‏- ئەسىردىكى ئېتنىك تازىلاش >> ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، لاگېر تۈزۈمىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سېلىۋاتقان زىيىنىنى ئانالىز قىلغان. >،< ئۇ لاگېر ئىچىدىكىلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر پسىخىكىلىق جازالارنى تىلغا ئالغاندا تۇتقۇنلارنىڭ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىدىيىلىرىنى يادلايدىغانلىقى، خىتايچە ئۆگىنىدىغانلىقى، ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدلەش، يېرىم كېچىدە قوپۇپ دەرس ئاڭلاش قاتارلىقلاردىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىنىڭمۇ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئىشارەتلىشىشىگىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بىر- بىر مىسال قىلىپ ئۆتكەن . ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى << مۇتلەق يالغۇز قالدۇرۇش ياكى مۇتلەق ئايرىۋېتىش >> نى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ تولىمۇ ئېغىر بىر خىل پسىخىك قىيناش ئىكەن. شۇڭا ئۇ لاگېردىكى بۇنداق << نورماللاشتۇرۇلغان >>  كۈندىلىك پسىخىك جازالاش پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەت ئەمەلىيەتتە تەن جازاسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغانلىقتىن لاگېرلاردا تۇتقۇنلار ئۇچراۋاتقان تەن جازالىرىدىن سۆز ئېچىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى مەخسۇس ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. >، < ئۇ لاگېر ئىچىدىكى تۇتقۇنلاردىن سىرت، لاگېر ئىچىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلار ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان بىر شارائىتتا كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن ئىبارەت بىر تەھدىت ئىچىدە ياشىشىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بېسىملىقىنى بايان قىلغان. >،< ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى شان روبېرتىسنىڭ ماقالىسىدە ھازىر پۈتكۈل بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچراۋاتقان ئېغىر روھىي زەربىنىڭ ياخشى يورۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى : << بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى ئېغىر روھىي زەربىنىڭ نورماللاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئادەتتىكى بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. مەنچە، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. دېمەك، ھېچكىم بۇ قورقۇنچتىن مۇستەسنا ئەمەس. نورماللاشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ پسىخىك جازانىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بېرىدىغان زەربىسىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ئېنىق. >>، << ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ >>، شان روبىرتىس بۇنى<< خىتاي ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى يوقاتماقچى دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلغان.>> >، ئۇنىڭ قارىشىچە، < خىتاي ئىسلامنى يوقىتىش، جەمئىيەتتىكى سىياسىي سادالارنى جىمىقتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالىنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇش، پەقەت دۆلەت قوبۇل قىلالايدىغان ناخشا، ئۇسسۇل ۋە مىللىي كىيىم- كېچەكلەردىن باشقا بارلىق ئۇيغۇر ماددىي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن. >، < ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پىلانى خۇددى ئۇلار قەشقەرنى بىر قۇرۇق مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ بىر سۈنئىي مەدەنىيەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتلەردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنى << ئىرقىي قىرغىنچىلىق >> نىڭ يېڭى بىر تۈرى ئىكەن. >،< شان روبېرتىس بۇنى مۇنداق ئىزاھلىغان: <<  بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەم 21‏- ئەسىرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى تەمىنلىگەن كونترول قىلىش ئىمكانىيىتى ھەم شۇنداقلا ئۆتمۈشتىكى ۋەھشىيلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن يېڭىچە بىر ئېتنىك تازىلاشقا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئوبيېكتى زېمىن بولماستىن، بەلكى شۇ ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر.  يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا يۈز بەرگەن ئىرقىي تازىلاشتا سېربلار شۇ زېمىندىكى باشقا مىللەتلەرنى تازىلىغان ئىدى، ئەمما شىنجاڭدا خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى تازىلاشقا كىرىشكەندەك قىلىدۇ.  >>  >، < ئامېرىكىدىكى << ئەركىنلىك سارىيى >>  نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىدىن، قىممەت قاراشلىرىدىن تاندۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ شۇ كىشى ۋە ياكى شۇ جەمئىيەتتە پەيدا قىلىدىغان ئەگەشمە ئاقىۋەتلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساراھ خانىم مۇنداق دېدى: << ئادەتتە بۇنداق تاندۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۇچرىغانلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ئېغىر روھىي ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، بالىلىرىمۇ ئوخشاش زەربىگە ئۇچرايدۇ. دېمەك، بىر ئائىلە ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ توقۇلمىسى زىيانغا ئۇچرىدى، دېگەن گەپ. بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تولىمۇ قىيىن. شۇڭا بىز بۇ لاگېرلاردا زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەنلىكىگە قاراپلا مەسىلىگە سەل قارىساق بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى ئاساسەن زور قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلىشىپ كەلگەن. >> > ».

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر قانىلى مۇخبىرى ئاۋسترالىيەدىكى « ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى » (ASPI) نىڭ 3 نەپەر تەتقىقاتچىسى 31‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار خەرىتىلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلاتقا ئاساسەن ئىشلىگەن مەخسۇس خەۋىرىدە مۇنداق دەيدۇ : « < خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىكى بۇ مۇسۇلمان خەلقىگە كەسىپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا قانداق قىلغاندا ياخشى پۇقرا بولۇشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار بۇنى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلى، دەيدۇ.  بىراق كۈنسايىن ئاشكارىلىنىۋاتقان پاكىتلار بۇ ئورۇنلارنىڭ مەكتەپتىن بەكرەك تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى جۈملىدىن بۇ خەلققە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ، تېز سۈرئەت بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. >، <  دوكلاتنى تەييارلىغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولغان فېرگۇس راين ABC خەۋەر قانىلىغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن : << مېنىڭچە خىتايدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن بېرى بۇنداق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىپ باقمىغان. >>  >  ».

« بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى (ب ب س) نىڭ << بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى >>  پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى ھەققىدىكى رادىئو خەۋىرىنى ئاڭلاتتى. خەۋەردە ب ب س نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان مۇخبىرى جون سادۋورسنىڭ شۇ جايدا كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى مەنزىرىلەر نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇ شۇ مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: << سىز شىنجاڭدا ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويغانلىقىنى قەتئىي كۆرەلمەيسىز، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن . مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇۋاتقان مەنزىرە ئەسلا يوق. ھېچكىم بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمايدۇ، چۈنكى كەينىمىزدە پېيىمىزغا چۈشكەن ئادەم بار. بىز 100 مىڭ ئادەمنىڭ قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان لاگېرنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشتۇق، ئەمما يولنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەن ئىكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، دەۋاتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى لاگېرلارغا ئەكىتىلىپتۇ. پۈتۈن بىر مىللەت كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتىكەن. >> » دېيىلگەن.

« < ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گرېيم سىمىس ۋە ئىلگىرى BBC، دۆلەتلىك ئاۋام رادىيوسى (NPR) قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن لۇيىزا لىم بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان << شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى >> سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن سۆھبەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئۆزلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىسىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئالدى بىلەن لۇيىزا لىم سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى << شىنجاڭ>>  دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار << شەرقىي تۈركىستان >> دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوندا نۆۋەتتە مىليونلاپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ << قايتا تەربىيەلەش مەركىزى >> نامىدىكى لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھۆنەر – تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىۋاتىمىز، دەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا پروفېسسور سىمىس ئالاقىدار ماتېرىياللار ئاساسىدا بۇ مەركەزلەردىكى ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقاننىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، بۇ جايغا قامالغانلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە مېڭىسى يۇيۇلۇپ، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. >، < ئالدى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئابدۇسالام ئالىم ئاۋسترالىيەگە كەلگىلى 20 يىلچە بولۇپ قالغان كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۈچۈن تەييارلاپ كەلگەن ئىسىملىكتە ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىدىنلا ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان 12 كىشىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بېرىلگەن. ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى << دىنىي ئەسەبىيلىك >>  بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئۇلاردىن بەش كىشى 10 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان. ئەمما ئابدۇسالامنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى << ئەسەبىي >>  دەۋاتقان بۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار پەقەت كۈندىلىك بەش ۋاق نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇشقا تىرىشىدىغان، رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتىدىغان نورمال مۇسۇلمانلار ئىكەن.  ئەمما شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى <<  زەھەر >> ، <<  ئەپيۈن >>  ياكى <<  روھىي كېسەللىك  >>  دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئەھۋالدا ئىسلام ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك تۇتقۇن ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. >، < رىياسەتچىلەرنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن نورمال بولغان دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىش بولغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ئابدۇسالامدىن بۇنىڭدىن باشقا بىرەر جىنايىتى بولغانمۇ، دەپ سورىغاندا ئۇ ئاچچىق قىلىپ << ئۇلارنىڭ بىردىن  بىر جىنايىتى ئۇيغۇر بولغانلىق. ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت ! >>  دەيدۇ. >، < ئابدۇسالامنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنىڭ رولى بەكمۇ چوڭ بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى بىردەك جەدۋەل تارقىتىپ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتە نومۇر قويۇپ چىققان. شۇنىڭدەك ئۇلارنى << ئىشەنچلىك >>، <<  مەسىلىلىك >> ۋە <<  ئىشەنچسىز >> دەپ ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلار، چەتئەلگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ ھەممىسى << ئىشەنچىسىز >> لەر  قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ھەمدە بىردەك لاگېرلارغا قامالغان. > ، < ئابدۇسالامدىن كېيىن سۆز قىلغان يەنە بىر كىشى بولسا ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان. ئەمما ئۇمۇ ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەزمۇنلارنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاساسلىقى ئايالىنىڭ ئىسلامىي شەكىلدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيگەنلىكى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىملاپ سوئال- سوراققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزى سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرىگە بارغاندا شۇ جايلاردىكى ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوئال- سوراق قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى دېگەندەك فىزىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنى ئالغانلىقىنى، <<  بۇلارنى ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم ئېلىپ بولغان >> دەپ چۈشەندۈرگەننىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى سوئال- سوراقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك گۆدەك ئىككى پەرزەنتىنىڭ تەقدىرىدىن خاتىرجەم بولالماي بالىلارنى ئېلىپ ئاۋسترالىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. >، < ئەمما گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغان كىشىلەرنىلا قاماققا ئېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . قارامايدىن كەلگەن پەرھات ئىسىملىك يەنە بىر ياش ئاتا- ئانىسىنىڭ << غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى >> گە ئالتە ئاي بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ . پەرھاتنىڭ دادىسى شەھەرلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئانىسى بولسا 30 يىللىق تارىخقا ئىگە ساقچى خادىمى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭمۇ مۇشۇ قىزىل بايراق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن كادىرلار ئىكەنلىكىنى، دادىسى كومپارتىيەگە قەتئىي ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقىدەك مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى، ئۆمرىدە دادىسىنىڭ بىرەر قېتىم ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئاقىۋەت ئۆتكەن يىلى ئاشۇ خىلدىكى تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى ھەرقانداق ئۇيغۇرغا يېتەرلىك << قالپاق >>  بولۇۋاتقانلىقىنى ئاچچىق ئىچىدە بايان قىلىدۇ. >  ».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ2018-  يىل 9-  ئوكتەبردىكى تۈر بېتىدە  « قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى لاگېرنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن قەۋىتىدىكى 200 چە كىشىدىن 10- 20 سىنىڭ 70 ياشتىن ئاشقان بوۋايلار، 5- 10 نەپىرىنىڭ بولسا  15- 18 ياش ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا كۈنىگە 3 ۋاق، يېرىم قاچىدىن تاماق بېرىلىدىغانلىقى، ناشتىلىقىنىڭ بولسا شىفەن ئىكەنلىكىنى، تاماقنى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ دەپ سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە تۇتقۇنلارنىڭ تاماق تاللاش ياكى تاماقتىن شىكايەت قىلىش ھەققى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى . » دېگەن خەۋەرنى بەردى.

