logo

trugen jacn

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مىللىي كادىر ۋە زىيالىيلارنى باستۇرۇشى

تارىم توغراق

خىتاي پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي ماقۇللىغان دۆلەت كونستىتۇتسىيەسىدە ( دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا ) بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ نۇتۇق سۆزلەش، يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق كىشلىك ھوقۇقلىرى بولىسمۇ، بۇ ھاكىممۇتلەقلىق دۆلەتتە بۇ ھۆقۈقلار پەقەت قەغەز ئۇستىدە قالغان بولۇپ، ھېچكىم ھېچقاچان بۇ كىشلىك ھۆقۈقلاردىن بەھرىمان بولۇپ باققان ئەمەس. خىتايدا كىمكى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىقىغا خۇش ياقمايدىغان گەپ قىلىپ قويسىلا، شۇ زامان نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە مۇڭغۇل  قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ  ھەر قانداق ھەققانىي سىياسىي پائالىيەت –  ھەركەتلىرى جۇملىدىن مىللىي باراۋەرسىزلىك، مىللىىي زۇلۇمغا قارشى سۆز- ھەركەتلىرى  ۋە نامايشلىرى  قاتتىق باستۇرۇلغان.

1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىكۆل رايونىدىن قازاق قەبىلىسىنىڭ ئالتە قۇۋمىنىڭ ئەر- ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 40 مىڭ ئادەم ئۆپچۈرىسىدە چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ، نامى چىققان جەنۇپ تەرەپكە يورۇشنى باشلىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆسقۈنلىقغا ئۆچراپ، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشغا ئۆچراپ ، كەشمىرگە يېتىپ كەلگەندە ئاران 3000  ئادەم  ھايات قالغان. ( م. رافىق خان : « خىتايدىكى ئىسلام دىنى» دىكى مەلۇمات، , Delhi , Natinal  academy, 1963  Islam  In  China   Rafiq  Khan   .M Idia ,  كېيىنرەك  بۇ ئادەملەر ب د ت تەرىپىدىن تۈركىيەدە  ماكانلاشتۈرۈلغان.

1951- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي شىمال مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ « شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرۇشقا دائىر پىكىر ئېلىش » كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، شۇ يىلى مارتتا غۇلجىدا چاقىرىلغان پىكىر ئېلىش مەجىلىسدە مەجلىس ئىشتىراكچىلىرى بىردەك ئوتتۇرغا قويغان « كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئاپتونوم رېسپۇبلىكسى بولىشى كېرەك » دىن ئىبارەت بىر يۇرۇش پروگرامما خاراكتىرلىك  مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىگە دائىر  پىكىر- تەلەپلىرى خىتاي كومپارتىيىسى غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ « شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى » تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىت قىلىنىپ، پۈتۈنلەي خاتا دەپ خولاسە چېقىرىلدى.  غۇلجىدىكى مەزكۈر پىكىر ئېلىش مەجلىسىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى 51 كىشى بولغانلىقتىن ، بۇ مەجلىس تارىختا « ئەللىك بىر چىلەر مەجلىسى » دەپ ئاتالدى.

1951- يىلى مايدا ئالتاي پارتىزان ئەترىتىنىڭ قوماندانى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قۇشۇمچە ئالتاي ۋالىسى ئوسمان ئىسلامغا  خىتاي ھۆكۈمىتى  تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىندى.

1951 – يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان « ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى »،« ئۈچكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى »  ۋە  « بەشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى »  قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەردىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇغۇپۇر سابىرھاجى ( شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھىمجان سابىر ھاجىيوۋنىڭ ئاكىسى ( ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى مۇقاباي قۇرجاقانوۋ ( قازاق ) لارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.  مىللىي ئارمىيە باش شتابنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خۇجا ( ئۆزبېك )  قاتارلىقلار « يولۋاس » بولۇپ، قەھرىتان قىشتا ئۇرۇمچى «  تىنچىلىق ئۆستىڭى » نى چاپتى. ئاتلىق پولك كوماندىرى  پودپولكونىك سۇپاخۇن سوپۇرۇۋقا تۆھمەت  چاپلىنىپ زەربىگە ئۇچرىدى. 1952- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ سەرگەردىلىرى فاتىخ باتۇر ( تاتار ) ۋە غىنى باتۇر ئىككىسى تەقىپ قىلىنىپ گەنسۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىدا سىياسى ئۆگىنىشكە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلدى. پولك كوماندىرى پودپولكونىك، 5- كورپوس دىۋىزىيە  شىتاپ باشلىقى خەمىت ئەلىيوۋ ( تاتار ) 1951 – يىلى ئۆكتەبىردە شىنجاڭ ھەربىي رايون يۇقۇرى دەرىجىلىك سىياسىي كۇرسىدا ئوقۇپ، 1952 – يىلى  نويابىردا كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن تۆۋەنگە چۆشۈرۈلۈپ ،شىنجاڭ ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل رېمونت زاۋوتىدا دىرېكتور بولۇپ ئىشلىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى  غەربىي – شىمال بيۇروسى « شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى » نىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جىن « شىنجاڭ » دا يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسىىسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.  ئۇيغۇرلارنىڭ ساقاللىرىنى چۈشۈرۋېتىشتەك بولمىغۈر ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. مىللىلارنىڭ نارازلىقى قوزغىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبى بىلەن خىزمىتى « شىنجاڭ » دىن يۆتكىلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىكىگە مىنىستىر بولۇپ تەيىنلەندى.

