logo

trugen jacn

ئەركىن ئالپتېكىن: غولام ئوسمان ئەپەندىگە جاۋاپ

مۆھتىرەم غولام ئوسمان ئەپەندىم،
يېقىندا بىر ۋىدىئو ئېلان قىلىپ چويلىدا تۇرمايدىغان، بۇرمالانغان، يالغان – ياۋىداق گەپلەر بىلەن ماڭا ۋە ئەيسا ئالپتېكىنگە تۆھمەت چاپلاشقا تىرىشىپلا. ئەسلىدە، مەركىزى ئاسىيا، تۈركىيە، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكادا ياشايدىغان بەزى يۇرتداشلار “ئىت كاپشىيدۇ، كارۋان كەتىۋەرىدۇ، سىز سەۋىيەسىز ئادەملەرگە جاۋاپ بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، ئۇلار باشقىلارنى تىللاش، قارالاش ۋە تۆھمەت چاپلاش ئارقىلىق مەشھۇر بولۇشنى كۆزدە تۇتىدىغان بىنورمال مەخلۇقلار، پوققا چالما ئاتسىڭىز يۈزىڭىزگە چاچرايدۇ” دىگەندەك بىرمۇنچە تەۋسىيەلەردە بولۇپ كىلىشكەن ئىدى. بۇ يۇرتداشلار تامامەن ھەقلىق بولسىمۇ، مەن يەنىلا سىلىنىڭ بۇ پىتنە – پاساتلىرىغا جاۋاپ بەرىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىم يوق. دەم ئېلىشتىكى مويسىپىتمەن. ماڭا ئوخشاش 80 ياشتىن ھالقىغان ئادەملەر ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمىسا، مېڭىسى يىگىلەپ قالىدۇ.
ئەگەر ئەسلىرىدە بولسا 2005. يىلى كاناداغا بارغاندا سىلى بىلەن ئۇچىرۇشۇپ قالغان ئىدۇق. مەن بىلەن سەمىمى رەۋىشتە كۆرۈشتىلە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنىڭ (دۇق) قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان رولۇمنى تەبرىكلىدىلە. مىنى مېھمان قىلماقچى بولدىلا. مەن سىلىنىڭ كۆرسەتكەن بۇ سەمىمى ئىلتىپاتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم. شۇ چاغدا يېنىمدىكى يۇرتداشلارغا “غولام ئوسمان ئەپەندىم خەلى ئادەمىگەرچىلىكى بار كىشىكەن” دىگەن ئىدىم.
ھالبۇكى، مەركەزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، تۈركىيە’دە ۋە گېرمانىيەدە باشتا بولۇپ بەزى بىرياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە سىلىنى تونۇيدىغان بىر قىسىم يۇرتداشلار سىلىنى “بىر مەدداھدەك تولا گەپ قىلىشقا ئامراق، پوچى، جاسارەتسىز، داۋاملىق رەۋىشتە باشقىسىنىڭ قوڭىنى كوچىلايدىغان؛ ئۆزىنى بىر ئىنقىلاپچى، قوزغۇلاڭچى، توپۇلاڭچى، مۇجاھىت، سىياسىيون، مۇتەپەككۇر دەپ تونۇتۇشقا خۇشتار، قوراللىق كۆرەشنى جار سالىدىغان، ئامما قولىغا كالاشنىكوۋنى تۇتغۇزۇپ قويسا ‘مەن قەلەم بىلەن مۇجادەلە قىلىمەن، قۇراللىق مۇجادەلە قىلىشنى بىلمەيمەن، قۇرال قوللۇنۇشنىمۇ ياخشى كۆرمەيمەن’ دەيدىغان بىر كاززاپ؛ زامانىدا بوغالتىر بولۇپ جىھاد ئۈچۈن يىغىلغان مىليونلارچا دوللارنىنڭ ھىسابىنى بەرمەي قەچىپ كەتكەن بىر ئالدامچى “ دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. ئامما مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن، ئۆز قۇلىقۇم بىلەن ئاڭلىمىغان ۋە ھىچ پاكىتى بولمىغان گەپلەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمىگەچ، يۇرتداشلارنىڭ سىلە توغرۇلۇق دىگەن بۇ گەپلەرىگە ئۇ چاغلاردا ئانچەبەك ئىتىبار قىلمىغان ئىدىم.