« << گېرمانىيە ئاۋازى >> نىڭ 7- يانۋاردىكى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە قاراقاش 3 جايدىكى ئالدىن تەييارلانغان << قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى>>  نى زىيارەت قىلدۇرغان.  > ، < مۇخبىرلار << قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >> دىكى بىر سىنىپقا كىرگەندە مۇئەللىمنىڭ خىتاي تىلىدا << توي- تۆكۈن ۋە نەزىر- چىراغلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى >> دەپ دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. مۇخبىرلار بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىلەردىن ئىلگىرى ئۆزلىرى ئاڭلىغان قاتتىق تەقىب مۇھىتىنى بايقىمىغان. >،< خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ <<  قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >>  دە تەلىم ئېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قانۇن ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى،<< قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >>  گە كىرىدىغانلار سانىنىڭ بۇندىن كېيىن تەدرىجىي ئازىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ ئاچمىغان ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ سانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇ سۆزىدە  << 1 مىليون دېگەن سان ئاڭلىماققا قورقۇنچلۇق بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئەمەلىيەتكە ھەم ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ پۈتۈنلەي بىر ئىغۋا. >>  دېگەن. >، < خەۋەردە ،  چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان بۇ << قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >> نىڭ ئالدىن ئالا تەييارلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن گۇمانلانغانلىقى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەدبىرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى>   خەۋەر  قىلىنغان. » .

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تۈر بېتىدە « < فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېقىندا خىتاينىڭ خەلققە ئاشكارا تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەت، خەۋەر، توختامنامە ۋە ئۇقتۇرۇش قاتارلىق يازما ماتېرىياللىرىنى توپلاپ چىققان. جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق بۇ خىل ماتېرىيالنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزكۇر ئاگېنتلىق خوتەندىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىگە 2768 ساقچى كالتىكى، 550 توك كالتەك، 1367 كويزا، 2792 قۇتا كۆز ياش ئاققۇزغۇچ سېتىۋېلىنغانلىقىنى بايقىغان. > ، < ماتېرىياللارنىڭ يەنە بىرىدە مەلۇم بىر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۆرە چىشى دەپ ئاتىلىدىغان كالتەك، يولۋاس ئورۇندۇق دېيىلىدىغان قىيىن- قىستاق ئەسۋابى سېتىۋالغانلىقى قەيت قىلىنغان. >، < فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، توپلانغان ماتېرىياللاردىن بىرىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگونىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى مەكتەپتەك ئىشلىتىش، ھەربىي گازارمىدەك باشقۇرۇش ۋە تۈرمىدەك قوغداش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بۇيرۇقى تىلغا ئېلىنغان. > » دېگەن خەۋەرلەرنى ئىلان قىلدى.

ئەگەر ئۇيغۇر ئىلىدا قۇرۇلغان بۇ جازا لاگېرلىرى « رەئىس » شۇكرەت « تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى » دېگەندەك بولسا، بۇ كويزا- كىشەن قاتارلىق جازا قۇراللىرىنىڭ بۇ خىل تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرىدە نىمە كېرىگى بار؟ بۇ « قايتا تەربىيەلەش » مەكتەپلىرى جازا لاگېرلىرى بولمىسا، نىمە  ئۈچۈن « كۇرسانتلار »  مەھبۇسلاردەك ئوخشاش بىر خىل كىيىملەر بىلەن كىيىندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش- ھەرىكىتى يىگىرمە تۆت سائەت كۆزىتىلىدۈ؟ نىمە ئۈچۈن « كۇرسانتلار » يەيدىغان تاماقلىرى ھەققىدە « ھالالمۇ » دەپ سوراشتۇرالمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن « كۇرسانت » لار دەرسخانىلارغا ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا رەت بولۇپ تىزىلىپ بارىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ئەسلىھەلەردە خىزمەت قىلغۇچى مىللىي كادىرلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ؟ « ئۆيىگە قايتىش » رۇخسىتى  پەقەت جىددىي ئەھۋال چىقىپ قالغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ يازما رۇخسەتنامىسىدىن كېيىنلا لاگېر دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا يول قويۇلىدۇ؟

« رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6- نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق خىراجەتنىڭ ئومۇمى مىقدارى 2017- يىلى 20 مىليارد سوم (ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن) ، يەنى 213 پىرسەنت ئاشقان. مەزكۇر خۇلاسىنى ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن فوندىنىڭ خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خام چوت ھەققىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ بولغان خىراجەتلەر ئاساسىدا ھېسابلاپ چىققان. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ < بۇ خىراجەتلەر << كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى>> گە ئەمەس، بەلكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان << تەربىيەلەش لاگېرلىرى >>  قۇرۇلۇشىغا ھەمدە بۇنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا سەرپ بولغان. > دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردا قانداق دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياكى خىراجەت سەرپ قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق << كەسپىي تەربىيەلەش>> كە ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. » .