1951- يىلدىن باشلانغان « ئىجارە كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش »  ۋە 1952- يىلدىن باشلانغان « يەر ئىسلاھاتى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسى ھەركەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ئىگىلىرىنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىندى، بىر قىسىم باي ۋە يەر ئىگىلىرىگە « زومىگەر » دېگەن قاپاقنى كىيدۈرۈپ ئاتتى. 1954- يىلدىن باشلانغان « كوپىراتسىيلەشتۈرۈش »  ئارقىلىق ئەندىلا يەرگە ئىگە بولغان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالدى. بۇ سىياسى ھەرىكەتلەرگە ئۇلاپلا 1955- يىلدىن باشلانغان « مىللىي بۇرژۇئازىيە سۇدا- سانائەتچىلىرىگە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش » شۇئارى بىلەن  شەخىسى ئىگىلىك بىلەن دۆلەت ئىگىلىكنى بىرلىكتە ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك مىللىي سۇدا- سانائەتچىلەر ۋە چارۋىدارلارنىڭ مال- مۇلۈكلىرىنى بولاپ ئالدى.

1958- يىلى « شەخسلەرنىڭ ئوي مۈلۈكىگە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش » ئېلىپ بېرىپ مىللىلارنىڭ تۇرالغۇ – جاي مولكىنى تارتىپ ئالدى.

1958- يىلدىن باشلانغان «كومۇنىلىشىش » ھەركىتى شەرقىي تۈركىستان دېھقان- چارۋىچىلىرىنى پۈتۈنلەي نامرات ھالغا چۆشۈرۈپ قويدى.

ماۋزېدۇڭ 1958 – يىلدىكى « چوڭ سەكرپ ئېلگىرلەش » تە خىتاي ۋە مىللىي كادىرلارغا « يالغان سۆزلەش » نى ئۆگەتتى. « پولات- تۆمۈر تاۋلاش ھەرىكىتى » دە « پۈتۈن خەلق پولات تاۋلاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تاشلىنىپ قىلىشى، 1959– 1961- يىللاردا يۈز بەرگەن چوڭ تەبىئىي ئاپەت، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ قەرىزلىرىنى پۈتۈنلەي يىمەكلىككە تايىنىپ تۆلەش ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەرگە ھەقسىز يىمەكىلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ياردەم قىلىشتەك سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئېغىر ئاچارچىلىق  دەستىدىن  40 مىليوندىن كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. ». تۆمۈر رۇدا مەنبەلىرىنى ۋەيران قىلدى.    1959–1961- لاردا خىتايدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتتە گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرمەي، يېزا ئىگىلىكىدە ئىلگىرىكى يىللاردەك مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ،ئاشلىق ئامبارلىرىدا ئاشلىق تۇرۇقلۇق دېھقانلارغا ئاشلىق تارقىتىپ بەرمەسلىكى تۈپەيلى ئاقسۇ ۋىلاىيىتى باي ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا ئېغىر ھالدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللار سادىر بولدى.  ئاشلىقلار خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۈتكەلدى

1956- يىلى ماۋزېدوڭ خىتايدىكى زىيالىيلارنى ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرۈپ، ئەدىبىنى بىرىش ئۈچۈن  « بارچە ئېقىملار بەس- بەستە سايرىسۇن، ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلسۇن » دېگەن شوئار ئوتتۇرغا قۇيدى. 1957- يىلى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا « ئېچىلىپ سايراش » دولقۇنى ۋە « ئىستىل تۈزىتىش » ھەرىكىتى كۆتۈرۈلدى.  شۇنىڭ بىلەن 1957 – يىلى زور تۈركۈمدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ياخشى  نىيەت بىلەن ئىسىل پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى. لېكىن ماۋزېدوڭ زىيالىيلارنى سۆزلىتىپ بولغاندىن كېيىنلا « ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى » نى قوزغاپ، ئولارنى جازالاپ « ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى » لىرىغا يولغا سالدى.

بۇ سىياسىي ھەرىكەت شەرقي تۈركىستاندا مىللىيلار ئۈچۈن ھەم « ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش »  ھەم « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش » ھەركەتلىرى بىلەن ئۆز ئەكسىنى تاپتى.

1957- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنى » ئېچىلدى.

       بۇ قېتىملىق « مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشتە » «  ش ئۇ ئا ر پارتكوم »  نىڭ دائىمىي ئەزاسى، پارتكوم سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ،« ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋ ۋە ئەسئەت ئىسھاقوۋ، « ش ئۇ ئا ر پاتكوم تەشۋىقات بولۇمى » نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نور سادىروۋ، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي- قانۇن كومتېتى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىبراھىم تۇردى، « ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى » نىڭ نازىرى، يازغۇچى، دراماتورك زىيا سەمىدى، «  ئۇرۇمچى شەھەر باشلىقى » ئابدۇرېھىم سەئىدى ، « ئىلى قازاق ئوبلاستى » نىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ئابدۇرېھىم ئەيسا، «  جۇڭگو پەنلەرئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۇبىسىنى قۇرۇش تەييارلىق ھەيئىتى » نىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللىي يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا «  مىللەتچى» ياكى « ئوڭچى » قالپاقلىرى كىيدۈرۈلدى. سەيدۇللا سەيپۇللايوۋ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر يىغىنىدا ماۋزېدوڭ تەرىپىدىن « 什么拉夫  »  دەپ ئاتىلىپ تەنقىدلەندى.

