logo

trugen jacn

خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرماقچى بولغان خىتايغا دۇنيا نىمە دەيدۇ؟

asiye uyghur ile ilgili görsel sonucu

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

يېقىندىن بۇيان خوڭ كوڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى خوڭ كوڭغا بۇرالدى.چۈنكى خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ خوڭ كوڭ ھۆكۈمىتنىڭ <جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى>غا قارشى نامايىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق بۇزغۇنچىلىقلىرى، لۈكچەكلەرچە قوپاللىقلىرى ۋە ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن پۇقراچە كېيىندۈرۈپ مەخپىي يوسۇندا خوڭ كوڭغا كىرگۈزگەن ھەربىي ۋە ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ ھېلى نامايىشچىلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ نامايىشنى قالايمىقان قىلىشقا، نامايىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا، ھېلى جاسۇسلارنى ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنىڭ سومكىسىغا قورال سېلىپ قويۇپ، نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قورال ئىشلەتكەن دەپ خەلقئاراغا ئەيىبلەش قەستىدە بولۇشى پۈتۈن جاھاننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىللىكى بىلەن تاڭ قالدۇرغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا نامايىشنى <تېرورلۇق ھەرىكىتى>گە ئوخشاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىچىدىكى مېدىيا مۇخپىرلىرىنى پۇقراچە كېيندۈرۈپ، نامايىشچىلار ئارىسىغا سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈپ، سۈيقەست قىلماقچى ، ئەسكەر يۆتكەپ ، خوڭ كوڭلۇقلارنى قورقۇتماقچى بولىشى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى يا خوڭ كوڭغا كىرەلمەي، يا نامايىشچىلارنى بېسىقتۇرالمىغاچقان سەۋرى قاچىسى توشۇپ، نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، بىر نامايىشچى قىزنىڭ كۆزىنىڭ قۇيۇلۇپ، مەڭگۈ كۆرەلمەس بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇ رەزىللىكتىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن خوڭكوڭلۇقلار تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. مانا بۈگۈن ئىشلار بۇ تەرىقىدە داۋام قىلماقتا، ھەممەيلەن بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقماقتا. چۈنكى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى بەلكىم خىتايغا ئەجەللىك زەربە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا خوڭ كوڭ مەسىلىسىنىڭ ئاخىرى زادى قانداق بولار؟ ئەجەبا خىتاي ھۆكۈمىتى راستلا خوڭ كوڭلۇقلارنى خۇددىي يەكەن ۋەقەسىدىكىدەك ئومۇميۈزلۈك ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، بىر كېچىدىلا قىرىپ تاشلارمۇ ياكى دۇنيانىڭ كۆزىدىلا خۇددى 4-ئىيۇن تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدەك تانكا ، پىلىموتلار بىلەن ئاشكارە قىرىپ تاشلارمۇ؟ ئەگەر خوڭكوڭدا قىرغىنچلىق يۈز بېرىپ قالسا خەلقئارا ۋە ئامېرىكا بۇ ئىشقا ئارلىشارمۇ؟ ئەگەر خەلقارا ئارلاشسا قانداق بىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقار؟
خۇ شىجىننىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە خوڭ كوڭ نامايىشچىلىرى ھەققىدە <نامايىشچىلارنى ئېتىپ تاشلاش كېرەك! >دېگەندەك ئوچۇق ئاشكارە ھەيۋە قىلىشلار ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە خوڭ كوڭدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش كېرەك دېگەندەك ئاۋازلار ھەتتا خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى شېنجېنغا يىغىلىپ خوڭ كوڭغا كىرىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر ھەر جاينى قاپلىدى. بۇ ھادىسىلەر ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭ كوڭغا ئوچۇق – ئاشكارە تەھدىت سېلىشى ھېسابلىناتتى. بىر قىسىم دۆلەتلەر خوڭ كوڭدا بىرەر ئەھۋال كۆرۈلسە ئۆز پۇقرالىرىنى ئامان ئېسەن قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرۇپىلان ئەۋەتىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلىشتى. خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنكاسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى.يەنى 14-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتى بىرلەشمە باياناتنامە ئېلان قىلىپ، 89-يىلى 4-ئىيۇندىكىدەك قانلىق باستۇرۇشنىڭ بۇ قېتىم خوڭ كوڭدا يۈز بەرسە بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى باستۇرسا، ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ترامپمۇ تۋىتتېردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭ كوڭ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالىسا ئاندىن ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالىشى مۇمكىنلىكىنى ھەمدە كەينىدىنلا، شى جىنپىڭ خوڭ كوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشسە ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى، ھەممە رازى بولىدىغان ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. يەنى ترامپ بۇ قېتىم خىتاي بىللەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسى خىتاينىڭ خوڭ كوڭ مەسىلىسىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا ھەل قىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەمما شى جىنپىڭ بۇنداق بىر ئىنسانپەرۋەرلىكنى خوڭ كوڭلۇقلارغا كۆرسىتەلەمدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە باشقا بىر مەسىلە. خوڭ كوڭ مەسىلىسىدە ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى <جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى>نى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋەتكەن بولسا، نامايىشمۇ بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلمىغان بولاتتى. لېكىن خىتاي ئۇنداق قىلمىدى، چۈنكى خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىقىغا ئاساسەن بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلغاندا، خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ كېيىن تېخىمۇ كۆپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، خوڭ كوڭ خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەن بۇ يىگىرمە نەچچە يىلدا 50يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ۋەدە بېرىلگەن <بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم>سىياسىتى ئاستا – ئاستا ئۆز قىممىتىنى يوقاتقانىدى. ھەتتا خەلق گېىزىتى ۋە يەر شارى ۋاقىت گېىزىتى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئاخپارات ۋاستىلىرىدىمۇ <بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم>نېمىشقا داۋاملاشقۇدەك؟ <بىر دۆلەتتە بىرلا تۈزۈم بولىدۇ>دېگەندەك سۆزلەر نورماللىشىشقا، خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ دېمۇكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن خوڭ كوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى سايلاپ چىقىلىدىغان، خەلقنىڭ ئاۋازى بارا – بارا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدىغان ھەمدە خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيتىىنىڭ تۈزۈلمىسى خوڭ كوڭنىڭ سىياسي ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان غەلىتە ئەھۋاللار كېلىپ چىققان ئىدى. ئاخىرىدا <جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى>نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ قانۇن بىلەن قوغدىنىش، ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەركىنلىكلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكىنىدە، ئۇلار غەزەب بىلەن كوچىلارغا تۆكۈلدى. چۈنكى، بۇ خوڭ كوڭلۇقلار ئۈچۈن ئۆز قىممەت قاراشلىرىنى، ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكىنى، دېمۇكراتىك تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالالايدىغان ۋە كەلگۈسىنى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى.

ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭ كوڭدا كەڭ كۆلەملىك قىرىنچلىق ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، گەرچە بۇ قېتىم 89-يىلىدىكىدەك ئوچۇق ئاشكارە نامايىشچىلارنى قىرىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىسىمۇ، لېكىن مەخپىي يوسۇندا قىرغىن قىلىش ۋە نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەتتا ئۆزلىرى قەستەن ساقچىلارنىڭ <نامايىشچىلار>تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈشلۈشتەك ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىپ، بۇ باھانىدا پۈتكۈل خوڭ كوڭنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، قىرغىن قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ئالدىمىزدىكى 18-ئاۋغۇست كۈنى خوڭ كوڭلۇقلار يەنە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا بۇ كۈندە بىرەر ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.
خوڭ كوڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى خىتايلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ سەۋەبلىرى قايتىدىن قىززىق نوقتىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئېغىر زۇلۇملار ۋە قارىلىنىشلار، ناھەقچىلىكلەر ۋە تەڭسىزلىكلەر، قىلتاقلار ۋە ۋەيرانچىلىقلار، ئۆز تەقدىرىدىن قورقۇش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش، ئۆز ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش……..قاتارلىقلار خوڭ كوڭلۇقلار نامايىشنى باشلىغان قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا كەلگەنىدى. خوڭ كوڭ بىلەن ئوخشاش ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشتىنلا قانداق باپلىغانلىقى، قانداق توزاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقىقىدىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆز تۇپراقلىرىدا ئىككىنجى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى، بۈگۈن بولسا مىللەت بويىچە لاگىرلارغا مەھكۇم قىلىىپ ، ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خوڭ كوڭلۇقلارنى ئۆز كەلگۈسىدىن ئەندىشە سالسا، خىتاي ئۆھتىچىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بۇ بۆھتانلارنىڭ ئەسلىدە خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئوينىغان سەھنە ئەسىرى ئىكەنلىكىنى ئاستا – ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدى.
ئۇنداقتا خوڭ كوڭ مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولىشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
ئەلۋەتتە كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ناۋادا خىتاي خوڭ كوڭ مەسىلىسىدە ھەر قانداق ئۇسۇلدا نامايىشچىلارنى باستۇرماقچى بولىدىكەن، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادا ، بولۇپمۇ خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسى نورمال بولغان ، خوڭ كوڭ ئاھالىسىنىڭ 50%تىدىن كۆپرەكىنىڭ چەتئەل گراجدانلىقى بولغان ھەتتا بىر نەچچە كۈن ئاۋۋالقى چەتئەللەرنىڭ خوڭ كوڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئەلچىلىرى نامايىش مەيدانىغا بېرىپ، نامايىشچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقان خوڭ كوڭدا، ناۋادا خىتاي يەنىلا نامايىشىچىلارغا قول سالىدىكەن، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بۇ ھاكېمىيەتنىڭ ماھىيىتى قانۇنسىزلىك بىلەن شەرھىيلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېغىر جازا قوللىشىنىغا ئۇچراش بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. بۇ سەۋەب خىتاي بەلكىم ب د ت ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى …….قاتارلىق بارلىق خەلقئارا ئورگانلاردىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، يېتىم قالدۇرۇلۇشى، ھەتتا سودا ئۇرۇشدىن ھالى قالمىغان خىتاي ئىچىدە يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى تېخىمۇ چوڭ جەمىيەت داۋالغۇشى بولۇپ، خەلق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىراقلا قوزغىلىپ ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .
بىز داۋاملىق خوڭ كوڭ نامايىشىغا بىرلىكتە دىققەت قىلايلى!

Share
5020 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.