70 يىلدىن بېرى « شىنجاڭ » دا ئاران دېگەندە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە بىر نەچچە ئون تېخنىكۇملارنى قۇرۇشقا قۇربى يەتكەن « ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت » نىڭ بىر يىلغا يەتمىگەن  ۋاقىت ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كۇرسانتلارنى سېغىدۇرۇدىغان مۇنچىلىك كۆپ « كەسپىي تەربىيەلەش  مەركەز » لىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقى كىمنى ئىشەندۇرەلەيدۇ؟

يەنە بىر تەرەپتىن، تۇتقۇن قىلىنماي قالغان جەمىيەتتىكى بارلىق تۈرك مۇسۇلمانلار، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلار ھەمدە باشقا يەرلىك مىللەت خەلقلەر قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىندى. ئۇلار ئاسارەت ئىچىدە ياشىماقتا. مىڭلاپ- مىڭلاپ مىللىيلار كۈندۈزلۈك ئىدىيە ئۆزگەرتىش كورىسلىرىغا قاتناشتۇرۇلماقتا. دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ گېستاپوچىلىرىنىڭ مىللىيلارنىڭ ئۆيلىرىگە يېرىم كېچىلەردە باستۇرۇپ كىرىپ، كىملىكىنى تەكشۇرۇشى ۋە تۇتقۇن قىلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى.  نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاق مۇنداق يازىدۇ « < 1988- يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زۇلخۇمار ئىسھاق كىچىكىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، شۇ مەكتەپنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىپ قالغان. بىراق ئۇ « گەرچە چىرايىم بەك ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، كىملىكىمدە << ئۇيغۇر >> دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ مېنى توختىماي ئىزدەپ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلالمىدىم، دەيدۇ. >،< ئەسلى كەسپى ئاخبارات ۋە تاراتقۇ بولغان زۇلخۇمار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەسپىدە داۋاملىق سەپەرگە چىقىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ مېھمانخانىلارغا چۈشۈشىنىڭ تولىمۇ قېيىن بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرى ئوقۇغان كەسپىنى قىلماي، بېيجىڭدا باشقا خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان. >، < ئۇ 2017-  يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ سوراق قىلىشى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى، بېيجىڭدا بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. >، < بېيجىڭغا قاتنايدىغان پويىزدا بىر قېتىم پويىز خادىمى زۇلخۇمارنىڭ كىملىكىنى ئالاھىدە تەكشۈرمەكچى بولغاندا زۇلخۇمار بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئۇنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن پويىز خادىمى كىيىمىدە « ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى » دەپ خەت يېزىلغان ئالاھىدە ساقچىنى چاقىرغان.  شۇ قېتىم ئۇ پويىز خادىمىنىڭ قولىدا << پويىزدىكى نۇقتىلىق كىشىلەر >> تىزىملىكى بارلىقىنى ۋە ئۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى بايقىغان.  > ».

« يېقىندا قۇمۇل شەھەرلىك مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاتالمىش << تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك >> بىلەن زەھەرلەنگەن كىشلەرنىڭ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. ».

ھەربىر مىللىي ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى كېچە- كۈندۈزلىك كۈزتىش ئاستىغا ئېلىندى. ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن بىردىن مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇلدى. ( ھەتتا چەت ئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى ھەم مەزكۈر ئارخىپنىڭ ئىچىدە ). كېچە – كۈندۈز نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ئائىلىلەر بېكىتىلدى. بۇ خىل ئائىلىلەر ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ سوتكىلاپ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە « قوشماق تۇغقان » تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈرك مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى تىخىمۇ چىڭ كونتۇرۇلىق ئاستىغا ئالغان. خىتاي دائىرلىرىنىڭ نۇمۇسىزلىقى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۆيلەرگە « قوشماق تۇغقان » باھانىسى بىلەن خىتاي ئەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ خىتاي ئەرلەر ئۇيغۇر خانىم- قىزلارغا قىلىقسىزلىق قىلىمىشلارنى قىلشقا تەمشىلمەكتە. « خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان << خەلق گېزىتى >> نىڭ 7-  نويابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بۇ يىل سېنتەبىرگىچە جەمئىي بىر مىليون يۈز مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك كىشىلەر بىلەن تۇغقان بولغانلىقى، شۇلار قاتارىدا پولك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنسىپى بولغان 4700 دىن كۆپرەك خىتاي ھەربىي كادىرنىڭ مۇشۇ شەكىلدە يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن << تۇغقان >> بولغانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنىدۇ. ».

« < ئامېرىكادىكى بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە قورغاس قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ 10 كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا كۆرگەنلىرىنى 24- يانۋار كۈنى << خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى >>  ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان. >، <  ئۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر داڭلىق زىبۇزىننەت دۇكىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈندە ئىككى نۆۋەت ئوق ئۆتمەس پىنجەك كىيىپ، قوللىرىغا ئۇزۇن توقماق ۋە قالقانلارنى ئېلىپ بولغۇسى ھۇجۇملارغا قارشى مەشىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نىشانىنىڭ زىبۇزىننەت بۇلاڭچىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ مانېۋىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن باشلىغان.. >، <  ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:  << ئۇيغۇرلار داۋاملىق ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىش خەۋپى ئاستىدا ياشايدىكەن. ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى كوچىدا خالىغانچە توختىتىپ ئۇلارنىڭ نەگە، نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى سورايدىكەن. ھەممە يەردە مېتال تەكشۈرگۈچى ئۈسكۈنە، يۈز تونۇش سىستېمىسى، كىملىك كونترول قىلىش ئورۇنلىرى باركەن. ھەممىلا يەردە ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ نازارەت كامېرالىرى باركەن. مەن بىر مەسچىتنىڭ ئۆزىدىلا 40 كامېرانى ساناپ چىقتىم. مەسچىتكە كەلگەن ئادەم ناھايىتى ئاز ۋە مەن پۈتكۈل زىيارەت داۋامىدا بىرەر قېتىممۇ ئەزان ئاۋازى ئاڭلاپ باقمىدىم. >> ».

ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور دەررېن بايلېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان » سىياسىتى ھەققىدە يېقىندا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. « << خىتاي ئارخىپى >> ناملىق تور ژۇرنىلىدا 24- ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىنى ئاپتور بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ۋە توپلىغان ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان. >، < ئاپتور ئۆز ماقالىسىدا تۆۋەندىكى نوقتىلارنى تەكىتلىدى:  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا << يېپىق تەربىيە >> لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى لاگېرغا قامىغانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور دىققەت قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يۈز مىڭلىغان كادىرلارنى تۆۋەنگە ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە نازارەتچىلىككە قويۇشتەك تەقىب سىستېمىسىنىڭ تېخىچە يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. دەررېن بايلېر ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئاتالمىش << تۇغقان >> لارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيىدە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش- ھەرىكىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ياشاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلەرگىچە خاتىرىلەپ يۇقىرىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. > ».

« ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركىزى بولغان لوۋىي ئىنستىتۇتى باشقۇرۇشىدىكى << تەرجىمان >> مەجمۇئەسىدە 7-  نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان لۇئىزا لىم ئىمزاسىدىكى ماقالىدا مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئاشكارا تەكىتلەنگەن << يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش >>  ھەققىدىكى باياناتلار ئاساسىدا ئاپتور نۆۋەتتە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل << تۇغقانلىشىش >>  پائالىيىتىنى << ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا قۇرۇش >> دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ».

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى يەنە « ئىتتىپاق ئۆتۈش » نى دەستەك قىلىپ، مىللىيلارنى تۇرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرپ، ئولارنى خىتايچە سۆزلىتىش، خىتايچە كىيىم- كېچەكلەرنى  كىيىندۈرۈپ خىتايچە ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇش، خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئوينىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئولارنى مىللەت مەۋجۇدىيەتلىكىدىن (كىمىلىكىدىن) يەنى مىللەت روھىدىن تىلىدىن، دىنىدىن، مەدىنىيىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ،خىتاي مەدىنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا زۈرلىماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلىماقتا.  « خىتايلار بىلەن توي قىلغانلارغا زور مىقتاردا ماددى مۇكاپات بېرىلىدۇ » دەپ جاڭ ئۇرۇپ تەشۋىق قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى نىكاھ توي مۇراسىملىرىنى خىتايچە توي مۈراسىمى بۇيىچە ئۆتكۈزىشكە مەجبۇرلىماقتا. قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن  ئۇيغۇرلارنىڭ  بىر نىكاھ  توى موراسىمى خىتايچە توي مۇراسىمى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارنى تۇرمۇش كەچۇرۇش ئۆرپە- ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، خىتايچە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا. تۇرالغۇ ئۆي- جايلارنى خىتايچە بېزەشكە ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنى كەسمەكتە.  خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە زىياپەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، مۇسۇلمانلارنى ھاراق ۋە تاماكا چېكىشكە زورلىماقتا. يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى  نىشان قىلىپ، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىمىلىكنىڭ ئالاھىدە ئالامەتلىرىگە ئايلانغان « چۇشقا گۆشى » يىمەسلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش قىلىپ، چۇشقا گۆشىنى « چاغان بايرىمى سوۋغىسى » قىلىپ مۇسۇلمان ئائىلىرىگە ئەكىرمەكتە. مىللىيلارنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزىشكە مەجبۇرلىماقتا. چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خىتايچە كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئويناتقۈزۈپ، ئۆزلىرى تاماشا كۆرمەكتە.

«  6- فېۋرال << فىرانسىيە ئاۋازى >> رادىئوسى << چوشقا يىلى چاغان بايرىمىدا: شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار چاغان ئۆتكۈزۈشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاندى >> ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. >، < خەۋەردە يەنە ئىلى ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە، ئۆيلىرىگە پانۇس ۋە چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان قىزىل لاتىلارنى ئېسىپ، خىتايلار بىلەن بىرگە چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، قارشى چىققۇچىلارنىڭ « ئىككى يۈزلىمىچى » ئاتىلىپ جازا لاگېرلارغا سولىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە مەجبۇرلاش ھادىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە تېخىمۇ ئېغىرلىقى ھەم ئەسكەرتىلگەن.> ».  قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلۇقىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان زورۇر نەرسىلەر، مەسىلەن، شىكەر ۋە سەرەڭكە  قاتارلىق نەرسىلەرنى بەلگىلىك مىقتاردا سىتىۋېلىشنى بەلگىلىدى. ئاشخانىدا ئىشلىتىلىدىغان پىچاقلارغا بەلگىلىك كودلارنى باسماقتا. مىللىي قاسساپلارنى تۆمۈر قەپەستەك رەشەتلىك دۆكانلاردا گۆش ساتقۈزماقتا.

مىللىيلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن « ش ئۇ ئا ر خەۋپسىزلىك نازارىتى »  ئامېرىكىنىڭ « تېرموفىشىر » شېرىكىتىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرى خەشلەپ سېتۋالغان. ئادەملەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئالىدىغان ئەڭ ئىلغار تېخىنىكىلىك تىببىي ئۈسكۈن بىلەن « ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش » نى باھانە قىلىپ، ئىنساننىڭ كىشلىك ھوقۇق دەخلىسىزلىكىنى دەپسەندە قىلىپ،  قانۇنسىز رەۋىشتە مىللىيلەرنىڭ  DNA  قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۈچۇرلىرىنى يىغىماقتا.

« < گوللاندىيەدىكى GDI فوندىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ۋېكتور گېۋېرس ئالدىنقى كۈنى تاسادىپىي ھالدا شېنجېندىكى بىر خىتاي يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساندانى يەنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بايقىغان. مەزكۇر سانداندا ئۇيغۇر دىياردىكى 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئىسىم- فامىلىسى، جىنسى، ئادرېسى، تۇغۇلغان يىل- ئاي-كۈنى، ئىش ئورنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدىكى چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كامېرا ئارخىپىغا يوللانغان ھەرىكەت ھالىتى ۋە يۈرۈش- تۇرۇشى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى خاتىرىسى بار ئىكەن. >، < بۇ خەۋەر بۈگۈن ئەتىگەن  يەنى 17-  فېۋرال رويتېرس ئاگېنتلىقى، << جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى>>، << ئەل- جەزىرە >> ۋە <<  ئامېرىكا ئاۋازى >> قاتارلىق كۆپ ساندىكى دۇنياۋى تاراتقۇلاردا ئۇلاپ خەۋەر قىلىندى. > ».

