logo

trugen jacn

تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە پۇللىرى

تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە پۇللىرى

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

مىلادى 1327-يىلى تۈركىيەدە ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئالىي قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر سەركەردە ئالائىددىن ئەرەتنا تەرىپىدىن «ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى» قۇرۇلغان. دۆلەت پايتەختى دەسلەپ تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرى بولۇپ، كېيىن پايتەختنى قەيسەرى شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى تارىختا 1327-يىلىدىن 1381-يىلىغىچە 52 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.
مەن بۇ ماقالەمدە ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، قۇرغۇچىسى ئالائىددىن ئەرەتنا ۋە پۇللىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.
ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالائىددىن ئەرەتنا (Alaeddin Eretna) «ئىلخانىيلار» (İlhanlılar) دۆلىتىنىڭ مەشھۇر قوماندانى ئەمىر چوپاننىڭ ئوغلى ئەمىر تۆمۈرتاشنىڭ باش قوماندانى ئىدى. ئىلخانىيلار دۆلىتى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى «ھىلاكۇ» (Hülagü 1256-1335) قۇرغان دۆلەت بولۇپ، دۆلەت پايتەختى ئىراننىڭ تەبرىز شەھىرى ئىدى. ئەمىر تۆمۈرتاش بولسا ئىلخانىيلار دۆلىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن پۈتۈن ئانادولۇ رايونىنىڭ ئومۇمىي ۋالىيسى ئىدى.
ئانادولۇ رايونى ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلاپ شەرقىي چېگراسىغىچە بولغان زېمىنىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ زېمىن 14-ئەسىردە ئەرەتنا دۆلىتى، قارامان ئوغۇللىرى، دۇلقادىر ئوغۇللىرى، ئوسمان ئوغۇللىرى، جاندار ئوغۇللىرى… قاتارلىق 23 دۆلەت ۋە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى.
ئالائىددىن ئەرەتنا بىلەن ئەمىر چوپان ئەسلىدە تۇغقان كېلەتتى. ئەمىر تۆمۈرتاش ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى بولۇپ، ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ ئاچىسى بولسا قارامان ئوغۇللىرى بەگلىكىنىڭ بېگى نۇرى سۇفى بەگنىڭ ئايالى ئىدى. ئالائىددىن ئەرەتنا ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ بايبۇرت ۋىلايىتىنىڭمۇ قۇرغۇچىسى ئىدى.
1326-يىللار ئەتراپلىرىدا ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ سەئىد باھادىر بىلەن تىمۇرتاشنىڭ دادىسى ئەمىر چوپاننىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىمۇرتاش 1327-يىلى مىسىرغا قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ قېچىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ باش قوماندانى ئالائىددىن ئەرەتنانى (ئەينى ۋاقىتتا قېيىنئاتىسى) ئۆزىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ، پۈتۈن ئانادولۇ رايونىنىڭ ئومۇمىي ۋالىيلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئالائىددىن ئەرەتنا 1327-يىلىدىن باشلاپ ئانادولۇ رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 1335-يىلىغىچە سەككىز يىل ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1335-يىلى ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ خانى ئەبۇ سەئىد باھادىر ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى بولمىغاچقا، تەخت تالىشىپ قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئالائىددىن ئەرەتنا دەرھال ئىلخانىيلار دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى 1343-1338-يىللار ئارىسىدا بەش يىل مەملۇك سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى مەلىك ناسىرنىڭ (1309-1340) ھىمايىسىگە كىرىپ، مەلىك ناسىرنىڭ نامىدا پۇل چىقىرىدۇ.
مەملۇك سۇلتانلىقىنىڭ تارىخى 1174-يىلى سالاھىددىن ئەييۇبى قۇرغان ئەييۇبىيلار دۆلىتىدىن باشلىنىدۇ. مەملۇك دېگەن سۆز ئەرەبچە «قۇل» دېگەن سۆز بولۇپ، مەملۇك سۇلتانلىقى 1350-يىلىدىن 1517-يىلىغىچە جەمئىي 167 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.