ئۇيغۇر سايرانى  « شىنجاڭدا قوللۇق تۈزۈم مەۋجۇت ئەمەس. » دېگەنلىكى ئۇچۈن « ئوڭچى » بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە جەمئىيەتتە ئابدۇرېھىم ئەيسا ئابدۇرېھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى،دېگەن خەۋەر تارقالغان. ( خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئابدۇرېھىم ئەيسا ئۆلۈمى ھەققىدە تارقاتقان رەسىمىي خەۋىرى)

زىيا سەمىدى ھەممە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاقسۇغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىشكە سۈرگۈن قىلىندى. ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. (ئابدۇرېھىم سەئىدىنىڭ مىللەتچى بولۇپ قىلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇ يىللاردا «  شىنجاڭ گېزىتى » دە  ئىلان قىلىنغان باش ماقالىغا ئاساسلانغاندا ئۇرۇمچى شەھەردىكى ئىمارەت قۇرۇلۇشلىرىنى مىللىي پاسۇندا ياساپ چىقىش ئىكەن،يەنى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەركىزىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەن. ماقالىدا قاپاق ئېسلغان مىللىي پاسوندىكى ئىمارەتلەر سىزىلغان رەسىملەرمۇ قىستۇرۇلۇپ بېرىلگەن.)   سەيدۇللا سەيپۇللايوۋنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا ئەۋەتىلدى. مۇھەممەتئىىمىن ئىمىنوۋ « ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن قالدۇرۇلدى. ئەسئەت ئىسھاقوۋمۇ  ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقى قالدۇرۇلدى.  نور سادىروۋ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىگە خىزمەتكە چۆشۈرۈلدى. ئىبراھىم تۇردىنىڭ خىزمەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ،« ش ئۇ ئا ر خەلق ئىشلار نازارىتى » نىڭ نازىرى بولدى. ئۇيغۇر سايرانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى خىزمەتچى ئورنىدا ئىشلىتىلدى.

بۇ قېتىملىق « مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى » ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاندا 1930 – يىللاردىن بۇيان يېتىشىپ چىققان زور بىر تۈركۈم گەپ ئاڭلىماس « ياغاچ قۇلاق » ھەر مىللەت كادىر- خىزمەتچى ۋە زىيالىيلىرىنى يوقاتتى.

« ش ئۇ ئا ر پارتكوم »  سېكرىتارى ۋاڭ جىن ئۇيغۇرلاردىن « تەكەللۇپسىز ھالدا تەنقىد پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىش» نى تەلەپ قىلغاندا،بەزى مىللىيلار ئاپتونومىيەنىڭ يالغانلىقىدىن شىكايەت قىلسا، بەزى مىللىيلار سوۋېت ئۇسلۇبىدىكى « ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەركەتنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا  مىللىيلار ئىچىدە بىر  تۈركۈم « ئوڭچى» ۋە «يەرلىك مىللەتچى» لەر پەيدا بولدى. ئۇلارمۇ خىتاي زىيالىيلىرىغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى. بىر قىسم مىللىي « مىللەتچى »  ۋە «  ئوڭچى » لار « ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدان » لىرىغا پانالدى. « ئاقىۋەتتە تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇرۇمچىدە ئالاھىدە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتە ئاي نازارەتچىلىك قىلىشى بىلەن 100 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلگەن،830  كىشى قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغان، 53   كادىرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ( ئەنگلىيە، كرىستيىن تايلى: « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» دىن، 2006- يىل نەشرى) .

« < بۇ ۋاقىتتا << شىنجاڭ گېزىتى>>  ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئاساسلىق تەھرىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنى قىيناپ كېلىۋاتقان مىللىي مەسىلىگە دائىر بىر قاتار خاتالىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ ۋە << ئېچىلىپ سايرايدۇ >>  >، < 1958- يىلىدىكى كومپارتىيە قوزغىغان << ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى>> دە << پارتىيەگە قەلب تاپشۇرۇش >> ، كەڭ – كۇشادە << ئېچىلىپ سايراش >>  دېگەن چاقىرىق ۋە قوزغىتىش بىلەن مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىمنى قىيناپ كەلگەن چوڭ- كىچىك مەسىلىلەردىكى پىكىر- تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، ئىچكىرىدىن كۆچمەن كۆچۈرۈش، ھەممىلا يەرنى خەنزۇلاشتۇرۇش، تارىخىمىزنى بۇرمىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە << ئېچىلىپ سايرىدىم >> .  راست گەپلەر بىلەن پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ سۆزلىدىم. << ياخشى سايرىدىڭ! >>  دەپ مۈرەمگە قېقىپ قويۇشتى ئۇلار. بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن << پارتىيەگە قارشى سۆز قىلغانلار>> غا قارشى ھەرىكەت قوزغىتىلدى. مىللىيلار بويىچە بىرىنچى بولۇپ كۈرەشكە تارتىلدىم. كۈرەش 76 كۈن داۋام قىلدى. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىم سۈپىتىدە مېنى تالاشقا ۋە پاش قىلىشقا باشلىدى. << ئەشەددىي دۈشمەن >> ، << ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى >>  بولۇپ كەتتىم. >، < << شىنجاڭ گېزىتى>> ئىدارىسىنىڭ مىللىي تەھرىر بۆلۈملىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئوڭچى- يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەشتە ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى- بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ رېئاكسىيون سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى. پاش قىلىنغان ماتېرىياللاردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تۈپ ئىدىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ، << مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى>> قۇرۇش بولۇپ، ئۇ مۇشۇ رەزىل غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق، پروگراممىلىق ۋە ئىزچىل رەۋىشتە ھەرىكەتلىنىپ كەلگەن. >، < مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1959- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، غوپۇر چوڭ قاتارلىق كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە << شىنجاڭ گېزىتى>>  ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى يازىدۇ. >  ».