كىيىن سىلىگە قارشى “مەسىلىگە بىر كۆز بىلەن قارىمايلى” دىگەن بىر كىتاپ نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ كىتاپتا سىلىنىڭ يۇقارقىدەك سەلبىي قىلمىشلىرى ئەلان قىلىنىدۇ. ئەنە شۇ تارىخلاردا بولسا كېرەك، رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ماقالە نەشىر قىلدىلا. تەخى يېقىندا، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىغىنىدا، پارلامەنتنىڭ رەئىسى كۆرەش ئاتاخان ئەپەندىنى ۋىدەئودا “ھەزىلەك” دەپ تىللىدىلا. يەنە شۇ يىغىندا، سۈرگۈن ھۈكۈمەتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان ئىسمائىل چىڭىزگە “جاھىل”، “قالاق” ، “ھارامزادە” دەپ ھاقارەت قىلدىلا. ھالبۇكى ، سىلى تىللاپ، ھاقارەت قىلغان بۇ كىشىلەر سىلىنىڭ سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتلىرىدە ھەمكارلىق قىلغان سەپداشلىرى ئىدى. “نورمال بىر ئادەم ئۆزىنىڭ سەپداشلىرىغا مۇشۇنداقمۇ ھاقارەت قىلامدۇ؟” دەپ ھەيران بولدۇم. بىر چاغلاردا <<ياغلىقاپاق>> بولمىغانلىقلىرىنى، تۈزەلگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان ئىدىلە. مۇنشۇنداق تۈزەلگەنمىدىلە؟
ئەمدى، بىر ۋىدئو نەشىر قىلىپ، 15 يىل بۇرۇن كانادادا سەمىمى رەۋىشتە كۆرۈشكەن ماڭا “تۈركىيەدە ئېچىلغان مىللىي مەركەز يىغىنلىرىغا قاتناشمىغان، “شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى ئىشلەتمىگەن” ۋە “دۇق نىڭ ئىسمىنى ‘ئۇيغۇرغا’ ئۆزگەرتىلۋالغان“ دەپ ھۇجۇم قىلىپ چىقىپلا. بۇ نىمە دىگەن رىياكارلىق، ئىككى يۈزلەمىچىلىك ۋە سەمىمىيەتسىزلىك؟
2005-يىلى كانادادا كۆرۈشكەندە بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى سورىماي، ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى يىشەلمىدىم. ئۆتكەن ئاي، دۇق نىڭ قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق بىر يازمام ئېلان قىلىندى. ھەرھالدە پىرىزدەنتلىق چۈشىنى كۆرۈپ، بۇنى كۆرەلمىدىلە. سىلىنى تونۇغان يۇرتداشلار “ئۆزى يازمىغان بىر نەرسىنى ھىچ ئوقۇمايدۇ” دىيىشتى. ئەگەر قىزىقسىلا ماڭا تېلفون ياكى ئېمائىل ئادرەسلەرىنى ئەۋەتىپ قويسىلا، بۇ يازمامنى سىلىگە ئەۋەتىپ بېرەي. كۆرۈپ قويغانلىرىدا زىيان يوق. ئاغزىلىرىدىكى تەمسىزلىكلەرنى يوقىتىدۇ.
نەشىر قىلغان ۋىدەئولارىدا ئەيسا ئالپتەكىننىڭ يازدۇرغان ئەسلىمىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ، مەزمۇنىنى ناھايىتى دراماتىك بىر تىل بىلەن تەنقىت قىلىپ چىقىپلا. تەنقىت سىلىنىڭ دەموكراتىك ھەقلىرى. دەموكراتىك دۆلەتلەردە يېزىلغان بىر ئەسلىمە، ئەسەر ياكى رومان توغرۇلۇق ھەركىم ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوچۇقچا ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلىنىڭ ياكى باشقىسىنىڭ ئەيسا ئالپتەكىننىڭ ئەسلىمىسىدە ئىپادە قىلىنغان سۆزلەرنى ئەركىن رەۋىشتە تەنقىت قىلىش ھوقۇقى بار. ئامما ئەسلىمىنىڭ مۈئەللىفى ھاياتتا بولمىغاچ، سىلىنىڭ تەنقىتلەرىگە ئىزاھات بەرىش ئەركىنلىكى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئەسەرلەرىنى تەنقىت قىلىش ئاسان. تەنقىدلەۋەرسىلە، بىر نىمىگە ئېرىشىپ قالىلا.
گېرمانىيەدە، بەلكى بۈتۈن ياۋرۇپانىڭ داڭلىق كىتاپ كرىتىكى ياكى ئوبزورچىسى ماركەل رەئىچ- رانىككى مۇنداق دەيدۇ: “…بىر كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى تەنقىت قىلىشنىڭ دەرىجىسى، ئۇ كىتاپنى تەھلىل قىلغان ئادەمنىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي، ئىنسانىي سەۋىيەسىگە ۋە مۈئەللىفىگە بولغان كۆز قاراشىغا باغلىق …” .
سىلىنىڭ تەھلىللەرىنىڭ قايسى كاتىگورىيىگە كىرىدىغانلىقىنى مىللەت ئۆزى بەلگۈلىۋالسۇن.
بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇغان ئامەرىكالىق پائۇل ھەنزە ئەپەندى مۇنداق دىگەنتى: “….1930 – ۋە 1940- يىللاردا شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە سوۋەت ئىتتىپاقىدىكى بىز بىلمەيدىغان كۆپلىگەن مەسەلەلەر توغرۇلۇق مەلۇماتدار بولدۇق…”.
