logo

trugen jacn

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

بىردىن جۇش ئۇرغان خوشاللىق ياكى قايغۇ ھېسسىياتنىڭ ئەقىلغا ھۇكمىران بولغان پەيتلىرىدۇر. “ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسى قانۇن لاھىيەسى” ئامېرىكا كېڭەش پالاتادىن كېيىن ئاۋام پالاتاسىدىمۇ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانلىق خەۋىرى مېنىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ھاياجان ئىلكىدە قالدىم. چۈنكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھايات – ماماتلىق كۈنلىرىدە ئامېرىكىدەك كۈچلۈك دۆلەتنىڭ  بىزگە ئوخشاش كۆزى ياش، مۇسىبەتكە تولغان، يىتىم بىر مىللەتكە مەردانىلىق بىلەن دوستلۇق قولىنى ئۇزاتقانلىقى تارىخىمىزدا ئۇنتۇلماس بىر خاتىرىدۇر. بۇ قانۇن لاھىيەسى گەرچە بىزنىڭ مىللىي زۇلۇمدىن قۇتۇلىشىمىزغا يېتەرسىز بولسىمۇ، مىللى مەۋجۇتلۇق يولىدا ئۈمىدىمىزنىڭ ياشىنىشىغا، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە مۆجىزىلىك بىر دورىدەك مەلھەم بولىدۇ.
ھېسسىياتتىن ھالقىغان مەنتىقلىق ئانالىز بولسا بىزنىڭ توغرا يەكۈن چىقىرىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

قىسقىچە يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسى قانۇن لاھىيەسىڭ ئەھمىيىتى شۇلاردۇر؛
1.بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ چىقىرىلىشى، 200 يىلدىن بېرى ئۆزلىرىنى يىتىم ھېس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇشىدا بۈيۈك مەنىۋى كۇچ بولىدۇ.
2. قانۇن لاھىيەسى ماددىلىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك؛ ئۇيغۇر خەلقىنى قانلىق قىرغىن قىلىۋاتقان چىنچۇۋەنگو قاتارلىق ناتسىست جاللاتلارنى ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئەيىبلەش ۋە جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىنىشى، ۋاختى كەلگەندە بۇ جىنايەتچىلەرنىڭمۇ يوگوسلاۋىيەدىكى مۇسۇلمان قاتىلى سلوبودان مىلوسوۋىچقا ئوخشاش خەلقارا سوتقا تارتىلىشىنىڭ سىگنالى بولۇپ، بۇ سىگنال شىجىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر قاتىللىرىنىڭ يۈرىكىگە قورقۇ سالىدۇ.
3. قانۇننىڭ ئەمرى بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ھازىرلىشى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ۋە بۇ پاكىتلارنىڭ دۇنياغا ئېلان قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
4. خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان تۈركى ۋە مۇسۇلمان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا چەكلەمە قويۇشتا بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ.
5. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى تەرىپىدىن داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇلۇشى، دۇنيا مەدياسىنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
6. بۇ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇددى تىبەت ھەرىكىتىگە قىلغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر ھەركىتىگىمۇ بەلگىلىك مىقداردا ئىقتىسات ئاجرىتىدۇ. بۇ خىراجەت چەتئەلدە ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىنىڭ بىر مەركەزگە توپلىنىشىغا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەشكىلات پاخاللىغىغا خاتىمە بېرىشكە، ئارىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنى ئاجىزلىتىشقا، چىرىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان زىيانلىق مىكروپلارنىڭ تازىلىنىشىغا، ئۇيغۇر سىياسى ھەرىكىتىنىڭ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئورتاق ھەركەت قىلىشىغا پايدىلىق مۇھىم ۋە مۇقىم ماددىي مەنبە بولۇپ قالىدۇ.
7. بۇ قانۇن لايىھەسى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دولەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى ئىجابى قەدەملەر ئېلىشىغا تورتكە بولىدۇ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقارا سەھنىلەردە تېخىمۇ يالغۇز قېلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

ئامما، شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، بۇ قانۇننىڭ ئىسمى “كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى”. خىتاي ھاكىمىيىتىنى جازالاش كۈچى يوق. شۇڭا بۇ قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا پارلامىتىدا ئوتتۇرىغا چىققىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، خىتاي بۇ  ئىككى يىل جەريانىدا ھېچ تەپ تارتماي، ئۇيغۇر مىللىتىنى كوللېكتىپ قىرغىن قېلىشنى داۋاملاشتۇردى ۋە قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. بۈگۈنمۇ قىرغىنچىلىقنى توختاتقىنى يوق.
ئامېرىكىنىڭ مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس بۇنداق بىر قانۇن لاھىيەسىنى چىقارغانلىقىدىن ئۇيغۇر مىللىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە خوشاللىق ئىچىدە. خىتاي بولسا بېسىم ھېس قىلىۋاتقىنىغا قارىماي، ئامېرىكىغا قارشى تېخىمۇ غەزەپكە كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا “ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە توقۇمىغا ئۇر” دەيدىغان خەلق تەمسىلى بار. خىتاينىڭ كۈچى ئامېرىكىغا يەتمىگەن بىلەن ئۇيغۇرلارغا يېتىدۇ. خىتاي ئامېرىكىدىن ئالماقچى بولغان ئىنتىقامىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئەسەبىلىشىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قىرغىنچىلىقنى تىزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ مەخپى، تېخىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلارنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن. شۇڭا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خۇشاللىقتىن مەس بولۇپ كېتىش ئورنىغا، تېخىمۇ ھۇشيار، تېخىمۇ سەگەك تۇرىشىمىز لازىم.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتايدىن ئېرىشىدىغان بارلىق ئىقتىسادى مەنپەتتىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بىز ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاخىرغىچە ئىگە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى پائالىيەتنى جانلاندۇرىشىمىز لازىم.
چەتئەلدىكى سىياسى پائالىيەتتە تېخىمۇ دادىل ھەركەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ سايىسىدىن ئۆزىمىز ئۈركۈپ يۈرىدىغان پىسخولوگىيەلىك كېسەلدىن قۇتۇلىشىمىز لازىم. “قازاننىىڭنىڭ قاينىشىغا، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق” دەيدىغان ھىكمەتلىق سۆزمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا ئائىت. بىزنى قوللىغۇچىلار، بىزگە ياردەم قىلغۇچىلار، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە، قولىمىزدىن قانچىلىك ئىش كېلىدىغانلىقىغا قاراپ ئاندىن بىزگە قول ئۇزۇتۇپ، ئۇزاتماسلىققا قارار بېرىدۇ.

مىللى خاراكتېر مىللى تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ خاراكتېرى، ئۇيغۇرنىڭ ئىرادىسى ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە يەنىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك! بىزگە پايدىلىق شامالدىن قانچىلىك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش ۋە بۇ ئىنرگىيەنى قەيەردە قانداق ئىشلىتىش بىزگە باغلىق.

2020.يىلى 5.ئاينىڭ 28. كۈنى

Share
6435 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.