« يەرلىك مىللەتچىلك قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دىكى « مىللەتچى ئۇنسۇر » دېگەن بۇ سىياسىي تېرمىن شۇ بىر قېتىملىق ھەرىكەت بىلەن تۈگەپ قالماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيسىنىڭ قولىدىكى مىللىي كادىر- خىزمەتچى ۋە زىيالىيلىرىغا ھەر زامان، ھەر ۋاقىت كيېگۈزۈلىدىغان تېپىلماس بىر « ئەگۈشتەر» گە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى،1959- يىلى 20 ياشلىق شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمى « ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شېئىرى تۈپەيلى« مىللەتچى » بولۇپ ئەيىبلىنىپ، 13 يىل تۈرمىدە ياتقان ھەمدە يەتتە يىل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوپېراتسىيىسىدە ياش ۋاقىتىدا يازغان بىر پارچە شېئىرى تۈپەيلي « يەرلىك مىللەتچى » سىياسىي قالپىقىنى كىيىگەن ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىمۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن مۇستەسنا بولمىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىچە : « قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان تەھرىرى، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېقىندا 11 يىللىق كېسىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ كېسىلىشىگە << يۈسۈپ خاس ھاجىپ >> قاتارلىق رومانلىرى ۋە بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى سەۋەب بولغان. ئەدىب 1959 ‏- يىلى، يەنى 20 ياش ۋاقتىدا << ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>> ناملىق شېئىرى سەۋەبلىك << يەرلىك مىللەتچى >> بولۇپ ئەيىبلىنىپ، 13 يىل تۈرمىدە ياتقان ۋە يەتتە يىل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل سوتلانغاندا يېشى 80 گە ئۇلاشقان، سالامەتلىكى بىر قاتار كېسەللىكلەر بىلەن چىرمالغانكەن. >،< ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ << يۈسۈپ خاس ھاجىپ >>، << جۇدالىق >>، << مىرزا ئابابەكرى >>، << سۇلتان سەئىدخان >>  ۋە <<  سۇلتان ئابدۇرىشىتخان >> قاتارلىق بەش رومانى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىنكاستا يەنە مەزكۇر رومانلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك ھاياتى، يەنى قاراخانىيلار دەۋرى ۋە سەئىدىيە خانلىق دەۋرى تېما ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولغاچقا، بۇ كىتابلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي شامالدا، گۇمانلىق كىتابلارنىڭ ئەڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. >  »

1962- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي- سوۋېت مۇناسىۋېتىدە ئۈستىنلىككە ئىگە بولۇش، يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش، ئىگىسىز قالغان مال- مۈلۈك ۋە ئۆي- زىمىنغا ئىگە بولۇش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ  « شىنجاڭ » دا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋېتىش مەقسىتىدە غەرەزلىك ھالدا چېگرانى ئېچىپ قۇيۇشى بىلەن ئىلى ۋە چۆچەكتىن ئاچارچىلىق دەستىدىن قىينالغان 120 مىڭ يەرلىك مىللەت ئادەم ( خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلان قىلغان ستاتىستكىلىق سان)  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. (سەيدۇللا سەيدۇللا : « مەن شاھىت بولغان ئىشلار » دىكى مەلۇمات ) شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىرتەرەپتىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنى قۇتراتقۇلۇق قىلدىڭلار،دەپ ئەيىپلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا  قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرى–  كادىر، خىزمەتچى ۋە يەرلىك ئاۋام كىشلەرگە « قاچقانلارنى سىلەر قاچۇردىڭلار» دەپ بوھتان چاپلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ مال- مۈلكى ۋە ئۆي- زىمىنلىرىنى ئىگەللەپ ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇمچى، غۇلجا، قەشقەر،ئالتاي ۋە چۆچەكلاردە  تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋەتتى.

سوۋېتكە چىقىپ كەتكەن مۇساپىرلار موسكۋا رادېئو ئىستانسىيىسىدە « مىليونلارچە خەنزۇنىڭ غەربىي شىمالغا ئېقىپ كىرىۋالغانلىقى، ئۇ يەردىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ قاقاس چۆللەرگە سۈرگۈن قىلىنىۋاتقانلىقى، قۇرسىقى تويمايدىغان نورمىلاردا جازالىنىۋاتقانلىقى، قازاق، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز قىزلىرىنىڭ مەجبۇرى ھالدا ئائىلىسىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، خەنزۇلار بىلەن توي قىلىشقا زورلانغانلىقى، ئۆلۈم ئازابىدا ئىڭراۋاتقانلىقى » نى ئاڭلاتقان.  ( « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى » ).

1962-  يىلى ئاپتونوم رايوندا ئېلىپ بېرىلغان « رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى » دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن كادىرلاردىن ئەسئەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر جاكۇلىن ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى»  نىڭ مۇدىرى، قازاق )، ئەنۋەر خانبابا ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت —  مائارىپ ئىشخانىسى » نىڭ مۇدىرى، ئۆزبېك )، ئابلىمىت ھاجىيوۋ (« ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە —  سودا ئىشخانىسى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى )  ۋە توختى ئەلىموۋ ( « ش ئۇ ئا ر ئالىي سوت » نىڭ باشلىقى ) لار قاتارلىقلار  تەنقىد ئوبيېكتى قىلىندى.

رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە گومىنداڭ ئارمىىيىسى بىلەن جان تېكىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسىر- جەڭچىلىرىنىڭ ھىچ قايسىى زەربە يىمەي قالمىدى.

كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، گومىنداڭ  ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ پوتەيىنى ئارقا- ئارقىدىن پارتلىتىپ، مىللىي ئارمىيە قىسملىرىنىڭ ئىلگىرىشى ئۈچۈن يول ئاچقان، جەڭدىن كېيىن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن « كۈرەش قەھرىمانى» نامى بېرىلگەن  ۋە خىتاي « ج ك پ مەركىزىي  ھەربىي ئىشلار كومىتېتى» تەرىپىدىن « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ كۈرەش قەھرىمانى دەپ باھالانغان ھەمدە مەملىكەتلىك كۈرەش قەھرىمانلىرى يىغىنىغا قاتناشقان زېھرۇللا نادىروۋ ،« يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش »  ۋە « رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش » ھەرىكەتلىرىدە  تەنقىدلىنىپ،1962-  يىلى دىكابردا كەڭسايدا ئەمگەككە سېلىنغاندا،زەيكەش كولاۋېتىپ ئىش ئورنىدا ئېچىنشلىق ئۆلۈپ كەتكەن.

1957- يىلدىكى « ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى»، « ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» ،1962- يىلدىكى« رېۋىزىئونىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى » ۋە  1966- يىلدىكى « مەدەنىيەت  ئىنقىلابى» قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسەن مىللىي كادىر- خىزمەتچىلەر ۋە زىيالىيلارغا زەربە بېرىش بىلەن ئاياقلاشتى.

1962- يىلدىن باشلاپ  يېزا- قىشلاقلاردا يۈگۈزۈلگەن« سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەركىتى » دە يېزا — قىشلاقلاردىكى ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرىغۇن يەرلىك مىللىي ئەترەت كادىرلارغا زەربە بېرىلدى.

1950- يىلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان، كەينى ئۆزلىمىگەن سىياسىي ھەركەتلەر ۋە سىياسىي بېسىم دەستىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر تۈركۈم كادىرلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئوفىتسېر- جەڭچىلىرى سالامەتلىكلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆلۇپ كەتتى. 1940-  يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق  ۋە ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە ئاكتىپلىقنىڭ ئىپادىسى يۈزىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى گراژدانلىقىغا ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ زور بىر تۈركۈم كادىرلىرى، ئوفىتسېر-  جەڭچىلىرى،   زىيالىيلىرى ۋە زور بىر تۈركۈم ئاۋام خەلق ( شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان رۇسلاردىن باشقا بىر تۈركۈم رۇسلار ئەسلى چارروسىيەنىڭ گراژدانى بولغان بولسىمۇ، لېكىن روسىيە ئوكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گراژدانلىق سالاھىيىتى بولمىغان.) ياشاپ ئۆگەنگەن ۋە قان- تەرى سېڭگەن شەرقىي تۈركىستاننى تاشلاپ،ئامالسىز چەت ئەل– سوۋېت ئىتتىپاقىغا پانالىنىش ئۈچۈن چېقىپ كەتتى. مەسىلەن:

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىر ۋە زىيالىيلىرىدىن : ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ئابدۇرۇپ مەخسۇم؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، « ش ئۇ ئا ر مالىيە نازارىتى » نىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەنۋەر مۇسابايۇۋ؛ ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى پاۋىل پاپولوۋىچ موسكاليوۋ ( رۇس) ، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋاققاس ھاجى مىرشانوۋ ( تاتار) ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، « ش ئۇ ئا ر نازارىتى » نىڭ نازارى ياقۇپبەگ (ئۆزبېك )؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكونىكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى « دۆلەت ناخشا – ئۇسسۇل، ئوپىرا ئۆمىكى » نىڭ باشلىقى،« ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى » نىڭ نازىرى،« ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى  زىيا سەمىدى؛ « شىنجاڭ گېزىتى » گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن (تاتار)  بۇندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن « شىنجاڭ مۇزېي » غا تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ نىڭ مەسئۇلى يۇسۇپبېك مۇخلىس قاتارلىقلار بار.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى–  مىللىي ئارمىيىدىن:  مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، « شىنجاڭ ھەربىي رايون » نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گېنېرال مايور زۇننۇن تىيىپوۋ، مىللىي ئارمىيە باش شتابى ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى پولكونىك پەخرىدىن رەسۇلوۋ خۇجا ( ئۆزبېك )، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇۋەققەت باش قوماندانى،5- كورپۇسنىڭ باش قوماندانى فادىي ئىۋانوۋىچ لىسكىن ( رۇس )؛ مىللىي ئارمىيە پولك كوماندىرى،5- كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، « شىنجاڭ ھەربىي رايون » نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوۋ (تاتار) قاتارلىقلار بار. ( شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومتېتى: « شنىجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دىكى مەلۇماتلار،1995– يىل نەشرى)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، « شىنجاڭ  ئۆلكىلك مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور پولات ئالىمى (ئۆزبېك)  ۋە تۇڭگان ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك سودا بانكىسى ئىلى شىرىكىتى » نىڭ باشلىقى، « شىنجاڭ مالىيە ئىنستۇتى » نىڭ مۇدىرى مەنسۇر لومىيوۋ ( تۇڭگان ) لار سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېقىپ كەتمەكچى بولغانلىق تۈپەيلى ئاساسەن ئۆمۈر بۇي ئىشسىز قالدى.