ناھايىتى ياخشى تۈركچە بىلگەن پائۇل ھەنزە ئەپەندى بۇ ئەسلىمىنى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشىر قىلىشنى نيۇ يوركدىكى كولومبىئا ئۇنىۋەرسىتەسىنىڭ پروفەسسورى ئەدۋارد ئاللۋورتھقا تەۋسىيە قىلغان. پروف. ئاللۋورتھ بۇ مەسىلىنى مەن بىلەنمۇ سۆزلەشكەن. بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇغان تۈركىيەلىك قېرىنداشلار “…ئىسا بەي گەركەك نەيسە ئونۇ يازمىس…”، يانى “…ھەقىقى ۋەزىيەت نىمە بولسا شۇنى يېزىپتۇ…”دەپ باھا بېرىشكەنتى. ھەتتا بۇ ئەسلىمىنى يېڭىدىن بېسىپ چىقىرىشنىمۇ تەۋسىيە قىلىشقان ئىدى. نەتىجىدە، در. ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ئەسەرنى يېڭىدىن تىزس قىلىپ 1. ۋە 2. باپ قىلىپ نەشىر قىلدى. سەئۇدى ئەرابىستاننىڭ بۇرۇنقى ئىنفورماسيا مىنىستەرى بولغان ئەمىر ئال تۇركىنىڭ مەسلەھەتچىسى بولغان مۇھاممەد شاھ ھابىبۇللاھ ئەپەندى بۇ ئەسلىمىنى ئوقۇتۇپ، ئاڭلاپ، بۇ ئەسلىمىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. ماركەل ئەپەندى دىگەندەك، بىر كىتاپنى تەھلىل قىلىدىغان ئادەمنىڭ سەۋىيىسى بەك مۇھىمكەن.
توغرىسىنى ئەيتسام، مەن بۇ ئەسلىمىنىڭ يېزىلىشىغا قارشى ئىدىم. چۈنكى ئەيسا ئالپتەكىننىڭ دىگەن گەپلىرىنىڭ كۈنى كەلگەندە ئۆزىگە قارشى ئىشلىتىلىشى مۈمكۈن ئىدى. ئەمما ئەيسا ئالپتېكىن “ئوغلۇم، خۇدانىڭ بىلگىنىنى بەندىدىن ساقلىماسلىق كەرەك” دىگەنلىكى ئۈچۈن مەن ئارالاشمىغان. “بەندىدىن ساقلىمايمان” دىگەن گەپلەرى مانا 25 يىلدىن كەيىن گۇڭسەنداڭچى “پىپەنچىلەرگە” ماتېرىيال بولۇپ بەردى.
سىلە دىگەندەك، ئەيسا ئالپتېكىن ئەسلىمىسىنىڭ بەزى يەرلىرىنى پەدازلاپ بېرىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. ئامما ئەيسا ئالپتېكىن سىلىگە ئوخشىمايتى. ئۇنىڭ يالغان گەپ قىلالمايدىغان يامان بىر ئادېتى بارتى. بەك ساپ بىر ئادەم بولغاچ، يۇرتداشلىرىنىڭ بۇ ئەسلىمىدىكى سۆزلەرنى كۈنى كەلگەندە ئۆزىگە قارشى ئىشلىتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتى. چۈنكى، ئىچىمىزدە يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىشەنمەيتى. “دۇنيانىڭ ئەڭ يامان ئادىمىنىڭ ئىچىدە بىر نەبزە بولسىمۇ ياخشىلىق بولىدۇ. بىز ئۇ ئادەمنىڭ پەقەت يامان تەرەپىگە قارىماي، ئىچىدىكى شۇ بىر نەبزە ياخشىلىقنى تەپىپ چىقىپ، ئۇ ئادەمنى جەمىيەتكە قازاندۇرۇشىمىز كېرەك” دىگەن خام خىيال بىلەن ياشايتى. “ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياھشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى” دىگەن قۇرۇق سۆزنى ئاغزىدا سەغىزدەك چايناپ يۈرەتتى. ئۆلۈمىدىن 25 يىل كىيىن تىللىنىپ، قارىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەرگە ئۇچراپ قەلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مانا بۇ ساپلىقنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر. “ۋەتەن”، “مىللەت”، “داۋا” دەپ ئۆزىنىڭ بالا-چاقىلەرىنى ئاچ، يالانغاچ ۋە بىئىلاج قالدۇرغان ئەيسا ئالپتەكىن ئەمدى جازاسىنى تارتىۋاتىدۇ. ھاياتتا بولغان بولسىيتى، “خوپ بولدى” دەيتىم.
غولام ئوسمان ئەپەندىم، ئەگەر خاپا بولمىسىلا سىلە تەنقىت قىلغان ئەسلىمىدىكى بەزى بىر سۆزلەر توغرۇلۇق ئۆزەمنىڭ ئاجىزانە پىكرىنى ئىپادە قىلىپ قوياي.
ئەيسا ئالپتەكىننىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى “سوۋەت ھاكىمىيەتى ئاستىدا بولغان ئۆزبېكىستاندا بىر مەمۇر مۇدىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرالايدىكەن، ئامما شەرقىي تۈركىستاندا بىر ئۇيغۇر مەمۇر، بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرالمايتى” دىگەن سۆزلىرىنى بەك تەنقىت قىلىپ كەتىپلا. ھەرھالدە، 19- ئەسىردە مانجۇ-خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسەتىدىن خەۋەرلىرى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلىگە ۋىكتور لوئۇئىسنىڭ 1979-يىلى كانادادا نەشىر قىلىنغان “The Coming Decline of the Chinese Empire” ناملىق ئەسەرىنىڭ 93. سەھىپىسىدە يېزىلغانلارنى ئوقۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئېنگىلىزچە يېزىلغانلارنى نەقىل قىلاي، ئارزۇ قىلسىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجۈمە قىلدۇرۇپ قويسىلا، بەك ياخشى بولىدۇ.