مىللىي كەمسىتىش شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، مىللىيلار سىرت- ياقا جايلارغا بارماقچى بولسا، قوللىرىدا  مۇناسىۋەتلىك ئىدارە- ئورگانلارنىڭ قاتلاممۇ قاتلام تەستىقلىگەن تەستىقنامىسى بولۇشى بەلگىلەندى. ھەر مىللەت كىشلىرى ئىشىتىراك قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە پەقەت مىللىيلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۇرۇش ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلانغان. مىللىيلارغا چەت ئەلگە چىقىش پاسپورتى بېرىش توختىتىلدى ۋە بېرىلگەن بېرىلگەن پاسپورتلار يېغىۋىلىندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە تىجارەت قىلىشى چەكلەندى. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلۋاتقان مىللىيلار يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلدى.  خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇيغۇرلارغا بېجىڭدىكى مېھمانخانىلار ياتاق بەرمەيدىغان بولدى.  قىسمەن ئۇيغۇرلار مېھمانخانىدا ياتاق ئالغان تەقدىردىمۇ ج خ ئىدارىلىرى تەرپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. ئايرودروملاردا ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتايلاردىن ئايرىم  ھالدا مەخسۇس جايلاردا تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. « شىنجاڭ » دىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىش قىلىدىغانلار قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2019- يىلى 15- ئاپرىلدىكى تور بېتىدە « << نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى>> خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكاسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. » دېگەن خەۋەرنى بەردى. خەۋەردە « << نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى>> مۇخبىرىنىڭ مۇشۇ ساھەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئاز دېگەندە 5 كىشىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكاسىنى خىتاينىڭ فۇجيەن، گۇئاڭجۇ، ۋېنجۇ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش ئۈچۈن قوللانغان. خۇئاڭخې دەرياسى بويىدىكى سەنمېنشىيا شەھىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى بولسا ئاھالىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئاي ئىچىدە 500 مىڭ ئادەم چىرايىنى سىكانىرلىغان ئىكەن. ».

29- ئۆكتەبىر كۈندىكى « شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت » سۆھبىتىدە « تاشقى سىياسەت » ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇھەررىرلىرىدىن جەيمىس پالمېر: « < ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۇ خىتايلاشقان بولسۇن بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھالدا دۈشمەن قاتارىدا قارىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا ئۆزى تونۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئايالنى مىسال كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئايال ناھايىتى مۇكەممەل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان بىر ئۇيغۇر ئايال بولۇپ، ئۇ خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان، ئىچكىرى ئۆلكىدە ناھايىتى ياخشى ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان، ئېرى خىتاي مىللىتىدىن بولغان، بالىسىمۇ يېرىم خىتاي بولغان بىر ئۇيغۇر ئايال. بىراق ئۇ بىر كۈنى بالىسى بىلەن باشقا بىر خىتاي ئۆلكىسىگە ساياھەتكە بارغىنىدا كىملىكىدە << شىنجاڭ >> دەپ يېزىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا مېھمانخانىغا كىرە- كىرمەيلا يېرىم سائەت ئىچىدە نەزەربەندكە ۋە سوراققا ئېلىنغان. ئۇلار بىر ھەپتە بويىچە شۇ يەردە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنى ساقچىلار ئۆزلىرى ئايروپىلانغا سېلىپ يولغا سېلىۋەتكەن. >، < جەيمىس پالمېر: << مانا بۇ ھازىر خىتاي سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئۆرنىكى >> دەيدۇ. ».

خىتاي دئىرىلىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ساقچىلىرى چەت ئەلدە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى بالىلىرىغا مەجبۇرىي تېلېفون قىلدۇرۇپ، خىتايغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلماقتا ياكى ساقچىلار ئۆزى بىۋاستە ئولارغا تەھدىت سېلىپ، قايىتىپ  كېلىشكە ياكى خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قىستىماقتا.

« < مەلۇم بولۇشىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى 2017- يىلى خىزمەت ئىشى بىلەن مالايسىياغا كەلگەن ۋە بۇ مەزگىلدە مالايسىيادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا خىزمەت قىلىۋاتقان ياردەمچى پروفېسسور بۇرھان سىتىنى خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغان. بۇرھان سىتى بۇ تەكلىپنى سىلىق سىپايە رەت قىلىپ، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تۈركىيەگە يۆتكەلگەن. ساقچى باشلىقى ئابدۇۋەلى ئۇنىڭغا ئۈندىداردىن ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ مالايسىياغا خىزمەتكە كەلگەنلىكى ۋە ئۇنى ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى ھېچكىمگە دېمەسلىكنى تاپىلىغان ۋە ئاشكارىلاپ قويسا ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ زىيان- زەخمەتكە ئۇچراپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 2018- يىلى ئۇ تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە مەزكۇر ساقچى باشلىقى   ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى دادىسىنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان. بۇرھان سىتى بۇ قېتىم ئۇ ساقچىغا تېلېفون قايتۇرۇپ، ئەگەر ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى يەنە ئاۋارە قىلسا، بۇ ئاۋاز ۋە سىن خاتىرىلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. نەتىجىدە، 2018- يىلى 11- ئايغا قەدەر ئۇنىڭ بىۋاستە ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېچكىم لاگىرغا ئەكېتىلمىگەن. ئۇ پەقەت مەلۇم بىر تونۇشى ئارقىلىق 11- ئاينىڭ 11- كۈنى سىڭلىسىنىڭ لاگىرغا ئەكىتىلگەنلىكىنى ئۇققان. ئۇ بۇ چاغدىكى قولىدىكى ئاۋاز ۋە سىن خاتىرىسىنى رەتلەپ، مەزكۇر ساقچى باشلىقىغا يوللىغان ھەم دەرھال قويۇپ بەرمىسە، قولىدىكى پاكىتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار ئۇنىڭ سىڭلىسىنى شۇ كۈنىلا قويۇپ بەرگەن. >، < سىڭلىسى بىلەن تېلفوندا كۆرۈشكەن بۇرھان سىتى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان؛ ئۇ ساقچى باشلىقى ئابدۇۋەلىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، ئانىسىنىمۇ 3 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپمۇ دەرھال بېجا كەلتۈرۈلگەن. >، < ئۇ يەنە مەلۇم تونۇشلىرى ئارقىلىق دادىسىنىڭ 11- ئاينىڭ 23- كۈنى لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ساقچى باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، دادىسىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. >، < ئۆتكەن يىل 12- ئاينىڭ 8‏- كۈنى ئۇنىڭ سىڭلىسى ھاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن مەزكۇر ساقچىغا يەنە تېلېفون قىلغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان. > ».