1949- يىلى خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالىيەت قىلغاندىن باشلاپ « شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازاتلىق ئىنقىلابى » نىڭ كادىرلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى چەكلەش ۋە ئۇلارنى چەتكە قېقىش  ۋە زەربە بېرىپ يوقىتىشتەك قىلىمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. 1960- يىللاردا « ش ئۇ ئا ر پارتكوم » نىڭ  سېكرېتار ۋاڭ ئىنماۋ « جەنۇپلىقلار بىلەن شىماللىقلارنى تېزگىنلەش » تەدبىرىنى قوللىنىپ ، يېزا كادىرلىقتىن ئۆسۈپ،ناھىيە دەرىجىلىك كادىر بولغان تۆمۈر داۋامەتنى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون » نىڭ  مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشى « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دىن كەلگەن كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقىت- سائەتى كەلگەنلىگنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالدى.

مىللىي كادىر- خىزمەتچىلەر ۋە زىيالىيلارنى يوق قىلىشتىكى ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى 1966– 1976-يىللاردىكى ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دىن ئىبارەت سىياسىي ھەرىكەت بولدى. بۇ ھەرىكەتتە شەرقىي تۈركىستان  مىللىي  مۇستەقىللىق  ئىنقىلابىدىن (شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ) كەلگەن كادىرلار ۋە  مىللىي  ئارمىيە ئوفىتسېر–  جەڭچىلىرى،1930- يىللاردىن بۇيان يېتىشىپ چىققان مىللىيى زىيالىيلار ۋە  1949–  يىلدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان ھەر دەرىجلىك  مىللىي رەھبىرى كادىرلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مىللىي زىياللىيلارنىڭ ھەممسى دېگۈدەك ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقلابى » نىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىپغا ئايلاندى. خىتاي دائىرلىرى ساختا ھالدا مۇتلەق كۆپ  قىسمى  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان، « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى بىر « پارتىيە ئىچىدە كاپتالىزىم يولغا ماڭغان ئۇنسۇرلەر» دىن تەركىپ تاپقان « ئەسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ » نى قوراشتۇرۇپ چىقارغان ئىدى، لېكىن ماۋزېدۇڭ سەيپىدىن ئەزىزىنى ساقلاپ قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بۇ « ئەسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ » نىڭ باشلىقى بۇرھان شەھىدىگە ( جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ) ئالماشتۇرۇلۇپ، ئابدۇللا زاكىروۋ ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى )، پاتىقان سۇگۇربايوۋ ( « ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قازاق ) ، ئەسئەت ئىسھاقوۋ، ئەنۋەر جاكۇلىن ، ئەنۋەر  خانبابا، ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ياسىن خۇدابەردى ( ئۇرۇمچى شەھەر باشلىقى)، نۇسرەت شەھىدى ( «  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى » نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تاتار ) لاردىن تەركىپ تاپقان « بۇرھان شەھىدى باشچىلىقىدىكى ئەسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ » نى قايىتىدىن قوراشتۇرۇپ چىقىرىپ، ئاممېۋى كۆرەش چوڭ يىغىنلىرىدا كۈرەش قىلدى، سازاىي قىلدى. بۇ گۇرۇھدىكى كىشلەرنىڭ بىر قسمىنى تۈرمىگە سولىدى، بىر قىسمىنى ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى، چۇشقا باقتۇردى. ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا بۇ مىللىي مەسئۇل كادىرلاردىن مۇھەممەتئىىمىن ئىمىنوۋ، ئەسئەت ئىسھاقوۋ ۋە ئەنۋەر جاكولىنلار تۈرمىلەردە قازا تاپتى. ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي « سىياسىي مەھبۇس » لەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى « شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى » دىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى توختى قۇرباندۇر.

جۇڭگوخەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5- كورپۇسىنىڭ سىياسىي بولۇمىنىڭ سابىق مۇدىرى نورۇيۇۋ. باۋدۇن  ۋە  5- كورپۇس 13- دىۋىزىيە ئارقا سەپ بولۇمىنىڭ  سابىق كومىسسارى ،قۇشۇمچە مۇدىرى،  قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سابىق قوماندانى ئىمىنوۋ ھامۇت،  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، « تىنچلىق سۆھبىتى» دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى رەھىمجان سابىر ھاجى؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى، « تىنچلىق سۆھبىتى » دە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى،« شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى » نىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەزاسى ئولبولخەيرى تۆرە (قازاق)؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سىياسىي مۇئاۋىن باش قوماندانى ( سىياسىي كومىسسارى )، « ش ئۇ ئا ر سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى » نىڭ  سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ ۋە مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ باشلىقى،مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، « شىنجاڭ ھەربىي رايونى  ھەربىي تەييارلىقلار باشقارمىسى » نىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرىشىت تۇردىيوۋ ۋە قۇمۇللۇق سېيىت باتۇر قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زەربىگە ئۆچراپ ۋاپات بولۇپ كەتتى. 5-  كورپۇس 13- دىۋىزىيە ئارقا سەپ بولۇمىنىڭ  سابىق كومىسسارى ،قۇشۇمچە مۇدىرى،  قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سابىق قوماندانى ئىمىنوۋ ھامۇت زەربىگە ئۆچرىدى.

« ئاتالمىش » مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يەنە ئەدەبىيات- سەنئەت ساھاسىدىكى يەنە  زور بىر تۈركۈم مىللىي سەرخىللەرگە زەربە بېرىلدى. تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىھى،ئالىم نىغمەت مىڭجانى(قازاق)،ئالىم ئىمىن تۇرسۇن، شائىر ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى، شائىر تېيىپجان ئېلىيوۋ، شائىر- يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، شائىر نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، يازغۇچى شۈكۈر يالقىن (ئۆزبېك)، شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماس، شائىر ئەرشىدىن تاتلىق، تەرجىمىشۇناس توختى باقى ئارتىشى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئەسقەر ھۈسەيىن، يازغۇچى ۋە تارىخچى تېيىپجان ھادىم قاتارلىقلار « سىنىپىي دۆشمەن »گە ئايلىىنىپ كۆرەش قىلىندى.