مۈئەللىف، 19. -ئەسىردە شەرقىي تۈركىستانغا بەرىپ تەدقىقاتلار ئەلىپ بارغان رۇس ئالىمى نىكولاي پرزھەۋالسكىنىڭ مۇنداق دەپ يازغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ:
“… The Uyghurs were forced to wear Chinese dress, to show exeggerated respect to Chinese officials, and to kneel when they met a Chinese official. Chinese officials were given the right to punish at their duscretion the Uyghurs, to imprison them , and even to have them executed. Any appeal to higher authorities by the Uyghurs against such punishment was strictley prohibited. Any complaints about the Chinese official brought automatic punishment against those who made the complaints….
يەنە 19-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان رۇس سەيياھ كاروپاتكىن ‘نىڭ مۇنداق دەپ يازغانلىقىنى نەقىل قىلىدۇ:
“…..Upon encountering a Chinese official in the street , all Uyghurs were supposed to dismount. If the local Chinese official was making a tour of the town, the Uyghurs were supposed to kneel in the streeets. If the Chinese official was on his way to a temple, all Uyghurs, supposed to kneel at the entrance with their hands behind their backs…”
بۇ خۇسۇستا يامان جىق مىساللار بار. مەن پەقەت مۇشۇ ئىككى مىسالنى بېرىش بىلەن چەكلىنەي.
“كىسەل خىتاينىڭ پوقىنى تازىلاپ” دەپلا. بۇ خىتاينىڭ پوقىنى ئۆزى تازىلىدىمۇ، پۇل بەرىپ باشقىسىغا تازىلاتتۇردىمۇ، پوقىنىڭ رەڭى قانداقتى، پۇرامتى، ئەمەسمىتى… بۇ خۇسۇسلاردا بەك مەلۇمات بەرىلمىگەن.
بەلكى بىلىلا، بولۇپمۇ غەرپ دۆلەتلىرىدە “Home for Elderli” , “Nursing Home” , “Home for Aged”, “Old Peoples Home دەيدىغان پىنسىيونېر، قېرى، ئاجىز بولغان كىشلەرنى باقىدىغان “ھۇزۇر ئۆيلىرى” بار. مەنمۇ،گېرمانىيەدە “Seniorenheim”دەپ ئاتالغان شۇنداق “ئۆيلەردىن” بىرىنىڭ ئەزاسى. ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ئەزاسى بولغان “ھۇزۇر ئۆيىگە” كىرىپ، پوقامنى باشقىلارىغا تازىلاتتۇرىمەن. كانادا’دا ھەر شەھەردە مۇشۇنداق “ھۇزۇر ئۆيلەرى” بار. ئەگەر خانىملىرى قابۇل قىلمىسا، بەلكىم سىلىمۇ شۇنداق بىر ئۆيگە كىرىپ، پوقلەرىنى باشقىلارىغا تازىلاتتۇرالا. ھەركىمنىڭ نىيىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ.
ۋاھالەنكى، سىلە “ خىتاينىڭ پوقى” بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەيسا ئالپتېكىننىڭ ئاساسى مەقسەدىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويۇپلا. ئەيسا ئالپېكىن 1901 – يىلىدا يېڭىساردا تۇغۇلغان، “ئەلىپ بە تە سە، جۈمبۈل ھە تە سە، جۈمبۈل نەنىنى يەپ، قوساق كۆپەرسە” دەيدىغان موللا مەكتەۋىدە ئوقۇپ، كېيىن يېڭىسار يامۇلدا ئېچىلغان خىتايچا كۇرسلارنى تۈگۈتۈپ، 24 ياشلېرىدا “تەرجېمان، كاتىپ” بولۇپ ئۆزبەكىستانغا چىقىدۇ. 24 يېشىدىكى بۇ چالا موللا ياش ئادەمنىڭ دۇنياغا بولغان كۆز قاراشى ئۆزبەكىستانغا چىققاندىن كىيىن ئەچىلغىلى باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ كۈنلۈك ئىشلەرىنىڭ سىرتىدا ئۆزبەكىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلەرىدىكى غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەر ئەلىپ بارىدۇ. مىللەتچىلىكنىڭ نىمە بولغانلىقىنى شۇ يەردە ئۈگىنىدۇ. بۇ مىللەتچىلەردىن ماركسىزىم، لېنىنىزىم، كومۇنىزىمنىڭ نىمە بولغانلىقىنى؛ لېنىننىڭ 1919. يىلى “شەرقنىڭ مۇسلۇمانلەرىغا” دەپ ئىلان قىلغان دەكرەتى بىلەن غەربىي تۈركىستان خەلقىنى قانداق ئالداتقانلىقىنى؛ ستالىننىڭ قانلىق سىياسەتىدىن خەۋەردار بولىدۇ. كوممۇنىزىمغا بولغان ئۆچمەنلىكى شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۈتۈن مەقسەدى، مىللەتچىلەرنىڭ “سېنىڭ ھازىر قىلالايدىغان ئىشىڭ، خىتايغا بەرىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تۈرلىك يوللار بىلەن مەركەزى ھۈكۈمەت ۋە دۇنيا جەمائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىپ، تەدبىر – چارە ئالدۇرۇش يوللارىنى ئاختۇرۇشۇڭدۇر” دىگەن تەۋسىيەسىنى ئورۇنداشتۇر.
ماكياۋەلى: “مەقسەتكە يەتىش ئۈچۈن ھەر يول مۇباھتىر” دەيدۇ.