ئۇلار چەت ئەللەرگە مىللىي جاسۇسلارنى ئەۋەتىپ ياكى چەت ئەلدە  ياشاۋاتقان بىر ئوچۇم مىللىي مۇناپىقلاردىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇر- ئاخباراتلارنى توپلىماقتا.  چەت ئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق- جەمەت ياكى تونۇش- بىلىشلىرى بىلەن بولغان نورمال ئالەقىلىشى مۇتلەق ئۈزۈپ تاشلانغان. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان چەت ئەللەر بىلەن بولغان شەخسى ۋە شىركەتلەر ئارىسىدىكى پۇل مۇئامىلىسى  ۋە پول پېرېۋوتى پۇتۈنلەي ئۆزۈپ تاشلانغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىدىن « < رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن نۆۋەتتە تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ داۋاملىق تېلېفون قىلىپ،ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەتتا بەزى ساقچىلار چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا شەرت قويۇپ، ئەگەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ بەرسە، لاگېرلارغا قامالغان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇندىن ئازاد بولىدىغانلىقىنى؛ ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىسا، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا- ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان. > ،< تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەمەت ئابدۇخالىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ  2016- يىل 10- ئايدا تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەندىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق قىلغان پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان. > » قاتارلىق خەۋەرلەر ئاڭلىتىلدى.

يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئاڭلىتىشىدا « < << شىۋېتسىيە رادىيوسى >> نىڭ 9 – نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون بېرىش ۋە ئېلخەت يوللاش ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدەك شىۋېتسىيەدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ بېرىشكە بۇيرۇغان. >، <  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان << مۇستەقىللىق >> گېزىتىنىڭ 12- نويابىر سانىدىكى مەخسۇس ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا قىزىقتۇرماقچى بولغان. شۇلاردىن بىرى بولغان ئەيسا ئىسىملىك بىر ياش بۇنى رەت قىلغاندا خىتاي ساقچىلىرى << سەنغۇ تۈركىيەدە ئۆزۈڭنى ساق- سالامەت دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن. ئەمما بۇ جايدىكى قېرىنداشلىرىڭ ۋە باشقا تۇغقانلىرىڭنى قانداق قىلىسەن؟ >>  دەپ قورقۇتقان. شۇنداقلا << سەن قەيەرگە كەتسەڭمۇ بىز سېنى تاپالايمىز. >>  دەپ ھەيۋە قىلغان. > » لىقى خەۋەر قىلىندى.

2019-   يىلى 31-  يانۋاردىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدە ئىلان قىلىنغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخىبىرى بىلەن خىتاي يۇ مىتال  سودىگىرى لو نىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدە سودىگەر لۇ مۇنداق دېگەن: « ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بىر ئائىلىدە بىر قانچە ئادەم لاگېرلارغا قامالغانلىقتىن بالىلار تالادا قالغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. مېنىڭ ئىچكىرىكى دوستلىرىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يېتىم بولۇپ قالغان بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ يۆتكىگەن ئىكەن. ئۇلار بالىلارنىڭمۇ مېڭىسىنى يۇيۇپ ئەجدادلىرىنى تونۇماس قىلىۋەتمەكچى، ئۇلارغا كىچىكىدىن خىتايچە ئۆگىتىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، چوشقا يېگۈزۈپ دېگەندەك پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنى پىلانلىغان. ئاتا- ئانىلىرى بولسا لاگېرلاردا ھەر خىل قىيىن- قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا. ئۆلگەنلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەت يەنە قانچە داۋاملىشىدۇ، بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇنىڭغا شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خىتايلار ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداق يوقىتالايدىغىنىنى ئويلىشى كېرەك. بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، بۇ مونوپول قىلغۇچى بىلەن مونوپول قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. بۇ ئىنسانلىققا قارشى بىر جىنايەت. بۇنى بىلگەنلەر پاش قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى، ئىچىدە ئاڭلىتالمىسا ماڭا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ، ئەركىن دۆلەتلەردە ئاڭلىتىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن.».