ئالائىددىن ئەرەتنا ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەمىرلىرى ئىچىدە ئەجدادى ئۇيغۇر بولغان ئەڭ چوڭ ئەمىر بولۇپ، غىياسىددىن مەھمەت، رامىزان ۋە ئالائىددىن ئەلى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەرەتنا بەگلىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دۆلەت نامىنى «ئەرەتنا دۆلىتى» دەپ ئاتايدۇ. ئۆزى بولسا «سۇلتان» دېگەن ئۇنۋاننى قوللىنىدۇ.
«ئەرەتنا» تۈرك ۋە باشقا تىللاردا ئەرتانا، ئەرتەنە ۋە ئاراتنا دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، «ئەرەتنا» دېگەن ئىسىم بۈگۈنكى كۈندە ئەرەبچىدە «ارتين» ئوقۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدىن پەرقى يوق تۇۋا تىلىدا «ئەرتىنە» ( (Ertine-эртинеدەپ يېزىلغان بولۇپ، «خەزىنە» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەسلەپتە سىۋاس (تۈركىيەنىڭ بىر ۋىلايىتى) ئىدى. كېيىن پايتەختنى قەيسەرىگە (ھازىرقى ئىسمىمۇ قەيسەرى) يۆتكەپ كېلىدۇ.
ئالائىددىن ئەرەتنا دۆلەت پايتەختىنى سىۋاستىن قەيسەرىگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى ئىلخانىيلار قاتارلىق باشقا دۆلەت ۋە بەگلىكلەردىن ئەرەتنا دۆلىتىگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈپ كېلىدۇ. ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ دادىسى جافەر بەي بولۇپ، ئۇ كىشى كېيىن قەيسەرىدە ۋاپات بولىدۇ.
تۈركىيە تارىخىدا ئانادولۇدا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى ئاساسەن «بەگ»، «بەگلىكلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەرەتنا دۆلىتى يېزىلغان كىتاب، تارىخلاردا ۋە بەزى خەرىتىلەردە «ئەرەتنا دۆلىتى» دەپ يېزىلغان. دۆلەتنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ پۇللىرىغا «مۇھەممەد ئەرەتنا، ئۇلۇغ سۇلتان…» دەپ يېزىلغان خەتلەردىنمۇ ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ ئالائىددىن ئەرەتنا دەۋرىدە ئانادولۇ رايونىدىكى بارلىق بەگلىك ۋە ئەمىرلىكلەردىن چوڭ، كۈچلۈك ۋە ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى دۆلەت بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
1335-يىلى ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ سەئىد باھادىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن تىمۇرتاش مىسىردىن ئىلخانىيلار دۆلىتىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئالائىددىن ئەرەتنانى قايتا ئىلخانىيلار دۆلىتىگە بويسۇنۇشقا چاقىرىدۇ. ئەمما ئالائىددىن ئەرەتنا ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تىمۇرتاشنىڭ كىچىك ئوغلى كىچىك شەيخ ھەسەن ئانادولۇ زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنى ھۆكۈمدار دەپ ئېلان قىلغان سۇلايماننىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئەرەتنا دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. 1343-يىلى بۇ ئىككى دۆلەت لەشكەرلىرى سىۋاس بىلەن ئەرزىنجان ئارىسىدىكى كارانبۈك دېگەن جايدا ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، ئىلخانىيلار دۆلىتى بىلەن سۇلايمان رەھبەرلىكىدىكى ئانادولۇ بەگلىكلىرىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى تامامەن مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانادولۇ زېمىنىدا 87 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئىلخانىيلار دۆلىتى ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ غەلىبىسى ۋە ئىلخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئەلۋەتتە تارىخىي چوڭ ۋەقە ئىدى. چۈنكى ئىلخانىيلار دۆلىتى چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى ھىلاكۇخان تەرىپىدىن 1256-يىلى قۇرۇلغان، بەزى تارىخلاردا «ئىلخانىيلار ئىمپېرىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان دۆلەت ئىدى. ھىلاكۇخان قۇرغان بۇ دۆلەت ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنى يالماپ-يۇتۇپ، 1258-يىلى دۇنيا تارىخىدا 508 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئابباسىي ئىسلام خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن، شۇنداقلا ئىراق، ئىران، سۇرىيە، پەلەستىن ۋە تۈركىيەنىڭ ئانادولۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇلغان بارلىق بەگلىكلەرنىمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئېلىپ بولغان بىر دۆلەت ئىدى. تارىخ داۋاملىشىپ 1348-يىلىغا كەلگەندە، مۇشۇنداق بىر دۆلەت ئالائىددىن ئەرەتنا تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