ئەيسا ئالپتېكىنمۇ مەقسەدىگە يەتىش ئۈچۈن مۇشۇ باھانە بىلەن، كېرەك بولسا “خىتاينىڭ پوقىنى تازىلاپ”، مەركەزى خىتايغا بەرىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى مەركەزى ھۈكۈمەت ۋە دۇنيا جەمائەتچىلىككە ئاڭلىتىپ، تەدبىر، چارە ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر مۇجادىلە يولىغا قەدەم قويىدۇ.
ئەيسا ئالپتېكىڭە سېلىشتۇرغاندا سىلە خېلى ساۋاتلىق بىر ئادەم، ئەجىبا سىلە 24 ياشلارىدا “خىتاينىڭ پوقىنى تازىلىمىغان بولسىلىمۇ” شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن نىمە قىلغانتىلە؟ خىتايدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلىرىغىمۇ 30 يىل بولاي دەپ قالدى، زادى بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇرۇق گەپتىن، غەيۋەت – شىكايەتتىن باشقا نىمە ئىش قىلدىلا؟
1990- يىللاردىن باشلاپ ناھايىتى كۆپ يۇرتداشلارىمىز چەتەلگە چىقىپ سىياسى پاناھلىق ئىزدىدى. ئۇ يىللاردا سىياسى پاناھلىق ئىزدىگەن يۇرتداشلارىمىز گۇۋاھنامە توغرىسىدا مېنى ئىزدەيتى. مەن 1500 گە يەقىن يۇرتداشقا گۇۋاھنامە يېزىپ بەرگەن. سىياسى پاناھلىق ئۈچۈن بەېرىلگەن ئەرزلەرنىڭ كۆپى “….مەن خىتايغا قارشى مۇجادەلە قىلغان، خىتايلار مېنى قولغا ئېلىپ سولۇغان، تۇرمىلاردا قىينىغان، قايتۇرۇلىدىغان بولسام مېنى ئۆلتۈرۈدۇ…” دىگەڭە ئوخشاش سۆزلەردىن ئىبارەت ئىدى. سىياسى پاناھلىقى قۇبۇل بولۇپ، قولىغا پاسپورتنى ئالغاندىن كىيىن تۇققان يوقلاش، توي قىلىش ياكى تىجارەت قىلىش ئۈچۈن پات پات خىتايغا بېرىپ كېلىشەتتى. بۇمۇ “مەقسەتكە يەتىش ئۈچۈن ھەر يول مۇباھ “ سۆزىنىڭ بىر ئىجرائاتىدۇر. ئاجىبا سىلە سىياسىي پاناھلىق ئۈچۈن كانادا ھۈكۈمەتىگە نىمە دەپ ئەرز بەرگەنتىلە؟
ۋىدئودا ئابدۇلقادىر تەتەينىڭ سىلىگە “ … پادىشاھ ئەيساغا ئايروپىلان ئەۋەتكەن، ئەيسا بولسا پادىشاھغا „ئىككى بالامنى ئوقۇتۇپ بەرىڭلا دەپ رىجادا بولغان…“ دىگەنلىكىنى ئىپادە قىلىپلا. ئامما ئەيسا ئالپتەكىننىڭ ئالدىغا قايسى پادىشاھنىڭ ئايروپىلان ئەۋەتكەنلىكىنى، قايسى پادىشاھتىن “ئىككى بالامنى ئوقۇتۇپ بەرىڭلا“ دەپ رىجادا بولغانلىقىنى تىلغا ئالماپلا. چۈنكى ئەيسا ئالپتېكىن سەئۇدى دۆلەتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەلىك ئابدۇل ئازىز ئىبىن سەئۇد، مەلىك ئىبىن سائۇد، مەلىك فائىسال، مەلىك فاھد بولۇپ 4 پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ پادىشاھلارنىڭ ھىچ بىرى ئەيسا ئالپتېكىننىڭ ئالدىغا ئايروپىلان ئەۋەتكەن ئەمەس، بۇ پادىشاھلارنىڭ ھىچ بىرىگە “بالامنى ئوقۇتۇپ بەرىڭلا” دەپ بىر تەلەپتە بولغانمۇ ئەمەس. تەتەي قوڭۇغا ئۇرۇپلا تاپقان قىپقىزىل بىر يالغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يۇرتداشلارىمىزنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ لەقەملەرى بارىتى. “بۇ ئادەمنى نىمىشقا تەتەي دەيسىلەن” دەپ سورىغاندا “ئەر كىشى بولالماي، ئايال كىشىمۇ بولالماي ئوتتۇرىدا قالغان كىشىنى تەتەي دەيمىز” دىگەن جاۋاپنى ئالغان ئىدىم.