ئەنگلىيەدىكى  يېڭى قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوئاننا سىمىس فىنلېينىڭ ئېيتىشىچە «  < ئۇ ئۆتكەن 27 يىل جەريانىدا كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ جايدىكى ئەھۋالنىڭ ھېچقاچان 2018- يىلى ياز ئايلىرىدىكىدەك قاباھەت ۋە ۋەھىمىگە تولغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان. ئۇنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق جايدا، ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالماسلىقى، ھەممىلا جايدا << قۇلاق >> بار، دەيدىغان قاراشنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىيالىدىن كەچكەن ئىشلارنىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالماس بولۇپ قالغانلىقىدۇر. >،< ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: <<  ھەممىلا جايدا مەسچىتلەر بوش قالغان، مەسچىتلەرنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان جامائەتنىڭ ئورنىنى بولسا خىتاي بايرىقى ئىگىلىگەن، رېستورانلارنىڭ ھېچقايسىسىدا << ھالال >> دېگەن بەلگىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق تەقۋادارلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. مەن بۇ جەرياندا ئىككى ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشتىم. بىرى بىلەن كەچقۇرۇن، يەنە بىرى بىلەن تۈن نىسبىدە كۆرۈشكەن بولساممۇ ئۇلار مەن بىلەن ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى، گەپمۇ قىلمىدى. ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن مەن روشەن قورقۇنچ تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىكى بۇ خىل ئورتاق قورقۇنچ تۇيغۇسىنى مەن 2016- يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۈرۈمچىگە بارغاندا ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتىن يۆتكىلىپ كەلگىنىگە تېخى بىرنەچچە ئايلا بولغان ئىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ تونۇش ئۇيغۇرلىرىمدىن بىرەيلەن بىلەن ئاۋۋال بىر ئاشخانىدا ئۇچراشتۇق. تاماقتىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ھەيران قالغىنىم بۇ خانىم مەيلى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا بولسۇن ياكى ئۆيىدە ماڭا چاي قۇيۇۋاتقاندا بولسۇن ئىككى گەپنىڭ بىرىدە << دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ھازىر بەك ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. >>  دېگەننى تەكرارلاپ قوياتتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ مېنى شەھەرگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر تاغلىق رايونغا ئوينىغىلى ئېلىپ باردى. ئىككى سائەتچە ماشىنىلىق يول يۈرۈپ، بىر نەچچە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ماشىنىسىنى مەيدانغا توختىتىپ قويدى. ئاندىن بىز تاغقا يامىشىشقا باشلىدۇق. تاغنىڭ خېلى ئېگىز بىر يېرىگە بارغاندا ئۇ ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ << راستىنى دېسەم، سىزگە دەيدىغان شۇنچە جىق گەپلىرىم بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنى ئۆيدە ياكى ماشىنىدا ۋە ياكى ھېچقانداق يەردە دېگىلى بولمايدۇ. دېسەممۇ بۇنى ھېچكىم ئاڭلاپ قالماسلىقى لازىم دېدى. > ».

« كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون < 17‏- يانۋار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىتىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لاگېر سىرتىدىكى ئەھۋالى بىلەن لاگېر ئىچىدىكى ئەھۋالىدا چوڭ پەرقنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ لاگېر بىلەن لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە شۇ نۇقتىنى تەكىتلەشكە تىرىشتۇق: شىنجاڭدا ياشاۋاتقان لاگېرنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرى ئوخشاشلا كۈندىلىك ھاياتىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكى ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا. مەيلى ئۇلار دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشى ياكى ئىسلامى دىنىي ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىشىنىڭ چەكلىنىشى، ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ مەنئى قىلىنىشى جەھەتلەردە بولسۇن، لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋال بىلەن سىرتىدىكى ئەھۋالنىڭ بەك چوڭ پەرقى يوق. > » دېدى.

« < غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئېتىبارىنى ئاشۇرۇشتا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك << زىمىستان >> تورىمۇ مۇشۇ رەتنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى. >، <  ھالبۇكى، يېقىندا << زىمىستان >>  تورىنىڭ خىتايدا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ۋە باشقا دەپسەندىچىلىكلەرنى ئەينەن پاكىتلار بىلەن ئېچىپ بېرىۋاتقان 45 مۇخبىرى  << دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان >> ياكى << چەت ئەلنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى سىڭدۈرۈشكە قاتناشقان. >> دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. >، < ئۇلاردىن 40 قا يېقىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن تۇتۇلغان. > ، < شىنجاڭدىكى 40 قا يېقىن مۇخبىرىمىز تەربىيىلەش لاگېرى ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى. >،< << زىمىستان >> تورى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن << چەت ئەلنىڭ دۈشمەن تور بېتى >> دەپ تەبىر بېرىلگەن. دۆلەت ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇق مەزكۇر تور بەت ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكتىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تورغا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇخبىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۆچ ئالغان. > ».

2019- يىلى « 22- مارتتىن 25- مارتقا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتقان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى « مۇقىم ۋە تىنچ » دەپ مەدھىيەلىگەن ۋە رايوندا ئاتالمىش « 3  خىل كۈچ » لەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

مۇنداق قورقۇنۇشلۇق ۋەزىيەتتە مىللىيللار ۋەسۋەسكە چۈشۈپ، تەشۋىش- ئەندىشە ، دەككە- دۇككە ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان بولۇپ قالدى.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ ئۆلكىنىڭ ئاسمىنىنى دۆلەت ئاق تېررورلۇقى قاپلىدى. بۇ ماكان تامامەن ئىنگلىز يازغۇچىسى جېئورج ئورۋېلنىڭ « 1984 »  رومانىدىكى تەسۋىرىلەنگەن ئىستىبداتلىك بىر رايونغا ئايلىنىپ قالدى.

 

ياشىسۇن ئۇيغۇر خەلقى!

تارىخ ھۆكمى شۇ ئەزەلدىن، تاڭ يورۇتار زۇلمەتنى،

قۇل قىلالماس زوراۋان كۈچ، ھۆرلۈك سۆيەر مىللەتنى.

 

       ئەسكەرتمە:

مەزكۈر ماقالىدىكى « × × × » ئىچىدىكى تېكىستنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

 

2019- يىلى ماي

 

Share
12257 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.