1985- يىلى 12- دېكابردىكى ئۇرۇمچى شەھەردە مىللىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ( مىللىي ) باراۋەرلىكىنى ھەققىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى « شىنجاڭ » غا كۆچۈرۈشنى توختىتىش، مىللىي مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش، « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى » نىڭ رەئىسىنى خەلق بىۋاستە سايلاش، مىللىيلارغا نىسپەتەن پىلانلىق تۇغۇش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە « شىنجاڭ » دىكى ئاتوم بومبىسى سىناق مەيداننى بىكار قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر بۇيىچە بىر نەچچە كۈن ئۆتكۈزگەن نامايشلىرى خىتاي دائىرلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۆچرىدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىندى، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ھايدالدى.

1988- يىلى 25- ماي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىمۇ رەھمىسىزلەرچە باستۇرۇشىغا ئۆچرىدى. بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان ، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتىنىڭ رەئىسى دۇلقۇن ئەيسا شۇ قېتىملىق نامايىشتىن كېيىن مەكتەپتىن ھايدالغان.

1990- يىلى 5-  ئاپرېل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېيتقا بىر ئاي قالغاندا مەسچىتلەرنىڭ مەجبۇرىي تاقىلىپ پىچەتلىنىشىدىن نارازى بولغان بارىن يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، مىللىي باراۋارلىك،خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشىنى توختىتىش ۋە مىللىيلارغا قارىتىلغان پىلانلىق توغۇشنى بىكار قىلىش تەلەپلىرى يۈزىدىن ئۆتكۈزگەن نامايىشى ۋە ئۇلارنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشلىرى بىلەن پارتىلغان بارىن قوزغىلىڭى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى —  مۇنتىزىم ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، قەتلىئام يۈرگۈزۈلدى. بارىن قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى  زەيدۇن يۈسۈپ قاتارلىق مىڭلاپ- مىڭلاپ قوزغىلاڭچىلار ئۆلتۈرۈلدى.

1997- يىلى5 – فېۆرال كۈنى غۇلجا شەھەردىكى ياشلار ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ قولغا ئالغان « مەشرەپ بېشى» ۋە دىنىي ئۇستازلارنى قويۇپ بېرىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىش، مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە مىللەتلەر باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىش يۈزىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.  ساقچىلار ئوق ئىېتىپ نامايىشچىلاردىن 100 دىن ئوشوق  ئادەمنى ئۆلتۈردى. 1600 كۆپ ئادەم قولغا ئېلىندى. « ئېتشلارغا قارىغاندا 5- فىۋرال كۈنى قولغا ئىلىنغانلارنى ئۈستى ئوچۇق بىر مەيدانغا ئەكېلىپ ئۇلارغا شىلانكىدا مۈزدەك سۇ چاچقان ۋە قار ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ مېڭىشقا مەجبۇرلانغان.       مۇزلاپ ئۇشۇپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت- قوللىرىنىڭ بارماقلىرى دوختۇرخانىدا كېسىۋېتىلگەن. ئېغىر دەرىجىدىكى ئۈششۈك يارىدارلىرىنىڭ فوتوگرافلىرىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر كۆردى. » ( « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى » دىن ) .   مانا بۇ دەھشەتلىك « غۇلجا قانلىق 5 –  فېۆرال  ۋەقەسى» .

2009- يىل5- ئىيۇل بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار گۇاڭدوڭ ئۆلكسى شاۋگۇەن جايدىكى خىتايلار ئۇلارنىڭ بىر قانچە تۇقغانلىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئادالەتلىك تەلەپ قىلىپ « ش ئۇ ئا ر پارتىكوم » بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ غەرەزلىك ھالدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇتتۇرىسىدا قانلىق مىللىي توقۇنۇش پەيدا قىلىپ،« 5- ئىيول قىرغىنچىلىقى » نى كەلتۇرۇپ چىقاردى. بۇ ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇردى، يۇزلىگەن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى، مىڭلىغان ئۇيغۇرنى  تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

خىتايي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانخور ساقچىلىرىغا خالىغان ۋاقىت ۋە خالىغان جايدا مىللىيلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈدىغان ھوقۇق بېرىلگەن. « 2013 – يىلى 23 – ئاۋغۇست پوسكام ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرى << بومبا ياساش قاتارلىق تېررورلۇق ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى >> دېگەندەك تۆھمەتلار بىلەن ئۇيغۇرلاردىن 12 ئادەم ئۆلتۈرۈپ ، 20 نەچچە ئادەمنى ياردارلاندۈردى. قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا 30  ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن. بۇ  ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا 20 نەچچە ئادەم ئوخشاش تۆھمەت بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ».

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھوقۇقى، مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە مىللىي باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن 2014-  يىلى 15-  يانۋار قولغا ئېلىنىپ، « بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق » جىنايىتى ئارتىلىپ، شۇ يىلى 23-  سېنتەبر  مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2014- يىلى 28- ئىيۇل كۈنى سەھەردە يەكەندە « ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى » يۈز بەردى. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ھېيت ھازىرىلىقىغا قارشى تۇرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى سەۋەپىدىن قوزغالغان دېھقانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشى خىتاى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك دائىرلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.