ۋىدئودا “ئەيسا ئالپتېكىن ھىچ قاچاندا قولىغا قۇرال ئەلىپ مۇجادەلە قىلمىغان” دەپلا. توغرا گەپ. ئەيسا ئالپتەكىن ماھاتما گاندھى’غا ئوخشاش مۇجادەلەسىنى تىنچلىق يوللەرى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا تېرىشقان. ئامما قوراللىق كۆرەشكە ھىچ قاچاندا قارشى بولمىغان. سىلىچۇ؟ قوراللىق مەيداندىن ئۆز ۋاقتىدا نىمىشقا قاچتىلا؟
ۋىدېئودا “ئەيسا ئالپتېكىن ھاياتىدا ناماز ئوقۇمىغان” دەپلا. ئاجىبا، ئەيسا ئالپتەكىننىڭ جەينامازىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنمىتىلە؟ ئەيسا ئالپتېكىننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىبەتىنى سىلى نەدىن بىلىلا؟
ۋىدئودا “ئەيسا ئالپتەكىن ئىستانبۇلدا بىزدىن ئىبرەت ئېلىڭلار، دەپ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ كۆپلىگەن كوممۇنىست ياشلارنىڭ قىرىلىپ كېتىشىگە يول ئاچقان” دەپلا. “مېنى ئاساتتى، كىسەتتى، يوق قىلماقچى ئىدى” دەپ كوممۇنىست خىتايدىن قېچىپ چىقىپ كانادادا سىياسىي پاناھلىق ئېلىپ، تۈركىيەدىكى “كوممۇنىست ياشلارغا” بۇ قەدەر كۆيۈنۈپ كېتىشلەرىنىڭ سەۋەبى نىمە، ئەجىبا؟ تەخىچە خىتاي كوممۇنىستلەرىنىڭ تەربىيەسىدىن ئۆزلەرىنى ئازات قىلالمىدىلىما؟
ۋىدئودا “ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلىش گۇناھ دىگەن سۆز خاتا، ئاپپاق غوجىنىمۇ تەنقىت قىلمايمىزمۇ” دەپ بولۇپ، كەيىن “سەيپىدىن ئايرىم بىر مەسىلەل” دەپلا. باشقىچىلاپ ئەيتقاندا، ،يېڭىسارلىق ئەيسا ئالپتېكىننى قارالاش جايىز، ئامما ئاتۇشلۇق سەيپىدىننى تەنقىت قىلىش جايىز ئەمەس” دىگەندەك بىر پەتىۋا چىقىرىپلا. بۇ نىمە دىگەن يۇرتۋازلىق ۋە تار مىللەتچىلىك؟ سىلى قۇرىۋالغان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتتە ئاتۇشلۇق بولمىغان قانچە كىشى بار؟
مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلىدىن بىر نەرسە سورۇۋالاي: ھازىر ئالپتېكىنلەرنى چىشلەپ تارتىپ يۈرگەنلەرنىڭ، توردا ئىغۋا تېرىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئاتۇشلۇقلار تەشكىل قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بىز ئاھمەت قۇل ھاجىم، ئىنىسى ئابدۇقادىر ھاجىم، ئوغلى راھمەتلىك نىغمەت بازاكوۋ، ھۈسەيىن قاراجىمغا ئوخشاش ناھايىتى ئالىي سەۋىيەلىك ئاتۇشلۇقلار بىلەن بەك ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق. ھازىرقى چالا موللا ئاتۇشلۇقلارنىڭ بىز بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى نىمە بولا؟ شۇنى ئېيتىپ قوياي: ھازىر ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلەرى ۋە تۈركىيەدە بولۇپ 26 ئالپتېكىن بار. بۇلار، بۇ چۈپەيلەرگە تەتىيدۇ.
مۆھتىرەم غولان ئوسمان ئەپەندىم،
سىلە ۋىدەئولىرىدا „سوۋەت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى <ما ئىشنىڭ بەشىدا تۇرۇپ بەر>دەپ ئەيسا ئالپتېكىننىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتسە قوبۇل قىلمىغان“ دىگەن قاراقورساق ئادەملەرنىڭ يانپىشىغا ئۇرۇپ تەپىۋالغان يالغان گەپلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپلا. مەن سىلىنى تېخى بۇ قاراقورساقلارغا قارىغاندا خەلى ئاڭلىق بىرسى بولسا كىرەك دەپ يۈرۈپتىمەن. ئەسلىدە بۇ قۇرۇق ئىبارىگە ئازتەكىن ئەپەندى ناھايىتى ياخشى جاۋاپ بەرگەن ئىدى. دىمەك، سىلە ئازتەكىن ئەپەندىنىڭ بۇ توغرىلىق ئەيىتقان سۆزلىرىنى ھىچ ئاڭلىماپلا.
1970-يىللاردا تۇرسۇن دەريا، يۇسۇفبەگ مۇخلىسى، زىيا سەمەدى قاتارلىق يۇرتداشلىرىمىز ئىستانبۇلغا كەلىپ ئەيسا ئالپتەكىن بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ھىچقاچاندا بۇنداق بىر تەكلىپتە بولمىغان. يۇسۇفبەگ مۇخلىسى ۋە زىيا سەمىدى بىلەن ئېلىپ بەرىلغان سۆھبەت سورۇنىدا مەنمۇ بار ئىدىم. بۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ بولىشىمۇ ئۇ چاغلاردا ئەسلا مۈمكىن ئەمەستى. چۈنكى، سوۋەت ئىتتىپاقى تارقالغانغا قەدەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا يىتەكچىلىكىدىكى ناتو ئەسكەرىي كۈنلىكىدە، مەركەزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار سوۋەت ئىتتىپاقى يىتەكچىلىكىدىكى ۋارشاۋا ئەسكەرىي كۈنلىكى ئاستىدا ياشايتى. ئۇ يىللاردا بىر بىرىگە دۈشمەن بولغان بۇ ئىككى ئايرىم ئەسكەرىي كۈنلىك ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرى بىلەن ئورگانىك رەۋىشتە ھەمكارلىق ئورنىتالىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
1978-يىلى ۋەيتنام پولپوت ھاكىمىيەتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كامبودژاغا بېسىپ كىرىدۇ. 1979 – يىلى خىتايلار ۋەيتنامغاغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. ۋەيتنام بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان سوۋەت ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە تاشقىي موڭغولىيەنىڭ چىگرا رايونلىرىغا ئەسكەر يۆتكەيدۇ. خىتايلار <رۇسلار كەلىدۇ> دەپ قېچىشقا باشلايدۇ. سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلى مەقسىدى شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، نىڭشا، چىڭخەي ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى غەربىي شىمالىي رايون ئەسكەرلىرىنى ۋەيتنامغا قارشى يۆتكىشىنىڭ ئالدىنى ئەلىش ئۈچۈن بىر تاكتىكا ئىشلەتكەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ غەيربىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدىغا سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىپ بېرىش ئويى يوق ئىدى.