تونۇلغان تارىخچى ۋە تارىخىي پۇل تەتقىقاتچىسى مەھمەت چايىرداغ (Mehmet ÇAYIRDAĞ) بۇ ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەتنا دۆلىتى ئىلخانىيلار ۋە سۇلايمان رەھبەرلىكىدىكى ئانادولۇ بەگلىكلىرىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، بايلىق، قورال-ياراغ قاتارلىق ناھايىتى كۆپ غەنىيمەت ئولجا ئالىدۇ. ئەرەتنا دۆلىتى بىر ھېسابتا ھىلاكۇخان تەرىپىدىن يوقىتىلغان ئابباسىي ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ. بۇ غەلىبىدىن كېيىن ئالائىددىن ئەرەتنا ئۆز دەۋرىنىڭ بىر مىللىي قەھرىمانى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ».
ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بۇ تارىخىي غەلىبىسىدىن كېيىن ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ نوپۇزى ۋە شۆھرىتى مەشھۇر بولۇپ، پۈتۈن ئانادولۇ بەگلىكلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ. ئالائىددىن ئەرەتنا 1344-يىلىدىن باشلاپ يالغۇز ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئانادولۇنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ.
ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يەر مەيدانى دۆلەتنىڭ ئەڭ پارلاق زامانى بولغان 1327-1352-يىللىرىدا تۈركىيەنىڭ ھازىرقى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدىن ئەنقەرە، كىرشېھىر، نەۋشەھىر، يوزغات، توكات، چورۇم، ئاماسيا، نىغدە، قەيسىرى، سىۋاس، ئەرزىنجان، ئەرزۇرۇم، تۇنجېلى، سامسۇن، گۈمۈشخانە، جەنۇبىي گىرېسۇن، شىمالىي مالاتيا قاتارلىق 17 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت زېمىنى 214 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن.
ئالائىددىن ئەرەتنا قابىلىيەتلىك، جەسۇر، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، مەرد، ئالىم بىر زات ئىدى. ئۇ دۆلەتنى پەۋقۇلئاددە ئادىللىق بىلەن باشقۇرغانلىقتىن، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتى ئىنتايىن گۈللەنگەن، خەلقى پاراۋان ياشىغان. ئۇنىڭ ساقىلى قىسقا ھەم شالاڭراق بولۇپ، دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن خەلقى ئۇنىڭغا «كوسا پەيغەمبەر» دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى.
ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنا 1352-يىلى ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتى يالغۇز ئەرەتنا دۆلىتىگىلا ئەمەس، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە دېگۈدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەرەتنا دۆلىتى ۋە باشقا پۈتۈن ئانادولۇ بەگلىكلىرى ھەم سۇرىيە، ئىراق قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت ۋە بەگلىكلەردە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىپ، دۇئا قىلىنغان.
ئالائىددىن ئەرەتنا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن يەتتە يىل بۇرۇن، يەنى 1345-يىلى پايتەخت قەيسەرىدە ئۆزى ئۈچۈن سالدۇرغان كۆشىك مەدرىسەسىگە دەپنە قىلىنغان.
سۇلتان ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ 3-ئوغلى سۇلتان ئالائىددىن ئەلى 1380-يىلى 28 يېشىدا ۋابا كېسىلى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ سۇلتانلىقى 15 يىل داۋام قىلىدۇ. ئورنىغا تېخى ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن ئوغلى ئالائىددىن مۇھەممەد تەختكە چىقىدۇ. شەرقىي قاراھىسارنىڭ ۋالىيسى قىلىچ ئارسلان ئۇنىڭغا نائىب (سۇلتانغا ۋاكالىتەن دۆلەت باشقۇرغۇچى) بولىدۇ. ئەمما 1381-يىلى قازى بۇرھانىددىن قىلىچ ئارسلاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نائىب بولىۋالىدۇ. قازى بۇرھانىددىن شۇ يىلى ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى ياش ئالائىددىن مۇھەممەدنى تەختتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سۇلتانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1327-يىلىدىن 1381-يىلىغىچە 52 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ.
قازى بۇرھانىددىن تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن دۆلەت ئىسمىنى «قازى بۇرھانىددىن ئەھمەد دۆلىتى»گە ئۆزگەرتىپ، 18 يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. 1398-يىلى ئۆلتۈرۈلىدۇ. كېيىن دۆلىتى ئوسمان ئىمپېرىيەسى زېمىنىغا قوشۇلۇپ تۈگەيدۇ.

ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پۇللىرى

ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە سەلتەنىتىنىڭ پاكىتى بولغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللىرى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئالائىددىن ئەرەتنانىڭ 1950-يىلى ئەرزىنجاندا باستۇرغان ئالتۇن پۇلى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تونۇلغان تارىخچى ۋە تارىخىي پۇل تەتقىقاتچىسى مەھمەت چايىرداغ بۇ ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ دەۋردە ئانادولۇ تەۋەسىدىكى بارلىق دۆلەت ۋە بەگلىكلەرنىڭ پۇللىرى كۈمۈش بولۇپ، پەقەت ئەرەتنا دۆلىتىنىڭلا ئالتۇندىن ياسالغان پۇلى بولغان. بۇ ئەھۋال ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم. چۈنكى ئانادولۇ سەلچۇق ھۆكۈمدارلىرى II-قىلىچ ئارسلان دەۋرىدە، ئوسمان ئىمپېرىيەسى بولسا پەقەت فاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخان دەۋرىدە ئاندىن ئالتۇن پۇل باستۇرالىغان» دەپ يازغان.
ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ 1348-يىلى قەيسەرىدە قۇيۇلغان كۈمۈش پۇللىرىنىڭ بىر يۈزىگە كەلىمە تەۋھىد، ئەتراپىغا تۆت خەلىپىنىڭ ئىسمى يېزىلغان. ئارقا يۈزىگە: «مۇھەممەد ئەرەتنا، ئۇلۇغ سۇلتان، دۇنيا ۋە دىننىڭ قوغدىغۇچىسى، ئاللاھ ئۇنىڭ مۈلكىنى ئەبەدىي قىلسۇن؛ قەيسەرىدە قۇيۇلدى» دەپ يېزىلغان.
ھازىر ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پەرقلىق يىللاردا بېسىلغان خېلى كۆپ پۇللىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ سىۋاس گۈدۈك مۇنارى، قەيسەرى كۆشىك مەدرىسەسى، قەيسەرى سىرچالى گۈمبىزى، ئەلى جافەر گۈمبىزى، نىغدە سۇنگۇرئاغا جامەسى ۋە گۈمبىزى قاتارلىق خېلى كۆپ ئەسەرلەرمۇ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
« 100مەشھۇر ئۇيغۇر»، 2017-يىلى نەشرى، 1-قىسىم، 183-بەتتىن 189-بەتكىچە.

* https://dergipark.org.tr/en/download/article-file/1561905

* https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/977418

* https://tr.wikipedia.org/wiki/Anadolu_beylikleri

* https://yesilhisarihl38.meb.k12.tr/icerikler/vakti-kusanmak-projesi-kapsaminda-duzenlenen-cami-bulusmalari_13569931.html

* https://www.bedencoins.com/kategori/6

* https://silo.tips/download/anadolu-beylkler-ve-skkeler

* https://www.ma-shops.co.uk/schmuckstube/item.php?id=32394
* * * * * * * * *
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8091

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

Share
2802 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.