«  شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن بىر يىلغا ۋاقىت ئۆتكەندە فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2015- يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرى ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا……. شۇ ۋاقىتتا يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرنەچچىسى ئەينى ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇقراق دېھقاننىڭ كەتمەن- گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىگە قارشى يېزا بازىرىدا نامايىش قىلغانلىقىنى، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىشچى دېھقانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى، ئارقىدىنلا تاراسلاپ ئوق ئېتىلىشقا باشلىغانچە كوچىدا ئۇچرىغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ئوققا يەم بولغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ نەچچە يۈز كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ ۋاقىتلاردا رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا ئېلىشقۇ بازىرىدىكى خىتاي دۇكاندارلاردىن بىرى « ئاز دېگەندىمۇ بىرەر مىڭ ئادەم ئۆلدىغۇ، دەيمەن . » دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. »

30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن، 19 يېشىدىن باشلاپ قايتا تەربىيە نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مارالبېشى ناھىيەسىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 3- دېۋىزىيەسىدە  9 يىللىق « قايتا تەربىيە » كۆرگەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم : « مېنىڭچە مەيلى قانداق ئىرق، مىللەت بولسۇن، قانداق مەدەنىيەت ياكى قانداق ئېتىقاد ياكى ئۆرپ- ئادەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇلار كەمسىتىش ياكى باستۇرۇشقا باھانە بولماسلىقى كېرەك. مانا بۇ مېنى ئەڭ ئازابلايدىغان مەسىلە. مېنىڭچە بۇ كومپارتىيەنىڭ تولىمۇ ياۋۇزلۇقى ياكى دىكتاتورىلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ مېنىڭ بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدىلا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم. چۈنكى، ئەينى چاغدا بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ دوزاخ ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلايتتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، قازاقلار بولسۇن ئۇلارنى كەمسىتەتتى. ».

فاشىست شى جېنپىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ( خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ ) 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغاندىن تارتىپ نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە باستۇرۇشلار ئارقىلىق « شىنجاڭ » دىكى يەرلىك مىللەت خەلقلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەم يوقۇتالماي ھەم ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىغانلىقىنىڭ تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، قىسمەن ئۇيغۇرلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن مىللىي باراۋارسىزلىك، مىللىي زۇلۇم، ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىك ۋە دىنىي ئېتىقاد سىياسەتلىرى ۋە مىللىي باستۇرۇلۇشلىرىغا بولغان قىسمەن زوراۋانلىق قارشىلىقلىرىنى باھانە قىلىپ ، 2017- يىلدىن باشلاپ  شەرقىي تۈركىستاندا  ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى روياپقا چىقاردى

نۆۋەتتە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى « دىنىي ئەسەبىيلىك »، « بۆلگۈنچىلىك » ۋە « ئىككى يۈزلىمىچىلىك قارشى تۇرۇش » دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش بىلەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە بولۇپمۇ  ئۇيغۇر تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا كەڭ كۈلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن فاشىستلەرچە شۇغۇلانماقتا. بىر نەچچە مىليۇندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى ، تۇڭگان ۋە تاجىك مۇسۇلمانلىرىنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەي جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سۇلاپ، قىيىن- قىستاقلارغا ئالماقتا،خىتاي گۇدىپاي جاللاتلار تۇتقۇنلارنى ۋەھشىلەرچە ھەر خىل دەھشەتلىك ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلار ئارقىلىق، ئادەم  كۆرسىمۇ، چىداپ تۇرالمايدىغان تەن جازالىرى بىلەن قىيىنىماقتا.  ئۇلار تۇتقۇنلارنى ئادەم قىيىنايدىغان « يولۋاس » ئورۇندۇقتا سائەتلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش، پۇت- قولى كويزا- كىشەنلىك ھالدا سائەتلەپ ئىسىپ قويۇش، بەدىنىگە توك چېتىپ قويۇش، تىرناقلىرىنى يۇلۇپ ئېلىش، بەدىنىنى تاماكا بىلەن كۆيدۈرۈش، ئىتقا تالاتقۇزۇش، سۇ كۆلچىكىگە سائەتلەپ چىلاپ قويۇش، ئاچ قويۇش، سۇ بەرمەسلىك، تاھارەت قىلىشقا رۇخسەت بەرمەسلىك ۋە ئۇخلاتماسلىك قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى بىلەن ئازاپلىماقتا، ئۆلتۈرمەكتە. مىللىي ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ نومۇسىغا تەگمەكتە. ھەتتا بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تۇتقۇن قىلىنمىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق دىكتاتورلىق رېجمى ئاستىدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە تاجاۋۇزچى خىتاي ئىمپېرىيىسى خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق قارشىلىق قىلىشىغا قارىماستىن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈگۈزۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ئىرقىي ئىرغىنچىلىقىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك مىللەتلىرىنى بۇ زىمىندىن يوقىتىش ئۈچۈن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سۆلاپ ئۆلتۈرمەكتە،

جەمئىيەتدە قالغان يەرلىك خەلقلەر يوقىرى تېخنولوگىيە ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىدا كۈن كەچۈرمەكتە. خىتاي كومپارتىيىسى خەلقلەرنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۇستىدە ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ ئېلغار پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىپ، بۇ كىشلارنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غايىسىغا لايىق « پراگراممىلاشقان » ئادەملەرگە ئايلاندۈرۈش بىلەن ئەپلەشمەكتە.

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېچقانداق سىياسي ۋە كىشلىك ھوقۇقلىرى يوق بولۇپلا قالماستىن، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلش بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى يوقىتىش ئالدىدا تۇرۇپلا قالماستىن،يەنە پۈتۈن مىللەت تەرىقىسىدە يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ پۈتۈن تەقدىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى.

Share
2829 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.