مۆھتىرەم غولان ئوسمان ئەپەندىم،
مەن 12 يېشىمدا ۋەتەندىن چىقىپ كەتكەن. ئۇيغۇرچەم ياخشى ئەمەس. ھازىرقى ئۇيغۇرچەمنى سىلە “تەتەي” دەپ تەرىپلىگەن ئانام فاتىمە خانىمدىن ئۆگەنگەن. ئەگەر جاۋاپ بېرىمەن دەپ سۆزلېرىم بىراز ئىگىز – پەس كەتىپ قالغان بولسا ھازىردىن كەچۈرىم سورايمەن.
خاپا بولمىسىلا، سىلىدىن يەنە بىر نەرسىنى سورۇۋالاي: سىلىنىڭ چىرايلەرى ھىچ ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ. كۆپراق پاكىستانلىقلارغا ئوخشايلا. “غالچا”، “قۇل” مەنالارىغا كەلگەن “غولام” ئىسمىمۇ ئۇيغۇرلاردا ئاز. بۇ ئىسىم پاكىستاندا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. د ئېن ئا ىنى ھىچ تەتقىق قىلدۇرۇپ باقتىلىمۇ؟ ئاجىبا ئاتا-بوۋىلەرى پاكىستانلىقما؟ بەزىلەر نىمە ئۈچۈن كۆزلىرىگە قولىنى تىقىۋەتكەن بولغىيتى؟ ئاڭلىسام ئاتۇشتا بولغان ئىشكەن.
ۋىدئودا، غۇلامەتتىن پاختا ئەپەندىنىڭ يىللار بۇرۇن دىگەن سۆزلەرىگە تايىنىپ “ئەيسا ئالپتېكىننىڭ ئىككى قېتىم ب د ت گە چاقىرىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستاقىللىقى مۇزاكەرە قىلىنىدىغان چاغدا „مەن غەربىي تۈركىستاننىڭمۇ مۇستاقىللىقىنى تەلەپ قىلىمەن“ دەپ بۈتۈن ئىشنى بەربات قىلىۋەتكەنلىكىنى” ئىپادە قىلىپلا. ئۆز ۋاقتىدا مەن غۇلامەتتىن پاختا ئەپەندىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىغان ئىدىم. بەرگەن جەۋابىنى بۇ يەردە تەكرارلاپ، بۇگۈن 90 ياشقا كىرىۋاتقان بىر يۇرتداشنىڭ ئابرويىنى مىللىتىنىڭ ئالدىدا تۆكۈشكە كۆڭلۇم رازى بولمىدى. ئارزۇ قىلسىلا ئۆزىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ، جاۋابىنى ئېلىۋالسىلا.
1-ئەيسا ئالپتەكىن ب د ت دا قايسى كۈن، ئاي، يىلدا ئۆتۈزۈزۈلگەن بدتنىڭ قانچىنجى يىغىنىغا دەۋەت قىلىندى؟
“2-شەرقىي تۈركىستانىڭ مۇستاقىللىقى توغرۇلۇق مۇزاكەرە” بدتنىن قايسى كۈن، ئاي ۋە يىلدىكى يىغىنىدا مۇزاكېرە قىلىندى؟ بۇ مۇزاكەرە ب د ت نىڭ ئومۇمى يىغىنىدىمۇ ياكى بىخەتەرلىك كەڭەشىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى؟ ئەيسا ئالپتېكىننىڭ ب د ت ئومۇمى يىغىنى ۋە بىخەتەرلىك كەڭەشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشىغا قايسى دۆلەت ياكى دۆلەتلەر يار يۆلەكتە بولدى؟
3- ئەيسا ئالپتېكىن ئامېرىكاغا قەدەم باسقان 24.1.1970 تارىخىدا مىللەتچى خىتاي تەخىچە ب د ت نىڭ ئەزاسى ۋە بىخەتەرلىك كەڭەشىدە ۋەتو ھەققى بولغان 5 دۆلەتتىن بىرى ئىدى. ئەيسا ئالپتەكىننىڭ ب د ت نىڭ ئومۇمى يىغىنى ياكى بىخەتەرلىك كەڭەشىنىڭ يىغىنىغا كىرىشىگە قانداق ئىجازەت بەردى ۋە “شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستاقىللىقى مۇزاكەرە قىلىشىنى “ نىمىشقا ۋەتو قىلمىدى؟
4-ئەيسا ئالپتەكىن ئامېرىكاغا قەدەم باسقان 24.1.1970 تارىخىدىن ئامېرىكادىن ئايرىلغان 6.3.1970 تارىخلەرى ئاراسىدا سىلە قەلەمگە ئالغان كۈنلۈك پائالىيەت راپورلارىدا (ئەسلىمە) سىلە ھازىر ئالغا سۈرگەن گەپلەر يوق. ئەكسىنچە، راپورنىڭ ئاخىرىدا ئەيسا ئالپتېكىن توغرۇلۇق يازغان مەدھىيەلەرى بار. بۇ سۆزلەر ئەيسا ئالپتېكىڭە تەرجمان بولۇپ يەنىدا بىرلىكتە ساياھات قىلغان ئوغلى ئارسلان ئالپتېكىننىڭ تۇتقان كۈنلۈك خاتىرالارىدىمۇ يوق. سىلە دىگەن بۇنداق مۈھىم بىر خەۋەر ئەيسا ئالپتەكىننىڭ ئامەرىكا ساياھەتى توغرۇلۇق ئامېرىكان مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەردىمۇ ئورۇن ئالمىغان. ئامېرىكان تۈركىستان جەمىيەتىنىڭ باشلىقى در. ماقسۇت بەگ، ئامەرىكادا ئەيسا ئالپتەكىننىڭ ساياھىتى توغرۇلۇق ئامېرىكان مەتبۇئاتىدا چىققان بۈتۈن خەۋەر ۋە ماقالەلەرنى ئەيسا ئالپتېكىڭە ئەۋەتىپ بەردى. بۇنداق “مۈھىم” بىر خەۋەرنىڭ ئامېرىكان مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى نىمە؟
5- ئەگەر ئەيسا ئالپتېكىن “مەن غەربىي تۈرلكىستاننىڭ مۇستاقىللىقىنىمۇ تەلەپ قىلىمەن” دىگەن بولسا، نىمىشقا ئامېرىكادىكى غەربىي تۈركىستانلىق قەرىنداشلارنىڭ بۇنۇڭدىن خەۋەرى بولمىغان؟ بولغان بولسا، خوش بولۇپ نىمىشقا ئەيسا ئالپتېكىن تەبرىكلەشمىگەن؟
6-ئەگەر ئەيسا ئالپتېكىن بدتگە كىرەلىگەن بولسىمۇ ھىچ قاچاندا “مەن غەربىي تۈركىستاننىڭمۇ مۇستاقىللىقىنى تەلەپ قىلىمەن “دىيىشى ھەرگىز مۈمكىن ئەمەستى. چۈنكى 1952. يىلى 2. ئايدا تۈركىيەنىڭ پايىتەختى ئەنقەرا’دا غەربىي تۈركىستانلىق لىدەرلەردىن پروف. ئىبراھىم ياركىن، در. نائىم ئۆكتەم، در. تاھىر چاغاتاي، در. سالىھ ئەركىنكول ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق مەھمەت ئەمىن بۇغرا، ئەيسا ئالپتېكىن تەرەپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە غەربىي تۈركىستانلىقلار غەربىي تۈركىستاننى، بۇرۇنقىسىدەك “تۈركىستان” دەپ ئاتايدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسا ئانا ۋەتەنىنى “شەرقىي تۈركىستان” دەپ ئاتايدىغانلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەرىگە ئارالاشمايدىغانلىقى توغرىسىدا رەسمى كەلىشىم تۈزۈگەن ئىدى. بۇ كېلىشىمدىن خەۋەرلەرى يوقتۇر بەلكىم؟
7- بىلگەنلەرىدەك، ئەيسا ئالپتېكىن ئامېرىكا ساياھەتى نىكسون پرەزىدەنتلىككە سايلانغان، سوۋەت ئىتتىپاقى بىلەن خىتايلار ئامۇر ۋە ئۇسسۇرى دەريا بويلارىدا تۇتۇشۇپ قالغان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇراسىدا “پىڭ-پوڭ” سىياسەتى باشلاتىلغان، ئامەرىكانىڭ كوممۇنىست خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتىدىغان ۋە كوممۇنىست خىتاي مىللەتچى خىتاي ئورنىغا بدتگە ئەزا بولۇپ كىرىشى ئالدىدا تۇرغان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغانتى. بۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ ب د ت دا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستاقىللىقىنىڭ مۇزاكەرە قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇشى مۈمكىنمىدى؟
يېقىندا “ستوك ئېكىسچەنج ” يەنى “بورسادا” بۈتۈن مال-مۈلكلىرىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقلەرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ مەيۇس بولدۇم. مۇشۇ بورسا ئىشلىرىگە ئارالاشماسلىقلەرىنى ئۆتمۈشتە سىلىدىن كۆپ رىجا قىلغان ئىدىم. ئەمما بولغۇلۇق بولۇپ بولغان. چارە يوق. ھازىر ئەيسا ئالپتېكىن توغرۇلۇق ئېيتقان بۇ سۆزلەرىنىڭ سىلىنىڭ ھازىرقى روھى ۋەزىيەتلەرى بىلەن بىرەر ئالاقىسى بارمۇ؟
خۇدايىمغا ئامانەت بولسىلا
ئەركىن ئالپتېكىن
Share
1405 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.